پىچىر-پىچىر
نەسىرلەر
تۇرسۇنئاي سۇلتان
بەزى-بەزىدە مۇشۇنداق پىچىرلاپ سالىمەن ئۆز-ئۆزۈمگە،تاما-تاما كۆل بولار دەپ پىچىرلىغانلىرىم يىغىلىپ قاپتۇ. يوللاپ قويسام باشقىلارنىڭ پىكىر ۋە پىچىرلاشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يېڭى دولقۇن ياساپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
1
بوۋاقنىڭ كۆزلىرىدىكى بىغۇبارلىق نۇمۇسچان ئىككى غۇنچىنىڭ كېلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئۈپۈشىدىن كەلگەن،بىز بوۋاق كۆزىدىكى بىغۇبار نۇر بولالارمىزمۇ ياكى بوۋاق كۆزىگە نۇر بەرگەن غۇنچە بولالارمىزمۇ؟
مەن دېڭىزنى كۆرمىگەن بىراق دېڭىزنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنلىرىنىڭ خەندانلىرىنى ئاڭلىغان يۈرىكىمدە، قۇمساڭغۇ ساھىللارنى كۆرمىگەن،بىراق كۈمۈش رەڭ تەبەسسۇملارغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلىمەن.
ئاھ بالىلار بىپايان دۇنياغا تەۋە بولغىنىدا ،شاماللار يولسىز ئاسمانلاردا ئۇچقىنىدا،كېمىلەر سۇ ئۈستىدە ئوينىغىنىدا ھاياتلىقنىڭ بەك رەڭدار،ئۆزگىچە گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ قىيالمايمەن يەنە بىر ياش چوڭ بولۇپ كېتىشلىرىمگە...
كېلىڭلار،بىپايان دۇنيانىڭ مەلىكە-شاھزادىلىرى، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشايلى،شۇندىلا ئۆكۈنمەيمىز ئىھتىمال سانسىز يېڭى يىللار بىزنى قۇچاقلىيالمىسىمۇ...
2
مۇھەببەت-سەن بىر نۇرسەن،سەن شاۋقۇنلۇق دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى ھىسسىياتلىق قايناملار تەرىپىدىن سۈزۈپ ئېلىنىپ ئايرىۋىلىنغان بىر قەترە نۇرسەن.
سۆيگۈ تارىمدىن ياڭرىغان ئاشۇ سېغىنىش ھىسلىرىمنى شۇ تاپتا يىگانە گۇگۇم قاراڭغۇسىدا تۇرغان قەلبىمدىن ئۆزگە سەن ھىس قىلالامتىڭ؟
قىيالماسلىقلىرىم ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئەمەسمىتتى؟ سېنى ئەبەدىي يوقىتىپ قويغىنىمدا ئاندىن ساڭا ئېرىشىپ قالدىم سەۋدالىق ھىسلىرىمنىڭ تۇيغۇلاردا سېنى چىڭ قۇچاقلاشلىرى ئىچىدىن سېنى سۇغۇرۇپ ئالالماي قىينالدىم.بىراق تۇيغۇ ئىچىدىكى سەن مېنىڭ ئىدىڭ ئەبىدىي شۇ يەردە ياشايىتتىڭ شۇ قەدەر خىرامان شۇ قەدەر سەگەك.
مۇزدەك تەكەببۇرلۇقلار ئارىسىغا مېنى ئەمەس مۇھەببىتىمنى كۆمۈوپ قويساڭچۇ بۇنچە تىترىمەس ئىدىم سېنى كۆرگەندە..
قايتىش دەريالىرىغا چۆمۈلگەن ناتىۋان نىمجان بېلىقنىڭ ئاھى بارچە ناخشىلاردىن كۈچلۈك ئېيتىلىۋاتاتتى.بىراق سەن ئاڭلىمايلا ئۇخلاپ قالدىڭ ئەزىزىم.
مېنىڭ مۇلايىملىق بىلەن ئايلىنىۋاتقان قەسرىمدە قالغان ئىزلار شۇنچىلىك قەبىھ ئىكەنكى ئۇ ئۈستىگە بىر قەۋەت نېپىز قىرۇ چۈشۈشنى ئەسلا خالىمايدۇ ھەم چۈشكۈزمەيدۇ.
گۈل بەرگىدىكى شەبنەمنى سۆيۈپ قويۇڭلار دىمەيمەن ئەسلا،ئاشىقمەن شۇ قەدەر سەۋدا،قاراڭ چىراق نۇرىدا شۇنچىلىك نازۇك ئۇ شەبنەم،گۈلنىڭ تىترەڭگۈ ياپراقلىرىدا يالتىراۋاتىدۇ.
3
كىم مېنى چاقىرىۋاتقان سۈزۈك شىلدىرلاشلاردا ،
كىم مېنى چاقىرىۋاتقان كۆيۈۋاتقان گۈلخانلاردا.
كىم مېنى چاقىرىۋاتقان پايانسىز ئۇپۇقتىكى شەپەقلەردە،
ئەي جېنىمنىڭ ئۈستىدە قىلىچ ئويناتقۇچى،كىملىكىڭنى ئاشكارە قىل كۆزلىرىم يۇمۇلماستا!
تەلەپكار بىلەكلىرىم بىلەن جىسمىڭنى تۇتۇپ قالالىشىم مۇمكىن بىراق روھىڭنىچۇ؟كۆزلىرىڭدىكى .ئۆچمەس ئوتلارنى يېلىنجاتما ئاشىق، سېنى قويۇپ بەردىم، يولۇڭغا راۋان بول،نىقابىڭنى يىرتىپ تاشلىۋەتكىنىمدىن ئەپسۇسلانما،روھىڭدىكى سۆيگۈڭنى رومال قىلىپ ئارتىۋىلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا يېلىنىمەن.
ئېيتىۋاتقىنىمنىڭ قانداق ناخشا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن،بەلكى سەنمۇ بىلمەيسەن. بىراق بىلىدۇ سېنىڭ لەۋلىرىڭدىكى يۇشۇرۇن كۈلكە،ساڭا كۈلكەمنى بېرىۋىتىپ ئۆمۈر بويى كۈلەلمەسلىكنىڭ لەززىتىنى سۈرۈۋاتىمەن شۇ تاپ.
سەھەر،بەرگىدىكى شەبنەم مۇز بولۇپ قاتىدىغان ۋاقىتتا مەن ئۇيقىدىن ئۇيغانغىنىمچە سۈرەن سالدىم، ئەي قاراقچى،بىئاۋاز كۈيلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر!
4
قارلار مۇنداق دەپ ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ،بىز ئاپئاق،بىز پاك،بىزنى دەسسىمە ئەي ناپاك،ياخشىلار قۇرۇق ياشاپلا ئۆتمە ،بولغىن يامانلارغا نۇر-ماياك. ئاڭلاپ بېقىڭچۇ،ئۇلارنىڭ ناخشىسى يېقىملىقمىكەن؟
مەڭگۈلۈك سۆيۈش كىچىك بولمىغىنىدا ئىدى ھەقىقىي مۇھەببەت ئىگىسىنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ تاشلىۋەتكەن بولاتتى.كۈز كۈنىدىكى ناخشىسى يوق سارغايغان ياپراقلارنىڭ بېتىدىن بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋالدىم.
ناۋادا باغرىم بىپايان چەكسىز قۇملۇقتەك قاغجىراپ تۇرسا ئېيتە ئامرىقىم سەن يېشىل چۆپ بولۇپ ئۈنەلەمتىڭ؟ھىس قىلغىن يۈرىكىمدىكى ساڭا ئوزۇق قانلارنىڭ ئاستا-ئاستا مىھىرسىزلىكنىڭ باياۋىنىدا قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى،قورقۇۋاتىمەن،ناۋادا باغرىم قاغجىراق قۇملۇق بولۇپ قالسا،ئاھ....
ئىنتىلىشنىڭ خىيالىي مەنزىرىسى ئىچىدە تۇمانلارغا ئورالغان سەن يېنىككىدە جىلمىيىپ تۇراتتىڭ، ئەي جېنىمنىڭ جاپاسى زالىم،دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ئادەمدەك ھامان بىر كۈنى يېنىككىدە قەدەملەردە كېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغىن!
ھەممىسى مېنىڭ كىملىكىمنى سورىشىۋاتىدۇ ،مەن ئاستا جاۋاب بەردىم «مەن پەقەت بىر گۈل» گۈل-ئىكەنلىكىمنى بىلىش مېنى مەغرۇرلاندۇردى .بىراق خۇشپۇراق چېچىش-چاچالماسلىقىمنى بىلمەسلىك مېنىڭ بېشىمنى ئاستا ئەگدۈردى.
5
يۈرىكىمنىڭ ھايالىق بېغىنىڭ ئەزىز مىھمىنى سېنى قاچان يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىم ئېسىمدە يوق ئەمما سېنىڭ قاچان كۆڭۈل ئوردامغا سۇلتان بولۇپ كىرگىنىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.ئالدىڭغا كۈلۈپ چىققىنى چېچىنى ئىككى بۇغۇۋىلىپ يەر ئاستىدىن ساڭا ئوغۇرلۇقچە قاراپ كۆز نۇر ئوقۇڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچقان سەبىي قىز ئىدى،ئىلتىجالىق تەلمۈرۈشلىرىڭنى يۈرىكىگە مەھكەم سولىۋالغان شۇ قىز سەبىلىكىدىن ئايرىلىپ باغرىڭ تامان يول ئالغاندا سېنى يۈتتۈرۈپ قويدى.بىراق قاچان يۈتتۈردى بىلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدە پەقەت ئاشۇ تۇنجى ئۇچراشقاندىكى لەزىز تۇيغۇلار قېتىپ قالغان ئىدى.
6
تىترەڭگۈ سىۋەتلەرگە لىققىدە سېلىۋالغان گۈللەرنىڭ ئازابى يوقمىدۇ دەيمەن.يىللارنىڭ توزانىغا ئاسقان گۈلچەمبىرىكىمنى ئىزدەپلا يۈرۈۋاتىمەن.ئەي جېنىمنىڭ جانانى سەن شۇنى بولسىمۇ تاپساڭچۇ!
ئۇيقىسىز جىمجىتلىقىمغا سېنى مەھكەم سولىۋالغىنىمنىڭ نىمە پايدىسى ئەي قاراقچى، قېنى قىلىچىڭ،مېنى چاپ ياكى بۇ ئۇيقىسىز تۈنلەرنى بېشىدىن جۇدا قىل ئۇنىڭدىن چاچرىغان قىزىللىق ئىچىدە كۆزلىرىمگە يۇشۇرۇنغان مۇھەببەتنى تەنتەنە قىلىپ چاقنىتاي!
ياز بۇلۇتلىرى سېخىلىق بىلەن ئۆزىدە تۇرۇپ قالغان تامچىلىرىنى بەرگىلىرىمگە شەبنەم قىلىپ قوندۇرغان ئاشۇ پەيت سەن مېنىڭ گۈزەللىكىمگە ھەسەت قىلىپ مېنى تاشلاپ كەتكەن ئىكەنسەن.
قەلبىم تەنھا قىيىق، ساھىلدىكى ئوينىغان ئۇسۇلىنى بىر كۆرسەڭ ئىدى قول قوياتتىڭ دېڭىزنىڭ نىمىشقا شۇنچە تىنىچ،دەريانىڭ نىمىشقا شۇنچە ھۇۋلاپ شاۋقۇن كۆتۈرىدىغانلىقىغا.
مېنى ئارامىمدا قوي،ئارامىمدا قوي دەيمەنيۇ بىر مىنۇتمۇ خىيالىمدىن كۆتۈرۈلىشىڭگە رۇخسەت قىلالمايمەن
7
ئۆزۈمنىڭ كۆلەڭگىلىرى يوللىرىمنى توسۇپتۇ سېنىڭ ئەمەس،نۇرسىز قايغۇلىرىمنىڭ رەڭگىدە شېئىر يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا قىپ-قىزىل سىياھلارنى شۈمەۋاتقان ئازابلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالىسەن چوقۇم،بىراق شۇ چوقۇملارنىڭ قوينىدا تۇرۇپ جان بېرىۋاتقىنىمدا كەلمە زىنھار، ساڭا تاتارغان چىرايىمنىڭ ئاخىرقى تەلمۈرۈشلىرىنى يادنامە قىلغۇم يوق!
چۈش ئۆڭكۈرلىرىدىكى ئاشۇ خۇشاللىقلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۇيغانماسلىقنى ئارمان قىلاتتىم،بىراق،مۇھەببەت گۈللىرىمدىكى شەبنەملەر مېنى تىنماي سۆيۈپ ئاخىرى مېنى ئۇيغاتتى،دىمەك مېنى بۇ ئالەمدە زار،ئۈزۈلمەس شاتلىقلارغا خار قىلدى.ئاھ،ئۇلۇغ رەببىم مېنى ئەقىدىگە يار قىلدى،دىمەك مەن بەخىتلىكمەن.سۆيۈشنى بىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بەخىت شۇنداق ئەمەسمۇ؟
8
مۇھەببەتكە نائىل بولالمىغان ئىنتىزارلىقنى ئازاب دىمە سۆيۈملۈكۈم،ئۇ ئىنتىزارلىق بەك شېرىنغۇ...
توپا ئۆرلىگەن چىغىر يوللارنى مىسكىن دىمە ئامرىقىم،ئۇنىڭ يۈرىكىدە تىنماي مېڭىۋاتقان جۇپ قەدەم ئىزى بار،شۇنداق يولدا تىنماي شۇ ئاۋازنى ئاڭلاش بەك تاتلىققۇ...
تەشنالىقنىڭ رەسىملىرى ئۇپۇقتا ئېسىلىپ تۇرۇپتۇ، قوياشنىڭ ئاخىرقى نۇرىدا ئۇ قىپ-قىزىل تاۋلىنىپ كۆزلەرنى قاماشتۇردى قارىغىنا،ئۇ بەك گۈزەلغۇ...
خىيالچان كۆزلىرىمدە ئۇزاپ كەتكەن ئاشۇ سىمانى مەڭگۈلۈك قارچۇقلىرىمغا سولىۋالغان مەن زىمىننىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ ئارماننىڭ باغرىدا ئېرىپ سېغىنىشنىڭ رومالىغا ئورۇنۇپ ئولتۇرۇپ شۇلارنى خىيال قىلغىنىمدا ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھىس قىلغان ئىدىم.
9
تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى، تۈنۈگۈن يىغلاپ قالدى،بۈگۈننى يىغلاتمايلى،ئۇلۇغ رەببىم ئاتا قىلغان كۈنلەرنى يىغلىتىشقا نىمە ھەققىمىز بار؟
باھار كەلدى،ئۇيغان قەلبىم خۇددى غەپلەت ئۇيقۇسى ئېچىلىۋاتقان چېچەكلەر كەبى،جىمجىتلىققا يەم بولما ھاياتىم،ھەتتا ئۆز ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمايدىغان زۇلمەتلەر قوينىدا قېلىش بەك خەتەرلىك،مېڭىۋاتقان يوللىرىمنى يورۇتۇۋاتقان ئازابلارغا رەھمەت ئېيتقىن يۈرىكىم،كۆزلىرىمگە تارتقان تورلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن سېنىڭ سادايىڭنىڭ ھىممىتىدە بوشىنالىدىم.
10
ھاياتىمنى نىمىشقا بەربات بولدى دىگۈدەكمەن،كۆك قايغۇ بۇلۇتلىرى بىلەن ئورالغان، چاقماق بۇلۇتلارنىڭ پەردىلىرىدىن بوسۇپ ئۆتۈپ زىمىنغا ئالايغان بولسىمۇ بىراق مەن ئاشۇ يەردە تۇرۇۋەردىم. چۈنكى يۈرىكىمدە، قەلبىمدە چەكسىز ئەقىدە ۋە مۇھەببەت پۈتۈكلىرى ياسىغان سېپىلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكۈدەك جاسارەتنىڭ بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن تۇيغان ئىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 02:26