-
بارلىق بلوگىرلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
2008/07/01
<< ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى >> غا ئەزا بارلىق بلوگىرلار بۈگۈندىن باشلاپ، << ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى >> نى ئۆز بلوگىدىكى دوستانە ئۇلىنىش قىسىمىغا قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز .( سەۋەبى: ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش . بلوگرلىق تەرەققىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش )
<< ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى >> نىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىدەك :
1. ئەزا بلوگىرلارنىڭ قانداق مەزمۇندا يازما يوللىغانلىقىنى << ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى >> دا تۇرۇپلا بىلگىلى بولىدۇ ، بۇنداق بولغاندا پايدىلىق بىلىملەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ . ئۆز ئارا ئۇلىنىش قىلىنمىغان بلوگلارمۇ مەزمۇندىن خەۋەر تاپالايدۇ .
2. يازما مەزمۇنىڭىز ئىجادىي بولۇپ، تورداشلارغا پايدىلىق بولسا ، بىز ( باشقۇرغۇچىلار ) يازمىڭىزنى << ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى >> دا ئۇقتۇرۇشلاپ قويىمىز. بۇنىڭ بىلەن بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارىمۇ ئاشىدۇ، ئېلان قويغانلارنىڭ ئېلان كىرىمىمۇ ئېشىپ بارىدۇ .(بلوگىڭىزغا كىرىپ يازمىڭىزدىن پايدىلانغانكەنمىز، نەچچە سكونت ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ئېلانىڭىزنى چىكىپ قۇيالايمىز ).
3. بلوگىڭىزدا ئىجادىي مەزمۇندىكى يازمىلار كۆپ بولسا ھەم پات-پات يېڭىلىنىپ تۇرسا (يازمىلار) بىز بلوگڭىزنى << ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى >> نىڭ دوستانە ئۇلىنىش قىسىمىغا قوشۇپ قويىمىز .
باشقا ئىشلار بولسا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قلىنىدۇ .
پىكىر - تەكلىپ بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ .
ھۆرمەت بىلەن << ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى >> دىن يوليار
随机文章:
2008-يىللىق hskنەتىجىڭىزنى سۈرۈشتۈرۋىلىڭ 2008/06/24[ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان]«开始»نى ئۆزگەرتىش دىتالى 2008/06/2810خىل ساغلام غىزالىنىش ئۇسۇلى 2008/06/21
评论
تېمىغا تولۇقلاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولسا ئېيتىپ قۇيارسىز، بىرلىكتە باشقۇرۇشقا كېلىشكەن ئەمەسمۇ .
ئۇيغۇر بلوگ تەرەقىياتى ئۈچۈن بۇ توپنى قۇرۇپ ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز، بولسا ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ، مۇشۇ توپنىمۇ نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلايلى .