ئىگىسى: ekremabdumijit

ئەكرەم ئابدۇمىجىت-جەنۇبىي تاغ تەلقىنلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 16:20:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاجى ئېھسان قاۋۇل(«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن)
IMG_8031.JPG

قىسقىچە ئارخىپ:
ھاجى ئېھسان قاۋۇل 1972- يىلى 11-ئايىڭ 28- كۈنى يەكەن ناھىيىسىدە بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى  ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 1991- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە ئۈرۈمچى كەسپىي تىخنىكومىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن 2003-يىل 10-ئايغىچە يەكەن قوشئىرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.2003-يىل 10-ئايدىن 2013-يىلغىچە يەكەن ناھىيىلىك كوناشەھەر مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.ھازىر «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا تەكلىپلىك مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ خىزمەت ئىشلەش جاريانىدا ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ، 2002-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىيات كەسپى بويىچە تولۇق كۇرىسنى تاماملىغان.
     ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1989- يىلى سابىق«يەكەن گېزىتى» دە ئىلان قىلىنغان «كىچىككىنە بىر ئىش »ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ،ھازىرغىچە «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «قەشقەر»، «شىنجاڭ گېزىتى»... قاتارلىق ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا نەشىر قىلىنىدىغان گېزىت- ژورناللاردا 280 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى ئىلان قىلىنغان. «زەرەپشان سۆيگۈسى»، «زەرەپشان گۈلزارى»، « قۇتلۇقنامە» قاتارلىق ئەدەبىي توپلاملارغا بىرقىسىم ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن2010-يىلى  يىڭىدىن تۈزۈلۈپ شىنجاڭ سەھىيە نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان «تىل- ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش  پايدىلىنىش كىتابى»غا  تۆت پارچە ھېكايىسى، ئۈچ پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ  «ئاق ئەتىرگۈل» ناملىق رومانى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن؛ «سالامنامە»ناملىق شېئىرى چاقچاقلار توپلىمى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھازىر «مۇڭ قاينىمى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن «چىكىتسىز تارازا» ناملىق مىكرو ھېكايىلەر توپلىمى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.
      ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق  يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ۋە قەشقەر ۋېلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. يەكەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
  ئىجادىيەت قاراشلىرى:   يۈرۈكۈمگە ئەدەبىيات ئوتى تۇتۇشۇپ ئەدەبىيات ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ھەممىگە ئەدەبىياتنىڭ كۆزى بىلەن قارايدىغان، ھەممە نەرسىنى ئەدەبىياتنىڭ تارازىسى  بىلەن ئۆلچەيدىغان، ئالەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەدەبىياتسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، ھەممە گۈللۈنۈش پەقەت ئەدەبىيات ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك تۇيغۇدا ياشايىتتىم. بىر نەرسە يازمايدىغانلار كۆزۈمگە نورمالسىزدەك كۆرۈنەتتى. گەرچە ھازىرمۇ ئەدەبىيات ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرۈۋاتقان بولساممۇ، قاراشلىرىمدا خېلى چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
  20 نەچچە يىلدىن بېرى ئەدەبىياتنىڭ قىستاڭ كوچىسىدا تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرۈپ «داستىخان» غا تۆككەنلىرىمنى ئانچە كۆپ دەپ كەتكىلى بولىسىمۇ، قۇربىمنىڭ يېتىشچە تىرىشچانلىق كۆرسىىتپ كېلىۋاتقانلىقىم بىر ئەمىلىيەت.
يۇرۈكۈمدىكى ئەدەبىيات ئوتىنىڭ ھېلىغىچە يالقۇنجاپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۆزۈمنى ئىزدەپ تېپۋېلىشقا بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۈرۈپ تۇرىدۇ.
مەن ئەل كۆڭلىگە ياققۇدەك ئەدىپ بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن قەلەمكەشتە ئالدى بىلەن مۇستەھكەم ئېتىقاد بولۇشى، ئۆز مىللىتىنى چۈشۈنىشى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشىرى ھەققىدە مۇكەممەل تۇنۇشقا ئىگە بولىشى، يۈكسەك مەسئۇليەت تۇيغۇسى بولىشى، ئۆگىنىشتىن زېرىكمەيدىغان، جاپاغا چىدايدىغان روھ بولىشى، سەمىمىي، راستچىل،كەمتەر، دۇرۇس بولۇشتەك پەزىلەتلەرگە ئىگە بولىشى، كەسپى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان پىداكارلىق روھى بولىشى تولۇمۇ زورۇر دەپ قارايمەن.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 20:56:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلىتىپ ئىمىن (تۇرپان شەھەر يار يېزا چوڭ كۆۋرۈك مەكتەپتىن)
IMG_7465.JPG

قىسقىچە ئارخىپ: ئابدۇلىتىپ ئىمىن 1964-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇرپان شەھەر سىڭگىم يېزا مۇرتۇق كەنتىدە تۇغۇلغان. 1981-يىلىدىن باشلاپ مائارىپ خىزمىتىگە قاتناشقان. 1985-يىلى 7-ئايغىچە تۇرپان شەھەر سىڭگىم يېزا ئاختام باشلانغۇچ، ئۇلۇقكۆل باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە مۇرتۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1985-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە «تۇرپان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىلەش مەركىزى»نىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان. 1988-يىلى 9-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ماركسىزىم-لېنىنىزىم كافىدراسى ئىدىيىۋى سىياسى خىزمەت كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 2000-يىلى 3- ئايدىن 2007- يىلى 3-ئايغىچە ۋە تۇرپان شەھەر سىڭگىم يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدا مۇپەتتىش  ۋە تۇرپان شەھەر سىڭگىم يېزا مۇرتۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2007-3- ئايدىن ھازىرغىچە تۇرپان شەھەر يار يېزا چوڭكۆۋرۈك مەكتەپنىڭ مۇدىرىلىق  ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.    2008-يىلى 10-ئايدىن بۇيان تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. 2013-يىلى 3-ئايدىن بۇيان شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.ئۇنىڭ ئىجادىيىتى  1992-يىلى 12-ئايدا «تۇرپان گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئانا » ناملىق سۆز ئويۇنى بىلەن باشلانغان.
ھازىرغىچە  300 پارچىغا يېقىن شېئىر ۋە نەسىرلىرى«شىنجاڭ ئاياللىرى»، «مۇخبىرلار ئىشى» «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتېيى»،«كىروران»«تۇرپان»، «شىنجياڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجياڭ ئۆسمۇرلەر گېزىت»، «بايىنغۇلىن گېزىتى» قاتارلىق گېزىت – ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. « تېنچ ئامانلىق بەختىمىز»، «مۇخبىرنى كۆردۈم»، «ھېيت دىگەن ئاجايىپ» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرلىرىم «مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى»، « تۇرپان خەلق رادئىو ئىستانىسى» ۋە «تۇرپان تېلۋېزىيە ئىستانسىسى»دا  ئاڭلىتىلغان .
«ھىدلىرىڭنى پۇرايمەن»، «قىزىل» قاتارلىق ئالتە پارچە شېئىرى ۋە نەسىرلىرى 2009–يىلىدىن 2012-يىلىغىچە «تۇرپان گېزىتى» ئويۇشتۇرغان «خوشناۋا»، «ئىدىقۇت قەسىدىسى»، «ئۈزۈمزار ناۋاسى» ، «كارىز سۆيگۈسى» قاتارلىق مۇكاپاتلىق بەدئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە تۆت قېتىم 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئىجادىيەت قاراشلىرى: مەن ئىجادىيەت توغرىسىدا ئويلىساملا رەخمەتلىك ئاتام ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ. چۈنكى مەن ئېسىمنى بىلسەملا ئاتامغا ئەگىشىپ، مەكتەپكە بارىدىغان بولغاچقىمىكىن، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا ساۋادىم چىقىپ كېتىپ، ئوقۇشنى باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىدىنلا باشلىغان . 70-يىللاردا ھە دىگەندىلا كەنىتتە  ياكى مەكتەپتە دائىم دىگۈدەكلا ئويۇن قويۇلۇپ، ئاتام يازغان لەپەر، ناخشا كومىدىيە ...لەرنى قىزىقىپ كۆرەتتۇق. (مەن بۇلارنى كېيىن ئاتامنىڭ يېزىقچىلىق خاتىرىسىدىن كۆرگەن). ئاتام ئۆيدىمۇ، يولدىمۇ، كۈندۈزىمۇ، كېچىسى شام يورىقىدىمۇ كىتاپ كۆرىدىغان «كىتاپخۇمار مۇدىر» بولۇش بىلەن بىرگە ماڭىمۇ دائىم ياخشى كىتاپلارنى ئەكىلىپ بېرەتتى. مەن باشلانغۇچ ۋاقتىمدىن باشلاپلا رومان ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىدىم. ھەتتا قوشنىلارنىڭ، تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە توي بولسىمۇ چاتىقىم يوق دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرەتتىم. دەسلەپتە «قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە»،« نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز»،« قىزىل قىيا»،«چەكسىز ئورمان قارلىق دالا»..، دىگەندەك كىتاپلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، كېيىنچە «سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە»، «باھار»، «تەڭرى تاغقا مەدھىيە» لەرنى ئوقۇدۇم. شۇنداقلا « سۇ بويىدا »دىكى نەزمىلەر، پاساھەتلىك، راۋان، ئويناق، بەدئىي تىللار مېنىڭ شېئىرى تۇيغۇمنى ئويغاتقان. 1980-يىلى ئاتام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئاپامنىڭ تارتقان جاپالىرى، بىللە ھېيتلاپ بىللە ئوينايدىغان، بىزەكلىكتە بىللە قوي باقىدىغان  قىز-ئوغۇل دوستلىرىمنىڭ ساددا، قىزغىن، مېھىرلىك، مۇھەببەتلىك، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى، ساددە دېھقان قېرىنداشلىرىمنىڭ تۇرمۇشى، يۇرتۇمنىڭ ، مۇرتۇق غول ئېقىنىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ، يالقۇن تاغنىڭ سېھىرلىك مەنزىرىسى شېئىر يېزىش ئىشتىياقىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.شۇنىڭ بىلەن 1985-يىلىغىچە ئاتامنىڭ ئۇسۇلى بويىچە پەسىللىك قىلىپ تۈپلەپ قويغان ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››...قاتارلىق ھەر خىل ژۇرناللاردىكى شېئىرلارنى ئوقۇش ۋە گاھىدا تەقلىد قىلىپ يېزىش، گاھىدا تەسىرات خاراكتىرىدە شېئىر يېزىشنى مەشق قىلىشقا باشلىدىم. بىر نەچچە نەشرياتلارغا ئەۋەتكەن بولساممۇ ئېلان قىلىنمىغاچقا ئازراق ئىچىم پۇشتى. 1986-يىلى «تۇرپان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىلەش مەركىزى»دە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە شۇ مەكتەپكە پىراكتىكىغا كەلگەن ياسىن نىياز مۇئەللىم ( ھازىرقى تۇرپان تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپت ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى) ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرژىكى قۇرۇپ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بىر ئاز خەۋىرى بار ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىققا تەشكىللىدى. غۇلجىدىن كەلگەن تاش مۇھەممەت دەيدىغان بىر مەكتەپدىشىم ئارىلاپ قانداق يېزىش ھەققىدە مەسلىھەت بەردى. ياسىن مۇئەللىم ياخشى دەپ قارالغان ئەسەرلەرنى يىغىپ تۇرپان خەلق رادىئو ئىستانسىسىغا يوللاپ بەردى. شۇ يىلى 5-ئايدا «شامالچى ۋە مەن» دىگەن شېئىرىمنى رادىئودىن ئاڭلىغىنىمدا خۇشاللىقىمدىن ھاياجانلىنىپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي قالغان ئىدىم. بۇ ئىش ماڭا نىسبەتەن كۈل ئاستىدا ئارانلا يېنىپ تۇرغان چوغنى پۈۋلەپ ياندۇرغاندەكلا ئىش بولدى. مەن شۇندىن ئېتىۋارەن مەيلى ئېلان قىلىنسا قىلىنمىسا كۆرگەن، تەسىر قىلغان ، ئويلىغان، ھېس قىلغانلىرىمنى شېئىر شەكلىدە يېزىپ، ھەم ئىلگىرىكى تەقلىد قىلىپ يازغانلىرىمنى كۆيدۈرۋېتىپ يېڭىدىن مۇستەقىل يازغان شېئىرلىرىمنى خاتىرەمگە رەتلەپ نەچچە خاتىرە توشقۇزغان بولدۇم. بۇ مەزگىلدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زوردۇن سابىر، چىڭغىز ئايتماتوۋ، ناۋائى،... ھەييام قاتارلىق ئاتاغلىق يازغۇچى، شائىر، ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ كەلدىم. گېزىت ۋە ژورناللاردىكى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، ئۇسۇللىرىنى سېلىشتۇرۇپ، باقتىم. ھەر بىر ھېيت بايرام ، خاتىرە كۈنلەردە نەق مەيداندا يېزىپ ئوقۇپ بېرىپ يۈردۈم. «چوغلۇق باللادىسى» ... قاتالىق ئەسەرلەرنى نەسرى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ كۆردۈم.
  مەن ئىجادىيەتكە ئىشتىياق باغلىغاندىن باشلاپلا ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئەدەبىي ئوبزور، گېزىت ژورناللارنىڭ ئەدەبىي بەتلىرى ئارقىلىق ئۆزەمنى تەربىلەشنى ئادەت قىلدىم ، 1992-يىلىدىن باشلاپ شۇ ۋاقىتتىكى «تۇرپان گېزىتى» مۇھەررىرى، ھازىرقى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، تۇرپان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەرجان سىدىقنىڭ پائالىيەتچانلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن «تۇرپان گېزىتى» ئىدارىسى ھەر يىلى دىگۈدەك مۇخبىرلارنى تەربىلەش كۇرسى، يازغۇچىلارنى تەربىلەش سىمنارىيەلىرىنى كۆپلەپ تەشكىللەپ تولىمۇ پائالىيەتچان بولدى، گېزىت ئەدەبىي بېتىدە تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى قانات يايدۇردى. بۇ نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىپ ، ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، يېتەكلىدى، ئىجادىيىگە مەدەت بەردى. شۇ قاتاردا مەنمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە مول بىلىم ئالدىم ۋە ئىجادىيەت ساھەسىدىكى قەلەمكەشلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەجىرىبە ئىگەللەش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. بۇ ئەدەبىي جەھەتتە تەربىلىنىشىمگە ئالاھىدە يېتەكچى، يېزىقچىلىقىمغا تۈرتكە بولدى.
شۇ مەزگىللەردە ئۆمەرجان سىدىق ھەر قېتىم ئەكەلگەن ئەسەرلىرىمنى ئېرىنمەي نەق ۋاقتىدىلا كۆرۈپ، ئاددى ياكى مۇرەككەپلىكى، بەددىئىيلىكى، سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى جەھەتلەردە ئۆز پىكرىنى بېرەتتى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى ئەسكەرتىپ قوياتتى. ئەكبەر نىياز پەتتارى بولسا«سىز ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىڭىزنى ئەسلى ئارگىنالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇڭ، شۇندىلا قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىڭىزنى، سۆزلەرنى قانداق ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالالايسىز»دەيتتى. مۇھەررىرلارنىڭ بۇنداق سەمىمىلىكى، ئەستايىدىللىقى، قىزغىنلىقى مېنى تەسىرلەندۈرۈپ، قەلەمنى تاشلىيالماس قىلىپ قويدى. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئىش 1990-يىللاردىن باشلاپ مەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدىكى ئۇستازىم ماخمۇتنىياز يۇسۇپ بىلەن خىزمەتداش بولۇپ ئىشلەپ قالدىم. ئۆزى يومۇرستىك، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ھازىر جاۋاپ، نەق مەيداندا شېئىر ۋە چاقچاقلارنى يېزىپ پائالىيەت ئەھلىىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدىغان كىشى ئىدى. ئۇستازىم مېنىڭ يازغانلىرىمغا ئىلھام بېرەتتى، ئۆزىنىڭ يازغانلىرىنى تۈزىتىپ بېقىشقا بېرەتتى، ئۇستازلىرىم مېنى ئىزچىل قوللاپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت تەربىلىنىشلىرىگە، يىغىلىشلىرىغا بېرىشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرەتتى.
1987-يىلى مۇرتۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى رېشىت باراتنىڭ قوللىشى بىلەن مەكتەپ ئىتتىپاق ياچىكا نامىدىن «يېڭى باغ» ناملىق ئەدەبىي ژورنال چىقىرىپ قوشنا مەكتەپ ۋە يېزىغا ئەۋەتىپ تۇردۇم.  ھەم شۇ مەزگىلدە قىسقا خەۋەرلىرىم «تۇرپان» گېزىتى ۋە «تۇرپان تېلىۋىزىيىسى»دە ئېلان قىلىنىپ تۇردى.
يەنە ئۇستازىم مەخمۇتنىياز يۈسۈپنىڭ قوللىشى بىلەن 2011-يىلى سىڭگىم يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاساس قىلىنغان، مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئەسەر مەنبەسى قىلىنغان «مەرىپەت ئاۋازى» گېزىتىنى چىقاردىم.
مانا ھازىرغىچە كۆپ قېتىم ئەدەبىي ئىجادىيەت تەربىلىنىش كۇرسلىرى، ئەخلاق تەربىيە تايانچلىرىنى تەربىيلەش ۋە كەسپى تەربىلىنىش كۇرسى، قىسقا مۇددەتلىك ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ كەلدىم. ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىكى تەربىلىنشتە ماڭا نىسبەتەن«لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 5-قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسى»غا قاتنىشىشىم  كەڭ دائىرىلىك، يوقۇرى دەرىجىلىك، ھەر مىللەت ھەر ساھەدىكى ئاتاغلىق يازغۇچى، شائىرلار بىلەن تونۇشۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشتەك ياخشى پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى.
مانا ھازىرغىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە نۇرغۇن دوستلىرىم بار بولدى، ئۇستازلىرىمدىن، خىزمەتداشلىرىمدىن، دوستلىرىمدىن، نۇرغۇن تونۇش ۋە ناتۇنۇش ئوقۇرمەنلىرىم بار بولدى، ئۇلار ھەر بىر ئەسىرىم ئېلان قىلىىشى بىلەن تېلىفۇن ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق تەبرىكلەپ ماڭا ئىزچىل ئىلھام مەدەت بېرىپ كەلدى. تېخىمۇ سۈپەتلىك تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يارىتىشىمغا تۈرتكە بولدى.
مېنىڭچە  قەلەم ئىگىسى بولغان ئادەم ئۆزىدە ئەدەبىي گېن، ئەدەبىي دىت بولغان ئىكەن ئۇنى ئاشكارىلاش كېرەك. يازغۇچى تەبىئىي تالانتىغا تايىنىپلا قالماي، تەربىلىنىش ئارقىلىق، مەشق ئارقىلىق، ئىزدىنىش ئارقىلىق، تەجىرىبىلىكلەردىن يېڭىلىق ئىگەللەش ئارقىلىق ئۆز بىلىمىنى موللاشتۇرۇشى، تالانتىنى پەرۋىش قىلىشى، تاۋلىشى، يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بەددىئىلىك ، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىپادىلەش، ئىلھام ئېلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
بىر قەلەم ئىگىسى ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش، ئۆزىنى كۆرسىتىش، بىركىملەرنى ماختاش ۋە تەنقىت قىلىشنى مەقسەت قىلىۋالماي ، يېزىش ئۈچۈنلا يازماي، ئەدەبىياتقا بولغان ئەستايىدىللىق، ئەدەبىياتقا بولغان سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى، جەمئىيەتكە ، دەۋرگە، مىللەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بولىشى، باشقىلار ھوزۇرلىنالايدىغان، ھاياجانغا سېلىپ، قەلبىنى تىترىتىپ، تەپەككۈرىنى ئويغىتالايدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدىغان، باشقىلارنى ياخشىلىققا يېتەكلىيەلەيدىغان ھەر بىر يۈرەكتە  ئۈمىت ئۇچقۇنى ياندۇرالايدىغان ھالدا يېزىش كېرەك. ئۆزى ئۈچۈنلا يازماي، جەمئىيەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئەۋلاتلار ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن دەيدىغان مەسئۇلىيەت ۋە تۇيغۇدا يېزىش كېرەك.  
ئەڭ مۇھىمى يازغۇچىدا ئۆزىنى ئۇنتۇغىدەك ئىشتىياق،ئۆزىنى ئاتىغىدەك ئېتىقاد بولۇشى كېرەك،
يازغۇچى، شائىر ئەڭ ياخشىنى يېزىش بىلەن بىرگە ئۆزىمۇ ئەخلاق ۋە ئادىمىلىك جەھەتتىمۇ، ۋىژدان ۋە ۋاپا جەھەتتىمۇ ئۈلگە بولىشى، ھىچ بولمىسا نورماللىقنى ساقلىشى كېرەك.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 22:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان (ئاۋات ناھىيەلىك ئىستاتىكا ئىدارىسىدىن)
IMG_8549.JPG

قىسقىچە ئارخىپ
: يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان1973-يىلى 12-ئىيۇل ئاۋات ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ناھىيىسىدە تاماملىغاندىن كېيىن ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىدە ئوقۇغان. 1991-يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ ،مولھوسۇللۇق 1-مەيدان پارتكوم ، ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدا كاتىپ، تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا  شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش سىنىپىنىڭ  خەنزۇ تىلى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن.2002-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ،2012-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئاۋات ناھىيىلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
1988-يىلى «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان«ئەلۋىدا بەڭۋاشلىق» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ،شېئىر ئېجادىيىتى بىلەن بىرلىكتە بارا-بارا  پىروزا ، ئەدەبىي تەرجىمە ،خەتتاتلىق قاتارلىق تۈرلەر بويىچىمۇ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 350پارچىدىن كۆپرەك شېئىر،ئون نەچچە پارچە ھېكايە،ئەدەبىي ئاخبارات، بىر نەچچە پارچە ئوبزور،ئون نەچچە پارچە تەرجىمە ئەسەر ،دولان مەدەنىيىتى ۋە باشقا تېمىلار بويىچە يىگىرمە  نەچچە پارچە ماقالە، 100پارچىغا يېقىن ھۆسىنخەت ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. 1995-يىلى «تۇرپان گېزىتى» ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئويۇشتۇرغان«يېشىل مەرۋايىت» مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە «يارات تەڭرىم بىر دۇنيا » ناملىق شېئىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.«قىرغاقسىز دەريا»(شېئىرلار)، «دولان دىيارىدىكى مۇقام ناۋاسى»(سەھنە سىنارىيىسى) قاتارلىق ئەسەرلىرى 2008-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوندا بىر يورۇق نۇقتا »پائالىيىتى بويىچە مۇنەۋۋەر  ئەسەرلەرنى باھالاشتا «بىر ياخشى ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «ئۇيغۇر ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنىڭ دولان چالغۇلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى » ناملىق ماقالىسى ۋىلايەت بويىچە «جىجاڭ لوڭقىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىرغا قەدەر «تارىم ناۋاسى»،«ئۇيغۇر خەلق كۈلدۈرگىلىرى»، «ئۈلگۈلۈك ماقالىلەر توپلىمى»، «ھۆسىنخەتلەر،ئۆرنەك رەسىملەر»، «تەكلىماكان چېچەكلىرى » قاتارلىق كىتاب ۋە توپلاملارغا بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.بىر قىسىم شېئىر، ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى »قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تۈزۈپ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان « غەربىي يۇرتتا چاقنىدى تارىم » (خەنزۇچە)،شائىر،ئەدەبىي تەرجىمان سۇدېشىننىڭ «بىر دەستە نۇر ئۆتتى يالت قىلىپ» (خەنزۇچە)ناملىق شىئېرلار توپلاملىرىغا بىر قانچە پارچە ئەسىرى كۆرگۈزۈلگەن.يېقىندا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى تەرىپىدىن «قىرغاقسىز دەريا»، «شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار»، «ئۇيغۇر دولانلىرىدا ئوۋچىلىق» ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىندى. «شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى» تەرىپىدىن «ئۇپۇقتىن تارىغان كۈيلەر» ناملىق بالىلار پوۋىستى نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۈق يازغۇچىلار جەمىئيىتى ۋە خەتتاتلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى
.
ئىجادىيەت قاراشلىرى: دادام ۋە ئاپام ئوقۇتقۇچى، يەنە كېلىپ دادام ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن، كىتاب-ژورناللارنى تۈجۈپىلەپ ساقلايدىغان بىلىمخۇمار كىشى بولغاچقا، ئۆيىمىزدە ئەدەبىي كىتابلار، «تارىم»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللار كۆپ ئىدى.مېنى ئەدەبىياتقا باشلىغان ئامىل شۇ بولسا كېرەك.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ، ئاز-تولا بىر نىمىلەرنى يېزىپ باقىدىغان بولدۇم.1988-يىلى تولۇقسىزنىڭ ئۈچۈنجى يىللىقىدا «ئاقسۇ گېزىتى» دە «ئەلۋىدا بەڭۋاشلىق» ناملىق شېئىرىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى ماڭا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى.شۇنىڭ بىلەن راھىتىدىن جاپاسى تولا، باش-ئايىقىغا كۆز يەتمەيدىغان بۇ كوچىغا تەمتەسلىگىنىمچە كىرىپ كەلدىم.
دەسلەپتە باشلانغان ساددا ھەۋەس بارا –بارا ئۇلغىيىپ كۈچلۈك مۇھەببەتكە ئايلاندى.ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببەت تەدرىجى ھالدا پاكلىق، ھەققانىيەت، ھالاللىق، ئىزگۈلۈككە، قوۋمى-قېرىنداشلىرىمغا، يۇرت-ماكانىمغا بولغان ئاشىقانە سۆيگۈ سۈپىتىدە لاۋۇلداشقا باشلىدى.مۇشۇ سۆيگۈدە ھەقنى ،ئۆزۈمنى  قايتىدىن تونۇدۇم ۋە قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
ئاجايىپ ئىچكى تىندۇرمىلارغا ئېگە قەدىمىي بىر قوۋمنىڭ شائىرى بولۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.ھەقىقىي شائىردا شاختا چاڭىلداپ سايراۋاتقان بۇلبۇلنى بىلىكىگە قوندۇرىۋالالىغۇدەك ماھارەت بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. شېئىرلىرىمدا ئۆز ئاۋازىمنى، ئۆز يولۇمنى تېپىشقا تىرىشىپ كەلدىم، لېكىن گاھىدا يازمىلىرىمدىن شۈبھىلىنىپ،تېڭىرقاپ تۇرۇپمۇ قالىمەن.شۇڭا گاھىدا ھېكايە، نەسىرلەرمۇ يېزىلىپ قالىدۇ، ماقالە، تەرجىمە، خەتتاتلىقمۇ گاھىدا زىيادە قىممەت بولمىغان ۋاقتىمغا چاڭگال سالىدۇ. بۇ « ئۈجمە كۆڭۈل» لىكىمدىن بەك ئۆكۈنۈپمۇ كەتمەيمەن.بىرەر ساھەدە ئۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىشنى نىشان قىلساممۇ ئۆزۈمگە ئېغىر بېسىم قىلىۋالمىدىم.خۇشھال بولىدىغىنىم مەيلى قانچىلىك ئېتىراپ قىلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، ۋۇجۇدۇمدىكى قانغا قوشۇلۇپ كەتكەن ئارزۇ- ئىستەكلىرىمنى  ئىپادىلەش يولىدىكى مەنىۋىي ھاسىلاتلىرىمنى ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ دەستۇرخىنىغا مادارىمنىڭ يېتىشىچە سۇنۇپ كەلدىم. مال-دۇنيا، ئەمەل ۋەسۋەسىلىرىگە ۋە باشقا دۇنيا غەملىرىمگە باشچىلاپ كىرىپ كەتمىگىنىمگە قارىغاندا بۇ يولدا بىر ئۆمۈر ماڭسام كېرەك!


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 00:59:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسارەت جاپپار (خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىتىن )
IMG_7877.JPG

  قىسقىچە ئارخىپ: جاسارەت جاپپار 1972-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى قاراقاش ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.1995-يىلى غەربى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنۋىرىستىتىنى پۈتتۈرۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنغان.ھازىرغىچە شۇ مەكتەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە.
   جاسارەت جاپپار قولىغا قەلەم ئالغاندىن بېرى ئىزچىل تۈردە بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ۋە بۇ ساھەدە سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان تالانتلىق بالىلار يازغۇچىسى.
   جاسارەت جاپپارنىڭ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە تۈزۈلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات، مۇزىكا دەرسلىكلىرى ۋە ئالى پېداگوگىكا تېخنىكومى ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە 30پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.«كېپىنەك قىز»،«بالىلىق ئەسلىمىسى»،«قونچاق بالا»،«كۆڭۈللۈك تەنەپپۇس»،«تىنچلىق كەپتىرى» قاتارلىق 20نەچچە تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ بالىلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىغا ئايلانغان. «سىڭلىم»،«ئوغۇزخان» ناملىق شېئىرلىرى 2003-،2007-يىللق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
   ھازىرغا قەدەر«ئوينايدىغان بالا بارمۇ(بالىلار شېئىرلىرى،ھەميازما)»، «قۇشقا ئايلانغان بالا(بالىلار چۆچەكلىرى)»،«چوغباش بىلەن شوخباش(بالىلار چۆچەكلىرى)» ،«ئوسما ئوغرىسى(بالىلار ھېكايىلىرى، ھەميازما)»، \«سالام،مۇئەللىم(بالىلار ھېكايىلىرى)»، «ياغاچ قولاق (بالىلار رومانى)»،«بۆرە قىز(بالىلار رومانى)\»،«قار ئاۋازى(بالىلار شېئىرلىرى)»،«چۆچەكلىرىم نەدە سەن(بالىلار شېئىرلىرى)»،«ئۈچ پۇتلۇق تايغان(بالىلار چۆچەكلىرى)» قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان.
ئىجادىيەت قاراشلىرى: بالىلىق دۇنيا ئاجايىپ سېھىر خاسىيەتكە  تولغان بولىدۇ. بالىلار كىتاپ ئارقىلىق ئۆزىنى ئوقۇيدۇ، تەبىئەتنى ئوقۇيدۇ ، كەلگۈسىنى ئوقۇيدۇ. مەن بالىلار ئەسەرلىرىم ئارقىلىق ئىزچىل بالىلارنىڭ قەلىپ تىۋىشى بىلەن ئۇنسىز سىردىشىشنى ئىزدەپ كەلدىم. ھەر قېتىم بالىلارنىڭ ئۈمىدكە، ئۆزىگە، غۇرۇرغا تولغان كۆزلىرىگە باققىنىمدا ئۆزەمنى ئۇلارغا مەڭگۈ قەرىزداردەك ھېس قىلىمەن. يازغانسىرى شۈنچە قىينىلىمەن، قىينالغانسىرى يەنە شۇنچە ھوزۇرلىنىپ يازغۇم كېلىدۇ. بالىلىقىمدىكى نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللار دائىم  مېنى قوينىغا چىللاپ تۇرىدۇ.  بۇ ئەگرى-توقاي يوللاردا ھەم مېنىڭ ھەم ماڭا ئوخشاش سانسىزلىغان بالىلارنىڭ ئىزلىرى بار.  بۇ ئىزلار نۇرانە ئۇپۇقلارنى سۆيسە، بەلكىم گۈزەل كەلگۈسىگە تۇتىىشىدۇ.
بالىلىرىمىز رىقابەت كەسكىن، ھەر خىل مەدەنىيەتلەر بالىلارنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىيالى دۇنياغا مەسخۇس قىلىۋېتىشمۇ توغرا ئەمەس. بالىلار يازغۇچىلىرى بالىلارنىڭ ھاياتلىق ئىكولۇگىيىسىنى نۇرلاندۇرىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش ئىدىيىسىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكى،  مىللەتنىڭ تىل ۋە يېزىقىنىڭ سادىق قوغدۇغۇچىلىرى بولۇشى،  بالىلارنىڭ سۈزۈك تۇيغۇلىرىغا ياندىشالايدىغان، بالىلار ئارزۇ-ئارمانلىرىغا كۈچ بېغىشلىيالايدىغان بولىشى كېرەك.
بالىلار ماڭا مەدەت بېرىڭلار. مەن ئىجادىي ئەسەرلىرىم بىلەن بۇ يوللاردا بۇينىڭلارغا گۈل-چەمبىرەك ئاساي. ناندەك پاك قولۇڭلارنى ماڭا سۇنۇڭلار، مېنى ئۆزەڭلارنىڭ گۈزەل دۇنياسىغا باشلاپ كىتىڭلار. مېنىڭ ئاراڭلاردا مەڭگۈ بالا بولغۇم بار.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  322
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 193
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 01:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئەكرەم ئابدىمجىت، بىزگە سۇنغان گۈل دەستىڭىزگە رەخمەت!
لۈشۈن ئىنىستىتوتىدىكى قەلەمكەش دوستلار ئامان بولۇڭلار!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 01:25:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېشىت ئېلى («شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى)
forum.jpg

قىسقىچە ئارخىپ:
ئابدۇرېشىت ئېلى 1973- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1992- يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. 1994-يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خوتەن ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە تەسىس قىلغان تىل-ئەدەبىيات مەخسۇس كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان. تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە بۇغالتىر، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومدا تىل-ئەدەبىيات، يېزىقچىلىق ۋە كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى، ئىچكى ژۇرناللاردا تېخنىك مۇھەررىر، گۈزەل-سەنئەت، مۇقاۋا لايىھەلىگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان تورى «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى.
  ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1992- يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ گېزىتى»... قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنالدا «شېئىر بىر كېسەلدۇر ماڭا چاپلاشقان»، «ئىچىمدىكى قەشقەر»، «تۇپا رەڭ ئاپتاپ» قاتارلىق 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى؛ «زۆھرە»، «ۋوي-ۋوي»، «راسىت ۋە يالغان ئارىلىقىدا» قاتارلىق 20 پارچىغا يېقىن ھېكايە-نەسر، خاتىرىلىرى ؛ «مېنى قۇتقۇزۇڭلار» قاتارلىق 10 پارچىغا يېقىن ماقالىلىرى ۋە ئاخبارات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 10 نەچچە پارچە شېئىرى ۋە ھېكايىسى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «شېئىر بىر كېسەلدۇر ماڭا چاپلاشقان»، «مۇنچا ۋە باشقىلار»، «بۈگۈنكى زامان ئادىمى»، «چېچەك پەسلى»، «36- ناخشا» ... قاتارلىق 10 نەچچە پارچە شېئىرى خەنزۇ تىلىغا؛ «ئىچىمدىكى قەشقەر»، «ئۆلۈم» قاتارلىق شېئىرلىرى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سالغا تېشى» (خەنزۇچە كىتاب)، «يۇرۇڭقاش ئۈنچىلىرى»، «يۇرۇڭقاش شادلىقى»... قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2007-يىلى قازاقىستاندا چىقىدىغان «مەرىپەت» ناملىق سىلاۋيانچە گېزىتتە 10 نەچچە پارچە شېئىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.
ئابدۇرېشىت ئېلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئىجادىيەت قاراشلىرى: مەن شېئىر ئارقىلىق بىرەر مەقسەتكە يېتىشنى ئويلاپ باقمىدىم. شېئىر يېزىش ئارقىلىق دېيەلمىگەنلىرىمنى ياكى دېمەيدىغانلىرىمنى ئاشكارىلايمەن ھەم شۇ ئارقىلىق ئىچىمنى بوشىتىشنى ئويلايمەن، ئەپسۇسلىنارلىقى، شېئىر يېزىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىچىمنىڭ بوشىمىغانلىقىنى، دەرتلىرىمنىڭ تېخىمۇ لىقلاپ پاتماي قېلىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. شېئىر ئارقىلىق بىر خىل روھىي ئەركىنلىككە ئېرىشىش نىيىتىم بولسىمۇ كەپسىز سۆزلەر يەنىلا بىر خىل شەكىلگە نىقتاپ قويىدۇ. دېمەك، بىر خىل شەكىلدىن قېچىپ يەنە بىر شەكىلگە مەھكۇم بولىمەن. ئەمما مۇشۇ جەرياننىڭ ئەركىنلىككە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمەن.
  بەزىلەرنىڭ «شېئىرىي تىل» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، مەنچە تىلىمىزدىكى ھەر قانداق سۆز كونكرېت مۇھىتتا شېئىرىي تىلغا ئايلىنالايدۇ. شېئىرغا نىسبەتەن «چۈشىنىش» سۆزىنى ئىشلىتىشنى خالىمايمەن، چۈشىنىش شېئىرنىڭ ھالاكىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شېئىر ھەر قېتىم ئوقۇسىڭىز سىزگە يېڭى تۇيۇلۇشى، سىزنى يېڭى بىر دۇنياغا باشلاپ كىرەلىشى ھەم سىزنى نازلىق ساھىپجامالدەك ئۈزلۈكسىز مەپتۇن قىلالىشى كېرەك، بۇ مېنىڭ نەزەرىمدىكى «ياخشى شېئىر» نىڭ ئۆلچىمى. تىل يېڭى، مۇھىت يېڭى بولمىسا شائىر شېئىرغا يۈز كېلەلمەيدۇ. شەيئىلەرگە ئۆز كۆزۈڭ ۋە ئۆز نەزەرىڭ بىلەن قارا. بىر تۈپ قىزىل گۈل سېنى مەپتۇن قىلغان بولسا سەنمۇ بىر تۈپ ئەتىرگۈل ئۆستۈر!
ھازىر بىزدە (بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا) ئەدەبىي ژۇرناللار كۆپ بىراق خاسلىق يوقنىڭ ئورنىدا. «يېڭى قاشتېشى» بىلەن «قۇمۇل ئەدەبىياتى» (بۇ بىر مىسال) نى ئىسمىدىن پەرقلەندۈرۈشكە مەجبۇرسىز. مەنچە «تەڭرىتاغ» بىر خىل يېڭى ئەدەبىياتقا ۋەكىللىك قىلىشى، «يېڭى قاشتېشى» پروزىغا ۋەكىللىك قىلىشى... شۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن تەبىئىي ھالدا باشقا ژۇرناللاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. ھاياتىي كۈچ خاسلىقتا!
بەزى قەلەمكەشلەرنىڭ ژۇرناللاردىن، تەھرىرلەردىن ئاغرىنغىنىغا ھازىرمۇ ھەيرانمەن، بۇ بەلكىم مېنىڭ ئەسەر ئېلان قىلىشتا «تەلەيلىك» قەلەمكەش ئىكەنلىكىمدىن بولسا كېرەك. يازغانلىرىمنىڭ %99 تى ئېلان قىلىنىپ كەلدى، مەن شېئىر ئېلان قىلدۇرمىغان مەتبوئاتنى بارماق بىلەن سانىسا 5 بارماق توشمايدۇ، شېئىرلىرىمنى، نەسىر (قىسمەن نەسرىي ئەسەرمۇ يېزىپ قويىمەن) لىرىمنى ئېلان قىلغان مۇھەررىرلەردىن تونۇيدىغانلىرىم ياكى كۈرەشكەنلىرىم يوق دېيەرلىك ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر خىل ئەدەبىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش جەريانىدا بەزىلىرى بىلەن دىدارلاشتىم، قولىنى سىقىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتقۇم بولسىمۇ تارتىنچاقلىقىم غالىپ كەلدى. شۇڭا قەلەم تۇتقان كەسىپداشلىرىمغا ئېيتقۇم كېلىدۇ: ياخشى (ئېلان قىلىش ئۆلچىمىگە توشىدىغان) ئەسەر مەيلى قەيەرگە ئەۋەتمەڭ ھامان ئېلان قىلىنىدۇ، ياخشى ئەسەرنى چۆرىۋىتىدىغان تەھرىر يوق!
«تاققۇ - تۇققۇ» لىرىم تامام.



Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2182
تۆھپە : 16
توردا: 668
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 01:34:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئەكرەم!!!
سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى مونو شېئىرىم بىلەن ئىپادىلىدىم!!!

سۆيگۈگە تولۇپتۇ ئاي كۈلگەن كېچە


(ئەكرەم ئابدۇمىجىتنىڭ ‹‹ئاي كۈلگەن  كېچە››دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)



قەلەمگە ئىلتىجا قىپتۇ ئەكرەمجان،
‹‹ئاي كۈلگەن كېچە››دە تەنھا ئولتۇرۇپ.
ئىجاتتىن سېلىپتۇ ئۆمرىگە بىر ئىز،
ئەشئاردىن يۈرەككە گۈل نەقىش ئويۇپ.

‹‹بىر لىرىك مىسراغا ئايلىنىپ كەتكەن››،
‹‹گىيالار سۆزلەيدۇ باھار ھۆسنىنى››.
‹‹شىمالنىڭ شۇ قارلىق دالالىرىدا››،
‹‹مۇمكىنمۇ بىر دەقىق ئۇنتۇشۇم سېنى››.

‹‹ئىلىنىڭ يوللىرى››،‹‹قاناسنىڭ كۆلى››،
‹‹سەن بەخىت ماكانى سەن ئۇلۇغ ئانا››.
بىر شىرىن ئەستىلىك بولىدۇ چوقۇم،
‹‹سەن بىلەن يانمۇ-يان ماڭغان كوچىلا››.

‹‹مەن سېنىڭ شائىرىڭ››بىلسەڭ ‹‹موئەللىم››،
ئەڭ يىراق جەنۇپتا ئاددى تىۋىبە.
‹‹چاقچاققا››يانداشقان‹‹ساداقەت››بىلەن،
سۆيگۈگە تولۇپتۇ‹‹ئاي كۈلگەن كېچە››.

بىر دەستە گۈل ئېلىپ بارىمەن چوقۇم،
‹‹كۈت مېنى ئامرىقىم تاڭدەك باھاردەك››.
سەن كەبى ‹‹شائىرلار ئاشىق بولغان قىز››،
تۇرۇپتۇ كۆكتىكى يۇلتۇز ھەم ئايدەك.

‹‹››ئىچىگە ئېلىنغىنى شائىرنىڭ ‹‹ئاي كۈلگەن كېچە››دىكى ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى.

2013-4-2-ئاقتۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-18 01:37  


گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3276
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 202
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 07:55:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئەكرەم!!!
سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى مونو شېئىرىم بىلەن ئىپادىلىدىم!!!....


يائاللا ھەدە !  داڭدار ئەرلەرگىلا  يازىۋەرمەي قەسىدىڭىزنى ئايال يازغۇچىلارغىمۇ  يېزىپ قويىڭە .

رىزۋان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 16:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amangul ezizi.jpg


       ئامانگۈل ئەزىز
       ( «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن)
        ئامانگۈل  ئەزىز 1972 - يىل 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى  كورلا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1993 - يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ بايىغولىن ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى.ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى.

       ئۇ 1987 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، ھازىرغىچە «ئوت ئىچىدىكى ئايال» قاتارلىق100 پارچىغا يېقىن شېئىرى،«بىز مۇھەببەتكە قانداق ئېرىشىمىز؟»قاتارلىق 30پارچىغا يېقىن ماقالىلىرى،«مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»(14-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) «ئايال شەيتان، ياق پەرىشتە» قاتارلىق ھىكايىلىرى «تارىم» «جۇڭگۇ مىللەتلىرى » « شىنجاڭ ياشلىرى» «كروران»  قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇ يەنە تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.  ھازىرغىچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» «شىنجاڭ ياشلىرى» ، «كروران»  قاتارلىق ژۇرناللاردا 30 پارچىغا يېقىن ھەر خىل زانېردىكى تەرجىمە  ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
      ئۇ جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، كورلا شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى، بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق پىسخىك مەسلىھەتچىلەر جەمىيىنىڭ ئەزاسى.
           ئىجادىيەت قاراشلىرى:
     يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن بىر مەسئۇلىيەت ئەمەس بەلكى كۆڭلۈمنىڭ خاھىشى. روھىمنى تاۋلايدىغان پېچ، كەيپىياتىمنى تەڭشەيدىغان پىسخىك دوختۇرۇم . مەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن سەبىي قىز ئىدىم. «باھار ئىلھامى»،«ئۇستازغا» دېگەندەك بىر نەچچە پارچە قەسىدىلەرنى ئېلان قىلىپلا ئۆزىچە مەكتىپىمدە «شائىر» ئاتىلىپ قالدىم. بۇ «ئۇلۇغ» نامغا ئېرىشكىنىمگە پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىم بىلەن مەست بولۇپ يۈرگىنىمدە ئاشۇ خۇشاللىققا قوشۇلۇپ مەكتەپنىڭ تام گېزىتلىرىنى ئىشلەش ۋەزىپىسى ئۈستۈمگە يۈكلەندى. تام گېزىتىنى ھەر ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىم كېرەك ئىدى يەنە كېلىپ مەزمۇنلىرى ئىجادىي بولىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى سۈپەتلىك ئىشلەش ئۈچۈن شېئرمۇ يازدىم نەسىرمۇ يازدىم خەۋەرمۇ يازدىم ھىكايىمۇ يازدىم. شۇ جەرياندا بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر «كىچىك يازغۇچى» بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم. راستىمنى دىسەم ئۇ ۋاقىتلاردا مەندە ئەدەبىيات قارىشى دىگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس پەقەتلا ۋۇجۇدۇمدا ئەزەلدىنلا بار بولغان بىر ھەۋەس تۈپەيلى يېزىقچىلىق قىلاتتىم .
         شۇندىن تارتىپ تەخمىنەن 8 يىل شېئىر نەسىر دىگەندەك نەرسىلەرنى يازغان بولدۇم . ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن«ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى» دە «خەيرىخوش، بەڭۋاشلىقىم» ناملىق بىر پارچە نەسىرىم 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى مەن يازغۇچى ئوخشايمەن دەپ ھەقىقي ئېتىراپ قىلدىم. ئەمما كېيىنچە ئاشۇ سەككىز يىللىق شېئىر ئىجادىيىتىمدە خەقنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك بىرەر پارچە شېئىر يېزىپ باقمىغىنىمنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدىمدە بۇ كوچىدىن چىقىپ كېتىشنى مۇۋاپىق تېپىپ « ياخشى بىر ئوقۇرمەن ، لاياقەتلىك بىر ئوقۇتقۇچى بولاي» دىگەن خىيالدا 10 يىل يېزىقچىلىقنى تاشلىۋەتتىم .
        ئەمما يېزىقچىلىق كوچىسىدىن ئايرىلغىنىمغا نەق ئون يىل بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزۇممۇ تۇيمىغان ھالدا بىر ئىلھام بىلەنلا، بىر كېچە ئۇيقۇمنى ھارام قىلىپ «مەن ،ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم» ناملىق ھىكايەمنى يېزىپ چىقتىم. ئاشۇ ھېكايىنى يازغان جەريانىم ھازىرقىدەك كۆز ئالدىمدا،خۇددى بىرى قۇلىقىمغا پىچىرلاپ ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك ، قەلىمىم تەپەككۇرۇمغا يېتىشەلمىگەن ئىدى. بۇ مېنىڭ تۇنجى ھىكايەم، مەن تۇنجى ھىكايەمدىلا ئاز بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشتىم. ھېكايەم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. گەرچە مۇكاپاتقا ئېرىشىشلا بىر ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىسىمۇ ماڭا نىسبەتەن تۇنجى ھىكايىنىڭ بۇنچىلىك ئېتىراپقا ئېرىشىشى كېيىنكى ئىجادىيەت يۆلىنىشىمنى بەلگۈلەپ بەردى. مەن ئەنە شۇ چاغدا يەنى ئىجادىيەتكە قەدەم قويۇپ 20 يىل بولغاندا ئۆزۈمنىڭ قايسى ژانېردا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانسام بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلىدىم.
       دېمەك ، بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ تۇيغۇلىرىنى پىكىرلىرىنى قانداق بىر شەكىلدە ئىپادىلەشنى بالدۇرراق بايقاشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ماڭا ئوخشاش 20 يىل ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ زادى نىمىنى ياخشى قىلالايدىغانلىقىنى بېكىتىش خېلىلا ئەپسۇسلۇق ئىش چۈنكى ھاياتىمىزدا قانچە 20 يىل بار؟ جىق بولسا تۆت بولمىسا ئۈچ 20 يىلنىڭ بىرى سەرپ بولدى دىگەن سۆز ئاشۇ 20 يىلدا قانچىلىك جىق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغىنىنى ھەممىمىز پەرەز قىلالايمىز. شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ  كەچۇرمىشلىرىم ئارقىلىق ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان ياشلىرىمىزغا ئاۋال مەن نىمىنى يازىمەن؟ قانداق يازىمەن؟ قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشىمەن؟ دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىپ ئاندىن قولىغا قەلەم ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-29 20:02  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2182
تۆھپە : 16
توردا: 668
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 01:38:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ   لۇشۈن ئىنىستىتۇتىنىڭ 5-قارارلىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش كورسىمو غەلبىلىك تاماملىنىپتو،ماڭا ئوخشاش ئەدىبىيات ھەۋەسكارلىرى  تور ئارقىلىق سىلەرنىڭ ئۇگۇنىش ۋەباشقا ساياھەت پائاليىتىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار بولدۇق ھەم  بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ بىزگىمو نېسىپ بولوشىنى ئۇلۇق ئاللادىن تىلىدۇق.
مەن ئىشىنىمەنكى بو كۇرسكە قاتناشقان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەدىپلىرىمىز چوقۇم يېقىن كەلگۈسىدە ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى ياراتقۇسى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 01:46  


گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 18:50:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ 22 كۈنلۈك كورۇس جەريانىدا بېۋاستە پاراڭلىشىش ۋە باشقا شەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۈرۈش ئارقىلىق كورۇسداشلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە ئىجادىيەت قاراشلىرى ھەققىدىكى يىغقان ماتېرىيالىرىم تامام بولدى. بۇ لۇشۈن ئىنىستىتۇتىنىڭ 5-قارارلىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش كورسىنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىراتىنىڭ يەنە بىر موھىم تەركىبى قىسمى. بۇ 22 كۈن كورسانىتلارغا يېڭى قاراش، يېڭى تەپەككۈرلەرنى ئاتا قىلدى. كۆپلىرى ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يېڭى ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدە ئىجادىي ئىلھام ئاساسىغا ئىگە بولدى. مەن ئىشىنىمەن ماڭا سەمىمىيىتى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەدىپلىرىمىز چوقۇم يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشقىسى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2399
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 203
تۆھپە : 0
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:51:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يوللانمىكەن، نۇرغۇن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشىۇۋالىدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  253
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 395
تۆھپە : 4
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 11:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن لۈشۈن ئىنىستىتونىڭ بۇ قېتىملىق كۇرسىدىن قانچىلىك سۆيۈنگەن بولسام، بۇ تېمىدىنمۇ شۇنچىلىك سۆيۈندۈم. ئەكرەم ئابدۇمىجىتىنىڭ خالىس ئەمگىكى ئارقىلىق، كۇرسقا قاتناشقان ئەدىب، ئەدىبە، ژورنالىستلارنىڭ ئىدىيە، كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئېيتقاندەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى يارىتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىلىرىنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ھەممەيلەننىڭ تېنى سالامەت، ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2399
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 203
تۆھپە : 0
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىپسىز،رەخمەت سىزگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش