
بېتاقەتلىك شامىلى روھىمنىڭ چوڭقۇر تىندىرمىسىدىكى سەبرى- تاقەتلەرنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.
ئەرش يولىنى ئىزدەپ گۇگۇم تىمتاسلىقىغا ئۇلاشقاندا، جېلۋىگەر شەپەق ناز كەرەشمىلىرى بىلەن ئالدىمغا كۈلۈپ چىقتى .
ئۇنىڭ بىر جۈپ قاراقلىرىدا ئادەمنى سېھىرلەيدىغان ئاجايىپ بىر نۇرئۇچقۇنلىرى دەۋرەيتتى .
مەن دەممالىققا ئۇنى ئۇپۇق قىزىغا ئوخشاتتىمدە، غۇلىچىمنى كېرىپ ئۇنىڭغا قاراپ يۈگۈردۈم. ئۇمۇ ئاشىقىنى ئۇزۇن كۈتكەن مەشۈقتەك ئالدىمغا يۈگرۈپ كەلمەكتە.
ئارلىق يىقىنلاشقانسىرى سىنچى كۆزلۈرۈم ئۇنىڭ خۇي پەيلىنى پەملەپ ئۇلگۈردى .
مەن ئىزدىگەن نازىنىن قېنى ؟...
مەن توساتىنلا توختاپ قالدىم .چۈنكى ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۈن قاراڭغۇلۇقى ئاسمان دەرىزىسىگە پەردە بولۇپ ئېسىلغان ئىدى .
مېنىڭ كۈتكۈنۈم بولسا تاڭ نۇرى ئالدىدىكى ئۇپۇق قىزى ئەمەسمىدى ؟!...
تىڭىرقاش ئىلكىدە تۇرغىنىمنى كۆرگەن شەپەق قىزى شەھۋەت كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە نازلىنىپ ئالدىمغا كەلدى-دە ،
ــــ مەن سىزنى ئۇزۇن كۈتتۈم ، مەن مەھبۇبىڭىز ئۇپۇقئاي دىگىنىچە ۋىلىققىدە كۈلدى .
ئۇنىڭ سېھرى لاتاپىتىدە شامدەك ئېرىشقا باشلىغان ئىنسانى ئاجىزلىقىم چوقان سالاتتى .
مەن مەغرۇر ئۈمۈتنىڭ تۇيۇقسىز تاش ئىچىدىن يېرلىپ چىققان مۆجۈزىسىدەك نەپسى بالالار ئۈستىدىن غالىپ كەلدىم-دە،
ــــ مەن سۆيگەن ئۇپۇق سەن ئەمەس دەۋەتتىم.
ـــ مەن كەشكى شەپەق ، ئۇ تاڭ شەپىقى. بىزئاسمان ئوردىسىنىڭ بىرجۈپ مەلىكىلىرى – دىدى، ئۇ ئاخىر ئۆزىنى ئاشكارلاپ .
نىمىشقا بىر قېرىندىشىڭنىڭ مۇھەببىتىنى تارتىۋالماق بولدۇڭ؟
ـــــ شەخسىيەتنىڭ تەبىئىتى بەكمۇ شېرىندۇر - دىدى ، ئۇ يۈرۈكىنى سۇغۇرۇپ ئالقانلىرىدا ماڭا سۇنغانچە .
ياقۇتتەك جىلۋىگەر نۇرئىچىگە ھارسىز بىر تۇيغۇنى يوشۇرۇپ، ئاسمانپەلەك مەغرۇرلۇق بىلەن كۆزۈمنى قاماشتۇرغان بۇ شەپەق قىز نەزىرىمدىن يۇملىدى .
مەن ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي ئارقامغا بۇرۇلدۇم .
سۆيگۈلۈك ئاي يورىقىنى ، يۇلتۇزلارنىڭ چىرايلىق چاخنىشىنى سىزگە كۆرسىتىمەن- دىدى، ئۇ يېلىنىپ تۇرۇپ . ئەمما قەلبىمدە بىر پاكىزە سۆيگۈنىڭ ئىلتىجاسى جاراڭلايتتى . مەن ئۆز قەلبىمنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغىنىمچە كېتىۋەردىم...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 14:24