ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ( گۇما ناھىيە 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
قىسقىچە تەرجىمھال: شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك 1970-يىلى12-ئايدا گۇما ناھىيسىنىڭ زاڭگۇي يىزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يىزىسىدا ئوقۇغان. 1987-يىلى 7-ئايدا گۇما ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ, شۇ يىلى 9-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن پىداگۇگىكا ئالىي تىخنىكۇمىنىڭ تىل-ئەدەىبيات فاكۇلتىتىدائوقۇغان. 1994-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئۆزلىكىدىن ئوقۇپ تولۇق كۇرس دىپلومى ئالغان. 1990-يىلى9-ئايدىن 1998-يىلى 8-ئايغىچە زاڭگۇي ئوتتۇرا مەكتىپىدە، 1998-يىلى 8-ئايدىن 2001-يىلى 2-ئايغىچە مۇكۇيلا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2001-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر گۇما ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئىجادىيتى 1990-يىلى 5-ئايدا «خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «يىگىت كېلەر گۇلدەستە تۇتۇپ» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى «يۇرەكسىز سۆيگۇ»، «سالغاتېشى» (خەنزۇچە)، «جەزبىدار گۈلدەستىلەر»، «يۇرۇڭقاش ئۈنچىلىرى»،«يۇرۇڭقاش شاتلىقى»،«شائىرلار مۇنداق دەيدۇ» قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. «تۆگىلەرنىڭ چۆچىكى» ناملىق شېئىرى باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىقلارنىڭ (11-قىسىم) تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۇزۇلگەن.2012-يىلى 5-ئايدا «قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى » تەرىپىدىن «كىرپىكتىكى قار» ناملىق (بىرلەشمە) شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىي ئەسەرلىرى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن. ئۇ ھازىر شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلارجەمئىيتىنىڭ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلارجەمئىيتىنىڭ ئەزاسى. گۇما ناھىيلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئىجادىيەت قاراشلىرى: تۈنجى شېئىرىم ئېلان قىلىنىپ ھازىرغا قەدەر 23يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ جەرياندا قەلبىمگە، قەلىمىمگە سادىق بولۇپ، تۇيغۇلىرىمنى خاتىرىلەپ كەلدىم. مۇھىمى ئۆزۈمنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. شېئىرىيەتنىڭ گاھى تىكەنلىك، گاھى پاتقاق كوچىلىرىدا يىقىلىپ قوپۇپ بۈگۈنگە ئۇلاشتىم. شېئىرغا يېقىنلاشقانسىرى شېئىرنىڭ لېۋىگە قوقاس كۆمگەن، مەڭگۈ راست گەپ قىلىدىغان سەبىي بالا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. سەمىمىي بولغاندىلا «بۇ بالا» بىلەن قېنىپ-قېنىپ سىردىشالايدىغان قەدىردان دوست بولالايدىغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم. شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ئىزچىللىقنى، ئۆزلۈكسىز ھالقىشنى، توختاۋسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزەمنى يېڭىلاشنى ياخشى كۆرۈمەن.شېئىرى تىلنىڭ ھەم تاۋلانغان ھەم كۈچلۈك مۇزىكىلىققا ئىگە بولىشىنى، ئۆزگىچە شېئىرى پىكىرىمىزنى يېڭى –يېڭى شېئىرى ئوبراز (ئىماگ)لارنى يارىتىش ئارقىىق ئىپادىلەشنى شېئىرى تىل ئارقىلىق مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى، شېئىر ئوبرازلارنى شېئىر موھىت ئىچىدە سەيلە قىلدۇرۇشنى ئۆزۈمگە مىزان قىلىپ كەلدىم. شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە دورامچىلىقنى، يازغىنىنىڭ تايىنى يوق قۇرۇق داۋراڭ سېلىشنى، شۆھرەت تاماغا بېرىلىشنى بەكمۈ يامان كۆرۈمەن.ىالىس نىيەت، پاكىز ئەقىدە، كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن ئۆزەمنى بېغىشلاپ، بۇ يولدا ئاخىرغىچە مېڭىشقا تەييارمەن.
.
|