ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ («ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دىن)
قىسقىچە ئارخىپ:ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ 1971-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىدا تۇغۇلغان. 1995-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىيكا ئونۋىرسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈررۈپ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئىجادىي پائاليىتى 1988-يىلى «تۇرپان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پرۇزا ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ 2003-يىلى «پاكلىق مۇنارى» ناملىق تارىخى رومانى، 2004-يىلى «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىىلىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابى، 2011-يىلى «پەرزەنىت تەربىيەلەش دەستۇرى» ناملىق زور ھەجىملىك كىتابى، 2012-يىلى «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ناملىق ئىجادىي كىتاپلىرى ۋە «مەنتىقۇت تەييىر»، « شەجەرەئىي تاراكىمە»، «تۈركلەردە ئاياللار ۋە ئائىلە ھوقۇقى»، «قىزلار تەربىيەسى» قاتارلىق تەرجىمە كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان. بىر قىىسم ئەسەرلىرى «تۇرپان» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە بىر قىسىم تارىخىي ئەسەرلەر ئۇستىدە ئىشلىمەكتە.
ئىجادىيەت قاراشلىرى: مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم بېسىشىم مەكتەپ قوينىغا كىرگەن كۈندىن باشلاپ دەرسلىك كىتابلىرىدىن باشقا، تۈرلۈك ژۇرنال ۋە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش بىلەن بىللە گۈزەل رىۋايەتكە ئوخشايدىغان سەھرا تۇرمۇشىدىن، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىغا تىندۇرما بولغان مەنىۋى فولكلور بىلىملىرىنى ئاڭسىز يۇسۇندا ئۆزلەشتۈرۈشتىن كەلگەن. مەن چوڭ بولغان سەھرادا جىمى مەئىشەت تەبىئەت بىلەن بىرىكىپ كەتكەن، بۇلار تا ھازىرغىچە ئىجادىيىتىمنىڭ تۈگىمەس خۇرۇچى بولۇپ كەلمەكتە. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە روياپقا چىقىشقا باشلىغان ئىجادىيەت مېۋىلىرىم شۇ چاغلاردا تۇرپان تەۋەسىدە زور ئابرۇيغا ئىگە ئۇستازلارنىڭ تىنماي مەدەت بېرىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەنىدى. ئالىي مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇش ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان مۇنەۋۋەر قەلەمكەشلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تونۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئۆگەنگەن مەدەنىيەت بىلىملىرىم، خەنزۇ، ئىنگلىز، تۈرك، ئۆزبەك تىللىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش ئىجادىيىتىمنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. تۈرلۈك ئەدەبىي ئېقىملار بىلەن تونۇشۇش بىلەن بىللە جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، فولكلورىغا بولغان قىزغىن ئىشتىياق نەزەر دائىرەمنى خېلىلا كېڭەيتتى. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەش مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۆزگىچە يول تۇتۇشۇمغا، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىشىمگە، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى نەچچە يۈزلىگەن مۇنەۋۋەر ئاپتورلار بىلەن تونۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. خىزمەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق، ئاپتورلارنى قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مېنى تاۋلىدى. پۇل تاپساملا كىتاب ئېلىش، پۇرسەت بولسىلا كۈندە كىتاب ئوقۇش روھى بىلىم قۇرۇلمامنى مۇكەممەللەشتۈردى. نەتىجىدە مەن ئوتتۇز ياشقا يەتمەي تۇرۇپلا بىزدە بىرقەدەر ئاجىز ساھە بولغان تارىخىي ئەسەر يېزىشقا تۇتۇش قىلدىم. 2003-يىلى تۇنجى تارىخىي رومانىم «پاكلىق مۇنارى» يورۇق كۆردى. ئالىي مەكتەپتىكى چېغىمدىلا تۈركچىدە خېلى ياخشى سەۋىيە ھازىرلىغانىدىم. مەكتەپ پۈتكۈگەندىن تارتىپ بىرمۇنچە نۇقتىلىق ئەسەرلەرنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسىمشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ 2004-يىلى 8000 دىن ئارتۇق قەدىمكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى جەملەنگەن «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرى» ناملىق ئەسەرنى نەشىر قىلدۇردۇم. مېنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىم ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىسىم تەتقىقاتىنى بويلىغان ھالدا تەرەققىي قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخلاقشۇناسلىققا قاراپ تەرەققىي قىلدىم. بۇنىڭدىن 14 يىل مۇقەددەم بىر تارىخىي رومانغا تۇتۇش قىلغانىدىم، ئۇنى مۇشۇ يېقىندا پۈتكۈزدۈم. بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتا مەن ھەر بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى تەپسىلىي تەكشۈردۈم، مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ماتېرىيالنى يىغدىم. ھەر بىر قۇرنى ئىلھام كەلگەندە، كاللامدا پىشقاندا يازدىم، ھەر بىر قۇرغا مەسئۇلىيەتچانلىقىمنىڭ ئىزناسى قالدى. مېنىڭچە، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى تالانت، بىلىم قۇرۇلمىسى، تىل ماھارىتى، ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق ئۆزئارا بىرىكىپ كەتكەندە ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. ھەرقانداق ژانىر، ھەرقانداق ھەجىمدىكى ئەسەرنى بېسىپ بولغۇسىز ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. بىزدە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ 15 يىللاپ تىل تەكشۈرۈشتەك روھى، ئەلىشىر نەۋايىدەك بىلىم، غۇرۇر ۋە ئىستېدات، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىردەك ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بولغاندىلا، يازغان ئەسەرلىرىمىزنى كەلگۈسىگە ئاپىرالايمىز. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بىر سۆھبىتىدە «يازغان ئەسەرلىرىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز دېمەي، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتكىنىدەك، خاسلىقى، مىللىيلىقى يۇقىرى بولغان ھەرقانداق ئەسەرنىڭ دۇنياۋىيلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. ھازىر ھەرقايسى مەتبۇئاتلار سۈپەتلىك ئەسەرنىڭ كەملىكىدىن ۋايسىماقتا. بىزدە ئالدىنقى بىر ئەۋلاد بىلەن كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئارىسىدا مۇئەييەن ئۈزۈكچىلىك مەۋجۇت. يازىدىغانلار كۆپ، لېكىن سۈپەتلىك يازىدىغانلار، دەۋرنىڭ ۋىجدانىنى زىممىسىگە يۈكلەپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەسەر يازىدىغانلار ئاز بولماقتا. تىلىمىز بۇزۇلۇش ئېغىر، شۇنچە باي تىلىمىز تەرجىمە تىلىغا ئايلىنىپ قالماقتا. مانا بۇ مەسىلىلەرنى ئوڭشاش، تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى نۇرلاندۇرۇش ھەر بىر قەلەمكەشنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى. بىر قەلەمكەش قايسى ژانىردا ئەڭ ياخشى ئىجات قىلالايدىغانلىقىنى توغرا تاللاپ، شۇ يولدا ئۆمۈر بويى ئىزدەنگەندىلا چوقۇم جاپالىق ئەمگىكىنىڭ شېرىن مېۋىسىنى تېتىيالايدۇ. سۆزلەر سۇدىكى بۇلاقتەك ئويناقلاپ قەلبلەرنى لەرزىگە سالالىسا، خەلقنى ئۆز تەقدىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلدۇرالىسا، كەلگۈسى ھەققىدە ئويلاندۇرالىسا، بۇنداق ئەسەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى چوقۇم.
|