ximal
كۆرۈش: 1287|ئىنكاس: 40

ئەيبۇ ياقۇپ: تەرجىمە ئەسەرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                             ئەدۇنىس  شىئېرلىرىدىن


                                               ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى
                                                   
                      untitled.bmp

ئەدىنۇس، ئەسلى ئىسمى ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسپور 1930-يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان.1956-يىلى لىۋانغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1980-يىللاردىن باشلاپ ياۋرۇپا ۋە ئامىرىكىدا ئوقۇتۇش، يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشخۇل بولغان. ئەدىنۇس مول ـ ھوسۇللۇق شائىر، مۇتەپەككۇر، ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى، ئۇ دۇنيادا بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرەپ شائىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ شىئېرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان ئاكتىپ تەشەببۇسى، ئەرەپ مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى ئەرەپ مەدەنىيەت ساھەسىدە كەسكىن بەس ـ مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولغان ھەم چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە يىگىرمە ئىككى پارچە شىئېرلار توپلىمى ۋە مەدەنىيەت، ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئائىت ئون نەچچە ئىلمىي كىتابى نەشر قىلىنغان. ئۇ «بىريۇسېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، تۈركىيە «ھېكمەت ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، ماكىدۇنىيە «ئالتۇن تاج شىئېرىيەت مۇكاپاتى»، فىرانسىيە «چەتئەل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» ۋە «چەتئەل كىتاپ مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ قىزغىن نامزاتلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە.


  

چىغىر يول



خىرە شېخىللاردا بار تەشۋىشنىڭ رەڭگى

يامراپ كەلگەن خىيالنىڭ رەڭگى.

كىمدۇر، زادى كىم

ئۆتكىنىدە بۇ يەردىن كۆيگەن؟

ئاياغلىرىم خۇشتار يالقۇنغا

خۇشتار ھۆرمەتكە؛

بارغىنىدا يىراقلارغا ئۇ

پەخىرلىنەر، ئىپتىخارلىنار.

چىغىر يولدىن سورىسام ھەر چاغ:

كېچىنىڭ يۈكى قاچان تۈگەر دەپ؟

قاچان تىلەكلىرىم بولۇپ ئىجاۋەت

يېتىپ مەنزىلگە

سۈرەرمەن دەپ ھالاۋەت؟

«شۇ يەردىن،باشلىنارمەن» دەپ

بەردى جاۋاپ چىغىر يول ماڭا.



小路

这迷茫的石砾上有焦虑的色彩,
弥漫的幻想的色彩:
是谁,究竟是谁
路过此地,燃烧过?

我的脚步喜欢红色的火焰,
喜欢荣耀;
每当它到达远方
就自豪、骄傲。
每当我问起小路:“喂!
长夜,长夜的重负何时是尽头?
何时我能得我所求,
抵达终极
享受安逸?”
小路对我说:“从这里,我开始。”



چۈشكۈنلۈك



ئۈنسىز دۇنياغا قېتىلغان تىلىم

ياشايمەن ئوت بىلەن ۋابانىڭ ئارىسىدا.

ياشايمەن مىۋىلىك باغ بىلەن بوشلۇقتا

تۇنجى ئۈمىدسىزلىك ۋە شادلىق ئىچىدە،

ياشايمەن ھاۋا ــ

قارغىش تەككۈر دەرەخنىڭ ئىگىسى

ۋە مىۋە ئىگىسىنىڭ ئالدىدا.

ياشايمەن بۇلۇت ۋە ئۇچقۇنلار ئارىسىدا

ياشايمەن يۇغىناۋاتقان تاشنىڭ ئىچىدە

سىرلىقلىق، چۈشكۈنلۈك تارقىتىۋاتقان كىتاپ ئىچىدە.



堕落

我生活在火与瘟疫之间
连同我的语言——这些无声的世界。
我生活在苹果园和天空,
在第一次欢欣和绝望之中,
生活在夏娃——
那棵该诅咒的树的主人
那果实的主人——面前。

我生活在云朵和火花之间,
生活在一块正在成长的石块里,
在一本传授秘密和堕落的书本里。



كۈنلەرنى تاپشۇردۇم...



كۈنلەرنى تاپشۇردۇم ھاڭلارغا

تەختىمنىڭ تەكتىدە ئۆرلىسۇن، چۆكسۇن

قەبرەمنى كولايمەن كۆزۈمدە

شەيتانلارنىڭ خوجايىنى مەن

تاپشۇردۇم ئۆزلىرىگە شەيتانلارنى مەن

تۈنۈگۈن، تىلنى تاپشۇردۇم جىنلارغا

تارخقا قاراپ تۇرىمەن يىغلاپ

يىغا ئاۋازى لەۋلەردىن چۈشەر ئالدىراپ

يىغلايمەن ۋەھىمىگە باققىنىمچە

ئۆپكەمدە كۆيمەكتە

يېشىل ۋەھىمە دەرىخى

مەن جىنلارنىڭ خوجايىنى

ئويغىتىمەن ئۇلارنى

قوغلايمەن قېنىم ھەم كانىيىم بىلەن

قۇياش بوز تورغايدۇر

سىرتمىقىمنى تاشلايمەن ئاڭا

شامال بولسا مېنىڭ تەلپىكىم



我把岁月交给……

我把岁月交给深渊
任它在我的座骑下起起伏伏
我在双眼里挖掘我的坟墓
我是鬼魅的主人,我把同类交给他们
昨天,我把语言也向他们交付
我对着历史失落地哭泣
踉踉跄跄,哭声从唇间跌出
我向着恐惧哭泣,我肺里
燃烧着绿色的恐惧之树
我是鬼魅的主人,我唤醒他们
用我的血和喉咙驱赶他们
太阳是一只云雀,我把我的绞索扔去
风,是我的帽子。




ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە



دېڭىز شىئېر ئوقۇپ بەردى دەپ،

قوڭغۇراق سەدەپتە ئۇخلاپ قالدى دەپ،

ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە.

ئەپسانىلەر مەرىكىسى

جىنلار تويىدا ناخشا ئېيتتىم دەپ،

ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە.

تارىخنىڭ تۇمانلىق يامغۇرلىرىدا

ئارىلىقنىڭ قىزىل يالقۇنلىرىدا

بىر قەسىر، بىر روھ كۆردۈم دەپ

ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە.

بارغاچقىمەن كۆزۈمدە ئۈزۈپ،

ھەممە نەرسە كۆزۈم تەكتىدە،

مەنزىللەرگە قەدەم قويدى دەپ

ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە.



我对你们说过

我对你们说过:我曾倾听大海
向我朗诵它的诗篇;我曾倾听
海贝里面沉睡的摇铃。
我对你们说过:我曾歌唱
在魔鬼的婚礼上,在神话的宴席上。
我对你们说过:我曾见到
一个精灵,一所殿堂
在历史的烟雨里,在距离的燃烧中。
因为我航行在自己的双眼里
我对你们说过:一切都在我的眼底,
从旅程的第一步起。




كېچە بىلەن كۈندۈز دەرىخى



كەلدىم كۈندۈزدىن ئاۋال،

يورىدىم كۈننى كۈندۈز سوراشتىن ئاۋال.

يۈرەر گۈل قاچىسى سايەم ئاستىدا،

دەرەخلەر ئارقامدىن كەلمەكتە يۈگرەپ.

خىياللار قورۇلماقتا يۈزلىرىمدە،

ئارال ۋە قەلئەلەر ساداسىز ــ

سۆزلەر سىلىيالماس ئىشىكلەرنى.

يورۇتىپ دوستلارنىڭ كېچىلىرىنى،

تاشلانسا دەملەر كارۋىتىمغا

تامچىلار كۆكسۈمدىن بۇلاقنىڭ سۈيى.

ئۇخلىغىنىدا يېشىنىپ كۈنلەر،

مەن ئويغىتىپ سۇنى، ئەينەكنى

كەتتىم ئۇيقىغا،

سۈرتكىنىمچە چۈشنىڭ يۈزىنى...



20-ئەسىرنىڭ ئەينىكى



تاۋۇتلار ياپقان بالىلارنىڭ يۈزىنى

كىتاپلار

يېزىلماقتا قاغىلارنىڭ ئۈچەيلىرىگە

يىرتقۇچ گۈل تۇتۇپ كەلمەكتە مېڭىپ

قىيا تاشلار

سەۋدايىنىڭ ئۆپكىسىدە ئالىدۇ نەپەس

مانا بۇ

20-ئەسىر



بالا



تارىخ دۆۋىلەكلىك نەرسە

ئاۋامنىڭ بىرلىكى قان،

كۈنلەر قەبرە،

يىللار، قايسى پىلانىتتىن

قايسى يول بىلەن چىقتى سۆكۈلۈپ؟

بالا كەتتى ئۇيقۇغا،

ئاڭلىغانچە ئوتنىڭ گېپىنى.

مۇلايىملىق يۈزىدە تامام

يالقۇن كىتابىدۇر شۇ تاپتا تېنى.



دېرىزە (پارچە)



يالاڭئاياغ، ئەگكىنىچە باش

شامال ئۆتتى قىز دېرىزىسىدىن

ئۇ كەلگەنمىكىن ھەسرەت ئېلىدىن؟

شۇ دەمدە

كېچە چىققىنىچە ئاسمان شوتىسىغا،

دېرىزەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ

رامكىلارنى تامام قورشىدى.

ۋاقىت دەرەخلىرىدىن تۆكۈلگەن

قوزۋاقلارنى يايغىنىمچە

ئوقار ئىدىم ئاقار يۇلتۇزلارنىڭ تارىخىنى.

دېرىزە ــ

نە ئۈچۈن تارتىسەن زوقنى، مەيلىمنى،

دالىلارنى توي ـ بايرام بىلىپ

بۇلۇتلارنى سۆيگۈ كارۋىتى؟

دېرىزە ــ

سايىگە يۈزلەنگەن ئۇنىڭ بىر يۈزى،

بىرى بولسا قۇياشقا.

دېرىزە ــ

يۈرەك خوشلاشماقتا،

بىلەكلەر كۈتىۋالماقتا.

يىللار ــ

دېرىزىنىڭ باياۋانىدا

كارۋاندۇر ئەبەتكە كېلىپ ـ كېتەرگە

قانداق بىر يالقۇن

قايىل قىلار تىل سېركولىنى

تۇنجۇقۇپ تۇرغان مەڭگۈلۈك تامغا

دېرىزىنى سىزماقتا...



ئاقار يۇلتۇزنىڭ رىۋايىتى (پارچە)



ئۇشبۇ دەملەر نەقەدەر گۈزەل،

تېنىمدىن ئوت ئالغان بىر تۇتام يالقۇن،

قەدىمى يانار تاغ ئېغىزىدىن ئۆرلەر.

تارىخ،

روشەنلىشەر ۋەھشى تىل بىلەن.

كۈندۈزنىڭ قولىغا

قوللىرىمنى ئۇزاتماق بولسام،

كېلەر يۈگرۈپ كېچىنىڭ قولى.

يەشمەك بولۇپ

تېنىمدىكى باغلاقنى،

دەملەرنىڭ بېلىگە

چېتىپ قويىمەن ئەبەدىيلىك جۆيلۈشنى.

شەھەر ــ

قاتمۇ ـ قات ئىشىك ۋە رۇجەك،

مارىشىپ يۈرسىمۇ كۈندۈزدە ھەردەم

قۇچاقلىشار قاراڭغۇدا ھەم

شەھەر ــ

كوچا كۆكرەكلىرىدە لۆمۈلدەيدۇ سۈت،

چىقىۋاتقىنى بولسا ئىسسىق قىزىل قان،

ئاسمان بولسا بۇ يەردە ئىدىش.



ياز (پارچە)



تىنىققىنە ياز كېچىسىدە

ئالقان ئىزلىرىمغا قاراپ

ئوقىۋاتسام يۇلتۇزلارنى.

ئىش تېرىپ بىر دوستۇم

يۇلتۇزلارغا قاراپ

ئوقىدى ئالقان ئىزلىرىنى.

باقماپتىمىز شۇ چاغدا سوراپ:

«ئىلمىي بولار قانداق ئوقۇساق؟».

سورىغىنىمىز

«قانداق ئوقۇش شىئېرغا يېقىن؟»

دوستۇم دەر:

«تەبىئەتتۇر شىئېر ئۇ دىگەن»

مەن دەيمەن:

«شىئېر تەبىئەت كىيىمىدىكى گۇڭگىلىقمىكىن.»

ياز

تۇتۇپ دېڭىزنىڭ قولىنى،

ئۈگىتەر قۇم بىلەن كۆرۈشۈشنى.

ساھىللارنىڭ ھىدىدۇر ئازاپ،

يازدا دولقۇن كېلىشتىن ئاۋال.

چوڭقۇرلايسىز يازنىڭ ئىچىگە،

كۈزنى سۆزلەر بولسىڭىز ئەگەر.

قۇياش يالاڭاچ، ئىشىكىمدە تۇرار ئېزىلىپ،

ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئۇياتچان سايىسى،

قۇياشنىڭ كۆكرەكلىرىنى توساپ ئاۋارە.

ئېيتقىنا تېنىم

شۇ مىنۇتلاردا ئەسىرسەن كىمگە؟

ياز دەيدۇ:

ئازاپلانغىنىم ــ

بەزىلەر يۈرەرمىش سۆزلەپ

بىلمەيدۇ دەپ ھەسرەتنى باھار

ياز قۇياشى ئولتۇرىدۇ دەرەخ ئاستىدا

غۇر ـ غۇر شاماللاردىن تىلەپ سەدىقە



ــ ئەدىنۇسنىڭ خەنزۇچە «غېرىپلىقىم باغچىدۇر مېنىڭ» ناملىق شىئېرلار توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.



                                          ئەدىنۇس بىلەن سۆھبەت


     جەنۇپ شەھەر گېزىتى: نىمە ئۈچۈن «ئەدىنۇس» دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتتىڭىز، ئۇ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بىر ئىلاھنىڭ نامىغۇ؟

      ئەدىنۇس: بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپتە قەدىمكى لىۋاندا پەيدا بولغان، ئۇ لىۋاندىكى بىر دەريانىڭ نامى، كېيىچە يۇنانغا تارقىلىپ بارغان.ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىمدا يازغان شىئېرلىرىمغا ئۆز ئىسمىم ‹‹ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسپور›› دەپ گېزىتخانىغا ئەۋەتسەم ئۇلار ئىشلەتمەي قويدى. كېيىنچە مەن «ئەدىنۇس» ھەققىدىكى ئەپسانىنى ئوقىغاندىن كېيىن ئىلھاملىنىپ، ئۇنى ئۆزۈمگە تەخەللۇس قىلىپ يەنە ئەۋەتتىم. نەتىجىدە شىئېرلىرىم ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئىزچىل ھالدا بۇ تەخەللۇسنى ئىشلىتىپ ئەسەر يازدىم. كېيىنچە ھەتتا ئاناممۇ مېنى «ئەدىنۇس» دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

     جەنۇپ شەھەر گېزىتى: «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ ئەڭ قىزغىن نامزاتلىرىنىڭ بىرىسىز، «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا قانداق قارايسىز؟

      ئەدىنۇس: شۇنداق، لېكىن مەن بۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن. شىئېرنى تېخىمۇ ياخشاراق يازسام، ئۈزلۈكسىز ئىجادىيەت ئېلىپ بارسام دەيمەن.

     جەنۇپ شەھەر گېزىتى: شىئېرلىرىڭىز كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپتۇ، شىئېرنىڭ تەرجىمە قىلىنىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟

     ئەدىنۇس: شىئېرنى بەزىدە تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ،بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تەرجىمان قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولىدۇ. بەزى شىئېرلارنىڭ تەرجىمىسىدە ئەسلىسىگە بەكمۇ سادىق بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭدىكى شىئېرىي تۇيغۇنى يوقۇتۇپ قويىدىغان، يەنە بەزى تەرجىمىلەردە چەكتىن ئاشۇرىۋېتىدىغان، ئەسلىسىنى خالىغانچە پارچىلاپ ئۇنى تونىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.

     مېنىڭچە تەرجىمان مۇنداق ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، ئۇ ئۆز ئانا تىلىغا پۇختا بولۇشى كېرەك، ئۇ شىئېرنى ئانا تىلىدا ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسى چەت تىل سەۋىيەسىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۇ تىلنىلا بىلىپ قالماي، شىئېرىي دۇنيانىمۇ بىلىشى كېرەك. شىئېرنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى تەرجىمە قىلىمەن دىيىش بولسا قۇرۇق بىر گەپ. ئۈچۈنچىدىن، تەرجىماننىڭ ئۆزىمۇ ھەقلىق ھالدا شائىر.

     جەنۇپ شەھەر گېزىتى: سىز شىئېرنى جەزمەن شائىر تەرجىمە قىلىشى كېرەك دىمەكچىمۇ؟

     ئەدىنۇس: ئۇنىڭ شىئېر يېزىش، يازماسلىقى مۇھىم ئەمەس. شىئېر يازىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شائىر بولۇشى ناتايىن. بەزىلەر شىئېر يازمىسىمۇ ئۇلارنى شائىر دىيىشكە بولىدۇ. ئۇلار لوگىكىنىڭ، قىياسنىڭ ھەتتا مەنپەئەتنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، شىئېرنىڭ كۆزى بىلەن دۇنياغا نەزەر سالىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، تەرجىمان ئەسلى شىئېر ئاساسىدا ئۇنى قايتا ئىجاد قىلىدۇ. ئالايلى، ئەرەپ تىلىدىكى «ئاي» بىلەن ئىسپان تىلىدىكى «ئاي»نىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ھەر بىر مەدەنىيەتتە ئايغا بولغان ئوخشاشمىغان مۇزىكا، تارىخ، مەنىۋىلىك ۋە ئەسلىمىلەر يوشۇرۇنغان. بۇنى لۇغەتتىن شۇ سۆزنى ئىزدەپ تېپىپلا بولدى قىلىشقا بولمايدۇ. تەرجىمان بارلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىي ئەسلىمىلىرى ئاساسىدا ئۇنى تەرجىمە قىلىشى كېرەك. شۇنداق تەرجىمە قىلىنغان شىئېرلاردىلا ھاياتى كۈچ بولىدۇ.

     جەنۇپ شەھەر گېزىتى: شىئېر يېزىشتىن باشقا يەنە رەسىممۇ سىزىدىكەنسىز، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق چۈشىنىسىز؟

     ئەدىنۇس: ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى رەسسام ئەمەس دەيمەن، چۈنكى مەن قەلەم ۋە بوياق بىلەن رەسىم سىزمايمەن. ئىجادىيەتكە ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىمنىڭ ھەممىسى تاشلاندۇق نەرسىلەر، ئالايلى، كېرەكسىز قەغەز، ياغاچ، تۆمۈر پارچىسى قاتارلىقلار. مېنىڭ خىزمىتىم بولسا ئۇلارنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ، مەنىسىز نەرسىلەرگە مەنە ئاتا قىلىش. ئۇلار قارىماققا زىدىيەتلىك ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنىدۇ. قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلار مەنىگە ئىگە بولۇپ، پۈتۈنلۈككە ئىگە سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ. شىئېرمۇ ئوخشاش، ئىماگلار تولىمۇ قالايمىقان ۋە رەتسىز بولسىمۇ ھەقىقى شائىر ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنى پۈتۈنلۈككە ئايلاندۇرىدۇ. شىئېرنى، مۇزىكىنى، گۈزەل ـ سەنئەتنى ياخشى كۆرسەممۇ شىئېرغا بەكەرەك ھېرىسمەنمەن. ماڭا نىسىپەتەن ئېيتقاندا، شىئېرغا باشقا سەنئەت شەكىللىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مەنىلەر يوشۇرۇنغاندەك بىلىنىدۇ. تىلدىن باشقا ئۇنىڭدا يەنە مۇزىكىمۇ، ئوبرازمۇ،ئارخېتېكتۇرمۇ بار.

      جەنۇپ شەھەر گېزىتى: غەرىپتە كۆپ يىل تۇرمۇش كەچۈردىڭىز،غەرىپ دۇنياسىغىمۇ، ئەرەپ دۇنياسىغىمۇ ناتونۇش ئادەمسىز. سالاھىتىڭىزنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟

      ئەدىنۇس: سالاھىيەتنى ئۆزۈڭىز بەلگىلەيسىز، ئادەم مەڭگۈ سالاھىيەتتىن چىقىپ تۇرۇشى كېرەك. مۇھىمى غەرىپ شەرىقنى ئېرىتىۋېتەمدۇ ياكى شەرىق غەرىپنى ئېرىتىۋېتەمدۇ مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ئادەمنىڭ ئۆزلۈكىنى ئېچىۋېتىشى. ئادەم ھاۋاغا، بوشلۇققا، ئەتىرگۈلگە ئوخشىشى كېرەك. بۇلۇڭدا قاپسىلىنىپ قالسا بولمايدۇ. مېنى جۇڭگولۇق دىسىڭىز، مۇشۇ يەردىلا تۇرىۋالسام، قۇدۇقنىڭ تېگىدە تۇرۇپ ئاسماننى كۈزەتكەندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئادەمنىڭ ئېڭىنىڭ چېكى بولمايدۇ، ئېچىۋېتىشنىڭمۇ شۇنداق. ئادەم دەرەخكە ئوخشىشى كېرەك، ئۇنىڭ يىلتىزى تۇپراقتا بولسىمۇ، شاخلىرى ھەر تەرەپكە قاراپ باغجانلايدۇ.

      جەنۇپ شەھەر گېزىتى: شىئېرىڭىزدا «مەڭگۈ ناتونۇش ئادەم ۋە ئاسىي بولۇشنى خالايمان» دەپ يېزىپسىز، بۇ ئۆزۈڭىزنىڭ تاللىشىمۇ ياكى رىئاللىقنىڭ، شارائىتنىڭ زورلىشىدىنمۇ؟ بۇنداق سالاھىيەتنىڭ شائىرغا نىسپەتەن قانداق ئەھمىيىتى بار؟

      ئەدىنۇس: مەن ئىزچىل ھالدا بىر يۈز ئۆرىگۈچى، بۇنىڭدا ئۆز تاللىشىمنىڭ تەركىپلىرىمۇ بار. چۈنكى ئاسىيلىقىمدا مەقسەت بار، ئۇ بولسىمۇ بۇ جەمىئىيەتنى ئۆزگەرتىش، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش. شىئېر ماھىيەت جەھەتتىن بۇ دۇنياغا بىر خىل تەنقىدى نەزەر بىلەن قارايدۇ. شائىرنىڭ رىئال دۇنيانى تولۇقى بىلەن قوبۇل قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولىدىكەن ئۇ شائىر يازغان شىئېرنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ. ئۆزگۈرۈش، يۈز ئۆرۈش بولسا شىئېرنىڭ ئەڭ تۈپكى يادىرولىرىنىڭ بىرسى. ناتونۇش ئادەم بولۇش سۈپىتىدە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن دۇنيانى چۈشىنىمەن. غېرىپلىق جەريانىدا دۇنيانى تونۇيمەن. قىزىشىپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا بولسا ھېچنىمىنى كۆرەلمەيمەن.

      جەنۇپ شەھەر گېزىتى: ئەرەپ زىيالىلىرى غەرىپ دۇنياسىغا كەلگەندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان تاللاشلارغا يۈزلىنىدۇ. سىز بولسىڭىز تەنقىدنى تاللىدىڭىز؟

      ئەدىنۇس: ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمىغاندەك، ئۇلارنىڭ تاللىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. مۇھىمى ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشتۇر. بەزىلەر رادىكال مۇتەپەككۇرلارغا ئايلاندى. ئۇلار مەلۇم ئەمىلىي مەقسەتلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جەڭچىلەر. يەنە بەزىلىرى غەرىپنىڭ ئىدىيىسىنى تولۇقى بىلەن قوبۇل قىلىپ، غەرىپ مۇھىتىغا سىڭىپلا كەتتى. مەن ئۇلارغا ئوخشىمايمەن. سەئىد ئىككىمىز باشقا بىر تۈركۈمدىكى زىيالىلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز. بىز ئەرەپ جەمىئىيىتىنى تەنقىد قىلىمىز. غەرىپ جەمىئىيىتىنىڭ نۇقسانلىرىغىمۇ تەنقىدى پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. بىز قوش ئۆلچەملىك تەنقىدچىلەر.

      جەنۇپ شەھەر گېزىتى: يەر شارىلىشىش دەۋرىدىكى غەرىپ بىلەن شەرىقنىڭ مەدەنىيەت توقۇنۇشىغا قانداق قارايسىز؟

      ئەدىنۇس: كۈچلۈكلەر «ئېپ كېلىش»تىن قورقمايدۇ. قەدىمقىلەردە ھازىرقى مەسىلىلەر بولغان ئەمەس. بۈيۈك كىلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن سوراپ بېقىڭ، ئۇلار يەر شارىلىشىشتىن قورقامدىكەن. قەدىمقى ئەرەپلەر يات ئەللەرنىڭ ناتونۇش نەرسىلىرىنى گۈزەل دەپ قارايدۇ. قەدىمدە بىز پارىسلار ۋە ھىندىلارنىڭ كىتاپلىرىنى تەرجىمە قىلىپ پەخىرلەنگەن. بىزنىڭ نۇرغۇن كىتاپ ۋە ئەسەرلىرىمىزنىڭ كېلىش مەنبەسىمۇ باشقا دۆلەتلەر. ھازىرمۇ كۈچلۈكلەردىن بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. دۇنيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا رول ئوينىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ دۇنيانى قۇچاقلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىز بېرىش بىلەن ئېلىشنىڭ تەڭداش مۇناسىۋېتى. سالاھىيەتنى ئەنئەنە دىگىلى بولمايدۇ، ئۇ مىراسقا ئەمەس، ئىختىرا قىلىشقا باغلىق.

     جەنۇپ شەھەر گېزىتى:  شىئېر بىلەن ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋېتى قانداق؟

     ئەدىنۇس: ئەرەپ مەدەنىيىتىدە بىر خىل ئۇلۇق ھادىسە بار، ئۇ بولسىمۇ، شىئېرىيەت دىن ۋە سىياسىدىن مۇستەسنا تۇرىدۇ. شىئېرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىپەدىلەيدىغان تىپىك مىسالغا بۈيۈك ئەدەبىي تەنقىدچى ئەسمايىنىڭ : «شىئېر بىر خىل ئازاپ، شىئېرىيەتنىڭ دەرۋازىسىغا يېتىش قەبىھلىك،شىئېر ئەگەر مېھرىبانلىقنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلايدىكەن ئۇ دەپسەندە قىلىنغان بولىدۇ»   دىگەن سۆزىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى خىل لاگىر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ بىرى شائىرلار لاگىرى، يەنە بىرى ئاۋام لاگىرى. ئاۋام ھامان ھوقۇق ۋە كۈچ تەرەپتە تۇردى. ئۇلار ئېنىق، چۈشىنىشلىك شىئېرلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھوقۇق ۋە كۈچنى قوغداپ، ئۆزلىرى ياخشى كۆمەيدىغان كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىسىدىكىلەر بولسا ئاسىيلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان شائىرلاردۇر. ئۇلار ھوقۇق ۋە كۈچ تەرەپتە تۇرۇشنى ھار ئالدى. ئەسەرلىرىدە بولسا ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسەك ھېس ـ تۇيغۇلىرى ئىپادىلىدى. مېنىڭچە ئەرەپ ئەدەبىياتى تارىخىدا ھەممىمىزنىڭ پىشىۋا ئۇستازى ئىمرە ئۇلقەيىس، ئاندىن قالسا، ئەبۇ نۇۋاس، ئىبنى رۇمى، ئەبۇ تەيمەم، مۇتەنەببى،مەيئەلى قاتارلىق بەشتىن ئالتىگىچە ئۇلۇغ شائىر ئۆتتى. بۇ شائىرلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ دەيمەنكى، ئۇلارنىڭ شىئېرلىرى مۇستەقىل بىر پۈتۈنلۈك بولۇپ، تارىختا ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلدى. ئەرەپلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپتە شىئېرغا بەرگەن تەبىرى: «شائىرلار باشقىلار ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن نەرسىلەرنى ھېس قىلالايدۇ» دىگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ «ئەرەپلەرنىڭ تىلى» دىگەن كىتاپتا تۇنجى بولۇپ كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. يەنە دىمەكچى، شائىرلار ئالدىن بىلگۈچى، ھېس قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئاۋام بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى كىشىلەرگە دەپ بەرگۈچىلەردۇر، كېيىنچە، تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ ئۇقۇمدا ئۆزگۈرۈش بولدى. شائىرلاردىن ئاۋام بىلىدىغان نەرسىلەرنى دىيىش تەلەپ قىلىندى. شائىرلار باشقا نەرسىلەرنى دىگەن چېغىدا شائىر دەپ قارالمىدى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىپلەندى. بۇ شىئېرغا بېرىلگەن ئەڭ دەسلەپكى تەبىر بىلەن زىتلىقنى شەكىللەندۈردى.  

جەنۇپ شەھەر گېزىتى: شۇڭا سىز ئاۋام بىلەن شىئېرنىڭ مۇناسىۋېتىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىكەنسىز ـ دە؟

ئەدىنۇس: ھېچكىممۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاش بىر چۈشنى كۆرمەيدۇ، ھېچكىمنىڭمۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاش سۆيگۈ ـ ئازابى،كەچۈرمىشى بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس، پىنھان روھى دۇنياسى بولىدۇ. شۇڭا شىئېرىنى بىر ئوقۇپلا ھەممە ئادەم بىلەلىگەن شائىر تولىمۇ يۈزە شائىردۇر. ئۇلارنىڭ يازغىنى سىياسى، قانداقتۇ ھەركەتلەر، نەسىھەتلەر قاتارلىق تېمىلاردىكى شىئېرلاردىن بولۇشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ دەپ بېرىدىغىنى ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ،دىگەندەك ئاددىلا نەرسىلەر. ئۇلار ئاۋام ئاللىقاچان بىلىپ بولغان نەرسىلەرنى يازىدۇ. ئۇلارنىڭ رولى بولسا ئاۋامغا بىلىپ بولغان نەرسىلىرىنى يەنە ئەسكەرتىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شۇڭا ھەقىقى ئۇلۇغ شائىر ئاددى ھالدىكى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى بولۇپ قالماسلىقى، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئۆزىنىڭ ئوي ـ خىياللىرىنى، ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنى، سۆيگۈ ـ مۇھەببىتىنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزىشى كېرەك. شىئېر مۇھەببەتنى، ئۆلۈمنى، ئازاپنى، ئىزدىنىشنى، بىلمەسلىك قاتارلىق تېمىلارنى ئىپادىلىشى كېرەك. شائىرنىڭ مەقسىدى، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىش بولۇشى كېرەككى ھەرگىز ئۇچۇر يەتكۈزۈش بولۇپ قالماسلىقى لازىم.

جەنۇپ شەھەر گېزىتى: ئادەتتە قانداق چاغدا شىئېر يازىسىز؟

ئەدىنۇس: ئولتۇرۇپ شىئېر يازىدىغانغا ۋاقتىم يوق، چۈنكى مېنىڭ ھەممە ۋاقتىم شىئېر يازىدۇ. ئۇستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىر جۈملىمۇ شىئېر يازالمايمەن. ماڭا نىسپەتەن ئېيتقاندا،ھەرقاچان ۋە ھەر جاي مېنىڭ شىئېر يازىدىغان ئورنۇم ۋە ۋاقتىمدۇر. مەيلى قانداقلا ئىش قىلماي، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالىمەن. كۆپلىگەن شىئېرلىرىم كوچىدا پىيادە يۈرگەندە يېزىلىدۇ.

جەنۇپ شەھەر گېزىتى: شىئېرىيەتنىڭ ئەھۋالى يەر شارى مىقىياسىدىن ئېيتقاندىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئوقۇرمەنلىرىمۇ ئازىيىپ كەتتى. سىزنىڭچە بۈگۈنكى كۈندە شىئېرنىڭ قىممىتى نەدە؟

ئەدىنۇس:

سەنئەتنىڭ قىممىتى كۆپ ياكى ئازلىق بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. سەنئەتنىڭ قىممىتىنىڭ سان بىلەن باغلىنىشى يوق. مىليۇن نۇسخىدىن ئارتۇق سېتىلغان بىر كىتاپنىڭ قىممىتى بەلكىم بىر پارچە شىئېردىكى بىر ئىماگقا يەتمەسلىكى مۈمكىن. كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى كۆپ خىل بولىدۇ. ئادەمنىڭ شىئېرغا بولغان ئېھتىياجى، مۇھەببەتكە بولغان ئېھتىياجىغا ئوخشايدۇ. مۇھەببەت، ئۆلۈملا بولىدىكەن، شىئېرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولىدۇ. شىئېرغا ئاۋامنى چېتىۋالماسلىق كېرەك. مەن بۇنداق ئۆلچەمگە قېتىلمايمەن.

مەن بىر مىسال كەلتۈرەي، ئەرەپلەردە مىڭ يىللارنىڭ ئالدىدا نېفارى دەيدىغان بىر سوپىزىملىق شائىر ئۆتكەن ئىكەن.ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى ھېچكىممۇ ئوقۇپ باقماپتۇ. 1945-يىلىغا كەلگەندىلا ئۇنىڭ شىئېرلىرى كىتاپ بولۇپ نەشر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ. بىر تاسادىپى پۇرسەتتە مەن بېيرۇت ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۇنى ئۇچىرتىپ قالدىم. كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كارتىسىدىمۇ بۇ كىتاپنى باشقىلارنىڭ ئارىيەت ئېلىپ كۆرگەنلىكى ھەققىدىكى خاتىرە يوقكەن. كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى ئەرەپ ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ ئېسىل شىئېرلاردىن ئىكەن دەپ قارىدىم. بۇ شىئېرلار مىڭ يىلدىن كېيىن قىممىتىنى تونىغان تۇنجى ئوقۇرمىنى بىلەن ئۇچىراشتى. قىممىتى بار شىئېرلار ئۇنچە ـ مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ. ئۇ نەدە، قانچە ئۇزۇن تۇرمىسۇن ھامان بىر كۈنى پارلاپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شىئېر ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە كەلسەك، ئۇ شىئېرنىڭ سەھۋەنلىكى ئەمەس، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەتنىڭ سەھۋەنلىكى.


                                                   ــ «سوخۇ تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى.





  مەنبە: «تارىم» ژۇرنىلى




Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:26:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەنزۇ ئەدەبىياتىدا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى رومانچىلىق



لېي دا



   يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جەمىئىيىتى بېكىنمىلىك، نامىراتلىق، قالاقلىق ۋە ھاياتى كۈچى كەم بولۇش ھالىتىدىن ئېچىۋېتىلگەن، باي، مەدەنىيەتلىك ھەمدە ھاياتى كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان تۇرغانلىقتەك تارىخى خارەكتىرلىك زور ئۆزگۈرۈشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. جۇڭگو جەمىئىيىتىنىڭ بۇ خىل مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەقىياتىنىڭ بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرىنى چوڭقۇر دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ رومان ئىجادىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،  بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتىنى كەڭ،كۆپ خىل مۈمكىنچىلىككە ئىگە تاشقى مۇھىت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئىچكى جەھەتتىن، رومان ئىجادىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتىدا يېڭى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن،چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.
       مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، يېقىنقى 30 يىل،  ئىدىيە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىدىن ئېيتقاندا، مۇنداق ئۈچ باسقۇچلۇق، ئۈچ خىل ئۆزئارا باغلىنىشلىق شۇنداقلا ئوخشاشمايدىغان مەدەنىيەت كونتېكستىنى بېشىدىن كەچۈردى: ئۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ جەرياندا ئەدەبىياتنىڭ ئويغىنىشى بىلەن  سىياسى جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاش، ئىدىيەنى ئازات قىلىش ھەركىتى خېلى ۋاقىتلارغىچە ئوخشاش قەدەمدە ئىلگىرلەش مۇناسىۋېتىنى ساقلىدى.ئەدەبىياتنىڭ رىيالىزىملىق ئەنئەنىنى مەركەز قىلىشى ئەسلىگە كېلىپ، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىككە قارىشى تۇرۇپ،چىنلىققا مۇراجەت قىلىپ، دادىللىق بىلەن تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇنىڭ قان بىلەن گۆشتەك ھەقىقى مەنىۋىيىتىنى يېزىپ چىقىش تەكىتلەندى. غەرىپنىڭ ھازىرقى زامان پەلەسەپىسى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ كەڭ تۈردە تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلىشى بىلەن مۇدىرنىزىم بىلەن رىئالىزىم ئوتتۇرىسىدا سوقۇلۇش بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك تەرەقىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئىككىنچى باسقۇچ،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بولۇپ، بازار ئىگىلىكى ۋە تاۋارلىشىش مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدە يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، جۇڭگو جەمىئىيىتىنىڭ مەنىۋى ھالىتىنى  ماددىلىشىش ۋە ئەمىلى نەپدارلىققا يۈزلەندۈردى.ئىدىيەۋى ئويغىنىشنىڭ ئاۋازى ئەدەبىياتتا تەدىرىجى ئاجىزلىشىشقا ۋە چەتتە قالدۇرۇلۇشقا باشلىدى. پىروزا كۆپ جەھەتتىن  قۇرۇلمىلىققا ۋە ئەركىنلىككە يۈزلىنىپ، ئادەت خارەكتىرلىك تەبىئى تەجىربىلەرنى بايان قىلىش ۋە ئۆزلۈكنى ئىپادىلەشكە قاراپ ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن بىللىلا ئاممىۋى مەدەنىيەت دەۋرەپ تۇرغان دەۋىر يېتىپ كەلدى. ئۈچۈنچى باسقۇچ،2000-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان جاريان بولۇپ، ھەممە نەرسە تەرەققى قىلىپ باردى.يەر شارىلىشىش، يۇقۇرى تېخىنىكىلىشىش،بازارلىشىش،شەھەرلىشىش،تورلىشىش قاتارلىقلار  ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىكلىرىدىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

                                 

1

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رومانچىلىقىمىزدا گەرچە نادىر ئەسەرلەرنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىسىپەتەن چەت ـ ياقا ھالىتىدە تۇرۇپ ئۆز ئورنى ۋە بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ئىزدەپ يۈردى. ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى ئۆسۈش نۇقتىسىنى پەرۋىش قىلىپ كەلدى.بەدىئى يىغىنچاقلاش، ئىدىيەۋى مەزمۇن، بايان ئىقتىدار جەھەتلەردىن تەدىرىجى ھالدا «ئېلىپ كىرىش» ۋە «قايتىش»قا يۆلىنىۋېلىشتەك ھالەتتىن قۇتۇلۇپ،جۇڭگونىڭ تەجىربىلىرىنى خاس ھالدا،يەرلىك تۈستە، تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئىستىتىكىنىڭ يولىدا تىرىشچانلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى.
     ئالدى بىلەن 30يىللىق رومانچىلىقنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ تەرەققىيات يولىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. رومان ئىجادىيىتىدە ھەجىمىنىڭ كەڭ ۋە زور بولىشى، يېزىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى سەۋەپلىك ئۇنىڭدا بۇرۇلۇش ياساش ھەم ئۆزگۈرۈش قىيىنراق ھەم ئاستاراق بولىدۇ. 1977-يىلىنىڭ ئالدى ـ كەينىدە «ئىككىنچى قېتىم قول ئېلىشىش» ئەل ئىچىدە تارقىلىشقا باشلىغاندا، دىڭ خاۋچۇڭنىڭ: ‹‹ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتىدا مۇھەببەت پەقەت بىرلا قېتىم  بولىشى كېرەك.  مۇھەببەتمۇ پەقەت بىر قېتىملا بولىدۇ›› دىگەن سۆزى شۇ چاغدىكى ياشلارنىڭ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان دايىملىق سۆزىگە ئايلانغان ئىدى. «شۈماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى» سى چىۋەندە ژۇرنال يۈزىدە ئۇلاپ ئېلان قىلىنىپ، ناھايىتى تېزلا جەمىيەتكە تارقالدى. رومانچىلىق 1980-1989-يىللىرىغا كەلگەندىلا قايتا باش كۆتۈرۈپ، بىر قېتىملىق زور گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
    ئەڭ دەسلەپكى ئاساسلىق ئەسەرلەردىن «شەرق»، «گېنىرالنىڭ دىكلاماتسىيەسى»، «فۇرۇڭ بازىرى»، «قىشتىكى باھار»  «شۈماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىسلاھات دولقۇنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، «ئېغىر قانات» ۋەكىللىكىدىكى «گۈلزارلىق كوچىسىدىكى 5-نومۇرلۇق قورۇ»، «يېڭى يۇلتۇز»، «ئەرنىڭ خىسلىتى» قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئىسلاھاتنى ئەكس ئەتۈرگەن رومانلار بارلىققا كەلدى. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە «شەرققە قاراپ ئاققان خۇاڭ خې دەرياسى»، «قوڭغۇراق راۋىقى» قاتارلىق نىسپەتەن كەڭ نەزەر بىلەن يېزىلغان رومانلار يېزىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقا – ئارقىدىن ۋۇجۇتقا چىقىشقا باشلىدى. «ئاددى دۇنيا»، «لەيلەش»تىن ئىبارەت ئىككى روماننى، ئىجدىمائى مەدەنىيەت پىسخىكىسىغا سەزگۈرلۈك بىلەن نەزەر ئاغدۇرغان، دېھقانلارنىڭ تارىخى تەقدىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلغان ئىككى ئەسەر دىيىشكە تامامەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە «كونا كېمە»، «ھەركەتتىكى ئۆزگەرگەن ئادەم»،«ئەتىرگۈل قۇۋىقى»، «پىنھان ھەمرا»، «قورشاۋدىن بۆسۈپ چىقىش ئويۇنى»، «ئالتۇندەك چارۋىچىلىق مەيدان»، «يۇيۇنۇش»،«ئۆسمۈر شاھزادە» قاتارلىقلار تۇچمۇ – تۇچتىن ۋۇجۇتقا چىقىپ، رومانچىلىقىمىزنىڭ سېپىنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزدى. ئۇلار تارىخقا نىسپەتەن، خېلى چوڭقۇر قايتا ئويلىنىشنى ئۆزىگە  مۇجەسسەملەپ، ئىنسان تەبئىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئېچىپ بېرىش ۋە مىللەتنىڭ مەدىنىي پىسخىك قۇرۇلمىسىغا بولغان تەنقىد خارەكتىرلىك كۈزۈتىشنىڭ يېڭى يولىنى باشلاپ بەردى.
     ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ مەزگىلدىكى رومانچىلىقتا ئويغىتىشچانلىق ئۇنىڭ قورالى بولسا، قايتا ئويلىنىش ئۇنىڭ يادىروسى بولۇپ ھېساپلاندى. ئۇ سىياسى جەھەتتىكى قايتا ئويلىنىشتىن، مەدەنىيەت جەھەتتىكى قايتا ئويلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئالايلى: «فۇرۇڭ بازىرى»دىكى چېكىدىن ئاشقان ‹‹سول››چىل لۇشەن تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان مەھەلىۋى تۇرمۇش تىراگىدىيەسىنىڭ ئادەتلەشتۈرۈلۈپ يېزىلىشى،  «ھەركەتتىكى ئۆزگەرگەن ئادەم»دىكى جۇڭگو زىيالىلىرىنىڭ جىسمىدىكى ئاجىزلىقلارنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن ئوپىراتسىيە قىلىنىشى، «كونا كېمە»نىڭ سولچىل سىياسى مەدەنىيەتنى كەسكىنلىك بىلەن تەنقىد قىلىشى،«ئەتىرگۈل قۇۋىقى»نىڭ دىكتاتۇرا بىلەن ئەرلەر ھوقۇقى، سىياسى بىلەن جىنسنىڭ ئاياللارغا بولغان قوش بېسىمى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنىڭ ھەممىسى خېلى زور دەرىجىدىكى چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈزلەنگەن. گۇمانتارلىق تەپەككۈردىن، كونتېكستلىك تەجىربىگە قاراپ مېڭىش بولسا، بۇ مەزگىلدىكى رومانچىلىقنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئاۋانگارتلار ئېقىمىدىكى رومانلار بارلىققا كېلىپ گۈللىنىشكە باشلىدى. ئۇلار تىلغا، قۇرۇلمىغا، غەرپلەشكەن گۇمانتار قاراشلار ۋە پەلەسەپىۋى ئۇقۇملارغا بەكمۇ ئېتىۋار بىلەن قاراپ ھەم ئۇنى مۇدىرنىزىمنىڭ بەزى ئۇسۇل، چۈشەنچە ۋە ۋاستىلىرى بىلەن ئىزاھلاپ، يۇغۇرۇپ، پىسخىك چوڭقۇرلۇقنى قېزىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى. مويەننىڭ «قىزىل قوناقلىقلار جەمەتى»گە ئوخشاش رومانلاردا تۇيغۇ بوشلۇقى بىلەن تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ زور دەرىجىدە كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز.
      90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەدەبىيات ساھەسى بىر مەزگىللىك سۈكۈتكە چۆمدى. 1993-يىلىدىكى ئاتالمىش، «شەنشى يازغۇچىلىرىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى» دىن باشلاپ، «تاشلاندۇق پايتەخت»، «بەيلۇ ئېدىرلىقى» ۋە «زېڭ گوفەن»دىن ئىبارەت ئۈچ رومان ئوخشاش بىر يىلدا نەشر قىلىنىپ، بازارلىق رومانلارغا ئايلاندى. بازارنىڭ تۈرتكىسى،جەمىئىيەتنىڭ ئىستىتىك تەلىپى بىلەن ناھايىتى تېزلا بەس – بەستە رومان يېزىش دولقۇنى پەيدا بولدى. رومانچىلىقتا سودا، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىمالچىلىق ئامىللىرى روشەن دەرىجىدە كۆپەيدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، «تاشلاندۇق پايتەخت»نى سودا خارەكتىرلىك يېزىقچىلىقنى باشلاپ بەرگەن رومان دىيىشكە بولىدۇ. ئەلىۋەتتە، يازغۇچىنىڭ تەنھالىقتىكى غەزەپلىك پىچىرلاشلىرىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. رومانچىلىقتا تېما تاللاش ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ بولدى. 80-يىللاردىكى يازغۇچىلارنىڭ قىممەت مەيدانى، تەپەككۈرى  چوڭ جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە ئىدى. ئۇلار ئىپادىلەش جەھەتتە باشقىلارنىڭ ۋاستىسىنى ئىشلەتسىمۇ، مەنىۋى يۈزلىنىش جەھەتتىن يەنىلا بىر يەردىن چىقاتتى. 90-يىللارغا كەلگەندە بولسا، يازغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش مەيدانى بىلەن گۇمانتارلىق پوزىتسىيەسىدە ئۆزگۈرىشلەر بولدى. تۇرمۇشنى كۈزىتىدىغان نەزىرى ۋە ئىستىتىك ئېڭىدا بولۇپمۇ، قىممەت سېستىمىسى ۋە مەنىۋى قوغلۇشىشىدا روشەن بۆلۈنۈشلەر بارلىققا كەلدى. غايىچىلەر، رادىكاللار، مەدەنىيەت كونسىرۋاتىپلىرى، ئاياللار ھوقۇقچىلىرى، ھەتتا دىنپەرەسلەر ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.
    بۇ باسقۇچتىكى ئاساسى ۋە ۋەكىللىك ئەسەرلەردىن، جەمەت تەغدىرى ۋە مەھەللىۋى ئۆزگۈرۈشلەرنى يازغان «يۇرتۇمنىڭ سۇيۇقئېشى ۋە غۇنچىلار»، «بەيلۇ ئېدىرلىقى»، «ئون ئىككىنچى پەردە»، «چايچى تىرىلوگىيەسى»، « كونا ئادىرس»،«ئاققان يىللار»،«ئۇرۇش ۋە ئادەم»،«ئاخىرقى ھون»، «قوي قۇۋىقى»، «چاڭ ـ توزان بېسىققاندا»، «ئۈنسىز قەھىرمان»، «سىم ـ سىم يامغۇردىكى خىتاپ»، «ھاياتلىق»، «شىشىنىڭ دەرياسى»، «شۈسەنگۇەننىڭ قان سېتىش خاتىرىسى» قاتارلىق رومانلارنى، ئىدىئوگىراممىلىق،سىمۋوللۇق ئەسەرلەردىن، «ئالتۇن دەۋىر»، « پىرىنسىپاللىق خاتىرىسى»، «سېنتەبىردىكى ئىستىھزا»، «ماچاۋ لۇغىتى»، «تاشلاندۇق پايتەخت»، «بۆرىنى ئەسلەش»، «شاپىلاق ئاۋازى» قاتارلىقنلارنى، بۇرۇنقىلارغا تېۋىنىش تىپىدىكىلەردىن، «پەسىل چاتمىلىرى»، «لىياڭشەندىكى ئاي»، «فىكۇس دەرىخى»، «رەسىدىلىك چاغ»، «يالاڭئاچ قار» قاتارلىقلارنى، ئىجدىمائى مەسىلىلەر ھەققىدىكى، «تاللاش»، «كىشىلىك دۇنيادىكى ھەق يول»، «جۇڭگودا ياساش»، «قارلىق دالىدا ئىز يوق»، «جۇڭگوچە رەسىم»، «ئەسكەر قوشىقى» قاتارلىقلارنى، ئاياللار ھوقۇقى تىپىدىكى «بىرلا كىشىلىك ئۇرۇش»، «خۇسۇسى تۇرمۇش»، «بويىغا يېرىش» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.  
      ھەقىقەتەنمۇ، 90-يىللاردىكى رومانچىلىق، 80-يىللارغا قارىغاندا سالىيۇتلار كۆكتە ئېتىلغاندەك تولىمۇ رەڭدار ۋە تەرتىپسىز بولدى.  بۇ بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە ئېقتىساتنىڭ يەر شارىلىشىشىدەك چوڭ ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىدىلوگىيەنىڭ سۇسلاپ بېرىۋاتقانلىقىدەك چوڭ مۇھىت ئىچىدە راھەتكە ئىنتىلىش ئاۋۇپ باردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى، رومانچىلىقتا بەدىئى ئىقتىدارنىڭ زورىيىشى ۋە ئىجادىيەت ھالىتىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا سەۋەپ بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى مەدەنىيەتنىڭ كىرىپ كېلىشى، ئەدەبىياتقا نىسپەتەن روشەن تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. شۇنى چوققۇم كۆرۈشىمىز كېرەككى، بازار بىزنى ئۆزىگە قانچىلىك جەلپ قىلمىسۇن، ئاۋامنىڭ ئىجدىمائى غايىسى، ئەخلاق مىزانى،ئىستىتىك قىزىقىشىغا ئۇيغۇنلا بولىدىكەن ئۇ مەلۇم نىسپەتنى ئىگەللەپ تۇرالايدۇ. رەھىمسىزلەرچە شاللىنىپ كەتمەيدۇ.لېكىن پىنھان ھالدىكى بەدىئى ئىزدىنىش روھىغا باي يازغۇچىلار يەنىلا بار بولۇدىكەن، ئىستىتىك قىممىتى زور ئەسەرلەر بازار شاۋقۇنلىرى يەنىلا باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ.
      2000-يىللاردىن كېيىنكى يەتتە ـ سەككىز  يىلدا، رومان ئىجادىيىتى 90-يىللارغا قارىغاندا خېلى قېلىپلاشتى، پەسكويغا چۈشتى. ھادىسە خارەكتىرلىك داۋۇلغۇشلار كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ لېكىن سان جەھەتتىن ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئېشىپ باردى. تولۇق بولمىغان ستاتىكىغا قارىغاندا، 2001-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان جەرياندا چوڭ قۇرۇقلۇقتا نەشر قىلىپ تارقىتىلغان رومانلارنىڭ سانى 6000 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ ، يىلىغا 800 ـ 1000 پارچىدىن توغرا كەلگەن. تەخمىنەن كۈنىگە ئىككى رومان نەشردىن چىقىپ تۇرغان.سان بىلەن سۈپەت ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىزلاشقان. لېكىن بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال بازار ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنى بەكمۇ كۆپ دەپ كەتكىلى بولمىغۇدەك، مەسىلىگە پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ كونا نەزىرى بىلەن قاراشقا بولمايدىكەن، بۇنىڭمۇ بەلگىلىك ئاساسى بار ئەلۋەتتە. مېنىڭچە،يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى  رومانچىلىقتا ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ سانى چەكلىك بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىسىپەتەن چەت ـ ياقا ھالىتىدە تۇرۇپ، ئۆز ئورنى ۋە بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ئىزدەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى ئۆسۈش نۇقتىسىنى پەرۋىش قىلىپ،بەدىئى يىغىنچاقلاش، ئىدىيەۋى مەزمۇن، بايان ئىقتىدارى جەھەتلەردىن تەدىرىجى ھالدا «ئېلىپ كىرىش» ۋە «قايتىش»قا يۆلىنىۋېلىشتەك ھالەتتىن قۇتۇلۇپ،جۇڭگونىڭ تەجىربىلىرىنى خاس ھالدا،يەرلىك تۈستە، تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئىستىتىكىنىڭ يولىدا تىرىشچانلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى. بۇ باسقۇچتىكى مۇھىم رومانلاردىن: «ئەۋىلىيالار ئىشىكىدە»، «يوق خەت»، «شاگىرىت»، «شەرققە يوشۇرۇنۇش خاتىرىسى»، «تارىخ بوشلۇقى»، «چىنچاڭ ئەلنەغمىسى»، «يالاڭئاچلانغان شەمشەر»، «سىڭىشىپ كەتكەن زىمىن»، «ئېچىنىشلىق زىمىن»، «كەلكۈن»، «تاغلار ۋە كۆللەر»، «ھاياتلىق»، «پەمسىز گۈل»، «قاردەك نەشپۈت گۈللىرى»، «ھايات ـ ماماتلىق ھارغىنلىق»، «شىفىر يېشىش»، «تۈزلەڭلىك»، «شەھەر چىرىقى»، «كۆك تۈلكە»، «تەقدىر بوغۇزى»، «ئادەم يۈزلۈك شاپتۇل چېچىكى»، «جاڭ جۈجېڭ»، «قەھىرمانلىق دەۋرى»، «زاڭزۇ ئىتى»، «ئاق پۇرچاق»، «بۆرە تۇتىمى»، «ئورخۇ»، «ماشىنا»، «ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقى»، «يالاڭئاياق دوختۇر ـ ۋەن چۈەخې»، «كونا تۇرالغۇ ـ يۇەن چىڭفاڭ» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
    
                                                          2


     ئادەمنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھازىرقى رومانچىلىق بىلەن بۇرۇنقى بەزى رومانلار ئوتتۇرسىدىكى تۈپ پەرقلەرنىڭ بىرىدۇر. «ئادەم»نى ئىزدەش بىلەن «ئادەم دىگەن نىمە» دىگەن مەسىلە، 80-يىللاردىلا ئەمەس،پۈتكۈل يېڭى دەۋىر، يېڭى ئەسىر ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئەدەبىياتنىڭ مەنىۋى يۈزلىنىشى ھېساپلىنىدۇ. بىز 30 يىللىق رومانچىلىق ئىجادىيىتىگە يۈزلەنگەن چېغىمىزدا،مۇنداق بىر مەسىلىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيمىز. ئۇ بولسىمۇ، خېلى ئۇزۇنغىچە تەرەققىيات بولدى دەپ قارىغىنىمىزدا، بۇ خىل تەرەققىيات ۋە ئۆزگۈرۈشلەر ئاساسلىقى قايسى جاھەتلەردە ئىپادىلەندى؟ ئالايلى: گۇمانتارلىق روھ، ئىستىتىك ئاڭ، ئىدىيەۋى چوڭقۇرلۇق قاتارلىق جەھەتلەردە، قانداق ئەمىلى ئىلگىرلەش ۋە ئۆزگۈرۈشلەر بولدى؟
     بىرىنچىدىن؛ مېنىڭچە، ئۆزگۈرۈش قانداقلا بولمىسۇن، ئادەمدىكى ئۆزگۈرۈش يەنىلا زور بولدى. ئەدەبىياتقا نىسپەتەن ئېيتقاندا ئۇ، ئادەمنى تونۇش، بايقاشنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ھەمدە ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگۈرۈشىدە ئىپادىلەندى. يۈ دافۇ ‹‹4-ماي›› ئەدەبىيات ئىنقىلاۋى ھەققىدە توختىلىپ: «‹4-ماي› ئادەمنى بايقىدى، بۇ ئادەم، خانلار ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن، ھەتتا ئاتا ـ ئانىلار ئۈچۈن ياشايدىغان ئادەم بولماستىن، ئۆزى ئۈچۈن ياشايدىغان ئادەمدۇر» دىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى خېلىلا جايىدا ئېيتىلغان بولۇپ،« 4-ماي» روھىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرسۈتىپ بەرگەن ئىدى. ئازاتلىقتىن كېيىنكى «ئون يەتتە يىللىق» رومان ئىجادىيىتىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى پىرسۇناژلار پىسخىكىسى ۋە پائالىيىتىنىڭ تولىمۇ ئاددىلىقىدا كۆرىلىدۇ. ئۇلار ئۇقۇملاشقان، چۈشەنچىلەر تەرىپىدىن كونتۇرۇل قىلىنىدىغان ئادەملەر بولۇپ، تار ھەتتا قاتمال ھالەتتە ياشايدۇ، ئېغىرلىتىپ ئېيتساق، سىنىپى كۈرەش چۈشەنچىسى پىرسۇناژلارنىڭ نەزىرىنى مەھكەم قامال قىلىۋالغان بولۇپ، يازغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىمۇ ئېغىر ھالدا چۈشۈلۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاشقى دۇنيانىڭ رەڭدارلىقى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى مول ۋە رەڭدارلىققا نەزەر ئاغدۇرالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان. ئەگەر ئۇلاردا ئادەم ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىكى بارلىق رەڭدارلىق بىلەن مۇرەككەپلىكنى بايقاپ ئالالىغىدەك ئىقتىدار بولغان بولسا، ئەھۋالدا زور ئۆزگۈرۈشلەر بولغان بولاتتى. ئادەم ۋە ئۇنى چۆرەدەپ تۇرغان ھاياتلىق، ئەخلاق، ئېتىكا، مەجبۇرىيەت،ھەققانىيەت ۋە رەزىللىك شۇنداقلا مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تۈپ يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ چىققاندا دۇنيادىكى مىسلىسىز زور ۋە رەڭدار تېمىلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئادەمنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھازىرقى رومانلار بىلەن ئىلگىرىكى بەزى رومانلار ئوتتۇرسىدىكى تۈپ پەرقلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
      كىشىلەر تېخى دىڭ خويىڭنىڭ «ئادەم ئېھ، ئادەم» ناملىق رومانى قوزغىغان دولقۇننى ئۇنتۇپ كەتكىنى يوق. گەرچە ئۇ ئادەمنى تونۇشتا سىياسى قاتلاملارنىڭ چەكلىمىلىكىگە ئۇچىرىغان بولسىمۇ. جاراھەت، ئويلىنىش، يىلتىز ئىزدەش ۋە ئاۋانگىرات ئېقىمىدىكى ئەسەرلەردە يازغۇچىلىرىمىز ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ھاياتلىقنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا چۆكۈپ، «ئادەم»نى ئىزدەشكە تىرىشتى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئادىمىيلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ياتلىشىش مەسىلىلىرى ھەققىدىكى چوڭ مۇنازىرە بارلىققا كەلدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، ئادىمىيلىك، كىشىلىك ھوقۇق، كىشىلىك قەدىر ـ قىممەت ئۈزلۈكسىز ھالدا تەتقىق قىلىنىپ، قېزىلىۋاتقان دەۋىر ئىدى. ئەمەلىيەتتە، «ئادەم»نى ئىزدەش بىلەن «ئادەم دىگەن نىمە» دىگەن مەسىلە، 80-يىللاردىلا ئەمەس،پۈتكۈل يېڭى دەۋىر، يېڭى ئەسىر ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئەدەبىياتنىڭ مەنىۋى يۈزلىنىشى ھېساپلىنىدۇ. مويەن، جاڭ شەنلياڭ، ليۇ خېڭ، جىيا پىڭۋا، خەن شاۋگوڭ، سان شۇ، سۇ توڭ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى كىشىلەرنى بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئەدەبىيات دۇنياسىغا باشلاپ كىردى. ھاياتلىق تۈپ مەۋجۇتلۇق ھالىتى بىلەن ئېچىپ بېرىلدى. ئادەم بىلەن تارىخنىڭ مۇناسىۋېتى، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جىنسنىڭ مۇناسىۋېتى بىر خىل جىددىلىك ھەتتا سېھرىي ھالەتتە كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولدى.
    ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى «ئادەم» ئابىستىراكىت بولماستىن، رىئال، كونكىرىت، مىللەتنىڭ مەنىۋى مەدىنىيلىك تامغىسى بېسىلغان ئادەمدۇر. ئالايلى: «ئاددى دۇنيا» ، ئىنقىلاۋى رىيالىزىملىق روھقا ۋارسلىق قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ناھايىتىمۇ زور دەرىجىدە يېڭىلىق يارىتىلغان نەمۇنىلىك ئەسەردۇر. لۇ ياۋ ئۆزنىڭ بەدىئى ئۇستازى  لىۋ چىڭنىڭ جىسمىدىن ئاز بولمىغان جەۋھەرلەرنى قوبۇل قىلغان. رومان تولىمۇ ئەنئەنىۋى بولغان ھەيۋەتلىك بايان قۇرۇلمىسىغا ئىگە قىلىنغان. ھالبۇكى، روماننىڭ مۇۋەپىققىيىتى،  ئەنئەنىۋى يېزا – ئىگىلىك جەمىئىيىتىدە بايقالغان يەككە بىر ئاڭنىڭ ئويغىنىشى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولغان. بۇنى ئەسەردىكى باش قەھىرماننىڭ «تاشقى جەھەتتىكى نامراتلىقى بىلەن ئىچكى جەھەتتىكى تەكەببۇرلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساقلا چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. ۋاڭ شاۋبونىڭ «ئالتۇن دەۋىر» رومانىدا، ۋاڭ ئەر دىگەن بىر پىرسۇناژ بولۇپ، ئۇ جىنسنى ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنياغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىدۇ. يازغۇچى بۇنىڭ بىلەن جىنس بىلەن سىياسى، جەمىئىيەت، ئىنقىلاپنىڭ مۇناسىۋېتىنى يورۇتۇپ، چېكىدىن ئاشقان بىمەنە مۇھىت ئىچىدىمۇ ھاياتلىقنىڭ قەيسەرلىك بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاياللار تېمىسىدىكى «بىرلا كىشىلىك ئۇرۇش» بولسا، ئاغدۇرمىچىلىق مەنىگە ئىگە ئەسەر بولۇپ، ئۇ ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن پىسخىكىسى ۋە جىنىسى تەجىربىلىرىنى يۈرەكلىك ئىپادىلىگىنى ئۈچۈن خېلى بەس ـ مۇنازىرىگە سەۋەپ بولدى. بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئادەم بەدىنى، ئاڭسىزلىق،جىنس قاتارلىق پىنھان ساھەلەرنى قېزىشى، بۇرۇنقى ئەدەبىياتىمىزدا مەۋجۇت بولمىغان بىر مەنزىرىدۇر. يەنە ئالايلى: يۈ خۇانىڭ «سىم ـ سىم يامغۇردىكى خىتاپ» تا، «مەن»نىڭ تىلىدىن چىقىۋاتقان خىتاپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ ـ يېتىلىش جەريانىدىكى يۈرەك ساداسى بولۇپ، تاشقى مۇھىت شۇنداقلا غېرىپلىق، ئىلاجىسىزلىق، چۈشەنمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ كۆزى ۋە قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن بىز ھازىرقى زامان ئادەملىرىدىكى بۇرۇقتۇملۇقنى روشەن ھېس قىلالايمىز. يۇقۇرقىدەك ئەسەرلەردىن شۇنداق تەسىراتقا كېلىمىزكى، ئادەمنى بايقاش بىلەن ئادەمنىڭ بايقىلىشى  دۇنيانىڭ ئەسلى ھالىتى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەسلىدىكى پىنھان ئىزلىرىنى بىزگە ئايان قىلىپ بەردى.
    ئىككىنچىدىن، ئەدەبىيات تارىخى تېمىلاردا كەڭ ـ كۆلەملىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ، چوڭقۇرلۇق ۋە كۆپ خىللىققا قاراپ يۈزلەندى. نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەردە تارىخ قايتىدىن بايان قىلىندى، تارىختىكى ھازىرقى ئادەملەرگە پايدىلىق بولغان روھلار قايتىدىن قېزىلدى. يازغۇچىلارنىڭ تۇرغۇسى ۋە ئۇسۇلىدىكى پەرىقلەر سەۋەبىدىن بەزىلەر تارىخنى ئەسلىگە كەلتۈرسە، بەزىلەر ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈردى يەنە بەزىلەر ئۇنى ئىستىمال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رومانچىلىقتا تارىخنى شەرھىلەيدىغان ھەيۋەتلىك بىر مەنزىرە شەكىللەندى. 80-يىللاردىن بۇيان، رومان ئىجادىيىتىدە تارىخنى يېزىش ئىزچىل تۈردە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. بۇ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتىدا يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ زادى نىمە ئۈچۈندۇر؟
      ئەمەلىيەتتە،ئۇ تارىخنى قايتا ئىپادىلەشكە بولغان كۈچلۈك تەشنالىق، ئەنئەنىدىن زامانىۋىيلىققا ئۆتىۋاتقان چوڭ بۇرۇلۇش دەۋرىدىكى رىئال روھنىڭ ئىنكاسىدىن ئىبارەت. چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا، تارىخى تېمىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئەينى ۋاقىتتىكى كەڭ ـ كۆلەمدە سىنىپىي كۈرەشنى، دىھقانلار قوزغىلىڭىنى يېزىشتىن، بۈگۈنكى كۈندىكى ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشنى ۋە دانىشمەن پادىشاھ، چىۋەر ۋەزىرلەرنى يېزىشقىچە بولغان جەريانلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بۇنىڭغا تارىخ قارىشىمىزدىكى نازۇك ئۆزگۈرۈشلەر ھەمرا بولماي قالمىدى.كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى دەسسىتىشتەك روھ گەۋدىلەندۈرۈلدى. دانىشمەن خان، چىۋەر ۋەزىرلەرنى، تارىخنى ياراتقان خەلقنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈش ھەم ئۇلارنىڭ رولىنى ئېتىراپ قىلىش، شۈبھىسىزكى بىر خىل تارىخى پوزىتسىيە.بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى، بىر گەۋدىلەشكەن تارىخ ئەمدى كوپ خىللاشقان، تۈرلۇك شەكىللەردە چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان تارىخقا ئۆزگەردى، شۇنىڭ بىلەن تارىخنىڭ مول ۋە رەڭدارلىقى، مۇرەككەپلىكى، تاسادىپىلىقى ھەتتا پارچە ـ پۇراتلىقى ناماييەن بولدى. تارىخى ساھە مىسلىسىز دەرىجىدە مۇرەككەپلەشتى، ئىستىتىك زوق رەڭمۇ ـ رەڭ تۈسلەرگە ئىگە بولدى. ئەلۋەتتە، مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان مەسىلىلەرمۇ خېلى كۆپ بولدى.
     ئېر يۈخېنى بەزى ئۆلچەملەرنى بۇزدى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرى ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك رومانلىرى تارىخى پاكىتلارغا ئارتۇقچە ئېسىلىۋالىدىغان قاتماللىقتىن خالى بولۇپ، كىشىگە كۆكرەك كېرىپ، مەغرۇر قەدەم تاشلاۋاتقاندەك ئازادە كەيپىياتنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ رىئاللىق بىلەن تەسەۋۋۇر، ھەقىقى تارىخ بىلەن غەيرى رەسمىي تارىخ، بەدىئى ئەدەبىيات بىلەن ئاممىباپ ئەدەبىيات، بىلىم ئىقتىدارى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارى قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. تاڭ مىڭخاۋ بولسا، ئېر يۈخېنىڭ قارشى يولىدا مەڭدى. ئۇ تارىخ بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋېتىدە تارىخقا بەكەرەك ئېتىۋار بىلەن قارىدى. تارىخى جۇغلانمىلار ۋە رىئال تارىخى ماتىرياللار ئاساسىدا ، مۇرەككەپ تارىخى مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىكى تورسىمان باغلىنىشلىق تىپىك شەخسىلەرنى يېزىشقا ماھىر بولدى. بۇنداق شەخسىلەر پادىشاھلاردىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەنىۋىيەت ۋە روھى قاتلام جەھەتتىن پادىشاھلاردىنمۇ  ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇ بۇنداق شەخسىلەرنى يېزىشنى، تارىخنىڭ ئېغىر دەرۋازىسىنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچى قىلدى. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى زېڭ گوفەن، ياڭ دۇ، جاڭ جىدوڭ قاتارلىقلار ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. «سۆگەتلىك ئاق قۇۋۇق» تا بۈگۈنكى دەۋىر ئەدىپلىرىنىڭ نەزىرىدىن چىقىپ، ئەينى چاغدىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ كۆڭۈل ـ كۆكسى يېزىلغان. «يەر ـ جاھان زىلزىلىگە كەلگەن»، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى بىر تۈركۈم بىلىم گىگانتلىرىنىڭ قەيسەرانا ھالىتى، باشلىرىغا ئېغىر ئاپەتلەر كېلىۋاتسىمۇ، ئەرلەردىن قېلىشقىسىز دەرىجىدىكى ئايال باھادىرلار ، كىتاپنى قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئەنئەنىۋىي جۇڭگو ئەدىپلىرىنىڭ قىياپىتىنى ناماييەن قىلغان. بىز ئىلگىرى ئوقىغان ئاز بولمىغان ئەسەرلەردە تارىخى قانۇنىيەت ئامىلى زىيادە روشەن بولۇپ، ئاساسلىق پىرسۇناژلار ئىجدىمائى كۈچلەرنىڭ مەلۇم خىلدىكى ۋەكىلى، بەلگۈسى بولۇپ ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىمۇ، ئەنە شۇ «قانۇنىيەت» بەلگۈلەپ بەرگەن نىشان بويىچە تەرەققى قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. پىرسۇناژلار پاسسىپ ھالدىكى بىر خىل شەرھىلەش قورالىغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئۇلارنىڭ تاشقى پوستىغا ئانچە ـ مۇنچە خاسلىق بوياقلىرى سۈركەپ قويۇلغان بولىدۇ. لېكىن، ھازىر ئەھۋالدا بۆسۈش خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. «مۇقەددەس تەنمېن ئېغىزى» غا ئوخشاش ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا، چوڭ تارىخى مۇھىت بىلەن كىچىك تارىخى ۋەقەلەر كىرىشتۈرۈلۈپ، ھالقىلاشتۇرۇلۇپ يېزىلدى. مەزكۇر روماندا كىچىك تارىخ سۈپىتىدە تەنمېن ئېغىزى ۋە دابېيشەندىكى ئىنقىلاپ پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنسە، چوڭ تارىخ سۈپىتىدە، ۋۇجۇتقا كېلىش تارىخى، رايۇن تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. يازغۇچى، رەسمىي تارىخ بىلەن غەيرى رەسمىي تارىخنى ماسلاشتۇرۇش ھەم ئۇنى تاللاپ تەشكىللەشتىن ئىبارەت ئوتتۇرا  يولدا مېڭىشقا تىرىشتى.جان تىلەش، ياشاش، ھاياتلىق، ئارزۇ ـ ئىستەك قاتارلىقلار كۆپلىگەن پىرسۇناژلارنىڭ مەقسەت ـ مۇددىئالىرىدىكى ھالقىلىق سۆزلەرگە ئايلاندى.
    ئۈچۈنچى گەۋدىلىك تەرەپ، سەھرا ـ يۇرت پىروزىچىلىقىنىڭ كېڭىيىشى، يېڭىلىنىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشى بولدى. بۇ بىر كونا سۆز بولسىمۇ، لېكىن ، يانداپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان مۇھىم بىر تېما بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. سەھرا ـ يۇرت يېزىقچىلىقى، ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتىدا  جۇغلانمىسى مول، نادىر ئەسەرلىرى كۆپ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بىر ساھە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. لۇشۇن ئەپەندى بۇ تېمىدا دىھقانلار بىلەن زىيالىلاردىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى باشلاپ بەرگەن ئىدى. دىھقانلار بىلەن يېزا ـ سەھرالار ئەزەلدىنلا ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئوبىكتى ئىدى. دىھقانچىلىق مەدەنىيىتى ئەنئەنىسى مۇقىم ۋە چوڭقۇر بولغان ئىستىتىك بايلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھازىرقى كىتاپچىلىق ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدە، «شەھەر ئەدەبىياتى»نى شۇبھىسىز ھالدا ئۇستۈنلۈكنى ئىگەللىدى دىيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ تارقىلىش كۆلىمى ناھايتىمۇ كەڭ بولۇپ، ئەدەبىياتنىڭ مەركىزىنى «يېزا»دىن «شەھەر»لەرگە يۆتكەلدى، دىسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن، ساپ ئەدەبىيات ساھەسىدە، سەھرا ـ يۇرت يېزىقچىلىقى ئادەت كۈچى سەۋەبىدىن يەنىلا ئىنتايىن زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. نۇرغۇن يازغۇچىلار ھازىرمۇ يېزا ـ سەھرالار يېزىقچىلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى كۈزىتىپ كەلمەكتە،  جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ ئىزتىرابى، ئازاپلىرى، يىمىرىلىشى،ئويغۇنىشى ۋە ئۆزگۈرۈشىنى؛ ھازىرقى زاماندىكى يۇرت سېغىنچى ۋە يېڭى كىشىلىك تەبىئەتنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يېزىلاردىن ئىبارەت بۇ تۈپ يولدىن ئايرىلىپ،  زامانىۋىي جۇڭگونى تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ. يېزىلارنى چۈشەنمىگەنلىك، جۇڭگونى چۈشەنمىگەنلىك بولىدۇ.يېزا ـ سەھرالار يېزىقچىلىقىنىڭ مەرىپەتچىلىك، سىنىپىيلىق ۋە يېزا ـ قىشلاقلىقتىن ئىبارەت  ئۈچ خىل  ئەندىزىسى بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار. ئۇنداقتا، ھازىر ئۇلاردا قانداق تۈپ ئۆزگۈرۈشلەر بولدى؟
       مېنىڭچە، ھازىرقى زور بىر تۈركۈم ئەسەرلەر مەرىپەتچىلىك مەنىسىدىن، سىياسىي ۋە ئېقتىسادى تىپتىكى يېزىلاردىن ھالقىپ، مەدىنىي، روھى، تەسەۋۋۇر، كوللىكتىپ ئاڭسىزلىق ھالىتىدىكى يېزىلارغا قەدەم باستى. كۆپلىگەن ئەسەرلەر، دېھقانلارنىڭ ماددىي مەۋجۇتلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ روھى ھالىتى، مەدىنىي تەبىئىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە قاراپ تەرەققى قىلدى. مەدىنىيلىك تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچ ۋە قىممەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ساھەنى قاپلىدى. جۇڭگو جەمىئىيىتى ئەزەلدىنلا ئائىلە ۋە جەمەتنى بىرلىك قىلغىنى ئۈچۈن، جەمەت ھەققىدىكى ئەسەرلەر ئەنئەنىۋىي قۇرۇلما ئەندىزىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بەلكىم، يازغۇچىلار ، پەقەت، ئائىلە ۋە دۆلەتنىڭ بىردەكلىكىدىكى «جەمەت»كىلا ئاساسلانغىلى بولىدۇ ، دەپ قارىسا كېرەك، شۇڭلاشقىمۇ، قەدىمدىن ھازىرغىچە يېزىلار بىلەن جەمەتلەر ئايرىلماس مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلدى. «بەيلۇ ئېدىرلىقى» دىن بۇ نۇقتىغا قاراپ باقايلى: ئەسەر ئۇرۇقداشلىق مەدەنىيىتىنىڭ پاجىئەسى بىلەن دىھقانلارچە قارىشلىقنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي لېنىيەسى قىلىپ، يېرىم ئەسىر مەبەينىدىكى زور سىنىپىي كۈرەش ۋە مىللىي زىددىيەتلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەمدە ئۇنىڭ خارەكتىرىگە ئىجابىي نۇقتىدىن نەزەر ئاغدۇرىدۇ، مىللەتنىڭ تارىخى تەقدىرى بىلەن مەدىنىيلىك تەقدىرى ئۈستىدە چوڭقۇر تەھلىللەرنى ئېلىپ بارىدۇ.ئۇنىڭدىكى يېڭىلىق بىلەن ھالقىش تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتە ئىپادىسىنى تاپقان: (1) ئەسلىدىكى تار بولغان سىنىپىي كۈرەش نۇقتىنەزىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، دەۋىر، مىللەت، مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تارىخقا نەزەر ئاغدۇرۇپ، قۇيۇق مەدەنىي تۈسكە مۇراجەت قىلىپ، ساپ ھەمدە مۇتلەقلەشكەن «سىنىپىي كۈرۈش» تەرىپىدىن نىقاپلىنىۋېتىلگەن تارىخى تۇرمۇشنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كەلگەن. (2) چىگىش ۋە مۇرەككەپ سىياسىي، ئېقتىسادى، پارتىيە ـ گۇرۇھ، جەمەت، توقۇنۇشلىرىنىڭ سىرتىدا، ئەسەرنىڭ ئاساسىي سىيۇژىتىغا سىڭدۈرۈلگىنى يەنىلا مەدەنىيەت توقۇنىشىدىن قوزغالغان ئىنسان تەبىئىتى ـ يوسۇن ـ ئادەتلەر بىلەن ئادىمىيلىك، خۇداگۇيلۇق بىلەن ئىنسانلىق ئىستەك، روھ بىلەن تەن ئوتتۇرسىدىكى قارمۇ ـ قارىشلىقلار بولغان. مانا بۇلار ئەسەرنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالدۇرىدىغان ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىكلىرىدۇر. (3) ئوچۇق رىئالىزىملىق ئۇسلۇپنى، مۇدىرنىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ كۆپلىگەن قاراش ۋە ئۇسۇللىرى بىلەن مۇۋەپەقىييەتلىك يۈغۇرۇپ، يەرلىكلەشكەن مەۋجۇتلۇقنى ئىپادىلىگەندە، ئۇسلۇپ جەھەتتىن چىن ۋە خەن مەدەنىيىتىنىڭ روھىنى تېخىمۇ بېيىتقىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە،«بەيلۇ ئېدىرلىقى» نىڭ مەدەنىيەتنىڭ مەخپى تارىخى شەكلىدىكى يېزىش ئۇسۇلىنى كۆرگەندىن كېيىن، 90-يىللاردىن كېيىنكى، جەمەت رومانلىرىنىڭ ئىستىتىك ئالاھىدىلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق كۆرۈپ يەتكەن بولىمىز. ئۇ بولسىمۇ مەدىنىيلىشىشتۇر.
      تۆتىنچى گەۋدىلىك تەرەپ، بۇ دەۋىردىكى رومانچىلىقنىڭ مۇۋەپىقىيىتى ئۇلارنىڭ بىز تۇتىۋالالىغىدەك روشەن تىپلارنى يارىتالىغىنىدا كۆرۈلىدۇ. تىپ قارىماققا ۋاختى ئۆتكەن تەتقىقات ئوبىكتى ھېساپلىنىدۇ. ھازىرقى يازغۇچىلارنىڭ ئوبراز سۈرەتلەش ۋە خاراكتىرلارنى يارىتىش ئىقتىدارىنى روشەن ھالدا تۆۋەنلەپ كەتتى دىيىشكە بولىدۇ. لېكىن ، ھەقىقى تىپلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە بولمايدۇ. تىپ دەپ قاراشقا بولىدىغان بىر تۈركۈم يېڭى ئوبرازلار بولغىنىدا، بۇرۇنقىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا يېڭى ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىستىتىك تىندۇرما بولغان بولىدۇ. ئۇلار كىم؟ قايسى پىرسۇناژلارنى تىپ دىگىلى بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ، ھەركىمنىڭ كۆزقارىشى ئوخشاش بولمايدۇ، ئالايلى: «بەيلۇ ئېدىرلىقى» دىكى بەي جىياشۈەننىڭ جىسمىغا ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ مەھەلىدىكى ئىش ـ ھەركەتلىرى ئارقىلىق ئۇرۇقداشلىق مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئۆزى، فىوداللىق جەمىيەت ئىككى مىڭ يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مەخپىيەتلىكلىكنى شۇنىڭغا ئوخشاش تۈۋرۈكلەرنىڭ ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى شۈبھىسىز دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. يەنە، «زېڭ گوفەن» رومانىدىكى زېڭ گوفەنگە قاراپ باقايلى، جۇڭگونىڭ فىوداللىق دەۋرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كوڭزىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ روماندا مول ۋە رەڭدار خاسلىققا ئىگە قىلىنغان. ئۇ ئەنە شۇ ئەنسىز يىللاردا، كوڭزى ـ مىڭزى تەلىماتلىرىنىڭ ئاكتىپ تەرەپلىرىنى، خانلارنىڭ ئەلنى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بەزى جەۋھەرلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەسەر قەھىرمانغا مەيدان يوقتەك تىراگىدىيەلىك كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، زېڭ گوفەننىڭ تارىخ دولقۇنلىرى ئىچىدىكى تىرەجەشلىرى ۋە چىڭقىلىشلىرىنى تولۇق نامەييەن قىلىپ بەرگەن. يەنە ئالايلى،«ھەركەتتىكى ئۆزگەرگەن ئادەم»دىكى نې ۋۇچېڭ، باشقا بىر خىل مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى تىراگىدىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ غەرىپ مەدەنىيىتىگە تەلپۈنسىمۇ، ھەر ۋاقىت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ قورشاۋىدا يۈرىدۇ. ئۇ بىرقانچە غەلىتە ئاياللارنىڭ قىيناشلىرىدىن قىينىلىپ، ئازاپلىنىپ ھەم ئازاپلاپ، قۇتۇلغىلى بولمايدىغان دىشۋارچىلىق ئىچىدە قالىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، «قىزىل قوناقلىقلار جەمەتى»دىكى يۈ جەنئاۋ، «نەپىرەت ناخشىسى»دىكى ۋاڭ چىياۋ، «ئەتىرگۈل قۇۋىقى»دىكى سى چىۋېن، «تاشلاندۇق پايتەخت» دىكى جۇاڭ جىدې قاتارلىقلارمۇ تىپ ۋە تىپقا يېقىنلىشىدۇ.
    گەۋدىلىك تەرەپلەر ئەلۋەتتە، بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. 90-يىللاردىكى ئاياللار يېزىقچىلىقىمۇ كۆزگە خېلى روشەن تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئاقارتىش مەنىسىدىن ئاياللىق ئاڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈش، ئاياللارنىڭ ئىجدىمائى چېنىقىشىنى، مەدەنىيەت تەركىۋىنى، بەدەن تەجىربىلىرىنى، پىسخىك ئالاھىدىلىگىدىكى مۇستەقىللىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەرلەر ھوقۇقىغا قارىشى تۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ باشقا بىر خىل ئاۋازى بولۇپ قالدى. يەنە ئالايلى، مىللەت، دۆلەت، ئىنقىلاپ ھەققىدىكى بۈيۈك بايانلار ئىچىدىكى يەككە ئەسلىمىلەر ۋە يەككىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتى، زىيالىلار تۇرمۇشى يېزىلغان ئەسەرلەردىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇپ، قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ دىققەتكە سازاۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ـ بىرلەپ كۆرسۈتۈپ ئولتۇرمايمىز.

  

3


    يازغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چوڭقۇر كۈزىتىشتە كۆرۈلىدۇ. ئاممىباپ يازغۇچى پەقەت ھېكايىنىڭ قىزىقارلىق بولۇشىغا ئېتىۋار بېرىدۇ ،ئەكسىنچە چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەن يازغۇچى بولسا ھېكايىنى قىزىقارلىق بولۇشتىن  مەۋجۇتلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ .بۈگۈنكى زامانلىق خارەكتىر پەقەت ۋاقىت ئۇقۇمى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.ئاساسلىقى يەنىلا يازغۇچىنىڭ ھازىرقى رىياللىقنى ئۆز كەچۈرمىشىدىن ئۆتكۈزىشىنىڭ سەمەرىلىك دەرىجىسى، بىر دەۋىرنى ئومۇملاشتۇرالىغان، ئومۇملاشتۇرالمىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.نۇرغۇن يازغۇچىلار ھېسسىيات ۋە ھېكايە توقۇشقا كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىۋىتىدۇ .
تېكىست ـ ئادەتتىكى مەنىدىكى شەكىل بىلەن ئوخشاش سۆز ئەمەس.مېنىڭچە بولغاندا،ئۇ  يازغۇچىنىڭ دۇنيانى تونىشى ،دۇنيانى چۈشىنىشى،دۇنيانى ئىپادىلىشىنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.بۇنىڭ مۇھىملىقى ئۆزىدىنلا مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ .كونكىرىت  ئېيتقاندا ،ئۇ  دۇنيانى سەنئەتلىك تونۇش ۋە بايان قىلىشنىڭ  ئۇسۇلى .بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچى ئۇ ھامان روشەن ھالدىكى خاس ئىزىنى قالدۇرۇپ بارىدۇ .رومانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ،ئۇ ئەسەرنىڭ  قۇرۇلمىسى ،باياننى تەشكىللەش ،تىل ئېقتىدارى قاتارلىق كۆپلىگەن  ئېلىمىتلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ .ئازادلىقتىن كېيىنىكى ‹17يىللىق ئەدەبىيات›تا ئەڭ ئاساسى نەتىجە رومانچىلىقتا ئىپادىلەندى.ئۇنىڭ  غايە ۋە قايناق ھېس ـ تۇيغۇلارغا تولغان كەڭ بايان شەكلى بىلەن  قارىمۇ قارشى ئىككى قۇتۇپلۇق قۇرۇلما ئەندىزىسى ،كۆپلىگەن ‹‹قىزىل كلاسسىك›› ئەسەرلەرنى قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،تېكىستتىكى ئاددىيلىق ۋە زىيادە  تىپلەشتۈرۈۋېتىش سەۋەبىدىن كۆپ ئەيىپلەشلەرگە دۇچار بولدى.شۇنداق دېيىشكە بولۇدۇكى ،يېڭى دەۋىردىن بۇيانقى رومانچىلىق ،پەلسەپىۋى مەزمۇن ۋە مەنىۋىي قىممەت جەھەتلەردىن زور بۆسۈشلەرنى ھاسىل قىلدى ،تېكىست ـ ژانىر جەھەتتىمۇ زور ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى.
     ئالايلى ،ئەمىلىي تەسۋىر  بىلەن ئىپادىلەشنىڭ مۇناسىۋىتىدە  زور بۇرۇلۇش بولدى .ئىدىئوگىراممىلىق ،سېمۋۇللۇق ،مەسەللىك ئىزدىنىش روھىغا باي ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ ،روماننىڭ سەنئەتلىك دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈردى .ئۇزۇندىن بۇيان ،ئەدبىياتىمىزدا ھالقىش ۋە ئەركىن تەسەۋۋۇر كەمچىل بولۇپ ،دوراپ يېزىش ۋە قايتا ئىپادىلەشكە بېرىلىپ كېتىش كۆپ بولدى. ئۇ ئاددى ۋە يېقىملىقتەك تۇرسىمۇ ،ئەمما ئۇنى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا كۆتۈرگىلى بولمايتى. 80-يىللارنىڭ بېشىدا بىر تۈركۈم ئاۋانگىرات ئېقىمىدىكى ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ ،زور كۆلەمدىكى بىر قېتىملىق سوقۇلۇشنى بارلىققا كەلتۈردى،ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ تۆھپىسىنى يوق دىمەيمىز.لېكىن ئۇ  ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت غەيرى چەمبەرگە كىرىپ قېلىپ ،رىيال ھاياتى كۈچىنى يوقاتتى .ئۇ ئاساسلىقى يەنىلا ھېكايە، پوۋىست ئىجادىيىتى دائىرىسى بىلەنلا چەكلەندى .90-يىللاردىن كېيىن ، رېيالىزىملىق ئىجادىيەت ھەممىنى بېسىپ چۈشتى. لېكىن،بەزى يازغۇچىلار رىياللىقنى يېزىش بىلەن  قانائەت قىلماي ،ھېكايىنىڭ ئېقتىدارىنى تىرىشىپ قېزىپ ،پەلسەپەۋىلىكنى، شىئېرى كەيپىياتنى،ئۆزگۈچىلىكنى ،گۇمانتار ھېسسىيات بىلەن مېتافىزىكىلىق تۈسىنى قوغلۇشۇپ،بەدىئى سېزىم بىلەن تىلنىڭ خاسلىقىنى كۈچەيتىپ، رىئال تەسۋىرلەرگە ئەھمىيەت بەردى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ باردى، ئۆزگىچە،خاسلاشقان تەجرىبىلەر ئاساسىدا،زامان ۋە ماكاننىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى  كېڭەيتىپ، ئەسەرنىڭ تۈسىنى يېپ ـ يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.
     ئالايلى: ،‹‹چاڭ توزاڭ بېسىققاندا››رومانىدا ، قەبىلە باشلىقى مەيچىنىڭ  «ساراڭ› ئوغلىنىڭ ئالاھىدە نەزىرى بىلەن، رىيالىزىملىق ۋە سىمۋوللۇق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ،زاڭزۇ مىللىتىنىڭ بىر تارمىقى بولغان كاڭبالارنىڭ قەبىلە باشلىقلىق تۈزۈمى ئاستىدا كۆپ ئەۋلات داۋاملاشقان ئېغىر كۈنلىرى يەڭگىل ۋە شائىرانە ھالدا تەسۋىرلىنىدۇ .يازغۇچى ھەر تۈرلۈك ئوبرازلارنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق ،قەبىلە باشلىقلىق تۈزۈمنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئىپادىلەپ ،ئىنسان قەدرىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى  مۇئەييەنلەشتۈرگەن .  رومان قويۇق زاڭزۇ مەدەنىيىتى پۇرىقىغا ئىگە ، سېھرى تۈسى يەڭگىل ، بەدىئى ئىپادىلىشى مۇۋاپىق بولۇپ ،تىلىدا خېلى كۆپ ئوخشاش تۇيغۇلۇق تەركىپلەر بار.
       شى تېشېڭنىڭ ‹پىرىنسىپال قائىدىلەرگە ئاساسلىنىش خاتىرىسى›دە بايان قىلغۇچى،  قەدىمقى باغچىدىكى قۇرۇپ قالغان بىر تۈپ ئارچا دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئويلىمىغان يەردىن،  جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر ئىككى كىچىك بالىنى ئۇچرىتىدۇ.ئوي – خىياللار، بۇلاقتەك بولدۇقلاپ ،ئۆتكەن ئىشلار ،ھاياتلىق ،رىئاللىق،ئۆلۈم قاتارلىق كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىلىرى  ئۈستىدە ئاداقى مۇلاھىزىلەرگە بەخشەندە بولىدۇ .ئەسەرنىڭ بەدىئى جەھەتتىكى روشەن بىر ئالاھىدىلىكى قۇرۇلمىنىڭ  ئەركىن ئېچىۋىتىلگەنلىكىدە بولۇپ،يازغۇچى ھېكايە بىلەن رىئاللىق ،بايان بىلەن ئىدىيە ئوتتۇرسىدا ئەركىن ئايلىنىپ يۈرىدۇ .ئۇنىڭدىن بىر خىل گولوگرافىيلىك قۇرۇلما ھاسىل بولغان بولۇپ ،ئۇلارنى پارچىلاپ تەھلىل قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. يەنە بىر ئالاھىدىلىك، ھالقىما رىيالىزىملىق ئۇسۇلىدا يىزىش قائىدىگە ئايلاندى، ئۇ ھېچ بولمىغاندا ۋەقەلىكنىڭ بايانى  ، ئادەمنىڭ تەغدىرى ھەققىدىكى پەلەسەپىۋىلىككە ئىگە پىكىرلەر ۋە ئەسەر بەدىئىلىكى ھەققىدىكى نەزەريەۋى مۇھاكىمىلەر قاتارلىق ئۈچ قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ،بىر بىرى بىلەن گىرەلىشىپ، رىئال ۋەقەنى يازماي ،ساختا  مەنزىرىلەرنى يېزىشقا ،كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەمىلى سۆھبەتلەردىن ئايرىلىپ چىقىپ زور مىقتاردىكى شەكىل خارەكتىرلىك  دىياگلوگلارنى يىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .ئۇ ژانىر ـ تېكىست جەھەتتىن خاسلىقىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشتى.‹‹قۇياش نۇرىدەك تەلەي››دە  بىر تۈرلۈك ئىچكى ۋاقىت يارىتىلغان بولۇپ ،رومانچىلىق ئىجادىيىتىدە  كەم ئۇچرايدىغان ‹‹قايتۇرۇپ قويۇش››شەكلىدىكى قۇرۇلما بارلىققا كەلگەن.ئۇنىڭدا ، تۇرمۇش قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ،ئاپتور ئۆزىنىڭ مەسەللىك رامكىسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان .تۇرمۇشنىڭ نورمال تەرتىۋى ‹ئاستى ئۈستۈن ›قىلىۋىتىلىپ بايانىغا كىرگۈزۈلگەچكە، بۇ يەردىكى ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرۇش ئەسەرنى پۈتۈنلەي دىگۈدەك مەسەللىشىشكە ئېلىپ بارغان .مويەننىڭ ‹‹ھايات ماماتلىق ھارغىنلىق ›› رومانىدا بىر يېزىنىڭ 50 يىللىق تارىخى يېزىلغان بولۇپ ،ئۇ ئادەمنىڭ ئىشەككە ،ئىتقا ،چوشقىغا ئالتە نۆۋەت ئايلىنىپ قېلىشىنى سېھرى تۈستە بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ  جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ يەر بىلەن بولغان  مۇرەككەم مۇناسىۋىتىگە بولغان چوڭقۇر تونىشىنى ئەگرى ـ توقاي ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن .
     تېكىست قانچە ئۆزگەرمىسۇن پارچىلىنىپ، قاتلىنىپ كەتمەيدىغىنى يەنىلا تىلدىن ئىبارەتتۇر.بۇ ئاز مۇھاكىمە قىلىنغان ئەمما ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە .خەنزۇ تىلىنىڭ بايان ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدىمۇ ـ يوق؟ ئۇنىڭ  روماندەك چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى كونتۇرۇل قىلىش ۋە تىزگىنلىشىگە كۈچى يىتەرلىكمۇ؟ئۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولىدۇ.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ جىددى ئۆزگۈرۈشىگە ،ئىجادىيەت تەجىربىسىنىڭ جۇغلىنىشى ۋە سىرتتىن كىرگەن ئەدەبىياتتىن ئۈلگە ئېلىش ،ھەمدە خەلق ئارىسىدىكى يېڭى سۆزلۈكلەرنى ئۆگۈنىشكە ئەگىشىپ ،رومانچىلىق ھازىرقى زامان خارەكتىرى نۇقتىسىدىن ،دۇنياۋىلىشىش ،مىللىيلىشىش يولىدا ئىزدىنىپ كەلدى.
       بىز ،يېقىنقى 30يىلدىن بۇيان خەنزۇ تىلىنىڭ ئىپادىلەشتىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قېزىپ چىقىلغانلىقى ۋە قويىۋىتىلگەنلىكىنى كۆردۇق .بەزى خاس ئۇسلۇپلۇق يازغۇچىلار ،ئۆزلىرىنىڭ  ئالاھىدە تىل سەزگۈلىكى ۋە ئىنتوناتسىيەسى بىلەن  ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت باشقىلاردىن پەرىقلەندۈرۈپ كەلدى .ئەگەر دىققەت قىلسىڭىز ،تىلنىڭ دەۋىر خارەكتىرلىك ئۆزگىرىشى ئەڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز،مەيلى ئاۋانگىرات ئېقىمىدىكى ئەسەرلەر ۋە باشقىلار بولمىسۇن،ھەممىسىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ .ئەنئەنىۋى بايان ئادىتى،بايان ئىنتوناتسىيەسى ۋە سۆزلۈك قاتارلىقلارنىڭ بەزىلىرى يوقۇلۇش گىرداۋىغا كىلىپ قالدى ،بەزى سۆزلۈكلەر بۈگۈن قارىساق كۈلكىلىك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى . بۇنىڭ كەينىدە كونتېكستنىڭ  يوقىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت. ئالايلى،كىشىلەر تەدبىھ بېرىش خارەكتىرىدىكى ،باشباشتاقلىق قىلىش خارەكتىرىدىكى ،مۇبالىغە خارەكتىرىدىكى ،يول كۆرسىتىش خارەكتىرىدىكى سۆزلەرگە ئۆچ بولۇپ كەتتى ،تەدبىھ بېرىدىغان سۆزلەردىن يىراق تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ئازادلىقتىن كېيىنىكى ‹‹ 17يىللىق ئەدەبىيات›قا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى رومانلارغا قارايدىغان بولساق، تىلدا ناھايىتى كۆپ ۋاقىتلار ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلمىز .مويەننىڭ مۇرەككەپ، ئارلاش سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا كىشىلەر كۈنۈپ كەتكەن . «ما چاۋ لۇغىتى»دە  ئۇ، ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ۋازكېچىپ، لۇغەت ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ما چاۋغا تەرجىمھال تۇرغۇزىدۇ، ما چاۋنىڭ كىشىلىرى، نەرسىلىرى، تارىخى، ماچاۋلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ماچاۋنىڭ ئىدىيەۋىي مەدەنىيىتىنى ئەۋرىشكە ھالىتىدە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. كىشىلەر جانلىق ئوبرازلار ئارقىلىق  سۆزلۈكلەرنىڭ ئالاھىدە بەلگۈلەنگەن  مەنىسىنى ئىسپاتلىدى .سۆزلۈكلەر ئۆز نۆۋىتىدە   يەنە مەنە ئارقىلىق ئوبرازلارنى كۈچۈيتىپ باردى.
       جياپىڭۋا تىل سېزىمى ئىنتايىن سەزگۈر يازغۇچى ،ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە يەرلىك تىلىنى  بارغانسىرى كۆپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:  تىل سۈپەت ۋە يېڭىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ،قەدىمقىلەردىن،خەلق ئارىسىدىن ئۆگىنىشىمىز، ئەل ئىچىدە يەرلىك تىلغا ئايلىنىپ كەتكەن،  قەدىمقى تىللارنى  يىغىپ، توپلىشىمىز لازىم،شۇنداق  قىلغاندىلا ئۆلگەن كۆپ نەرسىلەرنى تىرىلدۈرۋالغىلى بولىدۇ، دەيدۇ. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس تەسىراتى بولسا كېرەك .
      روماننى ‹‹دەريا›› دەپ قارىساق، بارلىق نۇقتىنەزەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىنتايىن چوڭ ھەجىملىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ .شۇڭىمۇ ئۇ قامۇس،ئېپوس،سېمفونىيە دەپ قارىلىپ ، مىللەتنىڭ قەلب تارىخىنىڭ ئابىدىسى ۋە ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىسى دەپ ئېيتىلىدۇ.بۇ خىل بۈيۈك نۇقتىنەزەر،  روماننىڭ كىلاسسىك تەرىپى بولۇپ،بۇ ھېلىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.مېنىڭچە ،مەسىلىنىڭ نېگىزى ئۇنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىدا ئەمەس،كەڭلىكمۇ ئۇنىڭ سالمىقى بولالمايدۇ ،مەسىلە قانداق قىلىپ تارىخى خارەكتىرلىك تاشقى ئۆزگۈرۈشلەرنى قەلب داستانى قىلىپ ئىپادىلەپ بېرىشتە كۆرۈلىدۇ .ھازىر رومانلار بىلەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەڭ قەدەمدە بىر ـ بىرىنى تولۇقلاپ بېرىشتەك ۋەزىيەت ئومۇمىي ئەھۋال بولۇپ قالدى. بۇمۇ بىر يېڭى مەسىلە.
     يەنە مۇنداق بىر سوئال بەلكىم ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە بولسا كېرەك : نېمە ئۈچۈن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ،رومان قىزغىنلىقى ئىزچىل تۆۋەلىمەي كېلىدۇ؟ ۋە ‹‹ ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى ژانىرى ››دەپ قارىلىدۇ؟ جۇڭگو ئەدەبىياتى خۇددى تۇيۇقسىزلا رومان دەۋرىگە كىرىپ قالغاندەك بولدى .زور مىقتاردىكى يەككە رومانلار نەشر قىلىنغاندىن باشقا يەنە مەخسۇس رومانلارنى باسىدىغان  چوڭ تىپتىكى ژورناللار بارلىققا كەلدى .گاھى ژورناللار قوشۇمچە سان ياكى تاللانما سان چىقىرىپ رومان ئېلان قىلدى .بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بىرئاز يەڭگىللىگەندەك بولدى ؛ئەدەبىيات تۈرىدىكى ئوقۇشلۇقلاردا رومان تۇيۇقسىزلا ئەڭ بازارلىق تاۋارغا ئايلىنىپ قالدى .نەشر قىلغۇچى بىر تەرەپتىن تارقىتىش قىيىن دەپ قاقشاپ تۇرسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن يىلىغا مىڭلاپ رومانلارنى بازارغا سالدى .كىشىلەر روماندىن رازى بولمىدى ھەتتا ئەخلەت ئورنىدا كۆردى ،بەزى رومانلار باشتىن ئاخىر ئوقۇرمەنلەر ،كەڭ ئامما ياكى تور ئەھلى تەرىپىدىن،پۈتمەس - تۈگىمەس تالاش – تارتىشلارنى پەيدا قىلدى.بۇ قەستەن قىلىنىۋاتقان داۋراڭمۇ ياكى ئۇنىڭ باشقا بىر چوڭقۇر سەۋەبى بارمۇ ؟مېنىڭچە ،ئەڭ ئاساسىي سەۋەپ ئېھتىياجدا ـ دەۋىرنىڭ مەنىۋىي ئېتىياجىدا،جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىنى يېزىش ئېھتىياجىدا.جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان يۈز يىلىدا ،تارىخنىڭ ئەگرى توقايلىقى ،مىللەتنىڭ ئازاپى،يەككە ئەسلىمىلەر، تاغدەك دۈۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ،  بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ شۇنداق زور،ئۇنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتىپ تۈگەتكىلىمۇ بولمايدۇ ،خۇددى نۇرغۇن نەرسىلەرنى رومان بىلەن ئىپادىلىمىسە بولمايدىغاندەك ئەھۋال كېلىپ چىقتى. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ، بىز ئىزچىل داۋالغۇپ كەلدۇق ، مەلۇم يۇشۇرۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلىتىش ئىزچىل مەنى قىلىنىپ كەلدى .ھېكايە، پوۋىستلار بىلەن  چوڭ ھەجىملىك،مۇرەككەپ جۇڭگو تەجرىبىلىرىنى ئىپادىلەش قىيىنغا توختىدى .شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى كۈندە رومانمۇ ، رومان يازىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ كەتتى .بۇ بەلكىم نۇرغۇن سەۋەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ بولىشى مۈمكىن . لېكىن ، جۇڭگونىڭ يۈز يىللىق تەجرىبىسىنى ئېيتىشنىڭ تاقەتسىزلىكى بىلەن بۈگۈنكى تېز دەۋرىنىڭ كاشىلىسى يەنە  زىددىيەتلىك بولۇپ،بۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىگە پايدىسىزلىق ئېلىپ كەلدى.
     30يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىياتتىكى جۇڭگو تەڭ جەھەتتىن ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە .يېڭى دەۋىردىن بۇيانقى رومانچىلىق ،شۈبھىسىز تىز تەرەققىي قىلدى ،بىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىپ ، خۇلاسە چىقىرىشىمىز كېرەك .بۈگۈنكى رومانچىلىق ئىجادىيىتىمىزنى ۋاقىت، ئوقۇرمەن ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنىشىگە قويۇپ قارايدىغان بولساق، يەنىلا يېتەرسىزلىكلەرنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈمىز. ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا،ھازىر ياخشى دەپ قارىلىۋاتقان رومانلاردىن، خۇددى ھايات كىشىلەردەك ئوبرازلارنى، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق تەپسىلاتلارنى، بىۋاستە ھېس قىلغىلى بولىدىغان كەيپىياتنى ، يۈزلەرنى سىپاپ ئۆتكىدەك ساپ تىنىقلارنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. مانا مۇشۇنداق ئاددى ئىنكاسلار مەسىلىنى ناھايتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكنى ئىگەللەش ۋە شەكىلدىن ھالقىش ئىقتىدارى ئومۇمىيۈزلۈك دىگۈدەك تۆۋەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن پۈچەكلىك، يۈزەلىك ۋە تەقلىتچىلىكتەك كېسەللىكلەر يامىراشقا باشلىدى. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىزدە تېخى ئورتاق ئېتىراپقا ئېرىشكەن، دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان، مىللەتنىڭ بۈيۈك بايان سەۋىيەسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەسەرلەر تېخى روياپقا چىقمىدى. رومانچىلىقىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخى يىراق بولۇپ، باسىدىغان يولىمىز تېخى ئۇزۇندۇر.   

           ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

  «تارىم» ژۇرنىلى 2009-يىلى 7-سانىدىن

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بېي داۋنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى شېئىرلىرىدىن


ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى




يول ناخشىسى



دەرەخلەرنىڭ ئۇنتۇشلىرىدا،

ئىتنىڭ قىزغىنلىقى ئوتتەك يانىدۇ.

بىھۇدە سەپەرنىڭ تامامى ئۆزرە،

ئالتۇن ئاچقۇچلارنى پۇلاڭلىتار تۈن،

ئىشىكلەر بۇندا سەندىن تانىدۇ.



قىشنىڭ قەدىم ئەمەلىنى جىم،

ئادا قىلار ئېسىلغان پانۇس.

ئۇدۇل مېڭىپ كېلىمەن ساڭا،

يەلپۈگۈچنى ئاچىسەن بېغەم،

يېپىلغاندا ناخشا كېلەر سۇس.



سائەت سېنى سوراقلار مەغرۇر،

ئەكس سادا جاۋاب بېرىدۇ.

تۈننىڭ تەتۈر ئېقىمى بىلەن،

يىلتىز پىنھان چىقارغاچقا توك،

باغقا دەرھال يورۇق كىرىدۇ.



ئۇدۇل مېڭىپ كېلىمەن ساڭا،

يات يۇرتلارنىڭ يولىنى باشلاپ.

يالقۇن تىلىپ ئۆتىدۇ قارنى،

پېچەتلەيدۇ گۇگۇم ھەر يەرنى،

يۈز ئاچىدۇ زېمىن بەت تاشلاپ.




在樹与樹的遺忘中
是狗的抒情進攻
在無端旅途的終點
夜轉動所有的金鑰匙

沒有門開向你


一只燈籠遵循的是
冬天古老的法則
我徑直走向你
你展開的歷史折扇
合上是孤獨的歌


晚鐘悠然追問你
回聲兩度為你作答
暗夜逆流而上
樹根在秘密發電
你的果園亮了


我徑直走向你
帶領所有他鄉之路
當火焰試穿大雪
日落封存帝國
大地之書翻到此刻



ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى



قالغىنىدا گۈزەتچى ئۇخلاپ،

شامال بىلەن قايرىلدىڭ دەرھال.

قۇچاقلاردا سولۇۋاتقىنى،

ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.



قۇشلار كۆكتە بۆلۈشسە يوللار،

باققىن پېتىۋاتقان قۇياشقا.

كۆرۈنگىنى غايىبلىق ئارا،

ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.



سۇنسا قىلىچ سۇنىڭ باغرىدا،

نەي چالغانچە ئۆتسەڭ كۆۋرۈكتىن.

ھىلىلەردىن زارلاپ تۇرغىنى،

ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.



سىزغىنىدا قەلەم ئۇپۇقنى،

شەرق دۇمبىقى ئويغانسا چۆچۈپ.

سادا بىلەن پورەك ئاچقىنى،

ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.



مەڭگۈلۈكتۇر ئەينەكتىكى دەم،

ئۇ بارىدۇ باقى قوۋۇققا.

ئاپارغىنى ئۇنى دېڭىزغا،

ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.



時間的玫瑰


當守門人沉睡
你和風暴一起轉身
擁抱中老去的是
時間的玫瑰


當鳥路界定天空
你回望那落日
消失中呈現的是
時間的玫瑰


當刀在水中折彎

你踏笛聲過橋
密謀中哭喊的是
時間的玫瑰


當筆畫出地平線
你被東方之鑼惊醒
回聲中開放的是
時間的玫瑰


鏡中永遠是此刻
此刻通向重生之門
那門開向大海
時間的玫瑰


رامئاللاھ①




رامائانلادا

تۇرىدۇ ئىپتىدائىي ئادەملەر بوشلۇققا قاراپ.

خارابىلىك چاقنار ھەم ئۆچەر،

سائەت قەپىسىدىن ئۇچۇپ چىققان قۇش

بېرىدۇ دېرەك ۋاقىتتىن سايراپ.



رامائانلادا

كۈن تامدىن ئارتىلغان چالدەك،

سىڭىپ كىرىپ پىت بازىرىغا،

دات باسقان مىس جاۋۇر يۈزىدىن

قاراپ تۇرار ئۇز جامالىغا.



رامائانلادا

ئىلاھلار سۇ ئىچەر كومزەكلەر بىلەن،

سارجان ②يول سورايدۇ مىسكىن بىر تاردىن.

بىر بالا بارغىنىچە ئۇپۇق لېۋىگە،

مىراسخورى بولار دېڭىزنىڭ.



رامائانلادا

ھالاكەت چىڭقى چۈشتە ئۇرۇق چاچىدۇ،

ھەم دېرىزىنىڭ ئالدىدا پورەك ئاچىدۇ.

دەرەخ سۇنمىغاچقا دەھشەتتۇر بوران،

دەھشەت رامائانلاغا قۇچاق ئاچىدۇ.



ئاتامغا بېغىشلايمەن



فېۋرالنىڭ ئاچچىق سەھىرى،

كاۋچۇك دەرىخىنى دەردلىك غېرىچلار.

رەسىمىڭنىڭ ئالدىدا ئاتا،

بورانلارمۇ سۈكۈتنى ساقلار.



بالىلىقىمنىڭ مەنزىللىرىدە،

مەڭگۈلۈكتۇر سېنىڭ سىمايىڭ.

خانلىق يوللىرىنى بويلاپ بارىدۇ،

باققان قويۇڭ، قارا بۇلۇتۇڭ.



ئېلىپ كېلەر كەلكۈننى بوران،

كوچا پاراڭلىرى ياقار كۆڭۈلگە.

چاقىرىسەن بولغاچ مەن بالاڭ،

ئەگىشىمەن ئاتا كەينىڭدە.



ئالىقانلاردا ئاققان قىسمەتلەر،

ئايلاندۇرار كۈنلەرنى شۇنداق.

ئەرلىك چىرىغىنىڭ نۇرى ئاستىدا،

كۆلەڭگىلەر كۆرۈنەر قوشماق.



جېدەللەردىن پۈتتى ئىسترېلكا،

پارچىلاندى بۇلۇڭلار ئەنە.

گۈلدۈرماما،

دومىلاپ كېلەر شىپاخانىغا،

قاققىنىچە ئىشىكىڭنى يەنە.



ھەزىلكەشتەك چىقىپ كېلەر تاڭ،

يالقۇن سېنىڭچۈن يۆتكەيدۇ كىرلىك

سائەتنىڭ توختاپ قالغان يېرىدىن

ۋاقىت ئوقلىرى ئۇچىدۇ ئىتتىك.



قوغلاپ بارغىن ئۆلگەن ھارۋىنى،

باھار ئوغرىلاپ قاچقان چىغىر يول.

ئېقىنلارنى ئايلىنىپ مۇڭ كۈي

تاغ-تاغلارنى قاپسايدۇ ئۇدۇل.



يوشۇرۇنغاندۇر تاملارغا شوئار،

ئۇشبۇ دۇنيا ئەمەس ئۆزگىرەر.

تۈنگە ماڭار ئۆرۈلۈپ ئايال،

سەھەر بىلەن چىقىدۇ بىر ئەر.




給父親

在二月寒冷的早晨
橡樹終有悲哀的尺寸
父親,在你照片前
八面風保持圓桌的平靜


我從童年的方向
看到的永遠是你的背影
沿著通向君主的道路
你放牧烏云和羊群


雄辯的風帶來洪水
胡同的邏輯深入人心
你召喚我成為儿子
我追隨你成為父親


掌中奔流的命運

帶動日月星辰運轉
在男性的孤燈下
万物陰影成雙


時針兄弟的斗爭构成
銳角,合二為一
病雷滾進夜的醫院
砸響了你的門


黎明如丑角登場
火焰為你更換床單
鐘表停止之處
時間的飛鏢呼嘯而過


快追上那輛死亡馬車吧
一條春天竊賊的小路
查訪群山的財富
河流環繞歌的懮傷


標語隱藏在牆上
這世界并沒多少改變:
女人轉身融入夜晚
從早晨走出男人



قارا خەرىتە



ئالا قاغا پۈتتۈردى ئاخىر،

تۈندەك قارا بىر خەرىتىنى.

كەلدىم يېنىپ-مېنىڭ قايتىشىم،

ئاداشقان يوللاردىن ئۇزۇندۇر-ئۇزۇن

ئاشار ئۆمۈردىن ھەم ئۇزۇنلۇقى.



باشلاپ زىمىستان يۈرىكىنى،

بال ۋە بۇلاقتىن ياسىسام دورا

ئايلاندى ئۇ تۈن تىۋىشىغا.

ھەسەن-ھۈسەن كەتمەمدۇ تاراپ،

قاراڭغۇ بازاردىن،

ئەسلىمىلەر تۇرسا چالۋاقاپ.



پۇرچاقتۇر دادامنىڭ ھايات شامى،

مەن ئۇنىڭكى ئەكس ساداسى.

ۋەدىلەشكەن دوقمۇش ئۈچۈن

خەتلەر بىلەن تىنماي ئايلىنار

شامال باغرىدا مۆكۈنۈپ ئۇ يار.



بېيجىن كۆتۈرەي قەدەھ

چىراغلىرىڭ ئۈچۈن، بۇندىكى ئوتقاش.

قارا خەرىتىنى كېسىپ ئۆتەرگە،

ئاپئاق چاچلىرىم يوللار باشلىسۇن،

بوران، سېنى ئېلىپ ئۇچقانغا ئوخشاش.



رەتكە تىزىلغانچە كەلدىم روجەككە،

ئېتىۋەتكىن، ئېتىۋەت ئايىم.

قايتىپ كەلدىم  قايتا كۆرۈشۈش،

خوشلىشىشتىن كەم بولار ھامان،

كەم بولىدۇ پەقەت بىر قېتىم.




《黑色地图》



寒鸦终于拼凑成

夜:黑色地图

我回来了———归程

总是比迷途长
长于一生


带上冬天的心
当泉水和蜜制药丸
成了夜的话语
当记忆狂吠
彩虹在黑市出没

父亲生命之火如豆
我是他的回声
为赴约转过街角
旧日情人隐身风中
和信一起旋转

北京,让我
跟你所有灯光干杯
让我的白发领路
穿过黑色地图
如风暴领你起飞

我排队排到那小窗
关上:哦明月
我回来了———重逢
总是比告别少
只少一次


①_ رامائانلا  پەلەستىن غەربىي قىرغىقىنىڭ مەركىزى

②_ سارجان  يەر ئۆلچەيدىغان ئەنئەنىۋى ئەسۋاب



(خەنزۇچە «جۇڭگو شائىرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل 3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

<< تەڭرىتاغ >> ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.




www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇكامغا رەھمەت ،ئەدىنۇس مىنىڭ مەڭگۇلۇك ھورمەت نەزىرىمدىكى داڭدار شائېر .ھەر يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتىغا كورسىتىلىپ كىلىۋاتىدۇ .بەزىدە تەپەككۇرۇمدا ئەدىنۇسنىڭ شوھرىتىگە نەزەر سالىمەن .2009-يىللارغىچە ئەدىنۇس نوبىل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ .دەپ قارايتىم .ئەدەبىي تالانىت جەھەتتىن ،ئەدەبىياتتىكى توھپىلىرى بىلەن ئىرىشىپ قىلىش مومكىنچىلىكى باردەك .لىكىن مىللەت تەركىبىدىكى كىملىكى تەرىپىدىن بۇ شوھرەتكە ئىرىشىش مومكىنلىكى يوقتەك .بەزى مەسىللەرنى ئارتۇقچە تەھلىل قىلىش دىيالوگلىرى قۇرغاندىن  دۇنياۋى شائېر ئەدىنۇسقا تۇزگەن رىسالەمگە تەنقىت كۇتىمەن .

توتىنچى رىسالە




ئەڭ كاتتىسى ئۇپۇقنى تىترىتىشىڭ!
                                          
  -ئەدىنۇس (شېئىرنىڭ بىسمىللاسى)
15pqvpj.jpg





كىتىمەن بۇ يەردىن
سۇنۇپ كەتتى يىپىق بىر ئىشىك .
نۇر بىلەن   ماڭىمەن ،
كىيىكنىڭ خۇداسى كەمسىتكۇچىلەرنى ئولتۇرۋەتتى
....قىلىشىم كىرەك
ناۋادا يارىتىش ھاۋاسىدىن نەپەس ئالالىسام .!!!

2008-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۇنى (يەكەن)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 00:36  


كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                        بېي داۋ بىلەن سۆھبەت


                                                    ما لىڭسۇ


                                               ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى



  ما لىڭسۇ (بۇنىڭدىن كېيىن قىسقارتىلىپ ما دەپ ئېلىنىدۇ): بېي داۋ ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز؟ سىز بۈگۈنكى دەۋر جۇڭگو يېڭى شېئىرىيەت دولقۇنىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شائىرلارنىڭ بىرىسىز.ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى جۇڭگودىن ئايرىلغان يىللاردىن بۇيانقى ئاساسلىق تۇرمۇش، خىزمەت ئەھۋالىڭىزنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

بېي داۋ (بۇنىڭدىن كېيىن قىسقارتىلىپ بېي دەپ ئېلىنىدۇ): جۇڭگودىن ئايرىلغىنىمغا توپتوغرا ئون بەش يىل بولدى. دەسلەپكى بەش يىللىق تۇرمۇشۇم تولىمۇ تۇراقسىز بولدى. ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتتە تۇردۇم. 1993-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ باردىم. 1995-يىلىدىن باشلاپ كالفورنىيە شتاتىدا ئولتۇراقلىشىپ كەلمەكتىمەن. يىللاردىن بېرى دەرس ئۆتۈش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيمەن. شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىمەن. باشقا ۋاقىتلاردا بولسا، يېزىقچىلىق قىلىمەن. مەن تولىمۇ تىنچ بىر كىچىك بازاردا تۇرىمەن. ئۇ يەر دولقۇنسىز كىچىك پرىستانغا ئوخشايدۇ. مەن ئۇ بازارنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن.   
ما: سىز دۇنيا بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشىپ تۇرىسىز. ئەگەر ئۇنى «نەق مەيدان» دەپ تەرىپلىسەك، دۇنياۋى شېئىرىيەت نەق مەيدانىدا پائالىيەت قىلىپ تۇرۇۋاتىسىز، دېگەنلىك بولىدۇ. سىزدىن سورايدىغىنىم، تۇرمۇش ھەم ئىجادىيەت ھالىتىدىن ئېيتقاندا، چەت ئەل شائىرلىرى بىلەن دۆلىتىمىز ئىچىدىكى شائىرلار ئوتتۇرىسىدا قانداق ئوخشاشلىق  ۋە پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىڭىز؟

بېي: بۇنىڭغا ئاددىيلا قىلىپ ئومۇمىي جەھەتتىن چۈشەنچە بەرمەك سەل قىيىنغا توختايدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدا ئالىي مەكتەپلەردە يېزىقچىلىق دەرسى تەسىس قىلىپ نام چىقارغان ئامېرىكا شائىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئالىي مەكتەپلەر شتاتىغا قوشۇۋالدى. ئۇلارنىڭ كۈنلىرى راھەتتە ئۆتىدۇ. ياۋروپا شائىرلىرىنىڭ كۈنى بىرئاز غورىگۈلرەك، «شتات» ئىچىدىكىلىرى ئىنتايىن ئاز. لېكىن فوند جەمئىيەت ياكى ھۆكۈمەتتىن ئاز بولسىمۇ ياردەم ئېلىپ تۇرالايدۇ. ئۈچىنچى دۇنيا شائىرلىرىنىڭ كۈنى ئەڭ تەس. جۇڭگودىن ئايرىلغىنىمغا ئۇزۇن بولدى. جۇڭگو شائىرلىرىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. شۇڭا سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن. شېئىرغا كەلسەك، ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەۋاتىدۇ. بۇ دۇنياۋى خاراكتېرلىك مەسىلە.   
ما: مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزگە ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارايمەن. بۇ سىزنىڭ 80-يىللار ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى شېئىرلىرىڭىزنىمۇ ھەم 2003-يىلى نەشر قىلىنغان «بېي داۋ شېئىرلىرى»نىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ. ھېس قىلىشىمچە، شېئىرلىرىڭىز سۈپەت جەھەتتىن بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پىشىپ مېڭىپتۇ. لېكىن بۇ يەردە مۇنداق تەبىئىي بىر مەسىلە كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. پىشىپ يېتىلگەن ئەسەرلىرىڭىز، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەسەرلىرىڭىزدەك، ئالايلى: «جاۋاب»قا ئوخشاش ئەسەرلىرىڭىزدەك تەسىر ۋە شۆھرەتكە سازاۋەر بولالماي، بىر پۈتۈن ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە چۆكۈپ تۇرۇپتۇ، شېئىرلىرىڭىزنىڭ سەۋىيىسى پۈتۈنلۈك جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇيۇ، بىرەر ئەسەر پارلاپ چىقالماپتۇ. سىزچە بۇ يەردە بىرەر مەسىلە مەۋجۇتمۇ قانداق؟ دەۋر؟ كۆپچىلىكنىڭ كىتاب ئوقۇش نىشانىنىڭ يۆتكىلىشى؟ شېئىرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىشى؟ ۋە يەنە شېئىرلىرىڭىزدە ھازىرقى جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇش مۇھىت، كەيپىيات، تىل ئامىللىرىنىڭ كەم بولۇشى؟ قاتارلىقلار.  

بېي: شائىر بىلەن دەۋرنىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ مۇرەككەپ، ئۇنى بىرقانچە ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. رىلكى: «شان-شەرەپ بارلىق ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى» دەپ ئېيتقان. شېئىرنىڭ قوبۇل قىلىنىش جەريانىنىڭ شائىر بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. شائىرلىق تەنھالىققا يۈزلەنگەن كەسىپ. بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ئادەم يەككە-يېگانىلىققا، ئۆز تەقدىرىگە سادىق بولۇشى لازىم. باھانىڭ قانداق بولۇشىنى ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرساق بولىدۇ.

ما: ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلىشىمچە، ئۇنىڭدىن بىر خىل مۇتەپەككۇرلارچە خاراكتېرنى بايقىماق ئانچە تەس ئەمەس ئىكەن. شائىرنىڭ ئەلۋەتتە ئىدىيىسى بولۇشى كېرەك. لېكىن ئىدىيە شېئىردا روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرسا، ئەسەرنىڭ ھېسسىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ياكى ئەسەر كەيپىياتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ھېس قىلىشىمچە، شېئىرلىرىڭىزدا ئىدىيە ئىزچىللىقى، ھېسسىيات ئىزچىللىقىنى بېسىپ چۈشىدىكەن. بۇنداق ھۆكۈمگە قوشۇلامسىز؟ 
بېي: بۇنى بىر خىل تەنقىد دەپ چۈشەنسەم بولغۇدەك. شېئىر پەلسەپىۋى ماقالە ئەمەس. شېئىرنىڭ ئىپادىلەۋاتقىنى ئەنە شۇ بىز دېيەلمەيۋاتقان نەرسە. مەن ئۆز ئەسەرلىرىمگە ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىزمەن.  
ما: شېئىر ياشلارغا مەنسۇپ دەيدىغان ئەنئەنىۋى تېمىغا بارغانسېرى گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى مەقسەت، بىرىنچىدىن، ياشقا ھەم ئادەم بىلەن شېئىرنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟ ئىككىنچىدىن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى شېئىرلىرىغا قانداق قارايسىز؟
بېي: ياش−رەسساملارنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۆزگىرىۋاتقان نۇرغا ئوخشايدۇ. بەزىلىرى بالدۇر پىشىپ يېتىلىپ، بالدۇر ئۆلىدۇ. بەزىلىرى نەق پىشىپ يېتىلگەن ۋاقتىدا تۇرىدۇ. بەزىلىرىنىڭ بولسا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن بىرنېمە دېمەك تەس. ۋاقىت بىلەن قېرىلىق، جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم بىر تېما. شۇنداقلا يېزىقچىلىقىمنىڭ بىر تېمىسى.  
ما: جەمئىيەت بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتكە بۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، سىياسىي  سەزگۈرلۈك شائىرلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئانچە تارتالمايدۇ. ئۇنداقتا شېئىرىيەت ئېچىۋېتىلگەن دەۋردە قانداق قىلىپ ئۆز ئورنىنى تىكلەپ جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت نەزىرىنى قوزغىشى كېرەك؟ شېئىر جۇڭگودا بىر مەزگىل خەلقنىڭ روھىي تۇرمۇشىنىڭ مەركىزى بولغانىدى. ھازىر بولسا ئۇ بىر ئەپسانىگە ئايلاندى. سىزنىڭچە شېئىرنىڭ ئاشۇ «شانلىق يىللار»نى تېپىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ توغرا كېلىپ قالغان بىر مەسىلە، شېئىردىكى سىياسىي ئامىلنىڭ شېئىر تەرەققىياتى ئۈچۈن نېمە ئەھمىيىتى بار؟ شېئىرىي ئىجادىيەتتە سىياسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان، قاچۇرىدىغان يۈزلىنىش ھازىر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. مېنىڭ قارىشىمچە، قانداقلا مەنىدىن بولمىسۇن، سىياسىنى شېئىردىن پالىۋېتىشكە بولمايدۇ. سىياسىي جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈش، ئادەمگە روھىي جەھەتتىن كۆيۈنۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ. سىياسىدىن يىراقلاشقانلىقى ھەمدە سىياسىنى چاكىنىلاشتۇرۇپ چۈشەنگەنلىكىنى جۇڭگو شېئىرىيىتىدىكى بۈيۈك شائىرلارنىڭ ئاتالمىش «بۈيۈك شائىر»لىق چەمبىرىكىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى دېسەك بولامدۇ؟   
بېي: بۇنى چوڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ ئىچىگە قويۇپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا «بۈگۈن»چىلەرنىڭ (مەن گۇڭگا شېئىرچىلار دېگەن ئاتالغۇنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇ بىزگە مەجبۇرىي تېڭىلغان) بارلىققا كېلىپ، ئاتالمىش «ساپ ئەدەبىيات»نى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شېئىرنىڭ غايەت زور تارىخىي كۆلەڭگىسىنىڭ ياللانما قورالى بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىستراتېگىيە مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. كۆلەڭگە غايىب بولغاندىن كېيىن، بىز «ساپ ئەدەبىيات»تا ھەقىقەتەنمۇ چەكلىمىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق. شېئىرنىڭ نۇرغۇن چەكلىرى بولىدۇ. بۇ سىياسىي چەكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.   
ما: تۆۋەندىكى مەسىلە، «بۈيۈك شائىر» بىلەن مۇناسىۋەتلىك، سىزدىن كېيىن جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىدە بۈيۈك شائىر مەيدانغا چىقمىدى دەيدىغان بىر قاراش بار. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ سىز ئۆزىڭىزنى بۈيۈك شائىر دەپ تونۇمسىز؟ سىزچە بۈيۈك شائىرلىقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

بېي: بۇ بەكمۇ كۈلكىلىك مەسىلە ئىكەن. ئۆزۈمنى شائىر دەۋېلىشتىنمۇ ئارتۇق خىجىلچىلىق بولمىسا كېرەك. بىزنىڭ قىلالايدىغانلىرىمىز شۇنچىلىك چەكلىك. بىزنىڭ ھاياتىمىز شۇنچىلىك ئاجىز.


ما: جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتى ئىزچىل زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نۇرغۇن شائىرلار، چەت ئەللەرنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەت ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالغان. قارىماققا يېڭىلىقتەك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە روھ ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە چەت ئەل شېئىرلىرىنىڭ ئۆزگەرگەن، كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدەك نۇرغۇن نەرسىلەر بارلىققا كەلدى. يازغانلىرى ئۆزگىچىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلار تېخى ھەقىقىي ئەركىن ئىجادىيەت باسقۇچىغا كىرەلمىدى. سىز جۇڭگو شېئىرىيىتى بىلەن چەت ئەل شېئىرىيىتى، بولۇپمۇ ياۋروپا، ئامېرىكا شېئىرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى، ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنى قاندق چۈشىنىسىز؟ دۇنيا بىلەن سۆزلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ تۈس، ئالاھىدىلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ تۇرامسىز؟
بېي: سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسۇلىڭىزدا مەسىلە بار. «ئىزچىل زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن نېمە گەپ؟ ھۆكۈمەت دوكلاتىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئەگەر غەرب ھازىرقى زامان شېئىرىيەت تارىخىدىن ئازراقلا خەۋىرىڭىز بولسا، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ ئاتالمىش «زامانىۋىلىقنى» ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بايقايسىز. جۇڭگو شېئىرىيىتى بىلەن غەرب شېئىرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر بولسا ناھايىتى چوڭ تېما. ئۇ جۇڭگونىڭ يۈز يىللىق شېئىرىيەت تارىخىغا چېتىلىدۇ.  
ما: چەت ئەلدە تۇرۇپمۇ جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە دىققەت قىلامسىز؟ ئادەتتە قانداق ئۇسۇل ۋە يوللاردىن پايدىلىنىسىز؟ جۇڭگونىڭ ھازىرقى ياش بىر ئەۋلاد شائىرلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن سىز ۋەكىللىك قىلغان بىر ئەۋلاد شائىرلارنىڭ ئىجادىي يۈزلىنىش، ئېستېتىك قاراش ۋە قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالدىنقى ئەسىردە تېخى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، سىزنىڭ ۋە باشقا بىرقانچە گۇڭگا شېئىرچىلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇماسلىق ھەيران قالارلىق، ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. كېيىن ئاشۇ بىر تۈركۈم شائىرلاردا يۈز ئۆرۈش بولدى، «بېي داۋنى ئاغدۇرايلى!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارمۇ شۇ چاغدا پەيدا بولدى. لېكىن ھازىر شېئىر تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرىمىز. ھازىرقى شېئىر ئىجادىيىتىگە قانداق قارايسىز؟
بېي: بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا «بۈگۈن» ژۇرنىلىنى تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە «بۈگۈن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت ئىچىدىن كېلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، 90-يىللاردىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك جەرياندىكى شېئىرىي ئىجادىيەت ئەھۋالى بىلەن نىسبەتەن تونۇش دېسەممۇ بولىدۇ. لېكىن «بۈگۈن»نىڭ خاس ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشكە بەزى چەكلىمىلىكلەرنى تۇغدۇرمايمۇ قالمايدۇ. 90-يىللاردىكى شېئىرىيەتنى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھادىسە دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ سودىنىڭ زەربىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. سىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭ ياكى يول قويۇڭ، ھەممىسىدە ئاشۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. خۇددى چوڭ تورتقا ئوخشاش سوئاللارنى سوراۋاتىسىز، نەدىن باشلاپ يېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
ما: جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، تەيۋەن، شياڭگاڭ ۋە باشقا خەنزۇ تىلى رايونلىرىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەت ئەھۋالى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق، پەرقلەر ھەققىدىكى تەسىراتىڭىز قانداق؟ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان شائىرلار قايسىلار؟ مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە، خەنزۇ ئەدەبىياتى ساھەسىدە قايسى شېئىرىيەت ژۇرناللىرى دىققەت-نەزىرىڭىزگە ئەڭ سازاۋەر؟  
بېي: «مۇداپىئە لىنىيە»يىمنى تارايتىپ «ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم»ىڭىزغا تاقابىل تۇرمىسام بولمىغۇدەك. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام، مەيلى قايسىلا رايوندا بولمىسۇن مەن ياخشى كۆرىدىغان شائىرلار بەك ئاز. ئالايلى، تەيۋەندىن پەقەت شاڭ چىننىلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيمەن. ئۇ نەسرىي شېئىرلارنى تولىمۇ پاساھەت بىلەن يازىدۇ. خەنزۇ ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى شېئىرىيەت ژۇرناللىرىغا كەلسەك، ئەلۋەتتە «بۈگۈن»نى كۆرسىتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، رايون خاراكتېرلىك تەسىرگە ئىگە بەزى ژۇرناللارمۇ بار.
ما: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىن جۇڭگولۇقلار، بولۇپمۇ جۇڭگو ئەدىبلىرى زادىلا مېھرىنى ئۈزەلمەي كەلمەكتە. لېكىن بۇ مۇكاپاتنىڭ جۇڭگولۇقلار بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان بەزى مۇناسىۋەتلىرى بار. سىز نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن شائىر. سىز بۇ مۇكاپاتقا قانداق قارايسىز؟ مۇكاپاتنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ئەھمىيىتىنى چوڭ بىلەمسىز؟   
بېي: بۇ قىلچىلىكمۇ مەززىسى بولمىغان مەسىلە.  
ما: بىلىشىمچە، ياشلار شېئىرلىرىڭىزغا مۇنداق ئىككى خىل قاراشتا ئىكەن. بىرىنچى خىلدىكىلىرى، ئەسەرلىرىڭىزنى كلاسسىك ئەسەر دەرىجىسىگىچە ئاپىرىدىكەن. يېقىندا مەن «شېئىرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشى» ناملىق بىر پائالىيەتكە قاتناشتىم. ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ «جاۋاب» ناملىق شېئىرىڭىزنى ئۆزلىرى تاللاپ دېكلاماتسىيە قىلىشتى. يەنە بىر خىلدىكىلىرىنىڭ قارىشىچە، سىز ۋە سىزنىڭ ئاشۇ دوستلىرىڭىزنىڭ ئەسەرلىرى ئالاھىدە بىر دەۋرنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، شوئارۋازلىقنىڭ كۆلەڭگىسىدىن خالىي ئەمەس ئىكەن. بۇنداق قاراشلارغا قانداق باھا بېرىسىز؟ ئۆز ئەسەرلىرىڭىزنى يىغىنچاقلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بىر سۆھبەتلەشكۈچى بورخىستىن: ئەسەرلىرىڭىز كۆيدۈرۈلمەكچى بولسا، ئېلىپ قېلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئەسەرلىرىڭىز قايسىلار بولۇشى مۇمكىن، دەپ سوراپتىكەن. مېنىڭمۇ بۇ سوئالنى سىزگە قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ ئېلىپ قېلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئەسەرلىرىڭىز قايسىلار بولۇشى مۇمكىن؟ `
بېي: كېيىنكى بىر خىل قاراشنىڭ ئاساسى بار. «جاۋاب»تا  ھەقىقەتەنمۇ شوئارۋازلىقنىڭ كۆلەڭگىلىرى بار. ئۇ يەنە بىزنىڭ ئەينى چاغدا ئىنقىلاۋىلاشقان تىل ئادىتىدىن ئاداجۇدا بولالمىغانلىقىمىزغىمۇ چېتىلىدۇ. سىز سورىغان ئېلىپ قېلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئەسەرلىرىمگە كەلسەم، ئۇ بولسىمۇ تېخى يېزىلمىغان شېئىرلىرىمدۇر. ئېھتىمال بۇ ھەر بىر شائىر ئۈچۈن بىر چۈش بولسا كېرەك.   
ما: سىزنىڭ ئەدەبىي خاتىرە يېزىش ئىقتىدارىڭىز ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشمايدىغان كۆپلىگەن ئۇچۇرلارغا ئىگىسىز، يېزىقچىلىق تەقسىماتىڭىزدا شېئىر بىلەن نەسرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتىسىز؟ ئاساسلىق زېھنىڭىزنى نەسرىي ژانىرغا يۈزلەندۈرمەكچىمۇ؟ سىز بۇرۇن ناھايىتى ياخشى ھېكايىلەرنىمۇ يازغان. دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن شائىرلاردەك ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئويىڭىزمۇ بارمۇ؟  
بېي: ھېكايە يېزىش نىيىتىم يوق. نەسرنىمۇ باشتا جان بېقىش ئۈچۈن يازغان. كېيىن يېزىلىۋەردى، توختاپ قېلىشقا ئامال بولمىدى. ئىككى يىلدىن بېرى «مول ھوسۇل» ژۇرنىلى ئۈچۈن 20-ئەسىر مودېرنىزم شېئىرىيىتى ھەققىدە مەخسۇس ئىستون يېزىۋاتىمەن. ئۇ مېنىڭ كۆپ قىسىم زېھنىمنى يەپ كەتتى. ئىككى يىلدىن بۇيان شېئىرنى ئاز يازغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈممۇ ئالدىراپ تۇرۇۋاتىمەن.

ما: ئادەتتە ھەر كۈنلۈك يېزىقچىلىق پىلانىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟ بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزنى تەسۋىرلەپ بېرەلەمسىز؟ يېزىقچىلىق بىر كۈنلۈك ۋاقتىڭىزنىڭ قانچىلىك قىسمىنى ئىگىلەيدۇ؟
بېي: ئادەتتە، ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىمەن. سائەت بىرلەردە چۈشلۈك تامىقىمنى يەپ ئۇخلايمەن. چۈشتىن كېيىن دەرس تەييارلايمەن، ئىنگلىزچە ئۆگىنىمەن ياكى بولمىسا چېنىقىشقا بارىمەن. كەچتە بىرئاز  ئازادىرەك، خەت-چەك بىر تەرەپ قىلىمەن، سىنئالغۇ كۆرىمەن. بەزىدە زاكاز قىلىنغان يازمىلار ئالدىرىتىپ قالسا، ئەتىگەندىن-كەچكىچە ئولتۇرۇپ يېزىپ كېتىمەن. نورمال كۈنلەردىكى يېزىقچىلىق ۋاقتىم 4-5 سائەتتىن ئاشمايدۇ.   
ما: شېئىرنىڭ نۆۋەتتە دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى نەدە؟ بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئىچىدىكى شائىرلار ئىنتايىن مىسكىنلىشىپ كەتتى. نۇرغۇنلىرى باشقا ژانىرلارغا ئۆتۈپ كەتتى ھەم باشقا كەسىپلەرنى تاللىۋالدى. سىزنىڭچە شېئىر بەختنىڭ مەنبەسىمۇ ياكى بەختسىزلىكنىڭ؟
بېي: بۇ دۇنيانىڭ شائىرلارغا ياخشىلىق قىلىپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا مىسكىنلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، ئازابنى كۆتۈرەلمەيدىغانلارنىڭ بۇرۇنراق باشقا كەسىپ تېپىۋالغىنى ياخشى. ئەگەر «كاللامنى تېز ئايلاندۇرۇش» ئۇسۇلى بىلەن سىزگە جاۋاب بەرسەم، شېئىر  بەخت، شۇنداقلا بەختسىزلىكنىڭ مەنبەسى.   
ما: ھاياتنىڭ ئۇشبۇ باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، ئوتلۇق ئىنتىلىشلەر خىرەلىشىۋاتقان چېغىڭىزدا ئىجادىيىتىڭىزگە نېمە يۆلەنچۈك بولىدۇ؟ بېقىندىلىقمۇ ياكى ئېھتىياجمۇ؟ ۋە ياكى ياشاش كالامىمۇ؟ ھاياتلىقنىڭ تاماملىنىشى ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىپ بولمايدىغان مۇقەررەرلىك. بىزنى ئىبرەت قىلغۇدەك بىرنەرسە بىلەن تەمىنلىيەلەمسىز؟ ۋاقىت بىلەن تىركىشەمدۇق ياكى مەيلىگە قويۇۋېتەمدۇق؟ يېزىقچىلىقتا ئاساسلىق كۈچمادارىڭىز نەدىن كېلىدۇ؟   
بېي: يېزىقچىلىق ئەلۋەتتە ھاياتىي كۈچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. لېكىن ھەممىنى ئۇنداق سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بولمىسا، ئاز بولمىغان يازغۇچىلارنىڭ قېرىلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى ئىجادىيەت پەللىسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىمىز. ھاياتلىق ئىنتىلىشلىرىنىڭ كۆزى بولمايدۇ. ئۇنىڭدا ئەقىلنىڭ تەلىپى ۋە كونتروللۇقى كەم بولغان بولىدۇ. يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزى ۋاقىت بىلەن تىركەشكەنلىك. خۇددى سېنتەبىر ئېقىمىدىكى شائىرە چېن جىڭرۇڭنىڭ شېئىرلار توپلىمىنىڭ ماۋزۇسىدەك: «قېرىۋاتقىنى ۋاقىتتۇر». مانا بۇ شېئىرنىڭ پەخرى.

  


  

(خەنزۇچە «جۇڭگو شائىرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل 3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

<< تەڭرىتاغ >> ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1145
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 922
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:39:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە سەۋىيىڭىز  كشنى قايىل قىلىدۇ.ئەجىر مىۋىلىرىڭىزدىن دائىم بەھىرلىنىپ تۇرايلي،بەرىكەتلىك بولۇڭ،ئەيبۇ ئەپەندى!

پەقەت بىرلانەرسىگە ئىشىنىمەن_ئۇ بولسىمۇ چىن ئەقىدە!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:40:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                        ئاننا سىۋىر شىئېرلىرىدىن

                                                 (پولشا)


                                        ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى



ئاننا سىۋىر (Anna Swir 1909-1984) ۋارشاۋادىكى بىر رەسسام ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.ئالى مەكتەپتە ئوتتۇرا ئەسىردىكى پولشا ئەدەبىياتىنى ئۈگۈنگەن.دەسلەپكى شىئېرلىرىدا ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنىڭ ئىزنالىرى روشەن ھالدا ساقلانغان.شىئېرلىرىدىكى كۆپلىگەن ئىماگلار ئاساسلىقى داڭلىق رەسىم ۋە رەسىملەر توپلاملىرىدىن، ئوتتۇرا ئەسىرگە بولغان مەستانىلىقىدىن كەلگەن.

ئۇرۇش ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىجادىيىتىنىمۇ ئۆزگەرتتى. گېرمانىيە پولشانى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇ يەر ئاستىدىكى قارىشلىق كۆرسەتكۈچى گېزىتلەرنى ئەسەر بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. 1944-يىلىدىكى ۋارشاۋا قوزغىلىڭىدا ئۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ سېستىراسى بولۇپ ئىشلىدى.قولغا ئېلىنىپ،ئېتىلىشنىڭ ئالدىدا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قۇتقۇزۇۋېلىندى. ئۇ «ئۇرۇش مېنى باشقا بىرئادەم قىلىپ تاۋلاپ چىقتى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۆزۈمنىڭ ۋە دەۋىرداشلىرىمنىڭ تۇرمۇشى شىئېرلىرىمدا ئىپادىلەندى» دەيدۇ. 1974-يىلى ئۇ ئۇرۇش يىللىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن «كوچا ئىستىھكاملىرى» ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن ئىستىتىزىمدىن قول ئۈزۈپ رىئالىزىمغا، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، تەننىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋېرلەشكە ئۆتكەنلىكىنى جاكالايدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ئىچكى ھېس ـ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە تولىمۇ ماھىر بولۇپ، 60 ياشتىن كېيىن مۆجىزىدەك «شامال»، «مەن ئايال»،«ئىتنىڭ قۇيرۇقىدەك خوشاللىق»، «قۇياشتەك تولۇش» قاتارلىق كۆپلىگەن شىئېر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرىدۇ. «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن پولشالىق شائىر چېسلاۋ مىلوش ئۇنىڭ شىئېرلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ:«ئاننا سىۋېرنىڭ سەزگۈ ئەزالار تەسۋىرلەنگەن كەسكىن شىئېرلىرىدىن ئاز ئۇچىرايدىغان پاكىزلىقنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىكى تەن، ھەرقاچان روھ بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. روھ، تەندىن ھېچقاچاندا ئايرىلغان ئەمەس» دەپ باھا بېرىدۇ.





ئىككىنچى سۆيگۈ ناخشىسى



سۆيگۈ كېچىسى، بەئەينى

ۋېنىس بوۋاي ياسىغان

نەپىس چالغۇلاردا ئورۇندالغان

مۇزىكا كېچىلىكى.



بېجىرىملىك

پەرىشتىلەرنىڭ سوڭى.

زېرەكلىك

چۈمۈلە بارخىنى.

يارقىنلىق

ياڭراتقۇغا كىرگەن

ھاۋانىڭ ئۆزى.

تولغانلىق

شاھانا قەسىردىكى

قارا تەنلىك شاھ، ئەر ـ ئايالنىڭ

ھۆكۈمىرانلىقى.



شۇ كېچە سەن بىلەن بولۇش

ئىككى نۆۋەت تۇغ ـ ئەلەم قۇچقان

بىر قەپەس بەھەيۋەت ئۇرۇش.



سىقىلار دېمىم



سۆھبەت نە ھاجەت،

بولسا توۋلاشقا نەپەس.

مېڭىش نە ھاجەت،

يۈگرۈشكە بولسا ئىمكان.

ياشاش نە ھاجەت،

كۆيسەك ياندۇرۇپ گۈلخان.



يۈگرىگەنچە توۋلايمەن خوشال،

ئۈمىدسىزلىك ئىچرە يۈگرەيمەن ۋە ھەم.

سىقىلار دېمىم

كېرىلمەكتە ئىچىمدە ئۆپكەم.



ئاڭلىغانمەن،

كۈچلۈك ھاياجاننى تەنگە داۋا دەپ...



ئون پۇتۇم بار



يۈگۈرگىنىمدە،

پۇتۇم بىلەن كۈلىمەن.



يۈگۈرگىنىمدە

دۇنيانى پۇتۇم بىلەن غەرىق قىلىمەن.



يۈگۈرگىنىمدە،

ئون پۇتۇم بار.

ھەممە پۇتلىرىم

تىنماي ۋاقىرار.



پەقەت يۈگۈرگەن چاغدىلا،

مەۋجۇتمەن ئەسلى.



يېتىم بالا



يىرتقۇچسەن،

تۈندە كېلىپ ئىزدىگىنىڭدە.

ئايال پەقەت تۈننىڭ قوينىدا

يىرتقۇچلارغا «ماقۇل،مەيلى دەر.»

بەلكىم قويسەن مۇلايىم

ۋە يا غالجىر ئىت

پەرىق ئەتمەك مۈشكۈل كېچىدە...



سەن پەرۋاسىز بولغاچقا يىرتقۇچ

پىچىرلىسام شىرىن ئاھاڭدا.

ئەلەم بىلەن ۋاقىرىغىنىمنى

بىلەلمەيسەن ئۇشبۇ زاماندا.



لېكىن ئەشۇ بەدبەشرە تېنىڭ،

چۈشىنىشكە قادىردۇر مېنى.

ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش چېكىدۇ ئازاپ.

كەتسەڭ خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا،

يىرىك تۈكلەر كۆڭۈل ئارامى.



قۇچاقلىشىپ كەتتۇق ئۇيقىغا

بىز يىتىم،

گويا ئىككى ئىتنىڭ كۈچۈكى...



قىزىم



ياسىدىم بىر ئوي،

تاپتىم بىر ئەرنى،

خىزمەتلىرىم داۋامدۇر شۇنداق،

ئاندىن، ئارامغىمۇ چىقىمەن ئاخىر،

قىزىم قىلار ئىشنىڭ ئاخىرىنى.



ئۇمۇ ئوي ياسايدۇ،

تاپىدۇ بىر ئەر،

داۋام قىلار ھايات يىلسىرى.



قىزغا ھاياتلىق بەرمەك،

ئۇنى ھۆكۈم قىلدۇق قاماققا دىمەك...



غېرىپلىق



غېرىپلىق...

غېرىپلىقنىڭ مەرۋايىتى

بارغانچە بارار يوغاناپ

مەن تۇرىمەن ئۇنىڭ ئىچىدە.

ئۆسمەكتىمەن زورىيىپ،

كېڭىيىۋاتقان قارا كېچىدە.



سۈكۈت ــ ئاۋازنىڭ بېشى،

تىمتاسلىق بولسا ھەركەتنىڭ ئانىسى...



غېرىپمەن،

ھېچنىمە ئەمەسلىكىم ئۈچۈن.

بەخت نىمىدۇر؟

ئەمەسمەن ھېچنەرسە،

چۈنكى ھەممە نەرسە بولغىنىم ئۈچۈن.

ماھىيەتتىن مەھرۇم مەۋجۇتلۇق

مەۋجۇتلۇقتىن مەھرۇم ماھىيەت

ئۇ تامام ئەركىنلىك...



پاكمەن،

مەۋجۇت ئەمەس نەرسىدەك

ساقمەن،

ئەپلاتۇننىڭ پىكىرلىرىدەك

مولمەن،

مۈمكىنچىلىكتەك.

كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزىتىمەن قول

مىڭلاپ پارلاق ئىستىقباللارغا.

كىچىككىنە شادلىق ئۈچۈنمۇ

ئۆزگۈرىمەن مازغاپلارغا.

مىدوزىغا ئوزگۈرىمەن گاھ

ئۇنىڭ ھەممە ئۇزلۇقىنى دەپ.

قۇش سىياققا كىرىمەن يەنە

كۆكتە ئەركىن پەرۋازلارنى يەپ.

تاش بولىمەن ھەم يەنە ئوبدان،

ئەبەدىيلىك قىينىدى ھەجەپ...



غېرىپمەن، كۈچلۈكمەن

چۈنكى غېرىپلىقىم قوغدايدۇ مېنى.

غېرىپمەن،

غېرىپ ئەمەسلىك ئۈچۈن.

مەن غېرىپ ئەمەس،

چۈنكى، مەۋجۇتتۇرمەن تامام مەن پۈتۈن.

كەم ـ كۈتىسىز شۇنداق مۇكەممەل،

مول ۋە شۇنداق ھەممە نەرسە تەل.



ئاندىن كېلەر ھەممە ئالدىمغا

بېرىشەر

تېرە، كۆز،جىنس، ئىسىملارنى.

ھەمدە يەنە ئىنساننىيەتنىڭ

كەلگۈسى ۋە ئۆتمۈشلىرىنى...



ئىشىق ئايرار سۆيگىنىڭدىن



ئۆچلۈك قىلىسەن،

سۆيۈش بېرىپ تۇرۇپمۇ ماڭا.

سۆيۈشۈڭگە ئېرىشىپ تۇرۇپ

مەن ئاسىيلىق قىلىمەن ساڭا.

تومۇر قىلىپ بەرگەنتىڭ ئۇنى،

تېنىمدا ئۇ

دەريا كەبى ئاقماقتا مانا.



شۇ دەريا مېنى باشلار

مەڭگۈ يېتىپ بارالماس يەرگە.

مەڭگۈ ھېس قىلالماس

مەڭگۈ چۈشىنەلمەس

ساماۋى بىھىشكە.



ناتونۇش ۋە ئۆچەكىسەكمۇ

ئوخشىمىغان تىللارداراۋان،

كۈيلىمەكتىمىز ئىشىق كۈيىنى.

تېنىڭ ئىشىق،

تېنىم قورال،

سەندىن ئېشىپ بارىدۇ ھامان،

قورالىمنىڭ ئىگىزلىكى...



غەرىق بولمايمەن جىسمىڭغا،

تەنلىرىمدە بولغىن سەن غەرق.

كۇلۇپ تۇرغان مېنىڭ ئۆزلىكىم

قورالدۇر،

ھەم جىسمىمنىڭ يارقىن بېزىكى،

ئۇ يەنە قۇتقۇزۇش چەمبىرىكىدۇر

لۆمشۈپ ئاققان بىپايان ئېقىندىكى...



تېرە ئايرىپ تۇرار ئىككى يۈرەكنى،

سۆيگۈ  ئايرار سۆيگەن كىشىنى.

ئېھ گۈزەل تۈننىڭ ناخشىسى

كېچىدىكى ئۇرۇشنىڭ كۈيى.



ئۇلار يۇغۇرلۇپ كەتتى



تېنىمىزنى باشقۇرماق كېرەك،

بولمىسا ئۇلار كېچىدە

پارچىلىنىپ، يۇغۇرلۇپ كېتەر.

ئۇخلاپ قالغان تەننى،

كۈزەتمەك كېرەك.

ئۇنىڭ چۈشلىرىنى يۇلۇش كېرەك.

ئوتتۇرا ئەسىردىكى،

گۇناھكارلارنىڭ كۆزلىرىنى ئويغاندەك

ئويۇش كېرەك.



ياكى

ئۆلتۈرەيلى تەنلىرىمىزنى.

ھاياتلىقنىڭ نىزامى

چەك قويمىغان ئۆلتۈرۈشكە رەقىبنى...



خەنزۇچە «تەرجىمىلەر»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:42:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻣﺎﯕﺎﻳﻠﻰ


ﺑﯧﻲ ﺩﺍﯞ


ﻣﺎﯕﺎﻳﻠﻰ،
ﻏﺎﺯﺍﯕﻼﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﺪﻯ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺟﯩﻠﻐﯩﻐﺎ،
ﻧﺎﺧﺸﯩﻤﯩﺰ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﺗﺎﭘﻤﯩﺪﻯ ﭘﺎﻧﺎﻫ.
ﻣﺎﯕﺎﻳﻠﻰ،
ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﺩﯨﻦ ﯰﺭﻏﯩﺪﻯ ﺗﺎﺷﺘﻰ،
ﻣﯘﺯ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﯪﻱ ﻧﯘﺭﻯ.
ﻣﺎﯕﺎﻳﻠﻰ،
ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻛﯜﺯﯨﺘﻪﺭ ﺑﯩﺮﻻ ﯪﺳﻤﺎﻧﻨﻰ،
ﻳﯜﺭﻩﻙ ﭼﻪﻛﻤﻪﻛﺘﻪ ﮔﯜﮔﯜﻣﺮﻩﯓ ﺩﺍﭘﻨﻰ.
ﻣﺎﯕﺎﻳﻠﻰ،
ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﯩﺪﯗﻕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ،
ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﻠﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯚﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ.
ﻣﺎﯕﺎﻳﻠﻰ ﺋﯧﻬ ، ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ
ﯰﭼﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﯬﭘﻴﯘﻧﮕﯜﻟﻠﯩﺮﻯ.




ﯪ.ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ





شائېر نىمە دەيدۇ

بىي داۋ بىلەن سوھبەت

05300000338583127924258279523.jpg




تەرجىمە قىلغۇچى :ئەنۋەر جۇلا


1.jpg


"بىي داۋ ئەسەرلىرى "ئىلىكتىرونلۇق كىتاۋىدىن ئىلىنغان بۇ سۇرەتلىك ھوججەت ئىنىقلىغى توۋەن بولۇپ قالغۇدەك .ۋورد ھوججىتىنى ئەتە سەھەردە يوللاپ قوياي .تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 01:08  


كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                             پائۇل مۇلدون شىئېرلىرىدىن

                                 ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

                            1322021837766-2012124233039716.jpg

پائۇل مۇلدون ــ ئېرلاندىيە شائىرى. ئۇ 1951-يىلى شىمالى ئېرلاندىيەنىڭ ئارماگ دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. بېلفاست ئايال پادىشاھ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقىغان.مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگىلىيە رادىيۇ شىركىتىدە فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1987-يىلى ئامىرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ،پرىنېستۇن ئۇنۋېرسىتىتىدا فىلىلوگىيە پەنلىرى پىراففىسسورى بولغان.1999-2004-يىلىغىچە ئەنگىلىيە ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ 42-نۆۋەتلىك شىئېرىيەت پىراففىسسورىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ھازىرغىچە «يېڭى كەيپىيات»،«خېچىر»،«برۇۋىن نىمە ئۈچۈن ئايرىلدى»،«ئىمراما»، «ئەنگىلىيەلىكنى ئۇچىرىتىش»،«مادۇك ــ بىر سىر»،«چىلى يىلنامىسى»،«چۈچۈك بۇيا»،« شىئېر ــ شامالسىز بەلباغ» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر توپلىمى نەشر قىلىنغان. 2003-يىلى پرس شىئېرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ھازىرغىچە ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئەدەبىيات جەمىئىيىتىنىڭ مۇكاپاتىغا، ئامىرىكا فىلىلوگىيە ۋە پەن ـ تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا،1994-يىلى ئېلىئۇت شىئېرىيەت مۇكاپاتىغا، 1997-يىلى ئېرلاندىيە تېمس شىئېرىيەت مۇكاپاتىغا، 2003-يىلى كانادا گېرفىن خەلقئارا شىئېرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سۈت چۆپ ۋە قارا تىزمىلىق ئالا كېپىنەك


ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە تىزلانغاندا ئۇ

قالىدۇ ئايرىيالماي ــ

قارىكۆز بەدىيان ياكى ئەمەن ھىدىنى


تۇنجۇقماقچىدەك ھازىرلا

توشۇقتۇر ئېغىزى ئۇنىڭ

ھەسرەت ئۇنى قامچىلار نىچۈن

ئەمەستۇر زىنھار مەرھۇملار ئۈچۈن


قۇندۇز مويلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئايالنى دەپ

ئۇ يۈرەر

پورتلاندتا، مېئانې شىتاتىدا ياكى ئورېگوندا

بىلەلمەي قالىدۇ نەدىلىكىنى


نەپىس نەرسىلەرنى سورار ئۇ نىچۈن

تۇزغا چىلانغان تەرخەمىكى يا ئۇنىڭ تەمى

بارمۇ ئۇ تىزلانغاندا قەبرە ئالدىدا


يۈگۈرتۈپ ئۇ ئەتىراپىغا كۆز

ئەسكە ئالار غەيۋەتلەرىنى

قالىدۇ ھەم ئايرىيالماي ــ

زىمىن ۋە كۆكنىڭ قارايغىنىنى


قارا تىزمىلىق ئالا كېپىنەك ئۆلسە

سۈت چۆپلەرنىڭ تەشنالىقىدا

ئۇنىڭ قانىتنىڭ كېرىلىشى

قالارمۇ ئەسلىتىپ ئاتا ـ ئانىسىنى


دەھشەتلىك بورانلار زەرب بىلەن

ئۇرۇلار ئېرلاندىيەدىكى مۇخېر قىياسىغا

شۇندىن كېيىن

بىر بىرىنى قىلىشتى ئىجاد

سۈت چۆپ بىلەن قارا تىزمىلىق ئالا كېپىنەك


يۈگۈرتەر ئۇ ئەتىراپىغا كۆز

رۇسچە چايداندا كۈپەر چېيى

تىزلانغىنىدا مەرھۇملار قەبرىسىنىڭ ئالدىدا

قالدى ئۇنتۇپ ئانىسىنىڭ ئىسمىنى

قالدى ئۇ ئايرىيالماي ھەم بۇنى


     يېشىل پاقا


شېغىللىقتىكى كىچىككىنە

ئۆزگۈرۈش

كەلدى ئۇنىڭ كاللىسىغا.

ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۆلتۈرمەكتە

شەيتىنىمنىڭ ئىچىدىكى كۆپۈكلەرنى.

ئىسكىنە ۋە بولقامنى تاشلاپ بىر چەتكە

ئۇنى باشلاپ كەلدىم گۈرجەك ئۈستىگە.


ئېرلاندىيەنىڭ ھەممە ئادىمى

تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقتى

31-ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈللۈكىدىكى

كۆلچەكتە كېچىچە گۈزەتچىلىك قىلىۋاتقان

پاقىنىڭ ئۈستىگە

ئىككى بوتۇلكا بىرلەشمە قانۇن لاھىيەسىدىن كېيىن

ئۇ يەردە قالغىنى مۇزدەك شاراپتۇر


بۇ ھېكايىگە

يوشۇرۇنغاندۇر كىنايە.

دەۋرىمىزنىڭ كىنايىسى.

مەگەر قاچىلىسام ئۇنى كاللامغا

ھەم ئۇنى تېنىدىن سىقىپ چىقارسام

ساپ ئاپسىلىن شەرۋىتىدەك

يا بىر پارچە لىمۇن مەلھىمىدەك.


ئاناناس بىلەن ئانار


ئەسلىدىم ئون ئۈچ ياشلىق بالا چېغىمنى

تۇنجى ئانانىسىم بىلەن ئېلىشقىنىمنى

ئۇنىڭ يالاڭئاچ تېنى

ئايلانغان ئىدى ئىرادەمنىڭ

يەنە بىر سىنىقىغا

تەھقىقلەيمەن تۇيغۇمدا

ئۇ ئۆزىگە ئەمەس، باشقا نەرسىگە ۋەكىل دەپ

ئۇنىڭ سېخىلىق بەرگەن دۇنياۋى سىمۋۇل ئىكەنلىكىنى

تامامەن ھېس قىلالمىدىم

بېرىش ــ توغرىمۇ؟ قورال ئەمەس،

نەدىن كەلگىنىمنى بىلگەن بولسىڭىز.

مۇشۇ ئېچىلغان ئالقانغا ئوخشاش

بىر گىراناتنىڭ بۇ شارنىڭ مەلۇم بۇرجىكىدە

تاماملانغانلىقىنى.

ئېيتىۋاتقىنىم ئاناناس ــ توغرىمۇ؟

ئەمەستۇر ئانار...


قەسەم، قەسەم


ياتىمەن راھەتتە

شىمالى كالورىنا شىتاتىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى

قەدىمى تاماكا ساتمىسىنىڭ ئىچىدە.

سۇمرۇغ باشلىق قۇش

كورنۇس دەرىخلىرىنىڭ ئىچىدە

تۇرىدۇ سايراپ

نەشىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئىزھار ئەيلەپ.

ئۆتەر ئۇنىڭ كۈيى باش ئۈستۈمدىن.

چۆپلۈكتىمۇ بولار ئىكەن شۇنداق شان ـ شەرەپ

مەندۇرمەن بەختنىڭ نامايەندىسى.

لېكىن يوقاتتىم تامام

پاكار تاغلارنى، چەكسىز بوشلۇقنى

يايلاقتىن توپ ـ توپ بولۇپ كېلىۋاتقان

قات ـ قات دولقۇنلارنى

ئۇلار باسالمايدۇ يالاڭئاچ ئوشۇقۇمنى

ئۆلۈۋاتقان بارلىق نەرسىلەر ئۆتۈپ كېتەر ماڭا سۈركۈشۈپ.


لورلى بىلەن ئاتلانتىك ئوكىياننىڭ قىرغىقىدا

يۇرىمەن قاشا قاشالاپ

ئايلاندۇرغانچە كىچىككىنە ماكانىمىزنى

بېرەيلى ئۇنىڭغا تاۋاپچىنىڭ بوينىدىكى قۇلۈلە قېپىنى

ئىخلاسمەن ھاسىنى

شادىمان بوقچىنى، كۆكەرمەس بولكىنى

سەكسەن نەچچە ئادەم بىز

لورلى مۈرىمىزگە دەسسەپ تۇرۇپ ئاچار يەلكەننى

كۆپ يىللاردىن كېيىن كېلەر ئۇ قايتىپ

تەئەجۈپتە ئۇ

بىزنى قەيەردە ، نە ئۈچۈن

تامام غايىپ بولدى دەپ

كۈتمىگەندە ھەر جايدا كۆرۈنىمىز

ئۇنىڭ چاچلىرىدىكى بىر سېرىق چاچتەك

ئىندىيان قىزنىڭ نەزىرىدىكى كۆك رەڭدەك


ياتىمەن راھەتتە

شىمالى كالورىنا شىتاتىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى

قەدىمى تاماكا ساتمىسىنىڭ ئىچىدە.

تەرەپپال بىركىم ۋە بىر نەرسە، ئىللىق، يالاڭئاچ

سۆئەكلىرىمدە يۈرەر يۆتكىلىپ

پۇتىنىڭ ئۇچىدا

ئۇپۇقلاردىن سالىدۇ نەزەر

زىمىننى كېسىپ، ئوكىياندىن ھالقىپ.

بىر سۇمرۇغ باشلىق قۇش سېرىس دەرىخلىرىنىڭ ئىچىدە

تۇرىدۇ سايراپ

زىلۋا ۋە تارتىنچاق سۆيگۈ

بۆلەك ـ بۆلەك پەلەمپەي

تۇتىشار ئۇنىڭ بېسۋۇتتىكى ئۆيىگە

بوينىدىكى مىرابېل ئالۇچىسىدەك سەپكۈننى

سۆيۈپ ئايرىلغاندا سۆيگەن ئىدىم مەن


برۇۋىن نىمە ئۈچۈن ئايرىلدى


برۇۋىن نىمە ئۈچۈن ئايرىلدى

نەگە كەتتى ئۇ

سىر تېخى بۇ ھازىرمۇ


چۈنكى

بىركىمنى رازى بولدى دىسەك

پەقەتلا برۇۋىندۇر

باردۇر ئۇنىڭ

ئىككى گېكتار بۇغدايلىقى،

بىر گېكتار ياڭيۇسى

تۆت غونان بۇقىسى

بىر سىيىرى، بىر تاش ئۆيى

ئۇنىڭ يەر ئاغدۇرىۋاتقىنىنى

ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگەنكەن بىرى

مارتنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى،بىر سەھىرى...


بىرۇۋىننىڭ نامى چۈشتە چىقتى؛

كىشىلەر كۆردى تاشلىۋېتىلگەن ھەممە نەرسىنى

ئاخىرقى سايمان تېخى يېشىلمىگەن ئىدى

ئىككى قارا ئېتى

ئوخشايتتى بىر جۈپ ئەر ـ ئايالغا

ئاياقلىرىنى يۆتكەپ كۆتۈرەر ئىدى ئېغىر نەرسىنى

تىكىلگەنچە كەلگۈسىگە



ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى


دەسلىپىدە ئىككى ئەسكەر ئىدى

ئارقىدىن ئىككىسى ئەگەشتى

مۈرىسىگە ئارتقىنىچە چىۋىق سېۋەتنى.


بەلكىم ئوۋغا ماڭغان ماڭغان چېغى بار.

مىلاد بايرىمى قالغاچ يېقىنلاپ

يەڭگىلگىنە قەدەم بىلەن باراتتى ئۇلار.

نىمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمىگەندەكلا

توختىسا بىرى، توختار ئىدى ھەممە بىراقلا.


يالقۇن ئۆرلىمەكتە.

بىركىم مۇزنىڭ ئۈستىدىلا

ئېچىۋەتتى ئۇلارنىڭ قېلىن تونىنى.

پولشانىڭ ۋوتكىسى، بولكا ۋە يىمىش

پەيدا بولۇپ تۇيۇقسىز ئايلىنار ئىدى.


گېرمانىيەنىڭ بىر قەدىمى كۈيى

يالغۇز كىشىلىك قارتىنىڭ نىزامى

سەلدىن كېيىن ئۇلار بەھىرمەن بولىدىغان

مەخپىيەت ئىدى.

ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى تاماكىنى تۇتاشتۇردى


ھەپتە ئاخىردىكى مەشۇقلار

ھەممە ئىش تاماملانغاندا

قوپقىنىچە كارۋاتتىن

بىر ـ بىرىنى تەبرىكلىشىپ

ئىسىم ۋە ئادرىسلىرىنى ئالماشتۇرغاندەك.


دەرەخلىكتىكى يول


ئاخىرقى نۇقتىغا كەلسەكمۇ يېتىپ

ئۇۋاقلارنى تېخى بولمىدىم يىغىپ

ئارىلىق تۇرار ئىدى ھەممىدىن روشەن.

ئۇ ئاجىز نۇردىن باشلانغان ئىدى

سەھەر قۇشلار ئاۋازىنى ئۆتكەندە كېسىپ

تاڭ ئاتار سورۇنلار تۈگىگەندىن كېيىن

تاغ قۇشلىرى، پاختەك، تۇرۇلغىلارغا ئەگىشىپ

كالتەكتىن بىرنى بېرەيلى قۇلۈلىگە

قول تۇتۇشۇپ تۇرماقتىمىز

دۇنيا يىقىلماقتا ئالدىمىزدىلا.


شامال ۋە دەرەخ


ئورمانلىقلاردا

چىققىنىدەك ھەممە شاماللار

دۇنيانىڭ كۆپ قىسىمى

ئۆزىنىلا قىلىدۇ مەركەز.


شاماللار قۇغلانغان يەردە

دەرەخلەرمۇ بىرگىدۇر، بىرگە

بىر دەرەخ

يەنە بىر دەرەخنى تارتىپ قۇچاقلار


ئۇلارنىڭ ئېغىر ياپراقلىرى

چىرمىشىدۇ ئەسەبىيلەرچە

ئۇ ئەمەستۇر يالقۇن

سۇندۇرماقتا بىرسى بىرسىنى.


ئويلايمەن دائىم

يالغۇز دەرەخ بولۇپ قالسام دەپ

بارمىسام پەقەت ھېچ يەرگە


ئىككى قولۇم سۇندۇرمىسىمۇ بىر بىرىنى

رۇخسىتىم بىلەن سۇندىرىدۇ سۆڭەكنى

ئايرىيالايمەن ساپ ھاۋانى.


ئالتۇن بېلىق ھەققىدە ئوي


ھاۋانىڭ قاپقىقىنى

قايتۇرايلى سۇنىڭ مەيىن دولقۇنىغا

ئالتۇن بېلىقنى ئويلاپ


مېنىڭ ئاخىرقى ئەڭ ئېسىل تۇرقۇم

سىلكىنىپ تۇرار سۇلاۋ خالتىدا

ئۇ قالار ئوخشاپ قەلبنىڭ ئالماشقىنىغا


سېتىۋالغاچقا قۇچاقلايسەن.

سوغۇق ئۇ،

ئىلاجىسىزمەن سوغۇق بولغاچقا.


پەقەت، قەرەلىدە بولغاندا ھالاك

كونا ئۆينىڭ ئۆگىزىسىدە تۇرۇپ

نەپەس ئالار بېشىنى ئۇرۇپ


بۇلۇتلار ئارىسى.

قۇلۇپلايمەن ئىشىكنى

قولۇڭ بىلەن ۋەدەڭنى تارتىپ

ساڭا ئەگىشىپ.

خوشالمەن

قانۇن يول قويسا مەن مەڭگۈ

بېشىمدىكى چىراق بىلەن

مەگەردە ئۇ پەقەت يېنىمدىن كەتسىمۇ ئۆتۈپ


ئەينەك

ــ دادامنى خاتىرلەيمەن


1

ئۇ ھازىر دادام ئەمەس،

مەن يەنىلا ئۇنىڭ بالىسى؛

مۇزدەك بۇ پارادوكس بىلەن ئېلىشماقتىمەن

كېپەنلىنەر ئىككىنچى كۈنى

يىراقتا ئۇنىڭ چىرايلىق كىيىمىنى كىيگەن بىر كىشى.


كاتتا بىر كۈندە

ياشلار قۇيۇلماقتا شېررى ھارىقىنىڭ رومكىسىغا

ۋېسكى، ساندۋېچ،چاي

ئۇنىڭ بىر بۇرادىرى تۇرىدۇ سۆزلەپ

30-يىللاردىكى

يىئېرغا ماڭغان قىسقا سەپەرنى.

40-يىللاردا قانداق قىلىپ

كۆكجۈن بىلەن بېرلىن سەپىرىدە

ھەمراھ بولۇشقىنىنى.

ياتاق ئۆيدىكى تاممەش ئۈستىدە

مىسسا كارتىسى تۇرىدۇ قىيپاش

ھىلال ئاي تۇرار ئوراپ ئەينەك لوڭقىنى

شىركەتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئارام سوۋغىسى.


2


ئىككى كۈندىن كېيىن ھېس قىلدىم

ئۇنىڭ تىنىقىنىڭ ئەينەكتە قالغىنىنى.


ۋېكتورىيە دەۋرىدىكى غايەت بۇ ئەينەك

ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەندۇر رامكىسىغا

بىز كۆچۈپ كىرگەندە بۇ ئۆيگە

ئېسىقلىق تۇرار ئىكەن ئۇ تامدا.


قورقاتتىم ئۇنىڭ تامدىن سېرىلىپ چۈشۈشىنى

تۈن نىسپىدە ھەم مېنى

ھاپ قىلىپلا يۈتۈۋېتىشىنى.


ئۆينى زىننەتلەۋېتىپ دادام

ھېچكىمنى ياردەمگە چاقىرماي

ئالغان ئىدى ئەينەكنى

ناھايتى تېزلا ئۇ

قىزىل ساپال توپىنىڭ رەڭگىگە ئۆزگەردى

شۇ كېچىسى، ئۇنىڭ يۈرىكى بولدى سەكپارە.


3



قىلغىلى ھېچ ئىش يوق

تۇتۇنماق كېرەك خىزمەتكە

قەغەز چاپلاپ ئاراشلارغا

ھاكلاپ ئىگىز دېرىزىلەرنى

ئامبارنىڭ ئىشىكلىرىنى چۇۋۇپ

تۇتقىنىمدا ئەينەكنى

كەتتىم چۆچۈپ.

دادام ئەينەكتە نەپەس ئېلىۋاتقاندەك

ئاڭلىدىم ئۇنىڭ مۇلايىم، پەس ئاۋازىنى:

قېنى، ساڭا ياردەمچى بولاي، ــ دىگەن سۆزىنى.


ئەينەكنى ياندۇرۇپ چىقىپ

ئەسلىدىكى تاممەشنىڭ ئۈستىگە قويدۇق

دادام تەمكىنگىنە كۆتۈرۈپ تۇراتتى ئۇنى

ئىككى تال مىقنى تېپىپ

مىقلاپ قويدۇم تامغا ئەينەكنى...


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 00:53:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاننىي كارسۇن شىئېرلىرى



ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى



دىن تەرقاتقۇچىلار بازىرى



سەن ئۆلگەندىن كېيىن

شامال چىقار كۈندە تىنىمسىز.

ھەر بىر كۈن

بىزنى تامدەك توسايدۇ ئۈنسىز.

ئالا _ تاغىل ئۈنلەردە توۋلاپ،

بارماقتىمىز تاشيول ياقىلاپ.

سەزمەكتىمىز، يوقتۇر ھېچ ئامال

ئارلىقىمىز كەتتى يىراقلاپ.

قۇرۇق بولسىمۇ ئارلىقلار بۇندا

تامدەك مەزمۇت تۇرىدۇ چاقناپ.

قارا ۋە ھەم مۇزدەك قايغۇلار

كەمپىر چىشلىرىنىڭ ئاراچلىرى ئۇ

بىزنى ھەر چاغ تۇرار ئازاپلاپ.

سەن تونۇيسەن يىل _ يىللار بۇرۇن،

گۈلدەك لېۋەن چېغىدىن ئۇنى.

ئۇ بىر ئوت، خۇددى يالقۇندەك

كۆيەر ئىدى ھەم يانار ئىدى...



تەلەي بازىرى



ئانىسىغا نان ئالغىلى چىققان بولسىمۇ

ئازگالدىن بىرنى كولاپ

كۆمەيلى ئۇنىڭ بالىسىنى.

بىر ئەر قېزىۋالار ئۇ يەردىن ئالتۇن

ھامان بىر كۈنى.



ھالاكەت بازىرى



ئۇشبۇ كۈنى

بولسۇن مەيلى قايسى دەم

توختىتىمەن بازاردىكى شاۋقۇننى بىردەم...



مەن ئاڭلىغان بىر بازار



"يوق يەرنىڭ مەركىزى"

سوراي ئۇنى،

قەيەر __ دەپ؟

تىمتاس ۋە گۈزەلدۇر ئۇ يەر

بىر توشقان

سەكرەپ _ سەكرەپ باغرىدىن ئۆتەر.

يوقتۇر ھېچنىمە

مەشنىڭ ئۈستىدە...



يەنە باھار بازىرى



"ئوخشاشقىنا يەنە شۇ باھار"

سۆزلەپ ئولتۇرار جۇڭگولۇق بوۋاي.

دېرىزىدىن تامچىلاپ يامغۇر،

يەتكۈزەر بىزگە

يىراق ئارلىقتىكى بىر تەشنالىقنى...



جىنايەتلىك ئۆلۈم بازىرى



جىنايەت نىمە؟

سورىدىڭ مەندىن.

كۆرگەنتىم تۇيۇقسىز سېنىڭ

كەتكىنىڭنى گۇناھنى يۇيۇپ.

ئايدىن كېيىن چاقنىغان كەبى

تۈندە شامال ئورمانلىقتىكى...



قۇملۇق بازىرى



ئەۋلىيا

قايتىپ كەلگەندە قۇملۇق ئىچىدىن،

مۇرتلىرى تۇرار تىزىلىپ

قۇشقاچلاردەك يىپنىڭ ئۈستىدە.

ئۈمىد ئۈزگەن ھەتتا بەزىسى

تۇرىدۇ ئۇ

مۇرتلىرىغا مەيۈس باققانچە.

قۇملۇقتا

يۈرىكىنى كاۋاپ ئەتسىمۇ

ئۇنى ئەسكەرتمىگەن ھېچبىر كۆلەڭگە.

باشپاناھى ئۇ بۇندا ھەممىنىڭ

نەقەدەر چوڭ بەدەلدۇر ئاڭا

قۇچىقىدا ئۆلدى بىر بالا.

شۇندىن باشلاپ ئۇ

بۆلىۋېتىپ دۇنيانى تامام،

غەزىپىنى ئۆرلەتتى كۆككە.

سۆڭەكلەر قانغا ئايلاندى پۈتۈن،

كەلگۈسىنى ئۇ ئەمدى كۆرمەكتە.

كۈتمەكتە ئۇ يوقتۇر ھېېچنىمە

كۈتمەكتە ئۇ پەقەت كۈتمەكتە...



ئۇخلاۋاتقان بازار



چاقمىقى بار يىراقتا ئۇنىڭ

ئاۋازىدا باردۇر يەنە قان.

ئۇرۇلغاندا زىمىنغا، شۇ چاغ

ئېرىپ كېتەر بۇندىكى بىر جان.

چېقىلسا ئۇ يېنىپ، چاراقلاپ

چىڭقىلىدۇ ھاۋا دەممۇ – دەم.

