-
ئېيتىشلارغا ئاساسەن ، بۇرۇنقى زاماندا ئادەملەر يالىڭئاياغ يول يۈرىدىكەنتۇق . بىر پادىشاھ بىر كۈنى ، چەت –ياقا يېزىغا ساياھەتكە بېرىپتۇ، يول ئوڭغۇل –دوڭغۇل بولۇپ ، بۇ يولدا پارچە تاشلار كۆپ بولغاچقا ، پادىشاھنىڭ پۇتىغا پېتىپ ئاغرىپ كېتىپتۇ ، پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كېلىپ ، دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق يوللارغا كالا تېرىسىنى ياتقۇزۇڭلار، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ . پادىشاھنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس ، بەلكى ئاممىغا بەخىت يارىتىپ ، كۆپچىلىك يول يۈرگەندە تاشلارنىڭ پېتىپ ئاغرىتىشىدىن خالىي قىلىشتۇر. لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق كالىلارنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردىمۇ ، يېتەرلىك كالا تېرىسى تەييارلاپ بولالماپتۇ ھەم خەجلىگەن پۇل ، سەرپ قىلغان ئادەم كۈچلىرىنىمۇ ساناپ تۈگىتەلمەپتۇ. بۇ بۇيرۇقنى گەرچە ئورۇنلىغىلى بولمىسىمۇ ، بىراق پادىشاھنىڭ چۈشۈرگەن بۇيرۇقى بولغاچقا ، كۆپچىلىك پەقەتلا بېشىنى لىڭىشتىپ ئۇھ تارتىشىپتۇ.بىر ئەقىللىق چاكار دادىللىق بىلەن پادىشاھقا بۇنداق تەكلىپ بېرىپتۇ : «ئېھ پادىشاھ ، سىز نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان پۇللارنى خەجلەپ ، نۇرغۇنلىغان كالىلارنى قۇربان قىلىپ ، كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىسىز ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ، ئىككى پارچە كالا تېرىسىنى پۇتىڭىزغا ئورىۋالسىڭىزلا بولمامدۇ؟ » دەپتۇ . پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ. بىرراق شۇ ھامان چۈشىنىپ ، چۈشۈرگەن بۇيرۇقلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ ، بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىپتۇ. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا مانا بۇ ئاياغنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىكەن.