91
تولىمۇ سۇغۇق بولغان ئىپادىلەردىن يەتكۇچە زېرىكتىم.ئۇنىڭ ئىپادىسى روھ ئىپادىسى بىلەن بىللە بولالمىغان ئاشۇ دەملەرنىڭ ئامانىتىنى كىملەرگىدۇر قويالمايمەن ئەلۋەتتە .
روھ چوڭقۇرلىقىدىن بالقىغان سۆيگۈنىڭ قىيناقلىرىغا باغرىنى بۆلەپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنى جىممىدە سىڭدۈرۈۋاتقان بىچارىلىكلەردىن بەكلا زېرىكتىم .ئۈمىدسىز تۈنلەرنىڭ، ئايسىز كېچىلەرنىڭ، يۇلتۇزسىز پاراڭلارنىڭ قاتىلى بول دەپ تىلەكمۇ تىلىمەيمەن قاپقاراڭغۇ يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇپ .
خاتىرەمنىڭ بەتلىرىگە لىققىدە گۈل سېلىپ قويدۇم، كۈندە بىر تال قۇرۇپ كەتكەن گۈل بەرگىنى تاشلايمەن. گۈل بەرگى بىلەن تەڭ ھاياتىمنىڭ بەتلىرىمۇ بىر-بىرلەپ يىرتىلىۋاتىدۇ. ئاھ.. ئۆمۈرنىڭ چېكى؟؟؟؟
ھىسسىز دۇنيانىڭ ئۆلگەن تەنلىرىدە جىۋىرلاپ تۇرغان ئاخىرقى كۈينى قۇچىقىمغا مەھكەم سولىۋالدىم . ئەتە قوياش چىقارمۇ؟ قايسى رەڭدە چىقار؟ مەن قاپقارا قوياشنى خىيال قىلىپ چۆچۈپ كەتتىم. ناۋادا بىر كۈن قوياش قاپقارا چىقسا.......
92
سىلەر ئەمدى قاراڭلار، مېنىڭ رەڭگىمگە، رەڭگىم سۇلغۇنمىدى قانسىرىغان قانلاردەك،
سىلەر ئەمدى تۇنۇڭلار، تىتما تالاڭ بولغان تەنلىرىمدە قالغان نۇرلاردىن،نۇرسىز ئەتلەردە شولىلار قالغانمىدى؟
سىلەر ئەمدى بىلىڭلار، كۆيۈۋاتقان سۇلارنىڭ دەھشىتىنى، مېنىڭ كۆزۈمدىن تامغان ياشلار شۇنچە تۇزلۇقمىتتى ۋە يا ئوتمىدى؟
سىلەر تۇنۇيالمىغان مېنىڭ ئىچىمدىن چىقىپ كېتىڭلار ، مەن يارىلانغان تۇيغۇلارنى بارماقلىرىم بىلەن يېپىشنى ئۈگىنەي!
بەرگىمگە ياققان قارلارنى كۆيۈۋاتقان دېڭىزغا تاشلىۋەتتىم. دېڭىزنىڭ گۈرۈلدەپ كۆيۈشىدىن ئاسمان قىپ-قىزىل قىزاردى . تۈن تاتاردى سېنى يۇشۇرۇپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن.
93
رەڭسىز سۆيگۈلەردىن قاچقۇم كەلدى.تۈننىڭ قانلىرى كۈۋەجىگەن شۇ دەمدە، سېنىڭ رەڭسىز سۈرىتىڭنى سىزىپ ئولتۇرۇپ.
يامغۇرنىڭ تىۋىشلىرىغا دېرىزەمنى باغلاپ قويدۇم، تىۋىشلىرىڭنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ.
قۇشلىرىمنىڭ پەيلىرىگە سارغايغان ئارمانلىرىمنى چىگىپ قويدۇم، سېنى ئوقۇپ چۈشىنىپ ئولتۇرۇپ.
ئەي،تۈنلەرنىڭ قاتىلى، سەن ئۈچۈن مىڭ پارە بولدۇم. دەپتەرلىرىمنىڭ ۋاراقلىرى يىرتىلدى، ئاھىم يېزىلغان قۇرلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي .ئاشىق ھىدىغا بۆلەنگەن شاماللارنىڭ كۈتۈشى يوللارغا چېچىلدى.
شۇ تاپ، كىشىلەر شامالمۇ بۇ ئاشىقمۇ دەپ ئايرىيالماي ئاۋارە...
94
قانچە قېتىم يىقىلدىم، قانچە قېتىم قوپتۇم يوللاردا ، ھەر بىر ھەسرەت سوزۇلۇپ كىرگەن كېچىلىرىمدە يىقىلىپ، ۋىسال باغاشلىغان تاڭلاردا ئورنۇمدىن تۇردۇم. يىراق ئۆتمۈشلەرنىڭ باغرىدا نۇر بولۇپ جۇلالانماستىن، يېقىندىكى ئاسمىنىڭدا ئاي بولۇپ پارلىغان دەملىرىمنى تارتۇق قىل ،بولدى بەس يىتەر!قاراڭغۇ دۇنيانىڭ ئىچىدىن سېنى ئىزدەشلىرىم يوق، بار نۇرۇڭنى ماڭا ئاتا قىلىۋەتكەن دەملىرىڭگە بەخشەندە بولغان ئارمانلىرىمدا نىمە گۇناھ ؟
مەيلى دە، مەن قىيام بولغان سۆيگۈلەردە ، يەنە ئېرىپ يوقاپ كېتەي!
مەيلى دە، جىمجىت كۈتۈشلەردىن قالغان قارا تاشلارغا، باغرىمنى ياقاي!
مەيلى دە، سەنسىز ئۆتكەن كۈنلىرىمگە، سەنسىزلىكنىڭ دەردىنى، قارا مارجان قىلىپ ئاساي!
مەيلى دە، سېنى يۈتتۈرگەن قارچۇقلىرىمنى ئويۇپ تاشلىۋىتەي،ۋاپاسىزلىقنىڭ جاجىسىنى تارتسۇن!
مەيلى دە، مەن باغرىڭغا يىقىلىپ باغرىڭدا ئۆلۈپ كېتەي، ئاخىرقى ھاياتىم سەندە تاماملانسۇن!
95
ئىشىك يېنىك چېكىلدى، يۈگرۈپ بېرىپ ئاچتىم ھىچكىم يوق،
دېرىزەم يېنىك چېكىلدى، يۈگرۈپ بېرىپ ئاچتىم ھىچكىم يوق،
تاك،تاك تاك...
توختىماستىن چېكىلىۋاتقان تىۋىشلاردا تولا ئېچىلغان ئىشىك-دېرىزىلەر دومسايدى، ھىچكىم يوق. توختار ئەمەس تاك- تاك ئاۋازلار، تىترەپ كەتتىم، ئىشىك چېكىلىش توختىغان دەمدە تىۋىشسىزلا كىرىپ كەلدىڭ يۈرىكىمگە .ھە... ئەسلىدە يۈرىكىمنىڭ ئىشىكى....
مەن ساڭا ئاقتىم، سەن ماڭا!
96
سايىدەك يېيىلغان كىشىلەر توپى ئىچىدىن سېنى تۇنۇۋالدىم . شۇندىن بېرى ھىجران گۈللىرىم بەس-بەستە ئېچىلىشقا باشلىدى. غايىپ ئوقنىڭ دەھشىتىدە ھالسىزلاندىم. روھ باياۋانلىرىدا، قاغجىراق تۇيغۇلارنى يۇدۇپ يۈرگەن تۈنلىرىمدە، مىھىرلىك ئالقانلىرىڭنىڭ مېنى پەپىلەپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلساممۇ سۈرەن سالاتتىم .سەن يوق دەملىرىمگە لەنەتلەر بولسۇن!ئۇنداق كۈنلەرنىڭ تەنلىرى يارا، يۈرىكى يوق، قۇشلار تىللىرىنى چوقىلاپ قاچقان.ئۇ كېچىلەرنىڭ زەڭگەر كۆزلىرىدىن قان تامچىغان.ساھىلدىكى ئاخىرقى ئىزلارغا مۇڭ لىققىدە تاشقان. سېنى يىغلاپ- يىغلاپ تېلىققان موزىكىلىرىمنىڭ ئۈزۈلگەن تارلىرى كۈتۈۋالىدۇ. مەيىن ،ئىسسىق تۇيغۇڭدەك مۇھەببتىڭدە ياندىم، ياندىم ...يىراقتىن كۆيۈۋاتقان سۇلارنى كۆرگەنلەر باشلىرىنى چايقاشتى.ئىھ،مۇھەببەتكە پۈتۈلگەن قىز، دىيىشتى .
97
ياق ،چىدىمايمەن! گەر قارچۇقۇڭدا، چاقناپ قالسا بىرەر شولا...
رەشىك تۇيغۇلىرىمدىن بۇ گۈلنى ياساپ، مەيدە يانچۇقۇڭغا سېلىپ قويدۇم.
98
يۈرىكىمنى پۇچىلىما!
سېنىڭ تۇنجى سۆيگۈڭنىڭ ئىگىسى بولۇش مېنى بەكلا بەخىتلىك قىلىدۇ.بىراق بۇ سەۋەب سېنى ھەر مىنۇت-سىكۇنت ئازاب زەنجىرلىرىدە باغلاپ، ھىجران دەشىتلىرىدە سۆرەپ يۈرۈۋاتقانلىقىمنى زىنھار بىلمەپتىمەن.ئەي ئاشىق، ئۇدارىڭنى بۇنچە كۈچەپ چالغانلىرىڭدا، ئاۋازسىز مۇھەببىتىڭنى تۈن كېچىلەردە دېرىزەم تۈۋىدە ماڭا تۆككەنلىرىڭدە، مەن چۈش قوينىدا بەخىت كۈلكەمنى كۈلگىنىمچە ئۇخلاپتىمەن. نۇمۇس قىلدىم ،خۇددى سېغىنىشىمنىڭ ۋەزنىنى مېنى سېغىندۇرغان كىشى بىلىپ، ئۆزىنىڭ مېنىڭ يېنىمدا يوقلىقىغا نۇمۇس قىلغىنىغا ئوخشاشلا. بۇ نە قىسمەت، نە تەغدىر ھە؟!
ھاياتلىق پويىزىنىڭ تۇرمۇش ۋاگۇنلىرىدا، بىر-بىرىمىزگە غەمكىن باققىنىمىزچە يۈرۈپ كەتتۇق، توختىيالماي.....
99
تۇمانلىق سەھەرنىڭ لېۋىدە قالغان نۇرغۇن پىچىرلاشلاردىن يۈرىكىم سۇ بولدى. گۈللەرنىڭ كۆز ياشلىرى بەرگىدە قاتقان ئاشۇ سەھەر، يۈرىكىمنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماستىن، ئاخىرقى سېپىللارنى بۇزغىنىمچە، يۈگرەپ ئىچىڭگە كىردىم.ئىچىڭدىكى لىقلانغان ئازاب ئورمانلىرىنىڭ يىلتىزلىرىدا ئولتۇرۇپ مۇڭلاندىم. تۈننڭ ئارمانلىرى تىترەپ تۇرۇپ باغرىمغا قول سۇنۇشاتتى. مەن چېچىلىپ كەتكەن خىياللىرىمنى سۇبھى ئاسمىنىغا يۇلتۇز قىلىپ تارقىتىۋىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدىم. بىراق سەن ئۇزىغان قەدەملەردە بۇلار يەنىلا مەندە قاپتۇ. پەرياد ئۇردۇم، سەن نەدە؟
100
ھاياتىم غەم بىلەن شادلىق ئالداۋاتقان يوللارغا مەپتۇن بولغىنىچە ئىلگىرلىمەكتە.ھارغىن كۆڭلۈم رۇجەكلىرىدە چاقناپ تۇرغان سىمالارغا مەيلىم يوق. چۈنكى بىتاپمەن. چاڭ-توزانلىق گىرىمسەن سۆيگۈ يولىدا ئاداشقان بىتاپمەن.بىتاپ بولساممۇ ھەر كۈنى سەگەكلىك بىلەن دېرىزەمنىڭ تۈۋىدە سېنى ساقلاۋاتىمەن . جېنىم كەل، ئاخىرقى نەپەسلىرىمگىچە بولسىمۇ ئۈلگۈرۈپ كەل، دىيىشمىگەنىدۇق ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ سەن مېنىڭ، مەن سېنىڭ دەپ. شۇ ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئاخىرقى تىنىقلىرىمنى ساڭا ساقلاۋاتىمەن، ئاخىرقى تىنىقلىرىمنى....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەرگىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-22 17:47