شېئىر تەرجىمانلىرىغا مۇراجىئەت
مەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، «چەتئەل مەشھۇر ئەدىبلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما» (ئىككى توم) دېگەن كىتابنى تۈزمەكچى ئىدىم. لېكىن قولۇمدا بار بولغان چەتئەل شېئىرلىرى بىلەن ئىككى توم كىتابنى تۈزگىلى بولمايدۇ. شۇڭا شېئىر تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمانلار ۋە چەتئەل شېئىرلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى تىلەپ بۇ مۇراجىئەتنامىنى يازدىم. تەلەپ:
1. شېئىر تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمانلار ئۆزى ياكى باشقىلار تەرجىمە قىلغان ھەم ھەر قايسى گېزىت- ژۇرنال، كىتابلاردا ئېلان قىلىنغان چەتئەل شېئىرلىرىنى ئەۋەتىپ بەرسە؛
2. تەرجىمە شېئىر بىلەن بىللە شۇ شېئىرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى (خەنزۇچە ياكى ئېنگلىزچە نۇسخىسى) جەزمەن قوشۇپ ئەۋەتىلىشى شەرت؛
3. ھەر بىر پارچە شېئىرنىڭ ئاستىغان «××× تەرجىمىسى» دېگەن سۆزنى جەزمەن يېزىپ قويۇشى كېرەك. چۈنكى توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ھەر بىر شېئىرنىڭ ئاستىغا تەرجىماننىڭ ئىسمى-فامىلىسى يېزىلىدۇ؛
4. شېئىرلارنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ ئەۋەتسىمۇ، ئېلان قىلىنغان كىتاب-ژۇرنالدىن نۇسخىلاپ (ساۋمياۋ قىلىپ) سۈرەت شەكلىدە ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ؛
5. شېئىرنىڭ ئىملاسى ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىلىشى كېرەك؛
6. شېئىرلارنى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتسىمۇ، ئىلخەت ئادرېسىمغا يوللىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
Adres: 乌鲁木齐市团结路830号 自治区广电局 译制中心 贾沙莱提•塔西
Poqta Nomuri: 830044
Elhet Adresi: 13565833044@163.com
Telefon: 13565833044 0991-- 7756285
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Jasarattash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-1 21:25