بىز زارىقىشلىرىمىزغا پىچىر-پىچىر دەپ ئىسىم قويۇۋالدۇق. قاچاندىن بېرى شۇنچە شېرىن پىچىرلايدىغان بولۇپ قالغانلىقمىزنى بىلمەيتتۇق.بىراق ھەر كۈنى سۈزۈك تاڭدىن باشلانغان سېغىنىشنىڭ، كېچە قاراڭغۇلىقىغا سوزۇلۇپ كىرىپ، قىل ئارغامچىدەك گېلىمىزنى بوغۇپ، ئاۋاز چىقىرىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىمىزنى ئىسىمىزگە سالغان دەملەردە ئاجايىپ تاتلىق، ئىنتايىن مەخپىي ھالدا پىچىرلىشىشنىڭ شۇ قەدەر شېرىن لەززىتىنى تېپىۋالدۇق .
بىزنىڭ پىچىرلىشىۋاتقانلىقىمىزنى ھىچكىم ئاڭلىيالمايتتى ئىككىمىزدىن بۆلەك. بىز پىچىرلىشىپ كۈلۈشەتتۇق،
مۇڭدىشاتتۇق،ئالەمنىڭ پاراڭلىرىنى قىلاتتۇق
يۇلتۇزلار ئەلەملىك چەكچىيەتتى ئىككىمىزنىڭ شۇ قەدەر
ئامراقلىقىمىزغا ھەسەت قىلىشىپ، ئاي ئۆزىنى دالدىغا ئالاتتى، روھ سۆيگۈلىرىنىڭ تالان-تاراجلىرىغا چىداپ
بولالماي. سۆيگۈنىڭ كىشىنى بىھۇش قىلىدىغان زەر نۇرلىرى چاقنايتتى كېچە قاراڭغۇلىقىغا يالىلداپ .ۋۇجۇد
بوشلىقىمىزدا تىترەۋاتقان خىياللار بىر-بىرىگە قوللىرىنى سۇناتتى، قوللىرىدىن تارىغان ئېقىمدا يايرىشاتتى .
خىلۋەتتىكى سۇزۇك بۇلاق سۇلىرىدەك ئەڭ تاتلىق تامچىلارغا تويۇنغان مۇھەببەت بۇ پىچىرلاشلارغا سىڭگەن
ھالدا تاكى كۆزلەرنى كىرپىك قاراۋۇللىرى مەجبۇرىي ئۇيقۇغا باش ئەگدۈرگەنگە قەدەر داۋاملىشاتتى. ئىككىمىز پىچىرلاشلار ئىلكىدە نۇرغا ئايلىناتتۇق.بىرى-بىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاپىرىدە بولغان بۇ نۇر چۈش سەپىرىنى باشلايتتى تاتلىق تىنغىنىچە. شۇنىڭدىن كېيىن بىز لەۋلىرىمىزنى ھىمىرىپ تۇرۇپ چۈشلىرىمىزدە پىچىرلاشقا
ئۆتۈپ كېتەتتۇق.
193
دىمىگەنمىتتىم قايتىپ كېلىمەن دەپ، دىمىگەنمىتتىڭ مەڭگۈ كۈتىمەن دەپ. ۋەدىمىز ۋەدە،ئەھدىمىز ئەھدە ئىدى.
ۋىسالنىڭ زەر يىپلىرىدا ياسانغان يۇلتۇزلار كېچىمىزنى يورۇتتى .نازۇك تۇيغۇلارغا بولغان تەشنالىقنىڭ قارارگاھى دەل ئىككىمىزنىڭ قەلبى ئىكەنلىكىنى يەنە ئېتىراپ قىلىشتۇق.ئاتەش نەپەسلىرىمدە قايناۋاتقان تۇيغۇلىرىمنى ساڭا يوللاشتىن بۇرۇن سېنىڭ كۈيدۈرگۈچى قاراشلىرىڭغا يۇغۇرۇلغان
خەتلىرىڭنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا مەۋىج ئۇرغان دېڭىزنىڭ دولقۇنلۇق سادالىرىغا ئۆزىمىزنى تاپشۇرۇشتىن بۆلەك يەنە نىمىمىز قالدى بۇ دۇنيادا بىز يېتەلمىگەن؟ سېنىڭ قەدەملىرىڭ قاراڭغۇ كېچىلەردەكلا تۇيدۇرماي يېتىپ كېلىپ ھوجرامنى يېنىك قاقىدۇ.يۈرىكىم زارىقىشنىڭ ئارامسىز شاماللىرىدا ساڭا ئىشىك ئېچىشقا يۈگرەيدۇ. مانا شۇ چاغ ۋىسالنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز شېرىن يۇمۇلىدۇ.
194
سەندىن نىمە تەلەپ قىلىمەن؟ ھاياتىڭنىمۇ؟ خۇشاللىقىڭنىمۇ؟ بەختىڭنىمۇ؟
ياق، مەندە بولساڭ ھاياتىڭ ھايات بولىدۇ
ياق، مەندە بولساڭ ئالەم سېنىڭ خۇشاللىقىڭ بولىدۇ
ياق،مەندە بولساڭ بارچە بەخت ئاسمىنى سېنىڭ بولىدۇ.
شۇڭا پەقەتلا سەندە كەتكەن ئۆزۈمنى تەلەپ قىلىمەن.
سەندىكى ئۆزۈم قايتىپ كەلگەندە سېنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىدۇ.
195
ئىككىمىزنىڭ قىسسىسىنى سۆزلىمە ئامرىقىم، ساڭا ئاشىق قۇشلارنىڭ كۆزلىرى ياشلىنىدۇ.سېنىڭ خۇشاللىقىڭ ئىككىمىزنى باغاشلىغاندا نىمجان بولغان ئۇلارنىڭ ئاھىنى ئاڭلىغۇم يوق!پىشانەمگە سۆيۈپ ئۆتكەن سەلكىنلىرىڭ راھىتىدە كۆزلىرىمنى يۇمغىنىمدا بىخۇد تۇرقۇمغا خەنجەر سالمىسۇن!
بۇنداق ئاشكارىلىما، پەقەت پىنھان دالدىدا ئولتۇرۇپ ئاستاغىنە پىچىرلاپ ئېيتقىن، مەن ئاشىقلىقىڭنىڭ كۈچىدىن تاملارنىڭ
ئۆرۈلۈپ
گۈل-گىياھلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى خالىمايمەن.ھەسەت ۋە ھەسرەت لەشكەرلىرىنى ئەگەشتۈرگەن ئاۋۇ كىشىلەر توپىنىڭ يا ئوقلىرىنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ
زەر پەردىسىدىن تۆشۈك ئېچىشىنى تېخىمۇ خالىمايمەن.
كۆزلىرىڭنى ھەر بىر تىكىشىڭدىن جاھانغا ئوت كېتىپ بارغانلىقىنى ھىس قىلالامسەن ئامرىقىم، شۇ تاپ پەريادلارغا بۆلەنگەن شېئىرلار ئارمانلارغا ئورۇنۇپ ئەتراپىمىزغا لىققىدە تولدى. سەن بولساڭ پەرۋاسىز ساڭا سەرسان
خازانلارغا دەسسىگىنىڭچە چىرايلىق كۈلىدىغان كۆزلىرىڭنى ماڭا تىكىپ قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاپ كەلمەكتىسەن. ئاھ،بۇنداق كۈلۈمسىرىمە ئامرىقىم!!!
196
كېچىنىڭ زىل تارىدىن ياڭرىغان سادا ئەتراپنى بىر ئالدى. مەن كىشىلەر توپىدىن ئايرىلىپ دېڭىز ساھىلىدا جىمجىت مېنى كۈتۈۋاتقان سېنىڭ قېشىڭغا قاراپ ماڭدىم. ھاياجانلىق ئىستەكلىرىگە ئورالغان كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار چاراقلايتتى. سەن غەمكىن ۋە گۈزەل مۇھەببەتلىك شېئىرىڭنى ئوقۇپ مېنى كۈتۈپ ۋەدىلەشكەن قىيا تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپسەن. بىردىنلا ئاي نۇرى لىققىدە تولدى. بوشقىنە ئېيتتىڭ:
-قارا، سەن ئۆزۈڭ ئايسەن،ماڭىلا يورۇغان...
بىز بىر-بىرىمىزگە يۆلىنپ ئولتۇرۇپ ئەسلىمىلەر بېتىنى قايتا-قايتا ۋاراقلاۋاتقاندا بىر-بىرىمىزگىلا تەن بولغان كۈنلەر تۈنلەر ئۆزئارا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ بىزنىڭ ئەھدىمىز قېنىغا چىلانغان تومۇرلىرىدىكى قانلىرىنى يۈرىكىمىزگە قۇيماقتا ئىدى.
197
سېنىڭ بارچە مۇھەبىتىڭ ماڭا تەن بولدى. كۆزلىرىمگە كۆزلىرىڭنى تىكىپ تۇرۇپ ئېيتتىڭ:زالىمسەن، يەنە نىمە قالدى سەن ئېرىشمىگەن،بارلىقىمنى ئالدىڭ
كۈلۈپ تۇرۇپ دىدىمكى سەن بىلەن بىللە تۇپراققا كىرمىكىم قالدى .
198
ئەي، قەلىب ئۆيۈمگە ئورۇنلاشقان تەنھا يولۇچى، كۆزلىرىم يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ ئۇيقۇدىن بىدار، تۈنلەر بىدار . سېنى سۆيۈش قانچىكى دەھشەتلىك بولسا سېنى كۈتۈشمۇ شۇنچە شېرىن . سېنى كۆڭۈل بېغىمنىڭ ئىككىمىز ياسىۋالغان ھېلىقى پىنھان مەجنۇنتىلىنىڭ سۇغا چىلانغان شېخىغا ئولتۇرۇپ چاچلىرىمنى تارىغاچ كۈتۈمەن. ئېسىڭدىمۇ سەن ئەۋەتكەن يىلىم چاپقان چاچلىرىمنىڭ توزۇماس بولغانلىقلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ كۈلگەنلىرىڭ، ئەمدى ئارامىغا چۈشتى كۆڭلۈم چاچلىرىڭنىڭ چۈشكەن
تاللىرىمۇ باشقىلارنىڭ قوللىرىغا ئىلىنماس بولدى دەپ غالىپلارچە گىدەيگىنىڭ،
شۇ قەدەر رەشىكسەنكى رەشىك كۈيلىرىڭ مېنى كۆيدۈرۈپ
كۈل قىلىدۇ. شۇ قەدەر ئەسەبىيمەنكى ئەسەبىيلىكىم گاھىدا
تۈن كېچىلەرنى ھاردۇرۇپ ئايىغىڭ ئاستىدا ئۇخلىتىدۇ. بىراق ئاشىقلىق ناخشىسىنى كۈچەپ ئېيتىشنىڭ شېرىنلىكىنى بوغۇلغان ئۈنلىرىمىزنىڭ لەززىتىدە پەقەت بىر-بىرىمىزگىلا يوللىغۇچىلاربىز.
ئەي، قەلىب ئۆيۈمگە ئورۇنلاشقان تەنھا يولۇچى، كۆزلىرىم يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ ئۇيقۇدىن بىدار، تۈنلەر بىدار .
كەل، تاڭ نۇرلىرىغا بۆلۈنۈپ سېنى كۈتمەكتىمەن!
199
بۇ كىم دىمىگىن،بىناۋا قۇشلارنىڭ پەريادىغا بۆلۈنۈپ
سېنى كۈتۈۋاتقان؟
بۇ كىم دىمىگىن،گۈل بەرگىدىكى شەبنەمدە يالتىراپ ساڭا تەلمۈرۈۋاتقان؟
بۇ كىم دىمىگىن،ھاياتنىڭ ھەر خىل ئاچاللىرىدا ئۆزى
تامان يول سۇنۇپ تۇرغان؟
بۇ كىم دىمىگىن ،كېچىنىڭ قانىتىدا مۈگدەۋاتقان تىنجىق ھاۋادا ساڭا يەلپۈگۈچ سۇنۇپ پىرقىراۋاتقان؟
بۇ كىم دىمىگىن،يۇلتۇزلارنىڭ تىترەشلىرىنى سۇبھىگە مارجان قىلىپ ئاسقىنىچە دېرىزەڭنىڭ پەردىسىنى يېنىك قايرىۋاتقان؟
ئامرىقىم، كىملىكىمنى بىلمەكچى بولساڭ ئاستاغىنە قايرىلدە يۈرىكىڭگە قارا!
200
سەن يېنىمغا نىمە بولۇپ كەلدىڭ ئەي؟ شېرىن شېئىرلارنى توقۇغۇنىڭچە مېنى ئىسكەنجەڭگە ئالماقچى بولغان كىمسەن؟
بىسى يالتىرىغان قىلىچىڭنى ئوينىتىپ جېنىمنى ئالماقچى بولغان قاتىلمۇسەن؟
ئۆتمۈشۈمدىمۇ بار بولغان كەلگۈسۈمدىمۇ بار بولماقچى بولغان گۈزەل يوقلۇقمۇسەن؟
سېنى نىمە دەپ ئاتاي؟
سېنى تۇنجى ۋە ئاخىرقى دەپ ئاتىماققا نىيەت قىلىپ يالتىرىغان كىرپىكىڭنىڭ ئوقياسىغا يۈرىكىمنى تۇتتۇم .مەن سېنىڭ مەغرۇرلىقىڭنى يۈكسەشلەشتۈرگەن بىردىنبىر ئوۋ قۇشۇڭ، سەن مېنى يۇمران ئاستا سىلاشلىرىڭدا قەپىزىڭگە مەڭگۈلۈك سولىۋالغان سۆيۈملۈك ئوۋچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەرگىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-26 23:39