• ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرى ھەققىدە - [بىلىۋېلىڭ]

    2008/06/24

    خەتكۈچ:

    ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرى ھەققىدە

    قول ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەر

    قولدىن ئۆتكۈچە ، ئۆيۈگە يەتكۈچە

    بۇ ، ئېلىم-بېرىم ، سودا -سېتىقتا ئادىل ، سەمىمىي ئىش قىلماي ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش كويىدا بولغان كىشىلەردىكى ساختىپەزلىك ئالدامچىلىق قىلمىشىنى بىلدۈرىدۇ.

    قول قولنى تونۇيدۇ ، شەرىئەت يولنى

    بۇ ، بىراۋدىن ئالغان نەرسىنى ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ بېرىش ، كىمدىن ئالغان بولسا دەل شۇنىڭغا بېرىش قائىدە ىويىچە ئىش قىلىش كېرەك ، ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

    قول قولنى يۇسا ، قول كېلىپ يۈزنى يۇيار

    بۇ ، بىراۋغا ياخشىلىق قىلغان كىشى ياخشىلىق كۆرىدۇ ، قىلىنغان ياخشىلىق ، خەيرىلىك ئىش بىكار كەتمەيدۇ ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

    قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس

    بۇ ، ھەركىم كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ، بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاز-تولا چىقىم قىلىش ، بەدەل تۆلەش ئەمگەك سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    قولۇڭدىن كەلسە ئەلدىىن ئايىما

    بۇ ، ئادەم ھۆرمەت ئابرۇيغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت خەلىق ئۈچۈن ئىشلەش ، خەلىق مەنپەئىتىنى كۆزلەش خەيرى-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

    قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا

    بۇ ، ھەركىم ئىمكانىيىتى يار بەرسە قۇبىتى يەتكەن ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ ، مۇراد-مەقسىتىگە يېتىش كېرەك ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

    قولۇڭ ماي بولسا قونچىڭغا سۇۋا

    بۇ ، ئادەم بېيىغان ياخشى كۈن كۆرگەندە ئۇرۇق-تۇغقان يېقىنلىرىغا مېھرى-شەپقەت ، ياخشىلىق قىلىش ، يار -يۆلەك بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.





发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我