كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 1

گۈلچى قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1985
تۆھپە : 8
توردا: 744
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 11:58:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۈلچى قىز


ئىليا بەختىيا*


  خەلق كېلەر بۇ يەرگە،

     گۈل ئالغىلى گۈلچىدىن.

    مەن بارىمەن ئۇ يەرگە،

   يۈرىكىمنىڭ ئىلكىدىن.






    -قېنى، يىگىت ،گۈل ئېلىڭ،

قىزىلىمۇ،   ئېقىمۇ؟

   تارتىنماستىن بېرى كېلىڭ،

  يېڭى ئۈزگەن تېخى بۇ،-






    دەپ گۈلچى قىز گۈل تېڭىپ،

  -ئېلىڭ،- دەيدۇ تىزىپ رەت.

گۈل بەرگىدە توك مېڭىپ،

ئالالمايمەن تىترەپ.





سۆيگىنىڭىز بار بولۇر،-

      ئېلىڭ، يىگىت، تارتىنماي.

تىلىڭىزغا يار بولۇر،-

        دەپ گۈل سۇندى ئۇ تالاي.





   ئالسام دەيمەن بىر كۈنى،

كىرىپ قىزنىڭ سۆزىگە.

ياندۇرۇپلا مەن ئۇنى،

سۇنسام دەيمەن ئۆزىگە.


                  ___________

     

      * ئىليا مولوتوۋ (بەختىيا )1932-يىلى ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ چوڭ دېھقان يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1953-يىلى چوڭ كەتمەندىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالمۇتادىكى دكلەت پېداگوگىكا  ئىنىستىتۇتىنىڭ قازاقچە تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇشىنى داۋام ئەتتۈرگەن. ھازىر ئۇ شۇ ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

   ئىليا مولوتوۋ 1949-يىلىدىن باشلاپلا شېئىرىيەتكە ھەۋەس قىلىپ، كىچىك-كىچىك شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى رايونلۇق گېزىت سەھىپىلىرىدە بېسىلىپ تۇراتتى. 1956-يىلى ئالمۇتادا ئۇنىڭ " دوستلارغا سوۋغا" دېگەن شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياش شائىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر پوئېزىيەسىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشقا باشلىدى.

      ئىزاھات:

       يېقىندا، مەن 1957-يىلى تاشكەنت "شەر*ق ھەقىقىتى" نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان" سوۋېت ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمى-شېئىرلار" ناملىق بىر كىتابنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەرنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئەنە شۇ شېئىرلارنىڭ بىرى بولغان "گۈلچى قىز"نى مۇنبەرداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇم. ئاپتور ھەققىدىكى بايانلار  كىتابتىكى مەنبەدىن ئەينەن ئېلىنغاچقا، مۇنبەرداشلارنىڭ " ھازىر ئۇ شۇ ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتۇ" دېگەن مەزمۇنلارغا توغرا قاراشتا بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 12:03  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  716
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 704
تۆھپە : 0
توردا: 245
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:14:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىز دېۋاتقان كىتابنى ئىزچىلار كىتابخانىسىدا ئالدىنقى يىلى ئۇچراتقان ئىدىم،300يۈەن ئىكەنتۇق،لېكىن،سېتىۋالمىغان ئىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش