ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ [شىپالىق گىياھلار]


ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﮬﻰ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻠﯩﻜﻰ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﮔﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﺪﯗﺭ.
ئەنجۈر چېچەكلىمەيدىغان، يىلىغا ئۈچ قېتىم مېۋە بېرىدىغان، مېۋىسى تاتلىق، شىرنىلىك بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا مېۋىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئېسىل مېۋىلەرنىڭ بىرى.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ

ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ، ﻳﻪﻝ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻨﻰ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺗﯩﺶ، ﺳﯧﻤﯩﺮﺗﯩﺶ، ﺑﻪﻟﻐﻪﻡ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ، ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﭼﯧﭽﻪﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ، ﺗﺎﻝ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﻝ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﮬﻪﻳﺰ ﺗﯘﺳﯘﻟﯘﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﯧﻤﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺶ، ﻣﯧﯖﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ: 5-7 ﺩﺍﻧﻪ
ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺳﯧﻤﯩﺮﺗﯩﺪﯗ.
بەلغەمنى بوشىتىدۇ. ئەنجۈر قېقى بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى يوقىتىدۇ. ئەنجۈر قېقىنىڭ تالقىنى جاراھەت سۈيىنى يوقىتىدۇ. ئەنجۈر قېقى قاينىتىلغان سۇدا ئېغىز چايقالسا، تىل ۋە كاناي ئىششىقلىرى يانىدۇ. ئەنجۈرنىڭ ھەسەل بىلەن قاينىتىلغان سۈيى كۆكرەكنى، ئۆپكىنى تازىلايدۇ. ئەنجۈر سۈيى قورساق ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. ئەنجۈر قېقى ياڭاق مېغىزى بىلەن سوقۇلغاندىن كىيىن كاپ ئېتىلسە، ئىشتىھا ئېچىلىدۇ. پىشقان ئەنجۈرنى ئۈزگەندە ساپىقىدىن ساقىپ چىقىدىغان سۇ (سۈت) سۆگەل ئەتراپىغا 3-4 كۈنگىچە سۈركەپ بېرىلسە، سۆگەل چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇ تەمرەتكىگىمۇ شىپا بولىدۇ.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﻳﺎﯕﺎﻕ، ﺳﯚﺋﯩﺘﻪﺭ، ﺭﯗﻡ ﺑﻪﺩﯨﻴﺎﻥ.



[Birzat بۇنى 2010-07-05 01:59 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەنجۈر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.