ئىگىسى: مۆلجەرى

شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مازارلاردىن بىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  119
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 897
تۆھپە : 3
توردا: 121
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 02:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى،  بۇ ناھىيتي ئەھمىيەتلىك زىيارەت بوپتۇ. نىمىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بولسىڭىز شۇنىڭدىن خەۋەر بەرگەيسىز.ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 14:18:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن تۇللۇق خەۋەر  تاپقان  بولساممۇ بىرگگە بېرىش پۇرسىتى  چىقىرالمىغانلىقىمدىن  تولىمۇ  ئۆكۈنىمەن

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 14:51:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئونسۇ قەلئە خارابىسى

بۇ خارابە ئونسۇ بازىرىنىڭ قىيپاش شىمالىدا بولۇپ، جۇغراپىيەلىك  ئورنى  شەرقى  ئۇزۇنلۇق 〞12′14°80 قا، شىمالىي كەڭلىك 〞35′16°40 قا  توغرا كېلىدۇ.  قەلئە سېپىلىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىملىرى ئازراق ساقلىنىپ قالغان،  غەربىي سېپىلنىڭ  ئۇزۇنلىقى  سەككىز مېتىر،  ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 2.5 مېتىر تۆپىنىڭ  كەڭلىكى 1.7 مېتىر،  ئېگىزلىكى  2.6 مېتىر كېلىدۇ؛  ئۇ بەش مېتىر ئارلىق  قالدۇرلۇپ  سېلىنغان  ھازىرقى ئولتۇراق ئۆي ئارقىلىق شەرقىي سېپىلغا تۇتۇشۇدۇ.  شەرقىي سېپىلنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 20 مېتىر،  ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 2.2 مېتىر تۆپىنىڭ  كەڭلىكى 1.4 مېتىر، ھازىرقى ئېگىزلىكى  2.5 مېتىر كېلىدۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 14:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقۇپبەگ قەلئەسى

بۇ  قەلئە ئونسۇ بازىرىدىكى بۇلاقنىڭ 100 مېتىر شەرقىي شىمالىدا بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقى  ئۇزۇنلۇق 〞10′15°80 قا،  شىمالىي كەڭلىك 〞31′16°41 قا  توغرا  كېلىدۇ.  ئورنى  دېڭىز يۈزىدىن 1170 مېتىر ئېگىز. بۇ قەلئەنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ  تۇڭجى 6-يىلى (1867-يىلى) ياقۇپبەگ  تاجاۋۇزچى  قوشۇنى  ئونسۇنى بېسىۋالغاندىن كېيىن  ياسىغان  ۋە بۇ يەردە 10 نەچچە يىل تۇرغان، شۇڭا يەرلىك خەلق بۇ يەرنى  ياقۇپبەگ قەلئەسى دەپ ئاتىشىدۇ. قەلئە سېپىلى يەر تۈزىلىشىگە قاراپ قۇپۇرۇلغان،  غەربىي، جەنۇبىي  تەرەپلىرىدە  سېپىل يوق، شىمالىي  سېپىلىنىڭ ھازىرقى  ئۇزۇنلىقى 80 مېتىر،  ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 2.2 مېتىر، ئۈستىنىڭ  كەڭلىكى 1.8 مېتىر،  ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر بولۇپ،  كېسەك بىلەن قۇپۇرۇلغان.  قەلئەنىڭ  ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنلىقى 120 مېتىر،  ئېگىزلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر كېلىدىغان بىر تۆت چاسا قاراۋۇلخانا بار.  ئۇنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. قاراۋۇلخانىنىڭ تەخمىنەن ئالتە مېتىر جايىدىكى كەسمە يۈزىدىن مەدەنىيەت  ئىزلىرىنى كۆرگىلى  بۇلۇدۇ،  يەنى ھايۋان سۆڭەكلىرى،  كۈل، ساپال، گەج قاتارلىقلار  كۆرۈنۈپ تۇرۇدۇ.  قەلئە ئىچىنىڭ شەرقىي شىمال بۈرجىكىدە كېسەكتىن تۇتاش سېلىنغان ئۆيلەر بار. ئارخېئولوگلار بۇ ئۆيلەرنى ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت مەھكىمىسى دەپ بېكىتتى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت  يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش  پونكىتى 1989-يىلى 11-ئايدا بۇ قەلئەنى تەكشۈردى.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 15:00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل  مۇھەممەت تۇران يازغان«قەدىمي  كۈسەن»،  راھىلە داۋۇت ئەرچىننىڭ «ئۇيغۇر  مازارلىرى»دېگەن كىتابى ۋە «ئونسۇ  تارىخ ماتىرىياللىرى»نىڭ  1-2-3-4-  قىسىملىرىدا  ئونسۇدىكى  مازارلار  توغىرىسىدا خېلى  كۆپ ماتىرىياللار بار. يۇقىرىدىكىنى شۇ  ماتىرىياللار  ئاساسىدا  يوللۇدۇم. ئېرىنمىسەڭلەر  شۇ  ماتىرىياللارنى  بىر  تېپىپ  ۋاراقلاپ  باقساڭلار  بۇ جەھەتتە  خېلى  كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە  بولۇپ  قالساڭلار  ئەجەپ  ئەمەس.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2069
تۆھپە : 5
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 18:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۇغ يازمىسىدىن:..
. ئابدۇراھمان ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە -مەخمۇت غەزىنىۋى قايسى بىر سەۋەپتىن شاھلىقتىن قول ئۈزۈپ تەركى جاھان بۇلۇپ مۇشۇ يۇرتقا كىلىپ ئاخىرىدا مۇشۇ يەردە ياتقانمىش .(ئەلۋەتتە ئىزدىنىشكە تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ !)يەنە مۇشۇ ھەقتىكى  مەرھۇم مەمتىمىن بائىزنىڭ يازمىسى 1981-يىلى نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى»دا ئېلان قىلىنغانلىغىنى قەيىت قىلدى .ئەمدى سىز بەك شاڭخو قىلىپ كۈلۈپ كەتمەي خالىس نىيەت قىلىپ يول ئېلىپ ئونسۇغا كىلىپ بە ھەقتىكى مەسىلىلەرنى ئابدۇراھمان ئاكا بىلەن مۇنازىرە قىلىپ كۈرەرسىز
تارىخنىڭ سىرلىرىغا ئىسپاتسىز ھۈكۈم قىلىش بىر چالىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . شۇنداقلا تارىخ  تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ ھۈكۈم قىلىدىغان ئىلىم ئەمەس .ئۇنىڭ سىرلىرىنىڭ جاۋابى  ھەمىشە سىز بىزنىڭ ئويلىمىغان   يەرلىرىدىن  چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .

........................................
..............................................................................
.....................................................................................................................................................


  (مەنمۇ سەل ئالدىراپ قالغاندەك قىلىمەن،...  بولۇپمۇ ھەرقايسىڭلىنىڭ كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزۈپ...)

ئەگەر مەسىلە سىز دىگەندەك بولسا بۇ مازار ھەققىدىكى قىممىتى بار رىۋايەتلەر بولغان بولىدۇ..
ئۇنداقتا سىز ئابدۇراھمان ئاكىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىڭىز بويىچە <مىش، ئىمىش> شەكلىدە شۇ مۇناسىۋەتلىك رەسىمنىڭ ئاستىغا ئىزاھ يېزىۋەرسىڭىز،.. ناۋادا  قارى بائىز تۇردىنىڭ يازمىسى تېپىلىپ قالسا نەچچىنچى سان نەچچىنچى بەتلىگىدىن ئۇچۇرنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز،..  مەنمۇ غەزنەۋىلەر تارىخىغا ئائىت كىتابلاردىن ئۈزۈندە قىسام، زۈرۈر جايلىرىنى ئۇرۇپ بۇ جايغا يوللاپ قويسام...(مازار شۇناسلىرىمىزغا كېرەگلىك ماتىريال بوپ قالسا ئەجەب ئەمەس)،...   شۇنداق قىلساق بولارمۇ،ئاكا...       ...( قالدى گەپنى كېيىن ئۇچراشقاندا دېيىشىۋالارمىز...).

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-20 18:49  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1896
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 30
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 23:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەن بىر قانچە كۈندىن بويان، خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن تورغا كۆپ كىرەلمىدىم. ئەمما بۇ تېمىنى سوغۇق قانلىق بىلەن كۈزەتتىم. ئەپسۇس، بىر خەيرىلىك سەپەر ھەققىدە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان پاراڭلارنىڭ بولۇشى تازا ياخشى بولمىدى. ئىلىم ساھەسىدە ئىلمىي مۇنازىرە قىلىش شۇ ئىلىمگەرلەرنىڭ ساپاسىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. مەن مەيلى كىملا بولمىسۇن، پىكىر قىلىشتا ئىلمىي بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. قېرىنداشلىرىم، شەيتانكەرەش تەقدىرنىڭ ئۇيۇنلىرى ئالدىدا سۆزىمىز ۋە كۆزىمىزدىن مېھرىبانلىق، قېرىنداشلىق چىقىپ تۇرسۇن!
مەن ئونسۇدىكى قەبرىستانلىق ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەي.
ئونسۇدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق رايۇنى جەمىي 5 قەبرىستانلىق رايۇنىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ تارىخىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئالدى 1000يىللار ئىلگىرىگە باغلانسا، كەينى بۈگۈنگىچە تۇتۇشىدۇ. شۇڭا سۇلتانى مەھمۇد غەزىنەم قەبرىستانلىقى بىلەن موغۇلىستان خانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئالتۇنلۇرۇم قەبرىستانلىقىمۇ بىر ئەمەس. بۇلارنىڭ ۋاقتىمۇ ئەلۋەتتە بىر دەۋرگە توغرا كەلمەيدۇ.
سولتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ئونسۇدا دەپنە قىلىنغانلىقىغا ئائىت بىر قانچە تارىخى تەھلىللەر بار. مەن تۆۋەندە بۇلارنى قىسقىغىنا مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمەن. ئەمما تارىخنىڭ ھەقىقىي سىرلىرىنى بىلىشكە پەقەتلا بىر ئاللاھ قادىردۇر. شۇڭا تارىخ ئۈسىتدىكى ھۆكۈملەر تىنىمسىز مۇنازىرىگە، ئىزدىنىشلەرگە مۇھتاج. دېمەكچى بولغىنىم، كەلتۈرۈلگەن دەلىللەرگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قاراش ھەممە ئادەمنىڭ ئەقەللىي بۇرچى. ئەمما  بىر يولىلا ئىنكار قىلىش ياكى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىلىمسىزلەرنىڭ سۈپىتىدۇر. دارىتمىلاپ زەھەر چېچىش ئادىمىيلىكتىن يىراقتۇر.
مەن تۆۋەندە پىشقەدەم ئاكىمىز، جامائەت ئەربابى ئابدۇراھمان مامۇت ئاكىمىزنىڭ «ئونسۇ تارىخ ماتىرىياللىرى'نىڭ 4-توپلامغا كىرگۈزۈلگەن «ئونسۇ بازىرى شەھەر ئەتراپىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقلار ۋە مەشھۇر گۈمبەزلەر» ناملىق ماقالىسىدىن بەزى يەرلىرىنى تورداشلارغا سوناي:
سولتانەم مەھمۇد غەزنەۋى قەبرىستانلىقى موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى»دىمۇ تىلغا ئېلىنغان.  موللا مۇسا سايرامى بۇ كىشىنىڭ غەزىنەۋىلەر سۇلالىسى(997-1150)نىڭ پادىشاھى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، مەھمۇد غەزىنەۋىنىڭ ۋاپات بولغاندا، ئافغانىستاندىكى غەزىنە شەھرىگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن يەنە بۇ كىشىنىڭ قانداقلا بولسىمۇ غەزىنەۋىلەردىن كەلگەنلىكىنى، يۇرت نامى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىرا پ قىلىدۇ.
ئىقتىدارلىق مائارىپچى، تارىخچى مۇھەممەتئىمىن بايىز (1917-1986) ئۆزىنىڭ «ئاقسۇدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:
«سۇلتانى مەھمۇد غەزىنەۋى» (931-1031)قەبرىستانلىقى- ئاقسۇ كوناشەھەر يار ئۈستىدە. تارىخلاردا بۇ كىشى ئەسلى ئوتتۇا ئاسىيالىق (ئوتتۇرا ئاسىيا- تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى، ئامۇ دەرياسى ۋە سىر دەريا ۋادىلىرىدۇر)، («ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1981-يىلى تۇنجى سان 105-بەت) تۈرك سەركەردىسى، ئۇ شىمالى ھىندىستان (ھازىرقى ئافغانىستان) تۇپرىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، غەزىنەۋىلەر سۇلتانلىقىنى قۇرغان، مىلادى 1026-يىلى قاراخانىلارنىڭ كۈچلۈك خاقانى يۈسۈپ قادىرخان بىلەن دوستانە ئىتتىپاق قۇرغان ۋە ئوغلى مەسئۇتنى ئۆز ئورنىغا ۋارىس قىلىپ، تەختكە چىقارغان. يۈسۈپ قادىرخان بىلەن قۇدا بولۇپ، ئۇنىڭ مەلىكىسىنى ئوغلى مەسئۇدقا ئېلىپ بەرگەن. (ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «قاراخانىلار تارىخى»غا قارالسۇن). قاراخانلار خانلىقى بىلەن تۇغقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ سۇلتانلىقىنى ئوغلىغا ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت، «قۇش قېرىسا ئۇۋىسىنى تاپار» دېگەندەك ئەسلى يۇرتى بولغان ئاقسۇغا كېلىپ، ئاتا- بوۋىسىنىڭ ئايىقىدا ياتقان دېگەن رىۋايەتلەر  بار. ئىنكار قىلىش قاراشلىرىمۇ مەۋجۇت،ھەر ھالدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.»
پىشقەدەم ، ئۇقۇمۇشلۇق كىشى ئۆمەر ھاجىم« بۇ كىشى ياقا يۇرتىكى سۇلتانلىقتىن، ئانا يۇرتتىكى پۇقرالىقنى ئەلا بىلىپ، ئەڭ يېقىن مۇلازىملىرى بىلەن دەرۋىش بولۇپ، مۇشۇ يەردە ۋاپات بولغان. شۇ زاماندىكى ئاقىل كىشىلەر ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ گۈمبەز ياساتقان، دۇئا ، تىلاۋەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن مەسچىت، ئېتىكاپخانىلارنى ياساتقان» دەپ سۆزلەپ بەرگەن.
مۇھەممەتئىمىن بايىزى، ئۆمەر ھاجىملارنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، سولتان مەھمۇد غەزىنەۋىنىڭ ئانا يۇرتىنى ئاقسۇ (ئونسۇ) دەپ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي، سەيلە ، تاۋاپ قىلىشى تاسادىپى شەكىللىنىپ قالغان ئەمەس.
ئۇزاق ئۆتمۈشلەردىن بويان سۇلتانەم قەبرىستانلىقىدا تاۋاب قىلغۇچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن. قەبرىستانلىقتىكى مەسچىت، ئېتىكابخانا، ياتاق، ھوجرىلار، ناھايىتى كۆركەم ياسالغان، دەل- دەرەخلەرمۇ كۆكلەپ تۇرغان، بۇ يەردىكى كۆركەم قۇرۇلۇشلارمۇ ئالتۇنلۇرۇم قەبرىستانلىقىدىكى قۇرۇلۇشلار بىلەن بىر دەۋردە، يەنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي» مەزگىلىدە بۇزۇپ تاشلاندى...»
ماقالىدىن نەقىل كەلتۈرۈش مۇشۇنچىلىك بولسۇن، قالغىنى ئەقىللىق تورداشلارنىڭ دىتى ۋە سەگەك كاللىسىغا قالدى.
ئاخىرىدا بىر گەپنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، قانداقتۇر ئۇلۇغلارنى ئۆز يۇرتىغا باغلاپ ۋەزخانلىق قىلىش ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە ياتتۇر. مەقسىتىمىز ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ئارىسىدا ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا روھىي غىدىقلىنىش ھاسىل قىلىشتۇر خالاس. بەزى تارىخلار ئۈستىدە بەك تالىشىۋەرسەك، «ئىزدىنىش»ىمىز توختىمىسا، بۇ تارىخ يەنە قايسىدۇر «تۇغقان»لارغا باغلىنىشلىق چىقىدۇ، بىز يۇرتلىرىمىزغا ئۇلارنىڭ چىرايلىق ھەيكەللىرىنى قاتۇرۇپ ئۈلگۈرىمىز...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 240
تۆھپە : 12
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 00:43:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمىز بەگزات،توغراق ئەپەندىلەر ئەسلى ھەرقايسىلىرى يۇقارقىدەك قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ياكى رەسىملەرنى بالدۇرراق يوللاشلىرىنى سەمىمى ئۈمىت قىلاتتۇق .ھېلىمۇ كۆپ رەھمەت. بىزگە قارىغاندا ھەرقايسىلىرىنىڭ ئونسۇدىكى تارىخى ئىزلار ھەققىدە ھەقىقەتەنمۇ قىزىش ،ئىگەللەش بىلىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەسمۇ ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1097
تۆھپە : 7
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 01:05:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

DSC_1052(1).JPG



DSC_1076(1).JPG


DSC_0961(1).JPG


DSC_1142(1).JPG


DSC_0934(1).JPG


DSC_0954(1).JPG


DSC_1073(1).JPG


داۋامى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 01:13  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2069
تۆھپە : 5
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 01:42:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   غەزنەۋىلەر ۋە قاراخانىلار
                                                  غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى   مىلادىنىڭ 1000 - يىلى، سامانىلار پادىشاھلىقى تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولغاندىن كېيىن، قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتتى.   قاراخانىلار دۆلىتى مىلادىنىڭ 850 - يىلى تەشكىل تاپقان بولسا، غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى مىلادىنىڭ 960 -يىللىرى تەشكىل تېپىشقا باشلىغانىدى.     سامانىلار پادىشاھى ئابدۇلمالىك1 ( مىلادىنىڭ 954 - يىلىدىن 961 -يىلىغىچە پادىشاھ بولغان ) مىلادىنىڭ 955 - يىلى ئالپ تېكىننى شەرقىي خوراسانغا ( ھىراتقا ) ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى، 961 - ئۇنى پۈتۈن خوراسانغا باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. ئالپ تېكىن ( كېلىپ چىقىشى ئوغۇزلارنىڭ قىنىق قەبىلىسىدىن ) ھاياتىنى سامانىلار ئوردىسىدا ياساۋۇللۇقتىن باشلىغان. ئۇ ناھايىتى قابىلىيەتلىك بولۇپ، سامانىلار ئوردىسىدا بولغان جىددىي كېڭەشلەردە ۋە ئۇرۇشلاردا كۆزگە چېلىقىپ تۇنۇلغان.    ئالپ تېكىن مىلادىنىڭ 961 - يىلى پۈتۈن خوراسانغا باش ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، سامانىلار پادىشاھلىقىغا بويسۇنماي قويدى. ئالپ تېكىننىڭ پۈتۈن خوراسانغا ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇۋېلىشىغا سامانىلار يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
     سامانىلار نوھ ئىبنى ناسىر ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىن باشلاپ چۈشكۈنلۈككە يۈزلەنگەنىدى. تەخت تالىشىش يۈزىسىدىن باشلانغان ئىسىيانلار توختىماي داۋام قىلىپ، سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئاجىزلاشتۇرغانىدى. سامانىلارنىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرىدىن پايدىلانغان ئالپ تېكىن مىلادىنىڭ 961 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىدى. مانا بۇ ھەركەت غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ تەشكىل تېپىشىغا تۈرتكە بولدى.     مىلادىنىڭ 963 -يىلى ئالپ تېكىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىبراھىم ( 963 - 966 )، بىلگە تېكىن ( 966 - 972 )،پىرى تېكىن ( 972 -977 ) قاتارلىق كىشىلەر غەزنەۋىلەگە باشچىلىق قىلدى.  مىلادىنىڭ 977 -يىلى سۇبۇق تېكىن غەزنەۋىلەر تەختىدە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى ( مىلادىنىڭ 961 - يىلىدىن 1187 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) كۈچىيىشكە باشلىدى. سۇبۇق تېكىن ( ئەسلى كېلىپ چىقىشى قارلۇق قەبىلىسىدىن ) ئالپ تېكىننىڭ كۈيئوغلى بولۇپ، مىلادىنىڭ 977 -يىلى ئالپ تېكىننىڭ ۋارىسلىرىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. سۇبۇق تېكىن كابول ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئۆز دۆلىتى تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋالدى. ئۇ ھۆكۈمران بولغان مەزگىلدە ( مىلادىنىڭ 977 -يىلىدىن 997 - يىلىغىچە ) غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە پىشاۋۇرغىچە ( ھازىرقى پاكىستان تېررىتورىيىسىدە )، غەربتە خوراسانغىچە سوزۇلغان.
    مىلادىنىڭ 992 -يىلى ھارون بوغراخان سامانىلارنىڭ پايتەختى بۇخاراغا ھۇجۇم قىلغاندا، سۇبۇق تېكىن قاراخانىلارغا ياردەم بېرىپ، بۇخارانى ئېلىشتا كۈچ چىقارغان. ھارون بوغراخان سۇبۇق تېكىننى غەزنە شەھىرىگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن بولسىمۇ، ئۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي بۇرۇنقىدەكلا مۇستەقىللىق ھالىتىنى ساقلاپ، قاراخانىلارغا بويسۇنمىدى.
    مىلادىنىڭ 997 -يىلى سۇبۇق تېكىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ 27 ياشلىق ئوغلى مەھمۇد ( مىلادىنىڭ 970 - يىلى تۇغۇلغان ) غەزنەۋىلەر تەختىدە ئولتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ مىلادىنىڭ 963 - يىلى ئالپ تېكىن ئاساسىنى سالغان دۆلەت ئۆزىنىڭ پايتەختى غەزنە شەھىرىنىڭ نامى بىلەن غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى دەپ ئاتالدى.
    مەھمۇد غەزنەۋى سۇلتان بولغان بولغان مەزگىلدە ( مىلادىنىڭ 997 -يىلىدىن 1030 -يىلىغىچە ) غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى كېڭىيىپ، شەرقىي ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ( بەش دەريا ) ۋادىسىغىچە، غەربىي ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمى بىلەن خارەزىمگىچە سوزۇلدى.
    مىلادىنىڭ 999 - يىلى 10 - ئايدا ناسىر ئىلىكخان بۇخارانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 11 - ئايدا مەھمۇد غەزنەۋى سۇلتان ئۇنۋانىنى ئالدى. باغداد خەلىپىسى قادىر ( 991 - 1031 ) سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە ئۇنۋان ۋە تاج يوللاپ، ئۇنى << دۆلەتنىڭ ئوڭ قولى ۋە دىندارلارنىڭ تايانچىسى >> دەپ ئاتىدى. خەلىپە قادىرنىڭ سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە بۇنداق ئاتاقنى بېرىشى سۇلتاننىڭ ئابرويىنى ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈردى.
    سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ئۆزىنىڭ شەرقتىكى قوشنىسى ھىندىستاننىڭ باي ۋە مەدەنىي ئوبلاستلىرىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىشنى ئۆزىگە ئاساسى مەقسەت قىلىپ بەلگىلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، پەنجاپ، كەشمىر ۋە ھىندىستاننىڭ باشقا ئوبلاستلىرىغا 17 قېتىم يۈرۈش قىلدى. بۇنداق يۈرۈشلەر ھىندىستاندىكى بۇددىستلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش شۇئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى.
   سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئاساسى ئىككى ئىشنى ئورۇنداشقا كىرىشتى. ئۇنىڭ بىرى - كۈچلۈك ۋە ياخشى قوراللانغان قوشۇن تەشكىل قىلىش، يەنە بىرى - ئارقا سەپنى خەۋپسىزلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك قوشنىسى بولغان قاراخانىلار بىلەن ئىناق، دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىدى.
   سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى مىلادىنىڭ 1000 - يىلى ئەبۇسىيىت زاھىر بىننى مۇھەممەد باشچىلىقىدا، ناسىر ئىلىكخان ھۇزۇرىغا ئەلچىلەر ئەۋەتتى. ئۆز كەنتكە كەلگەن غەزنەۋى ئەلچىلىرى ناسىر ئىلىكخان تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىندى. غەزنەۋى ئەلچىلىرى بىلەن قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانى ناسىر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە، ئامۇ دەريا ئىككى دۆلەت ( قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ) نىڭ چېگىرىسى قىلىپ بەلگىلەندى. شۇ يىلى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ناسىر ئىلىكخاننىڭ قىزىغا ئۆيلەندى.
    سۇلتان مەھمۇد ئەڭ مۇھىم ئىككى ئىش ( قوشۇن تەشكىل قىلىش ۋە قاراخانىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ) نى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، قوشنىلىرىغا يۈرۈش باشلىدى.سۇلتان مەھمۇد مىلادىنىڭ 1000 - يىلى پىشاۋۇرغا بېسىپ كىردى. ئۇ ئىسلام دىنىنڭ سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھىندىستاندىكى ھىندۇ بۇددىستلىرىنىڭ بىر قىسمىنى مۇسۇلمان قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. سۇلتان مەھمۇد 1001 -يىلى 300 ئۇرۇش پىلى بىلەن تەمىنلەنگەن 42 مىڭ كىشىلىك ھىندى قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، پەنجاپ ۋادىسىنى بېسىۋالدى، قولغا  چۈشۈرگەن نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى غەزنىگە يولغا سالدى. ئۇ 1002 - يىلى سىيىستاننى بېسىۋالدى.
     مەھمۇد غەزنەۋى ھىندىستانغا قىلغان 10 -قېتىملىق يۈرىشىدە، گانگ ۋادىسىنى بېسىۋالدى. 13 - قېتىملىق يۈرىشىدە، 150 مىڭ كىشىلىك ھىندۇ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان يۈرۈشلىرى ئىچىدە 16 - قېتىملىقى ناھايىتى مەشھۇر يۈرۈش ئىدى. ئۇ شۇ قېتىمقى يۈرۈشىدە، گوجارات ( جەنۇبىي ھىندىستان ) رايونىغا بېسىپ كىردى. شۇنداق قىلىپ، 1025 - يىلىغا كەلگەندە، غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
   سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان يۈرۈشلىرىدە، ناھايىتى نۇرغۇن بايلىقلار قولغا چۈشۈرۈلدى. غەزنەۋىلەر بېسىۋالغان ھىندۇ شەھەرلىرىدىكى بۇتخانىلاردىن ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان بۇتلار ۋە قاچا قۇچىلارنى، شۇنىڭدەك ھىندۇ گەز ماللىرى، قوراللار، پىللار، چارۋا ماللار ۋە باشقا قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى غەزنىگە ئەكەتتى. يۈك بېسىلغان ھارۋىلارنىڭ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان كارۋانلىرى ھىندىستاندىن غەزنىگە ھېسابسىز بايلىقلارنى ئەكىلەتتى. مەھمۇد غەزنەۋى ھىندىستانغا قىلغان يۈرۈشلىرىنىڭ بىرىدە، ھىندىستاندىن 20 مىليون دەرھەم ( كۈمۈش پۇل )، ئەڭ چىرايلىق ھىندى قىزلىرىدىن 57 مىڭنى ۋە 350 پىلنى ئەكەتكەنىدى. ئۇ، ھىندى قىزلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خۇراساندىكى تۈركىي خەلقلەرگە چۆرە سۈپىتىدە ئىنئام قىلغان بولسا كېرەك. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە ئايىغى ئۈزۈلمىگەن يۈرۈشلەر غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەزنەۋىلەر قوشۇنىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇشقىمۇ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.
   سۇلتان مەھمۇدنىڭ مىلادىنىڭ 1015 -يىلى خارەزىم شاھى مۆمىنگە يازغان خېتىگە ئاساسلانغاندا، مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قوشۇنى 100 مىڭ ئاتلىق ۋە پىيادە جەڭچىدىن، 500 جەڭ پىلىدىن تەركىب تاپقانىكەن. مەھمۇد غەزنەۋى غەزنىگە توپلىغان ھەددى - ھېسابسىز بايلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ( يېزا ئىگىلىك ۋە ھۈنەرۋەنچىلىك ) نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلماي، ئاجايىپ قۇرلۇشلار، ئوردىلار، سارايلار،مەسچىتلەر، مەدىرىسلەرنى قۇرۇشقا سەرپ قىلدى.   سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى توغرىسىدا، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بۇلۇش تارىخى;دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى گىببون مۇنداق دەپ يازغانىدى: << سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ خانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ، ئەيسا تۇغۇلۇپ 1000 يىلدىن كېيىن، ئىراننىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەرگە ھۆكۈمران بولغان......... بۇ مۇسۇلمان قەھرىمان ئەزەلدىن تارتىپ قاتتىق سوغۇق پەسىللەردىن، ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ تۇرىدىغانئېگىز تاغلاردىن، كەڭ يېيىلىپ ئاقىدىغان چوڭقۇر دەريالاردىن، چۆل - باياۋان، قۇملۇقلاردىن، دۇشمەننىڭ سان -ساناقسىز قوشۇنلىرى ۋە قورقۇنچلۇق پىللىرىدىن قىلچە قورققان ئەمەس.يۇقىرىدىكى باھا سۇلتان مەھمۇدنىڭ ناھايىتى يۈرەكلىك، باتۇر ۋە چىداملىق ئىكەنلىكىگە ئۇنىڭ ئۆز دۇشمەنلىرىگە قىلغان يۈرۈشلىرىگە قارىتىلغان. راستنى ئېيتقاندا سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ناھايىتى قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئۇلۇغ ئىستىلاچى بولغان.
     شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ دەۋرىدە ئىران ئەدەبىياتى گۈللەپ ياشنىغانىدى. ئۇ، ئىلىم -پەن ۋە ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېتىبار بەرگەن. ئىران ئەدەبىياتى ۋە شېئىرىيىتىنىڭ ئۇلۇغ دەۋرىنى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى باشلىغانىدى.‹‹  شاھنامە<< داستانى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىسى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئىران شېئىرىيىتى غەزنەۋىلەر دەۋرىدە گۈللىنىپ، سالجۇقىلار دەۋرىدە تېخىمۇيۈكسەلدى.
      قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا بۇزۇلدى. بۇنىڭغا قاراخانىلارنڭ زېمىن تەلىپى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. ئەسلىدە ئافغانىستان بىلەن خۇراسان سامانىلارنىڭ تېررىتورىيىسى ئىدى.  قاراخانىلار سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، سامانىلارنىڭ پۈتۈن تېررىتورىيىسىگە ئۆزىمىز ئىگە بولىمىز، دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئافغانىستان بىلەن خۇراساننى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ئۆزدۆلىتىگە قوشۇۋالغانىدى. قاراخانىلار بولسا بۇنىڭغا رازى ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئافغانىستان بىلەن خۇراساننى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىدىن تارتىۋېلىش نىيىتىدىن زادى يانمىغانىدى.   قاراخانىلارنىڭ ئۇلۇغ خانى ئەھمەد توغانخاننىڭ ۋاقتىدا ( مىلادىنىڭ 998 - يىلىدىن 1018 -يىلىغىچە ) قاراخانىلاربىلەن غەزنەۋىلەر ئارىسىدا ئىككى قېتىم، قاراخانىلار بىلەن قىتانلار ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. ئافغانىستان بىلەن خۇراساننى بېسىۋېلىش نىيىتىدىن يانمىغان قاراخانىلار مىلادىنىڭ 1006 - يىلى غەزنەۋىلەرگە قارشى ئۇرۇش باشلىدى. بۇ چاغدا، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ھىندىستانغا يۈرۈشكە كەتكەنىدى. شۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانى ناسىرخان سۇبىشى تېكىن باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوشۇننى خۇراسانغا، چاغرى تېكىن باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوشۇننى ئافغانىستانغا ماڭدۇردى. سۇبىشى تېكىن باشچىلىقىدىكى قاراخانى قوشۇنلىرى خۇراساننىڭ نىشاپور، توس ( ھازىرقى مەشھەت ) قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلىرىنى بېسىۋالدى، خۇراسان ئاقسۆڭەكلىرى قاراخانى قوشۇنلىرىنى ياخشى قارشى ئالدى. توستا ناسىر ئىلىكخاننىڭ نامى قۇتبىدا ئوقۇلدى. چاغرى تېكىن باشچىلىقىدىكى قاراخانى قوشۇنلىرى بەلىخنى ئالدى.ئۇ بەلىخنى ئېلىشتا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىدى.
    قاراخانىلارنىڭ خۇراسان ۋە ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان مەھمۇد غەزنەۋى ھىندىستاندىن ( ئۇ مولتاندا ئىدى ) غەزنىگە چاپسان قايتىپ كېلىپ، قاراخانىلارغا قارشى قوشۇن ماڭدۇردى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قوشۇنلىرى چاغرى تېكىننى تىرمىزغا چېكىندۈرگەن بولسا، سۇبىشى تېكىننى ئامودىن ئۆتۈپ ماۋرەئۈننەھرىگە كېتىشكە مەجبۇر قىلدى.
    ناسىر ئىلىكخاننىڭ 1006 - يىلى غەزنەۋىلەرگەقىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە مىلادىنىڭ 1007 - يىلى غەزنەۋىلەرگە ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلىشقا تەييارلاندى. ئۇ، ئىككىنچى قېتىملىق يۈرۈشكە خوتەن خانى يۈسۈف قادىرخاننى ياردەمگە چاقىردى. مىلادىنىڭ 1007 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ناسىر ئىلىكخان 50 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان قاراخانى قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ ئامو دەرياسىدىن ئۆتتى، بەلىخ ئىشغال قىلىندى. بۇنداق جىددىي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ناھايىتى نۇرغۇن قوشۇننى ۋە 500 ئۇرۇش پىلىنى سەپەرۋەر قىلىپ غەزنىدىن يولغا چىقتى. مىلادىنىڭ 1008 - يىلى 1 -ئاينىڭ 4 -كۈنى قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋى قوشۇنلىرى بەلىختىن 12 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى << كەتەر>> دېگەن سايدا بىر -بىرىگە قارشى سەپ تارتىشتى.  كەتەر سېيىدا بولغان ئۇرۇشتا، قاراخانىلار مەغلۇپ بولدى. غەزنەۋىلەرنىڭ ئۇرۇش يىللىرى خېلى مۇھىم رول ئوينىغان بولسا كېرەك. ئۇرۇش جىددىيلەشكەندە،قاراخانىلارنىڭ ئارقا سېپىدە ئېھتىياتتا تۇرغان قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى ئەھمەد توغانخان قوشۇننى باشلاپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قاچتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاراخانى قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى مۇقەررەرلەشتى.
   ناسىر ئىلىكخان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان قاراخانى قوشۇنلىرىنى بەلىخقە چىكىندۈرۈپ كەتتى. ناسىر ئىلىكخان قاراخانى قوشۇنلىرىنى بەلىختە توپلاپ ۋە ئۇلارنى ئىنتىزام بىلەن ئامو دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ماۋرەئۈننەھرىگە ئەكەتتى. نېمە ئۈچۈن، ھىيلىگەر سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى چېكىنگەن قاراخانى قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىماي، <<كەتەر>> سېيىدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا جىم تۇردى ؟
      بەزى تارىخچىلارنىڭ يېزىشىچە، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قاراخانىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا توغانخاننىڭ قېچىشى سەۋەب بولغانىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، توغانخان بىلەن سۇلتان مەھمۇد ئارىسىدا مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈش بولغانىكەن.
     ئۇرۇشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرگەن سۇلتان مەھمۇد قەشقەردىكى قاغان - ئەھمەد توغانخانغا،  ناسىر ئىلىكخانغا، يۈسۈف قادىرخانغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەلچى ئەۋەتىپ، دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى. ناسىر ئىلكخان بىلەن يۈسۈف قادىرخاننىڭ ھۇزۇرىغا بارغان غەزنەۋىلەرنىڭ ئەلچىلىرى ئۈمىدسىز ھالدا قايتىپ كېلىشتى. ناسىر ئىلىكخان بىلەن يۈسۈف قادىرخان سۇلتان مەھمۇدنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشقانىدى. لېكىن ئەھمەد توغانخان سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئەلچىلىرىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، غەزنەۋىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزدى.
   بۇ ۋەقەدىن غەزەپلەنگەن ناسىر ئىلىكخان ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئەھمەد توغانخاننىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن، مىلادىنىڭ 1009 - يىلى 12 - ئايدا ( بەزى تارىخچىلار مىلادىنىڭ 1012 - يىلى 12- ئاي دەپ يېزىشىدۇ ) ئۆز كەنتتىن يولغا چىقىپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ماڭدى. ناسىر ئىلىكخان بالاساغۇنغا يېقىنلاشقاندا، قاتتىق قار يېغىپ كېتىپ، يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرالماي قايتىپ كەتتى. شۇ يىلى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىلىق قاغان ئەھمەد توغانخان بىلەن ناسىر ئىلىكخان يارىشىپ قالدى. ئەسلىدە، قاراخانىلارنىڭ قاغانى ئەھمەد توغانخان ئۇكىسى ناسىر ئىلىكخاننىڭ غەزنەۋىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىمىغانىدى. ئەھمەد توغانخان بىلەن خوتەن خانى يۈسۈف قادىرخان ئارىسىدا يۈز بەرگەن زىددىيەتمۇ شۇ سەۋەبتىن بولغان،يۈسۈف قادىرخان مىلادىنىڭ 1012 - يىلى، غەربىي ئىلىكخانى ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ياركەنت ۋە قەشقەرنى بېسىۋېلىپ قاغان ئەھمەد توغانخاننى بالاساغۇنغا كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇنداق ئەھۋال 1015 - يىلىدىن كېيىن ئۆز ھالىغا كەلگەن.
     مىلادىنىڭ 1012 -يىلى قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانلىق ۋەزىپىسىگە ئەھمەد توغانخاننىڭ ئۇكىسى مەنسۇر تەيىنلەندى.
مىلادىنىڭ 1017 -يىلى قاغان ئەھمەد توغانخان ئاغرىپ قالدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان شەرقىي قىتان خانلىقى ( مىلادىنىڭ 916 -يىلىدىن 1124 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ خانى يىلولۇڭشۇ ( مىلادىنىڭ 983 -يىلىدىن  1031 -يىلىغىچە خان بولغان ) 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قىتان قوشۇنلىرىنى قاراخانىلارغا قارشى يولغا سالدى. بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا 100 مىڭ ئۆيلۈك قىتان ( بۇلار تارىختا قارا خىتايلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) دەپ يېزىلغان. ئېھتىمال قىتانلاردىن 100 مىڭ ئۆيلۈكى غەربكە كۆچۈپ ئالتاي ئارقىلىق ئىلىگە بېسىپ كىرگەن بولۇشى مومكىن. شۇنداق بولغاندا، 100 مىڭ ئۆيلۈك قىتاندىن 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن ( ھەربىر ئۆيلۈكتىن بىردىن جەڭچى چىققان بولسا ) تەشكىللەنگەن بولسا كېرەك. مانا شۇ قىتانلار، قاراخانىلارنىڭ شەرق شىمالىدىكى تېررىتورىيىسى ھېسابلانغان ئالتاي، ئىلى ئىلى ئەتراپلىرىنى بېسىۋېلىپ، بالاساغۇنغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. مانا شۇ چاغدا، قاراخانىلارنىڭ ئۇلۇغ خانى ئەھمەد توغانخان قىتانلارغا قارشى ئەۋەتىلگەن قاراخانى قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغان خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىلچە چۆچۈمەي قەشقەردىن يولغا چىقىپ بالاساغۇنغا كېلىدۇ. ئاندىن بالاساغۇندىن شىمالغا يۈرۈپ بالاساغۇننىڭ شىمالىدىن سەككىز كۈنلۈك يىراق جايدا قىتانلارنى تارمار قىلىدۇ. ئەھمەد توغانخان ئارقىغا قاراپ قاچقان قىتانلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە 10 مىڭىنى ئەسىر ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى نۇرغۇن چارۋا مال ۋە باشقا نەرسىلەر غەنىيمەت ئېلىنىدۇ. ئەھمەد توغانخاننىڭ بۇ يۈرۈشى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان. ئۇ قىتانلارنى ئىلى ۋە ئالتايدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۆز ئېلىگە قوغلىۋەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ قىتانلار قاراخانىلارغاھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمىغان.
   مىلادىنىڭ 1018 -يىلى قىتانلارنى تارمار قىلغان ئەھمەد توغانخان ئالەمدىن ئۆتتى. قاراخانىلارغا ئۇنىڭ ئۇكىسى غەربىي ئىلكخانى مەنسۇر ( مىلادىنىڭ 1012 -يىلىدىن 1018 -يىلىغىچە غەربىي ئىلىكخان بولغان ) ئارسلان قاغان بولدى. مەنسۇر ئارسلانخان ئۇكىسى مۇھەممەدنى غەربىي ئىلىكخانى قىلىپ تەيىنلىدى.
    مەنسۇر ئارسلانخاننىڭ قاغان بولغانلىقىغا نارازى بولغان يۈسۈف قادىرخان ئاكىسى ھەسەننىڭ ئوغلى ئەلى تېكىننى يېنىغا تارتىپ سۇلتان مەھمۇد بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ مەنسۇر ئارسلانخانغا قارشى ئۇرۇشماقچى بولىدۇ. سۇلتان مەھمۇد مىلادىنىڭ 1019 - يىلى يۈسۈپ قادىرخانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ماۋرەئۈننەھرىگە كېلىدۇ. لېكىن ھېلىغىچە ئېنىقلانمىغان سىرلىق بىر سەۋەبكە كۆرە، سۇلتان ئۇشتۇمتۇتلا ماۋرەئۈننەھرىدىن چېكىنىپ خۇراسانغا قايتىپ كېتىدۇ.
    بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ قادىرخان ھىيلىگەر، ناھايىتى ئۇستا دىپلومات سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن ناھايىتى قاتتىق ئاغرىنغانىدى. شۇڭلاشقا، يۈسۈپ قادىرخان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مىلادىنىڭ 1019 -يىلى خۇراسانغا ھۇجۇم قىلدى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى بەلىخ ئەتراپىدا بولغان جەڭدە، يۈسۈپ قادىرخان قوماندانلىقىدىكى قاراخانى قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈردى. پەرىشان ھالدا ئارقىغا چېكىنگەن قاراخانى قوشۇنلىرى سىر دەرياسىدىن ئۆتىدىغان چاغدا، چۆچۈپ كەتكەنلىكتىن، مۇتلەك كۆپچىلىكى دەريادا غەرق بولۇپ ئۆلدى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قاراخانىلار ئۈستىدىن قازانغان غەلبىسىگە ھېسداشلىق بىلدۈرگەن خارەزىمى ھۆكۈمدارى ئالتۇن تاش سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە تەبىرىكنامە يوللىدى.
   يۈسۈپ قادىرخان مىلادىنىڭ 1019 -يىلى خۇراسانغا قىلغان يۈرىشىدە پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندىن كېيىن، روھى چۈشكەن، مەنسۇر ئارسلانخانغا قارشى چىققانلىقىغا پۇشايمان قىلغان بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇ مىلادىنىڭ 1019 -يىلىدىن 1025 -يىلىغىچە قاراخانىلارنىڭ چوڭ خانى بولۇشقا قايتا ئۇرۇنمىدى.

مەنبە: تارىخىي يىلنامىلەر.

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2069
تۆھپە : 5
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 01:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                               يۈسۈپ قادىرخان ۋە سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى

     مەنسۇر ئارسلانخاننىڭ ۋاقتىدا (1018 - 1024 ) قاراخانىلارنىڭ ھاياتىدا خېلى جىددىي ۋەقەلەر يۈز بەردى. ئۇ، قاراخانىلار تەختىگە ئولتۇرۇشنىڭ ھارپىسىدا( مىلادى 1017 -يىلى ) سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى خارەزىمنى بېسىۋالدى. 1019 -يىلى قاراخانىلارنىڭ خۇراسانغا قىلغان يۈرۈشى پاجىئەلىك مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشتى. قاراخانىلار ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىدىن پايدىلانغان ئېلى تېكىن ( مىلادىنىڭ 1021 -يىلىدىن 1035 -يىلىغىچە ئىسىيان كۆتۈرۈپ تۇرغان ) ئوغۇزلارنىڭ يابغۇسى ئارسلان ئىسرائىل يابغۇ ( مىلادىنىڭ 990 -يىلىدىن 1025 -يىلىغىچە يابغۇ بولغان ) بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، مەنسۇر ئارسلانخانغا قارشى ئىسىيان كۆتۈردى.ئېلى تېكىن مىلادىنىڭ 1020 -يىلى بۇخارانى بېسىۋالدى. مەنسۇر ئارسلانخان ئېلى تېكىنگە قارشى ئۇرۇشقان بولسىمۇ، ئوغۇزلارنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغان ئېلى تېكىندىن يېڭىلىپ قالدى. شۇ چاغلاردا شىمالىي ئىلىكخان بولغان توغان1 ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىلىكخان بولغان توغانخان2 ئىسىيان كۆتۈردى. مانا شۇنداق سەۋەبلەرگە كۆرە، مىلادىنىڭ 1024 -يىلى مەنسۇر ئارسلانخان تەختتىن ۋاز كەچتى ۋە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئەھمەد توغانخان2 ھارۇن بوغراخاننىڭ نەۋرىسى ( ھەسەننىڭ ) ئوغلى ئىدى. ئەھمەد توغانخان2  ئىسىياننى بېسىقتۇرغىچە، مىلادىنىڭ 1025 - يىلى ئۇنىڭ تاغىسى ( ھەسەننىڭ ئۇكىسى ) يۈسۈف قادىرخان قاراخانىلارنىڭ چوڭ خانى بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى.
    يۈسۈف قادىرخان ئىسىيان كۆتۈرگەنلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، مىلادىنىڭ 1025 -يىلى قەشقەردىن يولغا شىمالىي ئىلىكخان توغانخان2 نىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ باردى. بالاساغۇن ئەتراپىدا بولغان ئۇرۇشتا يۈسۈف قادىرخان مەغلۇپ بولدى. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئېلى تېكىن تېخىمۇ روھلىنىپ، قاراخانىلارنىڭ چوڭ خانى بولۇشقا ئىنتىلدى. ئۇ مىلادىنىڭ 1021 -يىلى ئوغۇزلار بىلەن بىرلىشىپ بۇخارانى بېسىۋالغان بولسا، مىلادىنىڭ 1025 - يىلى ئوغۇزلارنىڭ يابغۇسى ئارسلان يابغۇ بىلەن بىرلىشىپ، يۈسۈپ قاادىرخانغا قارشى يەنە ئىسىيان كۆتۈردى.
    ئوغۇزلار سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى << جەند >> شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا يانداش بولغان جايلاردا ياشايتتى. ئۇ چاغلاردا، ئوغۇزلارنىڭ پائالىيىتىگە ئوغۇزلارنىڭ مەشھۇر بېگى سالجۇق بەگنىڭ ئوغۇللىرى يېتەكچىلىك قىلاتتى.
      شىمالىي ئىلىكخانى توغانخان2 نىڭ ئىسىيان كۆتۈرۈشى ۋە ئېلى تېكىننىڭ ئوغۇزلار بىلەن بىرلىشىپ قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشى قاراخانىلار دۆلىتىنى ئىچكى جەھەتتىن ئېغىر قورقۇنچقا سېلىپ قويدى. بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، غەزنەۋىلەر ئۈچۈنمۇ ئېغىر خەۋپ ئىدى. ئوغۇزلار كۈچلىنىپ كېتىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەرگە ئوخشاشلا خەۋپ سالىدىغانلىقى يۈسۈپ قادىرخان بىلەن سۇلتان مەھمۇدقا ئېنىق مەلۇم ئىدى.
    ئوغۇزلار قەدىمكى چاغلاردا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى، كۆك تۈركلەرنىڭ شىمالىدا ياشايتتى. ئوغۇزلار جۇڭگونىڭ يىلنامىلىرىدىن << تارىخىي خاتىرىلەر>> ۋە<<  خەن سۇلالىسى يىلنامىسى، ھونلار ھەققىدە قىسسە >> دە مىلادىدىن2 ئەسىر ئىلگىرى، << سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى،تۇرالار ھەققىدە قىسسە >> دە مىلادىنىڭ 6 -ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
   ئۇرخۇن يادىكارلىقلىرىدىن بىر-ئىككى ئەسىر بۇرۇن يەنسەي-ئۇرخۇن يېزىقىدا يېزىلغان بىر يادىكارلىقتا ئوغۇزلارنىڭ ناملىرى يېزىلغان. يادىكارلىقتا ئوغۇزلارنىڭ خانى ئۆريىگىن ئالپ توراننىڭ كىچىكىدىلا ۋاپات بولغانلىقى خاتىرلەنگەن.
   ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقى دەۋرىدە، ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇزلار كۆك تۈرك قاغانلىقىنى ئىلكىگە ئالغانىدى.
   840 -يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار ( ئوغۇزلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ) ھازىرقى موڭغۇلىيەدىن غەربكە قاراپ كۆچكەندە، ئوغۇزلارنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمى غەربكە يۈرۈپ ئارال دېڭىزى ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن.
  موڭغۇلىيەدىن غەربكە كۆچكەن ئوغۇزلار ئىدىل، يايىق دەريالىرىنىڭ بويلىرىغىچە كېلىپ ماكانلاشقان، ئوغۇزلار بىر مەزگىل ( مىلادىنىڭ 850 -يىلىدىن 965 -يىلىغىچە ) ھازار قاغانلىقى ( 468 -965 ) غا قارىغان.
    شەرقىي ئوغۇزلارنىڭ موڭغۇلىيىدىن غەربكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنكى خانلىرىدىن توقسۇرمىش ئەلچى، توغانبەگ ( ئىبنى پازلان ساياھەت خاتىرىسىدە توغانبەگنى << لوقمان بەگ >> دەپ يازغان)، ئارتۇغرۇل بەگ ( ئىبنى پازلان << ئىرتىك >> دەپ يازغان )، تاقاق ( دوكاك ) قاتارلىقلار مەلۇم.
   ئوغۇزلار مىلادىنىڭ 850 -يىلىلىرىدىن باشلاپ ھازارلارغا بويسۇنغاندا، ئۇلارنىڭ قىنىق ئۇرۇقىدىن چىققان تاقاق ئاتلىق خانى ھازار قاغانلىقىدا يابغۇ بولغان. مىلادىنىڭ 903 -يىلى تاقاقبەگ ئۆلتۈرۈلگەن. مىلادىنىڭ 910 -يىلى تاقاق بەگنىڭ 25 ياشلىق ئوغلى سالجۇقبەگ ( ئۇ مىلادىنىڭ 885 -يىلى تۇغۇلۇپ مىلادىنىڭ 1000 -يىلى 115 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ) سۇبېشى بولغان، سالجۇقبەگ ناھايىتى قابىلىيەتلىك، باتۇر، ئەقىللىق، خۇشخۇي، مەرد يىگىت ئىدى. قوشۇندىكىلەر ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇناتتى. خەلقمۇ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ، قىزغىن ھۆرمەتلەيتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئوغۇز يابغۇسى سالجۇق سۇ بېشىنىڭ ئىسىيان كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشكەن. سالجۇقبەگ ئۆزىگە كېلىدىغان بۇ خەۋپنى سېزىپ، مىلادىنىڭ 915 -يىلى 100 ئاتلىق يىگىتنىڭ ھەمراھلىقىدا،1500 تۆگە، 50 مىڭ قوينى ئېلىپ سىر دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىمىدىكى << جەند >> رايونىغا كەلگەن ۋە شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغان.
   بەزىبىر تارىخىي مەنبەلەردە، ئوغۇزلارنىڭ يابغۇلىرىنىڭ ھازار قاغانىنىڭ ئورۇنباسارى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكى تەكىتلىندۇ.
    سالجۇقبەگنىڭ ئىسرائىل، مىكائىل، داۋۇت، يۈسۈف، مۇسا ئاتلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. بۇ ئىسىملاردىن قارىغاندا، ئوغۇزخانلىرى يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھازار قاغانلىرىنىڭ تەسىرىدە، شامان دىنىنى تەرك ئېتىپ، يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن بولسا كېرەك. ئۇنداق بولغاندا، سالجۇقبەگ مىلادىنىڭ 915 -يىلى ئەتراپىدا يەھۇدىي دىنىنى تەرك ئېتىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن بولىدۇ.
     ئىبنى پازلان ئۆز ساياھەتنامىسىدا، مىلادىنىڭ 922 -يىلى ئەۋەتىلگەن ئەرەب ئەلچىلىرىنىڭ خەلىپە مۇقتەدىرنىڭ مەكتۇپلىرىنى، بۇلغار، ھازار، ئوغۇزخانلىرىغا سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئۆتۈنگەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇچاغدا، ھازار قاغانلىقىدا يابغۇ ئۇنۋانىنى ئالغان ئوغۇز يابغۇسىنىڭ كىملىكى مەلۇم ئەمەس.
    بىز ئوغۇزلارنىڭ سالجۇقتىن بۇرۇنقى خانلىرىدىن توقسۇرمىش ئەلچى، توغانبەگ، ئارتوغرۇلبەگ، تاقاقبەگلەرنى باشتا تىلغا ئالدۇق. سالجۇقبەگنىڭ بەشىنچى بوۋىسى ( توقسۇرمىش ئەلچىنىڭ ئاتىسى ) كىراكوچى غوجا دېگەنبىر بەگنىڭ نامىنى ئىبنى پازلان تىلغا ئالىدۇ. ئەسلىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇنىڭ نامى كىراكوچى غوجا بولماستىن، بەلكى كىرىگېچى ئىدى. چۈنكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ھاياتىدىكى ئۆيلىرى كىگىزدىن تىكىلگەن يۇمىلاق ئۆيلەر بولۇپ، بۇنداق ئۆيلەرگە ياغاچتىن قىلىنغان كىرىگېلەر لازىم ئىدى. دېمەك، ئوغۇزلارنىڭ خانى كىراكوچى غوجا،ناھايىتى ئۇستا ياغاچچى بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر، كىرىگېچى، دەپ ئاتىغان. ئۇ كىگىز ئۆيلەرنى قۇرۇشتا لازىم بولىدىغان كىرىگېلەرنى ياسايتتى. ئىبنى پازلان << كىرىگېچى >> سۆزىنى << كىراكوچى غوجا >> دەپ خاتىرىلەپ قويغان.
    سالجۇقبەگ بىلەن ئوغۇز يابغۇلىرى ئارىسىدىكى زىدىيەت 10 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋام قىلدى. مىلادىنىڭ 965 -يىلى ھازار قاغانلىقى كىيىۋ رۇس كېنەزى سىۋيا تۇسىلاۋ تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئوغۇزلار قاراخانىلارغا بويسۇنغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ( 10 -ئەسىرنىڭ 60 -يىللىرىدىن باشلاپ ) ئوغۇزلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولغان.
    چۇنكى، بۇ چاغلاردا، قاراخانىلار دۆلىتى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى ( 960 -يىلى ) سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، شامانىزىمنى تاشلىغانىدى.
    مىلادىنىڭ 990 -يىلى سالجۇقبەگنىڭ ئوغۇللىرى ئوغۇزخانلىقى ( 990 -يىلىدىن 1040 -يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نى تەشكىل قىلدى. ئارال دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يەنكەنت ( يانگى كەنت ) ئوغۇز خانلىقىنىڭ پايتەختى ئىدى. شۇچاغلاردا ئوغۇزلارنىڭ سانى مىليونغا يېتىپ، ناھايىتى جەڭگىۋار كۈچكە ئايلانغانىدى.
     سالجۇقبەگنىڭ مىكائىل بەگ ( 998 -يىلى ئۆلگەن )، ئىسرائىل ئارسلان يابغۇ (مىلادىنىڭ 990 -يىلىدىن 1025 -يىلىغىچە يابغۇ بولغان )، مۇسا ئىنانچ يابغۇ ( 1028 -يىلىدىن 1032 -يىلىغىچە يابغۇ بولغان )، يۈسۈف ئىنال بەگ ( مىلادىنىڭ 994 -يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ) قاتارلىق تۆت ئوغلى بار ئىدى.
    ئوغۇز خانلىقىغا ئىسرائىل ئارسلان ( 990 - 1025 )، يۈسۈف ئىنانچ ( 1025 -1028 )، مۇسا ئىنانچ ( 1028 -1032 )، ئىرتاش يابغۇ ( 1031 -1040 ) لار يابغۇ بولغان.
     ئوغۇزلار مىلادىنىڭ 965 -يىلىدىن 1040 -يىلىغىچە گاھى قاراخانىلارغا، گاھى غەزنەۋىلەرگە بويسۇنۇپ تۇردى، گاھىدا قارشى چىقتى.
    مانا شۇ سالجۇق ئوغۇللىرى باشچىلىقىدىكى ئوغۇزلارنىڭ مىلادى 1025 -يىلى قاراخانىلارنىڭ خانلىرى بىلەن بىرلىشىپ قاراخانىلارغا قارشى چىقىشى يۈسۈف قادىرخان بىلەن سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ سالجۇق ئوغۇللىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
    يۈسۈپ قادىرخان مىلادىنىڭ 1025 -يىلى سۇلتان مەھمۇد ھۇزۇرىغا - غەزنىگە ئەلچى ئەۋەتتى. سۇلتان مەھمۇد قەشقەردىن غەزنىگە كەلگەن قاراخانىلارنىڭ ئەلچىلىرىنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى. يۈسۈپ قادىرخان سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئۆز ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئەۋەتكەن تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسىيانچىلارغا بىرلىكتە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ماقۇل  بولغانلىقىدىن خوشال بولدى.
   ئۆز ئەلچىسىدىن بۇ خوشاللىنارلىق خەۋەرنى ئاڭلىغان يۈسۈف قادىرخان نۇرغۇن سانلىق قاراخانى قوشۇنلىرىغا ئۆزى باش بولۇپ قەشقەردىن سەمەرقەندگە قاراپ ماڭدى. ئەينى ۋاقىتتا، سۇلتان مەھمۇد چوڭ قوشۇنغا باش بولۇپ ( قوشۇن ئىچىدە 500 پىلمۇ بار ئىدى ) بەلختىن تولغا چىقىپ، ئامو دەرياسىنىڭ زەنجىر بىلەن بىر -بىرىگە چېتىلغان كېمىلەردىن سېلىنغان لەيلەتمە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، سەمەرقەندكە قاراپ ماڭدى.
   سەمەرقەندكە يېقىنلاپ كەلگەن يۈسۈف قادىرخان بىلەن سۇلتان مەھمۇدتىن قورققان ئېلى تېكىن بىلەن ئىسرائىل ئارسلان يابغۇ سەمەرقەند ۋە بۇخارانى تاشلاپ قاچتى. سۇلتان مەھمۇدنىڭ ھەربىي يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان بىلگە تېكىن باشچىلىقىدىكى غەزنەۋىلەر قوشۇنى ئېلى تېكىننىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يېتىشەلمىدى، پەقەت ئېلى تېكىننىڭ خاتۇن، بالا - چاقىلىرىنىلا ئەسىرگە ئېلىپ قايتتى. سۇلتان مەھمۇد قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ئەسىرلەرگە ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى. كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنى ئالدىن سېزىدىغان ئەقىللىق سۇلتان مەھمۇد ئېلى تېكىنگە قاتتىق زەربە بېرىشنى خالىمايتتى. ئۇ قاراخانىلار ئىچىدە يۈز بەرگەن زىدىيەتلەردىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشنى كۆزلەيتتى. شۇڭا، سۇلتان مەھمۇد ئېلى تېكىننى ئۈزۈل -كېسىل بويسۇندۇرۇشقا قىزىقمىدى.
     ئېلى تېكىن بىلەن ئىسرائىل ئارسلان يابغۇ قاچقاندىن كېيىن، يۈسۈپ قادىرخان بىلەن سۇلتان مەھمۇد سەمەرقەند يېنىدا، شاھانە تەتىللا، كىمخابلاردىن چېدىر -بارگاھلارنى تىكتۈرۈپ، ناھايىتى جىددى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، توختامنامە تۈزۈشكە كىرىشتى. بۇ ئىككى پادىشاھ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەنتەنە بىلەن ئۇچراشتى. پارس تارىخچىسى بەيھىقى (مىلادىنىڭ 996 -يىلى تۇغۇلۇپ 1077 -يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن )، گاردىزى ( 11 -ئەسىردە ياشىغان ) لار << تارىخىي مەسئۇدى >> ۋە << زەينۇ ئەخبار >> ناملىق تارىخىي ئەسەرلىرىدە بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.
      << 11 -ئەسىردە ياشىغان پارس تارىخچىسى گاردىزى ئۆزىنىڭ < زەينۇل ئەخبار > دېگەن ئەسىرىدە، سەمەرقەندنىڭ جەنۇبىدا بولغان بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا تەسىرلىك ھېكايە قىلىدۇ. ھەر ئىككى پادىشاھ بىرىنچى سوۋغا سۈپىتىدە بىر -بىرىگە ئىلتىپات قىلىشىدۇ.....    مەھمۇد غەزنەۋى قادىرخاننى ئۆزقارارگاھىنىڭ ئارتۇق دەرىجىدىكى زىبۇزىننەتلىكى، بايلىقى ۋە ئۆز خاندانىنىڭ مىھماندوستلىقى بىلەن ھەيران قالدۇرماقچى بولىدۇ. ئۇ قادىرخان ئۈچۈن ئالتۇن چېدىر تېكىشكە، ئۇنىڭ ئىچىنى ۋە تېشىنى بېزەشكە ۋە بولۇپمۇ خىلمۇ خىل يېمەك -ئىچمەكلەر ۋە قىممەت باھا سوۋغىلار تەييارلاشقا بويرۇق بەرگەن.
    چېدىر ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ بېزەلگەنىدى. ئۇنىڭ بىرقانچە بۆلۈملىرى بولۇپ بىرىنچىسىدە تاماق يېيىلسە، ئىككىنچىسىدە كۆڭۈل ئېچىلاتتى. گاردىزى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قاراخانىلار خانىغا قىلغان سوۋغىلىرىنى بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتىدۇ: بۇيەردە قىممەت باھا تاشلار، ئالتۇن ۋە كۈمۈش قەدەھلەر، ئالتۇن يۈگەنلىك ئاجايىپ ئاتلار، چىشى پىللار، چېدىرلار، قىممەت باھا گىلەملەر ۋە باشقا كۆپ نەرسىلەر بار ئىدى. قادىرخان ئۆز قارارگاھىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ بايلىقلارنى كۆردى. ئۇ شۇنداق كۆپ نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغان قۇدرەتلىك پادىشاھ ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىدىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى يىغىشقا بۇيرۇق بەردى. قادىرخان ناھايىتى كۆپ پۇل، ئىگەر -جابدۇقلىرى ئالتۇن بىلەن زىننەتلەنگەن ئاجايىپ ئاتلار، ئالتۇن كەمەرلىك تۈرك غولاملىرى، سۆسەر، ئاق سۆسەر، قارا تۈلكە موينالىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىغدۇردى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھمۇد غەزنەۋىگە ئەۋەتتى.>>››
    بىر نەچچە كۈن داۋام قىلغان سۆھبەتلەر ئارقىلىق يۈسۈف قادىرخان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ئارىسىدا ناھايىتى مۇھىم ئىككى تۈرلۈك توختامنامە تۈزۈلدى. بىرىنچى توختامنامىدە، زۆرۈر تېپىلغاندا ھەرئىككى تەرەپنىڭ بىر -بىرىگە قوشۇن ياردەم بېرىپ جىددىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى بېكىتىلدى ھەم ئېلى تېكىننى يوقىتىپ، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى ياغان تېكىننى غەربىي ئىلىكخانى قىلىپ تەيىنلەش ئالاھىدە  تەكىتلەندى. ئىككىنچى توختامنامىدە، قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر دۆلىتىنىڭ ئامانلىقىغا خەۋپ سېلىۋاتقان سالجۇق ئوغۇللىرى باشچىلىقىدىكى ئوغۇزلارنىڭ كۈچلىرىنى يوق قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى قەشقەر، خۇراسان ۋە ئىراننىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىتىۋېتىشمۇ قارا قىلىندى. مانا شۇ يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان دوستلۇق ئاساسىدىكى توختامنامىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، سۇلتان مەھمۇدنىڭ قىزى مەلىكە زەينەپنى قاراخانى شاھزادىلىرىدىن ياغان تېكىنگە، قاراخانى بېكەسى خان مەلىكە شاھ خاتۇننى سۇلتان مەھمۇدنىڭ ۋارىسى سۇلتان مۇھەممەدگە ياتلىق قىلىش بەلگىلەندى.
     بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، يۈسۈف قادىرخان بىلەن سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى سەمەرقەندكە يېقىنلاپ كەلگەندە، غەربىي ئىلىكخان ئېلى تېكىن ماۋرە ئۈننەھرىنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىشكە ۋە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى - زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى نۇر ئاتا رايونىدا كۆچۈپ يۈرگەن ئوغۇزلار ئارىسىغا بېرىشقا مەجبۇر بولدى.
     سەمەرقەندتىكى ئۇچرىشىشتا، يۈسۈف قادىرخان بىلەن سۇلتان مەھمۇد ئارىسىدا مۇھىم توختامنامىلەر تۈزۈلگەندىن كېيىن، سۇلتان مەھمۇد نۇر ئاتا رايونىدىكى ئوغۇزلارغا قارشى قوشۇن ماڭدۇردى. غەزنەۋى قوشۇنلىرى سالجۇقبەگنىڭ ئوغلى ئىسرائىل ئارسلان يابغۇنى تۇتۇپ كەلدى. سۇلتان مەھمۇد  ئارسلان يابغۇنى قويۇپ بەردى ۋە ئۇنى ئۆز تەۋەلىرى بىلەن غەزنىگە كېلىشكە ئۇناتتى.
     مىلادىنىڭ 1026 -يىلى سۇلتان مەھمۇد غەزنىگە قايتتى. دەل شۇ چاغدا، شىمالىي ئىلىكخانى توغانخان2  يۈسۈف قادىرخاننىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى سوراپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن بويسۇندى.
    يۈسۈف قادىرخان ماۋرە ئۈننەھرىگە كەتكەن چاغدا خوتەن خانلىقى بىلەن ئۇيغۇر -ئىدىقۇت قاغانلىقى ئىسىيان كۆتۈرۈپ مۇستەقىللىق جاكارلىدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقى مىلادىنىڭ 1027 -يىلى فېۋرال ئايلىرىدا سۇلتان مەھمۇدقا ئالچى ئەۋەتىپ، يۈسۈف قادىرخانغا قارشى توختامنامە تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. سۇلتان مەھمۇد ئۇيغۇر -ئىدىقۇت قاغانلىقىنىڭ ئەلچىلىرىنى سوغۇق قارشى ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلدى. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، شۇ چاغدا، قىتان خانلىقىمۇ ئۆز ئەلچىلىرىنى ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئەلچىلىرىگە ھەمراھ قىلىپ، سۇلتان مەھمۇدنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتكەنىكەن.
    يۈسۈف قادىرخان ماۋرە ئۈننەھرىدىن قەشقەرگە قايتىپ كەلدى ۋە خوتەن خانلىقى بىلەن ئۇيغۇر -ئىدىقۇت قاغانلىقىنىڭ ئىسىيانلىرىنى باستۇرۇشقا كىرىشتى. يۈسۈپ قادىرخان مىلادىنىڭ 1026 -يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خوتەن خانلىقىنىمۇ، ئىدىقۇت قاغانلىقىنىمۇ قايتىدىن بويسۇندۇردى، قىتانلارنىڭ ياردىمىنى ئالغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى مەغلۇپ بولۇپ، قاراخانىلارغا بويسۇنغان بولسىمۇ، پەقەت سېلىق تۆلەش مەجبۇريىتىنىلا ئۈستىگەئېلىپ، ئىچكى جەھەتتىكى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قالدى.
   يۈسۈپ قادىرخان ماۋرە ئۈننەھرىدىن قەشقەرگە قايتىپ كېتىدىغان چاغدا، سۇلتان مەھمۇد بىلەن تۈزۈشكەن توختامنامىگە بىنائەن، ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمىنى قەشقەر ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ بېراشقا دەۋەت قىلغانىدى. چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگلەر يۈسۈف قادىرخاننىڭ قىلغان سۆزلىرىگە ئىشەنمەي، قەشقەر ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ بېرىشقا ئۇنمىدى.
    سۇلتان مەھمۇد غەزنىگە قايتقاندىن كېين، ئارسلان يابغۇغا يازغان خېتىدە ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى ۋەدىلەرنى بەردى. سۇلتان مەھمۇدقا ئىشەنگەن ئارسلان يابغۇ ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىپ غەزنىگە بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جىيەنلىرى ئوغۇزلارنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئۆز جايىداقالدى. ئارسلان يابغۇ غەزنىگە بارغان ھامان تۇتقۇن قىلىندى. ئارسلان يابغۇ قاتارلىق بىر قىسىم ئوغۇز بەگلىرى ھىندىستاندىكى مۇستەھكەم قورغانلىرىنىڭ بىرى بولغان كالانجىر قورغانىغا قامالدى. ئارسلان يابغۇ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلدى.
   ئارسلان يابغۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغۇزلارغا يۈسۈف ئىنانچ ( سالجۇقبەگنىڭ تۆتىنچى ئوغلى مۇسا ئىنانچنىڭ ئوغلى ) يابغۇ بولدى. بۇ چاغلاردا، ئوغۇزلارنىڭ ھەركىتىگە ئاساسەن سالجۇقبەگنىڭ نەۋىرلىرى چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگلەر ( بۇلار، سالجۇقبەگنىڭ تۇنجى ئوغلى مىكائىلبەگنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى ) يېتەكچىلىك قىلىشقا باشلىغانىدى.
   ئۆز يۇرتلىرىدا قالغان چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگلەر تاغىسى ئارسلان يابغۇنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەدىن ساۋاق ئېلىپ، يۈسۈف قادىرخاننىڭ ئۇلارنى قەشقەر ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلىشىشقا قىلغان دەۋىتىگە ئۇنمىدى.
    يۈسۈف قادىرخان قەشقەرگە كەتكەندىن كېيىن، ئېلى تېكىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. سالجۇقبەگنىڭ نەۋىرلىرى توغرۇلبەگ بىلەن چاغرىبەگلەر ئېلى تېكىننىڭ ھەركىتىنى قوللىمىدى. پەقەت سالجۇقبەگنىڭ نەۋرىسى يۈسۈف ئىنانچ يابغۇ ( مىلادىنىڭ 1025 -يىلىدىن 1028 -يىلىغىچە يابغۇ بولغان ) ئېلى تېكىننى قوللىدى. يۈسۈف ئىنانچ يابغۇ سالجۇقبەگنىڭ ئۈچۈنچى ئوغلى مۇسا ئىنانچنىڭ ئوغلى ئىدى. يۈسۈف ئىنانچ يابغۇنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغان ئېلى تېكىن سەمەرقەند ۋە بۇىارانى ئىشغال قىلىپ، مۇستەقىل ھالدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.
    يۈسۈف قادىرخان ئېلى تېكىننى يوق قىلىش ئۈچۈن ماۋرە ئۈننەھرىگە قوشۇن ماڭدۇردى. يۈسۈف قادىرخاننىڭ قوشۇنلىرى ئېلى تېكىن تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. يۈسۈف قادىرخان بۇنداق جىددىي ئەھۋال تۇغۇلغاندا، ئوغلى ياغان تېكىن باشچىلىقىدا سۇلتان مەھمۇدقا  ئەلچى ئەۋەتىپ، ئېلى تېكىننى ۋە يۈسۈف ئىنانچ يابغۇغا قارشى ئۇرۇشقا ئۇنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. سۇلتان مەھمۇد ھىندىستان يۈرۈشىىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياردەم بېرىدىغان بولدى. نەتىجىدە، ئېلى تېكىنگە قارشى قىلىندىغان جازا يۈرۈشى كېچىكتۈرۈلدى.
   دەل شۇ چاغدا، سۇلتان مەھمۇد ھىندىستانغا قىلىندىغان 16 -قېتىملىق ناھايىتى مەشھۇر يۈرۈشكە ھازىرلىنىۋاتقانىدى. بۇ يۈرۈش ( مىلادىنىڭ 1026 -يىلى ) ھىندىستاننىڭ گوجارات رايونىنى بېسىۋېلىش بىلەن ئاياغلاشتى.
     بۇنداق ياىشى پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئېلى تېكىن يۈسۈف ئىنانچ يابغۇنى ئۆزىگە ياردەم بېرىشكە ئۇنىمىغان چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگكە ھۇجۇم قىلىشقا بويرۇدى. يۈسۈف ئىنانچ يابغۇ ئېلى تېكىننىڭ بويرۇقىنى ئورۇندىمىدى،ئەكسىچە مەخپىي ھالدا، ئۆز قېرىنداشلىرى -چاغرىبەگ ۋە توغرۇلبەگ بىلەن بىرلىشۋالدى. بۇ ئىشنى سېزىپ قالغان ئېلى تېكىن يۈسۈف ئىنانچ يابغۇنى ئۆلتۈردى.
توغرۇلبەگ بىلەن چاغرىبەگلەر ، يۈسۈف ئىنانچ يابغۇنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئېلى تېكىنگە ھۇجۇم قىلدى. باشتا ئوغۇزلار غالىب كەلدى. كېيىن مەغلۇپ بولدى. چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگ ئېلى تېكىن تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئوغۇزلارنى باشلاپ شەرققە يۈرۈپ قەشقەرگە كەلدى. ئۇلار يۈسۈف قادىرخانغا بويسۇندىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قەشقەر ئەتراپلىرىدا ماكانلاشتى. بۇ ۋەقە مىلادىنىڭ 1028 -يىلى بولغانىدى.
  مىلادىنىڭ 1028 -يىلى، ئېلى تېكىن يۈسۈف قادىرىاندىن كەچۈرۈم سوراپ، قاراخانىلارنىڭ مەركىزى- قەشقەرگە بويسۇندىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    يۈسۈف قادىرخان قەشقەر ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن ئوغۇزلارنىڭ بەگلىرى - چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگلەرنى تۇتۇپ قاماققا ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىرەر ئىشقا باھانە قىلىپ ئالدىغا چاقىردى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا يۈسۈف قادىرخاننىڭ قېشىغا بارمىدى. بىرى كىرسە يەنە بىرى يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىنىپ تۇردى. ھېچ ئىلاج قىلالمىغان يۈسۈف قادىرخان، يالغۇز كەلگەن توغرۇلبەگنى تۇتقۇن قىلىپ قاماققا ئالدى.
   بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، چاغىبەگ ئوغۇزلارنى ئەگەشتۈرۈپ قەشقەردىن قاچتى. چاغرىبەگ يولدا كېتىۋېتىپ قاراخانىلار جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان بىرقانچە شاھزادىلەرنىڭ ئوۋ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئەقىللىق ھەم تەدبىرلىك چاغرىبەگ قاراخانى شاھزادىلىرىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭدى، يۈسۈف قادىرخان ئەسىرگە ئېلىنغان قاراخانى شاھزادىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، توغرۇلبەگنى قاماقتىن چىقىرىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوۋغىلارنى بېرىپ، ئۇنىڭدىن قاراخانى شاھزادىلىرىنى ئامان -ئىسەن قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويۇشقا ۋەدە ئالدى. چاغرىبەگ قەشقەردىن قاچقانچە << جەند >> رايونىغا بېرىپ توختىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېتىپ بارغان توغرۇلبەگ ئەسىر قىلىنغان قاراخانى شاھزادىلىرىنى ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويدى. بۇ ۋەقە مىلادىنىڭ 1029 -يىلى بولغانىدى.
    قەشقەردىن << جەند >> رايونىغا كەلگەن ئوغۇزلار بۇ جايدا تۇرۇشنى ئەپ كۆرمىدى.<< جەند >>رايونى شىمالىي ئىلىكخاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى جاي بولۇپ، قاراخانىلارغا قارايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگلەر خارەزىم ۋالىيسى ھارۇندىن يەر تەلەپ قىلدى، مىلادىنىڭ 1034 -يىلى ھارۇن ئوغۇزلارغا خارەزىم تېررىتورىيىسىدىن يېتەرلىك جاي ئاجىرىتىپ بەردى.

مەنبە: تارىخىي يىلنامىلەر

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 10:50:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئىلگىرى  خېلى  كۆپ  رەسىملەرنى  تاتقان  بولساممۇ  رەسىمنى  يوللىيالمىدىم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2069
تۆھپە : 5
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 14:05:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ......................

مىلادىنىڭ 998 – يىلى، سامانىلار ئەمىرى نۇھ ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەنسۇر ئەمىر بولدى. شۇ يىلى غەزنە ھۆكۈمدارى سوبۇك تېگىن بەلختە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسمايىل بىلەن مەھمۇت خانلىق تالىشىپ ئۆز ئارا جەڭگى – جىدەل قىلىشتى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن نۇھ بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بويىچە، مەنسۇر بىلەن داۋاملىق دوستانە ئۆتتى. كېيىن ئەمىر مەنسۇرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن نارازى بولغان ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت، ھەربىي قوماندان فايىق باشچىلىغىدىكى ئەمەلدارلار يۈسۈپ قادىرخان قاراخانغا ئەبۇ مەنسۇر ئىسپىجاپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قاراخانىلارغا بوي سۇنىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى. يۈسۈپ قادىرخان قاراخان بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، سەمەرقەنتتىكى ئېلىك خان ئېلى تېگىنگە بۇخاراغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇغىنى چۈشۈردى. ئېلى تېگىن بۇخاراغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت، ئەلچى ئەبۇ مەنسۇر ئىسپىجاپى ۋە قوماندان فايىق بۇخارادىن سەمەرقەنتكە قېچىپ كەلدى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن بۇخاراغا كېتىۋېتىپ، ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت ۋە ئەبۇ مەنسۇر ئىسپىجاپى قاتارلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئاسىلىغى ئۈچۈن قولغا ئالدى، فايىقنى تۇرشاۋۇل قىلىپ 300 ئەسكەر بىلەن بۇخاراغا ئەۋەتتى. ئەمىر مەنسۇر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بۇخارادىن قېچىپ كەتتى. فايىق بۇخاراغا كىرىۋېلىپلا ئېلىك خاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمىر مەنسۇرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، پادىشاھلىق نامى ئەمىر مەنسۇردە بولۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۆزىدە بولۇش شەرتىنى قويدى. ئەمىر مەنسۇر ماقۇل بولۇپ، بۇخاراغا قايتىپ كەلدى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن سەمەرقەنتكە قايتتى.
ئەمىر مەنسۇر ۋە فايىقلار سوبۇك تېگىننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىكى ماجرادىن پايدىلىنىپ، خۇراساننى تارتىۋالدى ۋە بەك تۇزۇن ئىسىملىك بىر قومانداننى خۇراسانغا ۋالى قىلپ تەيىنلىدى.
مەھمۇت (سوبۇك تېگىننىڭ چوڭ ئوغلى) دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارسلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى سولتان دەپ ئېلان قىلدى ۋە بەك تۇزۇن بىلەن ئۇرۇش باشلىدى. ئەمىر مەنسۇر ۋە فايىقلار نۇرغۇن قوشۇن بىلەن بەك تۇزۇنغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن خۇراسانغا يېتىپ كەلدى. فايىق ۋە بەك تۇزۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەمىر مەنسۇرنى قاماققا ئالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەنسۇرنىڭ ئىنىسى ئابدۇلمۇلۇك نوھنى تەختكە چىقاردى. ئەمىر ئابدۇلمۇلۇك سولتان مەھمۇت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، فايىق، بەك تۇزۇنلار بىلەن بىللە بۇخاراغا قاچتى. سولتان مەھمۇت خۇراساننى ئىشغال قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي فايىق ئۆلدى. مىلادىنىڭ 999 – يىلى ئېلىك خان ناسىر ئەسكەر چىقىرىپ، سامانىلار پەيتەختى بۇخارانى بېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 125 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سامانىلار خانلىغى ئاخىر قاراخانىلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
غەزنە ھۆكۈمدارى سولتان مەھمۇت قاراخانىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش ئۈچۈن، دوستلۇق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلاش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىجىرىيىنىڭ 380 – يىلى، مىلادىنىڭ 1001—1002 – يىللىرى، يۈسۈپ قادىرخان قاراخان سولتان مەھمۇتنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن، غەزنەۋىلەرگە مەخسۇس ئەلچىلەر ئۆمىگى ئەۋەتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سولتان مەھمۇت ئاتاقلىق ئالىم ئەبۇتىپ بىلەن ۋالى دەرىجىلىك يەنە بىر ئەمەلدارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر ۋەكىللەر ئۆمىگىنى يۈسۈپ قادىر قاراخان ھوزۇرىغا ئەۋەتتى. سولتان مەھمۇتنىڭ ئەلچىلىرى يۈسۈپ قادىر قاراخانغا قاراخانىلار بىلەن قودا – باجىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەكلىۋىنى بەردى. يۈسۈپ قادىر قاراخان تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلدى ۋە ماۋرا ئۇننەھر ئېلىك خانى ناسىرغا قىزى چىگىلنى سولتان مەھمۇتقا خوتۇنلۇققا بېرىشنى بۇيرۇدى. ناسىر ئېلىك خان يۈسۈپ قادىر قاراخاننىۇڭ يارلىغىنى دەرھال ئورۇنداپ، سولتان مەھمۇتقا ئۆز قىزىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئوتتۇرىسىدا توققانلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى.
1005 – يىلى ناسىر ئېلىك خاننىڭ ئامۇ دەريا بويىدىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن سولتان مەھمۇتنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئارىسىدا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى. بۇ ئادەتتىكى توقۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتى ھەر ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. بۇ چاغدا سولتان مەھمۇت ھىندىستاندا ئۇرۇشتا ئىدى. ناسىر ئېلىك خان غەزنەۋىلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ئەسكەرنى ئىنىسى چاغرى تېگىننىڭ قومادانلىقىدا بەلخقە ئەۋەتتى. يەنە بىر قىسىم ئەسكەرنى سۇ بېشى تېگىننىڭ قومادانلىغىدا خۇراسانغا ماڭدۇردى. چاغرى تېگىن باشچىلىغىدىكى قوشۇنلار ئامۇ دەريانى كېسىپ ئۆتۈپ، بەلخنى ئىشغال قىلدى. سۇ بېشى تېگىن باشچىلىغىدىكى قوشۇنلار خۇراسان ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىدى. سولتان مەھمۇت بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھىندىستاندىن غەزنەگە يېتىپ كېلىپ، چاغرى تېگىننىڭ قوشۇنلىرى بىلەن قاتتىق ئېلىشتى، چاغرى تېگىن مەغلۇپ بولۇپ بەلختىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئارقىدىنلا سولتان مەھمۇت بارلىق ھەربىي كۈچىنى سۇ بېشى تېگىننىڭ قوشۇنلىرىغا سالدى. بىر مەزگىل قاتتىق جەڭ بولغاندىن كېيىن، سۇ بېشى تېگىن ماۋرا ئۇننەھرگە چېكىندى. ئۇرۇش ھىجىرىيىنىڭ 397 – يىلى، مىلادىنىڭ 1009 – يىلىغا قەدەر داۋام قىلدى.
مىلادىنىڭ 1009 – يىلى، يۈسۈپ قادىر قاراخان سولتان مەھمۇتقا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەربىي كۈچ بىلەن قەشقەردىن يۈرۈش قىلدى ۋە بالاساغۇندىكى شىمالىي ئېلىك خان توغان خانغا ئەسكەر توپلاپ سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلىشقا يارلىق چۈشۈردى. يۈسۈپ قادىر قاراخان 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ بەلخنى ئىگەللىدى. سولتان مەھمۇتمۇ ناھايىتى نۇرغۇن قوشۇن تەييارلاپ بەلخقە يېقىن كەتەر دىگەن سايدا چېدىر تىكتى. يۈسۈپ قادىر قاراخانمۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى كەتەرگە ئېلىپ بېرىپ، سولتان مەھمۇتنىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر تىكىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى. يۈسۈپ قادىر قاراخان ئوتتۇرىدا سەپ تۈزدى، ناسىر ئېلىك خان ئوڭ قانات، چاغرى تېگىن سول قانات بولۇپ سەپ تۈزۈشتى.
سولتان مەھمۇتمۇ ئىنىسى ناسىرنى ۋە جۇرجان ۋالىسى ئەبۇ نەسىر فىرىخۇننى ئوتتۇرىدا، ئالتۇن تاشنى ئوڭ قانات، ئارسلان جازىپنى سول قانات قىلىپ سەپ تۈزدى، سەپ ئالدىغا 500 ئۇرۇش پىلىنى تىزدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش تەييالىغى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇرۇش رەسمى باشلاندى. دەسلەپكى جەڭدە مەھمۇتنىڭ پىللىرى يۈسۈپ قادىر قاراخاننىڭ قوشۇنلىرىغا خېلى زىيان يەتكۈزەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ناسىر ئېلىك خاننىڭ 500 ئەسكەردىن تەشكىل قىلىنغان پىداكار قىسمى سولتان مەھمۇتنىڭ پىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوتتۇرا قىسمىنى بۆسۈپ ئۆتتى. سولتان مەھمۇتنىڭ زاپاس قوشۇنى ناسىر ئېلىك خاننىڭ ئەسكەرلىرىگە قايتارما ھۇجۇم قىلىپ چېكىندۈردى. ئارقىدىنلا سولتان مەھمۇت پۈتۈن ئەسكىرىنى ئىشقا سېلىپ، يۈسۈپ قادىر قاراخاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى زور چىقىمغا ئۇچراتتى. يۈسۈپ قادىر قاراخان بەلخقە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى، يۈسۈپ قادىر قاراخان يەنە ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ چوڭ جەڭگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىر قاراخانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇرۇشنى توختىتىپ، سۈلھى قىلىش تەكلىۋىنى بەردى. يۈسۈپ قادىرخان سولتان مەھمۇتنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ، قوشۇنلىرىنى چېكىدۈردى.
قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئوتتۇرىسىدا تېچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىش ئالدىدا، قاراخانىلارغا قاراشلىق خوتەن خەلقى قاراخانىلارغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. ئىسيانچىلار قاراخانىلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسلامىيەتتىن يۈز ئۆرىدى. يۈسۈپ قادىرخان سەمەرقەنتتىن نۇرغۇن ئەسكەر ۋە ئولىمالارنى باشلاپ قەشقەرگە قايتتى.
يۈسۈپ قادىر قاراخان 1010 – يىلى قەشقەردىن خوتەنگە يۈرۈش قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن خوتەندە ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان ئاھالىنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى قوراللاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە قورال كۈچى بىلەن دىنىي تەشۋىقاتنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خوتەننى يەنە بوي سۇندۇردى. قاراخانىالارنىڭ خوتەنلىكلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئۇرۇشى ئىلگىر – ئاخىر بولۇپ 24 يىلغا سوزۇلدى. ئاخىر خوتەن شەھىرى بوي سۇندۇرۇلدى، خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا تولۇق كىرگۈزۈلدى. خوتەن خانى چىگالۇخالخالنىڭ كاللىسى ئېلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش توختىدى.
قاراخانىلار خوتەن ئىسيانىنى تىنجىتقاندىن كېيىن، خوتەنگە ۋالى دەرىجىلىك خان ۋە ھەر دەرىجىلىك مەمۇرى ئەمەلدارلارنى قويدى. خوتەن ۋەزىيىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، خوتەندىن دۇڭخۇاڭغا بارىدىغان يىپەك يولى يەنە راۋانلاشتى. خوتەننىڭ قاراخانى لاچىن نائىل ساۋۇن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن ئىلگىرىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. خوتەندىن دۇڭخۇاڭغا ۋە ئىچكىرىگە توشۇلىدىغان ماللارنىڭ ئىچىدە قاشتاش بويۇملىرى، ھەر خىل دورا – دەرمەك، يىپەك، يىپ توقۇلمىلار بار ئىدى. سودىگەرلەرنىڭ ئىچكىرىدىن خوتەنگە ئېلىپ كەلگەن ماللىرى ئىچىدە چاي، ھەر خىل جانان قاچىلار بار ئىدى. بۇ دەۋردە خوتەن زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان، كۈچلەنگەن ئىدى. بۇنى مۇنداق بىر پاكىتتىن كۆرۈشكە بولىدۇ:
مىلادىنىڭ 1068 – يىلى، خوتەن خانى سۇڭ خانلىغىنىڭ شېنزۇڭ خانى جاۋشۇغا يازغان خېتىدە ئۆزىنى «شايى – ئەتلەسلىرى مول، بەختلىك، قۇدرەتلىك، بىلىملىك خوتەن قاراخانى» دەپ ئاتىغان.
غەرپ ئېلىك خانى ئېلى تېگىن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئىچكى – تاشقى جەھەتتە قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بولۇپ كەتكەنلىگىدىن پايدىلىنىپ، سالچۇقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تەپرىقىچىلىق بىلەن ئاشكارا شوغۇللاندى. يۈسۈپ قادىرخان ئېلى تېگىننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، كىچىك ئوغلى مەھمۇت ياغان تېگىن بۇغراخاننى دەرھال ئاتلاندۇردى ۋە سولتان مەھمۇتقا خەت يېزىپ، ئوغلى مەھمۇت ياغان تېگىنگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سولتان مەھمۇت دەرھال مەھمۇت ياغان تېگىنگە ھەربىي كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئېلى تېگىننىڭ تەپرىقىچىلىغىنى باستۇرۇشقا ماسلاشتى. ئېلى تېگىن قاتتىق زەربە يىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەپرىقىچىلىغىدىن قەتئى ۋاز كېچىپ، مەڭگۈ قاراخانىلار خاندانلىغىغا سادىق بولىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. بۇ مەسىلە ھەل بولغاندىن كېيىن، سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىرخاننى سەمەرقەنتكە تەكلىپ قىلدى. يۈسۈپ قادىرخان سولتان مەھمۇت بىلەن دوستلۇق كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىگى بىلەن سەمەرقەنتكە يېتىپ باردى. قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش ئەھېالىنى گەردىزى مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىرخان قاراخاننى دەرھال ئۆزى تەييارلىغان ئوردا گاھقا تەكلىپ قىلدى. ھەر ئىككى ھۆكۈمدار بىر نەچچە سىۋارلار⑥ بىلەن كېلىپ، ئاتلىرىدىن چۈشۈپ سەمىمى، قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ھەر ئىككى ھۆكۈمدار بىر بىرىگە قىممەتلىك سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىشتى. سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىرخانغا بىر جەۋھەرنى تەقدىم قىلدى. يۈسۈپ قادىرخانمۇ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن قىممەتلىك بىر جەۋھەرنى سولتان مەھمۇتقا تەقدىم قىلدى. ئۇلار سوۋغا تەقدىم قىلىشقاندىن كېيىن زىياپەت بېرىلدى. ئەتىسى رەسمى سۆھبەت باشلاندى. سۆھبەتتە يۈسۈپ قادىرخان بىلەن سولتان مەھمۇت ئوتتۇرىسىدا، زۆرۈر تېپىلغاندا، بىر بىرىگە ئەسكەر ياردەم قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، تۈركىستان ھەم خۇراساننىڭ ئامانلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش، سالچۇقىلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆز قاراشقا كەلدى. دوستلۇقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، سولتان مەھمۇتنىڭ قىزى زەينەپنى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى مەھمۇت ياغان تېگىنگە ياتلىق قىلىش، يۈسۈپ قادىرخان ئۆزىنىڭ قىزىنى سولتان مەھمۇتنىڭ ئىككنىچى ئوغلى ئەمىر مۇھەممەتكە ياتلىق قىلىش توغرىسىدا پۈتۈشتى. يۈسۈپ قادىرخان ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قاراخانىلار ھاكىمىيىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ماۋرا ئۇننەھرنى ئېلىك خان ئېلى تېگىننىڭ قولىدىن ئېلىپ ياغان تېگىنگە تۇتقۇزدى.
1030 – يىلى سولتان مەھمۇت ۋاپات بولدى. 1031 – يىلى سولتان مەھمۇتنىڭ چوڭ ئوغلى مەسئۇت غەزنەۋىلەر تەختىدە ئولتۇردى. سولتان مەسئۇت غەزنەۋىلەر بىلەن قاراخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەرگە ۋەكىللەر ئۆمىگى ئەۋەتتى. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىگى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قىزىنى سولتان مەسئۇتقا بېرىش، سۇلايمان بۇغرا تېگىن ئارسلانخاننىڭ قىزىنى مەسئۇتنىڭ ئوغلى مەۋدوتقا بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ئىدى.
1032 – يىلى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولدى. غەزنەۋىلەر بىلەن قاراخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋەت ئۇرنىتىش بىر مەزگىل كېچىكتى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا تېگىن قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى. ئۇ 1032 – يىلىدىن 1056 – يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى.
سولتان مەسئۇت يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ھەم قاراخانىلار تەختىدە ئولتۇرغان سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخاننى تەبرىكلەش ئۈچۈن قەشقەرگە مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىگىنى ئەۋەتتى. ۋەكىللەر ئۆمىگى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان بىلەن ئۇچرىشىپ، تەنتەنىلىك مۇراسىم ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ، 1034 – يىلى غەزنىگە قايتتى.

....................................................

     ھاجى نۇر ھاجى.<قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>دىن ئېلىندى.  شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىنىڭ 1983 – يىل 1 – ئاي 1 – نەشىرى


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2069
تۆھپە : 5
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 14:50:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
....................
ئەسلى ھېكايىنى بايان قىلىپ بېرەي، 1032- يىلى يۈسۈپ قادىرخان خوتەندىن ياناشىدا ئائىلىسىنى قەشقەرگە يولغا سېلىپ، ئۆزى كەشمىر ئارقىلىق بەلىخ دىيارىغا باردى، بۇ چاغدا مەھمۇد غەزنىۋى ئۆلۈپ كېتىپ كۈيئوغلى مەسئۇد غەزنىۋى بىلەن قىزى خانلىق دەۋرىنى باشلىغان چاغ ئىدى. دەرۋىشلىك يولىنى تۇتقان يۈسۈپ مەھمۇت غەزنىۋىنىڭ تېخى گۈمبىزى ياسالمىغان قەبرىسگە بېرىپ  بىر كېچە تۈنەپ چىققان. مەھمۇت غەزنىۋىدە بوۋىسى تاھىرخان مەمەتنىڭ ئەرۋاھى بارلىقىنى كۆرگەن. بۇ بىشارەتنى كۈيئوغۇل بىلەن قىزغا سۆزلەپ بەرگەن. يۈسۈپ دەرۋىشلىك يولى بىلەن بەلىختىن بۇخارا تەرەپكە ماڭغاندىن كېيىن  يۈسۈپ روھى بىلەن مەھمۇت روھىي قوشۇلمىسىدىن مەسئۇت غەزنىۋىدىكى ئەرۋايى شەۋىق زەينەپكە ئۆتۈپ مەلىك شاھ تۇغرۇلبەگ تۇغۇلغان.تۇغرۇلبەگ 1095 – يىلى بوۋىسى يۈسۈپ ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇنىڭ ئەرۋاھىدىن ئوغلى سەنجەرنى تاپتى. بۇ سۇلتان سەنجەر ئەخمەت يەسىۋىنىڭ  يولىنى تۇتۇپ، 1160- يىللاردىن كېيىن پەررىدىن ئەتتار دىگەن ئىسىم بىلەن پەيدا بولۇپ، ئۆزى بىلەن بوۋىسى ئىبراھىم يەنى تاھىربەگ ئوتتۇرسىدىكى بەش قەۋەت قاتلامنى ئېنىقلاپ يازغان. «مەنتىتۇت تەيىر» داستانىدا  ئەشۇ خاتىرىنى قالدۇرغان. بۇ ئاندىن ئەلشىر ناۋايى يازغان «مەنتىقۇتتەيىر» داستانىدىن ساڭا مەلۇم بولدى.

-<يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقنۇس بىلەن سۆھبەت>:ئادالەت ئابدۇرېھىم.  <ئەلكۇيى>تورىدىن .

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 240
تۆھپە : 12
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 20:08:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئۈمىد) يوللىغان ۋاقتى  2013-2-21 14:50
....................
ئەسلى ھېكايىنى بايان قىلىپ بېرەي، 1032- يىلى  ...

رەھمەت .كۆپ ئەجىر قىلىپسىز .مۇشۇ سەۋەپ بىلەن  تارىخ ۋە تارىخىمىز ھەققىدىكى ئوخشىشىپ كىتىدىغان ،ئېنىقسىز بولغان نۇختىلار يەنە بىرقېتىم شەرھىلىنىپ ھەقىقىلىك دەرىجىسىگە يېقىنلاشقۇسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش