ب تېپلىق جېگەر ياللۇقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالىغىلى بولامدۇ؟



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى. مەن بۇ يىل 18 ياشقا كىردىم. ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن مەن ئىككى يىل بۇرۇن ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا ئىنتاھان بىرىپ ئۆتكەن بولساممۇ بىراق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى سەۋەبى بىلەن ئۆتەلمىگەن مەن دەسلەپتە بۇ كېسەلگە سەل قاراپتىكانمەن بىراق كېيىن باشقىلاردىن بۇ كېسەلنىڭ جاننى ئالىدىغان كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ داۋالىنىشقا باشلىدىم بىر يىل بولاي دەپقالدى شۇنچە داۋالانساممۇ ھېچ ئۈنۈمى بولمىدى .ئەمسى مىللى تىبابەتتە داۋالىنىپ باقاي دەپ بىر قىسىم تىۋىپلارنىڭ يېنىغا باسام ئۇلار دىگەن ئۇسۇللار مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمغا ماس كەلمەيدىكەن مەن ئادەتتە ئۆيدىن ئارىلىپ ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولغاچقا ھەم تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ دەرسىلىرى ئېغىر بولغاچقا بەزى رېتسىپلارنى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالدىم بولسا سىز ماڭا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياخشىراق رېتسىپ بولسا دەپ بەرگەن بولسىڭىز بىر يىلدىن كېيىكى ئالى مەكتەپ ئىنتاھانىدىنمۇ ئۆتەلمەي قالماي ئەمدى .
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
جېگەر ياللۇغى ، بەدەننىڭ ئېممۇنېت كۈچى تۆۋەنلەش، جىگەر خزمىتى ئاجىزلاپ خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى سەۋەبىدىن ۋېرۇسلار جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ياللۇقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كۆڭۈل ئىلىشىش، ئىشتىھاسىزلىق، بەدەن ماغدۇرسىزلىق، جىگەر زورىيىش ، سۈيدۈك سېرىق كىلىش، چىراي سارغىيىش ، يەڭگىل قىزتما دېگەندەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تېبابىتىمىزدە جېگەر ياللۇقىنىڭ تېپىنى بىكىتىشتە بىمارنىڭ مىزاج-خىلىتلىرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ سەپرا خىلتىدىن بولغان جېگەر ياللۇقى، سەۋدادىن بولغان جىگەر ياللۇقى، قاندىن، بەلغەم خىلىتلىرىدىن بولغان جىگەر ياللۇقى دەپ ئايرىيدۇ. ھەم ۋېرۇس پەيدا قىلغۇچى خىلىتقا قارىتا داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
Bﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﯘﻏﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﯩﮕﻰ ----B ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻗﺎﻥ ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻐﻰ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﻭﯞﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍئﯩﺮﺳﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ، ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯔ ﺑﯩﺮﻯ .
ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ---
ﻗﺎﻥ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻐﻰ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ئاﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ، ﯞﻩ ﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮئائىلىدە ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﻮﭘﺴﺎ ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ ، ﻟﻮﯕﮕﻪ ، ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ئوﺭﺗﺎﻕ ئﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ئاﺳﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ .

ئادەتتە ب تېپلىق جىگەر ياللۇغىنى تۆۋەندىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورا رېتسىپلار ئارقىلىق 3 ئاي ئەتراپىدا داۋالانغاندا داۋالىغىلى بولۇش مومكىن. ئەلۋەتتە بۇ 3 ئايلىق داۋالىنىش تېۋىپنىڭ قايناتما ۋە باشقا دورىلارنى ئىنچىكىلىك ، ئەستايدىللىق بىلەن تەييار قىلىشى، بىمارنىڭ مىزاجى، خىلىتى، بەدەن ھالىتىگە قاراپ دورىلارنىڭ ئىلگىرى-كىيىنلىك تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرىشى ، بىمارنىڭ مۇشۇ تەرتىپلەرگە ، بۇيرۇلغان پەرھىزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىپ سەبرىچان بولىشى تولىمۇ موھىمدۇر.
دورىلاردىن :
1.مەجۈنى دەبدىلۋەرد
2. مەجۈنى زەپە
3.ئەرقى كاسىنە
4.بۇزۇرى شەربىتى
5.دىنار شەربىتى
6. ئەرقى بەدىيان
7. جاۋارىش ئامىلە
8.ئامىلە نۇشدارى قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئومومىي ئەھۋالىغا قارىتا تاللاپ تەييار قىلىنىدۇ.
دەملەپ ئىچىدىغان كۈندۈلۈك چايلىقى ئۈچۈن:
ئوسما يېلتىزى، بەدىيان، كاسىنە، قىزىل گۈل، جىغان ، زۇپا، پىرسىياۋشان قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ كۈندە ئىككى قېتىم قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.
مايلىق، قورۇما تاماقلاردىن ئىمكان بار پەرھىز تۇتۇلىدۇ. يېڭى سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە كۆپرەك يەپ بىرىدۇ.
چوقۇم ئارام ئوبدان بولۇشى،ھەرگىز ئاچچىق،يەللىك نەرسىلەرنى يېمەيسىز،ئانار سۈيى،تاۋۇز، سەۋزە دېگەندەك يەل-يېمىشنى كۆپ يەيسىز، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىسىز.چۈشتە 1 سائەت ئارام ئالىسىز.



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماyalkun121[2011-01-10 05:31 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
مەنمۇ سوئال سوراي دېگەنتىم،نەگە يېزىشنى بىلمىدىم.
ئىككى-ئۈچ ئايدەك بولدى داۋاملىق باش ئەتراپىمغا بىر نەرسە چىقىۋاتىدۇ،بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى دىگەندەكلا،خەنچە(疖子(jieziدەيدىكەن،ۋاقىت ئۆتكەنچە يىرىڭدايدۇ.
بۇ نېمىشتۇ؟مەن نېمىلەرگە دىققەت قىلسام بولار؟
回复قايتۇرماaykut[2010-11-01 04:12 PM | del]
مىنىڭ يولدىشىمۇ  مۇشۇ كىسەل بوپ قالغان  لىكىن  3 ئايدەك دورا  ئىچىپ تەكشۈرتسە ساقىيىپسەن  دىدى ،  دۇرا  ئىسمى  خىلوشۇ گەن  ،  مەنچە  بۇ كىسەلدىن ساقىيىش  ئانچە  تەس ئەمەس .شۇ  پەرھىزنى  جايىدا  قىلاللىسىڭىزلا .
回复قايتۇرماnur526[2010-06-22 01:08 AM | del]
قىتىقنىڭ سۈيى مۇ بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم
بۇنىمۇ سىنىاپ بىقىڭ
回复قايتۇرماdilber[2010-06-15 01:12 PM | del]
بۇ تىمىنى بۇرۇن كۆرۈپ  ، سورالغان سۇئاللارغا  بىر زات ھەكىمنىڭ ئىرىنمەي ئۆز بىشدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەرگنىدىن  ئۇ  زاتنىڭ كۆڭلى- كۆكسىنىڭ ھەقىقەتەن كەڭلىكىگە ئاپرىن ئىيتقان ئىدىم ،ئەمىلىيەتتە ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇ- يەر بۇ يەرلىرىنىڭ ئاغرىشى .< ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولمىغان بولسىلا >  نۇرمال ھادىسە ، يۈزدە 100% ساق كىشىلەر ناھايتى ئاز . لىكىن روھى ئۆلگەن كىشىلەرگە داۋانىڭ شىپا بولمىقى ئاسان ئەمەس .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.