بۈگۈنكى تېببىي ئۇچۇرلار


ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىسىەە ئاساسلانغاندا ، تۈك خالتىسى ئىنسانلارنىڭ گېنىغا ئوخشاشلا << تاشقى بېسىم >> نىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدىكەن ، بېسىم بەك ئېشىپ كەتكەندە ، تۈك خالتىسىدىكى قارا فېرمىنت ھۈجەيرىسىگە پارچىلىنىدىغان غول ھۈجەيرە ئۆلىدىكەندە ، چاچنىڭ پارقىراقلىقى يوقايدىكەن . ئامرىكا خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ دەلىللىشىچە ، ئاق چاچنىڭ پەيدا بولۇشى ئەمەلىيەتتە بەدەننىڭ ئۆز - ئۆزىنى قوغداۋاتقانلىقى بولىدىكەن ، يەنى ئاق چاچنىڭ پەيدا بولۇشى قارا فېرمىنتنى شەكىللەندۈرىدىغان غول ھۈجەيرە گېنىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەمدە بەدەندىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى بولۇپ ، ئەگەر بۇزۇلغان بۇ غول ھۈجەيرە بەدەندىن چىقىپ كەتمىسە ، ناھايىتى تېز كۆپىيىپ راك ھۈجەيرىسىگە ئۆزگىرىك كېتىدىكەن . شۇڭا ئوخشاش بېسىم ئاستىدىكىلەردىن چېچىغا ئاق كىرگەنلەر راك كېسىلىگە ئانچە ئاسان گىرىپتار بولمايدىكەن .

ئامرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغان نورۋىگىيەدىكى ئوسلۇ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ  بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، ئوخشاش ۋاقىتتا تاماكا چېكىش ، ھاراق ئىچىش چېنىقماسلىق ۋە ساغلام غىزالانماسلىقتەك تۆت خىل يامان ئادەت ئادەمنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى 12 يىل ئالدىغا سۈرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا ۈبۇنداق ئادەتنى تاشلىمىغانلار ئاخىرىدا يۈرەك كېسىلى ياكى راك كېسىلى بىلەن بۇ دۇنياغا خوش دەيدىكەن .

ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى كىنلىكىلىق تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە ، ئالاھىدە گېن ئۆزگىرىشى قىلالايدىغان ، غەيرىي كىچىك ھۈجەيرىلىك ، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ئۆپكە راكىغا ئىشلىتىلىدىغان < يىرۈيشا> دېيىلىدىغان بىر خىل دورىنىڭ ئۈنۈمى  ئادەتتىقى باشقا ئكپكە راكى دورىلىرىنىڭكىدىن ياخشى بولۇپ ، ئاغرىقلارنىڭ ئۆمرىنى باشقا دورىلارغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئۇزارتىدىكەن



يازما مەنبەسى: جەزىرە تور خاتىرىسى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاق چاچ، راك ، يۈرەك كېسىلى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماtasadduk[2010-06-26 01:55 PM | del]
ھۈ ھۈ  ھۈ   مەن تاماكا  چەكمەيمەن  ھاراقمۇ ئىچمەيمەن     لىكىن مۇشۇ غىزالىنىش ئۇسۇلۇمزە ....
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.