ئەزىز ئەيسا يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 10:07
(ئۈمىد) ئىنىم ،ئاۋال «دانىشمەن»لىگىڭىزگە بارىكاللا !! ...
(ئۈمىد) يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 01:55
قەبرىستانلىق چوڭ جەھەتتىن «ئالتۇنلىرىم قەبرىستان ...
ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ يازمىسى:
(
ئۈمىد) ئىنىم ،ئاۋال «دانىشمەن»لىگىڭىزگە بارىكاللا !! .بىزمۇ شۇ گەپنى دىمەپتىكەنمىز ،يەنى بىزنى ھېچكىم تەشكىللىگىنى ،ياكى ئالاھىدە تەتقىقات مەخسىىدى بىلەن چىققىنىمىزمۇ يوق . پەقەت ئەجداتلارنىڭ ئىزىنى ئىزدەپ ...قالدۇق .شۇ جەرياندا ئۇچرىغانلىرىنى سىزدەك ئۇيىدە ياستۇقنى قىرلاپ قۇيۇپ مانتا يىگەچ يانپاشلاۋاتقانلار ئۈچۈن ئۇچۇر قىلىپ يوللاۋاتىمىز .بۇنى مۇشۇنداق چۈشەنسىڭىز .يەنە كىلىپ مەخمۇت غەزىنىۋى ھەققىدە ئىسپاتلىق مەلۇماتىڭىز بولسا يوللانما قىلىپ ئوتتۇرغا تاشلىسىڭىز .قۇرۇق يۇغان گەپتىن ئاز بولسىمۇ ئەجىرئەلا !ئەمدى ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىم ؛-سۇلتان مەخمۇت غەزنىۋى قەبرىسىگە كەلسەك ،بۇ ئۇچۇرنى بىزگە شۇ قەبرىنى ھەممىمىزدىن ياخشىراق بىلىدىغان ،دەسلەپكى قەدەمدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئابدۇراخمان مامۇت ئاكا يەتكۈزدى .ئەلۋەتتە يەنە تەتقىق قىلىش ئىزدىنىش دەلىللەش لازىمدە ؟! سىزكەبى مەمەدانلىقچە كۈلۈپ كىتىش شاڭخو قىلىشنىڭ زۇرۇيىتى يوق .ئىسىڭىزدە بولسۇن بۇ ھەققىدىكى ئىسپاتىڭىز بولسا تەييارلاڭ .مەن ئابدۇراھمان ئاكىغا يەتكۈزەي ئىسپاتلايلى .
ئاخىرىدا مولجەرى ئىنىم ،بۇ يازمىنى ئاساسەن سىز يازغان تۇرۇپ نىمىشقا مىنىڭ ئىسمىمنى قىستۇرۇپ قۇيىسىز؟
..............................................................................................................................................................
...............................................................................................................................................................................
تىنچلىقمۇ، كۆكتۇغ ئاكا،... ئۆيىدە ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ كۆپىدە يېتىپ مانتا يەۋاتقان ئىنىڭىزدىن سالام
مەن بۇ يازمىنى سىز يازمىغانلىغىڭىزنى بىلگەچكە ئۈستىدىكى ئىنكاسىمدا
‹بۇ يازمىنى كوكتۇغ نامىدا يوللىغان قېرىندىشىم... › دەپ ئەسكەرتىپ ئۆتتۇم- ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالمىغايسىز... (ھەرھالدا ھۆرمەتنىمۇ بىلىمەن...)
مازار مەسىلىسىدە يەرلىك رىۋايەتلەرنى ئەلۋەتتە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ... ئەمما مۇشۇنى دەستەك قىلىپ ئاللىقاچان رۇشەن بولغان تارىخى ئۇقۇملارغا پۇتلىشىپ بېقىش كۈ لكىلىك ئىش ئەمەسمۇ؟...(يەنىلا مازارشۇناسلىرىمىز بىر نېمە دىسۇن دېگىنىم شۇ.)
ئۆزلۈك يولىدا ئەجداد مازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئاز-تۇلا ئۇچۇر بىرىشنى مەخسەد قىلغىنىڭلار ئىنتايىن ياخشى ئىش بوپتۇ،( بولۇپمۇ ئۇستاز ئابباس مونىياز تۇركىيقان، خوجىنىياز يوللۇغ تېگىنلەرنىڭ ئاراڭلاردا بارلىغى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك خۇشاللىنارلىق سەپەرلىگىنى چۈشەندۇرۇپ تۇرۇپتۇ،.. يەنە باشقا يۈز كۆرۈشمىگەن دوستلىرمىز -ئەزىزلىرىمىز،ئۇستازلىرىمىزمۇ بارىكەن...)
مەخسەت بۇ ئەھمىيەتلىك سەپەر ئۈستىدە بىر نېمە دېمەكچى ئەمەسمەن، ئەمما شۇنداق بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز باركى تارىخىمىزدىكى خۇجا -ئىشان مازار چاشقانلىرى كەبى ئوتتۇرا شەرىق، ئوتتۇرا ئاسيادىكى داڭلىق مازارلارنىڭ ھەممىنى بىر كېچىدىلا دىيارىمىزغا يۆتكەپ ئەكرىۋالغىلى- شۇ باھانىدا ئانچە مۇنچە يۈز تېپىپ ‹پوشكال›تىرىپ يىگىلى ئارانلا تۇرىدۇ، دىيارىمىزدىكى خەلىققە تۇنۇش- ئەۋلاتمۇ ئەۋلات يادلىنىپ كەلگەن ‹يەتتە قىزلىرىم› كەبى مازاررلارنى يالغانغا چىقىرىپ جۆيلۈپ بېقىشمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭۈل خوشى،... شۇنچە ئالىملىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز تۇرغان يەردە ئاستۈن -ئۈستۈن جۆيلۈگىدەك كىمكەن ئۆزى شۇ!؟...
مەھمۇت غەزنەۋى ھەممىگە ئايان تارىخىي شەخس،(خوجنىياز مۇئەللىمىدىن سورىسىلا دەپ بېرەتتى شۇ مەيداندا) قەبرىسى بەلىخ شەھىرىدە . (ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىسى ھەققىدىكى ھىكايىلەر بۇ ھۆكۇمىرانغا تۇتىشىدۇ...).... ئۇنى ئونسۇ( قەدىمقى ئۇچ، ئۇچتۇرپان) يار تۆپىسىگە دەپنە قىلىنىغان دېسە كۈلمىگۈلۈكمۇ؟....(مەھمۇد غەزنەۋى- سىز بىز ئونسۇ نوقتىسىدىن، جۈملىدىن دىيارىمىز نوقتىسىدىن تۇرۇپ ئىسپاتلايدىغان تېما ئەمەس. ئۇ ئاللىقاچان يېزىلىپ ئىسپاتلىنىپ بولغان ئۇچۇق تارىخ... )...
ئاخىرىدا <دانىشمەن>لىگىم كۆڭلىگە كەلگەن شۇ مەيداندىكى باشقا ئەزىزىلەردىن ئۆزرە سورايمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-21 14:33