گۈللۈكلەرنىڭ چېتىدىن يەنە،

ئوخچۈپ چىقار غەۋۋاسلارمۇ ھەم.

قان تومۇرى كۆپەر جانلىقنىڭ

بىر ئۈمىدنى كۆرۈش ئالدىدا،

بىزمۇ جاننى قىلىمىز پىدا.

غايەت قۇملۇقلار

ھەسرەتلىكتۇر دوزاقتەك گويا.

بىر جانلىقنىڭ يۈرىكى شۇ تاپ

سانچىلغاندۇر ئۇنىڭ باغرىغا.



پۇشكىن بازىرى



ئۆتمۈشنىڭ كەلگۈسىدە تۇرسام مەن ياشاپ،

پەرىشتە يوللىدا ئاقار تىنىق سۇ.

بار ئاندا قائىدە ھەمدە مۇھەببەت،

تۇيۇقسىز تەۋەككۈل قىلىنغان ئىشىق،

تۇنجى قائىدىدۇر ئەبەتكە _ ئەبەد.

سۆزلىرىڭ رۇدىدۇر بەلكىم ئۇندىكى

كۈلدۇر ھەم كۆزىمىز بىزنىڭ بۇندىكى...



تەڭرى سۆيگۈسىگە نائىل بازار



بىر خاتاغا يول قويدۇم ئاخىر

ئۇشبۇ دەمنىڭ ئالدىنقى كۈنى.

تەخلەپ قويدۇم سومكامنى ھازىر،

سەپەر ئۈچۈن، ھەمدە ۋە يەنە

پىشۇرغانچە ئىككى تۇخۇمنى.

نىمە بولسۇن كۆزۈم ئورنىدا؟

لەيلەتكەنچە يۇمران شاخلارنى،

سۇلار ئاقار ئەگىم ۋە ئەگىم.

شىلدىر شىلدىر ئاۋازلارنى ھەم

كېلەر ساڭا ئاڭلىسۇن دىگۈم...



خاتا مەسىلە بازىرى



قانداق قىلىپ

قوپۇرۇلغاندۇ تام؟

نىمىدۇرمەن ئۆزۈم بۇ يەردە؟

چىغرىق بىلەن تېرە قاچاندىن

تاختا ئۈستىدە ئايلىنار تەتۈر؟

ئادەملەرنى ئازاپلاپ ئۇلار

يەركىن يەنە قانداق رەڭلىك نۇر؟



ئاپتور ھەققىدە:

ئاننىي كارسۇن 1950-يىلى تۇغۇلغان، كانادانىڭ مونتىرىئال شەھىرىدە تۇرىدۇ. تورۇنتۇ ئۇنۋېرسىتىتىدە ئوقۇپ باكلاۋېر، ماگىستېر، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشكەن.2001-يىلى ئۇنىڭ <<ئەرنىڭ گۈزەللىكى>> ناملىق شىئېرلار توپلىمى ئېلىئوت شىئېرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ئۇ بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى ئايال شائىر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ شىئېر يېزىپلا قالماي ئىلمىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەنمۇ يۇقۇرى شۆھرەتكە ئىگە. ئۇ شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن <<لىئېن ئەدەبىيات مۇكاپاتى>>،<<پۇشكات شىئېرىيەت مۇكاپاتى>>، <<گېفلىن داڭلىق شىئېرلار>>، <<كېگىنھام تەتقىقاتچىلار فوندى>>،<<ماك ئارتۇر تالانتلىقلار مۇكاپاتى>> قاتارلىق كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.شۇڭىمۇ بەزى ئاخپارات ئورۇنلىرى ئۇنى "شىئېر يېزىپ باي بولغان شائىر" دەپ تەرىپلەيدۇ.نۆۋەتتە ئۇ كانادا ماككىنېر ئۇنۋېرسىتىتى ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى كىلاسسىك ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقى ۋە گېرىك، لاتىن كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانماقتا.




خەنزۇچە <<دالا>> شىئېرىيەت ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 12-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

<<تەڭرىتاغ>> 2005-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:01:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بېلى گۈلى


ئائېردە(موڭغۇل)


   ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى


       ئائېردە(موڭغۇل)، 1949-يىلى تۇغۇلغان. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى.جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى، گوۋۇيۇەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھىرمەن بولىدىغان مۇتەخەسىس. ئۇنىڭ «قەلب چىچەكلىرى»، «ئائېردە ــ موڭغۇل شامىلى»، «شىئېر ھەققىدە» قاتارلىق توققۇز كىتابى نەشر قىلىنغان. ئۈچ نۆۋەت مەملىكەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ھەمدە جۇاڭ جوڭۋېن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇشتۇرۇلغان ۋە موڭغۇل ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. ئۇ ھازىر ئىچكى موڭغۇل ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.


بېلى گۈلى


بۇلتۇر، يۇرتقا قايتقان ئىدىم،

ئۇنتۇپ قاپتۇ بېلى گۈلى

نىمە ئۈچۈن قايتقىنىمنى...


ئۇلاستاينىڭ باغرىغا كەلدىم،

تامام تاقىر ئىكەن بۇ يەرلەر.

كۈلكىلىرىم يەرگە يىقىلغان پېتى،

تامشىپ تۇرار كۆلچەكتىكى بېلىجان كەبى.

كۈتىمەن بېلى گۈلىنىڭ

چىقىپ

مېنى كۈتىۋېلىشىنى.

ئەسلىدە ئۇ،

قۇياشىم ئىدى

بەرگەن ماڭا دائىم تاڭ نۇرى.

بېلى گۈلى

چىقمىدى،

ئۇ ئۇنتۇپتۇ مېنى.

شۇ كۈنى

مەن ئۈچۈن تاڭمۇ ئاتمىدى...


كېلىپ چۆپ ئورۇش مەيدانىغا،

كۆردۈم ئېھ، قاغجىراق قۇملۇقنى

ئىلاننىڭ قاسرىغىدىكى يالقۇننى.

ئۆچۈپتۇ ئويۇقتىكى شام،

قېچىپتۇ ھەتتا

ئۇ گۈزەل ئازاپلارمۇ...

ياندىم چۆپ ئورۇش مەيدانىدىن،

مىسكىن قەلبىمدە

قالدى يول ـ يول

ئورغاق يارىسى...


بۇ سۆيۈملۈك گۈل،

ئۇنتۇپتۇ

بىر ئادەمنى.

لېكىن بۇ ئادەم

ياخشى كۆرەتتى ئۇنىڭ بارلىقىنى،

بىپايان كۆكنى،

داۋالغۇپ تۇرغان دېڭىزنى

ۋە ياپ ـ يېشىل دۇنيانى...


بەلكىم،

يۈرەك ئوتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن

ئۇنتۇشمۇ بىر ياخشى دورىدۇر.

ئېھ، بېلى گۈلۈم

ھەرگىز دىمىگىن،

«ئۇنتۇدۇم سېنى»دەپ!

سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ

بەختىمنى

پۇتلىسا ئەگەر

ئۆرە بولالمايدۇ ئۇ مەڭگۈگە ـ ئەبەت...


بۇلتۇر، يۇرتقا قايتقان ئىدىم،

ئۇنتۇپ قاپتۇ بېلى گۈلى

نىمە ئۈچۈن قايتقىنىمنى...




كېكەچ بومبا


ــ نومېنكان ئۇرۇش مەيدانىدا ياپۇنلار تاشلىغان 99 كېكەچ بومبا قېلىپ قالغان.


سۈكۈتتىدۇر

بۇندىكى ھەممە!

ھېس قىلالايسىز،

گۈللەرنىڭ

يەڭگىل تىۋىشىنى.

ھېس قىلالايسىز،

كېپىنەكلەرنىڭ

سىلكىنىپ تۇرغان قاناتلىرىنى.

ھېس قىلالايسىز،

ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ

ئاستا ـ ئاستا لەيلىشىنى...


سۈكۈتتىدۇر،

سۈكۈتتە

بۇ يەردە ھەممە!

بۇ يەردە

ياتىدۇ

99 كېكەچ بومبا.

ياتىدۇ،

تىنىچلىقنىڭ

99 دۈشمىنى.

ياتىدۇ،

موڭغۇل كىگىز ئۆيى ۋە قويلارنى

تېخى كۆيدۈرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن،

99 ئاپەت.

ياتىدۇ،

كۆينەكلىرىنى ياشتا ھۆللىگەن كېلىننى

دەپسەندە قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن،

99 جىنايەت.


ئەينى چاغدا

بومبىلار يەرگە چۈشكەندە،

بۇ موڭغۇل ئاۋۇلىدا

بار ئىدى

تېخى يېشىغا توشمىغان بىر بالا.

ھازىر

قېرىپ قالدى ئۇ،

پارتلىمىدى

ھازىرغىچە

لېكىن بومبىلار...


سۈكۈتتىدۇر،

بۇندىكى ھەممە!

ھېس قىلىسىز،

گۈللەرنىڭ

ئۈنسىز

ياش تۆكۈشىنى.

ھېس قىلىسىز،

كېپىنەكلەر قاناتلىرىنىڭ

نەمدەلگىنىنى.

ھېس قىلىسىز،

بۇلۇتلارنىڭ

تەرەپپال ھودۇقىشىنى.

سۈكۈتتىدۇر،

سۈكۈتتە

بۇ يەردە ھەممە!...



كالا


سەمىمىدۇر كالا

گەپ بولسا قىلىڭ كالىغا.

كالا، ياخشى كۆرەر چۆپنى

ئادەم بولسا گۆشنى...


ئېھ، كۆك تاغ!

سەن يىغلايسەن نە ئۈچۈن؟

مەرۋايىتتەك ئازاپلىق بۇ شار

تۆكۈلىدۇ يەنە نە ئۈچۈن...


خىيال چوڭقۇرلار

تەنتەنە بىلەن.

خۇش ئېتەلمەس تەلەيگە

ئىزا بولماس بىمەنىلىككە.


ساختىلىقى يوق كىتاپنىڭ ـ

ئاخىرى چىغرىق ئۈچىيىدۇر.

پارقىراق ئاياقتۇر ئىزاھاتلار

باش قاھىرمان ـ قىلتاقتۇر، قامچىدۇر، پىچاقتۇر.


«ئەبىدىلئەبەتكىچە...»

ئاشىقلار ۋەدىسى ئوخشاشتۇر ھامان.

مەن سورايمەن: راستمىدۇر بۇ،ـ دەپ،

كالا جاۋاپ بېرەر: ئۇ بىر تاقەت،ـ دەپ.


ئۇ مۆرەپ تۇرۇپ بېرىدۇ

چىرت ـ چىرىت قىلغان سەدىقىسىنى.

غەمكىن ۋە سوغۇق ئەرۋاھلار

چۇۋىدۇ بۇلۇتلار گۈزەللىكىنى...


قايتۇرۇشقا ھاجەتسىز قەرىز،

سۇنۇشنىلا بىلىدىغان قول.

دۇرۇس ۋە ھەم تەرسا چۈشەنچە

ھۈنىرىنى كۆرسىتەر ئۇددۇل.


40-يىللار

كىيىملىرى جۇل ـ جۇل بىر ئايال

كالا ھارۋىسىنى ھەيدەپ

بازارغا ماڭار.

ئۇ

مېنىڭ ئانامدۇر،

ئۇ ئەسلىمىلەرنىڭ قوشۇلمىسىدۇر.

ئۇ ئەتىدىكى شىئېرى مىسرالار...


ھازىر

ئاڭلىدىم يەنە

مو... مو... دىگەن ئاۋازنى.

كۆردۈم،

ئۇ ئۇنتۇلغان نۇرنى

ھەم نۇرنىڭ يالتىرىشىنى.


ئون ئۈچۈنچى ئەسىردىكى،

كۆچ ـ كۆچتە

بۇ نۇر،

ھارۋىنىڭ شوتىسىدا چاقنايتتى.

سەن تېزەك ئوتىدۇرسەن

ۋە ئەڭ قەدىمقى موڭغۇل شىئېرى.

يورۇتماقتىسەن،

بىر مىللەتنىڭ

بۈگۈن ھەم ئۆتمۈشىنى.

ئېھ، مەرتىۋىلىك نۇر

قىلاي ساڭا تازىم

بەرگىن ماڭا ئىجازىتىڭنى!


ئەسلىدە مەن

پادىچى ئىدىم.

بىپايان

ئەشۇ يايلاقتا،

گۈل ـ چېچەكلەر

مۈڭگۈزلەردە ئېچىلاتتى.

قۇياشمۇ

مۈڭگۈزلەردە پارچىلىناتتى.

مەن ئەسلىدە

پادىچى ئىدىم.


ئوخشامدىمەن

كالىنىڭ

پاكلىغىغا؟

ئوخشامدىمەن

كالىنىڭ

جىمغۇرلىقىغا؟


مو...مو...

نەقەدەر ساپ،

رەھىمدىل ھەم گۈزەلسەن

مو...مو...

ئەبەتكە ئۆزگەرمەس غېرىۋانىسەن...




  مېنىڭ تىلىم


      1

يايلاقنىڭ سۈت ـ قايمىقىدۇر مېنىڭ تىلىم،

يانغىندا كۆيگەن شاخ ـ مايسىدۇر مېنىڭ تىلىم.

قايتۇرارغا ئالغان قەرىزدۇر مېنىڭ تىلىم،

پەقەت بىر مېنىڭلا ئەمەستۇر مېنىڭ تىلىم

2

مېنىڭ تىلىم تومۇزلاردا سولاشمىدى ــ كۆكەردى،

مېنىڭ تىلىم قار ئاستىدا توڭلىمىدى ــ بىخلاندى.

مېنىڭ تىلىم بورانلاردا قاتلانمىدى ــ يېيىلدى،

بىر تارىنىپلا قايتتى ياشلىقىغا مېنىڭ تىلىم

  3

بالىلارنىڭ بوقچىلىرىدىن

يۈگرۈشنى ئۈگىنەر مېنىڭ تىلىم.

چوڭلارنىڭ كېسەل كارۋىتىدىن

ساقلىقنى ئۈگىنەر مېنىڭ تىلىم.


ئەتىياز دوقاللىرىدىن ئۈگىنەر مېھنەت

ئەگىشىپ پادىچىلارغا مېنىڭ تىلىم.

ئۈگىنەر قارلىق دالادىكى تەبەسسۇمنى

باش باھاردا چىچەكلەردىن مېنىڭ تىلىم.


ئۈگىنەر ئەقىل ۋە پاراسەتنى

تۇرمۇشنىڭ تەنبىھلىرىدىن مېنىڭ تىلىم.

قىممەت ۋە سالماقلىقنى ئۈگىنەر

ئەلنىڭ تارازىسىدىن مېنىڭ تىلىم.


ئۈگىنىدۇ تىنىچ ئوكياننى

قۇدۇقلارنىڭ ئىچىدىنمۇ مېنىڭ تىلىم.

ھەم بىلىدۇ كائىناتنى

پايانسىز يايلاقلاردىن مېنىڭ تىلىم.


ئۈگىنىدۇ قانداق ئۆلۈشنى

قەھىرمانلاردىن مېنىڭ تىلىم.

ئۈگىنىدۇ مەڭگۈ ياشاشنى

ئەبىدىلىكتىن مېنىڭ تىلىم.

4

نەزىرىڭدە

مېنىڭ تىلىم كۆيەر قانغۇچە.

لېكىن ئۆز تىلىم بىلەن

قايناپ ـ تاشىمەن تا ـ ئەبەتكىچە...




    ـ خەنزۇچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ 1997-يىللىق 5-سان، 2007-يىل5-سان،2009-يىلى 10-سانلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.

  


«ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                              ئىمران سالىھى شىئېرلىرىدىن (ئىران)


                                    ئەيبۇ ياقۇپ  تەرجىمىسى

    ئېمران سالىھى 1947-يىلى تېھراندا تۇغۇلغان. ئىران مەدەنىيىتى ئەزەلدىنلا شىئېرىيەتنى قەدىرلەپ كېلىدۇ، كىشىلەرنىڭ شىئېرىيەتكە بولغان قىزغىنلىقى تولىمۇ يۇقۇرى بولۇپ، بالىلار باشلانغۇچتىن باشلاپلا شىئېرىيەت تەربىيەسى ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇنداق مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن سالىھىدا كىچىكىدىن باشلاپلا شىئېرىيەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە تالانت كۆرۈنىشكە باشلايدۇ. 1966-يىلى ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن سالىھى «مۇۋەپپەقىيەت» ناملىق ھەجىۋى ـ يۇمۇر ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئاستا ـ ئاستا ھەجىۋى شائىر بولۇپ تونۇلۇشقا باشلاپ، ئىران شىئېرىيەت مۇنبىرىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «گۈل تاللاش» تا ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلايدۇ. 1973-يىلىدىن باشلاپ سالىھى ئىران دۆلەتلىك رادىيۇ ـ تېلۋىزىيە بۆلۈمىدە« بۈگۈنكى ئىران ئەدەبىياتى» پىروگىراممىسىنى ئىشلەشكە قاتنىشىدۇ. بۇ خىزمەت سالىھىنىڭ بەدىئى نەزەر ـ دائىرىسىنى مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ شىئېرىيەت ئىجادىيىتىنى يېڭى بىر باسقۇچقا ئېلىپ كىرىدۇ. ئۇ ئارقا ـ ئارقىدىن «سۇدا يىغلاش» (1974-يىل)، «تۇمان ئىچىدىكى پاراۋۇز» (1976-يىلى)، «يېرىم يولدىكى بېكەت» (1977-يىلى)، «ئون يەتتىنچى» (1979-يىلى) قاتارلىق شىئېر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئىران «بۇرۇچ شىئېرىيەت ئېقىمى» توپىدىكى شائىرلارنىڭ ۋەكىلىگە ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىجدىمائى، ھەجىۋى شىئېرلىرى بىلەن «ئىران شىئېرىيىتىنىڭ ئەپەندىسى» دىگەن نامغا ئېرىشىدۇ.

    80-يىللاردا سالىھى شىئېرىيەت ئىجادىيىتىدە ئارىسالدىلىق دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. ئۇ بىر مەزگىللىك تەپەككۈر ۋە ئىزدىنىش جەريانلىرىدىن كېيىن پارتلاش خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈش ياسايدۇ. 1992-يىلى ئۇ «مىڭ بىر كېچە»نى قايتا ئوقىغاندىن كېيىن، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ قىسقىغىنە بىرقانچە ئايدا زور مىقتاردىكى شىئېرلارنى يېزىپ تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرىدۇ ھەم ئىران شىئېرىيەت ساھەسىدە زور ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ، 2001-يىلى بۇ شىئېرلار «مىڭ بىر يۈزلۇك ئەينەك» نامىدا كىتاپ بولۇپ نەشر قىلىنىدۇ. «مىڭ بىر يۈزلۇك ئەينەك»نى سالىھى ئىجادىيىتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولۇپ، مەزكۇر توپلامدىكى ھەر بىر شىئېر دىگۈدەك گۈزەل ۋە چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە قىلىنغان. بۇ توپلام سالىھى ئىجادىيىتىدىكى زور ئۆزگۈرۈشكە ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى پەلەسەپىۋىلىككە يۈزلىنىش، ئىراننىڭ قويۇق سوپىزىملىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. «مىڭ بىر يۈزلۇك ئەينەك» ناملىق شىئېر بولسا تەسسەۋۇپ ئىدىيەسىنى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك دەرىجىدە لېرىك بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن مۇنداق قۇرلارنى ئۇچىرىتىمىز: قاچقانسىرى مەن \ ساڭا شۇنچە يېقىنلىشىمەن. \ ئۆرىسەممۇ يۈزۈمنى قانچە \ ھەم يەنىلا سېنى كۆرىمەن.\ سېغىنىشلىق سۈ يۈزى ئىچىرە،\ تۇرغان تەنھا ئارالمەن، ئارال.\ ساڭا قاراپ دەۋرەيمەن ھامان \ ھەممە ياقنى قىلغانچە قامال.\ مىڭ بىر يۈزلۇك ئەينەك \ جامالىڭنى قىلىدۇ كۆرەك.\ باشلىنىمەن سېنىڭدىن ھامان،\ بولغاچقا مەن بولارسەن تامام...\   مەزكۇر شىئېر شائىرنىڭ«ئەنئەنە»دىن قېچىش جەريانىدا، «ئەنئەنە»دىن قېچىپ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوپىزىملىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئاسىيلىق قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

   «مىڭ بىر يۈزلۇك ئەينەك»تىكى شىئېرلارنىڭ ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىشى بىلەن سالىھىنىڭ ئىران شىئېرىيەت مۇنبىرىدىكى تەسىرى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ، ئۇ ئىران بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 1994-يىلى ئامىرىكىدا ئۇنىڭ «مۇھەببەت كۈيى» ناملىق شىئېرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. 1999-يىلى شىۋىتسىيەدە «ئىمران سالىھى شىئېرلىرىدىن تاللانما» نەشر قىلىنىپ، سالىھى تەكلىپ بىلەن تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەم شىۋىتسىيەنىڭ ئالتە شەھىرىدە لېكسىيە سۆزلەپ، شىئېرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغان. 2000-يىلى سالىھى «يەلپۈنىدۇ سەھەر شامىلى»،«تۇيۇقسىز نەزەر» ناملىق شىئېر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرغان.2003-يىلى بولسا «كىچىك ئىسمىم بىلەن چاقىرىڭ» ناملىق توپلىمى نەشر قىلىنغان. 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۇ تەكلىپ بىلەن ئېلىمىزگە كېلىپ،جۇڭگو شىئېرىيەت ساھەسى تەشكىللىگەن «2006-يىللىق پامىر شىئېرىيەت سەپىرى»گە قاتناشقان ۋە بېيجىڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە شىئېرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. ئېمران سالىھى ئەپەندىم 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تېھرانغا قايتىپ بارغان، 10-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن ۋاقىتسىز ۋاپات بولغان.



    _ تۆۋەندىكى شىئېرلار خەنزۇچە <<دۇنيا ئەدەبىياتى>>ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىل 2-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.



ئاچلىق زىياپىتى



قويدى ئۇ دېرىزىنىڭ يېنىغا

يۈرىكى بىلەن گۈل قۇتىسىنى.

قايسىدۇر بىر شاھزادە ئۆتكەندە بۇندىن

ئېپكېتىپ ئۇنى

بېزىسە دەپ پەيتۇنىنى،

ھەم زىياپەتكە ئېپ بارسا دەپ چۈشىدىكى...


مىنگىنىچە يەكپاي كەشىگە

يېتىپ كەلدى نامرات بىر بالا.

ئېلىپ ئۇنى

ئاچلىق زىياپىتىگە

بىللە بارارغا...


تىلەك



گېزىتلەرنى ۋاراقلاپ كەلمەكتە شامال،

يامغۇر تامچىلار

ۋەقەلەر بەتلىرىگە شۇنچە بىمالال...


تۇمشۇقلىرىغا ئىلغىنىچە كېچىنى

بىر توپ قاغا ئۇچۇپ كېلەر تەرەپپال.

يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىدا

قىيا ـ قاپتاللاردا بارىمىز ئاستا،

تولغاندۇر ياشلىقنىڭ ھاياجىنى

كۆڭلەك ۋە بېرزىنت ئاياقلىرىمغا.


سۇ يۈزىدە تۇرار خىرامان

ئۇچۇپ ـ ئۇچۇپ ھارغان كېپىنەك

كېچە

سۇغا ھەمراھ بولغان سىياقتا

يىلتىزلارغا سىڭىپ بارماقتا.


كىردۇق كېچىنىڭ چايخانىسىغا،

زۇلمەت، قورقۇنۇچ قالدى تاملار سىرتىدا

بىز ھارغىن، چايلار دەملەگلىك بۇندا.

تۇيۇقسىز

بىر نۇر ئۆتتى چاراقلاپ ـ چاقناپ،

ئۇدۇر بىزنىڭ پاناھ جايىمىز.

چۈشۈمگە كىردى شۇ كېچە ئاتام

ئېھ ئاتا، ئۈستۈمگە گىلەم يېپىپسىز...


قۇياش

ئالتۇنرەڭ مىس تاۋاقتا

چاچىدۇ تاغلارغا يالقۇنلىرىنى.

كۆرىنىدۇ ھاڭنىڭ ئىچىدىن،

مۇخ قاپلىغان يوغان قورام تاش

سىرغىپ تۇرار تامچىلار ئۇندىن

چۆگۈنگە قۇيايكىن قانداق سۆيگۈنى؟...


كۈن نۇرىنى توسىغانچە يىراقتىن

بىر توپ قاغا ئۇچۇپكېلەر تەرەپپال.

ياققانچە شام تىلەكلەر تىلەپ

پىرلار قەبرىسىنى تۇرىمىز ساقلاپ.

كۆل بويىدا خېچىرچى بوۋاي

ئولتۇرىدۇ خېچىر تاقىلاپ...


تاقاق دەرۋازا




دەرۋازا تۇيۇقسىز

ئارقامدىن تاقالدى.

قېپ قالدىم ۋە لېكىن دېڭىز سۈيىنىڭ

يېرىمى ئاچچىق، تاتلىق يېرىمى ...


كىچىككىنە قېيىقنى تۇرىمەن تىللاپ

يەلكەنلەر يېيىقلىقتۇر كېچىكتە.

شامال

بەزەن ـ بەزەن قويىدۇ يىغلاپ

ۋە گاھىدا كۈلەر قاقاخلاپ...


كېچە گۆھىرى




شەھەرنىڭ ئېتىلغان قۇۋۇقى ئىچرە،

بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى، ئىتنىڭ قاۋىشى بار

ھەم يەنە يامانلارنىڭ ئۇزۇن سايىسى.


مۆكۈنسەڭمۇ قەبرىگە كىرىپ،

دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە ۋە ھەم

لېكىن ياپراقلار ئۆلگەندۇر چىرىپ.


ئەڭ تېتىكى روھلاردۇر بۇندا

گۈزەل سىياقلاردا تۇرىدۇ ئۇرغۇپ.

يېپىشقاق توپا ۋە زۇلمەتنى قايرىپ

كېچىنىڭ ئېسىل گۆھىرى كەبى

تۇرار باغرىڭدا چاقناپ ـ چوغلۇنۇپ...


بوشىشىش



كەل، قاتمۇ ـ قات يالقۇننى تىلىپ،

بارايلى بىز ناتونۇش باغقا

يايرايلى چەكلەنگەن دەرەخ ئاستىدا.


كەل، قاتمۇ ـ قات قورغاننى بۆسۈپ،

تىمتاس دالىلارنى ئېتەيلى ۋەتەن

نۇرانە سۇلاردا چايقالسۇن بەدەن.


كەل،تىتايلى تورنى، قارماقنى

تەشۋىشلىنىپ تۇرغان بېلىجان

دەريالاردا ئۈزسۇن ھەر تامان.


    ئون بەشىنچى باپ



ئوتتۇرسىدىن سوغۇق ئورماننىڭ،

تىترەپ كېلەر

جانلار تىۋىشى.


ئۇ، دەرۋازىغا كەلگەنچە يۈگرەپ

ئىڭرىغانچە قىلىدۇ نىدا

قۇتقۇز مېنى! دەپ، يېشىل پەرىشتە...


كۆرۈشۈش



ئىككى يۈز تۆتىنچى ئۆيدە

قۇرۇق بىر كارۋات بىلەن كۆرۈشتۈم بۈگۈن.

قاتمۇ ـ قات قىزىل ئەتىرگۈل بەرگى

ياستۇققا تامچىلار ئىسسىق قان كەبى.

كەتتى ئۇ، زىمىننى سېپاپ ئۆتكەن كۆلەڭگىدەك

كەتتى ئۇ،ئۆگزىدىن ھالقىغان بىر تۇتام نۇردەك.

ئەينەكنىڭ كەينىدە ئەمدى ھېچكىم

ئالمايدۇ نەپەس،

ئۇنىڭ زەر يىپلىرى ئەمدى لەيلىمەس.

قارچۇقلىرىدىن ئۇچقۇندىماس نۇر

تار كوچىدىن سائەت بەشلەردە ئەمدى

ئاڭلانماس توكۇلدىغان ھاسا ئاۋازى...


      نەزەر




دېرىزىدىن ئۇچتۇم يىراققا

نەزىرىمگە مىنگەشكىنىمچە

يەتتىم تاغقا، ھەممە ياقنى قاپلاپتۇ ئاق قار

تۇرۇپ قالدىم غۇدۇرىغىنىمچە...


سوغۇق

قالاپ قويدۇم بىر دۆۋە ئوتنى،

يالقۇن ئىچىدە كۆردۈم ھەم سېنى.

دۇنيا مۈشكۈلدىكەن تامچە ئىچىدە...


قايتتىم ئارقامغا

نەزىرىمگە مىنگەشكىنىمچە...


مىڭ بىر يۈزلۈك ئەينەك




قاچقانسىرى مەن

ساڭا شۇنچە يېقىنلىشىمەن.

ئۆرىسەممۇ يۈزۈمنى قانچە

ھەم يەنىلا سېنى كۆرىمەن.


سېغىنىشلىق سۈ يۈزى ئىچىرە،

تۇرغان تەنھا ئارالمەن، ئارال.

ساڭا قاراپ دەۋرەيمەن ھامان

ھەممە ياقنى قىلغانچە قامال.


مىڭ بىر يۈزلۇك ئەينەك

جامالىڭنى قىلىدۇ كۆرەك.


باشلىنىمەن سېنىڭدىن ھامان،

بولغاچقا مەن بولارسەن تامام...



一千零一面镜子


埃姆朗。萨罗希(伊朗



我越是逃离

却越是靠近你

我越是背过脸

却越是看见你



我是一座孤岛

处在相思之水里

四面八方

隔绝我通向你



一千零一面镜子

转映着你的容颜




我从你开始

我在你结束


           ــ «تارىم»ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق3-سانىدىن.



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئىمران سالىھى شىئېرلىرىدىن (ئىران)


قار توزانلىرىدا


ياشتا ئۆرىدىم كۈنلەر بېتىنى،

قار توزانلىرى چۈشەر لەپىلدەپ

ئۇنتۇشلار چاينىماقتا بەتلەر چېتىنى...


ئوتۇنلار ئارىسىدا ئۇخلىماقتا ئوت،

پانۇستا ئۇخلىماقتا يالقۇن جىلۋىگەر.

ۋاقىتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئۆزرە،

كونا ۋاگۇندىكى ئورۇندۇقتا ئۇخلايدۇ بىر ئەر.


كىچىككىنە بىر ھويلا...

تۇرار قەلبىمدە باغجانلاپ

بىر توپ ئانار دەرىخى.


كىچىككىنە بىر ھويلا...

كۆزلىرىمدە مۆلدۈرلەپ تۇرار

كونىرىغان بىر سۇ كۆلچىكى.


كىچىككىنە بىر ھويلا...

بىر مىسكىن ئايال

ھاياتىمنى تۇرار قاماللاپ.


پاراۋۇزنىڭ ئاۋازى تۇرىدۇ ياڭراپ

رېلىسلارنىڭ ئۈستىدە.

كىيىم تىكىش ماشىنىسى بىر خىل رېتىمدا

يۈرەر مېڭىپ يىپلار ئۈستىدە...


ياش بىلەن ئۆرۈيمەن كۈنلەر  بېتىنى

زىمىستاندۇر ھەممە پەسىللەر




在雪的尘埃中



埃姆朗。萨罗希(伊朗







我用泪水翻过岁月的一页

雪的尘埃落在各种东西上面

遗忘咀嚼着页片


火睡在柴中

火焰睡在灯笼中

一个男人睡在一节破损车厢的长凳上

在时间最后一战


一片小院子

有一株石榴树

在我心上


一片小院子

有一口破败的水池

在我眼中


一片小院子

有一个孤独的女人

在我生命中


火车轮子的声音

在铁轨上


缝纫机轱辘的声音

在棉线上



我以泪水翻过岁月

所有的季节都是冬季





قاراڭغۇ ئۆڭكۈر



شۈبھە بىلەن زۇلمەت ئىچىدىن،

بۇلىماقتىمىز جەسەتلەرنىڭ كېپەنلىرىنى

تىرىكلەرنى كۆممەكتىمىز تۇپراققا ۋە ھەم.

بىر ئوچۇم سۇ

بىر بوردا نان دەپ.

نەدىسەن يۇلتۇزلۇق رۇجەك

بىزنى قۇتقۇزغىن تېزراق

جاندىن ئۆتتى بۇ ئۆڭكۈر ئەجەپ...



  زىمىن قۇلۇپى


زىمىننىڭ قۇلۇپىنى ئاچقاندا بىز،

بىر ئىشىك ۋە بىر شوتا كۆرىمىز.

قەدەم باسقانچە كىرىمىز يەنە

پايانسىز بوشلۇققا ھەمدە بارىمىز.


بىر ئىشىك بىر باغقا باشلايدۇ بىزنى

ئۇ باغمۇ ئىشىك بىلەن بىر باغقا تۇتاش.

ھەممە ياق گۈل ـ چېچەك چاقنايدۇ ئوتقاش،

مەي باغلاپ مىۋىلەر ئىگىپ تۇرار باش.


ئاخىرقى باغنىڭ ئىشىكى تاقاق

بىلمەيمىز كەينىدە باردۇر نىمىلەر؟

بەلكى باردۇر ئۇچقۇر ئاق بوز ئات،

بىزنى چۆچەكلەردىكى قەلئەگە ئېلىپ بارارغا.

بىر ئەجدىھا بار چېچىپ تۇرغان ئوت،

بىزنى شاخ ـ خەس قىلىپ قالارغا.

كىرەمدۇق يا قايتامدۇق ئۇددۇل؟...


ئالتۇن ئۈزۈكتە ياقۇت كۆز



ئالتۇن ئۈزۈكتە ياقۇت كۆز

قىزىل گۈلدەك تۇمانلار ئىچرە

جىمجىتقىنە تۇرىدۇ چاقناپ،


بىز ئۇنى ئېلىشتىن سەللا مۇقەددەم،

بىر قۇش ئۇچۇپ كېلىپ ئېپ قاچتى بەردەم.


قۇشنى قوغلاپ يۈرىمىز بۇندا

دالىلاردىن دالىلار ئارا.

شەھەرلەردىن شەھەرلەرگىچە،

قالمىدى ھېچ تاغلار ھەم باغلار...


ئولتۇرغىلى كۈن بۇندا نەۋاخ

قۇش ھارغاندەك قىلمايدۇ ئاھ، ئاھ...


يەتتە قات ئاسمان



ئولتۇرماقتىمىز

ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا،

سوغۇلۇپ كەتكەن بۇلاقلارنىڭ بويىدا.


تويماقتىمىز

بىر قەرنە ئاچلىق،

بىر ئوچۇم چاڭقاقلىق بىلەن.


پۇشۇپ تۇرسىمۇ ئىچىمىز بىزنىڭ

باردۇر يەنە تېرە خالتىمىز.

پۈكلەپ سالارغا

يەتتە قەۋەت ئاسماننى...


   پۈتۈلۈش



پۈتۈلمىگەن بولسا مۇبادا،

ئېچىلمىقى ئىشىكنىڭ

ئاچقۇچ تۇرار نە ئۈچۈن بۇندا.


پۈتۈلمىگەن بولسا مىۋە قاقمىشىم،

مېنىلا قالدۇردۇڭ نە ئۈچۈن يالغۇز

مىۋىلەر مەي باغلىغان باغقا.


   بۇ يەردە



ئۇ ئولتۇرىدۇ بۇ يەردە،

بۇ يەردىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ ئۇ.

بىر تال شام كۆيمەكتە شىرەدە جىمجىت

شۇ شامغا تامام ئوخشايدۇ ئۇ...


كونا كۆزئەينەك، ھەسرەتلىك نەزەر،

بىر دۆۋە قوليازما

شارپا ئاستىدا...


دەرىزە سىرتىدا لەيلەيدۇ مانان،

ئۇ ئولتۇرىدۇ بۇ يەردە

بۇ يەردىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ ئۇ...


مۇھەببەتنىڭ قاقاس ئارىلى



مۇھەببەت باغلىنىپ تۆمۈر زەنجىردە

قاقاس بىر ئارالغا قويۇلدى قاماپ،

كېمىلەر قىرغاقتا كۆيەر يالقۇنجاپ...

يەتتە قات دوزاخنى

بارىمەن يېرىپ،

ئېسىلغانچە

ھاياتنىڭ بىر پارچە تاختىيىغا

تىلاۋەتنىڭ غۇر ـ غۇر شامىلىدا.

شامال سۈپۈرمەكتە قارغىشنى تامام...

مۇبادا بىز بىلەن سەپەر قىلسىڭىز

مۇبادا بىز بىلەن سەپەر قىلسىڭىز

بەلگىسىز يوللاردا بىللە يۈرسىڭىز،

مومىڭىزنىڭ شەھىرىگە بارىسىز.

ئەپسۇندىن ئېچىلار ئۇندا ئىشىكلەر

ئىچىگە ئاستىغىنە مېڭىپ كىرىسىز.

ئۇخلاپ ياتقان تۇمارلار چېقىلغىنىچە

ئويغىتىدۇ ئۇندىكى ئەينەكلەرنى.

سادا قايتىپ تۇرغان كارىدور

يەنە سانسىز ـ سانسىز پەلەمپەي

رەڭدار راۋاققا باشلايدۇ  سىزنى.

شۇ چاغ گۈللۈك رۇجەكلەر تامان

يۇلتۇزلارنى ئۈزۈپ ئالىسىز...


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:15:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

000802ab801d0cc1f65706-201212154211674.jpg


بېي داۋ — 1949-يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، ئەسلىي ئىسمى جاۋ جېنكەي، ئەسلىي يۇرتى جېجياڭ، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان داڭلىق شائىرى. 1969-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن قۇرۇلۇش شېركىتىدە ئىشچى بولغان.1970- يىلىدىن تارتىپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان، 1979 –يىلىدىن تارتىپ شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان، ئۇزاق ئۆتمەي ژۇرناللار نەشرىياتىدا تەھرىر بولغان، ئىلگىرى داڭلىق ئەل ئىچى شېئىرىيەت ژۇرنىلى « بۈگۈن»نى تەسىس قىلىش، تەھرىرلىك خىزمەتلىرىگە قاتناشقان.1989-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن گېرمانىيە، نورۋېگىيە،شۋېتسىيە، دانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە سەيلىلەردە بولغان ۋە ئولتۇراقلاشقان. «بېيداۋ، گۇ چېڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما»(شۋېتسىيەدە نەشىر قىلىنغان)،« قۇياشىلىق شەھەر خاتىرىسى »، «دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە»،«نۆل گرادۇسلۇق مەنزىرە»،« بېيداۋ شېئىرلىرىدىن تاللانما»، "ئاقىۋەت ياكى باشلىنىش'' قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.

   ئۇ  ھازىر  ئۇ ھازىر شاڭگاڭ جۇڭگۇ تىلى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شاڭگاڭدا مۇقىم ئولتۇراقلاشتى. شاڭگاڭ جۇڭگو تىلى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسسورى.



ــ بۇ تەرجىمىلەر تېخى ئېلان قىلىنمىغان. توردىكى نەشرى مۇنبىرىمىزگىلا تەۋە. باشقىلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.


شىئېرلار



بېي داۋ



ئوقۇش



تېتىپ باققۇلۇق ئارتۇق كۆز ياشنى

بۇرچ نۇرلاندۇرار

مەپتۇنلۇق كۈننى.



بىر جۈپ قول

تۇغۇم مىنۇتلىرىدىكى گۈزەل لىرىكا.

ئۆزگىرىۋاتقان خەتلەر

يىلتىزىنى يۈرىدۇ ئىزدەپ

لەرزانغىنا چۈشۈپ ئۇسۇلغا.



يازلىق يازمىلارغا باقىدۇ ئۈنسىز

تولۇن ئېيى بۇندا چايخورنىڭ.

شۇ چاغ

ئالتۇن مىنۇتلىرىدۇر

خارابىلىقتىكى سانسىز قاغىنىڭ.



باش قويغان ھەممە مەنىلەر

تىرناقلارنى چىقاردى كاردىن.

ئۆرلەۋاتقان ھەممە تۈتۈنلەر

لەۋزىلەرگە قېتىلدىبىردىن.



تېتىپ باققۇلۇق ئارتۇق دېڭىزنى

ۋە ھەم يەنە ئۇ ئاسىي تۇزنى...



品尝多余的泪水
你的星宿啊
照耀着迷人的一天
  
一双手是诞生中
最抒情的部分
一个变化者的字
在舞蹈中
寻找它的根
  
看夏天的文木
那饮茶人的月亮
正是废墟上
乌鸦弟子们的
黄金时间
  
所有跪下的含义
损坏了指甲
所有生长的烟
加入了人的诺言
  
品尝多余的大海
背叛的盐



ئېھتىرام



Gennady Aygi ــ گە بېغىشلايمەن



يالقۇن چوڭقۇرلىقىدىكى شەھەر ـ

قار قەغەز قىيمىسىنىڭ تەپسىلاتىدۇر

چۈشكە قارماق سالغۇچىنى ئەگىگەن يۇلتۇز

كېمە بارار، جىددى ئايلانما

سۆزلەر بىلەن تەڭشەيسەن ئۇنى.


ھەممە ياقتا ئانا ناخشىسى...



ھويلىدىن يىراقلاپ بارىدۇ بېكەت

ھۇشقۇرتىدۇ چۆگۈندە بوران

باشلىغانچە ئۆتكەن كۈنلەرنى

دېرىزەڭنى ئېچىۋەت بۇدەم

جەنۇپقا ئۇچقان تۇرنىلار كەبى...


ئازابىڭدۇر بۇندا دالىلار...



شۇڭقىغانچە قاراڭغۇلۇققا

ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كىرسىن ئالىسەن

بوغۇق ئۈنلەر قىلىدۇ خىتاپ:

بەلكىم تەقدىردۇر، ۋە يەنە بەلكىم

مىسكىنلىكى ھەمدە سۇناينىڭ


ياڭراق دەملەر ئەمدى بۇندىكى...



رۇس ئانا!

قەلىمىڭدە ئاققان كېچىدۇر

قەبرىستاننى قاپلىغان ئاق قار

كېسىلىشنى كۈتۈپ تۇرار ئورمانلار

پالتىنىڭمۇ دەردى ھەم باردۇر.



Gennady Aygi  ـ رۇس شائىرەسى*




يېشىل چىراق



Fred Wakeman ــ غا بېغىشلايمەن*



قەدىمىي ئەلدىكى پېتىۋاتقان ئاي،

كۆللەرنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ بارماقتا.

قورام تاشلاردەك ئېغىر سوزلەردىن

تىزىپ چىقتىڭ تارىخنى قايتا،

شۇندا ئۆزگەرتەر قىنىنى دەريا.



قايتا ـ قايتا ئېچىلغان گۈللەر

سۈيلەر خانلىقلارنىڭ زاۋالىتىنى.

قاغا ۋە ھەم دۇمباق ئاۋازى

خانلار ـ پىلە بولۇپ قۇسۇدۇ مەشۈت

سەن توقۇيسەن ئۇزۇن تارىخنى.



سانسىزلىغان غىلمان ـ سەتەڭلەر

كۆڭۈللەرنى ئۇزىتار بۇدەم.

چۈشلەر بۇرجىكىنى يورۇتار چىراق،

سەن تارتىسەن يالقۇننى ئەپچىل

قار ئۇچقۇندار ئەتراپتا شۇدەم.



شامالدىدۇر شاراپنىڭ كۈچى

جۇڭگو بىلەن قېرىيسەن بىللە.

كارىدور تۇتاشتۇر "ئەمىنىيە'' (1) گە

ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ناتونۇش ئادەم

ئىشىكنى چاقماققا تەرەددۈت ئەيلەر...



(1)"ئەمىنىيە'' __ "ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى''نىڭ ئالدىدىكى 春秋 دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ.



青灯


魏斐德


故国残月

沉入深潭中

重如那些石头

你把词语垒进历史

让河道转弯

花开几度催动朝代

盛衰乌鸦即鼓声

帝王们如蚕吐丝

为你织成长卷

美女如云

护送内心航程

青灯掀开梦的一角

你顺手挽住火焰

化作漫天大雪

把酒临风

你和中国一起老去

长廊贯穿春秋

大门口的陌生人

正砸响门环




FredWakeman*
1937-يىلى ئامىرىكىدا تۇغۇلغان. ئامىرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ  تارىخ پەنلىرى پىرافىسسورى. مەزكۇر ئۇنۋېرسىتىتنىڭ شەرىقى ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى. ئامىرىكا تارىخ ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى، شاڭخەي ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ پەخرى تەتقىقاتچىسى . ئۇنىڭ «چىڭ سۇلالىسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش تارىخى»، «جۇڭخۇا ئېمپىرىيەسىنىڭ خاراپلىشىشى»، «جۇڭخۇا ئېمپىرىيەسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدىكى توقۇنۇش ۋە كونتۇرول»،"تارىخ ۋە ئىرادە : ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ  پەلەسەپىۋى ماھىيىتى'' قاتارلىق كىتاپلىرى بار. ئۇ 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 14- كۈنى راك كېسىلى بىلەن 68 يېشىدا ۋاپات بولغان.




سۈزۈك ئاسمان



يول چىرىقىنى تەپكىنىچە چېپىپ ئۆتسە ئات،

ھەممە ياقتىن ئۇچۇپ كېلەر ئازاپ پەريادى.

ئەسىرنىڭ دوقمۇشىدا ئولتۇرىمەن جىم

بىر پىيالە قەھۋە: تەنتەربىيە مەيدانى

تاماشىبىنلار قاغىدۇر تامام،

ئۇندا قىزىماقتا پۇتبول ئويۇنى.



مەغلۇپلۇقنىڭ ئۆسەكلىرى ئىھ

ئوخشايدۇ قۇياشقا سەھەردىكى...


ياشىنىش،  يۈكسىلىش دىمەك

مەنمۇ ئۆرلەي ئىگىزگە بىللە.


چالار دۇمباق بۇلۇتلار ئۈستىدە بىر زات،

دېڭىزلارنى يامار بېلىقچى كېمە.

ئۇپۇق قاتلىنىپ تۇرغان شۇ دەمدە،

قوناقلار بىلەن يۇلتۇزلار بىللە.



شۇندا

تەڭرىنىڭ ئۈمىدسىز ئىككى بىلىكى

ئايلىنار سائەتنىڭ مىسكىن يۈزىدە...



ئەڭ دەسلەپكى



كۈن تۈن بىلەن خوشلىشار دەرەخلەرنىڭ ئۇچىدا،

ئەڭ ئاخىرقى نۇرلارنى يىغىپ يۈرەر قاناتلار.

تۇرسىمۇ گەر توغىرلاپ كومپاسىنى ھالاكەت،

بەڭباشلىقنى باسقانچە كېمە بارار دولقۇندا.



ئەسلىمىلەر زوراۋان،تۇرۇپ دەملەر سىرتىدا ــ

دۇمباق چالار، ئېھ ئەشۇ تامام يۇرتنىڭ سېغىنچى.

نۇرنىڭ بارماق ئىزىنى تەكشۈرەشتە ئاۋارە

بورانلارنى ئاختۇرۇپ بۇندا يۈرگەن بىر ساقچى.



يارىسىنى ئەملىسە بوشلۇق بۇندا كۆللەردە

بەزمىخانە بۇيرۇتار كېچىلەردە يۇلتۇزلار.

بولۇشىغا قەسىدە تۆككىنىچە بىر يىتىم

قاپچىغايدا كۈتىدۇ تولۇنئاينى يالغۇزلا.



تۇنجىسىنىڭ ھېچقاچان بولمىغاچقا ئۆز نامى،

دەريالارمۇ دەممۇ ـ دەم يېڭىلايدۇ قىنىنى.

كۈنلۈكىنى يايغانچە قۇياش بۇندا بەك نۇرلۇق،

ياقا يۇرتلۇق مېھمانغا كۆرسەتمەكتە يولىنى...



记忆暴君在田野敲钟
震碎围困他的时间镜框
试图抓住风暴的警察
因辨认指纹而晕眩
那最初的,搅动万丈光芒

星星在夜的剧场订座
看那黎明之王死去
影子刺客们斜如命运
歌声浸润了喉咙
那最初的,狼血般温暖

明天是幸存的黄金
孤儿带领盲目的颂歌
在隘口会见月亮
当天地合拢
那最初的,点火

那最初的没有名字
河流穿过时刻表
太阳撑开它耀眼的伞
为异乡人送行
那最初的,是路程



ھەمسەپەر



ھايات قالغۇچىنىڭ بايانلىرىدا،

لەڭگەرگە ئوخشاش ئېغىردۇر كىتاپ.

يۈزۈڭ

ئوكىيانلارنىڭ قارىشسىدىكى سائەت

سۆزلەشكىلى بولمايدۇ سايراپ.


دېڭىزدا تۈن بويى لەيلىگەن سۆزلەر،

سەھەر، تەرەپپال ئىگىزگە ئۆرلەر...


قاسساپنىڭ ئىلغۇچىنى ئايلىنار قۇياش،

تەبەسسۇم تۆكۈلمەكتە قۇرۇق ھېجىرغا.


كوچا ئاپتۇۋۇزى ئۈزۈپ بارماقتا

دالىنىڭ ئاخىرىدىكى پوچتىخانىغا.

ئايرىلىشنىڭ ئېغىر دېمىنى

يېشىل كۈيلەر ئورۇندىماقتا.



چاقماق ئۇ بوراننىڭ پوچتىكىشىدۇر،

يۈرەر گۈللەر ئېچىلغان دەملەر سىرتىدا.

سىنىپتىن مەيدانغىچە

ئەگىشىپ بارىمەن سايىدەك ساڭا.

كىچىكلەپ ۋە كەتتۇق تەرەپ ـ تەرەپكە

باراقسان ئاينىغان تېرەك ئاستىدا...



这书很重,像锚
沉向生还者的阐释中
作者的脸像大洋彼岸的钟
不可能交谈
词整夜在海上漂浮
早上突然起飞

笑声落进空碗里
太阳在肉铺铁勾上转动
头班公共汽车开向
田野尽头的邮局
哦那绿色变奏中的
离别之王

作者突然问:"谁
知道失败的绝招?"
在那些迅猛生长的树下
我越变越小
在城市的棋盘上
移动



ئۆتكۈنچى مەزگىل



ئېلىپ كېلەر قۇياش شىفىرىنى

دېڭىزنىڭ ئىچىدىن كەلگەن ئادەم

شۇ چاغ يىلقىلار بويىلار كۆپ ـ كۆك سۈكۈتكە.



زاماننىڭ قۇلىقىدۇر سائەت

پاڭ بولغاچقا ئۇ شاۋقۇنغا ئەسىر.

موللاق ئېتىشى قارىغۇجىلارنىڭ

گاچىلارنىڭ تىلى بىردىن ـ بىر.



ھەسەن ـ ھۈسەن

قەدىمى بىر ئۇچۇرنى دەپ،

جىمى خانلىقلارنى ئۆتىدۇ كېسىپ

بۇندا توك ئۆتكەن سايىلەر تۇرار ئېسىلىپ...



كۆكتىن تامغان ئەۋرىشىم دەريا،

سېتىقچىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى قالغان

چىلانزارنىڭ باغرىدا ئاقار

شەپەق ئۇنىڭ ھۆسنىگە يىراقتىن باقار...



كېچىلەرگە مۆھۈرلەنسە يېزىقلار...

تېلۋېزوردا

گانگى دەرياسىدىكى تىمساخ

چۈش كۆرگۈچىنىڭ قۇۋۇقىنى غېرىچلار...



چوكا ئاچقىنىدا تولۇق كاماننى

ئاشپەز چانايدۇ

خورازنىڭ كاللىسىدىكى سەھەرنى...






_ ئاپتورنىڭ "ئاقىۋەت ياكى باشلىنىش'' ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز بىللە بېرىپ كۆردۇق دېڭىزنى


چىن ئەنجاڭ



ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى


ئاپتور ھەققىدە: چىن ئەنجاڭ 1957-يىلى قۇمۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان. كارخانە خىزمەتچىسى، رادىيۇ، ئاخپارات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ "شىئېرىيەت''، "يۇلتۇزلار''، "يېشىل شامال''، "جۇڭگو يازغۇچىلىرى''، "خەلق گېزىتى''، "شىئېرىيەت گېزىتى'' قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. "شىئېرىيەت'' ژۇرنىلى قاتارلىق كۆپلىگەن گېزىت _ ژۇرناللار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. "قوشئاۋۇز''، "دەرياغا يېقىنلىشىش'' قاتارلىق كۆپلىگەن شىئېر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. 1987-يىلى لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1990-يىلى غەربىي شىمال ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش _ قۇرۇلۇش بىڭتۇەننى ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئۇچىرىشىش

پەلسەپە تايانغانچە ھاسىغا
كىرىپ كەلدى دۇنيا زالىغا.
ئولتۇرۇپ قالدى پەلەمپەيدە ئۇ،
بەلكىم ھارغان چېغى بار.

شىئېر كەيگىنىچە جۇل _ جۇل جەندىنى،
تۇرماقتا ھاياتلىق چەللىسىدە مۈكچىيىپ.
يوق تۇرارغا ھالى ئۇنىڭكى،
كۆزلىرىمۇ قالغان چەكچىيىپ.

كۆرۈپ قالدى پەلسەپەنى ئۇ
ھەم ئۇزاتتى ئاڭا قولىنى.
دوستىمىكىن بىر زامانلاردىكى
يا ناتونۇش تەنھا يولۇچى،
تەئەجۈپتە تۇرار ئۇ شۇنداق
بىلمەي زىنھار قارارگاھىنى...

سوقا

ئەگەشكەنچە ئۆكۈز كەينىدىن،
سوقا تىلغىماقتا يەرنىڭ باغرىنى.
تۆمۈرنىڭ ئاۋازى تۇپراقتەك قېلىن،
ئېلىپ قايتتى ئۇ ئۆيىگە مەغرۇر
تۇپراقتىن ئاداشقان بىر تال ئۇرۇقنى.

ئىتتىكلىكى تۆمۈرنىڭ
يېتەر سوقىغا ئۇزاقتىن _ ئۇزاق.
تۆمۈر بىرلەشكەچكە ھەقىقەت بىلەن
چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەن تۇپراق...

بىز بىللە بېرىپ كۆردۇق دېڭىزنى

بىز بىللە بېرىپ كۆردۇق دېڭىزنى
كۆرگىنىمىز باياۋان ئارا
بۆكەنلەردۇر سانسىز، ساناقسىز...

ئوخشاشقىنا دەشتنىڭ قوينىدا
يولىمىزدىن ئاداشتۇق بىردىن.
كەلگەن ئىدۇق دىگەن مەنىدە
چىنارلارنىڭ كۆتەكلىرىگە
بەلگە سېلىپ ماڭساقمۇ چىندىن.

كۆزىمىزنى قىلدى بەك روشەن،
ھەيرانلىقىمىز كەلگەن چاغدىكى.
باياۋانغا ئايلىنىپ دېڭىز
خۇددى پاردەك بوپكەتتى غايىپ
بىز بىردىن بىر ئۇنىڭ شاھىدى...

نۇرغۇن يىللارنى ئۆتكۈزۈپ يانا
كەلدۇق باياۋانغا،
                         تىلسىمغا ئەسىر.
ئەينىدە بىز كۆرگەن ئەشۇ مەنزىرە
تامام ئەسلىمە، ئەسلىمە ئاخىر...

تەرتىپ

تۈنۈگۈنلەرنى ئاستىغا تىزىپ
ئەتىلەرنى ئۈستىگە تىزىپ
ئوتتۇرىدا مەن تۇرسام
خوپ كەلدى.

تۈنۈگۈنلەرنى ئۈستىگە تىزىپ
ئەتىلەرنى ئاستىغا تىزىپ
ئوتتۇرىدا ھەم تۇرسام
خوپ كەلدى.

شۇندا
كەتتى بىرى ئۆتمۈشكە
كەلگۈسىگە ھەم بىرى...

تىزىپ ئۆزۈمنى ئۈستىگە
تۈنۈگۈنلەرنى تىزدىم ئاستىغا
ئوتتۇرىغا قويسام بۈگۈننى
خوپ كەلدى.

ئۆزۈمنى تىزىپ ئاستىغا
ئەتىلەرنى تىزىپ ئۈستىگە
ئوتتۇرىدا قويسام بۈگۈننى
ئۇمۇ خوپ كەلدى.

شۇندا
بىرى تەننىڭ ماكانى
بىرى روھنىڭ بارارى...

شامال كۈيى

قۇياش ياپتى دېرىزىسىنى
ئېچىۋەتتى ئىشىكنى كۆللەر.
شامال سانچىلدى سۇنىڭ يۈزىگە
پارچىلاندى ئۇندا ئەينەكلەر.

شۇ چاغ
قىرغاق چېكىندى چەكسىز ئارقىغا،
بېلىقچى قۇشلارنىڭ ۋاڭ _ چۇڭى ئارا.

سۇ قۇشلىرى كۆكتە ئۇچقاندەك
چاچراپ چىقتى كۆلدىن نوتىلار.
غايەت قاناتلاردا ھاۋا ئېقىمى
تۆكتى خازان تاغدا قار _ مۇزلار...

باھار سوۋغىتى

1

سائەت ئىستىرىلكىسى كۆرسىتىپ تۇرسا كېچىنى
چەكسىز يورۇقلۇق قاپلاپ تۇرار ئۇيقىنى.

2

بەكمۇ چوڭ بولغاچ كۆزلىرىم
ساقلانغاندۇر نۇرغۇن نەرسىلەر
ئاتىدىم مەن
ئۇلارنى "سۆز'' دەپ.
ھەم يولغا سالدىم باشقا ئېغىزدىن
كەتتى ئۇلار شادىمان يۈگرەپ...

3

سۈت چېلىكى
تۇرىۋېلىپ مەركىزىدە تۇرمۇشنىڭ
كاۋاپ ئېتەر بەدىنىمنى دەممۇ _ دەم
ئۇچىدىغان قىياپەتتە كۆرىنەر
مىدىرلىماي جايىدا ئۇ ۋە بەزەن...

تام

قەغەز پارچىلىرى تامدىن چۈشەر سويۇلۇپ
چۈشەر سويۇلۇپ...

تام تۇرىدۇ يەنىلا مەزمۇت
تاملار تۇرار مەڭگۈگە مەزمۇت.
بۇندا ھەر نىمە ئەمەستۇر تامسىز
ئۇ ۋاقىتتەك چەكسىزدۇر، چەكسىز
ھەم زىمىندەك كەتكەن بىپايان
تاشقا ئوخشاش مەزمۇتتۇر، مەزمۇت.

تام بوشلۇقى، بوشلۇقىدۇر قەلبنىڭ...

يۈزدە قورۇق، چاچلىرىڭ ئاپئاق
ئولتۇرىسەن چاقلىق ئورۇندۇقتا
ئېيتقىن، چۈشتۈڭ نەدىن سويۇلۇپ...

بىر بالا

قۇملۇق ئىچىدە بارماقتا يالغۇز
ئۆيگە قايتماقنى كۆزلەپ بىر بالا.
بارخانلار تىنىقى ھەمراھتۇر ئاڭا
چىشلار غۇچۇرلايدۇ ئەتراپتا يانا
قۇملۇق سوزۇلماقتا ئاياغ ئاستىدا...

سوغۇققا يوق بۇندا ھېچبىر پاناھ جاي،
قۇياش لىق تولغاچ پۈتۈن بوشلۇققا.
كېچىنىڭ جەسىدى يېيىلغان چەكسىز
ئۆيىگە قايتماقتا بۇندا بىر بالا.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە تامام يورۇقلۇق
قەلبى ھەم چۆمۈلگەن ئاتەشكە _ نۇرغا...


ئەسلىسى: خەنزۇچە "بوستان'' ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

تەرجىمىسى: "تارىم'' ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش