كۆرۈش: 3418|ئىنكاس: 58

ئەكرەم ئابدۇمىجىت-جەنۇبىي تاغ تەلقىنلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 23:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                       جەنۇبىي تاغ تەلقىنلىرى


                                          ــــــ لۇشۈن ئىنسىتىتۇتىدىكى كۈنلەردە


ئەكرەم ئابدۇمىجىت


    45 ياشتىن ئېشىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە« لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجادىيەت كورسى»غا قاتنىشىش ئۇختۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قالتىس ھاياجانلاندىم. بۇ مېنىڭ دەرىجىسى يوقۇرى، ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئاپتۇرلار دائىرىسى كەڭ، لېكسىيە مەزمۇنى مول بولغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق كورسىغا تۈنجى قېتىم قاتنىشىشىم ئىدى. باشقىلارنىڭمۇ بۇ خىل تەربىيىلەشلەرگە  تۈنجى قاتنىشىشى بولسا كېرەك، شۇڭىمۇ 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىنلا  ھەممىمىز دېگۈدەك بىر خىل ھاياجان ئىلكىدە دەرسلەرگە كىرىشىپ كەتتۇق. مەيلى دەرس ئارىلىقىدىكى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەتلەردە بولسۇن، مەيلى دەم ئېلىش ۋە تاماق  ئارىلىقىدىكى ئىختىيارىي پاراڭلاردا بولسۇن  ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە بەس-بەستە پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى. ھەر بىر كورسانىت ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزىگە خاس مۇلاھىيزىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. مۇنداقچە ئىيتقاندا ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى ۋە ئىجادىيەت قاراشلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى دادىل بايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مەن  بۇ كورۇسنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  كورسانىتلىرىمىزنىڭ كورۇس جەريانىدىكى ئىختىيارى تەلقىنلىرىنى رەتلەپ چىقتىم (بەزىلىرى ئەمدى رەتلىنىۋاتىدۇ) دېمەكچىمەنكى، كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۇلارنىڭ بۇ بايانلىرىدىن ۋە ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  ئۈچۈن تىنىمسىز سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىنى غىل-پال بولسىمۇ كۆرەلىسەك ئىدى قىلغان ئەمگىكىمىزدىن  رازى بولغان بولاتتۇق. (ئەسكەرتىش: داۋامى ئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ تېمىدا  يوللىنىدۇ.)


   سەيپىدىن تۇراق ( توققۇزتارا ناھىيىلىك  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)


IMG_6804.JPG


   قىسقىچە ئارخىپ: سەيپىدىن تۇراق 1973-يىلى توققۇزتارادا سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1991-يىلى ئىلى پىداگۇگىيكا ئىنىسىتىتۇتى جۇڭگۈ تىل-ئەدەببىيات فاكۇلىتىتى تولۇق كورۇس سىنپىغا  ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن توققۇزتارا ناھىيە تاشتۆپە يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ، 2-ئوتتۇرا  مەكتەپلەردە تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008-يىلدىن 2010-يىلغىچە شىنجاڭ پىداگۇگىيكا ئونۋىرسىتىدا ئىككى يىل قوش تىل مائارىپى بويىچە تەربىيەلەنگەن. ھازىر توققۇزتارا ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالى دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1987-يىلى «ئىلى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئۇستازىمغا» ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى «تارى ئۇزۇلگەن ئىسكورۇپكا» ،« ئانا ۋە بۇۋاق» « يۇلتۇز ئاققان كېچە» قاتارلىق بىر قىسىم ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان «مېيىپنىڭ ھېكايىسى» ناملىق ھېكايىسى «16-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ۋە بۇ ھېكايە خەنزۇ تىلىغا تەرجمە قىلىنىپ، خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.
ئىجادىيەت قاراشلىرى: مەن بالىلىق چېغىمدىن تارتىپلا ئەدەبىياتقا «تۇتقۇن بولغان».  7-8 ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك ئامراق موزىيىم ئۆلۈپ قالدى. شۇ چاغدا مەن :
« موزىيىمنىڭ ئايىقى،
ئالا ئىدى. ئاق ئىدى،
بۈگۈن بولدى رەھمەتلىك،
تۈنۈگۈنلا ساق ئىدى.»
دېگەن قوشاقنى توقۇغان ئىدىم. بەلكىم، ئۇ مېنىڭ «ئائىلە مەتبۇئاتى» دا ئېلان قىلغان تۈنجى شېئىرىم بولسا كېرەك. يەنە بار تېخى، سۈت بەرمىگەن خوشنىمىزغا قارىتىپ:
«قادى، قادى
سۈت بەرمىدى زادى»
دېگەندەك «مەشھۇر» قوشاقلارنىمۇ توقۇپ يۈردۇم. بۇ  قوشاقلىرىم تېزلا «مەھەللىدىكى تەڭتۇش ئوقۇرمەنلىرىم» ئارىسىغا تارقالغان ئىدى. ئاكا، مانا بۇ ئىشلارغا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. مەن ئەدەبىيات «ئولجىسى» بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەدەبىياتتىن ئايرىلماي ياشىدىم. ئويلاپ باقسام شۇ چاغلاردا ئەسئەت ئابدۇرېشىت، ئەنۋەر ناسىرى، ئابدۇخېلىل مىرخېلىل... قاتارلىقلار ماڭا ئۇستاز بوپتۇ. پىداگوگىيكا ئىنىستىتۇتىدا فېزىكا ئوقۇماقچى بولغان ئىدىم. ئوبزۇرچى ئابدۇۋەلى كېرىم  مېنى ئەدەبىياتقا ئەكىرىپ قويدى. ئالى مەكتەپ ھاياتىمدا مۇھەممەتجان سادىق، مەريەم قۇربان، ئابدۇۋەلى كېرىم، ئەكبەر قادىر، نىجات سوپى قاتارلىقلار ماڭا نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۇردى. ئاكا، شۇ چاغلاردا بىز مەكتەپداش ئىدۇق. سەنمۇ بىلىسەن ياشلىق ھېسياتىم بىلەن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازمىغانمۇ. ئېسىڭدە بارمىكىن سېنىڭ ياتىقىڭدا مەن «يىللار ۋە ئاەملەر» ناملىق بىر شېئىر يازغان ئىدىم. سەن ئۇ شېئىرنىڭ ماۋزۇسىنى «ئوتۇنچى پالتىسى» دە ئۆزگەرتىپ بەرگەن ئىدىڭ. ئۇنى بىر دكلاماتسىيە قىلىۋىتەي:
ئوتۇنچى پالتىسى

بۈك توغراقلىق قەدىم ئورماندا،
پالتىسىنى ئۇنتۇپ ئوتۇنچى.
كەتكەن ئىكەن يۈز يىل ئىلگىرى.
بۇۋىسىدىن قالغان پالتىنى،
تېپىۋاپتۇ چىمەن ئىچىدىن،
يۈز يىل كېيىن شوخ نەۋرىلىرى.

سېتىۋەتتى پالتىنى بالىلار،
تۆمۈر-تەسەك يىغىش ئورنىغا.
مەكتەپتىكى كىچىك بوتكىدىن،
قەلەم ئالدى ئۇنىڭ پۇلىغا.
مېنىڭ ئاتا-ئانام بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەچكە ھامان ئىقتىساتتىن قىينىلاتتىم. رەھمەتلىك تۇرسۇن زېھىردىن (ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن) مانا ئەسەر يازماستىنلا بالدۇر قەلەم ھەققى بېرىپ شېئىر ۋە نەسىرلەرنى يازدۇراتتى. بۇ قېتىمقى كورۇسقا قاتنىشىۋاتقان مەكتەپدىشىم خۇرسەنئاي مەمتىمىن شۇ ئىشلارنى ئەسلەپ «ھازىرمۇ ئالدىن قەلەم ھەققى ئېلىپ ئەسەر يېزىۋاتامسىز » دېگەن ئىدى ئىختىيارسىز  مېنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىمنى بىلگەن، ماڭا ئىشەنگەن ئۇيغۇر فولېكلۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تەر تۆككەن تۇرسۇن زىرىدىن ئەپەندىنى  ئەسلاپ قالدىم. بۇ دەۋرلەردە مەن بىر ئەدەبىيات ئوقۇغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى، ئەدەبىيات ئېقىملىرى ۋە  ئەدەبىيات تارىخى بىلەن تونۇشتۇم. مەن ناۋائىينى شۇ يەردە بىلدىم. ئەلىشىر ناۋائىي يېتىلگەن  پىرۇزىچى ئىدى. ئۇ پروزا ئەسەرلىرىنى شېئىرى شەكىلدە يازغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى پروزا تارىخىنى ياراتقان.  مەن بۇ يەردە يەنە چىڭغىز ئايىتماتۇف بىلەن گارسىيا ماركوزنى بىلدىم. ئۇلار ئالدىنقى ئەسىردىكى مەشھۇر پىرۇزىچىلار ئىدى. مەن  شۇ داڭلىق پروزىچىلار تەسىرىدىن شېئىرىيەتتىن ئاستا-ئاستا ھېكايىچىلىقا ئۆتۈپ كەتتىم. مېنىڭچە، پروزىنىڭ ئۆزى بىر خاتىرە. بىز نېمىنى خاتىرىلەيمىز؟ بىز ھاياتنى خاتىرلەيمىز. ياشىغانلارنىڭ ئىدىيىسىنى، تۇرمۇشىنى، تارىخىنى خاتىرىلەيمىز. يازغانلىرىمىزدىن كەلگۈسىدىكىلەر بىز يازغان دەۋرنى بىلسە بولدى. ئىدىيەنى بىلسە بولدى. بىز كەلگۈسىگە بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيمىز. كەلگۈسى ھامان بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدەك بولمايدۇ. مەن ئۇيغۇر پروزىسىنى تەرەققىيات يۆنۈلىشىدە كىتىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. زوردۇن سابىر زامانىمىزدىكى بۈيۈك يازغۇچى. ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭلىق يازغۇچى بار دەپ قارىساق مەن مۇختەر ئەۋەزۇف، چىڭغىز ئايتماتوف، زوردۇن سابىر قاتارلىقلارنى كۆرسىتىمەن. زوردۇن سابىرنى بۇ نوقتىدا مېنىڭ مىللىي ھېسياتىم بىلەن ئەمەس ئىلىمىي تەھلىل بىلەن شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزدۇم. بۇ يەردە بۇنى تەپسىلى شەرھىيلەپ بولالمايمەن. مەمتىمىن ھوشۇرمۇ داڭلىق يازغۇچى. مۇھەممەت باغراش، ئەختەم ئۆمەرلەرچۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئۇستاز. ياسىنجان سادىقنىڭ ئىجادىيەتتىكى جاپالىق ئىزدىنىش روھى ماڭا ئۈلگە بولسىكەن دەيمەن. ئاكا، مەن بىر ئوقۇتقۇچى. ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئەدەبىي يېزىقچىلىق ۋاقىت جەھەتتىن مېنى تالىشىدۇ. ئالدىڭدا قارا كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرغان  بالىلار بار. ئامال يوق. ۋاقتىمنىڭ ئەڭ كۆپىنى شۇلارغا بېرىمەن. مېنى بەزىلەر« ئاز ھەم ساز يازىدۇ» دەيدىكەن. راست گەپنى دېسەم مېنىڭ يازغۇدەك ۋاقتىم بەك ئاز. بۇ يەردە بىر گەپنى دىگۈم كېلىدۇ. مېنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتكەن ئادەملەرگە كۆپرەك بىر نەرسە بېرەلمىگەنلىكىمدىن خىجىلمەن. مەتبۇئاتتا ئەسىرىم ئېلان قىلىنغاندىن ھېساپلىغاندا  26 يىل بوپتۇ. نەتىجەم كۆپ بولمىغان بىلەن بۇ ئوتتىن  زادىلا ۋاز كېچەلمىدىم. بەزىدە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ. مەن ئاتامنىڭ ئوغلى. مائارىپ كەسپىنىڭ ئوغلى. ئادەمنى كويدۇرۇپ كۈل قىلالايدىغان ئەدەبىياتنىڭ ئوغلى. ئەدەبىيات مېنىڭ ئۆمۈرلۈك «ئاشىقىم». مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا:
كىيدىم غېرىپلىق توننى،
ئىشقىڭدا يانارمەن دەپ»
دېگەن بۇ ئىككى مىسرانى پىچىرلاپ قويىمەن.


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 653
تۆھپە : 7
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 01:12:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي تەلقىنلەرنىڭ ئۈنلىرى جاراڭلىق ،يارقىن بولغۇسى!

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2659
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 58
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 04:35:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيپىدىن ئاكىمىزنىڭ ئاشۇ قىياپىتى ھازىرمۇ ئىسمىدە. شۇ چاغلاردا ئىلى پىداگۇككا ئىنستۇتىنىڭ چىرايىلىق ھۇيلىسىدا بېشنى تۇۋەن سېلىپ ئاۋايلاپ مېڭىشلىرى، مەكتەپنىڭ جىمىجىت قىرئاتخانىسىدا بىرىلىپ كىتاپ ئوقۇغاچ ئۆنچىدەك خېتى بىلەن خاترە قالدۇرشلىرى. ياتىقمىزغا كىرىپ ئەدەبىياتنىڭ كەچمىش-سىرلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرشلىرى، شۇ چاغدا مەن سەيپىدىن ئاكمىزنى ‹‹ ئىزدىنىش ›› رۇمانىدىكى ‹‹ ئەلى›› گە ئۇخشىتاتتىم. مانا ھازىر ئاشۇ كۆرنۈشلەرگە 18يىل بولۇپ قاپتۇ.
سەيپىدىنكامىنىڭ ‹‹ ئىلى دەرياسى››، ‹‹ تەڭىرتاغ›› ژۇرناللىردا ئىلان قىلغان «تارى ئۇزۇلگەن ئىسكورۇپكا» ،« ئانا ۋە بۇۋاق» « يۇلتۇز ئاققان كېچە»  «مېيىپنىڭ ھېكايىسى›› قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەرلىرنى ئوقۇپ ئىچى-ئىچمىدىن قايىل بولدۇم . ئەسەرلىردە ئادەمنىڭ يۈركىگە تەسىر قىلدىغان مۇڭ بار. ئىجادىيتىدە ئۆزگىچىلىك بار. تەسۋىرلىردە سەھرانىڭ پاكىز مەنزىرسى بار. ئۇبرازلىرىدا ئادەمنى قايىل قىلدىغان ھەقىقەت بار. سەلبى يارتقان ئۇبىرازلىرىغمۇ ئادىمىلىك نۇقتىسىدىن ‹‹ سەلبى›› دەپ تۇن پىچالمايىسز.
‹‹ مىيپىنىڭ ھىكايسىدىكى›› بۇغداينى كۇمبايىن بىلەن ئۇردىغان چاغدا دەيدىغان گەپلىرى، چىڭگىز ئايتماتۇفىنىڭ ‹‹ يەر ئانا›› ، ‹‹ جەمىلە›› سىدكى تەسۋىرلەردىن قىلشمايدۇ.
سەيپىدىن ئاكمىزنىڭ قۇلغا دەرتلەر كەلمسۇن.  داۋاملىق يېزىڭ .
ئاخىردا تاغ باغىردا ئولتۇرۇپ سەپدىن ئاكمىز ھەققىدە بۇ ئۇچۇرلارنى  بەرگەن ئەكرەمكامغا رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  269
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 282
تۆھپە : 2
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:01:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەت بەك ياخشى باشلىنىپتۇ...ئەكرەمكا،ئۇزۇلۇپ قالماي داۋاملاشتۈرغايسىز...

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 456
تۆھپە : 1
توردا: 206
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:05:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پاراڭلار بۇلۇۋېتىپتۇ، مۇشۇ گۇڭۇر-مۇڭۇرلارنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغان ئەكرەم ئابدۇمىجىتكە كۆپ تەشەككۈر! سالام سىلەرگە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-5 20:09  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1384
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 334
تۆھپە : 0
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جەنۇبى تاغ  تەلقىنلىرى» دىن نۇرعۇن ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغۇدەكمىز  ....گۇزەلنۇر ، ئامانگۈل قاتارلىق ئايال قەلەمكەشلەرگە ئوتلۇق سالام !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  450
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 113
تۆھپە : 1
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:21:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكرەمكا ، داۋامىنى يوللىمامسىز ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1414
تۆھپە : 4
توردا: 175
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:50:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر پاراڭلار بولىۋاتىدۇ. خېلى كۆپ قەلەمكەشلىرىمىزنى تۇنىۋالىدىغان بولدۇق. ئاخىرىنى يوللاپ تۇرۇڭ قېرىندىشىم.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالغانلارنىمۇ يوللاشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 22:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ («ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دىن)

IMG_7068.JPG


قىسقىچە ئارخىپ:ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ 1971-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىدا تۇغۇلغان. 1995-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىيكا ئونۋىرسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈررۈپ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئىجادىي پائاليىتى 1988-يىلى «تۇرپان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پرۇزا ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ 2003-يىلى «پاكلىق مۇنارى» ناملىق تارىخى رومانى، 2004-يىلى «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىىلىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابى، 2011-يىلى «پەرزەنىت تەربىيەلەش دەستۇرى» ناملىق زور ھەجىملىك كىتابى، 2012-يىلى «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ناملىق ئىجادىي كىتاپلىرى  ۋە «مەنتىقۇت تەييىر»، « شەجەرەئىي تاراكىمە»، «تۈركلەردە ئاياللار ۋە ئائىلە ھوقۇقى»، «قىزلار تەربىيەسى» قاتارلىق تەرجىمە كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان. بىر قىىسم ئەسەرلىرى «تۇرپان» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە بىر قىسىم تارىخىي ئەسەرلەر ئۇستىدە ئىشلىمەكتە.


ئىجادىيەت قاراشلىرى: مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم بېسىشىم مەكتەپ قوينىغا كىرگەن كۈندىن باشلاپ دەرسلىك كىتابلىرىدىن باشقا، تۈرلۈك ژۇرنال ۋە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش بىلەن بىللە گۈزەل رىۋايەتكە ئوخشايدىغان سەھرا تۇرمۇشىدىن، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىغا تىندۇرما بولغان مەنىۋى فولكلور بىلىملىرىنى ئاڭسىز يۇسۇندا ئۆزلەشتۈرۈشتىن كەلگەن. مەن چوڭ بولغان سەھرادا جىمى مەئىشەت تەبىئەت بىلەن بىرىكىپ كەتكەن، بۇلار تا ھازىرغىچە ئىجادىيىتىمنىڭ تۈگىمەس خۇرۇچى بولۇپ كەلمەكتە.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە روياپقا چىقىشقا باشلىغان ئىجادىيەت مېۋىلىرىم شۇ چاغلاردا تۇرپان تەۋەسىدە زور ئابرۇيغا ئىگە ئۇستازلارنىڭ تىنماي مەدەت بېرىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەنىدى. ئالىي مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇش ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان مۇنەۋۋەر قەلەمكەشلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تونۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئۆگەنگەن مەدەنىيەت بىلىملىرىم، خەنزۇ، ئىنگلىز، تۈرك، ئۆزبەك تىللىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش ئىجادىيىتىمنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. تۈرلۈك ئەدەبىي ئېقىملار بىلەن تونۇشۇش بىلەن بىللە جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، فولكلورىغا بولغان قىزغىن ئىشتىياق نەزەر دائىرەمنى خېلىلا كېڭەيتتى.

مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەش مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۆزگىچە يول تۇتۇشۇمغا، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىشىمگە، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى نەچچە يۈزلىگەن مۇنەۋۋەر ئاپتورلار بىلەن تونۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. خىزمەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق، ئاپتورلارنى قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مېنى تاۋلىدى. پۇل تاپساملا كىتاب ئېلىش، پۇرسەت بولسىلا كۈندە كىتاب ئوقۇش روھى بىلىم قۇرۇلمامنى مۇكەممەللەشتۈردى. نەتىجىدە مەن ئوتتۇز ياشقا يەتمەي تۇرۇپلا بىزدە بىرقەدەر ئاجىز ساھە بولغان تارىخىي ئەسەر يېزىشقا تۇتۇش قىلدىم. 2003-يىلى تۇنجى تارىخىي رومانىم «پاكلىق مۇنارى» يورۇق كۆردى. ئالىي مەكتەپتىكى چېغىمدىلا تۈركچىدە خېلى ياخشى سەۋىيە ھازىرلىغانىدىم. مەكتەپ پۈتكۈگەندىن تارتىپ بىرمۇنچە نۇقتىلىق ئەسەرلەرنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسىمشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ 2004-يىلى 8000 دىن ئارتۇق قەدىمكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى جەملەنگەن «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرى» ناملىق ئەسەرنى نەشىر قىلدۇردۇم. مېنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىم ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىسىم تەتقىقاتىنى بويلىغان ھالدا تەرەققىي قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخلاقشۇناسلىققا قاراپ تەرەققىي قىلدىم. بۇنىڭدىن 14 يىل مۇقەددەم بىر تارىخىي رومانغا تۇتۇش قىلغانىدىم، ئۇنى مۇشۇ يېقىندا پۈتكۈزدۈم. بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتا مەن ھەر بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى تەپسىلىي تەكشۈردۈم، مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ماتېرىيالنى يىغدىم. ھەر بىر قۇرنى ئىلھام كەلگەندە، كاللامدا پىشقاندا يازدىم، ھەر بىر قۇرغا مەسئۇلىيەتچانلىقىمنىڭ ئىزناسى قالدى.

مېنىڭچە، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى تالانت، بىلىم قۇرۇلمىسى، تىل ماھارىتى، ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق ئۆزئارا بىرىكىپ كەتكەندە ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. ھەرقانداق ژانىر، ھەرقانداق ھەجىمدىكى ئەسەرنى بېسىپ بولغۇسىز ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. بىزدە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ 15 يىللاپ تىل تەكشۈرۈشتەك روھى، ئەلىشىر نەۋايىدەك بىلىم، غۇرۇر ۋە ئىستېدات، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىردەك ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بولغاندىلا، يازغان ئەسەرلىرىمىزنى كەلگۈسىگە ئاپىرالايمىز.

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بىر سۆھبىتىدە «يازغان ئەسەرلىرىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز دېمەي، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتكىنىدەك، خاسلىقى، مىللىيلىقى يۇقىرى بولغان ھەرقانداق ئەسەرنىڭ دۇنياۋىيلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.

ھازىر ھەرقايسى مەتبۇئاتلار سۈپەتلىك ئەسەرنىڭ كەملىكىدىن ۋايسىماقتا. بىزدە ئالدىنقى بىر ئەۋلاد بىلەن كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئارىسىدا مۇئەييەن ئۈزۈكچىلىك مەۋجۇت. يازىدىغانلار كۆپ، لېكىن سۈپەتلىك يازىدىغانلار، دەۋرنىڭ ۋىجدانىنى زىممىسىگە يۈكلەپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەسەر يازىدىغانلار ئاز بولماقتا. تىلىمىز بۇزۇلۇش ئېغىر، شۇنچە باي تىلىمىز تەرجىمە تىلىغا ئايلىنىپ قالماقتا. مانا بۇ مەسىلىلەرنى ئوڭشاش، تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى نۇرلاندۇرۇش ھەر بىر قەلەمكەشنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى.

بىر قەلەمكەش قايسى ژانىردا ئەڭ ياخشى ئىجات قىلالايدىغانلىقىنى توغرا تاللاپ، شۇ يولدا ئۆمۈر بويى ئىزدەنگەندىلا چوقۇم جاپالىق ئەمگىكىنىڭ شېرىن مېۋىسىنى تېتىيالايدۇ. سۆزلەر سۇدىكى بۇلاقتەك ئويناقلاپ قەلبلەرنى لەرزىگە سالالىسا، خەلقنى ئۆز تەقدىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلدۇرالىسا، كەلگۈسى ھەققىدە ئويلاندۇرالىسا، بۇنداق ئەسەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى چوقۇم.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 23:55:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىردىن ھېنىپىدىن ( قاراماي شەھەرلىك بۇرغۇلاش شېركىتىدە)
IMG_7072.JPG

قىسقىچە ئارخىپ: سەۋىردىن ھېنىپىدىن 1974-يىل 17 –ماي كۈنەستە تۇغۇلغان. 1980-يىلدىن 1989-يىلغىچە كۈنەس ۋە جەرەنبۇلاقتا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1992-يىل قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ ،  بۇرغىلاش شىركىتىگە تەقسىم قىلىنغان .ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئيىتى ۋە قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى«شىنجاڭ نېفىت گېزىتى»نىڭ  1993-يىل9-ئۆكتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان«پارچىلار» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ھازىرغىچە ئۇ «جۇڭگو مىللەتلىرى »،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «كىرۇرەن »، «مايبۇلاق »، «قاراماي گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا «خىيالچان بوۋاي»، «پادىچى بالا »، «چۆل ئوغلانى»  قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ،ھېكايە ،ئوبزۇر ،بەدىئىى سۈرەت ئېلان قىلغان .         «ئانا يۇرت »، «چۆل ئوغلانى » قاتارلىق شېئرلىرى قاراماي شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن « جۇمھۇرىيەت سۆيگۈسى » دىكلاماتسىيە مۇسابىقىسى ۋە بۇرغۇلاش شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دېكلاماتسىيە  مۇسابىقىسدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن .

ئىجادىيەت قاراشلىرى: بالىلىق چاغلىرىم گۈزەل ئىلىنىڭ  مېۋىلىك باغلىرىدا،زۇمرەت سۇلار ئېقىپ تۇرغان تۇقايلىقلاردا ئارسىدا دېھقانلارنىڭ ئاچچىق موخۇركا چېكىشىپ ئولتۇرۇپ قىلىشقان ھەر خىل كۈلكە -چاقچاقلىرىنى ، جىن- شەيتان ھەققىدىكى ئەپسانىۋى رىۋايەتلىرىنى، خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاش بىلەن ئۆتتى . كېچىسى تاۋۇزلۇققا قاراش، كۈندۈزى خامان تېپىش ، ئۆستەڭلەردە سۇغا چۆمۈلۈش، بىلىق تۇتۇش ،قۇشلارنىڭ ھەر خىل سايراشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ھەم ئۇنى دوراش ، ھەر خىل گۈل- گىياھلارنىڭ خۇشبۇي ھىدلىىرىنى پۇراش ئادەمگە ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى.    مەرھۇم بوۋامنىڭ يىكەندازدا ئوڭدىسىغا يېتىپ بۈركۈت قانتىدا ياسىغان يەلپۈگۈچ بىلەن ئۆزىنى يەلپۈگەچ كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ ئېيتقان «يۇسۇپ- ئەھمەد » «غېرىپ- سەنەم»، « قۇل غۇجا ئەھمەد» قاتارلىق داستانلار قەلبىمگە تۇنجى ئىجادىيەت شامىنى ياندۇردى .  كېيىنچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ، ھېكايە - رومانلارنى ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغالدى .    مانا شۇ ھەۋەس قىزىقىشنىڭ تۈرۇتكىسىدە ھازىرغىچە ئىجادىيەت كوچىسىدا ئاز -تولا بىر     نېملەرنى يېزىپ كېلىۋاتىمەن .
مەن ئۆزۈمنى شائىر دېيەلمەيمەن. شائىرلىق يۈكسەك مەسئولىيەت تەلەپ قىلدىغان، ئادەمنىڭ زېھنىنى ،ۋاقتىنى، يۈرىكىنى ئۇپرىتىدىغان ئەقلىي ئەمگەك. مەن كۆپرەك تەبىئەتنى ،خىلۋەت بۇلاقلارنى. تاغ-دەريالارنى، ۋىسال كىچىسىنى، سۆيگۈ- ۋاپانى تەسۋىرلەپ كەلدىم. بۇنىڭغا بەلكىم بالىلىق چاغلىرىمنى ئىلىنىڭ ئادەمگە ھۇزۇر بىغىشلايدىغان كەڭ يايلاقلىرىدا ئۆتكۈزگەنلىكىم سەۋەپ بولىشى مۇمكىن .  مەن   بۇغدا ئابدۇللا ،ئوسمانجان ساۋۇت، مۇھەممەدجان راشىدىن، ئارىسلان تالىپ ، ئىبراھىم نىياز، ئوسمان قاۋۇل،  ئەركىن مۇھەممەد كامالى، ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى قاتارلىق شائىر- يازغۇچىلارنىڭ
ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇش بىلەن بىللە ،ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئۆزۈمگە ئۈلگە  قىلىۋاتىمەن .
ھېچقانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ھەممىنى بىلمەيدۇ . پەقەت شەيئىلەرگە چۆڭقۇر نەزەر سېلىش، توختىماي پىكىر يۈرگۈزۈش،  ئىزچىل ئۆگىنىش ئادەمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت سەھنىسىگە باشلايدۇ .بىر مېنۇت بىكار بولسىڭىز كىتاپ ئوقۇڭ ! كىتاپ ئوقۇشنى ئۆمۈرلۇك ھايات مىزانىڭىزغا ئايلاندۇرۇڭ !



