
كەشكى شەپەق قىزىنىڭ ھېلە- نەيرەڭ بىلەن تاڭ ئۇپۇقى سىياقىدا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ تۇيغۇمغا ھوجۇم قىلىشى ، ئىنسانلىق ئىرادەمگە قويۇلغان قاپقان ئىدى .
ئاشۇ قاپقان ئالدىدا ، دەمالىققا تەمتىرەپ قالغان مەنىۋىي ئاجىزلىقىم، يىگىتلىك دەرىخىمنى سىيپاپ ئۈتكەن شامالدەك روھىمنى سەگىتتى .
مەن گويا ۋىجدان خۇمدانىغا تاشلانغان بىر پارچە كېسەكتەك تاۋلانماقتىمەن .
تۈن قاراڭغۇلىقى شەپەق قىزىنىڭ بىردەملىك ھەۋىسىنى يالماپ كەتتى .
ئالدىنىش خورلىقى ،ئۇپۇق نۇرانىلىقىغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ يىلتىزىنى چىڭايتماقتا .
مەن شۇ تاپ شەپەق قىزىنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ چىققان تەببەسۈم پەتمۇسىغا كۆڭۈلچەكلىكىمنى ئۈزۈپ سېلىپ بەرمىگىنىمدىن مەمنۇن ئىدىم .
قەلبىمدە بولسا ئىبرەتنىڭ بىر تۈپ ئەتىرگۈلى غۇچچىدە غۇنچىلىدى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-28 11:31