پىچىر-پىچىر
51
قوياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى كەچكى تۈن قوينىغا سىڭىپ كەتتى.دېڭىز ساھىلىنىمۇ قويۇق گۇگۇم قوينىغا ئالدى. ئەمما سېنىڭ ناخشاڭ توختىمىدى،سېنىڭ پايانسىز دېڭىزدا كۈۋەجەۋاتقان ناخشاڭ نەقەدەر يېقىملىق ھە؟
ساھىلىدىكى قۇملار، دېڭىز قۇشلىرى ناخشاڭنىڭ سىھرىدىن كۈلۈمسىرەيتتى. دولقۇنلار ئەركىن ئازادە ئۆركەشلەيتتى..بىز ناخشا ساداسى ئىچىدە بىر-بىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق، ئۈنسىز قول تۇتۇشۇپ سەيلى قىلىشقا باشلىدۇق. شۇ چاغدا ھىس قىلدىم، سېنىڭ ناخشاڭ ھاياتىمنىڭ بۇرۇنقى بەتلىرىگە ئاللىبۇرۇن ئىزىنى قالدۇرۇپتىكەن،بۇنىڭدىن كېيىنكى بەتلىرى ھاياجاندىن رەڭ ئالغانىكەن.
52
سۇكۇتكە تولغان مۇھەببەتنى چىڭ قۇچاقلىغان ئورمانلىق كەچكۈزدە بىر پارچە ئالتۇندەك يالتىراپ تۇراتتى.چىغىر يوللار، جۇپ-جۇپ تېرەكلەر، شىلدىر سۇلۇق بۇلاقلار ئىھتىرام بىلەن بېشىنى ئەگكەن ئىدى.بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشتىن رەسسامنىڭ قەلبى داۋالغۇدى.بىراق،ئۇنىڭ سىزىپ چىققىنى بىر پارچە ئېتىزلىق بولدى. ساپ-سېرىق دانلىرىنى يالىلداتقان بۇغدايلار تەبەسسۇم بىلەن قوياشقا باغرىنى ئاچقان ئىدى.
تارام تەرلەرگە تويۇنغان دىھقان رەسسام بىلەن قۇچاقلىشىۋاتاتتى.
53
سىم-سىم يامغۇرلارغا چىلانغان ھىسلار ھور كۆتۈرۈلگەن يوللاردا لەيلەيتتى. مەن ماڭا سوقۇلۇۋاتقان سايىلار ئارىسىدا قاچاندىن بېرى ماڭا بۇنچە يېقىن كېلىۋالغان سايەڭگە ھەيرانلىق بىلەن قارايتتىم. تىترەڭگۈ خۇشاللىقنىڭ يۈرىكىم ئۈستىگە ئالقانلىرىنى قويغانلىقىنى ، ھاياتىمنىڭ رەڭدار ھاياجانغا چىلاشقانلىقىنى ھىس قىلغىنىمچە ئۈندىمەستىن تۇراتتىم.قارا ئۇيقۇدىن بىر گۈزەل چۈش ئېتىلىپ، باغرىمنى لىققىدە گۈللەرگە تولدۇرغاندەك تۇيغۇلار سەگەك روھىمنىڭ شادلىقلىرىغا قوشۇلۇپ ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى.
ئاھ، مەن سېنىڭ تەبەسسۇملىرىڭنى ئۆزۈمنىڭ زىنىقىغا قوندۇرغىنىمچە چۈش دۇنياسىغا غەرىق بولۇپ كەتتىم.
54
سېنىڭ خۇشاللىقلىرىڭ مېنىڭ يۈرىكىمدە، سېنىڭ ئارمانلىرىڭ مېنىڭ قەدەملىرىمدە،سېنىڭ ھەۋەسلىرىڭ مېنىڭ رىئاللىقىمدا.
سۆيگۈ سازىمنىڭ تارىنى چېكىپ .ھاياتىمنىڭ بېغىدا تىنماي ئۇسۇل ئويناۋاتقان كىم؟
سۈرەن سالدىم قەھرىم بىلەن،يېقىملىق ئازابلارنىڭ باغرىمنى تىلغاشلىرىغا چىداپ بولالماي...
ئاخىرقى ناخشامغا سىڭىپ كەتكەن سېنىڭ ئۈنۈڭدىن ئەكىس سادا كەلدى.
كەل،مەن بۇ يەردە!
55
سۆيگۈمنى بىلىپ قال دۇنيا!
ئاداشقان قۇشلاردەك تۇتۇلۇپ قالغان ھىسلىرىمنى ئەپۇ ئەت!
مەن يېنىڭغا كەلگەن دەملەردە تۈن يۇلتۇزلىرىدىن نۇر تۆكۈلۈپ جىسمىمغا ئايلىنىدۇ،ساڭا بېرىدىغانلىرىم سېنىڭ مەڭگۈلۈك تەشنالىقىڭنى قاندۇرغۇچى مۇلايىم مۇھەببىتىم بولىدۇ.
لەۋلىرىم دەسلەپكى غۇنچىلاردىن ئالغان بىغۇبارلىقى بىلەن ساڭا تەلمۈرۈدۇ. شادلىق كەلكۈنلىرىگە سېنى غەرىق قىلىۋىتىش ئۈچۈن زوراۋان سۆيگۈم سېنى قۇچاقلايدۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈزەل بىر داستاننىڭ قۇرلىرىدا ئوينىغان گۈللەر ساڭا گۈلدەستە بولۇپ دېرىزەڭدىن، ئىشىكىڭدىن كىرىپ ئۆيۈڭنى لىققىدە گۈل ھىدىغا تولدۇرۇۋىتىدۇ.بۇ بەخىتنى ئۆزۈڭدىن يىراقلاشتۇرمىغىن!
بىر ئۇلۇغ نازىشىنى ئېيتماقچى ئىدىم،بىراق تىترەپ تۇرۇپ "سۆيگۈمنى بىلىپ قال دۇنيا" نى ئېيتتىم قايتا- قايتىلاپ.
56
باھار ھەر يىلى قايتىپ كېلىدۇ،قوياش خوش دەپ ھەر كۈنى تاشلار كەينىگە ئۆتۈپ كېتىدۇيۇ، بىراق ھىلال ئاينىڭ تۈندە كائىناتنى نۇرلىرى بىلەن قۇچاقلىشىغا بىر كېچىلا چىدىيالايدۇ.سەھەر رەشىكلىك ئازابىدا قىزىرىپ تۇرۇپ ئۇپۇقتىن باش كۆتۈرۈدۇ.كەچكۈز سۇغۇقىدا تىترىگەن گۈللەر خەيىر دىيىشىپ بەرگىلىرىنى توزۇتۇپ تۇپراقنى باغاشلايدۇيۇ، قايتىپ كەلگەن باھارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىلىپ ،ئۇياتچانلىق بىلەن نازۇك قەترىلەرنى بىخلىرىغا قوندۇرۇپ، تۇلۇققىنە قات-قېتى بىلەن تەبىئەتكە بېقىشچۈن تىرىشىدۇ.
ساڭا خەير دىدىم.ئىھتىمال،يىلدا قايتىپ كېلىدىغان باھاردەك،كۈندەشلىكى قىززىق ئاپتىپىدا يالتىرايدىغان قوياشتەك،ئۇياتچان گۈل بەرگىلىرىدەك يەنە قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىغان مەغرۇر تەبەسسۇمىڭدا ئۈندىمىدىڭ.چىن گەپلىرىمنى قارا مارجانغا ئايلاندۇرۇپ ،تۈن كېچىلىرىڭگە ئامانەت قويدۇم. شەپقەتسىز رىئاللىقنىڭ سۇغۇق باغرىدا يالىڭاچ قالماسلىقىڭنى تىلەپ دۇئا قىلغىنىمچە سەندىن ئايرىلدىم. سېنىڭ ئاشۇ مەغرۇر تەبەسسۇمىڭ خەير نىڭ ئازابىنى ھىس قىلغۇچە بەلكىم مەڭگۈلۈك يىراقلاپ كەتتىم.
57
ھاياتنى قۇرۇق نەرسە دىگۈچىلەردىن سورىغۇم بار:
ئەمىسە نىمىشقا ئۈلۈمگە يېقىنلاشقان قەدەملەردىن ئارقاڭغا مەدەت سورايسەن؟يېنىشلاپ ،يېنىشلاپ قاراپ ئۆتمۈش كۆلەڭگۈسىگە ياش تۆكۈسەن؟
ئارامبەخىش ساپ نەرسىلەرنىڭ قوينىدا رەڭگىمنىڭ قارا ئىكەنلىكىدىن نۇمۇس قىلغىنىمچە، يۈزلىرىمنى ئىتىكىمدە ياپتىم.بىراق كېچە قاراڭغۇلۇقىدا ئاي يوق ئاسماندا نۇر چېچىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغىنىمدا يۇلتۇزلار مېنى ئورىۋىلىپ ئۇسۇلغا چۈشكەن ئىدى.
ھاياتىم ۋاقىت گىرۋەكلىرىگە ئېسىلىپ ئىنتايىن مەنىسىز كۈلۈمسىرەۋاتاتتى.بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ دۇنيانى كۈزىتىۋاتقان كۆزلىرىمنىڭ ننمىشقا ئۆزۈمگىلا مەركەزلىشىپ قېلىشلرىدىن بىزارمەن،ئەكسىنچە باشقىلار ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزگىلەرنى كۈزىتىپ ھارمايتتى،قارىمۇ قارشىلىققا تولغان ئىستىرىلكا ئىچىدە بىر-بىرمىزگە سوقۇلماي پەم بىلەن يانداۋاتاتتۇق.
ھاياتنىڭ سۆيگۈ شارابىنى سۇنۇپ سېنىمۇ،مېنىمۇ،باشقىلارنىمۇ ئاللىبۇرۇن مەست قىلىۋەتكەنلىكىنى،مەستلىكتە ھەر خىل ئاھاڭلارغا توۋلاۋاتقانلىقىمىزنى ئاخىرقى تىنىقلىرىمىزدىلا ھىس قىلىۋاتاتتۇق،بارچىمىز بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلالمىغۇچىلار ئىدۇق.
58
قوياش جۇلدۇر كېپەنلىك بۇلۇتلار ئارىسدىن چىقىپ كەلدى-دە، مەيۈس كۈلدى.بىر تۈپ دەرەخكە يۆلىنىپ تۇراتتىم.ياپ-يېشىل يوپۇرماقلىق دەرەخ يالىڭاچلىنىپ قالغىلى نېكەم؟ پەرۋايىم يوق،تۇرۇۋەردىم.ئۈستىگە كىيىم ئارتىۋالغىنى بىلەن ئىچى دەرەختىنمۇ يالىڭاچ بولۇپ قالغان ئادەملەرگە تەبەسسۇمىمنى بەرگۈم يوق.يۇمشاق تەبەسسۇمۇم ئىگىسىنى تاپالماستىن لەرزان لۆمشۈپ مەڭزىلىرىمنى چىشلەيتتى.
ئاخىرى ئۆتتۈڭ نامەلۇم يول بىلەن...
ئىختىيارسىز مەڭزىمنى سىلاپ تۇرۇپ يۈرىكىمدىن سورىدىم:
ئاشۇ نامەلۇم يولنى تاپالامسەن يۈرىكىم؟
قەدەملىرىمنىڭ قۇمساڭغۇ ساھىللارنى بويلاپ دېڭىز شاۋقۇنلىرىدا ئۇسۇلغا چۈشكەنلىكىنى مەستخۇشلۇق بىلەن ھىس قىلدىم.تەبسسۇملار توكۇرلاشقىنىچە دېڭىز دولقۇنلىرىنى سۆيمەكتە.دىمەك مەن ئاخىرى ئىچى يالىڭاچ ئەمەس كىشىنى تاپقان ئىدىم.
59
قەلبىمگە گىرە سېلىۋاتقان ئەسلىمىلىرىم ئارىسدىكى كونا كەپىدە قالغان ئاشۇ قەدەمنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى ئىدىم. يېقىملىق ئازابنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ئۆتمۈش تۇمانلىرى ھامان كۆز ئالدىمدىكى ئوچۇقچىلىقنى ياپاتتى.بىغۇبار جىمجىت كۆزلىرىمنىڭ تېگىدە يۇشۇرۇنۇۋالغان سېنى ياش كەلكۈنى غەرىق قىلىۋەتكىلى نىكەم...؟!
بىراق، بۈگۈنكى كۈندە كىرپىكلىرىمگە ئېسىلىپ تۇرغانلىقىڭنى قېقىلغان كىرپىكلەر توزانلىرىدىن بىلىپ قالدىم.
60
تەپەككۈرنىڭ قانات قېقىشىدا مېنىڭ ھاياتىم تولىمۇ گۈزەل يېزىلىۋاتاتتى.
ئەپسۇس،،قەيەردىندۇر كەلگەن شامال شامنى ئۆچۈرۈپ قويدى .قانىتى بۇغۇچلانغان تەپەككۈرۈم قاراڭغۇ ئۆيدە ئۆزىنى ئۇ تام-بۇ تامغا ئۇرۇپ ،ئاخىرى ھالسىزلاندى. شۇندىن بېرى ھاياتىمدا ناخشا ئاۋازى ئاڭلاپ باقمىدىم.