• 2008/06/21

    ئاپتۇماتىك نان يېقىش ماشىنىسى كەشىپ قىلىنىدى - [تورمۇش ۋە تىبابەت]

     ئاپتۇماتىك نان يېقىش ماشىنىسى كەشىپ قىلىنىدى

     

    ئاپتۇماتىك نان يېقىش ماشىنىسىنىڭ تەپسىلاتى

    ئېگىزلىكى : 210 سانتىمېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 100 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر .توك كۈچى ئارقىلىق ھەركەتلىنىدۇ، توك سەرپىياتى 1800 ۋات .ئۇن ساندۇقىغا بىر قېتىمدا 100 كىلوگىرام ئۇن قاچىلاشقا، سۇ ساندۇقىغا بىر قېتىمدا 50 كىلوگىرام سۇ قاچىلاشقا بولىدۇ .سائەتلىك نان چىقىرىش سۈرئىتى 350 دانە ناننى پىشۇرۇشتىكى ئاساسىي ئىش تەرتىپى: ئۇن ۋە سۇنى تەڭشەپ قۇيۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئاپتۇماتىك خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، قوللىنىلغان يېڭى تېخنىكا بىىلەن خېمىر بولدۇرۇلىدۇ ( نان پېتىر قالمايدۇ)  ھەمدە نان زۇگۇلىسى بىز سالغان قېلىپتىكى بۇيىچە ئۈزۈلۈپ ، ئاستىدىكى لېس (تەخسىسى) قا چۈشىدۇ، مۇلازىم بۇنى ئېلىپلا ياندىكى نان پىشۇرۇش ماشىنىسى (تۇنۇر) غا سېلىپ قويسىلا بولىدۇ . (تۇنۇرمۇ توك ئارقىلىق قىزىيدۇ) .كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، كىچىك نان، گىردە، چوڭ نان قاتارلىق نەچچە ئون خىل قېلىپمۇ تەمىنلەنگەن، قايسى شەكىلدە پىشۇرماقچى بولسا قېلىپنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا مەقسەتكە يىتەلەيدۇ .نان يۈزىگىمۇ ھەرخىل شەكىللەرنى چۈشۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ۋە قېلىپ تەمىنلەنگەن بولۇپ، نانننىڭ يۈزىگە ھەرخىل مىللى نەقىش ۋە شەكىللەر، ئولمپىك بەلگىسى قاتارلىقلارنى چىقىرىشقا بولىدۇ . بۇ ناننى كاۋشاڭدا پىشۇرغاندەك پىشۇرىدۇ ،  تەمى تۇنۇردا پىشۇرغاندىن ياخشى، نان سۈپەتلىك چىقىدۇ .بۇ ماشىنىنىنىڭ  پاتىنىت ھوقۇقىنى  سېتىۋالغۇچىلار ياكى ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقارغۇچىلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمىز، باھاسى يۈز تۇرانە كېلىشىلىدۇ .

    كەشپىياتچى: ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيسىدىن- ئابدىنياز توخنىياز

    ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرى: 5099718-0997     يانفۇن :71 159994182 

    قانۇن مەسلىھەتچىسى:ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن-  ئابدۇراخمان ئەمەت

     يانفۇن : 13899232123   چ چ 416933547   

     ئېلان تەشۋىقاتچىسى: ئادىل ئەختەم       چ چ : 409630118

    ھەمكارلاشقۇچى تور بىكەتلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز . 

    http://yolyar.113.tofor.com/nan.gif





    评论

  • مەن بۈ كەشپىياتىڭىزغا قىززىقىپ قالدىم چۈنكىى مىن ناۋان
  • ئويدە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرى بارمۇ
    يوليار回复كىچىك تىپتىكى说:
    بۇ تېخى رەسمىي ھالدا ئىشلەپ بازارغا سېلىنمىدى، ھازىر پەقەت پاتېنىت ھوقۇقىنى سېتىۋېتىش ياكى ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەاشتىن ئىبارەت ئىككلا يول با ئىكەن، بۇ دوستىمىزنىڭ قولىدا بۇنى ئىشلەپچىقارغۇدەك مەبلەغ يوق .
    بەلكىم كىيىن ئىشلەپچىقىرىلغاندا ھەر خىل شەكىللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشى مۇمكىن .
    2008-06-22 14:03:20
  • ئويدە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرى بارمۇ
  • رەسىمى يوقما؟
    يوليار回复ROBOT说:
    تېخى ئىلەپچىقىرىلمىغان بولغاچقا رەسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى .
    2008-06-21 23:59:48

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我