ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

ئەيبۇ ياقۇپ: تەرجىمە ئەسەرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 19:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2011-يىل يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى: غايەت زور سان ئەپسانىسى بىلەن
                              مەنىۋى قاتماللىقنىڭ تەڭ مەۋجۇتلىقى


                                   ئوۋياڭ يوۋچۈەن


«يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى» ئاساسلىقى سېفىرلىق تېخنىكا ۋاستىسىغا تايىنىدىغان، تور ۋە يانفۇندا تارقىتىلىدىغان ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ.2011-يىلى تور ئابۇنىتلىرىنىڭ توردىن ئەسەر ئوقۇش قىزغىنلىقى زىيادە يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ستاتىكىسىغا قارىغاندا ھازىر ئېلىمىزنىڭ تور ئەدەبىيات ئابۇنىتلىرىنىڭ سانى 227 مىليۇنغا يەتكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ 20 مىليۇندىن ئارتۇقى تور يازارمەنلىرى ئىكەن. ئەدەبىيات تور بەتلىرىدە تىزىملىنىپ ئەسەر يېزىۋاتقان تور ئاپتورلىرىنىڭ سانى بولسا ئىككى مىليۇندىن ئاشىدىكەن.
ئالدىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى بلوگ قىزغىنلىقىدىن كېيىن، 2011-يىلى مىكرو بلوگ پارتلاش خاراكتىرلىك ئېشىشنى باشتىن كەچۈردى. ھازىر مىكرو بلوگنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان چوڭ تور بەتلەرنىڭ سانى 50 نەچچىگە يېتىپ باردى.ھازىر كۆپ ئىقتىدارلىق يانفۇن،تەكشى يۈزلۈك كومپۇيۇتىر ئابۇنىتلىرىغا بولغان تېخنىكىلار قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلانماقتا.قىزىق تېما، قىزغىن مۇنازىرىلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان مىكرو بلوگ بولسا، 2011-يىلى جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان «شارپا مەدەنىيىتى» ھادىسىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ھالەت: ئىجادىيەت ئوخچۇپ تۇرغان بۇلاقتەك بولدۇقلاپ تۇردى

سېفىرلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشى ۋە غايەت زور ساندىكى ئەدەبىيات ئابۇنىتلىرى، تور ئەدەبىياتى ئوقۇرمەنلىرى، يازارمەنلەر توپى،ئەسەرلەرنىڭ سانى قاتارلىقلار غايەت زور ئېشىش سۈرئىتى بىلەن 2011-يىللىق ئەدەبىيات مۇنبىرىگە بۆسۈپ كىرىپ،بۇلاقتەك بۇلدۇقلاپ ئەسەر سانىنىڭ «مىقتار ئەپسانىسى»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ،مەدەنىيەت جەھەتتىكى مىسلىسىز دىققەت – نەزەرنى بارلىققا كەلتۈرۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدا ھېچقاچاندا كۆرۈلۈپ باقمىغان غەلىتە مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
ئالايلى، «باشلانما خەنزۇ تىلى تورى»نى(起点中文网) ھازىر كۈنىگە 10 مىليۇندىن ئارتۇق ئابۇنىت زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، كۈنىگە 40 مىليۇن خەتتىن ئارتۇق يېڭى ئەسەر يوللىنىدۇ.قىسقىغىنە بىرنەچچە يىلدا مەزكۇر توردا يىغىلغان ئەسەرلەرنىڭ خەت سانى 10 مىليارتتىن ئاشىدۇ.كونا ئەدەبىيات تور بېكىتى «ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا»مۇ(榕树下) كۈنىگە بەش مىڭ پەرچىدىن ئارتۇق ئەسەر تاپشۇرىۋالىدۇ.ئۇ 1997-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەسەر ئامبىرىدا ساقلاۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى تۆت مىليارت پارچىدىن ئاشىدۇ.ئاياللار ئەدەبىياتى تورى «مەززىلىك قىزىل يەڭ»نىڭ (红袖添香)تىزىملاتقان ئەزاسى ئىككى مىليۇن تۆت يۈزمىڭ بولۇپ،ئومۇمىي ئەسەرلىرىنىڭ سانى بىر مىليۇن 920 مىڭدىن ئاشىدۇ.ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە ئالتە مىليۇن 400 يۈزمىڭ ئادەم قېتىم زىيارەت قىلىنىدۇ.ئېلىمىزدە خېلى جانلىق باشقۇرىلىۋاتقان ئەدەبىيات تور بەتلىرىنىڭ سانى 500 گە بارىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭغا 300مىليۇن يانفۇن يازارمەنلىرى توپى ۋە 300 مىليۇن مىكرو بلوگ ئابۇنىتلىرى قوشۇلسا بارلىق ئەسەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ بولغىلى زىنھار بولمايدۇ.
بۇ خىلدىكى يېزىقچىلىق ئېلىپ كەلگەن ئەدەبىياتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگۈرۈش ۋە تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت تەسىر كۈچىنىڭ ئۆزگەرتكىنى ئەدەبىياتنى يەتكۈزۈش ۋە مەۋجۇتلۇق شەكلىلا بولۇپ قالماي، ئەدەبىياتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مېخانىزىمى،چۈشىنىش شەكلى ۋە قىممەت يۈزلىنىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەدەبىي ئۇقۇملارغا بېرىپ تاقىشىدۇ. تور ئەدەبىياتى، يانفۇن ئوقۇشلىقى،بلوگ يېزىقچىلىقى، مىكرو بلوگ ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلار بىرلىشىپ،ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ زىمىندا ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر پارچە يېشىلزارلىقىنى يارىتىپ بولۇشقا تامامەن مۇۋەپپەق بولدى.
ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ بۇلاقتەك بولدۇقلاپ تۇرۇشى،«يېڭى مېدىيە ئەدەبىيات دەۋرى»نىڭ تارىخى خارەكتىرلىك مەيدانغا چىقىشىدىن دېرەك بېرىپ شۇنداقلا يېڭى بىر ئەل ئىچى ئەدەبىياتى ۋە سېفىرلىق مەدەنىيەت لاگىرىنى بەرپا قىلىپ، زەرب خاراكتىرلىك ئەدەبىيات ۋەزىيىتىنى يارىتتى ۋە بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كونتېكېستىنى بارلىققا كەلتۈردى.

مۇئامىلە: ئەنئەنە تاشلاپ بەرگەن «زەيتۇن شېخى»نى قوبۇل قىلىش

«يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى» بىلەن «ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات»تىن ئىبارەت ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان بۇ تېمىدىن سۆز ئاچىدىغان بولساق،2011-يىلىدىكى ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتى، ئاكتىپ، تەشەبۇسكار پوزىتسىيەدە تۇرۇپ، «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى»غا «زەيتۇن شېخى» تاشلاپ بەردى.ئەمەلىيەتتىمۇ،  «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى»غا دائىر ئوبىكتىپ باھالار بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا ئاساسىي ئېقىمنىڭمۇ سۆز تېمىسى بولۇپ قالغان ئىدى.2011-يىلىغا كەلگەندە ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتىنىڭ  «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى»غا بولغان قارىشى ئېنىق بولدى. بۇ ئىككى چوڭ ئەدەبىيات لاگىرى ئۆزئارا كۆز قىسىشىشتىن، قول ئېلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
ئالايلى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى  «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى»نى تەتقىق قىلىش، يېتەكلەشنى ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، 2011-يىلى تۆت تۈرلۈك تەدبىرنى ئېلان قىلدى: 1.جۇڭگو يازغۇچىلار تورى،(中国作家网) يېڭى ئېقىم كىتاپ ئوقۇش قانىلى،(新浪读书频道)شېڭدا ئەدەبىيات تورى،(盛大文学)خەنزۇ تىلى لېنىيەسى،(中文在线)سوخۇ كىتاپ ئوقۇش قانىلى(搜狐读书频道) قاتارلىق بەش تورنى تور ئەدەبىياتى نۇقتىسى قىلىپ بېكىتتى. 2.تور ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى، تور مۇھەررىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا كۇرۇسلارنى تەشكىللىدى.3.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ نۇقتىلىق ئەسەرلەرنى يۆلەش تۈرىگە تور ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى كىرگۈزدى.4.«ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تور ئەدەبىياتىغا قۇچىقىنى ئاچتى.
بۇ تەدبىرلەر ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتى ـ «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى»نىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىنى قوللايدىغان ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.يەنە ئالايلى: تاڭ جەمەتىدىكى 3-بەگزادە (يازغۇچىنىڭ تور نامى،唐家三少)، ئەينى يىللاردىكى تولۇن ئاي(يازغۇچىنىڭ تور نامى،当年明月)، جاڭ يۈرەن قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەتلىكىگە سايلىنىشى،«ئەدەبىيات – سەنئەت گېزىتى»نىڭ «شېڭدا ئەدەبىياتى تورى»بىلەن تور ئەدەبىياتى ئوبزورچىلىقى مەخسۇس سەھىپىسىنى ئېچىشى،جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن ئاخپارات – نەشريات باش مەھكىمىسىنىڭ تور نەشر ھوقۇقىنى قوغداش،سېفىرلىق ئوقۇش،تور ئەسەرلىرى نەشر ھوقۇقىنى سېتىش جەھەتلەردىكى قوغداش،ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، تەرەققىياتقا ئىلھام بېرىش تەدبىرلىرى تور ئەدەبىياتى ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مۇھىم روللارنى ئوينىدى.بۇ ئەلۋەتتە،ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتقا يۇغۇرۇلۇش،ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە يېقىنلىشىش،بىر پۈتۈن ئەدەبىياتنىڭ تەرەققى قىلىشىدا، گۈللىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بازار: ئىگىلىك ھالقىلىرىدا سېتىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىش

«يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى» مەنىۋى مەزمۇن ۋە ئېقتىسادى تارقىتىشتىن ئىبارەت قوش ياقلىمىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇ بارلىققا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت ئىگىلىكى ھالقىلىرى ئاساسەن، يازارمەنلەر بىلەن توختاملىشىش،ئەسلى ئەسەرنى ساقلاش،ھەقلىق ئوقۇش،ئىككىلەمچى باسقۇچلۇق سېتىش،نەشر قىلىش، كېنو – تېلۋېزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلەش،ئىلكىتاپ،يانفۇن ئوقۇشلۇقلىرى،تور ئويۇنى قىلىپ ئىشلەش،كارتون فىلىمغا ئۆزگەرتىش،چەتئەللەرگە نەشر ھوقۇقىنى سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. 2011-يىلى بۇ ھالقىلاردىكى ئەڭ چوڭ سېتىش نۇقتىسى،تور ئەسەرلىرىنى كېنو ـ تېلۋېزىيە فىلىمى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەشتە كۆرۈلدى.
تور ئەدەبىياتى رومانى ئاساسىدا كېنو قىلىپ ئىشلەنگەن «دولانا دەرىخى مۇھەببىتى» (山楂树之恋)،(رىجىسسورى: جاڭ يىمو)  مۇۋەپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن،توردىن ھېكايە ۋەقەلىكى ئىزدەش، كېنو ـ تېلۋىزىيە فىلىمى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئاساسلىق ئىشى بولۇپ قالدى.ئەدەبىيات تور بېكەتلىرى ۋە تور يازارمەنلىرىمۇ بۇ يەردىكى سودا پۇرسىتىنى روشەن ھېس قىلىشتى.2011-يىلى «شېڭدا ئەدەبىيات تورى» 50 پارچە ئەسىرىنى فىلىم ئىشلىگۈچىلەرگە ساتتى. «باشلانما خەنزۇ تىلى تورى» مەخسۇس كېنو – تېلۋىزىيە سىنارىيەسى قانىلىنى قۇردى.«33 كۈن مۇھەببەتسىز قېلىش»،«يالاڭغاچ توي دەۋرى»،«قەدەممۇ – قەدەم ھەيرانلىق»،«ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسى بىلەن يۈرگەن كۈنلەر»،«ساھىپجامالنىڭ ھېيلىسى»،«كۆپۈكتەك ياز»،«تاغلاردىكى ئاخىرقى قار» قاتارلىق كېنو – تېلۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلدىكىدەك بېلەت ۋە سېتىش كىرىمىگە ئېرىشتى.
كېنو – تېلۋىزىيە ئىگىلىكىنىڭ «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى» بىلەن بىرلىشىشى،ئۆزئارا ئېھتىياج بولۇپلا قالماي،يەنە بىر- بىرىگە تايىنىش ھەتتا بىر – بىرىنى ئارىيەتكە ئېلىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، تور ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ئاۋاملاشقان، تۈرلەشكەن، ياشلاشقان خاراكتىرگە ئىگە بولۇپ،ئۇ ئاۋامنىڭ قىزىقىش ۋە تەلەپلىرىگە، كېنو-تېلۋېزىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.سېتىش نۇقتىلىرىنى ئاسان تاپالايدۇ.ئىككىنچىدىن،بۇ سىنارىيە مەنبەسىنىڭ ئازلىقى، بازاردىكى ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەشنىڭ تەلىپى.كېنو- تېلۋېزىيەنىڭ ئاساسى، سىنارىيە ۋەقەلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى» ئەسەرلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى غايەت زور ئەۋزەللىكى كېنو- تېلۋېزىيەنىڭ بايلىق مەنبەسى، ھېكايە ئامبىرىلىق رولىنى ئوينايدۇ. چېكىلىشى يۇقۇرى  «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى» ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزىلا تەبىئىي كۆرەرمەنلەر توپىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ،كېنو- تېلۋېزىيەنىڭ دىققىتى ھامان شۇلارغا تىكىلىپ تۇرىدۇ.ئۇلاردىن پايدا ئېلىش پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى»نىڭ پىلانلىغۇچىلىرى، تور يازارمەنلىرى بازاردا چاقىرىق كۈچىگە ئىگە كېنو- تېلۋېزىيەدىن پايدىلىنىپ تەسىرىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئەسەرلىرىنى ئىككىلەمچى قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ.ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە «ئەل بولۇش»قا تەييارلىنىپ تۇرىدۇ.ساپ سەنئەتلىك «سالاھىيەت»كە ئىگە بولىدۇ.توردىمۇ،كېنو- تېلۋېزىيەدىمۇ تەڭ «قىزىش»تەك قوش ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، كېنو – تېلۋىزىيە بىلەن«يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى»نىڭ بىرلىشىشى،بايلىقتىن تەڭ پايدىلىنىش، بازاردا تەڭ يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،بىر – بىرىنى تولۇقلاپ،بىر – بىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز»دىگەندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئاجىزلىقى: يېزىقچىلىقنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىمۇ بولۇشى كېرەك

    2011-يىلىدىكى «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى»غا قارايدىغان بولساق،تور ئەدەبىياتىدا سان بىلەن سۈپەتتىكى پەرىقلەر، تېز يېزىلىش بىلەن تېز كۆپۈككە ئايلىنىشنىڭ تەڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.توردىكى ئاۋام يېزىقچىلىقىدا ساننىڭ كۆپلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرسىمۇ، لېكىن ياخشى ئەسەرلەر يەنىلا ناھايتى بىر قىسىمنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ مەۋھۇم بۇ قەسىرىدە كۆرىدىغىنىڭىز تولىمۇ كۆپ «سۇ ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن» رومانلار ھەتتا ئەخلەت يازمىلار بولىدۇ. ئەدەبىيات تور بېكەتلىرىنىڭ بازار ئىقتىدارى بارغانچە ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، سەنئەت جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى بارغانچە تۆۋەنلەۋاتىدۇ دىيىشكە تامامەن بولىدۇ. تور يېزىقچىلىقىدا «چېكىلىش»كە چوقۇنۇش ئېغىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئەسىرىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى قىممىتى بولماستىن،ئەكسىنچە چېكىلىشكە قاراپ ئالىدىغان قەلەم ھەققىلا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
    2011-يىلىدىكى تور رومانلىرىنىڭ ئومۇمىي رەت تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى ئون رەت تەرتىپىدە تۇرغان، «يۇتۇۋېلىنغان بوشلۇق»،«كۆك قەرىنى تېشىش»،«توسۇۋېلىنغان ئاسمان»،«كۆك مونچاقنىڭ ئۆزگۈرىشى»، «يەر ـ زىمىننى لەرزىگە كەلتۈرۈش»، «تاڭ سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتلىرى»،«ئەبەدىيلىك»،«كېچىدىكى مەشقاۋۇل»،«قاراقچىلىق دەۋرى»،«ۋۇدىنىڭ قايتا تۆرىلىشى» قاتارلىق رومانلارنىڭ ھەممىسىدە خىيالى جاھانكەزدىلىك، بوشلۇقتىن ھالقىش،روھنى كۆچۈرۈش،تارىخى سۇلالىلەردىكى ئارقا قەسىردىكى ئىشلار يېزىلغان بولۇپ،رىئال تېمىلاردىكى بىرمۇ ئەسەرنى ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ. تۈرلەشكەن يېزىقچىلىق مەلۇم بىر توپنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە ھەقلىق ئوقۇش تەلىپىنى قوغلىشىدىغان بولغاچقا بۇنداق ئەسەرلەردىكى ۋەقەلىك، سىيۇژىت، ئوبراز، تەسەۋۋۇر، رېتىم ۋە ئىپادىلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قېلىپلاشقان بولىدۇ.ئەركىن، چەكلىمىسىز توقۇلمىلار ئارقىلىق ئوقۇش بازىرىغا ئۇيغۇنلىشىدۇ.چېكىلىش، ھەق قوغلىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن خۇددى بىر ماقالىدا دىيىلگەندەك: «مەلۇم مەنىدىن تور ئەدەبىياتىنى ھەقىقى ئەدەبىي ئىجادىيەت دىگىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭدا مىللى مەدەنىيەت ۋە ھازىرقى رىئاللىقتىكى كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان نەرسىلەر تولىمۇ ئاز بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدىغان نەرسىلەر بولسا تېخىمۇ ئاز بولغان بولىدۇ.»
نۆۋەتتە،  «يېڭى مېدىيە ئەدەبىياتى» يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەدەبىياتقا چىن دىلىدىن ئىخلاس قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش،ھالقىش تۇرغۇسىدا تۇرۇپ خەلققە،دەۋىرگە،ئانا زىمىنغا يېقىنلىشىپ،قۇدۇقنى چوڭقۇر كولاپ، ئېنىرگىيە يىغىپ،سەنئەت جەھەتتە يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن ئىدىيەۋى خاھىش جەھەتتىن چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ،دەۋىرنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ، ئەدەبىياتقا ساغلام مەنىۋى قىياپەت ئاتا قىلىپ،ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئادىمىيلىك مېھىر ۋە روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىشى كېرەك.


ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

ـــ ئەسلى ماقالە «نۇر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. «نۇر گېزىتى تورى»دىن ئازراق قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.



(ئاپتور: جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسسورى)



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 04:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمۈچۈك

سېسار ۋاللۇجا (پېرۇ)


شۇنداق بىر چوڭ ئۆمۈچۈك
قىمىرلىيالماي يېتىپتۇ پىنھان.
خۇنسىز، رەڭسىز ئۆمۈچۈك
تېنىدىن،
باش، كۆكرەكلىرىدىن
تېمىپ تۇرار قان.

بۈگۈنمۇ تۇردۇم ئاڭا تىكىلىپ
ئايان بولار قانداق قىسمەت دەپ.
ئۇ سانسىز ئاياقلىرى بىلەن
تۇرار تىرەجەپ...

نىھايەت!
خىيالىمدا ئۇنىڭ كۆزلىرى
كۆرۈنمەيدۇ يولدا ئىزلىرى...

بىر ئۆمۈچۈك
تىترەپ تۇرار تاش ئارىچىدا
باش بىر ياندا
قوساق بىر ياندا.

بولسىمۇ ئۇنىڭ سانسىز ئايىقى
بەرىبىردۇر
قىمىرلىيالماس ئاڭا ئىلاج يوق.
بۇ يولۇچىغا تۇرىمەن قاراپ
ئۇ ماڭا
بەرمەكتە ئازاپنى تولۇق...


ئۇ ئۆمۈچۈكتۇر، پەقەت ئۆمۈچۈك
قورسىقى بېشىغا تۇرار پۇتلىشىپ.

نىھايەت، خىيالىمدا ئۇنىڭ كۆزلىرى
سانسىز ئاياق ھەمدە ئىزلىرى...

بۇ يولۇچى
بەردى ماڭا ھېساپسىز ئازاپ...


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 04:21:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                 ئالۋاستى پەرىشتە ــ شاكىرا

      ئالۋاستىمۇ، پەرىشتىمۇ؟ بۇ بىر مەسىلە. شاكىرادىن بۇنىڭغا مەڭگۈ جاۋاپ تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنى بەكمۇ چىن ۋە ساپ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ جىسمىدىن يەنە بىر خىل مەسۇملۇق، سەبىيلىك پارلاپ تۇرىدۇ. ئۇ شاللاقلىق قىلمىسىمۇ، يەنە قائىدە ـ يوسۇنلارنى قايرىپ قويۇپ چېپىپ يۈرىيدۇ. ئوتتەك لاۋۇلداپ يانىدۇ. بەلكىم ئۇ ئالۋاستى بىلەن پەرىشتىنىڭ ئارلىقىدا ئۆتۈشۈپ يۈرگەن بىر سىما، بىر روھ بولسا كېرەك.

       شاكىرا 1977-يىلى2-ئاينىڭ 2-كۈنى كولۇمبىيەنىڭ كارايىپ دېڭىزى قىرغىقىدىكى  Barranquilla دىگەن بىر كىچىك بازىرىدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئەرەپ، ئانىسى كولۇمبىيەلىك بولۇپ، ئۇنىڭ جىسمىدىن ئەرەپ ۋە لاتىن ئىرقىنىڭ خارەكتىرىنى روشەن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئورۇنلاش ئىقتىدارى پەۋۇقىلادە يۇقۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ جىسمىدا قىزغىنلىق بىلەن سالاپەت يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىشىپ مىسلىسىز بىر مەنزىلنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈنچە ـ مارجان سودىسى قىلاتتى، دادىسى تېخى ئىشتىن سىرت يېزىقچىلىقمۇ قىلىپ قوياتتى. دادىسىنىڭ ئالدىنقى ئايالىدىن توققۇز بالىسى بار بولۇپ، شاكىرا ئۇنىڭ كېيىنكى ئايالىدىن بولغان بىردىن بىر پەرزەنتى ئىدى. شۇنداق بولغاچقىمۇ ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالقىنىدا دىگۈدەك ئەتىۋارلىق چوڭ بولىدۇ. دادىسىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك ئۇ تۆت يېشىدىن باشلاپ شىئېر يېزىشقا باشلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى شاكىرا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان سەنئەت مۇكاپاتلىرىنىڭ ئىگىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئامىرىكا «دەۋىر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇقاۋىسىدىكى شەخس، لاتىن سەنئىتىنىڭ دۇنيادىكى بىر ماركىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

      شاكىرانىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئىقتىدارى كىچىكىدىنلا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. سەككىز يېشىدىن باشلاپ ئۇ ناخشا ئىجاد قىلىدۇ. ئون يېشىدا دۆلەتلىك سەنئەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ. 1990-يىلى 13 يېشىدا ئۇ مودېل بولۇش ئارزۇسى بىلەن پايتەخت ـ بوگداغا كەلگەن بولسىمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن  Sony's Colombian شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ساھىپجامال ناخشىچىغا ئايلىنىدۇ. 1991-يىلى ئۇ 8 يېشىدىن 13 يېشىغىچە ئىجاد قىلغان ناخشىلىرىدىن تاللانغان تۇنجى ناخشىلار پىلاستىنكىسى «Magia»نى نەشر قىلدۇرىدۇ. بۇ پىلاستىنكا ئۇنى دۇنياۋى چولپان دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمىسىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كولۇمبىيەدە نامى چىقىشقا باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىككىنچى پىلاستىنكىسى«Peligro»دىن  رازى بولمىغان  شاكىرا 1994-يىلى تېلۋىزىيە تىياتىرى ساھەسىگە قاراپ قەدەم بېسىپ كۆپلىگەن «كۆپۈك تېلۋېزىيە تىياتىر»لىرىدا روللارغا چىقىدۇ. 1995-يىلىغا كەلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ «Pies Descalzos»دىگەن پىلاستىنكىسى بىلەن ناخشا ساھەسىگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ پىلاستىنكا تۆت مىليۇن نۇسخا سېتىلىدۇ. خاس لاتىن تولغىما ناخشا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇ پىلاستىنكا لاتىن تىللىق دۆلەتلەردە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ ئۇنىڭغا مىسلىسىز شان ـ شەرەپلەرنى كەلتۈرىدۇ.

       1998-يىلى شاكىرا ئۆزىگە «لاتىن ناخشا خانىشى»لىق تاجنى تەقدىم ئەتكەن «Donde Estan Los Ladrones»ناملىق پىلاستىنكىسىنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ. بۇ پىلاستىنكا لاتىن ئامىرىكىسى ۋە ئامىرىكىدا 11 ھەپتىگىچە ناخشا پىلاستىنكىلىرى رەت تەرتىپىنىڭ 1-ئورنىدا تۇرىدۇ ۋە بۇ پىلاستىنكا بىلەن ئۇ 44-نۆۋەتلىك «لاتىن گىرامۋىي» سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 2000-يىلى ئۇنىڭ«Ojos Asi»ۋە«Octavo Dia» ناملىق ئىككى پىلاستىنكىسى بىرلا ۋاقىتتا  «لاتىن گىرامۋىي» سەنئەت مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئۇنىڭ لاتىن ئامىرىكىسى ۋە ئامىرىكىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

       2001-يىلىغا كەلگەندە ئۇ«Laundry Service»ناملىق ئېنگىلىز تىلىدا تارقىتىلغان ناخشا پىلاستىنكىسى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا يۈرۈش قىلىدۇ. مەزكۇر پىلاستىكىدىكى ناخشىلارنىڭ سۆزى ، مۇزىكىسى ۋە فىلىم ئىشلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى شاكىرا ئۆزى ئىشلىگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ لاتىن تىللىق ئاۋامنىڭ نەزىرىدە جېننىفېر لوپېزدىن كېيىنكى تەڭداشسىز دۇنياۋى چولپانغا ئايلىنىدۇ.

     شاكىرانىڭ ناخشىلىرىدىن قىزغىنلىققا تولغان لاتىن مەنزىرىلىرىنى ۋە سەلدەك باستۈرۈپ كېلىۋاتقان تولغىما ئۇسلۇپنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. لىۋانلىق دادىسىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىدا يەنە ئۆزگىچە بولغان ئوتتۇرا شەرقچە ئالاھىدىلىكلەرمۇ چاقناپ تۇرىدۇ. بۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا زور ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتىدۇ.

      شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ يىلغىچە شاكىرا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەييارە ناخشا كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن بىراقلا لاتىن ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا «Oral Fixation 2»،«Fijacion Oral 1 Vol.1»پىلاستىنكىلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ. باررسىلونا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋە بۇ يىلقى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باش ناخشىلىرىنى ئورۇندايدۇ.

      ھازىرغىچە شاكىرانىڭ 8 ناخشا پىلاستىنكىسى ناشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. لېكىن شاكىرانى سۈپەتلەشكە لايىق سۆز تېپىش تولىمۇ تەسكە توختايدىغان بىر ئىش. بەزىدە ئۇ قىزغىنلىقى گۈلخاندەك يېنىپ تۇرغان ئىسپان قىزلىرىغا ئوخشىسا، بەزىدە ئۇ جانان چىنىدەك نازۇك، ئاجىز ئاياللارغا ئوخشايدۇ. ئۇ كىشىگە ھەم جەزىبىلىك، ھەم جىلۋىگەر، ھەم يۈگەنسىز،ھەم مۇلايىم قاتارلىقلارغا ئۆخشاش سىرلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. كۈنىگە سانسىز ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرىدىغان بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇ ئۆز خاسلىقى بىلەن نۇر چېچىپ كېلىدۇ. ئەڭ قىممەتلىكى بەلكىم شۇ بولسا كېرەك.



                                                                    تەييارلىغۇچى : ئەيبۇ ياقۇپ




www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 04:24:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         روسسىيە بىلەن ئۇكرائىنا گوگۇلنىڭ تەۋەلىكىنى تالاشماقتا

     تارىختىكى بەزى يازغۇچىلارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە روسسىيە بىلەن ئۇكرائىنا دائىم دىگۈدەك ئازارلىشىپ كەلدى. 19-ئەسىردىكى بۇيۇك يازغۇچى گوگۇلنى تالىشىش ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    گوگۇل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200يىللىق خاتىرە يىلىدا ئۇكىرائىنا ئەدەبىيات ساھەسى گوگۇلنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىنى ئېنىق قىلىپ: «گوگۇل ئۇكىرائىنالىق، ئۇ ئۇكرائىنادا تۇغۇلۇپ، ئۇكىرائىنادا ياشاپ ئۆتتى»، دەپ ئېنىق بېكىتتى. كېيىۋ ياشلار سەنئەت يۇرتىنىڭ ئارتىستى ئالىكسىي ۋېشىنىسكى مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: «رۇسلارنىڭ گوگۇلنى‹بېقىۋېلىشى›كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلىدۇ.» لېكىن موسكىۋادىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر بولسا گوگۇلنى سېپى ئۆزىدىن روسسىيەلىك دەپ قارايدۇ.

     روسسىيەدىكى نوپۇزلۇق گوگۇلشۇناس ئىگور زورتۇسكى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «كىيېۋدىكى ئاز بىر قىسىم سىياسەتۋازلار  گوگۇلنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئارقىلىق ياۋرۇپا مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى خىيال قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە گوگۇل رۇس تىلىدا ئەسەر يازغان، رۇس تىلىدا تەپەككۈر قىلغان. ئۇ ئۇلۇغ رۇس يازغۇچىسى. بۇنىغا قىل سىغمايدۇ» دەيدۇ.

     گوگۇلنى تالىشىش «جېڭى»دە رۇسلار تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇردى. «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسسىيەدە «گوگۇل موزىيى» قۇرۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ «تاراس بولبا» ناملىق ئەسىرى تېلۋېزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ دۆلەتلىك تېلۋىزىيە ئىستانسى تەرىپىدىن قويۇلۇپتۇ. ئۇكىرائىنىيەلىكلەرمۇ قاراپ تۇرماي، گوگۇلنىڭ يۇرتى ـ پورتاۋادا ئەدەبىيات بايرىمى ئۆتكۈزۈپتۇ.

      گوگۇل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنلەردە كىيېۋدىكى نۇرغۇنلىغان كىتاپخانىلار ئۇكرائىن يېزىقىدىكى گوگۇل ئەسەرلىرىنى بازارغا سالغان. مىللى ھېسىىياتى كۈچلۈك بەزى تەرجىمانلار گوگۇل ئەسەرلىرىدىكى «ئۇلۇغ رۇس زىمىنى» دىگەندەك جۈملىلەرنى «ئۇلۇغ ئۇكرائىنا زىمىنى» دەپ ئۆزگەرتىپ ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن. بۇ خەۋەر موسكىۋاغا يەتكەندىن كېيىن موسكىۋادىكى گوگۇلشۇناسلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىغان.

       لېكىن ھەممىلا ئادەم بۇ «جېدەل»گە ئارلىشىپ كەتمىگەندەك قىلىدۇ. ئۇكىرائىنالىق يازغۇچى، پارلامىت ئەزاسى ۋىلادىمىر ياخۇلىسكى مۇنداق دەيدۇ: «گوگۇلنى بىر دەرەخ دىسەك، ئۇنىڭ شاخلىرى روسسىيەدە بولسىمۇ يىلتىزى ئۇكىرائىنىيەدە تۇرىدۇ»، «گوگۇلنى بۆلۈش، ھاۋانى بۆلگەن بىلەن باراۋەر»، «ئۇ ئۇلۇغ رۇس يازغۇچىسى، شۇنداقلا ئۇلۇغ ئۇكىرائىنىيە يازغۇچىسىدۇر. ئاساسلىقى ئۇنىڭ تىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ باش تېمىسى، ئىدىيىسىنىمۇ نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇكىرائىنا خەلق قوشاقلىرى، رىۋايەتلىرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە مۇلاھىزىلەرگە بەكمۇ تويۇنغان» دەيدۇ.


تەييارلىغۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ



—«جۇڭگو يازغۇچىلار تورى»دىن تەييارلاندى.


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 478
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 10:53:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھارمىغايسىز ئۇستاز، ياخشى تەرجىمىلەر ئىكەن، بەك ھوزۇرلاندىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1202
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 92
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 15:41:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇكا تەرجىمە ئېختىدارىڭىز قالتىسكەن. مۇشۇ ساھەدە ئىزچىللىقنى ساقلاپ يىڭي-يىڭى نەمۇنىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. سالامەت بۇلۇڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  777
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 348
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 16:08:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئۇچۇر،ياخشى تەرجىمە ئەسەرلەر بىلەن تـەمىنلىگىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 16:09  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  979
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 38
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 21:29:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپ،ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھبە قوشىۋاتىسىز،ئەجرىڭىز كۆكلىسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 478
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 20:32:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قېنى  ھېرىپ قالدىڭىزما؟  ئوبدان ھوزۇرلىنىۋاتاتتۇق   

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1505
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 367
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 20:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ، ئەيبۇكام ھېرىپ قالمايدۇ. ئۇ بىزگە شاكاللاردىن سەردار مېغىزلارنى ئايرىپ تەغدىم قىلماقچى ھەقاچان، شۇڭا ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ بىزگە پايدىلىق.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1145
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 922
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 10:25:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزدىن سۈيۈندۈم ، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

پەقەت بىرلانەرسىگە ئىشىنىمەن_ئۇ بولسىمۇ چىن ئەقىدە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش