Alimama
  • ئۆسۈملۈكلەر توغرىسىدا قىززىق پاراڭ - [بىلىۋېلىڭ]

    2008/06/23

    ئۆسۈملۈكلەرمۇ جىددىيلىشەمدۇ؟

    كىچىك دوستلار سىلەر ئالدىراش بولغان ۋاقتىڭلاردا تولىمۇ قىددىيلىشىسىلەر، ئۇنداقتا ئۆسۈملۈكلەرمۇ جىددىيلىشەمدۇ؟ ئالىملار بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئىشلىگەندىن كېيىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ھەتتا ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى  ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۆسۈملۈكلەر ئاتموسفېرا ئېغىر بۇلغىغاندا ، ھەددىدىن ئارتۇق نەملىك ياكى بەكلا قۇرغاق بولغاندا ، يانار تاغلار پارتلىغاندا ، ھايۋانلار ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يېگەندە ياكى ھاشاراتلارنىڭ زىيان سېلىشىغا ئۇچىرىغان ۋاقىتتا جىددىيلىشىدۇ . ئۆسۈملۈكلەر جىددىيلىشىشى بىلەن تەڭ بىر خىل ئالاھىدە پۇراقلىق گازلارنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆسۈشى ئاستىلاپ ، سۇلىشىپ قۇرۇپ كېتىدۇ.

    ئۆسۈملۈكلەرمۇ بىر-بىرى بىلەن چىقىشالمامدۇ؟

    دېھقانلار كۆكتات تېرىغاندا قايسى كۆكتاتلارنى بىرگە تېرىش، قايسى كۆكتاتلارنى بىرگە تېرىماسلىق ھەققىدە ئوبدان ئىلىمىي ساۋاتقا ئىگە بولغان بولىدۇ، چۈنكى بەزى ئۆسۈملۈكلەرنى بىرگە تېرىغاندا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن چىقىشالماي ، ھەر ئىككىسى ياخشى ئۆسەلمەي قالىدۇ . مەسىلەن ، پەمىدۇر ، بەرەڭگە (ياڭيۇ) ۋە تەرخەمەكلەر بىر-بىرىنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا بىر يەرگە تېرىلغاندا ئۇلار ناھايتى ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ.ئوخشاشلا تال ئۈزۈم بىلەن كاپۇستا بىر يەرگە تېرىلسىمۇ كاپۇستىنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى تال ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    نېمە ئۈچۈن كاپۇستا بىلەن ئوسۇڭنى ئوبدان قوشنا دەيمىز

    بىر يەرگە تېرىلغان ئىككى خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ياخشى  تاللىغاندا ئۇلار ئوبدان قوشنىلاردىن بولالايدۇ . كاپۇستىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوسۇڭ ئۇنىڭ ياخشى قوشنىسى بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ ، بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ ئەسلىدە ئوسۇڭ ناھايتى كۈچلۈك ئاچچىق پۇراق چىقارغاچقا كاپۇستىغا چۈشىدىغان كۆتات پەرۋانىسى بۇ پۇراقنى پۇرىغان ھامان يىراق جايلارغا ئۇچۇپ كېتىدىكەن . مانا مۇشۇنداق بولغاچقا كاپۇستا كۆكتات ھاشاراتلىرىنىڭ چۈشۈشىدىن ئەنسىرىمەي بىخىرامان ئۆسەلەيدىكەن .

    پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىدىن





    评论

  • ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئىشلار بولىدىكەن ھە ، دۇنيادا توۋا .

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我