-
ئالىملار 34 خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق خۇلاسە چىقارغان : ئېشەك ، ئات ، زىراپە ۋە ئېلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ سائەت ؛ پىل ، ئۆچكە ، قوي ۋە كالا قاتارلىقلار تۆت ساائەت ؛ دېلفېننىڭ يەتتە سائەت ؛ توشقان ، چوشقا ، دېڭىز چوشقىسى ئادەممگە ئوخشاش سەككىز سائەت ؛ ئېتىز چاشقىنى بىلەن ئىتنىڭ توققۇز سائەت ؛ ماكاكا مايمۇنى ، ئۇزۇن قۇيرۇق مارتىشكا ، پاۋىئان ، كىرپە بىلەن شىمپەنزە 10سائەت ؛ قۇندۇز ، تۈلكە ، ئامېرىكا قاپلىنى 11 سائەت ، گورېللا 12سائەت ، جەنۇبىي ئامېرىكا كۈلرەڭ چاشقىنى ، بۆرە ، نازۋا ئېيىنى ، ئۆي چاشقىنى 13 سائەت ؛ چاشقان 14سائەت؛ مۈشۈك ، تىيىن سىبىرىيە سېرىق چىپار چاشقىنى بىلەن يالمانتاقتاق 15 سائەت ؛ تاشقانسىمان چاشقان 19 سائەت؛ شەپەرەڭ 20 سائەت ئۇخلايدىكەن ، ئەلۋەتتە يۇقىرىدىكىلەر پەقەت ئۇلارنىڭ تەخمىنەن «دەم ئېلىش ۋاقتى» . ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۆپ ئۇخلاشنى خالىمايدۇ . بەزىلىرى كۆپ ئۇخلاشنى خالايدۇ ، بەكلىم ئۇلار ئۇخلاشقىمۇ ئانچە قاتتىق رىئايە قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن .