ئىگىسى: ekremabdumijit

ئەكرەم ئابدۇمىجىت-جەنۇبىي تاغ تەلقىنلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  396
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2284
تۆھپە : 0
توردا: 283
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 14:44:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەپ تېگىدىغان ئېسىل تېما

گۈل ئۈزسەڭ سەھەردە ئۈز،
چولپان كېلۇر كۆز قېسىپ!
         
                                        __ ئاپتۇرى نامەلۇم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1096
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 273
تۆھپە : 0
توردا: 54
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 15:28:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇمۇ بىر ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى بوپتۇ. جەنۇبىي تاغ باغرىدىكى ئەدەبىي تەلقىنلەردىن بىر تەرەپتىن، كۇرسقا قاتناشقان ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەنمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن،  ئىجادىيەت قاراشلىرى ئارقىلىق شۇ ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى ۋە ئىجادىيەت يولى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدىكەنمىز.
   داۋامىغا تەقەززامىز!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2155
تۆھپە : -2
توردا: 722
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 15:34:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان ئۇكا ،ئاۋۇ يېنىڭىزدا تۇرغىنى كىم؟

بېغەملىك-خەلقلەرئۈچۈن ئۈمىتسىزلىكتىنمۇ ئۆتە يامان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  187
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 294
تۆھپە : 1
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 19:15:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسئۇد ئىسا يوللىغان ۋاقتى  2013-7-7 15:34
ئالىمجان ئۇكا ،ئاۋۇ يېنىڭىزدا تۇرغىنى كىم؟

ئۇ لۇشۈن ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇتقۇچۇم،داڭلىق شائىرە ۋاڭ يەندىڭ

قوياش ئوۋلىسۇن دەپ ئورمانلىقتىن چىقتىم ...

تۇران تور تۇراسى : http://alimturan.com

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 697
تۆھپە : 0
توردا: 134
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 19:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەركىن پاراڭ بىلەن ئۆز قەلبىنى ئىپادىلەشمۇ بىر خىل يېقىملىق ، تارتىملىق ئەدەبىي خاتىركەن . ئەكرەم  سېنىڭ بۇ خالىس ئەمگىكىڭ توختاپ قالمىسۇن ... بۇ ئۆگۈنۈش كۇرىسىدىكى بارلىق قەلەمداشلارغا سالام ، تومۇزدا چارچاۋاتقانسىلەر ، ئەمما ، يەنىلا كۆڭۈللۈك تۇيۇلىشى مۈمكىن . چۈنكى ، ئەدەبىياتنىڭ ئوتى باشقىچە بولىدۇ .ھەممىلارغا خوشاللىق يار بولسۇن .

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1423
تۆھپە : 0
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 23:30:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى قاراشلىرىدىنمۇ ئادەم ئۆزىنىڭ كەمتۈك جايلىرىنى تولۇقلىۋالىدۇ . بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ .  
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

قەلبىنۇر ئىلياس

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 02:21:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

akbar.jpg

ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە( بورتالا شەھرى ئۇتتۇبۇلاق بازارلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن )
قىسقىچە ئارخىپ: ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بورتالا شەھرىدە تۇغۇلغان. بورتالا شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 1991-يىلدىن 1993-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاشلىق مەكتىپىدە بۇغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھازىرغىچە بورتالا شەھرى ئۇتتۇبۇلاق بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات ئىشخانىسىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە 1993- يىلى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، «چىرايلىق تەقدىر»، «ئۆزۈمگە بېغىشلاپ» قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن بېرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «پىسخىكىلىق بۆھران»، «مىليۇن ئەتىرگۈل»، « ئالتۇن كەشى يۇتكەن قىز»، «536-بېكەتتىكى قار ناخشىسى»، «دىلبەرنىڭ باش سۆڭىكى» قاتارلىق 30دىن ئارتۇق ھېكايە-پوۋېستلىرى؛ «ئۇنتۇلغان ئابىدە»، «خەيرى-خوش مۇھەببەت» قاتارلىق 400پارچىدىن ئارتۇق شېئىر-داستانلىرى ئېلان قىلىنغان. 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن« ئاخىرقى پۇرسەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2012-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن « ئالتۇن كەشى يۈتكەن قىز» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. «536-بېكەتتىكى قار ناخشىسى» ناملىق ھېكايىسى «18-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ، ئىككى قېتىم «تارىم» ژۇرنىلى «تۆھبە موكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
ئىجادىيەت قاراشلىرى:
ھېكايە قانداق بولۇشى كېرەك؟
يېقىندىن بۇيان ھېكايە ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ھېكايە ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ شېئىر ھەققىدە ئويلىنىشقا ئوخشاشلا مۇرەككەپ ۋە زىددىيەتلىك بىر جەريان ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ روشەن ھېس قىلماقتىمەن. مېنىڭچە بولغاندا ھېكايىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ بىر ئاپتور ئۈچۈن جىددىي زۆرۈريىتى يوق ئىدى. بىر ئاپتور ئۈچۈن جىددىي زۆرۈر بولغىنى ھېكايىنىڭ قانداق يېزىلىش مەسىلىسى ئىدى. ئەمەلىيەتتە ھېكايە قانداق بولسا بولىۋىرەتتى. ھېكايىنى چوقۇم مۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى، دېگەن ئۆلچەمنى مەيدانغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ھەر قانداق بىر ئاپتورنىڭ ھېكايە سۆزلەش سەنئىتىگە گۇمان بىلەن قاراشتىن بۆلەك ھادىسە ئەمەس ئىدى. ئەمما مەن لۇشۈن ئىنىستىتوتىدا ئۆتىۋاتقان ئالدى-كەينى يىگىرمە ئىككى كۈنلۈك كۇرسانتلىق ھاياتىمدا بۇ سۇئال ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. مېنىڭ بۇنداق ئويغا كېلىپ قېلىشىمغا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر سەۋەپ بولىۋاتقان ئىدى.
ھېكايە زادى قانداق بولۇشى كېرەك ئىدى؟
ئاسمانغا قارىدىم، دېڭىز مەۋجۇت بولمىغان ئاسماندىن يامغۇردىن ئىبارەت سۇنىڭ چۈشۈش ئالدىدىكى بىشارەتلىرى كۆزۈمگە پۇراپ تۇراتتى. شەرقىي جەنۇپ تەرەپتىكى بەھەيۋەت تاغلارغا قارىدىم، تاغ چوققۇلىرى يىراق ئۇپۇقنىڭ بىر قىسمىنى توسۇپ تۇراتتى. مەندىن تاغ ئىگىز، تاغدىن ئاسمان ئىگىز ئىدى. ئەقلى ھۇشى جايىدا بىر ئادەم ھېچبىر زامان-ماكاندا مېنى تاغ بىلەن ئاسماندىن ئىگىز دېمەيتتى. مانا بۇ بىز يىللاردىن بۇيان ئۇچۇرىشىپ كەلگەن ھېكايە سۆزلەش سەنئىتى ئىدى. مەنمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مېنىڭ ماددىي رېئاللىقىمدا قايتا-قايتا تۇغۇلۇشۇمغا سەۋەپ بولىدىغان مەنىۋىي كۈچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدىن باشلاپ مۇشۇ خىل سەنئەتتە سۆزلەنگەن ھېكايىلەرنى يازنىڭ قىسقا ئەمما تىنجىق ئاخشاملىرى بىلەن قىشنىڭ ئۇزۇن ئەمما سوغۇق تالاي ئاخشاملىرى ئوقۇپ كەلدىم. سۆزلەنگەن ھېكايىلەرنىڭ يىلسېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ ھېكايىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۈگەپ كەتمەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەندىم. مانا مۇشۇ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ھېكايىلەر ئۇيغۇرلارغا مەمتىمىن ھوشۇرنى، پەرھات تۇرسۇننى، ياسىنجان سادىق چوغلاننى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان ھېكايە سۆزلىگۈچىلەرنى ھەدىيە قىلدى. بىز، شەخسەن مەن بۇنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز ئاتا قىلغان نېمئىتى دەپ چۈشەندىم. جۈملىدىن ئۆزگە ئەل تىللىرىمۇ بىزنىڭ نەزەر ئېتىبارىمىزدىكى ئۆزگە ئەل ھېكايە سۆزلىگۈچىلىرىگە ئانا تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە چىڭغىز ئايتماتوف، نەجىب مەھبۇز، ئورخان پامۇكتەك ھېكايە سۆزلىگۈچىلەرنى يانداشتۇردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان سۆزلەش سەنئىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ بىزگە ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردا ھېكايە سۆزلەپ بەردى. بىز ئۇلار سۆزلىگەن ھېكايىلەرنى ھەيرانلىق ئىچىدە مەست-بىھۇش بولۇپ ئاڭلىدۇق، ھەيران قالدۇق. ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي ھېكايىنى مۇنداق سۆزلىسىمۇ بولىدىكەنغۇ، دەپ پىچىرلاشتىن بۇرۇن ھېكايىنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەنغۇ، دەپ شىۋىرلىدۇق. ئۇلارنىڭ ھېكايىنى قانداق سۆزلىگەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى ھېكايىسىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ئەقلىمىزنى لال قىلدۇق. ئەمەلىيەتتە سەنئەت نۇقتىسىدىن چىقىپ قارىغاندا ئۇلار بىزگە ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ھېكايىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ھېكايىنىڭ قانداق سۆزلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئەسەرلىرى ئارقىلىق يىراقتىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ھېكايىنى قانداق سۆزلەيدىغانلىقىغا ئەمەس ھېكايىنى قانداق يازىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇپ پىكىر قىلدۇق. مانا مۇشۇ چاغدا مەن نامى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەم تىلغا ئېلىنمىغان زور بىر تۈركۈم ھېكايە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزىدىن ئىگىز تاغ ۋە تاغدىن ئىگىز ئاسمان ھەققىدە بىزدىن بۆلەكچە تەپەككۈر، تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىنى غۇۋا قىياس قىلدىم. چۈنكى ئۇلار يازما ئەدەبىيات بىلەن ئېغىز ئەدەبىياتى ئىنسانلارغا نېسىپ بولغان يىراق زامان-ماكاندىن تارتىپ ھېكايىلەرنىڭ تولۇق سۆزلىنىپ بولغانلىقىنى، ئەمدىكى سۆزلەشنىڭ بولسا ئوخشاش بىر سۆزنى ئوخشاش بولمىغان سۆزلەش سەنئىتى بىلەن بايان قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى، نەتىجىدە ئۇلار ھېكايە قانداق بولۇشى كېرەك؟ دېگەن ئىجادىيەت مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئەمەس ھېكايە قانداق سۆزلىنىشى كېرەك، دېگەن مەۋقەدە تۇرۇپ ھېكايە سۆزلىگەچكە يىللاردىن بۇيان تەكرارلانغان سۆزلەردىن يىللاردىن بۇيان تەكرارلانمىغان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ ئەل بىلەن تىلنىڭ سەلتەنەت تەختىدىن ئورۇن ئالدى. مەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدا تالاي-تالاي ھېكايىلەنى قىشنىڭ سوغۇق تۈنلىرى بىلەن يازنىڭ تىنجىق تۈنلىرىگە گۇۋاھچى قىلىپ بولغان ئىدىم. ئەمدى مەنچۇ؟
ھېكايىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمدى مەن ئۈچۈن باش قاتۇرۇشنىڭ ئورنى ۋە زۆرۈريىتى قالمىغان ئىدى. چۈنكى تىل ۋە يېزىق ئۇستىلىرى مېنىڭ ھېكايە ئوقۇش ھاياتىمغا بىۋاستە تەسىر قىلىپ كۆنۈككەن تىل ئادەتلىرىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېقىشنى ئىرادە قىلدۇرغان ئىدى. ئۇ ھالدا مەن قانداق سۆزلىشىم كېرەك؟
مەن بىلەن تىل ئالاقىسى قىلغان ھەر قانداق بىر ئادەم مەن بىلەن بىۋاستە ئەمەس ۋاستىلىق ئالاقە قىلغاندىمۇ، يەنى مىسالەن تېلفۇن ئالاقىسى قىلغاندىمۇ مېنىڭ تېلفۇندىكى شەكىلسىز ئاۋازىم ئارقىلىق مېنىڭ شەكلىمىنى قىياس قىلىدۇكى، ھېچقاچان مېنى باشقا بىرىگە ئالماشتۇرۇپ قويمايدۇ. ناۋادا قارشى تەرەپ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ تۇرغاندا مېنى مەندىن باشقا بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرسا مەن چوقۇم مېنىڭ مەن ئىكەنلىكىم ھەم باشقا بىرسى ئەمەسلىكىم ۋە باشقا بىرسى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى دەرھال ئەسكەرتىمەن. بۇ ھالدا مەن ھېكايە سۆزلەش باسقۇچىغا كىرىپ بىر قېتىملىق ھېكايە سۆزلەش جەريانىنى تاماملاپ بولغاندىمۇ ئوقۇرمەنلىرىم چوقۇم مېنىڭ ھېكايە سۆزلەش سەنئىتىمنىڭ باشقىلارنىڭ ھېكايە سۆزلەش سەنئىتىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. مەن مۇشۇ چاغلاردا مەندىن ئىگىز تاغ بىلەن تاغدىن ئىگىز ئاسمان ھەققىدە تەكرار ئويلاندىم. دېمەك مېنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ھېكايە سۆزلەش جەريانىمدا مەن مەندىن تاغنىڭ ئىگىزلىكى ۋە تاغدىن ئاسماننىڭ ئىگىزلىكى ھەققىدە سۆزلىسەم مەن ھەر بىر قېتىملىق ھېكايە سۆزلەش جەريانىمدا تەكرار-تەكرار مەغلۇپ بولغان بولاتتىم. ھېكايە سۆزلەش جەريانىدىكى بۇنداق مەغلۇبىيەت ئويلىنىش جەريانىدىكى مەغلۇبىيەتتىمۇ ئېچىنىشلىق ۋە ئەھمىيەتسىز بولاتتى. مەن ئۈچۈن سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان مەغلۇبىيەتتىن ئويلىنىش جەريانىدىكى مەغلۇبىيەت شەرەپلىك ئىدى. چۈنكى ئۇ ھالدا مەن بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ خۇدا ئۆلچەملىك بەرگەن ۋاقتىغا خىيانەت قىلمايتتىم. بۇنىڭ بىلەن« قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە» قالغان بولاتتى-دە، مەن ئۆزۈمنىڭ سۆزلىرى سەۋەپلىك شەرەپسىزلىك ھېس قىلىپ قېلىشتىن ساقلىنالايتتىم. شۇڭا مەن مەندىن ئىگىز تاغ ۋە تاغدىن ئىگىز ئاسمان ھەققىدە ئويلىنىشىم كېرەك ئىدى. ئەگەر مەن ئۆزۈمنى تاغدىنمۇ، ئاسماندىنمۇ ئىگىز دەپ سۆز بەرسەم ئېھتىمال باشقىلار مېنىڭ پىسخىكامدىن گۇمانىي ھېس قىلىشى مۇقەرەر ئىدى. شۇڭا مەن چوقۇم ئاۋام ۋە ئوقۇرمەنلەر قوبۇل قىلالىغۇدەك ئۆلچەم ئىچىدە ئويلىنىشىم ھەم ئېغىزدىن سۆز چىقىرىشىم لازىم ئىدى. سۆزنى ئېغىزدىن ئىبارەت زىندان ئىچىدە قانداق مەھبۇس ئەتكەن بولسام ئېغىز زىندانىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ شۇنداق مەھبۇس ئېتىپ تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. شۇ چاغدا سۆزدىن ئىبارەت بۈيۈك نېمئەت ماڭا شەرەپسىزلىك ئاتا قىلىشتىن قولىنى تارتاتتى. مانا مۇشۇنداق زىددىيەتلىك ئويلىنىشلاردىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەت تاغلاردىنمۇ،ئاسماندىنمۇ ئىگىز ئىكەنلىكىمىنى ھېس قىلدىم ۋە ئېتراپ قىلدىم. ئەمدى بۇنى مەن ئېغىز زىندانىمدىن چىقىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزۈمگە پايدىلىق بولغان مۇھىتنى تاللىشىم زۆرۈر بولدى. مەن تەسەۋۋۇر قىلدىم، تەسەۋۋۇرمدا ئەڭ ئىگىز تاغنىڭ ئەڭ ئىگىز چوقۇسىغا چىقتىم. تاغ باغرىدا مېنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقىمغا قىزىققان بىر تۈركۈم ئادەملەر كۆزىنى تاغ چوقۇسىدىكى ماڭا تىكىپ تۇرىشاتتى. مەن تاغ چوقۇسىدا تۇرۇپ سۆز باشلىدىم.
-- مەن تاغدىنمۇ ئىگىز!
تاغ باغرىنى سۈكۈت باستى. مەن ئەندىكدىم. تاغ باغرىدىكى ئادەملەرنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىكى ھەيرانلىق ئەمدى مېنىڭ كۆزۈمگە كۆچتى. ئويلىمىغان يەردىن تاغ باغرىدىن قىزغىن تەنتەنە ياڭرىدى. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ تاغدىنمۇ ئىگىز ئىكەنلىكىمگە قايىل بولغان ھەم گۇۋاھ بولغان ئىدى. چۈنكى تاغ چوققۇسىكى ئادەم ھامان ئۆزى دەسسەپ تۇرغان تاغدىن ھەقىقەتەنمۇ ئىگىز بولاتتى. ئەمما بۇ ئىجتىمائىي رېئاللىق ئەمەس بەلكى پىسخىك رېئاللىق ئىدى. دېمەك مەن تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ ھېكايە سۆزلەش سەنئىتىنى ياراتقان ئىدىم. ئارقىندىنلا مەن ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك بوستانغا بولغان نەزىرىيەمنى ئېلان قىلدىم.
-- ئوبىيكتىپ دۇنيا يازغۇچىلارغا قانداق تەسىر قىلسا ۋە يازغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتسە، يازغۇچىنىڭ پىسخىك دۇنياسىمۇ ئوبىيكتىپ دۇنياغا شۇنداق تەسىر قىلىشى ۋە ئوبىيكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشى كېرەك!
ئەمما مەن يەنە بىر سۇئالغا جاۋاپ بەرمىسەم بولمايتتى. ئۇ بولسىمۇ ھېكايە قانداق بولۇشى كېرەك؟ دېگەن سۇئال ئىدى.
ئەمەلىيەتتە ھېكايە ھېچقانداق بولمىسىمۇ ياكى ھەرقانداق بولسىمۇ بولىۋىرەتتى. ھېكايە دېگەن بۇ گەپ ئەمەلىيەتتە مەلۇم بىر خىل ژانىر ئاتالغۇسى، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكىسى بولسا بىر خىل بولمىغان سەنئەت. شۇڭا بىر خىل بولغان بۇ ئاتالما ئىچىدە بىر خىل بولمىغان تالاي سۆزلەر سۆزلىنىشنى كۈتۈپ ياتاتتى. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھېكايىنى قانداق سۆزلەش جەريانىمىز قانداق ھېكايىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى زۆرۈر شەرت ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى سۆزلىنىشتىكى تەكرارلىق  بۇنى بىز تېما تەكرارلىقى دەپ ئاتايمىز. ئۆز نۆۋىتىدە بۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلۇش كېرەك. ئەمما بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشمۇ ئادەمنىڭ تاغ چوقۇسىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ تاغدىن ئىگىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتەك قىيىن جەريان. چۈنكى ئەسلىدىكى ئىگىز تاغدىنمۇ ئىگىز بولغان يەنە بىر تاغقا ۋە ئۈچۈنچى، تۆتىنچى تاغلارغا چىقىپ بېقىش كېرەك. بىراق بىرىنچى تاغ بىلەن ئىككىنچى بىر تاغنىڭ ئارلىقىدىكى مۇساپە قەدەملىرىمىزنى تالدۇرىدۇ. ئەمما بۇ مەنزىلنى بېسىپ بېقىشقا تەۋەككۈل قىلماي بولمايدۇ. شۇڭا بۇ جەرياندىكى مۇساپىدە ھامان ئۆزرىلىك سالاملىرىمىز ئوقۇرمەنلىرىمىزگە سەمىمىي يېپىنچا بولۇپ تۇرغۇسى!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-8 02:30  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 21:25:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىيە كۆلتېگىن (قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش-باشقۇرۇش ئورنىدىن)
IMG_7484.JPG

قىسقىچە ئارخىپ:
زۇلپىيە كۆلتېگىن 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر شەھرى شامالباغ يېزىسىنىڭ كۆكئېرىق كەنتىدە بىر زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1991-يىلى تېلېۋىزىيە ئونۋىرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقان. ھازىر قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش-باشقۇرۇش ئورنىدا ئىشلىمەكتە.
  زۇلپىيە كۆلتېگىن «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1989-يىلى 11-سانىدا ئېلان قىلىغان « مارجان» ناملىق تۈنجى ھېكايىسى بىلەن ئىجادىيەت يولىغا قەدەم باسقان. ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى گېزىت- ژۇرناللاردا 100 پارچىغا يېقىن ئەسەر ئېلان قىلدۇرغان. 2001-يىلى «ئايتولۇن» ناملىق پوۋېستى 11-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 2006-يىلى «يېڭى ياش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «قارانچۇق»، «نامسىز بارماق» ، «جانان كوچىدىكى ئىشلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرى، «ئايتولۇن» ناملىق پوۋىستلار توپلىمى ۋە «كۆيۈككە داۋا يوق» ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئىجادىيەت قاراشلىرى:
قەلبىمدە تاغ سۈيىدەك كۈۋەجەپ ئاققان ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ئىپادىلەش يەنى ئۆز مەۋجۇتلۇقۇمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن. مەندىكى بۇ گۈزەل تۇيغۇلارنى ئانا شەھرىم ئەزىزانە قەشقەرنىڭ قەدىمىي كوچىلىرى ئۇيغاتقان. چۆچەكلەردىكىگە ئوخشاش بۇ سېھىرلىك كوچىلارنىڭ ھاۋاسىدىن ئۇيغۇر ھېدى ئاڭقىپ تۇرىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 22:53  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2161
تۆھپە : 4
توردا: 487
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 22:58:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ خالىس ئەمگىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم  ئەكرەم مۇئەللىم،
ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان  نۇرغۇن قەلەمكەشلەرنى تونىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەخمەت...داۋامى  ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!!!





سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلىڭنى خار ئېتەلمەس ھىچ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ، نەگە بارسا خار كىشى ..




خاتىرەمدىن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1472
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 180
تۆھپە : 3
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 00:02:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        خاتىرىلەر ناھايىتى تىتىملىق چىقىۋېتىپتۇ،ئەكرەمكام ھەقىقەتەنمۇ ئوقۇشچانلىققا ئىگەيازمىلارنى يازىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
        نۇرغۇن پائالىيەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ،لېكىن بۇ خىل خاتىرە شەكىلدىكى تېتىملىق يازمىلارنى كۆرۈش بىزگە تولىمۇ ئاز نىسىپ بولىدۇ.سەۋەپ،شۇ پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئارىسىدا بايقاشقا ماھىر،پۇرسەتنى چىڭ تۇتقۇچىلارنىڭ كەملىكىدە.بۇ نوقتىدا ئەكرەمكام ياخشى بىر ئۈلگىدۇر.ئەينى ۋاقىتتا،شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا يېزىپ ئېلان قىلغان ‹‹ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسىر ئاخىرىدا ئېيتقانلىرى›› دېگەن تېمىدىكى سۆھبەتلىرىمۇ سۆزۈمنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر.
       ئەكرەمكامنىڭ ئىشلىرى يەنىمۇ ئوڭۇشلۇق بولغاي!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 13:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزنىڭ تۈرۈتكىسىدە نۇرغۇن قەلەم ئەھلىلىرى بىلەن تۇنۇشىۋالغىنىمدىن سۆيۈندۈم، داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز، بۇ پائالىيەتنىڭ دىيارىمىز شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن بەك سۆيۈندۈم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 906
تۆھپە : 0
توردا: 152
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 16:26:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورسانىتلاتنىڭ كۈنلىرى مەنىلىك ئۆتكەي!...
ئەكرەمكا ياخشى بىر تېمىغا تۇتۇش قىپسەن،2005-يىلى توقۇستارا سىمناريىسىگە قاتناشقاندىمۇ موشۇنداق بىر تېمىنى قېزىپ چىققان ئىدىڭ.سېنىڭ موشۇ روھىڭدىن ئۆگەنسەك بولىدۇ.تېمىنى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلساڭ بۇ ئەمگىكىڭ بىر كىتاپ بولۇپ قېلىشى مۆمكۈن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 18:28:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىكىم ئەبەيدۇللا (كۇچا ناھىيەلىك سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىن)

IMG_6867.JPG


قىسقىچە ئارخىپ:
ئابلىكىم ئەبەيدۇللا  1968 – يىلى يانۋاردا كۇچا ناھىيەسىدە توغۇلغان . ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ، رادئىو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ، پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ، ئىتتىپاق كومىتېتى ، دۆڭقوتان بازىرى ، بېھىشباغ يېزىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. ھازىر كۇچا ناھىيەلىك سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ھازىرغىچە بولغان ئىجادىيەت ھاياتىدا ھەر قايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا 60 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست ، ھېكايە ، 40 پارىچىدىن ئارتۇق نەسىر ، شېئىر ئېلان قىلغان. ھەمدە بىر قىسىم تەرجىمە ماقالىلىرى ۋە ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى  ئېلان قىلىنغان . 2009 –يىلى«جەننەت چۈشى» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتاپ شۇ يىلى ۋىلايەت بويىچە بىر ياخشى كىتاپ بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ، 2013-يىلى بۇ كىتاپ « كۇمراجىۋا ئەدەبياتى تۆھپە مۇكاپاتى» غا نائىل بولغان . 2010 –يىلى «تارىم ژورنىلى» تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدىپ» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان . يېقىندا ئۇ «قارا باسقان كېچە»،«چۆيۈن شەيتان» ،«قوشۇلالمىغان قوش يۈرەك» قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشىرىياتقا تاپشۇرغان . ھازىر«ئاداققى نىدا» ناملىق تۇنجى رومانى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئىجادىيەت قارىشى : ئەكرەم ئابدۇمىجىت ئەپەندى ئالدى بىلەن سىزنىڭ  مۇشۇنداق بىر پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇنبىرى ھازىرلىغانلىغانلىىڭىزغا  كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىسى گەپنى نەدىن باشلاش ، نېمىلەرنى دېيىش ھەققىدە خېلى كۆپ ئويلاندىم . قەلب ئاسمىنىمدا بولسا يۈرەك سۆزلۈرۈم توختىماي پەرۋاز قىلىپ ، ماڭا مول تەسەۋۋۇر ۋە ئۆزگىچە ھېسسىيات بېغىشلىماقتا . راست ، بۇ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 40 نەپەر قەلەم ساھىبى ، ئۈرۈمچىدىن 40 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى گۈزەل ماكان ــــــ غەربىي جىلغا بازىرىدىكى دۆلەتلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرلارنى تەربىيلەش بازىسىغا ئورتاق بىر نىيەت ، ئورتاق بىر ئارزۇ – ئىستەك بىلەن يىغىلدۇق . مانا بۇ ھەر بىر ئەدەبىيات ئاشنالىرى ھەۋەس قىلىدىغان ، كىرىپ بىلىم ئېلىشقا ئوتتەك ئىنتىلىدىغان لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنسىتىتۇتى. «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرىنى تەربىيلەش كۇرىسى» نىڭ بىر كورسانتى بولۇپ قالغانلىقىمىزدىن بۇ يەردىكى ھەممىمىز خۇشال بولۇپ تۇرۇپتىمىز. ئەلۋەتتە بىز مۇشۇنداق بىر كاتتا ئەنجۈمەننى . خاسىيەتلىك پائالىيەتنى تەشكىللىگەن لۇشۈن ئىنىستىتۇتىغا ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىگە ، مۇشۇ ئىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان ئەيبو ياقۇپ ، دىلمۇرات تەلئەت ئەپەندى قاتارلىقلارغا رەھمەت – تەشەككۈرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز ھەم بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئىشقىدا كۆيۈۋاتقانلار ئۈچۈن ، ئۆزىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .   
بۇ قېتىم جەنۇبىي تاغ ئېتىكىدە ئەدىپلەرنىڭ جەم بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرۇن ئىسمىنى مەتبۇئات يۈزىدە كۆرگەن ئەمما ئۆزى بىلەن ئەسىرا بولمىغان قەلەم ساھابىللىرىدىن ئادىل خوجالىم ، ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ، تۇرسۇن موسا ، سەيپىدىن تۇراق ، ئابدۇرىشىت ئەلى ، ئەخمەت ھەمدۇل ، يۈسۈپ ئەلى ، جاسارەت قۇربان ، سەۋىرىدن ھەنىپىدىن ، گۈزەلنۇر مۇتەللىپ ، خۇرسەنئاي مەمتىمىن قاتارلىقلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا مۇيەسسەر بولدۇم . ئەلۋەتتە بۇرۇندىن تونۇش بولغان ، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە دەرقەمدە بولۇپ ، سالام – سائەت قىلىشقان ، مۇڭداشقان قەلەمداشلاردىن يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان ، ئامانگۈل ئەزىز ، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈك ، ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە ، زۇلپىيە ھاجى كولتىگىن قاتارلىق بىلەن كۆرۈشۈپلا ، قىزغىن ھەمسۆبەتلەرگە مۇشتاق بولدۇق . بۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم قازاق ، قىرغىز ، خۇيزۇ ، موڭۇل ئەدىپ – شائىرىلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇش پۇرسىتى بولدى . مېنىڭچە بۇ قېتىمقى جەم بولۇش ئۆزىنىڭ ھەقىقىي چىن مەنسىسنى تاپتى . جەنۇبىي تاغقا جەم بولغان بارلىق ئەدىپلەرنىڭ تېنى سالامەت ، قەلىمىي تېخىمۇ نۇسرەتلىك بولسۇن.                                                      
ئۇستاز قۇربان مامۇت ئەپەندى ماڭا ھەمىشە  « ھەر قانداق بىر ئەدەبىي ئەسەر چوقۇم ئاچقاندا قزىقتۇرىدىغان ، ياپقاندا ئويلاندۇرىدىغان بولۇشى كېرەك »  دەيتتى . بۇ بىر جۈملە سۆز دەل بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەرگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن پىكىر مۇجەسسەملەنگەن.
مېنىڭچە يېزىش ئانچە قىيىن ئەمەس موھىمى نېمىنى يېزىش قانداق يېزىش. بىز قانداق ئەسەر يازمايلى ئۇ چوقۇم ئوقۇرمەنلەرگە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلىشى لازىم. مەن يەنىلا بۇرۇن دېگەن سۆزۈمدە چىڭ تۇرىمەن. ئەدەبىيات تاماققا ئوخشايدۇ. ئۇ چوقۇم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاچقان يېرىگە بېرىشى كېرەك. يازغانلىرىمىز  يۈزەكى، تىل ئوينۇتۇش، مۇجىمەل بولۇپ قالسا ئۇ ئوقۇرمەنلەرگە ھېچقانداق ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالمايدۇ. يازغۇچىنىڭ بۇرچى  يالتىراق سۆزلەر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىپ «قالتىس» بولۇپ كېتىش بولۇپ قالماسلىقى بالكى كىتاپخانلارغا ھەقىقى نەپ بېرىدىغان، جەمئىيەتتىكى مەلۈم مەسىلە ھەققىدە ئىزدەنگەن چۈشۈنىشلىك، چوڭقۇر مەزمۇنلۇ ئەسەر بولۇش كېرەك. ئەدەبىيات ئۇ ھەرگىزمۇ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىغان ئەرمەك  نەرسە بولۇپ قالماسلىقى، ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن كىشىلەر قەلبىدە جۇلالىنىپ تۇرۇشى كېرەك. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مويەننىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىمۇ دەل مۇشۇ يەردە بولسا كېرەك.
مەن لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ ، ئۇچ كۈن ئاۋال يازغان تۆۋەندىكى قىسقا شېئىرىم ئارقىلىق سۆزۈمنى تاماملايمەن :

ئۇچۇپ كەلگىن قېشىمغا  جېنىم

ئۇچۇپ كەلگىن قېشىمغا  جېنىم ،
چاك – چاك بولدۇم سېغىنىپ سېنى .
ئۇزۇن بولدى ، ئۇچتۇڭ كۆزۈمدىن ،
دېگىن ، ئۇنتۇپ  كەتتىڭمۇ  مېنى .

تەنھالىقتا   ئۆتمەكتە   كۈنلەر  ،
ھىجراندا ياش تۆكمەكتە كۈنلەر .
ئاشىق ئوتى شۇنداق يامانكەن ،
زارىقىشقا  چۆكمەكتە  تۈنلەر .

توي قىلىپلا بۆلۈندۇق گۈلۈم ،
قەلىبلەردە   قالدى  بالىمىز .
ۋىسال پەيتى كېلىدۇ قاچان ؟
شىرىن ئايدا قالدى چالىمىز .

ئۇچۇپ كەلگىن قېشىمغا  جېنىم ،
سېنى خاملا يېگۈدەك بولدۇم .
يۈز كۈرۈشكەن شۇ دەقىقلەردە ،
” كۆكسۈمدە قال“ دېگۈدەك بولدۇم.

قانداق ئۇنتاي زۇمرەت كۆزلەرنى ،
چۈشلىرىمدە  كۈلۈپ  تۇرىسەن .
بۇلبۇل بولۇپ شۇنچە يېقىملىق ،
يۈرۈكۈمگە   لەرزان  قونىسەن ،

قۇلۇقۇمغا   سۆيەر  ئاۋازىڭ  ،
لېۋىڭ بىلەن  لېۋىم  لالىزار.
ھاياتىممۇ ، بارلىقىممۇ سەن ،
باغرىم  ساڭا  قاچانمۇ قانار .

ئۇچۇپ كەلگىن قېشىمغا  جېنىم ،
يوللۇرۇڭغا قاراپلا قالدىم .
تۇتقاچ قاتتىق سۆيگۈ خۇمارىڭ ،
مۇھەببەتلىك سازىمنى چالدىم .
ئۈرۈمچىگە كەلسەڭچۇ  جېنىم ،
پىراقىڭدا ئوت بولۇپ ياندىم .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 22:54  


Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 456
تۆھپە : 1
توردا: 206
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 18:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندە نەچچە رەت بىتاقەت بولۇپ مۇشۇ تېمىنى ئېچىپ باقىدىغان بولۇپ قالدىم، قاچانمۇ يېڭى سۆھبەتلەر يوللىناركىن دەپ. ئەكرەم ئەپەندى، سۈرئەتنى يەنىمۇ تىزلەتسىڭىز قانداق؟ بولمىسا ۋاقت يىتىشمەي قالارمىكىن تەقسىر؟!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1508
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 865
تۆھپە : 4
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 19:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەكرەم ئەپەندى، تەپەككۈر گۈلشەنىڭىزدە، ئىزگۈ تىلەكلەر ۋايىغا يېتىپ روياپقا چىقىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن !  داۋامىغا تەشنامەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش