شېن ۋېي شىئېرلىرىدىن
شېن ۋېي 1965-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى جېجياڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتۈرگەن. ئوقۇتقۇچى، "ئاسىيا كىندىكى'' گېزىتىدە مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2000-يىلىدىن2009-يلىغىچەشىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىدە ئىشلىگەن.ھازىر "غەرىپ'' ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: "قىسقا ئارىلىقتا توختاش''،"ئىگىزلىكتىكى ھاڭ''،"توزىڭىم _ يولۇم'' قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى، "چىڭقى چۈشتىكى شىئېرىيەت ئىلاھى'' ناملىق ئوبزورلار توپلىمى، "شىنجاڭ ئاتالغۇلىرى لۇغىتى''،"شىنجاڭ زىياپىتى''،"قەشقەر'' قاتارلىق ساياھەت خاتىرىلىرى نەشر قىلىنغان. "لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى''، "مەملىكەتلىك ياشلار ئوقۇشلۇقلىرى مۇكاپاتى''، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق "تەڭرىتاغ ئەدەبىيات _ سەنئەت مۇكاپاتى'' ۋە "شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى'' قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
قىزلار ھۈپپىدە ئېچىلىپتۇ دالىدا
قىزلار ھۈپپىدە ئېچىلىپتۇ دالىدا
قوللاردىكى زورلۇقلۇق ئوخشاپ قالار ئانارغا.
چىشلەپ كۆرسەڭ، ئىچىگە تولغان تامام مۇھەببەت،
ئۇلىغىنى شۆھرەتنىڭ مىنگىنىچە ئىگەرلەپ
كېلەر ئۇلار زۇمرەتتەك سۈزۈك ئېقىن بويىغا.
نازۇك، يۇمران، ئۇز گۈللەر ھەسرىتىمنى قۇچماقتا،
ئۇلۇغ ئاچتىم رۇجەكنى
شىئېر ۋە قۇش ساماغا لەرزان _ لەرزان ئۇچماقتا.
بارماقتىمەن ئىگىزلەپ بويلىغانچە مۇنارنى،
پورەك ئاچقان گۈللەردەك شۇنچىلىك كۆپ قىزلارنى،
يىغماقتىمەن ئورمىلاپ قولۇمدىكى ئورغاقتا.
نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ
نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ،
ئۇ ھەر تامان ئۇچۇپ يۈرىدۇ،
ھەممە ياقنى قۇچۇپ يۈرىدۇ.
نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ
كەلگىنىچە سايدىن، جىلغىدىن،
ئۇچۇرىدۇ قىزنىڭ چېچىنى،
ئاققۇزىدۇ مۇزدەك يېشىنى.
نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ
قېقىلىدۇ مىۋىلەر باغدا،
ئېتىز _ قىرلار قالىدۇ داغدا.
نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ
سەرسان يۈرەر ياپراقلار بۇندا،
قېچىپ يۈرەر توزانلار ئۇندا.
نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ
يوللار كەتتى شامالنى تاشلاپ،
ياتار ئۇ،
كۈل قوينىدا كۆزىنى ياشلاپ.
نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ
تاغ ئۈستىدە ئۆچتى بىر چىراق،
مۇھەببەتنىڭ چاقنىغىنىدەك
بىردىن، تۇيۇقسىز.
ھەم ئۆچكىنىدەك شەپىسىز، ئۈنسىز...
قۇملۇق ھوسۇلى
يامغۇر سۈيى سىڭدى قۇملۇققا،
قىزىق ئاپتاپ تىندى قۇملۇقتا.
ئاپئاق قارلار مۆكتى قۇملۇققا،
پەسىللەر، ۋاقىتنىڭ تۆت پاي ئايىقى
كونىرىغانچە قالدى قۇملۇقتا.
ئۇچقان قۇشلار مۆكتى قۇملۇققا،
بۇلۇتلارمۇ يۈتتى قۇملۇقتا.
قەدەھلەرمۇ چۆكتى قۇملۇققا،
كالاملارنى تاماملاپ پىرلار
تارقىلىشتى، پۈتتى قۇملۇقتا.
سۈكۈت، سۈكۈتكە سىڭمەكتە ئاستا
چىقىۋاتقان ئۇ سۇسقىنە ئاۋاز،
ئوخشار بىركىمنىڭ
ئەڭ ئاخىرىقى خۇرسىنىشىغا...
شەيىخ ۋە ئۇنىڭ قىزى
تىمتاسلىق،
مازارنىڭ كۆپكۆك قۇببىسى ئۆزرە،
ئۈگدەپ تۇرماقتىدۇر بىر جۈپ ئاق كەپتەر.
ئوقىغاندەك مەرسىيە ياكى قەسىدە،
چۆچۈپ ئاي نۇرىدىن بۇقۇلدار، ئۈنلەر.
پەيدا بولار شەيىخ ھەم شەيىخنىڭ قىزى
شام كۆتۈرۈپ كىرىپ كېلەر لەھەت ئىچىگە.
سوغۇق شامال كېلىدۇ ئۇددۇل،
باقىنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوققاندەك،
ئەلەڭشىپ تۇرىدۇ ئىككى كۆلەڭگە.
سۈكۈت،
تازىم...
شەيىخ ھەم شەيىخنىڭ قىزى
خۇددى بۆشۈكتىكى بوۋاقنى باققاندەك،
ئاۋايلاپ سۈرتەر گۈمبەزدىكى توزاننى.
توققۇز قەبىلىنىڭ بېگى ياتىدۇ بۇندا،
شان ھەم سەلتەنەتنىڭ يارى ئەينىدە.
قۇرۇت _ قوڭغۇزلارغا يەم بوپتۇ بۈگۈن
قارىيالماس ئۇلار ئەمدى زىنھار كەينىگە.
تۆككەنچە ئاپئاق نۇر بوۋايغا، قىزغا
ھالقىپ تىمتاسلىقتىن شۇنداق خىرامان
تولۇنئاي ئېسىلغان مازار ئۈستىگە.
قايتار شەيىخ ھەم شەيىخنىڭ قىزى
چۈشىدە بۇقۇلدايدۇ بىر جۈپ ئاق كەپتەر
ئوقىغاندەك مەرسىيە ياكى قەسىدە...
پالنامە
__ تۈرك يازمىلىرىغا تەقلىد
1
دەيدۇ:
ئالا _ چىپار شۇڭقارمەن پۈتۈن،
تىتىلىپ كەتكەن گىلەمدىن كۆچكەن.
توي ئۈزۈكى، پەيلەرمۇ يۈتتى،
ياتماقتىمەن دەرەخ ئۈستىدە،
چىرايىمدىن غەملەرمۇ ئۆچكەن.
چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...
2
دەيدۇ:
قىزىل چاچلىق زالىم شاھ، بىر كەمپىرنىڭچۈشىدە
باقار ئىكەن يۈز مۆشۈك بارخانلارنىڭ چېتىدە.
چەللىسىنى بورانلار كەتكەن تامام ئۇچۇرۇپ،
بوردا نانغا زارۇ _ زار يۈرسىمۇ گەر ئاھئۇرۇپ،
قۇتۇلۇپتۇ ئۆلۈمدىن
ساپلىغىنى يالىغاچ ئولتۇرغانچە ئۆيىدە.
چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...
3
دەيدۇ:
قاناتلىرى قاغىنىڭ توسىۋالغاچ ئاسماننى،
قېرى بۈركۈت زىمىندا سەيلە قىلىپ يۈرىدۇ.
ئامان قالماس قوناقلار، بالىلارمۇ ھەمچاشقان،
قېرى بۈركۈت بۇلارنى قاغىلاردىن كۆرىدۇ.
قېنى سىلەر ئېسىڭلار قاغىلارنى شاخلارغا
قانىتىدىن چىڭ باغلاپ دەرەخلەرگە ئېسىڭلار.
چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...
4
دەيدۇ:
يولۋاستۇرمەن ھالسىز، ماجالسىز
باش _ كۆزۈمگە سانچىلغان تىكەن.
ئالا بالداقلىرىم نۇرغا چۆلۈلگەن،
چۈشكۈرسەممۇ سوغۇق تەككەندەك
يالقۇن ھەيكىلى، ئالتۇننىڭ كۈلىدۇرمەن،
يولۋاستۇرمەن، يولۋاس مەن دىگەن.
چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...
5
دەيدۇ:
يەردە تۇپراق، ئاسماندا تۇمان
قۇش ئاداشتى ئۇچقانچە بىردىن.
كېتىۋېتىپ يوقالدى بالا
ئانا ئايرىلىپ قالدى كۆزىدىن.
ساقلىغاچ تەڭرىم
ئۇچرىشىپتۇ قەشقەردە ئۇلار،
شۇندىن ئۆزگە يەتتە يىل كېيىن.
خۇشاللىقتىن كۆزلەردە لىق ياش،
بالا يېنىدا
ئىچىپ مۇسەللەس ئۇسۇلغا چۈشكەن
سەمەرقەنتلىك چىرايلىق كېلىن.
چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...
تاش ئۈستىدىكى ساكلار
ئەمچەكلەر ھەم ساغرىلار، جان يېرىنى سىزغانچە
ئۆزلىرىنى ساقلاپتۇ ساكلار تاشنىڭ ئۈستىدە.
كۈز ياپرىقى شامالدا ئۇچقان كەبى پاياننسىز،
يات چىرايغا ئۆزگەردى ئۈچ مىڭ يىللار ئۆتكەندە.
كوچىلاردا ھازىرمۇ ئۆتسەك ئەگەر سۈركىشىپ،
تاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، چاچرار كۆپكۆك ئۇچقۇنلار.
چۈنكى تاشقا ئايلانغاچ بۇندا دەريا _ئوتلاقلار
پادىلىرى ئۇلارنىڭ يايرىيالماس يايلاقتا.
موزىيىغا بوغىنىڭ ئۆسۈپ قاپتۇ قوش تۇمشۇق،
غايىۋانە كۈچ بىلەن بوشلۇق ئۆزرە پەرۋازدا...
تىمساھ
تىمساھنىڭ بەتبەشرە گۈزەللىكىنى چۈشىنىش كېرەك
ھاياجان ھەم خاتىرجەملىكنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا
تۇتىدۇ ئۇنىڭ قانخورلىقى،قان خۇمارلىقى.
ئۇنىڭ كالچايغان ئېغىزىدىن شۈركەنسىمۇ تەن،
قەبىھلىك ئاتىقىنى بەرمەيلى ئاڭا،
ئوينىشى، يىيىشى كۆلچەكتە ئۇنىڭ،
مېھرىمىزنى ئۈزەلمەسلىكىمىزگە ئوخشايدۇ تامام،
ئاۋارە بولغىنىمىزغا خىرە ئارزۇغا،
ئىككى يۇرت
يۇرتۇم قەبرە ئىدى تۇغۇلغاندا مەن،
قۇياش ھەم دالا كۆمگەن مېنى ئۇنىڭغا.
يىغلىغانتىم ئەلەمدە قاخشاپ
كەتكەن ئىدىم يۇرتۇمنى تاشلاپ
سەرسان بولۇپ چەت _ يىراقلارغا...
كۆردۈم،
قارلىق چوققا ھەم قوزىلارنى
قۇملۇق يەنە غۇنچە _ قىزلارنى.
قايتتىم بۈگۈن
ئاق چاچلىرىم يول باشلاپ كەلدى
كەلدىم يېنىپ، ئېھ، مېنىڭ بۆشۈكۈم
تەۋرەشلەردىن توختاپتۇ ئەمدى.
ياز پەسلى
چىلاپ ئولتۇرىدۇ پۇتلىرىنى كارىزغا،
تاشپاختا رەخت يېپىنغانچە ياز پەسلى.
ئۈچ قەلەندەر قەشقەردىن كېلىپ،
قېقىشتۇردى ئۈستى _ بېشىنى،
ئاڭا تەڭكەش
پىتلار باشلىدى جۇل _ جۇل ناخشىنى.
قار سۇلىرى ئېقىپ كېلىپ پامىردىن
چاپار قۇملۇققا
ئۆلتۈرگەندەك خۇددى ئۆزىنى...
چەكسىز ئېرۇر بۇندا كۆك ئاسمان
بۈركۈت پەرۋاز ئەتمەي ئۈگىدەپ تۇرار.
قارا رەڭلىك ئۈندەش بەلگىسى
ئۇنىڭ يۈرىكىگە تىنماي سانچىلار.
قەلبنىڭ قاق بولمىقى تېخىمۇ دەھشەت،
كۆيمەكتە تۆگىنىڭ ئۇستىخىنى، يىلىكى ئەدەپ...
ئوت ۋە نۇر، قۇملۇق ھەم كۆلەڭگە
يالىڭئاچ بىر ئىلاھ تۇرغاچقا ساقلاپ،
گېلىنىڭ* ئىشىكى مەھكەم ئېتىلگەن.
زىمىن،
كائىناتتا لەيلەپ يۈرگەن چاقچۇق تاۋاقتۇر،
ئۈستىدە ئانار، ئۈزۈم، قوزا باردۇر نالە قىپ تۇرغان.
*گېلى __ قوش قاسراقلىق قۇلۈلە
ئاپتورنىڭ "توزىڭىم _ يولۇم'' ناملىق توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.
"تەڭرىتاغ'' ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.