پائۇل مۇلدون شىئېرلىرىدىن
ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى
پائۇل مۇلدون ــ ئېرلاندىيە شائىرى. ئۇ 1951-يىلى شىمالى ئېرلاندىيەنىڭ ئارماگ دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. بېلفاست ئايال پادىشاھ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقىغان.مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگىلىيە رادىيۇ شىركىتىدە فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1987-يىلى ئامىرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ،پرىنېستۇن ئۇنۋېرسىتىتىدا فىلىلوگىيە پەنلىرى پىراففىسسورى بولغان.1999-2004-يىلىغىچە ئەنگىلىيە ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ 42-نۆۋەتلىك شىئېرىيەت پىراففىسسورىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ھازىرغىچە «يېڭى كەيپىيات»،«خېچىر»،«برۇۋىن نىمە ئۈچۈن ئايرىلدى»،«ئىمراما»، «ئەنگىلىيەلىكنى ئۇچىرىتىش»،«مادۇك ــ بىر سىر»،«چىلى يىلنامىسى»،«چۈچۈك بۇيا»،« شىئېر ــ شامالسىز بەلباغ» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر توپلىمى نەشر قىلىنغان. 2003-يىلى پرس شىئېرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ھازىرغىچە ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئەدەبىيات جەمىئىيىتىنىڭ مۇكاپاتىغا، ئامىرىكا فىلىلوگىيە ۋە پەن ـ تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا،1994-يىلى ئېلىئۇت شىئېرىيەت مۇكاپاتىغا، 1997-يىلى ئېرلاندىيە تېمس شىئېرىيەت مۇكاپاتىغا، 2003-يىلى كانادا گېرفىن خەلقئارا شىئېرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
سۈت چۆپ ۋە قارا تىزمىلىق ئالا كېپىنەك
ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە تىزلانغاندا ئۇ قالىدۇ ئايرىيالماي ــ قارىكۆز بەدىيان ياكى ئەمەن ھىدىنى
تۇنجۇقماقچىدەك ھازىرلا توشۇقتۇر ئېغىزى ئۇنىڭ ھەسرەت ئۇنى قامچىلار نىچۈن ئەمەستۇر زىنھار مەرھۇملار ئۈچۈن
قۇندۇز مويلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئايالنى دەپ ئۇ يۈرەر پورتلاندتا، مېئانې شىتاتىدا ياكى ئورېگوندا بىلەلمەي قالىدۇ نەدىلىكىنى
نەپىس نەرسىلەرنى سورار ئۇ نىچۈن تۇزغا چىلانغان تەرخەمىكى يا ئۇنىڭ تەمى بارمۇ ئۇ تىزلانغاندا قەبرە ئالدىدا
يۈگۈرتۈپ ئۇ ئەتىراپىغا كۆز ئەسكە ئالار غەيۋەتلەرىنى قالىدۇ ھەم ئايرىيالماي ــ زىمىن ۋە كۆكنىڭ قارايغىنىنى
قارا تىزمىلىق ئالا كېپىنەك ئۆلسە سۈت چۆپلەرنىڭ تەشنالىقىدا ئۇنىڭ قانىتنىڭ كېرىلىشى قالارمۇ ئەسلىتىپ ئاتا ـ ئانىسىنى
دەھشەتلىك بورانلار زەرب بىلەن ئۇرۇلار ئېرلاندىيەدىكى مۇخېر قىياسىغا شۇندىن كېيىن بىر بىرىنى قىلىشتى ئىجاد سۈت چۆپ بىلەن قارا تىزمىلىق ئالا كېپىنەك
يۈگۈرتەر ئۇ ئەتىراپىغا كۆز رۇسچە چايداندا كۈپەر چېيى تىزلانغىنىدا مەرھۇملار قەبرىسىنىڭ ئالدىدا قالدى ئۇنتۇپ ئانىسىنىڭ ئىسمىنى قالدى ئۇ ئايرىيالماي ھەم بۇنى
يېشىل پاقا
شېغىللىقتىكى كىچىككىنە ئۆزگۈرۈش كەلدى ئۇنىڭ كاللىسىغا. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۆلتۈرمەكتە شەيتىنىمنىڭ ئىچىدىكى كۆپۈكلەرنى. ئىسكىنە ۋە بولقامنى تاشلاپ بىر چەتكە ئۇنى باشلاپ كەلدىم گۈرجەك ئۈستىگە.
ئېرلاندىيەنىڭ ھەممە ئادىمى تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقتى 31-ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈللۈكىدىكى كۆلچەكتە كېچىچە گۈزەتچىلىك قىلىۋاتقان پاقىنىڭ ئۈستىگە ئىككى بوتۇلكا بىرلەشمە قانۇن لاھىيەسىدىن كېيىن ئۇ يەردە قالغىنى مۇزدەك شاراپتۇر
بۇ ھېكايىگە يوشۇرۇنغاندۇر كىنايە. دەۋرىمىزنىڭ كىنايىسى. مەگەر قاچىلىسام ئۇنى كاللامغا ھەم ئۇنى تېنىدىن سىقىپ چىقارسام ساپ ئاپسىلىن شەرۋىتىدەك يا بىر پارچە لىمۇن مەلھىمىدەك.
ئاناناس بىلەن ئانار
ئەسلىدىم ئون ئۈچ ياشلىق بالا چېغىمنى تۇنجى ئانانىسىم بىلەن ئېلىشقىنىمنى ئۇنىڭ يالاڭئاچ تېنى ئايلانغان ئىدى ئىرادەمنىڭ يەنە بىر سىنىقىغا تەھقىقلەيمەن تۇيغۇمدا ئۇ ئۆزىگە ئەمەس، باشقا نەرسىگە ۋەكىل دەپ ئۇنىڭ سېخىلىق بەرگەن دۇنياۋى سىمۋۇل ئىكەنلىكىنى تامامەن ھېس قىلالمىدىم بېرىش ــ توغرىمۇ؟ قورال ئەمەس، نەدىن كەلگىنىمنى بىلگەن بولسىڭىز. مۇشۇ ئېچىلغان ئالقانغا ئوخشاش بىر گىراناتنىڭ بۇ شارنىڭ مەلۇم بۇرجىكىدە تاماملانغانلىقىنى. ئېيتىۋاتقىنىم ئاناناس ــ توغرىمۇ؟ ئەمەستۇر ئانار...
قەسەم، قەسەم
ياتىمەن راھەتتە شىمالى كالورىنا شىتاتىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى قەدىمى تاماكا ساتمىسىنىڭ ئىچىدە. سۇمرۇغ باشلىق قۇش كورنۇس دەرىخلىرىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ سايراپ نەشىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئىزھار ئەيلەپ. ئۆتەر ئۇنىڭ كۈيى باش ئۈستۈمدىن. چۆپلۈكتىمۇ بولار ئىكەن شۇنداق شان ـ شەرەپ مەندۇرمەن بەختنىڭ نامايەندىسى. لېكىن يوقاتتىم تامام پاكار تاغلارنى، چەكسىز بوشلۇقنى يايلاقتىن توپ ـ توپ بولۇپ كېلىۋاتقان قات ـ قات دولقۇنلارنى ئۇلار باسالمايدۇ يالاڭئاچ ئوشۇقۇمنى ئۆلۈۋاتقان بارلىق نەرسىلەر ئۆتۈپ كېتەر ماڭا سۈركۈشۈپ.
لورلى بىلەن ئاتلانتىك ئوكىياننىڭ قىرغىقىدا يۇرىمەن قاشا قاشالاپ ئايلاندۇرغانچە كىچىككىنە ماكانىمىزنى بېرەيلى ئۇنىڭغا تاۋاپچىنىڭ بوينىدىكى قۇلۈلە قېپىنى ئىخلاسمەن ھاسىنى شادىمان بوقچىنى، كۆكەرمەس بولكىنى سەكسەن نەچچە ئادەم بىز لورلى مۈرىمىزگە دەسسەپ تۇرۇپ ئاچار يەلكەننى كۆپ يىللاردىن كېيىن كېلەر ئۇ قايتىپ تەئەجۈپتە ئۇ بىزنى قەيەردە ، نە ئۈچۈن تامام غايىپ بولدى دەپ كۈتمىگەندە ھەر جايدا كۆرۈنىمىز ئۇنىڭ چاچلىرىدىكى بىر سېرىق چاچتەك ئىندىيان قىزنىڭ نەزىرىدىكى كۆك رەڭدەك
ياتىمەن راھەتتە شىمالى كالورىنا شىتاتىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى قەدىمى تاماكا ساتمىسىنىڭ ئىچىدە. تەرەپپال بىركىم ۋە بىر نەرسە، ئىللىق، يالاڭئاچ سۆئەكلىرىمدە يۈرەر يۆتكىلىپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا ئۇپۇقلاردىن سالىدۇ نەزەر زىمىننى كېسىپ، ئوكىياندىن ھالقىپ. بىر سۇمرۇغ باشلىق قۇش سېرىس دەرىخلىرىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ سايراپ زىلۋا ۋە تارتىنچاق سۆيگۈ بۆلەك ـ بۆلەك پەلەمپەي تۇتىشار ئۇنىڭ بېسۋۇتتىكى ئۆيىگە بوينىدىكى مىرابېل ئالۇچىسىدەك سەپكۈننى سۆيۈپ ئايرىلغاندا سۆيگەن ئىدىم مەن
برۇۋىن نىمە ئۈچۈن ئايرىلدى
برۇۋىن نىمە ئۈچۈن ئايرىلدى نەگە كەتتى ئۇ سىر تېخى بۇ ھازىرمۇ
چۈنكى بىركىمنى رازى بولدى دىسەك پەقەتلا برۇۋىندۇر باردۇر ئۇنىڭ ئىككى گېكتار بۇغدايلىقى، بىر گېكتار ياڭيۇسى تۆت غونان بۇقىسى بىر سىيىرى، بىر تاش ئۆيى ئۇنىڭ يەر ئاغدۇرىۋاتقىنىنى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگەنكەن بىرى مارتنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى،بىر سەھىرى...
بىرۇۋىننىڭ نامى چۈشتە چىقتى؛ كىشىلەر كۆردى تاشلىۋېتىلگەن ھەممە نەرسىنى ئاخىرقى سايمان تېخى يېشىلمىگەن ئىدى ئىككى قارا ئېتى ئوخشايتتى بىر جۈپ ئەر ـ ئايالغا ئاياقلىرىنى يۆتكەپ كۆتۈرەر ئىدى ئېغىر نەرسىنى تىكىلگەنچە كەلگۈسىگە
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى
دەسلىپىدە ئىككى ئەسكەر ئىدى ئارقىدىن ئىككىسى ئەگەشتى مۈرىسىگە ئارتقىنىچە چىۋىق سېۋەتنى.
بەلكىم ئوۋغا ماڭغان ماڭغان چېغى بار. مىلاد بايرىمى قالغاچ يېقىنلاپ يەڭگىلگىنە قەدەم بىلەن باراتتى ئۇلار. نىمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمىگەندەكلا توختىسا بىرى، توختار ئىدى ھەممە بىراقلا.
يالقۇن ئۆرلىمەكتە. بىركىم مۇزنىڭ ئۈستىدىلا ئېچىۋەتتى ئۇلارنىڭ قېلىن تونىنى. پولشانىڭ ۋوتكىسى، بولكا ۋە يىمىش پەيدا بولۇپ تۇيۇقسىز ئايلىنار ئىدى.
گېرمانىيەنىڭ بىر قەدىمى كۈيى يالغۇز كىشىلىك قارتىنىڭ نىزامى سەلدىن كېيىن ئۇلار بەھىرمەن بولىدىغان مەخپىيەت ئىدى. ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى تاماكىنى تۇتاشتۇردى
ھەپتە ئاخىردىكى مەشۇقلار ھەممە ئىش تاماملانغاندا قوپقىنىچە كارۋاتتىن بىر ـ بىرىنى تەبرىكلىشىپ ئىسىم ۋە ئادرىسلىرىنى ئالماشتۇرغاندەك.
دەرەخلىكتىكى يول
ئاخىرقى نۇقتىغا كەلسەكمۇ يېتىپ ئۇۋاقلارنى تېخى بولمىدىم يىغىپ ئارىلىق تۇرار ئىدى ھەممىدىن روشەن. ئۇ ئاجىز نۇردىن باشلانغان ئىدى سەھەر قۇشلار ئاۋازىنى ئۆتكەندە كېسىپ تاڭ ئاتار سورۇنلار تۈگىگەندىن كېيىن تاغ قۇشلىرى، پاختەك، تۇرۇلغىلارغا ئەگىشىپ كالتەكتىن بىرنى بېرەيلى قۇلۈلىگە قول تۇتۇشۇپ تۇرماقتىمىز دۇنيا يىقىلماقتا ئالدىمىزدىلا.
شامال ۋە دەرەخ
ئورمانلىقلاردا چىققىنىدەك ھەممە شاماللار دۇنيانىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزىنىلا قىلىدۇ مەركەز.
شاماللار قۇغلانغان يەردە دەرەخلەرمۇ بىرگىدۇر، بىرگە بىر دەرەخ يەنە بىر دەرەخنى تارتىپ قۇچاقلار
ئۇلارنىڭ ئېغىر ياپراقلىرى چىرمىشىدۇ ئەسەبىيلەرچە ئۇ ئەمەستۇر يالقۇن سۇندۇرماقتا بىرسى بىرسىنى.
ئويلايمەن دائىم يالغۇز دەرەخ بولۇپ قالسام دەپ بارمىسام پەقەت ھېچ يەرگە
ئىككى قولۇم سۇندۇرمىسىمۇ بىر بىرىنى رۇخسىتىم بىلەن سۇندىرىدۇ سۆڭەكنى ئايرىيالايمەن ساپ ھاۋانى.
ئالتۇن بېلىق ھەققىدە ئوي
ھاۋانىڭ قاپقىقىنى قايتۇرايلى سۇنىڭ مەيىن دولقۇنىغا ئالتۇن بېلىقنى ئويلاپ
مېنىڭ ئاخىرقى ئەڭ ئېسىل تۇرقۇم سىلكىنىپ تۇرار سۇلاۋ خالتىدا ئۇ قالار ئوخشاپ قەلبنىڭ ئالماشقىنىغا
سېتىۋالغاچقا قۇچاقلايسەن. سوغۇق ئۇ، ئىلاجىسىزمەن سوغۇق بولغاچقا.
پەقەت، قەرەلىدە بولغاندا ھالاك كونا ئۆينىڭ ئۆگىزىسىدە تۇرۇپ نەپەس ئالار بېشىنى ئۇرۇپ
بۇلۇتلار ئارىسى. قۇلۇپلايمەن ئىشىكنى قولۇڭ بىلەن ۋەدەڭنى تارتىپ ساڭا ئەگىشىپ. خوشالمەن قانۇن يول قويسا مەن مەڭگۈ بېشىمدىكى چىراق بىلەن مەگەردە ئۇ پەقەت يېنىمدىن كەتسىمۇ ئۆتۈپ
ئەينەك ــ دادامنى خاتىرلەيمەن
1 ئۇ ھازىر دادام ئەمەس، مەن يەنىلا ئۇنىڭ بالىسى؛ مۇزدەك بۇ پارادوكس بىلەن ئېلىشماقتىمەن كېپەنلىنەر ئىككىنچى كۈنى يىراقتا ئۇنىڭ چىرايلىق كىيىمىنى كىيگەن بىر كىشى.
كاتتا بىر كۈندە ياشلار قۇيۇلماقتا شېررى ھارىقىنىڭ رومكىسىغا ۋېسكى، ساندۋېچ،چاي ئۇنىڭ بىر بۇرادىرى تۇرىدۇ سۆزلەپ 30-يىللاردىكى يىئېرغا ماڭغان قىسقا سەپەرنى. 40-يىللاردا قانداق قىلىپ كۆكجۈن بىلەن بېرلىن سەپىرىدە ھەمراھ بولۇشقىنىنى. ياتاق ئۆيدىكى تاممەش ئۈستىدە مىسسا كارتىسى تۇرىدۇ قىيپاش ھىلال ئاي تۇرار ئوراپ ئەينەك لوڭقىنى شىركەتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئارام سوۋغىسى.
2
ئىككى كۈندىن كېيىن ھېس قىلدىم ئۇنىڭ تىنىقىنىڭ ئەينەكتە قالغىنىنى.
ۋېكتورىيە دەۋرىدىكى غايەت بۇ ئەينەك ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەندۇر رامكىسىغا بىز كۆچۈپ كىرگەندە بۇ ئۆيگە ئېسىقلىق تۇرار ئىكەن ئۇ تامدا.
قورقاتتىم ئۇنىڭ تامدىن سېرىلىپ چۈشۈشىنى تۈن نىسپىدە ھەم مېنى ھاپ قىلىپلا يۈتۈۋېتىشىنى.
ئۆينى زىننەتلەۋېتىپ دادام ھېچكىمنى ياردەمگە چاقىرماي ئالغان ئىدى ئەينەكنى ناھايتى تېزلا ئۇ قىزىل ساپال توپىنىڭ رەڭگىگە ئۆزگەردى شۇ كېچىسى، ئۇنىڭ يۈرىكى بولدى سەكپارە.
3
قىلغىلى ھېچ ئىش يوق تۇتۇنماق كېرەك خىزمەتكە قەغەز چاپلاپ ئاراشلارغا ھاكلاپ ئىگىز دېرىزىلەرنى ئامبارنىڭ ئىشىكلىرىنى چۇۋۇپ تۇتقىنىمدا ئەينەكنى كەتتىم چۆچۈپ. دادام ئەينەكتە نەپەس ئېلىۋاتقاندەك ئاڭلىدىم ئۇنىڭ مۇلايىم، پەس ئاۋازىنى: قېنى، ساڭا ياردەمچى بولاي، ــ دىگەن سۆزىنى.
ئەينەكنى ياندۇرۇپ چىقىپ ئەسلىدىكى تاممەشنىڭ ئۈستىگە قويدۇق دادام تەمكىنگىنە كۆتۈرۈپ تۇراتتى ئۇنى ئىككى تال مىقنى تېپىپ مىقلاپ قويدۇم تامغا ئەينەكنى...
|