گۈلچى قىز
ئىليا بەختىيا*
خەلق كېلەر بۇ يەرگە،
گۈل ئالغىلى گۈلچىدىن.
مەن بارىمەن ئۇ يەرگە،
يۈرىكىمنىڭ ئىلكىدىن.
-قېنى، يىگىت ،گۈل ئېلىڭ،
قىزىلىمۇ، ئېقىمۇ؟
تارتىنماستىن بېرى كېلىڭ،
يېڭى ئۈزگەن تېخى بۇ،-
دەپ گۈلچى قىز گۈل تېڭىپ،
-ئېلىڭ،- دەيدۇ تىزىپ رەت.
گۈل بەرگىدە توك مېڭىپ،
ئالالمايمەن تىترەپ.
سۆيگىنىڭىز بار بولۇر،-
ئېلىڭ، يىگىت، تارتىنماي.
تىلىڭىزغا يار بولۇر،-
دەپ گۈل سۇندى ئۇ تالاي.
ئالسام دەيمەن بىر كۈنى،
كىرىپ قىزنىڭ سۆزىگە.
ياندۇرۇپلا مەن ئۇنى،
سۇنسام دەيمەن ئۆزىگە.
___________
* ئىليا مولوتوۋ (بەختىيا )1932-يىلى ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ چوڭ دېھقان يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1953-يىلى چوڭ كەتمەندىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالمۇتادىكى دكلەت پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ قازاقچە تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇشىنى داۋام ئەتتۈرگەن. ھازىر ئۇ شۇ ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
ئىليا مولوتوۋ 1949-يىلىدىن باشلاپلا شېئىرىيەتكە ھەۋەس قىلىپ، كىچىك-كىچىك شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى رايونلۇق گېزىت سەھىپىلىرىدە بېسىلىپ تۇراتتى. 1956-يىلى ئالمۇتادا ئۇنىڭ " دوستلارغا سوۋغا" دېگەن شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياش شائىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر پوئېزىيەسىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشقا باشلىدى.
ئىزاھات:
يېقىندا، مەن 1957-يىلى تاشكەنت "شەر*ق ھەقىقىتى" نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان" سوۋېت ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمى-شېئىرلار" ناملىق بىر كىتابنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەرنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئەنە شۇ شېئىرلارنىڭ بىرى بولغان "گۈلچى قىز"نى مۇنبەرداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇم. ئاپتور ھەققىدىكى بايانلار كىتابتىكى مەنبەدىن ئەينەن ئېلىنغاچقا، مۇنبەرداشلارنىڭ " ھازىر ئۇ شۇ ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتۇ" دېگەن مەزمۇنلارغا توغرا قاراشتا بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-15 22:36