ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سېزىكلىك ئالامەتلىرى كۆرۇلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ ب
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-07
ئادەتتە ئاياللاردا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سېزىكلىك ئالامەتلىرى كۆرۇلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولامدۇ؟
توي قىلغىنىمغا 2يىل بولدى،ھەيىز كەلمىگىلى 6 ئاي بولدى. بىراق مەندە ھامىلدارلىقنىڭ ئالامىتى كۆرۇلمىدى،
سىزنىڭچە بۇ ئەھۋال كېسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ ؟ ئېغىر كۆرمەي ماڭا بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز؟
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بېرەر.
جاۋاپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
توي قىلغان ئاياللاردا بەزى ئەھۋاللاردا سىزىكلىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ھامىلىدار بولىدىغان ئىشلار ئۇچرايدۇ.
توي قىلغان ياكى جىنسى ئالاقىدە بولغان ئاياللار ھامىلىدار بولغان بولمىغانلىقىغا كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆزى ھۆكۈم قىلالايدۇ . ھامىلدارلىقنىڭ ئالامەتلىرى:
1- ھەيز توختايدۇ ( نورمال ھەيز كۆرۈپ كىلىۋاتقان ئاياللار ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرى كېلىپ بولسىمۇ ھەيز كەلمىسە ۋە 15- 20 كۈن ئېشىپ كەتكەن بولسا )
2- سىزىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ . مەسىلەن كۆڭۈل ئېلىشىدىغان،ياندۇرىدىغان ، باش قايىدىغان ، ئۇيقۇسى كىلىپ تۇرىدىغان، ئاسانلا چارچايدىغان ، مىجەز خاراكتىرىدىمۇ قىسمەن ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
3- كۆكسى چىڭقىلىدۇ ۋە يوغۇناپ قالغاندەك بولىدۇ ، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتراپى قازراق قارىدايدۇ.
ئەگەر يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ ھامىلدار بولدۇممىكىن دەپ گۇمان قىلغان ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ ب تىپلىق ئاپاراتتا تەكشۈرۈنۈپ ھامىلدار بولغان بولمىغانلىقىنى، ۋە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىمۇ ياكى سىرتىدىمۇ؟ شۇنى ئېنىقلىتىش لازىم .
______________سەفىيە
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سېزىك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن ھامىلدار بولغىلى 3ئاي بولدى تۇنۇگۇننىڭياقى چىشىم ئاغرىپ توختىمىدى ماڭا قانداق قىلسام ئاغرىق توختاتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلا رەھمەت قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى بولاتتى
لىكىن تولغاق كەلمەيۋاتىدۇ.دوختۇرخانىغا بارسام ھەممە ئىشلار نورمال ئىكەن .
تولغاق كەلتۈرۈشكە بىرەر ياخشى چارە بارمۇ؟جىددىي جاۋاپقا مۇھتاجمەن.
قايسى يىمەكلىكلەرنى كۆپەرەك يەپ بەرسەم بولىدۇ؟
ھامىلدار بولۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن سىزىكلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بالا بالا ياتقۇنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ سىزىكلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلەمدۇ . بالا ياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرى قانداق بۇلىدۇ. خاپا بولماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز . يۈرەككە قان يىتىشمەسلىك بولسىمۇ تۇغسا بۇلامدۇ .
مەندە ئادەت قالايمىقان كىلىدۇ. دوختۇرغا تەكشۈرۈتسەم بالياتقۇدا يارا باركەن دەيدۇ. شۇڭا سىلەردىن مەسلىھەت سۇراپ باقاي دىگەن ئىدىم.