تاقىرباش ھەم ئاق چاچ ھەققىدە سورالغان سۇئاللار [سۇئال-جاۋابلار]


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تىچلىقمۇ؟
مەن بۇ يىل 34 كە كىردىم. مەن ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىمەن. چېچىم بۇرۇن باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىنتايىن ياخشى ھەم قويۇق ئىدى. 2-3 يىلدىن بېرى چېچىم چۈشۈشكە باشلاپ تاقىرباش بولاي دەپ قالدىم. تاقىرباشلىقنى داۋالىغىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك دورا بارمۇ-يوق؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى خىلمۇ خىل بولىدۇ.
ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ئارام ئىلىش ياخشى بولماسلىق، كەچلىرى ئاز ئۇخلاش، ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرەلمەسلىك دېگەندەك ئامىللار .
ئاشقازان مەنبەلىك
بۆرەك مەنبەلىك
غەم-قايغۇ، ۋەھىمە ئىچىدە ياشاش
ھەر خىل خېمىيىلىك بۇلغىنىش سەۋەبلىك
ئىرسىيەت خاراكتېرلىك.................
يۇقۇردىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن ھەم ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەردىكى تاقىرباشلىققا نىسبەتەن ئاساسەن ئۈنۈملۈك چاچ چىقىرىش دورىسى يوق. لىكىن ئوزۇقلىنىش بىلەن ياخشى ئارام ئىلىش، روھىي كەيپىياتىنى ئىمكان بار جۇشقۇن ساقلاپ بەرگەننىڭ ئاسىراشقا پايدىسى بار.
بۆرەك، ئاشقازان مەنبەلىك چاچ چۈچۈشنى سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلسا ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا تۆگە سۈيدۈكىنىڭ چاچ چېقىرىش خۇسۇسىيتى بارلىقى ھەققىدە خىلى ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئىرىشىپ قالدۇق. كۆرسىتىلىشىچە ھەر قانداق سەۋەبتىن بولغان چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلغانمىش. سىناق قىلىپ كۆرۈپ باققاندىن كىيىن بلوگدا نەتىجىسى ئاشكارە قىلىنىدۇ.
تامام

مەن بۇ يىل 30كىردىم چېچىم تېڭى ئاقىرىپ بولدى ياڭاق ۋە سىيادان يىسە پايدىسى بار دەيدۇ قىلىپ باقتى ۇنىمى بولمىدى مەن بېيجىڭدا بىر زات ئەپەندى قانداق قىلسام چېچىم قارادايدۇ؟

سېرىق ھىلىلە دەيدىغان بىر دورا ئەشياسى بار.
ئىلگىركى ھۆكۈمالارنىڭ قارىشىدا سېرىق ھېلىلىدىن كۈندە بىر تالدىن يەپ 6 ئاي داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە چاچ قارىيىدۇ، ھەرگىز ئاقارمايدۇ دەپتۇ.
تاپالىسىلىرى ھېلىلە مۇرابباسى يەپ بەرسىلىمۇ بولىدۇ. بولمىغاندا سېرىق ھېلىلە پوستىدىن يۇمشاق ئەزدۈرۈپ كۈندە بىر قوشۇقتىن ئىككى قېتىم يەپ داۋاملاشتۇرۇپ باقسىلا!
سېرىق ھېلىلىنىڭ ئاساسلىق شىپاسى ھەم ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: مېڭە، كۆز، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، مېڭىدىكى نۇرمال بولمىغان سەپرا، سەۋدا خىلىتلىرىنى تازىلاش، سۈيدۈك ھەيدەشكە شىپا بولىدۇ.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەپ كېتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، چاچ بالدۇر ئاقىرىش، باش ئاغىرىش، مالۇخۇلىيا، لەقۋا قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 诃子 he zi ئىكەن.






