جىغان مۇنچىقىنىڭ جىگەر، تال كېسەللىكلىرىگە بولغان شىپاسى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-07-14
بۇ تېما جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ 2 يىلدىن بىرى داۋالىنىۋاتقان بىر بىمارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەييارلاندى. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بىز ئاددىي قارايدىغان، مال - ئۇلاغلىرىمىزغا ئوزۇق قىلىپ بىرىدىغان ئادەتتىكى بىر ئۆسۈملۈك - كۆكتاتلاردا ئادەمنى ھاياجانلاندۇرغۇدەك ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. جىگەر قىتىش كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ جىغان مېۋىسىنى زەپە بىلەن ئىستىمال قىلىپ ياخشى بولۇپ قالغانلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ مەنمۇ جىغان مېۋىسىنى بۇ قىرىندىشىمىزغا تەۋسىيە قىلدىم. ئىستىمال قىلىپ كۆرۈپ باققاي، ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزنىڭ تېنىنى ساق، كۆڭۈللىرىمىزنى خاتېرجەم قىلغاي!
جىغان مېۋىسىنىڭ شىپاسى
بۇ جىگدە ئائىلىسىگە تەۋە جىغان ئۆسۈملىكىنىڭ مېۋىسى بولۇپ دىيارىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر، ئاتۇشنىڭ ساي - جىلغىلىرىدا ئۆسىدۇ.
تەبئىتى: ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: سۈيدۈك ھەيدەش، يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيەتلىرگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: جىگەر، تال قىتىشىش ھەم شۇ سەۋەبتىن بولغان سۇلۇق ئىششىقلاردا، كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇش، ھەزىم ئاجىزلىقى، يۆتەل، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسسۇلى: جىگەر قېتىش كېسەللىكلىرىدە جىغان مېۋىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا زەپە بىلەن قوشۇپ ئىزىپ كۈندە 5 گىرامدىن 3 قېتىم يەپ بەرسە سۈيدۈك ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرىدۇ، جىگەرنى يۇمشىتىدۇ.
ھۆل جىغان مېۋىسىنى سىقىپ سۈيى ئىچكۈزىلسە كۆڭۈل ئىلىشىش ۋە قۇسۇشقا پايدا قىلىدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال : شىنجاڭ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى
تەييارلىغۇچى:مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جېگەر، جىغان
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جېگەر، جىغان
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
qekkan nurmal
谷丙转氨酶 41.00 0.00-40.00u/l
谷草转氨酶 38.00 0.00-40.00u/l
谷丙谷草比值 0.68 1.00-2.00
总胆红素 26.70 5.09-20.00 umol/l
直接胆红素 8.20 1.70-6.80 umol/l
间接胆红素 18.50 5.09-13.60 u/l
ئوت دارىسى يەپ ھۇكۇل ئېلىپ سەل ياخشى بولدۇم لېكىن ئۇزۇل كىسىل ساقىييالمايۋاتىمەن
(2يىل نىڭ ئالدىدا مۇنداق چېققان)
qekkan nurmal
谷丙转氨酶 56.30 0.00-40.00u/l
谷草转氨酶 45.80 0.00-40.00u/l
谷丙谷草比值 2.68 1.00-2.00
总胆红素 44.70 5.09-20.00 umol/l
直接胆红素 9.20 1.70-6.80 umol/l
间接胆红素 35.50 5.09-13.60 u/l
7كۇن ھۇكۇل ئېلىپ دورىدىن ئەپتۇمۇن دىنار رايىھان ئەبرىشىم قاتارلىق دورىلانى يەپ خىلى ياخشى بولغان70Kg تىمKg 3 ئۇرۇقلاپ كەتتىم 2يىل بولدى پولو لەغمەن دىگەندەكلەنى يەپ باقمىدىم مىفەن يىدىم يەل يىمىش يەپ كدلدىم ھازىر ھازىر 25ياش 67Kg ا1ئاي بولدى 2Kg ئۇرۇقلاپ كەتتىم