قورساقتىكى بالىنىڭ قىز - ئوغۇللىقىنى پەم قىلىش [تېبابەت بىلىملىرى]


بويىدا قالغانلىقنىڭ ئالامىتى: جىنسىي ئەزا قۇرۇق بولىدۇ ھەم كىچىك بولىدۇ. جنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن سوغۇقتا توڭغاندەك ھېس قىلىدۇ. جنىسىي ئىشلار مەيلى ئاز بولسۇن ئادەت كۆرۈش توختايدۇ، ئەمچەكنىڭ ئۇچى قارا، كۆزنىڭ ئېقى كۆكۈش بولىدۇ.كۆڭلى ئاچچىق -چۈچۈك نەرسىلەرگە تارتىدىغان بولىدۇ.
بالا ئوغۇل ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايال كىشىنىڭ رەڭگى چىرايلىق، ئوبدان بولۇشى بىلەن كۆكرىكى قىزىل بولىدۇ. بالنىڭ ھەرىكىتى ئوڭ تەرەپتە سىېزىلىدۇ. كۆكرىكنىڭ ئوڭ تەرىپى سول تەرىپىدىن چوڭ بولىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق سۈيدۈكى رەڭلىك بولىدۇ. قورسىقى كۆپىنچە ئېگىز بولىدۇ. ئايال ئىشتھالىق بولىدۇ.
بالا قىز ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايالنىڭ رەڭگى ئۆچەك بولىدۇ. بالا كىچىكىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى سول تەرەپتە سېزىلىدۇ، كۆكرىكى قارا بولىدۇ. سول تەرىپى چوڭ بولىدۇ. سۈيدىكى ئاق، قورىسقى پەستىرەك بولىدۇ. لاي، كۆمۈر، توپا،گەجدەك نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلدىغان بولىدۇ. بەك ئىشتىھالىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بالنىڭ قىز ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ، بۇقرات ھەكىم ئايال كىشىنىڭ بويىدا بارلىقى گۇمان بولسا،  20 گرام ھەسەلنى سوغۇق سۇدا ئېزىپ، ياتار چاغدا بەرسە كىندىكى تولغاپ ئاغرىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز. يەنە بىر كۈن تاماق يىدۈرمەي ئۇدقا ئوخشاش خۇشپۇراق نەرسىلەرنى پۇرىتمىز، پۇرىمىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز.
يەنە بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقنى مەلۇم قىلدىغان بەلگىلەردىن زىراۋەننى سوقۇپ، ھەسەل بىلەن خىمىر قىلىپ، يۇڭ بىلەن جىنسىي ئەزاسىغا قويىمىز. ۋاقىت توشقىچە ھىچ نەرسە يىمەيدۇ. ئەگەر ئاغزىدا تاتلىق مىزە تەم بولسا بالا ئوغۇل، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قىز دۇر. ئەگەر ئاغزىدا ھىچقانداق تەم بولمىسا ھامىلدار ئەمەستۇر.
ئۇندىن باشقا ھامىلدار ئاياللارنىڭ سۈيدۈكى سۈزۈك بولىدۇ، ئۈستىدە دانچىلار بولىدۇ. كۆپىنچە نۇقۇت سۈيىدەك ياكى باپىچى سۈيىدەك بولىدۇ. ئۇنىڭ سېرىقلىقى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە مايىل كىلىدۇ.چۆكمە بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىپىدە سۈيدۈكتە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ، داۋالغۇتسا، دۇغلىشىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ ئۈستىدە ئاق، نىپىز پەردە بولۇپ پۈتۈن سۈيدۈكنىڭ يۈزىنى ياپسا، قورساقتىى بالا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ بىر قىسمى يېپىلسا، بالا قىزدۇر. ئاق پەردىدە ئازراق دانىچە كۆرۈلسە، قورساقتا بالا يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، يەلنىڭ بەلگىسىدۇر. 2 ~3 ئاي بولغان ھامىلدار ئايالنىڭ سۈيدۈكى سۇيۇق، سۈزۈك بولىدۇ.
4 ئايلىق بولغاندا سۈيدۈك قىزلىغا مايىل، لېكىن بىر ئاز دۇغراق كېلىدۇ. ئەگەر دۇغلۇقى كۆپەيسە، ھامىلنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ ئاز بولۇپ، بوتۇلكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتسە، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ بوتۇلكىنىڭ ئۈستىدە بولسا، بۇ يەلنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ھامىلنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
ھەكىم سۇلتان ئەلىنىڭ دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى. ﻳﻪرﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺎ (ﺗﯧﯟﯨﭗ) ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ھەزىرەت تەرىپىدىن 1520-1533 -يىللىرى سۇلتان سەئىد باھادىرخاننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن يېزىلغان <<ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﯨﻞ ﺋﯩﻼﺝ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎپ دەسلىپىدە شۇ زامانلاردىكى ئەدەبىي تىل پارىس تىلىدا يېزىلغان، كىيىن يەنە مەزكۇر كىتابنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە سۇلتان سەئىدخاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا يېزىلغان.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات) 2008-11-2



[Birzat بۇنى 2010-07-06 10:31 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماMGMGTJAN[2011-03-19 10:04 AM | del]
ئوقۇرمەنلەر كەسپى خادىم بولمىغاچقا رىتسپ ناملىرى چۈشۈنۈشلۈك يىزىلغان بۇلسا
回复قايتۇرماnajan[2010-07-14 03:14 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن ئىككى يىل بۇرۇن 8كۇن ردۇم ،يەنە شۇنۇڭغا كۇشۇپ كاسا ئۇكۇلى      دۇم،ئۇكۇلنى توختۇتۇپ ئەتىسى بويان،تاغاق ئەتراپلىرىم چىمىلداپ قىچىشىپ كېتتى، قاشلىسام قىزىرىپ يەل تاشمىدەك ۋىررەكشىپ كەتتى،دوختۇرغا كورسەتسەم ،ئۇكۇل كىچىكىپ رىيەكسە بىرىپتۇ،دىدى.شۇندىن بىرى يىمىگەن دۇرام ئۇردۇمىگان ئۇكۇلۇم قالدى،بىر ئاي بۇرۇن مىللى تىبابەتنىڭ دۇرسنى يىگەن،بىرى مەلھەم دۇرا قان تازلايدۇ دىدى،يەنە بىرى تالقان قىلىپ بەردى يەل كويدۇردۇ دىدى،ئۇچ باسقۇچ يىدىم ئىككى ئاي ، ھازىر قىچىشىدىغان دايىرسى كىچىكلىدى،لىكىم قىچىشىش توختىمىدى،قىچىشىدىغان جاي مۇقۇم ئەمەس بەدىنىمنىڭ ھەممە يىرگە يوتكۇلۇپ قىچىشىدۇ،سۇ تەگسە بەكرەك قىچىشىدۇ،قاشلىسام قىزىرىپ ۋىرەكشىدۇ 5-10 مىنۇتتىن كىيىن يوقاپ كىتىدۇ،مىنىڭ ئازابىمنى تۇگىتىدىغان داۋا بارمىدۇ؟
回复قايتۇرماخانزوهرة[2010-07-07 05:52 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندىم ، ئىنكاسىمغا جاۋاپ يازغىنىڭىزدىن كۆپتىن كۆپ رەخمەت.يەنە بىر ئىشتىن تەلىم ئالاي دىگەن.جاۋابلىرىنى ئايىمىغايلا،(يەنە بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقنى مەلۇم قىلدىغان بەلگىلەردىن زىراۋەننى سوقۇپ، ھەسەل بىلەن خىمىر قىلىپ، يۇڭ بىلەن جىنسىي ئەزاسىغا قويىمىز. ۋاقىت توشقىچە ھىچ نەرسە يىمەيدۇ. ئەگەر ئاغزىدا تاتلىق مىزە تەم بولسا بالا ئوغۇل، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قىز دۇر. ئەگەر ئاغزىدا ھىچقانداق تەم بولمىسا ھامىلدار ئەمەس )دەپسىز بۇنىڭدىكى زىراۋان قانداق نەرسە.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.