[Birzat بۇنى 2010-06-29 08:27 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 10 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماzumi[2012-08-30 06:02 PM | del]
ئەسالام بىر زات ئەپەندى . سالاممەت تۇردىڭىزمۇ؟ مەن بۇ بىلوگدە بىر ئوغول ياكى قىز پەرزەنىت كۆرۇشنىڭ ئۇسۇلى دىگەن تېمىنى كۆرگەن ئىدىم ، لىكىن ھازىر تاپالمايۋاتمەن ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، ماڭا يەنە بىر ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز  سىزدىن خۇشال بولغان بۇلاتتىم
回复قايتۇرماپەرىشتە[2011-07-06 06:01 PM | del]
ياخشىمۇ سىز بىر زات ئەپەندى سەپىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغانلىغىنى تەبىكلەيمەن ،ھاردۇقىڭىز چىققان بولسا سىزدىن بىر سۇئال سورىسام ،مېنىڭ يولدۇشۇم يېقىندا يۈرەك ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇپ يۈرەك تۇمۇرىغا كۆۋرۆك سالغان ،ھازىر ئەھۋالى خېلى ياخشى ،يولدۇشۇم ھازىر جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ مەن ئۇنىڭغا تەسىرى بۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇۋاتىمەن ،ئوپىراتسىيەدىن كىيىن قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا بۇلىدۇ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز،رەخمەت
回复قايتۇرماپەرىشتە[2011-07-06 05:54 PM | del]
ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار مەن سېپىڭلارغا يىڭى قۇشۇلدۇم تۇنۇشۇپ قالايلى
回复قايتۇرماگۇزةل[2011-07-06 04:55 PM | del]
ياخشىمۇسىز بىرزات ئاكاسىزنى ياردەم سورايمەن .4ئايچە بولۇپ قالدى تىزىمنىڭ تۆۋەن قىسمىغىلا ئالقانچىلىق ئورۇنغا داغقا ئوخشايدىغان بىر نەرسىلا پەيدا بوپ قالدى.دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتسەم ۋىتامىن س كەمكەن دەپ جىققىدە دورا بەرگەن .ئەمماھىچ بىر ياخشى بوپ قالغاندەك قىلمايدۇ.سىزنى ياردەم قىلار مىكىن دەپ بۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.قانداق قىلسام ئۇ نەرسىلەر يوقىلار؟
回复قايتۇرماخىيال[2011-07-06 04:53 PM | del]
ياخشىمۇسىز بىرزات ئاكا سىزنى ياردەم سورايمەن .4ئايچە بولۇپ قالدى تىزىمنىڭ تۆۋەن قىسمىغىلا ئالقانچىلىق ئورۇنغا داغقا ئوخشايدىغان بىر نەرسىلا پەيدا بوپ قالدى.دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتسەم ۋىتامىن س كەمكەن دەپ جىققىدە دورا بەرگەن .ئەمماھىچ بىر ياخشى بوپ قالغاندەك قىلمايدۇ.سىزنى ياردەم قىلار مىكىن دەپ بۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.قانداق قىلسام ئۇ نەرسىلەر يوقىلار؟
回复قايتۇرماyy[2011-07-06 01:54 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بىرزات ئەپەندىم ،  مەن بۇيىل 27 ياشقا كىردىم ، 3 يىل بۇرۇن بەدىنىمنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا ئاق كىسەل چىقىپ قېلىپ 2-3 ئاي دورايىيىش ، ئوكۇل ئۇرغۇزۇش ، مايلاپ ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىق تەلتۈكۈس ساقايدىم ، كىيىن يۈرۈگۈمنىڭ رىتىمسىز سوقۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم (ئاق كىسەلنى داۋالىتشتىن بۇرۇن يۈرەك سوقۇشۇم نۇرمال ئىدى ) ، ھازىرغىچە2-3 قىتم دوختۇرغا تەكشۈرىتسەم ھەممىسىدە "زاۋبو"(早搏) دەپ دىئاگىنۇز قويۇلدى ، ئاڭلىشىمچە بۇ كىسەلدە ئىچى سىقىلىدىكەن ، كىچىسى ئۇيقۇسى كەلمەيدىكەن ، بىراق مەندە بۇئالامەتلەرنىڭ ھىچقايسسى يوق ، شۇڭا مەنمۇ پىسەنت قىلماي يۈرىۋەردىم ، بۇنىڭ ماڭا كىيىن بىرەر تەسىرى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن ، بۇكىسەلگە قارىتا   ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش تەدبىرى ۋە دورىلار بارمۇ ؟  
回复قايتۇرمائابدۇسەمەت[2011-04-29 10:33 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  مەن ئاساسەن كۈنۇمنى كومپيوتىرنىڭ ئالدىدا ئۆتكۇزىمەن، شۇڭا ئەستە تۇتۇش قابلىيىتىم بەكلام تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇرۇن بەك جىق نەرسىلەرنى ئوقۇساممۇ ئۇلارنى ئارلاشتۇرماي دەپ بېرەلەيتىم. ھازىر نەچچە 10 قېتىم ئوقۇساممۇ ئېسىمىدە قالمايدۇ. مۇشۇ توغىرسىدا ئازىراق كۆرسەتمە بەرسەڭلار بەكمۇ ياخشى بولاتتى.   qq: 635875955  uighurts@gmail.com
回复قايتۇرماruzi780[2011-03-14 12:36 AM | del]
مايلىشش خاراكتىرلىق چاچ چۇشۇشكە بىرەر داۋا بارمىدۇ؟چىچىم بەك مايلىق بولۇپ، ئىككى كۇندە بىر يۇيساممۇ مايلىشىپلا تۇرىدۇ.
回复قايتۇرماmuhammatali[2010-12-28 08:02 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:  
مەن بۇ يىل 20ياشتا ،قەشقەردىن،،بۇرۇن چىچىم ياخشى ئىدى ،كىيىنچە چاچ بوياش قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن چېچىم چۈشۈپ ،جانسىزلىشىپ كەتتى ،كۆپ ئاماللارنى قىلغان بولساممۇ ئەسلىگە كەلمىدى ،سىلەر ئۆتكەندە "ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا تۆگە سۈيدۈكىنىڭ چاچ چېقىرىش خۇسۇسىيتى بارلىقى ھەققىدە خىلى ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئىرىشىپ قالدۇق. كۆرسىتىلىشىچە ھەر قانداق سەۋەبتىن بولغان چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلغانمىش. سىناق قىلىپ كۆرۈپ باققاندىن كىيىن بلوگدا نەتىجىسى ئاشكارە قىلىنىدۇ"،دەپتىكەنسىلەر ،سىناپ باقاي دىگەن،نەتىجىسى چىقتىمۇ؟ياكى باشقا ئۈنۈملۈك  دورىلاىمۇ بارمۇ؟
回复قايتۇرما眼泪[2010-07-27 03:39 PM | del]
مەن بۇ تور بەتكە ئالاھىدە مۇشۇ سوئالنى سوراي دەپ تىزىملاتقان ئىدىم، ئىزدىسەم چىقىپ قالدى، مىنىڭ بىشىمدا بىر تالمۇ ئاق چاچ يوق، لېكىن بۇ بىر نەچچە ئايدىن بىرى چىچىم چۇشۇپ تاقىر باش بولايلا دەپ قالدىم،  بۇ تاقىر باشلىققا دەۋا بولمىسا قانداقمۇ قىلارمەن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.