خەتنە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى [ئەركەكلەر]



د. مۇھەممەد ئەلىي بار ( ئەنگىلىيەدىكى خان جەمەتى دوختۇرلار ئىنىستۇتىنىڭ بىر ئەزاسى ، جىددىدىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىيز ئۇنىۋىرسىتىدىكى پادىشاھ فەھد تىببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىسلامى تىبابەت فاكۇلتىتىنىڭ مەسلەھەتچىسى .) ئۆزىنىڭ خەتنە قىلىش دىگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ :
" يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ( يەنى ، ھاياتىنىڭ بىرىنچى ئىيىدا ) خەتنىسىنى قىلىش ئۇلارغا نۇرغۇن ساغلاملىق پايدىلىرىنى ئىلىپ كىلىدۇ ، ئۇلاردىن :
1- زەكەردىكى يەرلىك ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش : ئۇ خەتنىلىك بولغانلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ ، خەتنىلىك تارىيىش دىيلىدۇ ھەمدە ئۇ سىيەلمەسلىكنى ھەمدە زەكەر ئۇچى ياللۇ غلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى داۋالاشقا خەتنە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇزۇنغا سوزۇلغاندا ، بالىنىڭ كەلگۈسىدە نۇرغۇن كىسەللىكلەرگە ، ئەڭ خەتىرى زەكەر راكىغا گىرىپتار بولۇشىغا ئۇچرىتىدۇ .
2- سۈيدۈك يولىدىكى ياللۇغلار : نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى ، خەتنىسى قىلىنمىغان بالىلار سۈيدۈك يولى ياللۇغلىرىغا ئەڭ كۆپ گىرىپتار بولىدۇ . بەزى تەتقىقاتلاردا خەتنىسى قىلىنمىغان بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 39 ھەسسىگە يەتكەن . باشقا تەتقىقاتلاردا نىسبەت 10 ھەسسە بولغان ، يەنە باشقا تەتقىقاتلاردا سۈيدۈك يولى ياللۇغلىرىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ 95% ى خەتنىسى قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسەتتى ، ھالبۇكى خەتنىسى قىلىنغان بالىلارنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 5% دىن ئاشمىغان .
بالىلاردا ، سۈيدۈك يولى ياللۇغى بەزى ئەھۋاللاردا ئېغىر بولىدۇ . ۋايىس ۋەلنىڭ سۈيدۈك يولى ياللۇغلىرىغا گىرىپتار بولغان 88 بالا ھەققىدە ئىلىپ بارغان تەتقىقاتىدا ، ئۇلارنىڭ 36% ىدە ئوخشاش باكتىرىيە قاندىمۇ بايقالغان . ئۇلارنىڭ ئۈچى مىڭە پەردە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان . ھەمدە ئىككىسى بۆرەك ئىشلىمەسلىككە گىرىپتار بولغان . باشقا ئىككىسى بەدىنىگە مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ تاراپ كەتكەنلىكتىن ئۆلگەن .
3- زەكەر راكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش : تەتقىقاتلار بىرلىككە كەلدىكى ، زەكەر راكى خەتنىسى قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا دىگۈدەك مەۋجۇت ئەمەس ، لىكىن خەتنىسى قىلىنمىغانلارنىڭ ئارىسىاىكى نىسبەت بولسا ئاز ئەمەس . ئامرىكىدا خەتنىسى قىلىنغانلارنىڭ زەكەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نۆل ، ھالبۇكى خەتنىسى قىلىنمىغا ئاھالىلەرنىڭ ھەر 100 مىڭدا 2.2 بولۇپ ، ئۇ يەردە راكنىڭ ئەھۋالى ھەر يىلى 750 بىلەن 1000نىڭ ئارىسىدا بولغان . ئەگەر ئاھالىلەر خەتنىسى قىلىنمىغان بولسا ، كىسەللەرنىڭ سانى 3000 گە يىتىدۇ . جوڭگو ، ئۇگاندا ، پۇرتورىكوغا ئوخشاش خەتنىسىنى قىلمايدىغان دۆلەتلەردە زەكەر راكى ئەرلەر گىرىپتار بولىدىغان بارلىق راكلارنىڭ ئىچىدە 12% دىن 22 % گىچە ئىگىلەيدۇ . ھەمدە ئۇ ئىنتايىن يۇقۇرى نىسبەت .
4- جىنسىي كىسەللىكلەر : تەتقىقاتچىلار شۇنى بايقىدىكى ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ( كۆپىنچە زىنا-پاھىشە ۋە بەچچىۋازلىق سەۋەبىدىن) يۇقىدىغان جىنسىي كىسەللىكلەر خەتنىسى قىلىنمىغانلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتىمۇ خەتەر ۋە زور دەرىجىدە تارقىلىدۇ ، بولۇپمۇ ھىرپىس ، يۇمشاق قىچىشىش ، سىفلىس ، كاندىدا ، گونورىيا ۋە جىنسىي ئەزا خورەكلىرى .
بۇ يەردە يەنە خەتنە قىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلمىغان قۇرداشلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقىنى ئازايتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان بىر قانچە ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرى بار . بىراق بۇ خەتنىسى قىلىنغۇچىنىڭ ئەيدىز بار كىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقىنى يوققا چىقارمايدۇ . خەتنە قىلىش ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ ، ھەمدە بۇ نۇرغۇنلىغان جىنسىي كىسەللىكلەردىن زىنا-پاھىشە قىلىش ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ، بەچچىۋازلىق ۋە باشقا يىرگىنىشلىك ھەركەتلەردىن يىراقلىشىشتىن باشقا ھەقىقىي يولى يوق .
5- خوتۇنىنىڭ بالاياتقۇ بوينى راكىدىن ساقلاش : تەتقىقاتچىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى ، خەتنىسى قىلىنغان ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرى خەتنىسى قىلىنمىغان ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرىغا قارىغاندا بالاياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاز .
د. مۇھەممەد بارنىڭ « خەتنە قىلىش» ناملىق كىتابى 76-ب دىن ئىلىندى .
مەنبە:ئىسلام سۇئال-جاۋابلىرى تورى



[Birzat بۇنى 2010-06-20 10:18 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: خەتنە، زەكەرراكى ، زەكەر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماalkin001[2012-07-19 12:02 AM | del]
ياخشىمۇسىز . مىنىڭ بىر سوئالىم بار ئىدى.
خەتنە قىلىنغانلارنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ بېشى دائىم سىرتقا چىقىقلىق بولامدۇ ؟
مەن بۇ يىل 28 ياش ،توي قىلغان .مىنىڭ  جىنسى ئەزايىمنىڭ بېشى دائىم تېرىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ ،بۇ نورمال ئەھۋالمۇ ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار......
回复قايتۇرماnamsiz001[2012-01-18 07:07 PM | del]
بىرزات ئەپەندى مەن سىز دىن بىر مەسلھەت سوراي  مەن بۇيىل 23 ياش توي قىلدىم لىكىن بالىلق بولمىدىم    مىنىڭ زەكىرىم   ناھايتى كىچىڭ   ئاداتىكى ئادەملەرنىڭ كىدىن كىچىك قاتقاندىكى ئۇزۇنلىقى ئاران 9  سانتىمىتر
回复قايتۇرمامەخمۇت[2011-02-16 06:08 PM | del]
سوزۇلماب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قانداق داۋالىنىش كېرەك؟
回复قايتۇرماروھچىن[2010-06-21 02:05 AM | del]
بىرزات ئەپەندىم  ! ئاۋۇ ئۈستىدىكى بالىنىڭ قارامتۇل تۇرغىنى  قىزبالىدەك قىلامدۇ نىمە؟
回复قايتۇرماbraver[2010-06-21 01:23 AM | del]
مۇنۇ يوللانما ،پاكېت-ئاساسلېرى تولۇق بولۇپ ، يېزېلىش ئۇسۇلى ھازېرقى زامان مىدېتسېناسىدا تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان،پۈتۈن دۇنيا ئېتراپ قېلىدىغان  <ئاكېت ئاساس مېدېتسېنا>سىنىڭ تەلىپى بويېچە يېزېلپتۇ. مىنىڭچە ، ھەرقانداق يوللانما پاكېت - ئاساسلىرى تولۇقى بىلەن يوللانسا ،ئىشەنچىلىك بولۇش نېسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ !
قوشۇمچە: پېقىر خەتنىسىنى قىلغان كىشىدىن بىرىنىڭ زەكەر راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى كورگەنمەن !!! يەنە ئۇستازلىرىمدىن ئاڭلىغىنىمنىڭ سانىمۇ 3-4كە يېتىدۇ!!!  غەرپ تېبابەت ئلمىدا بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىر: جىنسىي يولىدا كوپ كورۈلىدىغان ھول سوگەل ، سېفلىس قاتارلىق كىسەللەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشتىن كىيىن يامان سۈپەتكە ئوزگۈرۈشىدىن بولغان دەپ قارىلىدۇ.  
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.