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 09:50:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمان ئېلىنىياز ( پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا ياڭخى مەكتەپتىن)

abdurahman+eliniyaz.jpg

قىسقىچە ئارخىپ : ئابدۇراخمان ئېلىنىياز  1972-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا ياڭخىي يۇقۇرى كەنتىدە تۇغۇلغان.  1988-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە تۇرپان دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئومۇمىي پەن سىنىپىدا ئوقۇغان . مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تۇيۇق يېزا ياڭخىي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان .  1993- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى مەخسۇس كۇرس سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2006-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا تىل - ئەدەبىيات كەسپى بۇيىچە ئىشتىن سىرت ئوقۇپ ، تۇلۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان .
        1992- يىلى « تۇرپان گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان « بەدەندىكى جەڭ » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان .  شۇندىن بۇيان  « جۇڭگو مىللەتلىرى » ، « شىنجاڭ ياشلىرى » ، « شىنجاڭ مائارىپى » ، « تارىم غۇنچىلىرى » ، « قەشقەر » ،« تۇرپان »، « شىنجاڭ گېزىتى » ، « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى » ،   « تۇرپان گېزىتى » قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا 250 پارچىدىن ئارتۇق  ھېكايە ، نەسىر ، شېئىر ، ئوبزۇر ، مەسەل ۋە مائارىپقا دائىر ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان . «   مۆمۈننىڭ مومىغا چىقىشى – تارىخىي رېئاللىقنىڭ بەدىئىي كۆرۈنىشى » ناملىق ماقالىسى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 1-قىسىم  «تىل - ئەدەبىيات  دەرسلىكىنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى»غا كىرگۈزۈلگەن .  « ئوقۇغۇچۇمنىڭ جاۋابى » ، « قار ياغقان كېچە » قاتارلىق ھېكايىلىرى ، « دىلخانەمنى يورۇتتى ئۇستاز » قاتارلىق شېئىرلىرى  « تۇرپان گېزىتى » ئويۇشتۇرغان بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 1- ، 2- ،3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى » ئويۇشتۇرغان مۇكاپاتلىق ئىلمىي ماقالە مۇسابىقىسىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . 2010 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بۇيىچە « ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق ئۈلگىسى » بولۇپ باھالانغان.

ئىجادىيەت قاراشلىرى: مەن 80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپلا ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ « ئوتى » دا كۈيۈشكە باشلىغان. شۇ چاغلاردا ئەدەبىيات دەرسلىكىمىزدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇشتىن سىرت ئاكام ئەكىلىپ بەرگەن بەزى ئەدەبىي كىتابلارنىمۇ كېچە - كېچىلەپ ئوقۇپ كېتەتتىم . (  ئۇ چاغلاردا ئاكام تۇرپان دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇيتتى) يەنە بىر ياقتىن كىچىك بىر خاتىرىگە ئۆزۈمچە شېئىر ، نەسىر دەپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ تۇراتتىم . بەزىدە يازغانلىرىمنى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز سەلىمە مۇئەللىمگە كۆرسىتىپ تۇراتتىم. ( رەھمەتلىك ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ).سەلىمە مۇئەللىم ماڭا دائىم ئىلھام بېرىپ تۇرغاچقىمىكىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان « ئىشقىم » كۈنسىرى كۈچىيىپ باردى. تۇرپان دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىمۇ قايناق ھېسىيات ، تاتلىق تۇيغۇلارغا تولغان ياشلىقنىڭ تەسىرىدە سۆيگۈ - مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلارنى يېزىپ يۈردۈم . ئومۇمىي پەن سىنىپىدا ئوقۇۋاتقاچقىمىكىن ئەدەبىيات جەھەتتە تازا رازى بولغىدەك تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەچكە يازغانلىرىم يەنىلا ھېلىقى سۆيۈملۈك خاتىرىدە ساقلىنىپ قالدى . خىزمەتكە چىقىپ ئىككىنچى يىلى « بەدەندىكى جەڭ » ناملىق بىر پارچە شېئىرىمنى « تۇرپان گېزىتى»گە ئەۋەتتىم . ئارلىقتا بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ ، ماڭا بىر پارچە خەت كەلدى . قارىسام « تۇرپان گېزىتى » دىن كەپتۇ . ھاياجانلىق تىترەش ئىلكىدە كونۋېرتنى ئاچتىم . قولۇمغا بىر پارچە گېزىت بىلەن بىر ۋاراق ئىش قەغىزىگە يېزىلغان خەت چىقتى . گېزىتنى ئالدىراپ ئېچىپ ، ئۆز ئىسمىمنى ، يەتتە كوپلىت شېئىرىمنى كۆرۈپ خۇشاللىقىمدا كېيىكتەك سەكرەپ كەتتىم . خەتنى تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم . ئەسلىدە خەت ۋە گېزىتنى « تۇرپان گېزىتى »نىڭ ئەدەبىي بەت مۇھەرىرى ، تۇنۇلغان شائىر ئەكبەر نىياز پەتتارى ئەۋەتكەن ئىكەن . مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ ، ماڭا مۇۋاپىقىيەت تىلەپ يېزىلغان خەتمۇ گېزىتكە ئوخشاشلا  مېنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالغانىدى . شېئىرىمنى ئېلان قىلىپ ، ماڭا تۈگىمەس ئىلھام - مەدەت بەرگەن ئاشۇ ئاقكۆڭۈل مۇھەرىر قانداق ئادەمدۇ ؟ دەپ ئويلاپ ، قەلبىمدە رەھمەت ئېيتىپ ، غايىۋى چوقۇنۇپ ، ئېھتىرام بىلدۈردۈم . ( ئۇ چاغلاردا ئۇستاز ئەدىب ، شائىر ئەكبەرنىياز پەتتارىنى تۇنۇمايتتىم )  ئاشۇ پەرۋىشكار ئۇستازنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمگە يېشىل چىراق يېقىلدى . دېمەك « تۇرپان گېزىتى » مېنى ئېچىلدۇرغان گۈلزار ئىدى . مەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا  ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئازاد مىرقاسىم،  ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى قاتارلىق ئۇستازلىرىمنىڭ كۈيۈمچانلىق بىلەن تەربىيلىشى نەتىجىسىدە ئەدەبىيي ئىجادىيەت ھەققىدىكى تۇنۇشۇم ، بارا - بارا  ئۆستى . ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زۇردۇن سابىر ، ئابدۇراخمان قاھار، مەمتىمىن ھۇشۇر ، ئەختەم ئۆمەر . لۇشۇن ، ماۋدۇن ، لاۋشى ، باجىن، پۇشكىن، مۇپاسسان ، ھىيۇگو ، لېف تولىستوي ، چىخوف ، شىكىسپىر قاتارلىق جۇڭگۇ ۋە چەتئەل يازغۇچى ، شائىرلىرىنىڭ بەزى ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشتۇم . ئەنە شۇلار مېنى ئوبدانلا « زەرەت »لىگەنىدى .  ئەكرەمكا ، ئويلاپ باقسام  شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئېرىشكەن ئاشۇ ئەدەبىي موھىت مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمگە ناھايىتى ياخشى « پىلتە » بولغانىكەن . شۇندىن بۇيان ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشقىدا داۋاملىق كۈيۈپ كەلدىم .بولۇپمۇ تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ، « تۇرپان » ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى ئۆمەرجان سىدىق مېنى يىتەكلەپ ، ئىجادىيىتىم ئۈچۈن پايدىلىق نۇرغۇن ئەدەبىي موھىتلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ كەلدى . مانا بۇ قېتىممۇ دەرىجىسى يۇقۇرى ، تەسىرى زور بولغان لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا تەربىيلىنىشتەك قىممەتلىك پۇرسەتكە ئېرىشىشىممۇ ئۆمەرجان سىدىقنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئىجادىيىتىم ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ نەتىجىسى.
ئەكرەمكا ، بۇ قېتىمقى لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا بىللە تەربىيلىنىۋاتقان ساۋاقداشلار ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىلىق كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زۇردۇن سابىر ، ئازاد سۇلتان ، ئابدۇراخمان قاھار، مەمتىمىن ھۇشۇر ، ئەختەم ئۆمەر ، جالالىدىن بەھرام ،  ئەخەت تۇردى، مۇھەممەت باغراش ، ئايشەم ئەخمەت ، خالىدە ئىسرائىل ،  ئوسمانجان ساۋۇت، قۇربان بارات ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ، پەرھات ئېلياس ، ئادىل تۇنىياز ،  مۇھەممەت پولات ، يالقۇن روزى ... قاتارلىق گىگانىت ئۇستاز ئەدىب ۋە ئەدىبەلىرىمىزنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرلىشى ، ئەجرى نەتىجىسىدە  ئەدەبىياتىمىزنىڭ پىروزا ، شېئىرىيەت ، ئەدەبىي تەنقىد قاتارلىق ئوخشىمىغان ژانىرلىرىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى . ساندىن سۈپەتكە يۈرۈش قىلىنىپ ، بەدىئىي سەۋىيە خېلى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى . بەزى بوشلۇقلار تولدۇرىلدى . نۆۋەتتە ، يۇقۇرقى ئۇستازلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ يېتىشىپ چىققان ۋە يېتىشىۋاتقان نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ، ياش قەلەم ساھىبىلىرى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان تەۋرەنمەس ئېتىقادى ، ئۆڭمەس مۇھەببىتى ، يىقىلماس جاسارىتى بىلەن ئوخشىمىغان ژانىرلارنىڭ تەرەققىياتى ، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن تىنىمسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ . يېڭىلىق يارىتىۋاتىدۇ . بىز ئۇلارنىڭ ئەجىر - مېھنىتىنى ، قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز . « ئىز » ، « ئۇيغانغان زىمىن » ، « ئانا يۇرت » قاتارلىق بايراقدار ئەسەرلىرىمىزدىن كىيىن « باھادىرنامە » ، « كىرورانلىق بالىلار » قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشى يۇقۇرقى پىكرىمىزنىڭ ياخشى دەلىلى ئەمەسمۇ ؟
ئىشىنىمەنكى ، ئەدەبىيات قوشۇنىمىزدىكى ئەقىدىلىك سەبداشلارنىڭ ئەجىر - مېھنىتىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت مەنزىلى تېخىمۇ نۇرلىنىپ ، ئاجايىپ تاتلىق ئىجادىيەت مېۋىلىرى مەي باغلاپ پىشىدۇ ...


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 772
تۆھپە : 1
توردا: 121
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 10:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبى تاغ باغرىدىكى تەلقىنلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقاي ! داۋامىغا تەشنا بىز ...

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 15:07:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12.jpg

ئالىمجان تۆمۈر تۇران («ئىلى پىداگۇگىيكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى)
قىسقىچە ئارخىپ:
ئالىمجان تۆمۈر تۇران 1988-يىلى 3-ئاينىڭ7-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەجىرىبە سىنىپدا ئوقۇغان.2008-يىلى ئىلى پىداگۇگىيكىلىق ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ھازىر شۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ 2008-يىلى «ئېھتىمال»ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن.شۇنىڭدىن باشلاپ «تەڭرىتاغ»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«كىروران»، «ئىلى دەرياسى»، «كۆسەن مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «مۇزات دولقۇنلىرى»، «ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى»...قاتارلىق ژورناللاردا شېئىر ۋە شېئىرىيەتكە ئائىت ئوبزور، ماقالىلىرى بېسىلغان.
ئىجادىيەت قاراشلىرى:  ناۋادا ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلا ئادەمنىڭ مۈلكى دەپ قارالمىسا،مەن ھەم مەندىن باشقىلارغىمۇ ئۇ ھەقتە سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلگەنلىكى راست بولسا،مەن ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەت يۆنىلىشىم ئاساسىدا شېئىرىيەت ۋە ئوبزورچىلىق ھەققىدە بىرنەچچە ئېغىز راست گەپ قىلاي:
مەن يېزىقچىلىق قىلىپ تا ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ دۇچ كەلگىنىم « شېئىرنىڭ نېمىلىكى ھەققىدىكى ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان سىتىراتىگىيىلىك سۇئال » دۇر . شېئىرنىڭ شەرىھلىرى بەك كۆپ.بىراق ھېچقايسى شېئىرنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ئاخىرقى يەكۈن سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىنغىنى يوق.مەن بۇرۇن ئۇقىغان ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتابلاردا ئالدى بىلەن شېئىرنىڭ تۇراقلىق تەبىرى بىلەن تۇنۇشقان.بۇ تۇراقلىق تەبىر ھازىرمۇ بىز ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان « شېئىر شەكىل ۋە مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان،شېئىرنىڭ شەكلىنى ۋەزىن ۋە قاپىيە تەشكىل قىلسا ، مەزمۇنىنى پىكىر ۋە ھېسىيات تەشكىل قىلىدۇ » دەيدىغان قاراش . بىراق بۇ تەبىر ئۆز نۆۋىتىدە شېئىرنىڭ ئىچىكى مۇناسىۋەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋال شائىرلىقنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش تولىمۇ مۇھىم.ھايدېگىر بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىدۇ:« شائىرنىڭ يولى ــ ئۇنىڭ تۇيغۇسىدۇر، بۇ يول ئىنسان مەۋجۇدىيىتىنىڭ تولۇقلىنىش ۋە بەلگىلىنىش ئورنىغا قەدەر سوزۇلغان بولىدۇ».شۇنداق بولغان ئىكەن شائىر مەۋجۇدىيەتنى بېكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە . دېمەك، شائىرلار ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ نېمىلىكىنى ئىجات قىلىش بىلەن بىرگە، بىلىم بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتكە يوشۇرۇن يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شېئىرىيلىق ئۆلگەن جەمئىيەتتە شائىرلىقنىڭ ماقامى تۆۋەنلەيدۇ-دە، شېئىر ــ ئىجتىمائى يوسۇنلارنى، ئەخلاقى دەۋەت ۋە كونا تەلىملەرنى مەزمۇن قىلىدىغان، قەسىدىكەشلىك، شۇنداقلا رېئال تەقلىدچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.يۇقارقى بايانلاردىن ئۇقۇپ ئولتۇرغان ئوقۇرمەن شېئىرنىڭ ھەقىقىقىتى توغرىسىدا ئاز تۇلا قايتا ئويلىنىش تەۋەككۈلچىلىكىگە يۈزلىنىشى ياكى جاھىللىق بىلەن ئۆز قارىشدا چىڭ تۇرىۋېلىشى مۇمكىن.ھەم شۇنداق قىلىش ھۇقۇقى بار.
ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى دەپ شەرىھلەنگەن ئۇيغۇر مېنىڭ نەزىرىمدە شېئىرىي مىللەت.ئەلۋەتتە بۇ شەرھى «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر»ناملىق ماقالە، ئوبزورلار توپلىمىدا بايان قىلىنغان.ئۇيغۇر« ئەللەي ناخشىسى» بىلەن باشلىنىپ«،ماتەم قوشاقلىرى» بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.ناۋادا شېئىرىي مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى جەزىملەشتۈرسەك،تەبىئي ھالدا بىز ياراتقان شېئىرى پەللە بىلەن باشقا ئەل-قەۋىملەر يەتكەن شېئىرى پەللە ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرۇشقا دۇچ كېلىمىز.بۇخىل سېلىشتۇرۇش ئۆز نۆۋىتىدە ئاجىز تەرەپلىرىمىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.بۇ ئاجىزلىقنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبى بولۇپ بىز ئىتراپ قىلمىساقمۇ شۇ سەۋەپلەر نائىلاج چىن پۈتىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ:
1.ھە دېگەندىلا كىلاسسىكلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەش ۋە ئۆز كىلاسسىكلىرىنى چۈشەنمەسلىك:بىز دائىملا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنى سۆزلىگەن چېغىمىزدا ناۋائى،مەشرەپ...لەرنى تىلغا ئېلىپ كۆنۈپ كەتتۇق.بەلكىم باشقىلارمۇ ئۆز ئەدەبىياتىنى شېكىسپىر،ھومېر،دانتىلاردىن باشلاپ تىلغا ئېلىشى مۇمكىن.بىراق ئۇلار ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ توماس ئېللىئوت،ئەدۇنىس،پاز،بورخىس،توماس تىرانسىتومېر،مويەن...لىرىنى سۆزلىگەندە بىز نائىلاج ئۈندىمەي تۇرىۋېلىشقا مەجبۇر بولىۋاتىمىز.بۇ بىر پاكىت.بىزدە بۈيۈك مۇتەپەككۇرلار،شائىرلار،ئەدىپلەر بولغان چاغدىمۇ ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق گىگانىتلىرى بولغان.ئۇلاردا ئۇلاردىن باشقىمۇ گىگانىت يازارمەنلەر بولغاندا بىزدە تەڭلەشتۈرگۈدەك ئادەم چىقماي قالدى.بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇلار ئالدى بىلەن كىلاسسىكلىرى يېتىپ بارغان سەنئەت يۈكسەكلىكى بىلەن ئىدىيەنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەن،ھەمدە ئەدەبىياتنى ئىتقادقا ئايلاندۇرۇپ توختىماي يېڭىلىق ياراتقان.شۇنداق بولغاچقا ئۇلار بىر شىكىسپىر ئۆلسە بىر ئەمەس نەچچە ئونلىغان شېكىسپىرنى مەيدانغا كەلتۈرەلىدى.بىز بولساق بىر ناۋائى،بىر مەشرەپ،بىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ئورنىنى يۈز ھەتتا مىڭلىغان ئادەم بىلەن تولدۇرۇشقىمۇ ئامالسىز قېلىۋاتىمىز.دېمەك ھەرقانداق بىر بۈيۈك قەلەمكەش ئۆزى تەۋە بولغان قەۋىمنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى بۈگۈنگە مەنسۇپ ئەمەس.ئۇلارنىڭ ۋە ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈندىكى قىممىتى تەتقىق قىلىش،ياراتقان سەنئەت پەللىسىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە ۋارىسلىق قىلىشتۇر.بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى بۈگۈنكى زامان شائىر-يازغۇچىلىرى يارىتىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەس بىزنىڭ زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچكارلىقتۇر.
باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرى ئۆز كىلاسسىكىلرىنى چۈشەنمىدى . يەنى ئۇلار ياراتقان چۇڭقۇرلۇق،كەڭلىك،ئىدىيە...قاتارلىق قاراڭغۇ پېتنى زەھىرىنى كۆرسەتمىدى.بىز پەقەت كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىن كىلاسسىك ئاپتۇرلار ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئىسمىنى ، مەزمۇنىنى ، بەزى قۇبۇل قىلىش ئاسان بولغان شېئىرى ئىماگ،سىموۋۇل،ئوخشىتىشلارنى جېنىمىزنىڭ بارىچە قوغداپ قالدۇق ۋە ئەسەرلىرىمىزدە بەس-بەستە ئىشلىتىشكە باشلىدۇق. شۇ سەۋەپ ئەدەبىياتىمىزدا تەكرارلىقلار كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىپ،ئەسەرلىرىمىزدىكى سۆز ئىبارىلەر ، مەجازى ۋاستىلەر بىرخىللىقتا قارار تاپتى.
2.يازغۇچى-شائىرلار بىلىم بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىش بۇرچىدىن ۋاز كېچىپ ، ئوقۇرمەنلەرنى تەربىيەسىز قويدى:
يازغۇچى-شائىرلار سەنئەتنىڭ ئەلگىكىدىن ئۆتەلمەيدىغان ئەسەرلەرنى كۆپلەپ روياپقا چىقىرىپ،ئاخىرقى ھېساپتا ئۆز ئەسىرىنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى خەلىققە يۈكلەپ قويدى.يۈكلەپ قويغاندىمۇ تۈگىمەس ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى ئالدىغا سېلىۋالغان،كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقىت ئاجرىتالمايدىغان،ئۆمرىدە بىرەر پارچە ئەسەر ئوقۇپمۇ باقمىغان خەلىققە يۈكلەپ قويدى.نامراتلىقتىن سەنئەت ئەمەس كۆك يۆتەل چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئارتىپ قويۇش نۇمۇسسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.يولدىن زەردارلارچە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرىنى كۆرسە مۇھتاجلىقتىن قوللىرىنى ئۇزارتىپ قالىدىغان بۇ مەيۇس خەلقتىن،جان ساقلاش قايغۇسىدا تىرەجەپ ياشاپ،بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ ئارىلىقىدا تىپىرلاپ كېتىۋاتقان خەلىقتىن يۇقىرى سەنئەت ئىستىمالىنى كۈتۈش ئاقىلانىلىق ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستگە ھەرقانداق بىر خەلق دەپ ئاتالغان توپ سەنئەت ياراتمايدۇ،بەلكى سەنئەتنى ساقلايدۇ ۋە يەتكۈزىدۇ.ناۋادا خەلق سەنئەت يارىتىدۇ دىيىلسە،بىزنىڭ خەلق قوشاقلىرىمىزنى،خەلق ناخشىلىرىمىزنى نەچچە تۈتۈن ئائىلە مەسىلىھەت بىلەن بۈگۈن بىر قوشاق يېزىپ ، ئەتە ئاھاڭغا سالىمىز ئاندىن ئوپچە ئېيتىمىز دەپ ھۇجۇدقا كەلتۈرگەنمۇ؟! ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.پەقەت شۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئۇنتۇلۇپ كەتكەچكە خەلىقنىڭ ئىجادىغا مەنسۈپ بولغان.دېمەك،ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ۋە نۇپۇزغا ئىگە ئەدەبىياتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بۈيۈك ئەسەرلەر يېزىلىشى،شۇ ئاساستا يازغۇچى-شائىرلار ئوقۇرمەنلەر(كىتاپ ئوقۇغۇچى توپ)نى ئاستا-ئاستا تەربىيەلەش بۇرچىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر.بۈيۈك ئەسەرلەر يېزىلسا ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنىدىغان،ئۇنىڭ قەدرىنى قىلىدىغان ئوقۇرمەن ھامان چىقىدۇ.شۇ ئاساستا سەنئەتنى بىلىدىغان ۋە ئاڭقىرالايدىغان بىر توپنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
3.ئەدەبىيات ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ئاپتۇرلار قۇشۇنى بىزدە ھېلىغىچە شەكىللەنمىدى:
«بىزدە ئەسەر يېزىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن سۇئالغا تىگىشلىك جاۋاپ بېرىلگەندە بىزدە ئەدەبىيات ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ئاپتۇرلار قۇشۇنىنىڭ سان جەھەتتىن قۇشۇن شەكىللەندۈرۈش شەرتىنى ھازىرلىيالمىغانلىقىنى بايقاش مۇمكىن.مەن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان:«بىر كۈنى بىر ئاپتۇر تارىم ژورنىلىغا شېئىر ئەۋەتىپتۇ ۋە بىر ھەپتىچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ مۇھەررىرگە تېلفۇن قىلىپ ئەسەر تاپشۇرۋالغان –تاپشۇرۋالالمىغانلىقىنى سوراپ تېلفۇن قىلىپتۇ.تەھرىر ئۇ ئەسەرنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئەمما بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپ كۆرۈپ ئىشلىتىغان-ئىشلەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز ئېيتىپتۇ.ئەتىسى ئۇ كىشى مۇھەررىرگە يەنە تېلفۇن قىلىپتۇ.مۇھەررىر ئەسەرنىڭ ناچارلىقىنى ئېيتىتقاندا ھېلىقى كىشى ئەزۋەيلەپ ، ئەسەرنى قانچىلىك ئۆزگەرتسىمۇ ھەتتا قايتىدىن يېزىپ قويسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ، پەقەت ئىسمى چىقسىلا ئالەمچە مىننەتدار بولىدىغانلىقىنى دەپتۇ».بۇ بىر ھېكايە بىراق تۇقۇلما ئەمەس.بۇ ئۇمۇمىيلىق بولمىسىمۇ قىسمەنلىكتىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىر رىئال ھادىسە.ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر قەلەمكەشلىكنى كەسىپ سۈپىتىدە شەرىھلىشى مۇمكىن.بىراق ئۇ كەسپ ئەمەس.پەقەت بىر ئۆمۈرلۈك خالىس رىيازەت چېكىش جەريانىدۇر.ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلۈمنى باشتىن كەچۈرىدىغان مۇشاقەتلىك ۋە ئازاپلىق قىسمەت ھەم دۇچار بولۇشتۇر.ناۋادا ئەدەبىياتنى جان بېقىشنىڭ قورالى ياكى نام-ئابروينىڭ ۋاستىسى سانايدىغانلار بولسا،ئەدەبىياتنىڭ كوچىسىدىن يايمىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ، بېرىپ باشقا ئىش قىلسا تامامەن بولىدۇ.ئۇيغۇرتىلىدىكى 32ھەرىپلا بولىدىكەن بىزدە بۈيۈك ئەسەرلەرنى يازىدىغانلار ھامان چىقىدۇ.
4.يازغۇچى-شائىرلاردا بىلىمسىزلىك تولىمۇ ئېغىر:
بىلىم ئىنسان بالىسىنىڭ ھەممىسىگە زۆرۈر.يازغۇچى- شائىرلارغا تېخىمۇ شۇنداق.نەشىرى-ئەپكارلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جانغا ئەستاتىدىغان ئەسەرلەرنى كۈتۈش تولىمۇ قىيىن.سەۋەبى نەشىرىياتلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق باش قېتىنچىلىقى بار.كىتابخانىلاردا بەس-بەستە سېتىلىۋاتقان كىتابلار ئاساسەن جانغا ئەسقاتمايدىغان كىتابلار بولغانلىقى ئۈچۈن،بىر نەشىرىياتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بازارغا يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدۇ.دېمەككى ئۇيغۇرتىلىدا بېسىلىدىغان كىتابلار ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاندا باشقا تىللارغا مۇراجەت قىلىش ئاقىلانىلىق.يازغۇچىنىڭ بىلىمسىزلىكى ئەسەرنىڭ ھەرقايسى سۈپەت ئۆتكەللىرىگە بىۋاستە تاقالغان بولغاچقا،پەۋقۇلاددە تالانتى ھېساپقا ئالمىغاندا بىلىمگە توشمىغان يازغۇچىلاردىن مەشھۇر ئەسەرلەرنى كۈتۈش بىھۇدىچىلىكتىن باشتا ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ.بۈيۈك ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشى،ئۆز ئەسەرلىرىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۇنۇش ۋە تولۇقلاش ئۈچۈن مەن يەنىلا كۆپ تەرەپلىمە بىلىمنى تەكىتلەيمەن.بۇخىل بىلىم دائىرىسىگە ھەممە پەنلەرنى كىرگۈزۈش مۇمكىن.ئەڭ بولمىغاندا ئەدەبىياتقا زۆرۈر بولىدىغان غول ۋە تارماق پەنلارنى...
        ئوبزورچىلىق ھەققىدە: مەن ئوبزورچىلىقىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ ئۆكۈنگۈچىلەرنىڭ بىرى،بىراق پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگۈچى ئەمەس.ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ: ﺑﺎھا ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺵ. ﺷﻪﺧﺴﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺑﺎھا ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﻣﯧﻨﻰ ﺟﻪﻟﺐ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﯮﺑﯧﻴﻜﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭ. ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺑﺎھا ﻧﯩﺴﺒﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﺑﯘ ﻧﯩﺴﺒﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻴﻨﻪﺯﯨﺮﻯ، ﻳﻪﻧﻰ، ﯰﻧﯩﯔ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻣﻪﯞﻗﻪﺳﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎھا ﺳﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭙﻠﯩﻘﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﯬﻛﺴﯩﭽﻪ،ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺷﻨﯩﯔ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﯩﺪﻩ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯩﻨﻜﺎسنى ﯪﺳﺎﺱﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎھا ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﯪﻧﺪﯨﻦ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭙﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﻰ - ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﯬﺳﻪﺭﮔﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﺩﯦﻜﺘﺎﺗﯘﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ھەﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﯬﺳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵﺧﺎھىشقاﺎﺋﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﺷﯘﻧﺎﺳﺘﯘﺭ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-6 15:21  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 23:00:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەخمەت ھەمدۇللا («قۇمۇل ئەدەبىياتى»  ژۇرنىلىدىن)


IMG_6564.JPG


قىسقىچە ئارخىپ:
ئەخمەت  ھەمدۇللا 1965-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1987-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىىڭ ئەدەبىيات فاكولىتىتىنى پۈتتۈرۈپ «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشكەن. ھازىر «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر .
ئەخمەت ھەمدۇللا 1983 –يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ ، ھازىرغىچە 150 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، ھېكايە ، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان . ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇمۇلنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە . ئۇنىڭ بۇ ئىزدىنىشلىرىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى بولغان« قۇمۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر » ناملىق كىتابى 2012 –يىلى « مىللەتلەر نەشىرىياتى »تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى .
ئىجادىيەت قاراشلىرى : مەن ئۇزۇن يىللىق تەھرىرلىك ھاياتىمدا نۇرغۇن ئاپتورلار بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىرلەشتىم . مەن بۇ جەرياندا بىرىنچىدىن، ئىجادىيەت ئىزچىللىقىنىڭ ناھايىتى موھىملىقىنى ھېس قىلدىم . ئىجادىيەتتە نەتىجە قازانغان ئاپتورلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ، بىر قىسىم ئاپتورلار « ئىلھام كەلمىدى ، يېڭى پىكىر يوق » دەپ قەلەمنى تاشلاپ قويىدۇ . پىشقەدەملەر « قەلەمنى تاشلاپ قويما ، دات بېسىپ قالىدۇ » دەپ ناھايىتىمۇ توغرا ئېيتقان . شۇڭا مەن ئاپتورلار بىلەن كۆرۈشكەندە ، ئۇلارغا دائىم يېزىپ تۇرۇشنى ، قەلەمنى تاشلاپ قويماسلىقنى تاپىلايمەن . ئىككىنچىدىن ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە شۇ يۆلىنىش بۇيىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش . بەزى ئاپتورلار شېئىرغا قارىغاندا نەسىرىي ئەسەرلەرنى ياخشى يازىدۇ ، لېكىن ئۇلار شېئىردىنمۇ مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ . يەنە  بەزى ئاپتورلار نەسىرىي ئەسەرلەرگە قارىغاندا شېئىرنى ياخشى يازىدۇ ، لېكىن ئۇلار نەسىرىي ئەسەرلەرنى شېئىرغا قارىغاندا تازا ياخشى يازالمايدۇ . نەتىجىدە ، يا پىروزىدا ، يا شېئىرىيەتتە ۋاي دېگۈدەك نەتىجە يارىتالمايدۇ . شۇڭا ژۇرنىلىمىز ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بەزى ئاپتورلارغا قۇبۇل قىلسۇن، قىلمىسۇن ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋاقتىدا بايقاپ ،ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، ئۆزى قاملاشتۈرالايدىغان ژانىرلاردا  مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ بېرىمەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-6 23:43  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش