ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

ئەيبۇ ياقۇپ: تەرجىمە ئەسەرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:37:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                        شېن ۋېي شىئېرلىرىدىن




   شېن ۋېي 1965-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى جېجياڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتۈرگەن. ئوقۇتقۇچى، "ئاسىيا كىندىكى'' گېزىتىدە مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2000-يىلىدىن2009-يلىغىچەشىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىدە ئىشلىگەن.ھازىر "غەرىپ'' ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

   ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: "قىسقا ئارىلىقتا توختاش''،"ئىگىزلىكتىكى ھاڭ''،"توزىڭىم _ يولۇم'' قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى، "چىڭقى چۈشتىكى شىئېرىيەت ئىلاھى'' ناملىق ئوبزورلار توپلىمى، "شىنجاڭ ئاتالغۇلىرى لۇغىتى''،"شىنجاڭ زىياپىتى''،"قەشقەر'' قاتارلىق ساياھەت خاتىرىلىرى نەشر قىلىنغان.  "لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى''، "مەملىكەتلىك ياشلار ئوقۇشلۇقلىرى مۇكاپاتى''، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق "تەڭرىتاغ ئەدەبىيات _ سەنئەت مۇكاپاتى'' ۋە "شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى'' قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.



قىزلار ھۈپپىدە ئېچىلىپتۇ دالىدا



قىزلار ھۈپپىدە ئېچىلىپتۇ دالىدا

قوللاردىكى زورلۇقلۇق ئوخشاپ قالار ئانارغا.


چىشلەپ كۆرسەڭ، ئىچىگە تولغان تامام مۇھەببەت،

ئۇلىغىنى شۆھرەتنىڭ مىنگىنىچە ئىگەرلەپ

كېلەر ئۇلار زۇمرەتتەك سۈزۈك ئېقىن بويىغا.



نازۇك، يۇمران، ئۇز گۈللەر ھەسرىتىمنى قۇچماقتا،

ئۇلۇغ ئاچتىم رۇجەكنى

شىئېر ۋە قۇش ساماغا لەرزان _ لەرزان ئۇچماقتا.


بارماقتىمەن ئىگىزلەپ بويلىغانچە مۇنارنى،

پورەك ئاچقان گۈللەردەك شۇنچىلىك كۆپ قىزلارنى،

يىغماقتىمەن ئورمىلاپ قولۇمدىكى ئورغاقتا.



نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ



نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ،

ئۇ ھەر تامان ئۇچۇپ يۈرىدۇ،

ھەممە ياقنى قۇچۇپ يۈرىدۇ.



نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ

كەلگىنىچە سايدىن، جىلغىدىن،

ئۇچۇرىدۇ قىزنىڭ چېچىنى،

ئاققۇزىدۇ مۇزدەك يېشىنى.



نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ

قېقىلىدۇ مىۋىلەر باغدا،

ئېتىز _ قىرلار قالىدۇ داغدا.



نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ

سەرسان يۈرەر ياپراقلار بۇندا،

قېچىپ يۈرەر توزانلار ئۇندا.



نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ

يوللار كەتتى شامالنى تاشلاپ،

ياتار ئۇ،

كۈل قوينىدا كۆزىنى ياشلاپ.



نىمە مەنىسى بار شامالنىڭ

تاغ ئۈستىدە ئۆچتى بىر چىراق،

مۇھەببەتنىڭ چاقنىغىنىدەك

بىردىن، تۇيۇقسىز.

ھەم ئۆچكىنىدەك شەپىسىز، ئۈنسىز...



قۇملۇق ھوسۇلى



يامغۇر سۈيى سىڭدى قۇملۇققا،

قىزىق ئاپتاپ تىندى قۇملۇقتا.

ئاپئاق قارلار مۆكتى قۇملۇققا،

پەسىللەر، ۋاقىتنىڭ تۆت پاي ئايىقى

كونىرىغانچە قالدى قۇملۇقتا.



ئۇچقان قۇشلار مۆكتى قۇملۇققا،

بۇلۇتلارمۇ يۈتتى قۇملۇقتا.

قەدەھلەرمۇ چۆكتى قۇملۇققا،

كالاملارنى تاماملاپ پىرلار

تارقىلىشتى، پۈتتى قۇملۇقتا.



سۈكۈت، سۈكۈتكە سىڭمەكتە ئاستا

چىقىۋاتقان ئۇ سۇسقىنە ئاۋاز،

ئوخشار بىركىمنىڭ

ئەڭ ئاخىرىقى خۇرسىنىشىغا...



شەيىخ ۋە ئۇنىڭ قىزى



تىمتاسلىق،

مازارنىڭ كۆپكۆك قۇببىسى ئۆزرە،

ئۈگدەپ تۇرماقتىدۇر بىر جۈپ ئاق كەپتەر.

ئوقىغاندەك مەرسىيە ياكى قەسىدە،

چۆچۈپ ئاي نۇرىدىن بۇقۇلدار، ئۈنلەر.



پەيدا بولار شەيىخ ھەم شەيىخنىڭ قىزى

شام كۆتۈرۈپ كىرىپ كېلەر لەھەت ئىچىگە.

سوغۇق شامال كېلىدۇ ئۇددۇل،

باقىنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوققاندەك،

ئەلەڭشىپ تۇرىدۇ ئىككى كۆلەڭگە.



سۈكۈت،

تازىم...

شەيىخ ھەم شەيىخنىڭ قىزى

خۇددى بۆشۈكتىكى بوۋاقنى باققاندەك،

ئاۋايلاپ سۈرتەر گۈمبەزدىكى توزاننى.



توققۇز قەبىلىنىڭ بېگى ياتىدۇ بۇندا،

شان ھەم سەلتەنەتنىڭ يارى ئەينىدە.

قۇرۇت _ قوڭغۇزلارغا يەم بوپتۇ بۈگۈن

قارىيالماس ئۇلار ئەمدى زىنھار كەينىگە.



تۆككەنچە ئاپئاق نۇر بوۋايغا، قىزغا

ھالقىپ تىمتاسلىقتىن شۇنداق خىرامان

تولۇنئاي ئېسىلغان مازار ئۈستىگە.

قايتار شەيىخ ھەم شەيىخنىڭ قىزى

چۈشىدە بۇقۇلدايدۇ بىر جۈپ ئاق كەپتەر

ئوقىغاندەك مەرسىيە ياكى قەسىدە...



پالنامە


__ تۈرك يازمىلىرىغا تەقلىد



1



دەيدۇ:

ئالا _ چىپار شۇڭقارمەن پۈتۈن،

تىتىلىپ كەتكەن گىلەمدىن كۆچكەن.

توي ئۈزۈكى، پەيلەرمۇ يۈتتى،

ياتماقتىمەن دەرەخ ئۈستىدە،

چىرايىمدىن غەملەرمۇ ئۆچكەن.

چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...



2



دەيدۇ:

قىزىل چاچلىق زالىم شاھ، بىر كەمپىرنىڭچۈشىدە

باقار ئىكەن يۈز مۆشۈك بارخانلارنىڭ چېتىدە.

چەللىسىنى بورانلار كەتكەن تامام ئۇچۇرۇپ،

بوردا نانغا زارۇ _ زار يۈرسىمۇ گەر ئاھئۇرۇپ،

قۇتۇلۇپتۇ ئۆلۈمدىن

ساپلىغىنى يالىغاچ ئولتۇرغانچە ئۆيىدە.

چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...



3



دەيدۇ:

قاناتلىرى قاغىنىڭ توسىۋالغاچ ئاسماننى،

قېرى بۈركۈت زىمىندا سەيلە قىلىپ يۈرىدۇ.

ئامان قالماس قوناقلار، بالىلارمۇ ھەمچاشقان،

قېرى بۈركۈت بۇلارنى قاغىلاردىن كۆرىدۇ.

قېنى سىلەر ئېسىڭلار قاغىلارنى شاخلارغا

قانىتىدىن چىڭ باغلاپ دەرەخلەرگە ئېسىڭلار.

چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...



4



دەيدۇ:

يولۋاستۇرمەن ھالسىز، ماجالسىز

باش _ كۆزۈمگە سانچىلغان تىكەن.

ئالا بالداقلىرىم نۇرغا چۆلۈلگەن،

چۈشكۈرسەممۇ سوغۇق تەككەندەك

يالقۇن ھەيكىلى، ئالتۇننىڭ كۈلىدۇرمەن،

يولۋاستۇرمەن، يولۋاس مەن دىگەن.

چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...



5



دەيدۇ:

يەردە تۇپراق، ئاسماندا تۇمان

قۇش ئاداشتى ئۇچقانچە بىردىن.

كېتىۋېتىپ يوقالدى بالا

ئانا ئايرىلىپ قالدى كۆزىدىن.

ساقلىغاچ تەڭرىم

ئۇچرىشىپتۇ قەشقەردە ئۇلار،

شۇندىن ئۆزگە يەتتە يىل كېيىن.

خۇشاللىقتىن كۆزلەردە لىق ياش،

بالا يېنىدا

ئىچىپ مۇسەللەس ئۇسۇلغا چۈشكەن

سەمەرقەنتلىك چىرايلىق كېلىن.

چۈشىنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ...



تاش ئۈستىدىكى ساكلار



ئەمچەكلەر ھەم ساغرىلار، جان يېرىنى سىزغانچە

ئۆزلىرىنى ساقلاپتۇ ساكلار تاشنىڭ ئۈستىدە.

كۈز ياپرىقى شامالدا ئۇچقان كەبى پاياننسىز،

يات چىرايغا ئۆزگەردى ئۈچ مىڭ يىللار ئۆتكەندە.

كوچىلاردا ھازىرمۇ ئۆتسەك ئەگەر سۈركىشىپ،

تاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، چاچرار كۆپكۆك ئۇچقۇنلار.

چۈنكى تاشقا ئايلانغاچ بۇندا دەريا _ئوتلاقلار

پادىلىرى ئۇلارنىڭ يايرىيالماس يايلاقتا.

موزىيىغا بوغىنىڭ ئۆسۈپ قاپتۇ قوش تۇمشۇق،

غايىۋانە كۈچ بىلەن بوشلۇق ئۆزرە پەرۋازدا...



تىمساھ



تىمساھنىڭ بەتبەشرە گۈزەللىكىنى چۈشىنىش كېرەك

ھاياجان ھەم خاتىرجەملىكنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا

تۇتىدۇ ئۇنىڭ قانخورلىقى،قان خۇمارلىقى.

ئۇنىڭ كالچايغان ئېغىزىدىن شۈركەنسىمۇ تەن،

قەبىھلىك ئاتىقىنى بەرمەيلى ئاڭا،

ئوينىشى، يىيىشى كۆلچەكتە ئۇنىڭ،

مېھرىمىزنى ئۈزەلمەسلىكىمىزگە ئوخشايدۇ تامام،

ئاۋارە بولغىنىمىزغا خىرە ئارزۇغا،



ئىككى يۇرت



يۇرتۇم قەبرە ئىدى تۇغۇلغاندا مەن،

قۇياش ھەم دالا كۆمگەن مېنى ئۇنىڭغا.

يىغلىغانتىم ئەلەمدە قاخشاپ

كەتكەن ئىدىم يۇرتۇمنى تاشلاپ

سەرسان بولۇپ چەت _ يىراقلارغا...



كۆردۈم،

قارلىق چوققا ھەم قوزىلارنى

قۇملۇق يەنە غۇنچە _ قىزلارنى.

قايتتىم بۈگۈن

ئاق چاچلىرىم يول باشلاپ كەلدى

كەلدىم يېنىپ، ئېھ، مېنىڭ بۆشۈكۈم

تەۋرەشلەردىن توختاپتۇ ئەمدى.



ياز پەسلى



چىلاپ ئولتۇرىدۇ پۇتلىرىنى كارىزغا،

تاشپاختا رەخت يېپىنغانچە ياز پەسلى.

ئۈچ قەلەندەر قەشقەردىن كېلىپ،

قېقىشتۇردى ئۈستى _ بېشىنى،

ئاڭا تەڭكەش

پىتلار باشلىدى جۇل _ جۇل ناخشىنى.



قار سۇلىرى ئېقىپ كېلىپ پامىردىن

چاپار قۇملۇققا

ئۆلتۈرگەندەك خۇددى ئۆزىنى...



چەكسىز ئېرۇر بۇندا كۆك ئاسمان

بۈركۈت پەرۋاز ئەتمەي ئۈگىدەپ تۇرار.

قارا رەڭلىك ئۈندەش بەلگىسى

ئۇنىڭ يۈرىكىگە تىنماي سانچىلار.



قەلبنىڭ قاق بولمىقى تېخىمۇ دەھشەت،

كۆيمەكتە تۆگىنىڭ ئۇستىخىنى، يىلىكى ئەدەپ...


ئوت ۋە نۇر، قۇملۇق ھەم كۆلەڭگە

يالىڭئاچ بىر ئىلاھ تۇرغاچقا ساقلاپ،

گېلىنىڭ* ئىشىكى مەھكەم ئېتىلگەن.



زىمىن،

كائىناتتا لەيلەپ يۈرگەن چاقچۇق تاۋاقتۇر،

ئۈستىدە ئانار، ئۈزۈم، قوزا باردۇر نالە قىپ تۇرغان.



*گېلى __ قوش قاسراقلىق قۇلۈلە





ئاپتورنىڭ "توزىڭىم _ يولۇم'' ناملىق توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.



"تەڭرىتاغ'' ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىقىرىغان سۇنىڭ ئاۋازى

ئاسۇ (شىبە)


ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى



1


ئىلى دەرياسى

كېلىدۇ ئۇپۇقتىكى بۇلۇتلار باغرىدىن ئېقىپ.

ئۇ ئاقار دەممۇ ـ دەم

يۇمشاق ئىپەكتەك

كۆپ ـ كۆك ئىسلارنىڭ باغرىنى تىلىپ،

بېلىقئالغۇچلارنىڭ قانىتىن قېقىپ،

بارار ھەم ئانا تىل كۈيلىرىگە قېتىلىپ...

ياچىنا: بېلىق ھىدىدەك ھەسرەت!

ئاتا مىراس دومبۇر تىلىغا

قالار ئېسىلىپ...

سەھەرگە سىڭگەن سۈزۈك سۇلاردىن

قومۇشلارنىڭ ئۆركىشى ئاڭلىنار بىردىن.

بېلىقچى،

تەرەپپال سېغىنىشتىن يىقىلار.

قۇپ ـ قۇرۇق دەريا يۈزىدە

مىسكىن بىر قولۋاق خىرامان بارار.

رىۋايەت باغرىدىن بىر ئوستېر بېلىقى

كېلىدۇ ئۈزۈپ.

قاسراقلىرىدا چاقناۋاتقان نۇر

ئۇنتۇلغان ئازاپنى ئالماقتا سۈزۈپ...



ئىككىلەمچى ئورمانلار تۇتاشتۇر ـ تۇتاش،

ھەسرەتتە شۇڭغار چەكسىز كېچىگە.

شامالدا بېلىقچى ياندۇرغان گۈلخان

بېلىقچىنىڭ نەزىرىنى

دەرياغا سوزۇلغان چىغىر يولنى

بارار باشلاپ نۇرلار ئىچىگە.



كىم قۇش ۋە بېلىقنىڭ ئارىسىدا پىنھان ياش تۆككەن،

كىم يېپ ـ يېڭى بېلىق كېمىسىنى

سوغۇلۇۋاتقان سۇ يۈزىگە قويدىكىن تاشلاپ.

قىرغاقتا،نارا جەمەتلىك بوۋاي

باقماقتا زېھنى بىلەن ئەگىم تورلارغا،

تاراشتەك ئالقانلار

سۈنىڭ مەخپىيىتىنى تۇرىدۇ قاشلاپ.



يىراقتا بىر سۇ قۇشى پەر قانات قاقار

قاناتنىڭ سايىسى كەلگەنچە يامىراپ

ياپماقتا بىپايان سازلىقنى

ھەم پاكار ـ پاكار قاشالارنى...



      2


دەريا بويىدا،

باشلىنار ياز

ئالتۇنرەڭ جىگدە چېچەكلىرىدىن.

بەزىلەر كۆرۈپتۇ شۇ دەم

بىر توپ كارپ بېلىقىنىڭ

ئۈزۈپ ئۆتكەنلىكىنى ئۈچئۆستەڭدىن.



قومۇشلۇق قىرغاقلار

چېكىنمەكتە كەينىگە تىنماي.

سۇنى سىپاپ ئۆتكەندە شامال

ئىلان ياكى بىر لاييېگەك،

چۆچۈپ ئويغىنار

ئۇيقىغا قانماي.



تومۇر كەبى بىر دەريا،

لەيلىتىپ بارار كۈمۈش كەبى ئاي نۇرىنى.

سۈكۈتتىكى بېلىقچى،

تەۋرىنىپ، يېنىپ تۇرغان نۇرنىڭ ئىچىدە

شالاقشىتىپ قىلار بىرنىمە.

قاراڭغۇدا قومۇش نەينىڭ ئاۋازى خىرە

سۇ ئاۋازىدا

باردۇر بىركىملەرنىڭ ھەسرىتى.

يىراقتىن تاقلاپ ئۆتتى ئۈچ ياۋا تۈلكە

سىرلىق بىر ھىد كېلەر ئەلەڭلەپ.

ئۇ سېرىلىپ ئۆتۈپ سازلىقتىن

كېچىنىڭ تىمتاسلىقىغا كىرمەكتە لەيلەپ.



باھاردىن تا كۈزگىچە،

دەريا بويىدىكى بېلىقچى

ئالقان بىلەن يىغار يامغۇر سۈيىنى.

تولدۇرىدۇ كېمىسىگە ھەم

گۇگۇمدا چايقالغان قۇياش نۇرىنى.



كۆك قەرىگە سالىدۇ نەزەر،

خۇش ھىد تارىتىپ تۇرغان ئەمەنلەر.

شۇنداق ئاسان ئۆزگەرتەر دەرھال

بېلىقچىنىڭ مىسكىن قەلبىنى،

سېغىنىچ باغرىدىكى نەمخۇش مەنىلەر...






«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» 2011-يىل 1-سانىدىن





كىچىك ماتىريال:
ئاسۇ،  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا چاپچال ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ شىئېرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. شىبە مىللىتىنىڭ سۇمۇر جەمەتىدىن. ئەسەرلىرى«جۇڭگو شائىرلىرى»، «جۇڭگو ـ غەرب شىئېرىيىتى»، «شىئېرىيەت»، «غەربى دىيار»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر چاپچال شىبە ئاپتۇنۇم ناھىيەلىك رادىيۇ ـ تېلۋىزىيە ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:57:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چۈشنى خاتىرلەر قەغەز ۋە قەلەم



دىلمۇرات تەلئەت



ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى



چۈشنى خاتىرىلەر قەغەز ۋە قەلەم



تاڭ شامىلى يەلپۈنەر لەرزان،

چىققىنىمدا چۈشنىڭ باغرىدىن.

ئىزدەيمەن ھەم ئۆزۈمنى

تەبەسسۇم بىلەن سۆزلەپ تۇرغان لېۋىڭدىن.

بىر دەستە نۇر،

چۈشەر پەردىلەرنىڭ يوچۇقلىرىدىن.

ياستۇقۇمنىڭ يېنىدا دەپتەر

تۈن بويى سەرسان بىر روھ ئاڭا پۈتۈلەر...


بىلىمەن، بار ئۇندا كۈتكەن كۆلەڭگەڭ

تۇردۇم،

كۈتكىن قايتىپ كېلىشىمنى

يېتەكلىگەنچە چۈشنىڭ قولىنى.

ئوڭۇمدا ھېچكىم سېغىنماس مېنى،

دۆۋە ـ دۆۋە دەھشەت يانغىنلار

كۆيگەن ئىدى ئاخشام بوشلۇقتا.

پايانسىز چۆللەردىكى سايىمەن غېرىپ،

يېشىل قىرغاقلاردىكى بۇلاق سۆزلىرىڭ...

ئۇندا گۈللەر قات ـ قاتئېچىلار،

كۈلگۈن چىرايىڭغا كېپىنەك قونار

لېكىن،شۈبھەڭ قەلبىمدە تۇتىدۇ مىۋە...


چۈش، تەرەپپاللا كەلگەن سېغىنىش،

تاتلىققىنە ياتار، ياستۇقۇمنىڭ يېنىدا

ياۋا گۈللەردەك دالىدىكى،

شامال ئۆتسە يەلپۈنۈپ،ۋىچىرلار قۇشلار.

ئۆچكەن قىزىل شامدىن كۆتۈرۈلەر كۆك ئىس...


سەبرى قىپ ھەر سەھەر قار سۈپۈرسەممۇ

قەدەملەر ئىزدەش بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىدا

كۆرىنەر قار ئاستىدا بىرنەچچە گىياھ

ئەركىن بىر سېزىمنى

تاس قالدىم قويغىلى يۈتۈرۈپ ئۇندا.


شامال ئۆتەر يەلپۈنۈپ لەرزان

قىپقىزىل بەرىگلەرنى لەيلەتكىنىچە.

ھۆللەپ كېلەر قاپىيەلىرىنى

بىر شىئېر يىللارنى كۈيلىگىنىچە...


قارا قانات


ئۇۋىغا تۇتۇنغان قارلىغاچ

ئوخشاپ قالىدۇ بەزەن تىمتاس دەملەرگە،

تاللىدى ئۇ بوش بالكونۇمنى.

ئۇنسىزغىنە تاشلايمەن نەزەر

ئۇپۇقتىكى غەمكىن كەچكى شەپەققە

ئۇ دالىغا سىڭمەكتە ئاستا.

ئېھ، يەر شارى

بارماقلىرىممۇ كۈچلۈكتۇر سەندىن

كېچە كېلەر مەن تامان دەۋرەپ

ۋە دۇنيانى تامان يۇتارغا.


سەرەڭگە سېتىپ ئولتۈرغان قىزچاق

يورۇتقان ئىدى زۇلمەت كېچىنى.

كېچە بولغاچقا ئىبادەت قىلغىنىم ئەمەس

ئىشىنىمەن ئۇنىڭ تۆۋە قىلار چېغىغا...


خەتلەرنى ئوينىتىشنى بىلمەيمەن بەك كۆپ،

قىزىقارلىقى

كۈن نۇرى ئاستىدىكى ھەممە ئويلارنى،

ئاپىرىپ كېچىگە توۋلايمىز راسا.


يالتىراق قوڭغۇز كېچىدىن بولماس پەرىشان،

ئېسەنكىرەپ ئۆتكۈزىمەن كۈن،

مەس ۋە مەستانە بولۇپ

ئەتراپتىكى مەنزىرىلەر ئوتتەك يالقۇنجار.


ئېھ، تىمتاس كېچە،

خۇددى شەپىرەڭدەك،

تۇرىمەن چەكسىز تۈن قوينىدا تەتۈر ئېسىلىپ.

قاناتنىڭ رەڭگى بەلگىلەر نەزەرنى

ئۇ ھەمراھ بولۇپ كېچىگە،

باسامدۇ غەزەپنى

ۋە يا كۆيدۈرەمدۇ توختاۋسىز...؟!


مەۋجۇتلۇقنىڭ قىممىتى


بوپتۇ ئۇزۇن كۆككە بۇنداق باقمىغىلى

توردۇر ئۇ

ياپ ــ يېشىل ھاۋالاردىن توقۇلغان

تاغلار يىراقلاپ بارماقتا بىزدىن

قۇرۇتلارنى تۇتقىنىچە مېتاللاردىن سوقۇلغان

نەمدىلىۋاتقىنى شامالدۇر

ياكى كۆزىمىز

بوۋىلار دەر: بىزتاغلارغا يېقىن دەپ

ئاتامنىڭ بەستىگە ئوخشىغىنى

كۆرۈش سەزگۈمىزنىڭ تەسىراتىدۇر

ئاتاڭ تاغدۇر، ئاناڭ گۈزەل باغ

ئۇ ئات ئوينىتىپ، ئاتقا سۆزلەر قەھىرمانلىقنى

ئۇ يۈزلىنىپ شەپەققە قاينىتىدۇ سۈتلۈك چاينى

بالىلىقىم ئوخشار چوڭ باشلىق سەرەڭگىگە

يېرىپ ئۆتەر بىر يايلاقنىڭ بوشلۇقىنى

ئېھتىياتسىزلىقتىن تۇتاشتۇردى ئۇپۇقتىكى بۇلۇتنى

شۇندىن بۇيان گۇگۇم مېنىڭ سەۋەنلىكىمگە ئايلاندى...

بۇ دۇنيادىن چەتنىگىنىمچە

كەتمەكتىمەن يىراقلاپ شۇنچە


كۈنلەر ئوخشار كونا كىيىمگە

ئۈستىمىزدىن تۆكۈلەر بىر بىرلەپ

مەن قايسى ئائىلىنىڭ بەڭباش بالىسى

تەربىيەدىن كېيىن قالدىم بىلەلمەي

ئاتا ـ ئانامنى ياخشى كۆرسەممۇ

سۈزۈك سۇلارنى ئىچەر ئىدىم دۈم يېتىپ

كاڭدا يېتىپ ئاڭلار ئىدىم ئانام ئېيتقان چۆچەكنى

ئاغزىمنى ئېچىپلا سۆزلەيتتىم راۋان ئانا تىلىمنى

بىر يۈگرەپلا بارالايتتىم مەھەلىدىكى بۇغدايلىققا

چۈشتىن كېيىن قاتلاپ چىقتىم قەغەز قېيىقنى

كىچىككىنە دولقۇندىمۇ چۆكۈپ كېتەر ئۇ

ئەنە شۇ بالىلىقىمدىكى دېڭىزدۇر

مەن باشتىن كەچۈرگەن خەتەرلەر شۇندىن باشلانغان


چوڭ بولدۇم، بەك چوڭ ئىكەن  دۇنيا

يۇرتۇمدىكى ئېقىندىن باشقا باركەن يەنە تارىم دەرياسى

كۆنچى دەرياسى، يورۇڭقاش دەرياسى

ئۇۋىدىكى قۇش بالىلىرى

ئاچقىنىچە ئاغزىنى يوغان

تەرىپلەيدۇ ئانىسىنىڭ ئېغىزىدىكى قۇرۇتنى

كۈن نۇرى ئاستىدا،شامال مېنى ئاستا ـ ئاستا كۆكەرتىدۇ

نۇرغۇنلىغان تەلۋە خىياللار

باھاردىكى سۆگەت نوتىلىرىدەك ئۆسۈپ بارىدۇ

شەيتاننىڭ كۆلەڭگىسى دېرىزىنىڭ سىرتىدا ئايان بولار

چۈش ئارقىلىق يېپىش كېرەك ئۇزۇن تۈنلەرنى

ئوتۇندۇرمەن مەشكە تاشلانغان

شۇڭا قورقمايمەن قاراڭغۇلۇقتىن

ئوتتۇر ئەتراپتا ھەممە،كۆيدۈم ئۆزۈممۇ

بۇنداق بوشلۇق ماڭىلا مەنسۇپ

يۈزلىرىمدىكى نۇرغۇن لەۋ ئىزلىرىنى

بىرلەشتۈرسەم بولار پۈتۈن ئەسلىمە

كەتتى ئۆتۈپ كۆپ يىللار

ھېلىمۇ چۈشۈمدە كۆرىمەن پاچاقلانغان كەنتنى

تال ـ تال توپا يوللار،يول ـ يول قەدىمىي ئازاپتۇر


يىلدىن يىلغا يۈرىمەن چايناپ ھورمۇنلۇق تاماقلارنى

چۆچەكمۇ يوق بالىلارغا سۆزلەپ بېرەرگە

توپىنىڭ ھىدىمۇ تاۋاردۇر ھازىر

ئەمىلى يېشىمنى ئىلگىرىكى ھايۋانلارغىلا دەيمەن

چۈمۈلە، ئىشەك،كۈچۈك ۋە قوزا

نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن بىلدىم

تۇغۇلغان كۈن تورتى دىگەن نەرسىنى

سۈركەپ ئۇنى باشقىلارنىڭ يۈزىگە

كۆرىمەن ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇن ئۆمرىنى


شامنىڭ يېنىشى ئۇزاقتۇر ھاياتتىن

ئۆلۈمدىن بۇرۇن ئۆزۈمنى زىمىنغا تەقدىم ئەتسەم دەيمەن

يىلتىز تارتىش ئەڭ بىخەتەردۇر

ئۆز تۇپرىقىدىن قاچقان كىشى بۇلىنار ئاخىر


تىركىشىپ تۇرغاچقا بىز يەنىلا بەردەم

مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ دۇنيا...




__ "غەربىي دىيار'' ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جېڭ جىروڭ شىئېرلىرىدىن (كورىيە)



ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى


جېڭ جىروڭ، 1903-يىلى تۇغۇلغان.1929-يىلى ياپۇنىيە توكيو ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئېنگىلىس تىلى كەسپىنى تاماملىغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن يۇرتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەھرىرلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.1926ـ يىلى «مائارىپ دولقۇنى» ژۇرنىلىدا تۇنجى شىئېرى « فىرانسىيە قەھۋەخانىسى»نى ئېلان قىلىش بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1930-يىلى «شىئېر ـ ئەدەبىيات» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان.1933-يىلى «كاتولىك دىنى ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ شۇ يىلى يەنە «توققۇز كىشىلىك جەمىئىيەت» ناملىق ئەدەبىيات تەشكىلاتىنى قۇرغان. 1945-يىلى «لىخۇا قىزلار ئۇنۋېرسىتىتى»نىڭ پىرافىسسورلىقىغا، 1946-يىلى چاۋشەن ئەدەبىياتچىلار بىرلەشمىسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ ئىجىرائىيە ھەيئەتلىكىگە تەيىنلەنگەن.ئۇ ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىماگىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا لېرىك شىئېر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. جېڭ جىروڭ كورىيەلىك يەنە بىر شائىر لى شاڭ بىلەن بىر قاتاردا «ئۇرۇشتىن ئىلگىركى مۇدىرنىزىمچى شائىرلار» تىپىگە كىرىدۇ. ئۇلار دادائىزىمغا مايىل بولسىمۇ جېڭ جىروڭ ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، ئىماگىزىملىق ئىجادىيەت يولىغا قايتىپ كەلگەن. جېڭ جىروڭ ئادەتتە كورىيەنىڭ داڭلىق شائىرى جىن سۇيۈدىن كېيىنكى «كورىيە ھازىرقى زامان شىئېرىيىتىنىڭ 2- ئالتۇن دەۋرى»نى ياراتقان شائىر دەپ تەرىپلىنىدۇ.



فىرانسىيە قەھۋەخانىسى


فىرانسىيە قەھۋەخانىسىغا بارايلى

كۆچۈرۈلگەن پالما دەرىخىنىڭ ئاستىدا،

يول چىرىقى تۇرار قىيسىيىپ .



ماۋۇ ئەبلەخ كىيىۋاپتۇ رۇسچە كۆڭلەكنى،

بوخىمىيە گالاستۇگىنى تاقىۋاپتۇ ئۇلارنىڭ بىرسى،

ئالدىدىكى ئاۋۇ ئاۋاق تۇرار ئۈمچىيىپ.



فىرانسىيە قەھۋەخانىسىغا بارايلى

يامغۇرلۇق كېچە چېچىپ كېلەر ئىلان كۆزىنى

يالقۇن پىيادىلەر يولىدا تۇرار شەلۋەرەپ.



قۇم ئالمىسىدۇر بۇ ئەبلەخنىڭ بېشى،

قۇرۇت يىگەن ئەتىرگۈلدۇر ئاۋۇنىڭ دىلى،

قالغاچتەك ئاۋۇ ئەبلەخ ئۇچتى ھۆل پېتى.



« تۇتىقۇش ئەپەندى! كەچلىكىڭىز بولسۇن خەيرىلىك!»



«بىرگە بولسۇن!» (قانداق ئىكەن بۇ دوستۇم؟)

لالە خېنىم بۇ كېچە،

تۇرار ئۈگىدەپ گاز پەردىنىڭ كەينىدە...



ئەمەسمەن ۋىكونىتنىڭ بايۋەتچىسى، ئەمەس ھىچنىمە

چېكىمەن ئازاپ،ئوخشىماسمەن ھېچكىمگە.


ۋەتەنسىزمەن، ئۆيۈممۇ يوق قايتارغا

ياتىمەن مەڭزىمنى يېقىپ تاش شىرەسىگە.



ھەي، ھارامزەدە! ئىتنىڭ بالىسى

كەل سۆي پۇتۇمنى.

سۆيمەكتە پۇتۇمنى، ئىتنىڭ بالىسى ...



ئەينەك دېرىزە



مۇزدەك ئازاپ ئەينەكتە

تۇرىدۇ غۇۋا كۆرۈنۈپ.

ئالساڭ نەپەس ئاڭا چاپلىشىپ

ھاۋا ئاقار ئەگرى ـ بۈگۈرى.

ۋە كۆندۈرۈلگەن قويدەك قېقىپ تۇرار ــ

توڭلاپ قالغان قاناتلىرىنى.

سۈرتىۋېتىپ قايتا قارىسام

قارا تۈن قىستالغانچە كەتمەكتە چىقىپ.

ئۇ ۋە يەنە قايتىپ

سوقۇلماقتا

سۇ تولغان يۇلتۇزغا.

ھەم ياقۇتتەك چاقنىماقتا،

ئاسمان گۈمبىزىگە نەقىشلەر ئېتىپ.

كېچىدە سۈرتمەكتىمەن ئەينەكنى

مىسكىن خىياللارنى ھېچنەگە قويغىلى بولماس

ئىگىلگەن ئوپكە قان تومۇرلىرىم بارار قىرچىلىپ.

كەتمەكتىسەن قۇش سىياق

پەر ـ قانات قېقىپ...



يۇرت سېغىنچى



كەڭ دالانىڭ شەرقىنى بويلاپ

چۆچەكلەردە ئايلىنار ئېرىقنىڭ سۈيى.

بىر تاغىل كالا

ئېزىلگەنچە قويىدۇ مۆرەپ

ئۇدۇر كەچكى شەپەقنىڭ كۈيى...


ــ قانداق ئۇنتاي چۈشۈمدە بۇنى.



شامال قوغلار ئېڭىزلاردىن ئاتلارنى ،

مۇزلاپ قالغىنىدا كۈل مەشنىڭ ئىچىدە.

ئاتامنى ئۇيقۇ باسسا ئازغىنە

سامان ياستۇقىنى قويار بېلىگە.



ــ قانداق ئۇنتاي چۈشۈمدە بۇنى.



ئۆسكىنىچە پاتقاقتا كۆڭلۇم،

سېغىنار سەھەردىكى ياپ ـ يېشىل نۇرنى.

يەڭلىرىم ھۆل چۆپلۈكلەر ئارا

ئىزدەيمەن دەپ ئېتىلغان يانى.



ــ قانداق ئۇنتاي چۈشۈمدە بۇنى.



يەلپۈنەر سىڭلىمنىڭ چېكە چېچى

چۆچەكلەردىكى تۈننىڭ دولقۇنى كەبى.

ئاددى ۋە ھەم يۇۋاش ئايالىم،

يالاڭئاياق كېلەر بېسىپ ھەممە پەسىلنى.

كېلەر تېرىپ ئېڭىزلاردىن ئالتۇن باشاقنى...



ــ قانداق ئۇنتاي چۈشۈمدە بۇنى.



كېچىدىكى شالاڭ يۇلتۇزلار

بىلىپ بولماس قۇم شەھىرىگە يۈزلىنەر.

توڭ قاغا ئۆگىزلەردە ئۇچار پەرىشان

تۈندە ئوتتىن بىركىمنىڭ تىۋىشى كېلەر.



ــ قانداق ئۇنتاي چۈشۈمدە بۇنى.




ئۇچقات چېيى




خوجايىننىڭ ئۈچەي دىۋارىدىن

ھەر ۋاقىت سىرغىپ چىقار،

ئۇچقاتنىڭ سۈيى.



كەڭ ياپراقلىق ئاق قېيىن يەنە بىر قېتىم،

كۆيۈپ چىقارماقتا قىپقىزىل يالقۇن



كېڭىيىپ بۇرجەكلەردە كۆلەڭگىلەر

سۈرەر بىخ سۇس ۋە ھەم يېشىلغىنە.



كېلەر نەپەسلەدىن پاتقاق ھىدى،

ئۇ يەنە ئىخلاس بىلەن تۇرىدۇ ئاڭلاپ،

سىرتتىكى شىۋىرغاننىڭ ئاۋازىنى.



كالىندار يوقتۇر تاغنىڭ ئىچىدە

قىش كەلسە

ئاسمان ۋە زىمىن سوزۇلار چەكسىزگىنە...



توققۇز قەلئە غارى



جىلغىلارغا كۆمۈلەر دائىم

ئاقار يۇلتۇزلار.



شاۋقۇنلار مۆلدۈرى دۆۋلىنىدۇ

گۇگۇمدا.



ئېچىلماقتا گۈللەر

پالاندىلار ياشىغان جايدا.



شاماللارمۇ كەلمەس يىغىلىپ

ئىبادەتخانا خارابىلىرىغا.



تاغتۇرالار قالسا شالاڭشىپ

ئۆتەر ئۇچۇپ قاپتاللاردىن بۇغىلار...





_<<دۇنيا ئەدەبىياتى>>ژۇرنىلىنىڭ2010-يىللىق 2- سانىدىن


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 02:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقى


(روماندىن پارچە)


چى زىجەن

IMG_1795-20121216851785.jpg

                                        ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

    ئىلاۋە: بۇ ئېلىمىزنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ـ ئېۋىنكىلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدىغان رومان. ئاتاقلىق ئايال يازغۇچى چى زىجەن يېشى 90دىن ئاشقان بىر قەبىلە باشلىق ئايالنىڭ تىلى بىلەن بىزنى رومانغا باشلاپ كىرىدۇ.
      جۇڭگو بىلەن روسسىيە چېگىرىسىدىكى ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا يۈز يىللارنىڭ ئالدىدا بايقال كۆلىنىڭ بويلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن، شىمال بۇغىسىغا ھەمرا بولۇپ ياشايدىغان ئېۋىنكى مىللىتى ياشايدۇ. ئۇلار سامان دىنىغا ئىشىنىدۇ. شىمال بۇغىسىغا ئەگىشىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قاتتىق سوغۇق، يىرتقۇچ ھايۋانلار، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ گىرۋەكلىرىدە نەسىل قالدۇرىدۇ. مەزكۇر رومان «ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن بولۇپ، يازغۇچى چى زىجەنننىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىك ئەسىرى ھېساپلىنىدۇ.


                                             بىرىنچى بۆلۈم

                                            سەھەر

    مەن يامغۇر،قار بىلەن كونا تونۇشلاردىن بولىمەن. شۇ تاپتا مەن توقسەن ياشقا كىردىم. يامغۇر بىلەن قار مېنى قېرىتتى، مەنمۇ ئۇلارنى قېرىتىپ كەلدىم. بۈ كۈنلەرگە كەلگەندە يازدا يامغۇرلار ئازلاپ، قىشتا قارلار نېپىزلەپ كەتتى. ئۇلار ئاستىمدىكى مويلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن، ئېيىق تېرىسىدىن تىكىلگەن كۆرپىگە ئوخشاپ قالدى،يىللار ئۆتكەنسىرى قويۇق مويلار تۆكۈلۈپ تۈگىدى، پەقەت يىللار قالدۇرغان قاتمۇ ـ قات تاتۇق ئىزلىرىلا قالدى. بۇ كۆرپىدە ئولتۇرغىنىمدا بەجايىكى شورلۇق بىر دالىنى ساقلاپ تۇرغان ئوۋچىغا ئوخشاپ قالىمەن. لېكىن مېنىڭ ئېرىشكىنىم مۈڭگۈزلىرى چىرايلىق دىڭگىيىپ تۇرغان بۇغا – ماراللار بولماستىن، توپا ـ چاڭلارنى توزىتىپ كېلىۋاتقان ئەسەبىي بورانلا ئىدى.

      شىبەنلەرنىڭ يولغا چىقىشى بىلەن يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى يېرىم ئايدا بولسا، قۇياش ھەر كۈنى ئەتىگەندە يۈزىنى قىزارتىپ چىقىپ، كەچلىكى يۈزىنى سارغايتقىنىچە پېتىپ  تۇرغان ئىدى، ئەتىگەندىن ـ  كەچكىچە ئازراقمۇ بۇلۇت دىدارى كۆرۈنمەيتتى. ئېقىنلار ئوتتەك قىزىق ئاپتاپتىن سوغۇلغان، كۈنگەي تۆپۈلۈكلەردىكى ئوت – چۆپلەرمۇ قىزىق قۇياشنىڭ دەستىدىن سارغىيىپ، ئىگىلىپ كەتكەن ئىدى. قۇرغاقچىلىقتىن قورقۇپ كەتمىسەممۇ ماكشىمنىڭ يىغىسى مېنى ئەنسىرىتىپ تۇراتتى. ئاي تولغان كېچىلەردە ليۇشانى يىغا تۇتاتتى، ماكشىم بولسا قۇرغاقچىلىق بولۇپ، يەرلەر چاك ـ چاك يېرىلغان چاغلاردا ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلايتتى. ئۇنىڭغا ئەشۇ يېرىقلار ئىلاندەك كۆرۈنۈپ، ئۇنى چاقىدىغاندەكلا بىلىنەتتى. مەن بولسام ئۇ يېرىقلاردىن قورقمايتتىم، ئۇلار كۆزۈمگە زىمىندىكى چاقماق ئىزلىرىدەك كۆرۈنەتتى.

ئەنساۋئېر يامغۇرغا قارىماي بارگاھنىڭ ئالدىنى تازىلىماقتا ئىدى.

مەن ئۇنىڭدىن:

ـ بۇسۇدا يامغۇر ئاز بولسا، شىبەن تاغدىن چۈشكەندە يامغۇر ئېلىۋالسا بوپتىكەن؟ ـ  دەپ سورىدىم.

     ئەنساۋئېر بېلىنى رۇسلاپ، تىلىنى سوزۇپ يامغۇر تامچىلىرىنى تېتىغىنىچە، ماڭا قاراپ كۈلدى. ئۇنىڭ كۈلكىسىگە ئەگىشىپ كۆز قۇيرۇقى بىلەن مەڭزى تەڭلا تەبەسسۇم قىلدى، كۆز قۇيرۇقىدىن سەبدە سىزىقلىرى، مەڭزىدىن بولسا ئاپتاپپەرەس سىزىقلىرى ھاسىل بولدى. يامغۇر توختىماستىن يېغىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ گۈلدەك قورۇقلىرىدا بولسا شەبنەملەر چاقنايتتى.

    ۋۇلىلېڭدا ئەنساۋئېر ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق، باشقىلار بولسا ئەتىگەندە ماشىنىغا يۈك ـ تاقىلارنى بېسىپ، بوغىلارنى ھەيدىگىنىچە تاغدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. بۇرۇنلاردا بىزمۇ تاغدىن چۈشۈپ تۇراتتۇق، دەسلىپىدە ۋۇچىلوۋغا، ھازىر جىلىۋ يېزىسىغا چۈشىدىغان بولدۇق. بوغا مۈڭگۈزى ۋە تېرىلارغا ھاراق، تۇز، سوپۇن، قەنت ۋە چاي دىگەندەك نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ تاغقا چىقىپ كېتەتتۇق. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم تاغدىن چۈشۈشى بولسا، تاغدىن ئۈزۈل ـ كېسىل ئايرىلىشتىن دېرەك بېرەتتى. ئۇلار بۇسۇ دىگەن يەرگە كەتكەن ئىدى. پارىگېنىڭ دىيىشىچە، بۇسۇ تاغ باغرىدىكى بىر چوڭ بازار ئىكەن، ئۇ يەرگە ئاق تام، قىزىل ئۆگىزلىك نۇرغۇن ئۆيلەر سېلىنىپتۇ، شىبەنلەر شۇ يەردە تۇرىدىكەن. تاغ باغرىغا يەنە بوغا قوتانلىرىمۇ سېلىنغان بولۇپ، ئۇلار سىملار بىلەن چىتلاقلىق ئىكەن، بوغىلار بولسا ئۇنىڭ ئىچىدە سولىنىپ ياشايدىكەن.

     مەن ئۆمۈر بويى ، ئۇزۇن كېچىلەرنى يۇلتۇزلارغا ھەمرا بولۇپ  ئۆتكۈزگەن، مېنىڭ يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئۆيلەردە ياتقۇم يوق. كېچىدە ئويغۇنۇپ قاپ ـ قارا تورۇسنى كۆرىدىغان بولسام، كۆزۇم كور بولۇپ قالىدۇ. بوغىلاردا گۇناھ يوق، مەن ئۇلارنىڭ «تۈرمە»دە سولىنىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن. بوغا كولدۇرمىسىنىڭ تاغ سۇلىرىدەك شىلدىرلاپ تۇرىدىغان ئاۋازىنى ئاڭلىمىسام قۇلاقلىرىم پاڭ بولۇپ قالىدۇ. ئاياقلىرىممۇ مۈدىر ـ چوقۇر تاغ يوللىرىغا كۆنگەن، ھەر كۈنى دىگۈدەك بازاردىكى تۈز يولدا يۈرىدىغان بولسام ئۇلار ھالسىزلىنىپ بەدىنىمنىمۇ كۆتۈرەلمەي قالىدۇ، مەن پالەچ بولۇپ قالىمەن. مەن ئەزەلدىنلا تاغ ـ دالىلاردىكى ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ كەلدىم، ئەمدىلىكتە بۇسۇدىكى ماشىنىلار قويۇپ بەرگەن سېسىق بۇسنى ھىدلايدىغان بولسام ، تىنىقتىن توختاپ قېلىشىم تۇرغانلا گەپ. تېنىمنى ماڭا تەڭرىم بەرگەن، مەن تاغدا تۇرۇپ ئۇنى تەڭرىمگە قايتۇرۇشۇم كېرەك.

      ئىككى يىل ئاۋال، داجىيانا ۋۇلىلېڭدىكىلەرنى يىغىپ، كۆپچىلىكنىڭ تاغدىن چۈشۈشىنى ئاۋازغا قويغان ئىدى. ئۇ ھەممەيلەنگە تۆت چاسا قىلىپ قاتلانغان قېيىن قوزۋىقىنى تارقاتتى، قوشۇلىدىغانلار ئۇنى نىخاۋ قالدۇرغان مۇقەددەس دۇمباقنىڭ ئۈستىگە قويۇشتى. تەڭرىم غاز پەيلىرىدىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قار ياغدۇرغاندەك، مۇقەددەس دۇمباقنىڭ ئۈستى بىردەمدىلا قېيىن قوزۋىقى بىلەن توشۇپ كەتتى. مەن ئەڭ ئاخىرىدا ئورنۇمدىن تۇردۇم، باشقىلارغا ئوخشاش مۇقەددەس دۇمباققا قاراپ ماڭماي، كۆيۈۋاتقان گۈلخانغا قاراپ ماڭدىم، قولۇمدىكى قېيىن قوزۋىقىنى گۈلخانغا تاشلىدىم. ئۇ بىردەمدىلا ئالتۇندەك يالقۇنلار ئىچىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. شىلېڭجۇدىن چىقىۋاتقىنىمدا داجىيانانىڭ يىغىسى ئاڭلاندى.

    شىبەننى قېيىن قوزۋىقىنى يەۋېتەمدىكى دەپ ئويلاپتىمەن، ئۇ كىچىكىدىنلا قېيىن قوزۋىقىنى يىيىشكە بەكمۇ ئامىراق ئىدى، ئورمانلىقتىن ئايرىلالمايتتى، لېكىن ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا قولىدىكى قېيىن قوزۋىقىنى مۇقەددەس دۇمباقنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. ھېس قىلىشىمچە ئۇ دۇمباقنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئوزۇقىنى تاشلىغان ئىدى. ئۇ شۇنچىلىكلا ئوزۇقنى ئېلىپ كەتمەكچى بولىدىكەن، ھامان بىر كۈنى جەزمەن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ. پەرىزىمچە شىبەن ئەشۇ بىچارە لاجىمىنى دەپ تاغدىن چۈشۈشكە رازى بولدى.

     ئەنساۋئېرمۇ قېيىن قوزۋىقىنى مۇقەددەس دۇمباقنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى، لېكىن ئۇنىڭ ھەركىتى ھېچنىمىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى نىمىگە دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشنىمۇ خالىمايتتى، بۇ ھەممەيلەنگە مەلۇم ئىدى. ئۇ قولىدىكى قېيىن قوزۋىقىنى قولدىن چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىشنىلا ئويلايتتى. ئۇ تىنماستىن ئىشلا قىلاتتى. شۇ كۈنى بىر بۇغىنىڭ كۆزىنى ھەرە چېقىۋېلىپ ئىششىتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆسۈملۈك دورىسى قاينىتىۋاتقان ئىدى. داجىيانا شۇ يەردىنلا ئۇنى بېلەت تاشلاشقا ئېلىپ كەلدى. ئۇ شىلېڭجۇغا كىرىپ ماكشىم بىلەن سۇجاڭلىننىڭ قېيىن قوزۋىقىنى مۇقەددەس دۇمباقنىڭ ئۈستىگە تاشلىغىنىنى كۆرۈپ شۇلارغا ئەگىشىپلا شۇنداق قىلدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە كۆزى ئىششىپ كەتكەن بوغىلا بار ئىدى. ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش قېيىن قوزۋىقىنى ئېھتىرام بىلەن مۇقەددەس دۇمباقنىڭ ئۈستىگە قويماي، شىلېڭجۇدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، قېيىن قوزۋىقىنى مۇنداقلا تاشلاپ قويدى. قوزۋاق بولسا ئۇچىۋاتقان قۇشتەك، چۈشىدىغان يېرى ئۆز مەيلىگە باقمايدىغان قۇش پېيىدەك مۇقەددەس دۇمباقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.

     بارگاھتا ئەنساۋئېر ئىككىمىزلا قالغان بولساقمۇ، قىلچىلىكمۇ غېرىپلىق ھېس قىلغىنىم يوق. تاغدىلا بولىدىكەنمەن ئەڭ ئاخىرىدا يالغۇز قالساممۇ غېرىپلىق ھېس قىلمايمەن.

     شىلېڭجۇ (ئېۋېنكى مىللىتىنىڭ چېدىر ئۆيى)  نىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئېيىق تېرىسىدىن تىكىلگەن كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىنىمچە چايغا تۇتۇش قىلدىم.

     بۇرۇن بىز كۆچكەن چاغلىرىمىزدا دائىم چوغ ئېلىۋالاتتۇق. داجىنىيالار بۇ قېتىم تاغدىن چۈشكەن چېغىدا چوغنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئوتسىز كۈنلەر سوغ ۋە قاراڭغۇ بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇردۇم، ئەندىشە قىلدىم. ئۇلار بۇسۇدىكى ھەممە ئۆيلەردە ئوت بارلىقىنى، چوغقا ھاجەت يوقلىقىنى ماڭا ئېيتىشتى. خىيالىمچە، بۇسۇدىكى ئوت، ئورمانلىقتا چاقماقنى تاشقا سۈركەپ چىقارغان ئوت ئەمەس، بۇسۇدىكى ئوتتا كۈن ۋە ئاي نۇرى يوق، ئۇنداق ئوت كىشىنىڭ يۈرۈكى بىلەن كۆزىنى قانداقمۇ يورۇتالىسۇن دەيسىز؟

    مەن بۇ ئوتنى مەڭگۈ ساقلاپ تۇرىمەن، ئۇمۇ مەن بىلەن تەڭ قېرىيدۇ. مەيلى بوران، قار ۋە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلاردا بولسۇن ئۇنى ساقلاپ كەلدىم، ئەزەلدىن ئۇنى ئۆچۈرۈپ باقمىدىم. ئۇ مېنىڭ تىماي سەكرەپ تۇرغان يۈرۈكىمگە ئوخشايدۇ.

    مەن ھېكايە سۆزلەشكە ناباپراق بىر ئايال، لېكىن مۇشۇ دەقىقىلەردە شارىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئاۋازىنى ئاڭلىغاچ، لەپ ـ لەپ قىلىپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنىغا نەزەر سالغاچ بىركىملەرگە  سۆزلەپ بەرگىم كەلدى. داجىنىيا كەتتى، شىبەن كەتتى، ليۇشا ۋە ماكشىملارمۇ كەتتى، ھېكايەمنى كىملەرگە سۆزلەپ بېرەرمەن ـ ھە؟! ئەنساۋئېرنىڭ گەپ قىلىشقا ۋە باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقىمۇ ھەپىلىسى يوق. ئۇنداق بولسا  يامغۇر بىلەن ئوتقا سۆزلەپ بېرەي، بۇ بىر جۇپ رەقىپنىڭمۇ ئادەمگە ئوخشاش قۇلىقى بارلىقىنى بىلىمەن.  



مەن بىر ئېۋېنكې ئايال.

مەن ئېۋېنكې مىللىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئايالى.

     مەن قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلغانكەنمەن.ئانامنىڭ ئىسمى ـ دامارا، دادامنىڭ ئىسمى ـ لىن كى ئىدى. ئانام مېنى تۇققان چاغدا دادام يوغان بىر قارا ئېيىقنى ئوۋلىغان ئىكەن. سورتلۇق ئېيىق ئۆتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، دادام ئېيىق ياتقان غارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قېيىن ياغىچى بىلەن ئۈچەكتە ياتقان ئېيىقنى چۇخچىلاپ، ئۇنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ، ئېيىق دەرغەزەپكە كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىكەن. ئېيىق غەزەپكە كەلگەندە ئۆت سۇيۇقلىقى قايناپ، ئۇنىڭ ئۆتى تولۇق ھالەتكە كېلىدىكەن. شۇ كۈنى دادامنىڭ تەلىيى بەكمۇ ئوڭدىن كەپتۇ، ئۇ ـ تولغان ئېيىق ئۆتى بىلەن ماڭا ئېرىشىپتۇ.

     مېنىڭ دۇنياغا كېلىپ تۇنجى ئاڭلىغان ئاۋازىم ـ قاغىنىڭ ئاۋازى بولدى. لېكىن ئۇ ھەقىقى قاغىنىڭ ئاۋازى ئەمەس ئىدى. ئېيىق ئوۋلانغانلىقتىن ۋۇلىلېڭدىكى ھەممەيلەن بىر يەرگە يىغىلىپ ئېيىق گۆشى يىمەكتە ئىدى. بىز ئېيىققا چوقۇناتتۇق، شۇڭا ئۇنىڭ گۆشىنى يەۋاتقان چاغدا قاغىلارغا ئوخشاش «قاق ـ قاق ـ قاق» قىلىپ، قاقىلداپ ئاۋاز چىقىراتتۇق. بۇنىڭ بىلەن ئېيىقنىڭ روھىغا ئۇنىڭ گۆشىنى ئادەملەر ئەمەس، قاغىلارنىڭ يەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولاتتۇق.

     قىشتا تۇغۇلغان كۆپلىگەن بالىلار قەھرىتان سوغۇقنىڭ دەستىدىن ئۆلۈپ كېتەتتى، مېنىڭ بىر ھەدەممۇ شۇنداق ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ تۇغۇلغان چاغدا ھەممە ياقنى قار قاپلىغان بولۇپ، دادام توپتىن ئايرىلىپ قالغان بوغىنى ئىزدەپ چىقىپ كېتىپتۇ. بوران بەكمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئانام ئۆز قولى بىلەن ياپقان شىلېڭجۇنىڭ بىر بۇرجىكىنى بوران ئېچىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەدەمگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۇ بۇ دۇنيادا پەقەت ئىككى كۈن ياشاپلا ئۆلۈپ كېتىپتۇ. مۇبادا، ئاھۇ (بوغا موزىيى) ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ گۈزەل ئاياق ئىزلىرى ئورمانلىقلاردا قالغان بولاتتى. لېكىن ھەدەم ئۇنى يالماپ يۇتقان قەھرىتان شامالغا ئوخشاش شۇنداق چىقىراپ قويۇپلا ئۈن ۋە تىنىقتىن قاپتۇ. ھەدەمنى بىر ئاق خالتىغا قاچىلاپ، كۈنگەيدىكى تۆپۈلۈككە ئېپ چىقىپ كېتىشىپتۇ، ئانام چەكسىز ئازاپقا مۇپتىلا بولۇپتۇ. شۇڭا مەن تۇغۇلغان چاغدا ئانام، يەنە بىر قەھىرتان شامالنىڭ ئادەم يەيدىغان ئاچچىق تىللىرىنى چىقىرىپ، بالىسىنى ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ،  مېنى شىلېڭجۇنىڭ ئىچىدىكى تېرە يوتقانلار بىلەن  مەھكەم ئوراپ قويۇپتۇ.

     ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنى مەن ئەقلىمنى تاپقاندىن كېيىن ئانام ماڭا سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ، مەن تۇغۇلغان ئاخشىمى پۈتۈن ۋۇلىلېڭدىكى كىشىلەرنىڭ قارنىڭ ئۈستىگە گۈلخان يېقىپ، ئېيىق گۆشى يىيىشكەچ ئۇسۇلغا چۈشكەنلىكىنى دەپ بەرگەن ئىدى. نېدۇ شامان ئۇسۇل ئويناۋېتىپ گۈلخاننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىكەن، ئۇنىڭ بوغا تېرىسىدىن تىكىلگەن كەشىسى بىلەن ئېيىق تېرىسىدىن تىكىلگەن كەمزۇلىغا ئوت تۇتىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا پەقەتلا زەخمەت يەتمەپتۇ.

     نېدۇ شامان دادامنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ۋۇلىلېڭنىڭ ئۇرۇق ئاقساقىلى ئىدى. مەن ئۇنى ئېگىدۇئاما (چوڭ دادا) دەپ چاقىراتتىم. مېنىڭ ئەسلىمىلىرىممۇ ئۇنىڭ بىلەن باشلانغان ئىدى.

      ئۆلۈپ كەتكەن ھەدەمدىن باشقا مېنىڭ لېنا ئىسىملىك يەنە بىر ھەدەم بار ئىدى. ئۇ يىلى كۈزدە لېنا ئاغىرىپ قالدى. ئۇ شىلېڭجۇنىڭ ئىچىدىكى ئېيىق تېرىسىدىن تىكىلگەن كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى. قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ يىمەي ـ ئىچمەي، ھۇشسىز ئۇخلىماقتا ئىدى، ئارىلاپ جۆيلۈپمۇ قوياتتى. دادام شىلېڭجۇنىڭ شەرىقى جەنۇبى بۈرجىكىگە تۆت دانە تۈۋرۈكلۈك چەللە تۇرغۇزۇپ، بىر ئاق بوغىنى ئۆلتۈرۈپ، نېدۇ شاماننى تۈغ باغلاپ، پېرە ئويناشقا تەكلىپ قىلدى. ئېگىدۇئاما ئەر كىشى بولسىمۇ، شامان بولغاچقا ئادەتتە ئايالچە كىيىنىپ يۈرەتتى. ئۇ پېرە ئوينىغان چېغىدا كۆكرىكى ئىگىزلەپ كېتەتتى. ئۇ ناھايىتى سېمىز بولۇپ، ئېغىر پېرە كىيىمى ۋە پېرە بۆكىنى كەيگەندىن كېيىن مەن ئۇنى پېقىراپ بولالمايدۇ دەپ قىياس قىلغان ئىدىم. ئەمما ئۇ ئىلاھى دۇمباقنى چالغىنىچە شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن ئايلىنىپ ئۇسۇلغا چۈشتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇسۇل ئويناپ، بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتقاچ لېنانىڭ «ۋۇمەي»سىنى، يەنى بىز كىچىك بالىلارنىڭ روھىنى ئىزدەيتتى. ئۇ گۇگۇم چۈشكەندىن تارتىپ تاكى يۇلتۇزلار چىققۇچە پېرە ئوينىدى، ئاندىن تۇيۇقسىزلا «گۈپ» قىلىپ يەرگە يىقىلدى. ئۇنىڭ يىقىلىشى بىلەن لېنا ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى.ئۇ ئانامدىن سۇ سوراپ ئىچتى ۋە قورسىقىنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. نېدۇ شامان ھۇشىغا كېلىپ، ئانامغا بىر كۈلرەڭ بوغا قوزىسىنىڭ لېنا ئۈچۈن زۇلمەت دۇنياغا سەپەر قىلغانلىقىنى دەپ بەردى. كۈز كۈنلىرى بوغىلار ئېشەكمەدىكى يىيىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئاسانلىقچە بارگاھقا قايتىپ كېلىشنى خالىمايتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز بوغا قوزىلىرىنى باغلاپ قويىدىغان بولدۇق، شۇنداق بولغاندا بۇغىلار قوزىلىرىنى دەپ بارگاھقا يېنىپ كېلەتتى. ئانام قولۇمدىن يېتىلىگەنچە مېنى شىلېڭجۇدىن سىرتقا ئېلىپ چىقتى،يۇلتۇزلارنىڭ سۇس يورۇقىدا تېخى باياملا تېپىچەكلەپ، سەكرەپ يۈرگەن بىر بوغا قوزىسىنىڭ يەردە جىمجىت سۇنايلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئانامنىڭ قولىغا مەھكەم ئېسىلغانچە دىرىلدەپ تىترەپ كەتتىم، ئېسىمدە قالغان ئەڭ بۇرۇنقى ئىشمۇ ئەشۇ تىترەك بولۇپ قالدى، ئۇ چاغلار مېنىڭ 4-5 ياشلارغا كىرگەن ۋاقتىم ئىدى.

     مېنىڭ كىچىكىمدە كۆرگەن تۇنجى ئۆيمۇ كۈنلۈككە ئوخشاپ كېتىدىغان شىلېڭجۇ ئىدى. بىز ئۇنى يەنە «ھۆرلەر تۈۋرۈكى» دەپمۇ ئاتايتتۇق. شىلېڭجۇنى ياسىماق ناھايىتى ئاسان بولۇپ، ئۇ ئىككى ئادەم بويى كېلىدىغان 20-30 تال قارىغاي خادىسىنى كېسىپ، ئاقلاپ، ئۈستى تەرىپىنى ئۇچلاپ، ئۇچلانغان تەرەپنى بوشلۇقتا بىر نۇقتىغا جەم قىلىپ؛ ئاياق تەرىپىنى ئايلاندۇرۇپ يەرگە سانچىپ ياسىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇسۇلغا چۈشكەن سانسىزلىغان پۇتلاردەك دائىرە ھاسىل بولاتتى. سىرتى بولسا سوغۇق ۋە شامالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېپىپ قويۇلاتتى. بۇرۇنلاردا ئۇ قېيىن قوزۋاقلىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرى بىلەن يېپىلسا، ھازىر كاناپ ۋە كىگىزلەر بىلەن يېپىلىدىغان بولدى.

     مەن شىلېڭجۇدا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ چوققىسىدا بىر تۆشۈك بولۇپ، ئۇ تەبئىلا ئوتداننىڭ ئىسىنى چىقىرىش رولىنى ئوينايتتى. كېچىلەردە بولسا مەن ئۇنىڭدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا نەزەر سالاتتىم. ئۇ يەردىن كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار تولىمۇ نۇرلۇق بولۇپ، شىلېڭجۇنىڭ ئۈستىدە يېنىپ تۇرغان چىراقلارغا ئوخشاپ كېتەتتى.

      دادام نېدۇ شامان تەرەپكە بېرىشنى ئانچە خالاپ كەتمىسىمۇ، مەن بېرىشقا ئامراق ئىدىم. چۈنكى ئۇ شىلېڭجۇدا ئېگىدۇئامام بولۇپلا قالماي، يەنە تەڭرىمۇ بار ئىدى. بىز تەڭرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ «مالۇ» دەپ ئاتايتۇق، ئۇ يۇمۇلاق شەكىللىك تېرە خالتىنىڭ ئىچىدە، شىلېڭجۇنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇددۇلىدا ئېزىزلەنگەن ھالدا ئېسىپ قويۇلاتتى. چوڭلار ئوۋغا چىقىشتىن ئاۋال ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرىشەتتى. مەن بولسام قىزىقىپ، نىدۇ شاماندىن خالتىنى ئېچىپ، تەڭرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ماڭا كۆرسۈتۈپ قويۇشنى ئۆتۈنەتتىم. تەڭرىنىڭ بەدىنىدە ئەت بارمۇ؟ ئۇ گەپ قىلالامدۇ؟ تەڭرى كېچىلىرى ئادەملەرگە ئوخشاش خورەكمۇ تارتامدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى ياغدۇرىۋېتەتتىم. نېدۇ شامان ھەر قېتىم مېنىڭ مالۇ تەڭرى ھەققىدىكى بۇنداق سۇئاللىرىمنى ئاڭلىغىنىدا، پېرە ئوينايدىغان چېغىدىكى دۇمباق چوكىسىنى كۆتۈرۈپ مېنى قوغلاپ چىقىراتتى.

      نېدۇ شامان بىلەن دادام بىر تۇققان قېرىنداشلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۇلار ئادەتتە ئانچە پاراڭلىشىپمۇ كەتمەيتتى، ئوۋغا چىققانلاردا بولسا ھەمرامۇ بولۇشمايتتى. دادام ئورۇق، ۋىجىك، نېدۇ شامان بولسا بەكمۇ سېمىز ئىدى. دادام ئۇستا ئوۋچى ئىدى، نېدۇ شامان بولسا دائىم ئوۋدىن قۇرۇق قول كېلەتتى. دادام گەپدان ئادەم ئىدى، نېدۇ شامان بولسا ۋۇلىلېڭدىكى كىشىلەر بىرەر ئىشنى مەسلىھەتلەشمەكچى بولۇپ يىغىلغاندىمۇ باشقا بىر گەپلەرنى قىلىپ تۇرىۋالاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مەن تۇغۇلغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى نېدۇ شامان چۈشىدە بىر ئاق ئاھۇ (بۇغا قوزىسى) نىڭ بارگاھىمىزغا  كەلگىنىنى كۆرۈپتۇمىش، مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىم بىلەن ئۇ چەكسىز شادلىققا چۆمۈپ، خۇددىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ھاراق ئىچىپ، ئۇسۇلغا چۈشۈپتىمىش، ھەتتا ئۇسۇل ئويناۋېتىپ گۈلخاننىمۇ دەسسەپ ساپتۇمىش.

دادام، ئانام بىلەن چېقىشىشقا ئامىراق ئىدى. ياز كۈنلىرى ئۇ دائىم ئانامغا قاراپ:

ـ دامارا، يىلەن كۆينىكىڭنى چىشلىۋالدى، ـ دەيتى.

      «يىلەن» ئۆيىمىزدىكى ئوۋ ئىتىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزدىكى مەنىسى «يورۇقلۇق» ئىدى. شۇنداق بولغاچقىمۇ مەن كەچقۇرۇنلىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم ھەم ئۇ ئالدىمغا يۈگرەپ كەلگىنىچە يورۇقلۇقنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئويلايتتىم، لېكىن ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى بىر دەستە سايىدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئانام كۆينەك كىيىپ يۈرۈشكە قەۋەتلا ھېرىسمەن ئىدى، شۇڭا مېنىڭ نەزىرىمدە ئانامنىڭ يازنى سېغىنىشى، ئورمانلىقتىكى گۈللەرنىڭ بۇرۇنراق پورەكلەپ ئېچىلىشىنى كۈتۈش بولماستىن، بۇرۇنراق كۆينەك كىيىپ يۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. «يىلەن كۆينىكىڭنى چىشلىۋالدى» دىگەننى ئاڭلىغىنىدا ئۇ قاڭقىپ، سەكرەپ كېتەتتى، دادام بولسا شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە كۆرەڭلىك بىلەن قاقاقلاپ كۈلەتتى. ئانام كۈلرەڭ كۆينەكلەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى. بېلىگە يېشىل يوللۇق بەلباغ تۇتاتتى، ئۇنىڭ ئالدى كەڭ، ئارقا تەرىپى تاراراق بولاتتى.

      ئانام پۈتۈن ۋۇلىلېڭدىكى ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قابىل ئاياللاردىن بولۇپ سانىلاتتى. ئۇنىڭ بېلەكلىرى يۇمۇلاق، پاچاقلىرى مەزمۇت ئىدى. ئۇنىڭ پېشانىسى كەڭ بولۇپ، باشقىلارغا ھامان تەبەسسۇم بىلەن نەزەر سالاتتى، تولىمۇ دىلكەش ئىدى. باشقا ئاياللار ئەتىگەندىن كەچكىچە بېشىغا كۆك ياغلىق ئارتىپ يۈرۈشەتتى، ئۇنىڭ چاچلىرى بولسا ئوچۇق ئىدى. ئۇ قويۇق ۋە قاپقارا چاچلىرىنى ئۈستىگە تۈرمەللەپ، ئاپئاق بوغا ئۇستىخىنىدىن ياسالغان چاچ قىسقۇچ بىلەن قىستۇرۇپ يۈرەتتى.

ـ دامارا، بۇ ياققا كەل، ـ دادام خۇددى بىزنى چاقىرغاندەك،دائىم ئۇنى شۇنداق دەپ چاقىراتتى.

ئانام ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى، دادام بولسا ئۇنىڭ پېشىنى تارتىپ قويۇپ، كاسسىغا ئالقىنى بىلەن يەڭگىل ئۇرۇپ قويۇپ:

ـ بارىۋەرگىن، باشقا ئىش يوق ـ دەيتتى.

ئانام بولسا، ئېغىزىنى ئۈمچەيتىپ قوياتتى ـ يۇ، بىر نەرسە دىمەيتتى، ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كېتەتتى.

      لېنا ئىككىمىز كىچىكىمىزدىنلا ئانىمىزدىن ئىش ۋە قول ھۈنەرلەرنى ئۈگۈنىشكە باشلىدۇق. تېرە ئەيلەش، گۆش سۈرلەش-بوجىلاش، سېۋەت توقۇش، ئېيىق تېرىسىدىن كەش ۋە قولقاپ تىكىش يەنە، گېلىبا قوتۇرمىچىنى پىشۇرۇش، بۇغا سېغىش، ئىگەر قېشى ياساش قاتارلىقلار. دادام لېنا ئىككىمىزنىڭ گۈلدىن ئايرىلالمايدىغان كېپىنەكلەردەك ئانامنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگىنىمىزنى كۆرۈپ قىزغانغان ھالدا:

ـ دامارا، بۇ نۆۋەت ماڭا بىر ۋۇتې تۇغۇپ بەر ـ دەيتتى.

      «ۋۇتې» بىزنىڭ تىلىمىزدا ئوغۇل دىگەنلىك ئىدى، لېنا ئىككىمىز بولساق، مىللىتىمىزدىكى باشقا قىزلارغا ئوخشاش «ۋۇناجى» دەپ ئاتىلاتتۇق. دادام ئادىتى بويىچە لېنانى «چوڭ ۋۇناجى»، مېنى بولسا «كىچىك ۋۇناجى» دەپ چاقىراتتى.

     تۈن كېچىلىرى شىلېڭجۇنىڭ سىرتىدىن شامالنىڭ ھۇشقىرتقان ئاۋازلىرى كېلىپ تۇراتتى. قىش كۈنلىرى ئۇنىڭغا يىرتقۇچلارنىڭ ئاۋازىدەك ئاۋازلار ئارىلىشىپ قالسا، ياز كۈنلىرى مۆشۈك ياپىلاقنىڭ ئاۋازلىرى ۋە پاقىلارنىڭ كۆكىراشلىرى قوشۇلۇپ كېلەتتى. شىلېڭجۇنىڭ ئىچىدىمۇ شامال ئاۋازى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا دادامنىڭ ھاسىراشلىرى بىلەن ئانامنىڭ پىچىرلاشلىرى ھەمدەم بولاتتى. بۇنداق ئۆزگىچە شامالنى ئانام دامارا بىلەن دادام لىن كې بارلىققا كەلتۈرەتتى. ئانام ئادەتتە دادامنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە چاقىرمايتتى، كېچىلىرى ئۇلار شامالغا ئوخشاش ئاۋاز چىقارغان چاغلىرىدا ئۇ قىزغىنلىق بىلەن تىترەپ تۇرۇپ: لىن كې، لىن كې...... دەپ نىدا قىلاتتى، دادام بولسا، ئۆلۈپ كېتىۋاتقان يىرتقۇچتەك ئېغىر ھۆمۈدەپ كېتەتتى.مەن ئۇلارنى قانداقتۇر ئېغىر ئاغىرىققا گىرىپتار بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. ئەتىگەندە بولسا، ئۇلار مەڭىزلىرى قىپ ـ قىزىل ھالدا ئىشلىرىغا جۆنەيتتى. ئەنە شۇنداق شامالغا ئوخشاش ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە ئانامنىڭ قورسىقى كۈندىن ـ كۈنگە يوغاناپ باردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنىم لۇنى دۇنياغا كەلدى.

     دادام ئۆزىنىڭ «ۋۇتې»سىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئوۋدىن دائىم دىگۈدەك قۇرۇق قول كېلىدىغان بولدى، لۇنىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ بۇلۇتلۇق چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگرەيتتى. دامارامۇ لۇنىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئىش قىلىۋاتقان چېغىدا ئۇنى قېيىن قوزۋاقلىرىدىن ياسالغان بۆشۈك ـ ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويسىمۇ بولىدىغان يەردە دائىم دىگۈدەك ئۆشنىسىگە ئېلىۋالاتتى. بۇنداق چاغدا دامارا بۇغا سۆڭىكىدىن ياسالغان چاچ قىسقۇچىنى قاداشقا ئامالسىز قالاتتى، لۇنى دائىم دىگۈدەك قولى بىلەن قىسقۇچنى قاماللاپ ئېلىۋېلىپ ئېغىزىغا سېلىشقا ئالدىرايتتى، قىسقۇچ ئۇچلۇق بولۇپ، دامارا لۇنىنىڭ ئېغىزىنى تىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى تاقىمايدىغان بولدى. مەن بولسام ئانامنىڭ بۇغا سۆڭىكىدىن ياسالغان چاچ قىسقۇچىنى قاداپ يۈرۈشىنى ياقتۇراتتىم.

     لېنا ئىككىمىزمۇ لۇنىنى ياخشى كۆرەتتۇق،ئۇنى تالىشىپ دىگۈدەك كۆتۈرۈپ يۈرەتتۇق، ئۇ بۇدرۇققىنە بولۇپ، بەجايكى ئوماق ئېيىقچاققا ئوخشايتتى. توختىماي گۇڭراپ تۇراتتى، يۇڭلۇق قۇرۇت ئۆمىلەپ كىرگەندەك، شۆلگەيلىرى بويۇنلىرىمىزغىچە ئېقىپ كىرىپ، قىچىشتۇرۇپ، بىزنى ئالاقىزادە قىلاتتى. قىش كۈنلىرى بىز تىيىننىڭ قۇيرۇقى بىلەن لۇنىنىڭ يۈزىنى سىيپاشنى ياخشى كۆرەتتۇق، ھەر قېتىم سىيپىغىنىمىزدا ئۇ ۋىلىق ـ ۋىلىق قىلىپ توختىماي كۈلەتتى. يازدا بولسا ئېقىنلارنىڭ بويىغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ ئۇنىڭغا چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىن يىڭناغۇچلارنى تۇتۇپ بېرەتتۇق. بىر قېتىم ئانام بۇغىلارغا تۇز بېرىۋاتقان ئىدى، لېنا ئىككىمىز لۇنىنى شىلېڭجۇنىڭ سىرتىغا يۆلەپ قويۇلغان، قېيىن قوزۋىقىدىن ياسالغان، ئاشلىق قاچىلايدىغان چوڭ ساندۇقنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويدۇق. ئانام قايتىپ كېلىپ لۇنىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ساراسىمىگە چۈشتى ۋە ئەتىراپتىن ئىزدەشكە باشلىدى. بىزدىن سورىغان ئىدى، بىز كۆرمىگەنلىكىمىزنى دەپ بېشىمىزنى چايقىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغلاشقا باشلىدى. لۇنىنىڭ يۈرىكى، ئانىمىزنىڭ يۈرىكى بىلەن تۇتاشمۇ ئىشقىلىپ دەسلىپىدە ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئويناپ ئولتۇرغان لۇنى، ئانامنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئەگىشىپ يىغلاشقا باشلىدى. لۇنىنىڭ يىغا ئاۋازى ئانامغا نىسپەتەن چىرايلىق كۈلكىنىڭ ئاۋازى بىلەن باراۋەر ئىدى، ئۇ ئېتىلىپ بارغانچە ئۇنى قۇچىقىغا ئالدى. ئاندىن لېنا ئىككىمىز يەتكىچە دەشنام ئىشىتتۇق. ئېسىمدە قېلىشىچە بۇ ئانامنىڭ تۇنجى قېتىم بىزگە تاپا قىلىشى ئىدى.

     لۇنىنىڭ پەيدا بولۇشى، لېنا ئىككىمىزنىڭ ئاتا ـ ئانىمىزنىڭ نامىنى چاقىرىش ئۇسۇلىغا ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كەلدى. ئىلگىرى بىز ئۇلارنى ئەدەپ ـ قائىدە بويىچە «ئېنى» ـ ئانا، «ئاما» ـ دادا، دەپ ئاتىساق، لۇنىغا بولغان ھەسەت سەۋەبىدىن، ئۇلار يوق چاغلاردا ئانىمىزنى دامارا، دادىمىزنى لىنكې دەپ ئاتايدىغان بولدۇق. شۇڭا ھازىرمۇ ئۇلارنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئىسمىنىلا چاقىرىدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتەلمەي يۈرىمەن. تەڭرىم گۇناھىمنى كەچۈرگەي!

     ۋۇلىلېڭدىكى قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك ئايالى بار ئىدى. ئالايلى، دامارا ـ لېنكېنىڭ، مارىيا ـ خاشىنىڭ، يىفۇلىن ـ كۇندېنىڭ، كۆككۆز، سېرىق چاچلىق ناجىشكا ـ ئىۋاننىڭ ئايالى ئىدى. پەقەت نېدۇ شامانلا يالغۇز ئۆتەتتى. ئۇنىڭ ئېيىق تېرىسىدىن تىكىلگەن خالتىسىدا ساقلاپ يۈرگەن تەڭرىسىنى ئايال تەڭرىمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن، بولمىسا ئۇ ئايالسىز يالغۇز ياشاپ يۈرمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئايال تەڭرى بىلەن بىللە ياشاپ يۈرگىنىمۇ ھېچگەپ ئەمەس، شۇنغىسى ئۇلار بالا تۇغالمايدۇ ـ دە، پەقەت شۇنىڭغىلا بىرئاز ئەپسۇسلىنىمەن. بارگاھتا بالىلارنىڭ بولماسلىقى بىلەن، دەل ـ دەرەخلەرگە سۇنىڭ بولماسلىقى ئوخشاشلا بىر گەپ، قاچانلا قارىسىڭىز سۇلغۇنلا كۆرۈنگەن. ئەنە، ئىۋان بىلەن ناجىشكا دائىم دىگۈدەك بىر جۈپ قىزى گىرانتې بىلەن نارانى ئوينىتىپ، كۈلۈپ ـ تېلىقىپ يۈرىشىدۇ. كۇندې بىلەن يىفۇلىننىڭ ئوغلى كىنتې گەرچە ئانچە تېتىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ تومۇز كۈنلىرىدىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بېشىغا سايە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ يۈرىدۇ. ئەكسىنچە، خاشى بىلەن مارىيانىڭ بالىسى بولمىغاچ قاچانلار قارىسىڭىز يۈزلىرىنىڭ بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. لورىنىسكى بارگاھقا كەلگەن كۈنلىرى قەنت، ھاراق ـ تاماكا، چايلارنى ئېلىپلا كەلمەي، يەنە ئاتايىن خاشى بىلەن مارىياغا دورىمۇ ئالغاچ كېلىدۇ، لېكىن مارايا لورىنىسكى ئېپ كەلگەن دورىلارنى كۆپ ئىچكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ قورسىقى يەنىلا مىدىراي دىمەيتتى. خاشىنىڭ بولسا ئوۋچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان قانداغايغا ئوخشاش، كۆزلىرىدىن ئىلاجىسىزلىقنىڭ نۇرلىرى تۆكۈلەتتى. مارىيامۇ ياغلىقى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ، بېشىنى ئەگكىنىچە نېدۇ شاماننىڭ شىلېڭجۇسىغا قاتىرايتتى. تەڭرىدىن ئۆزلىرىگە پەرزەنت نېسىپ قىلىشنى تىلەيتتى.

      يېفۇلىن مېنىڭ كىچىك ئانام بولۇپ، ھېكايە سۆزلەشكە بەكمۇ ماھىر ئىدى. مىللىتىمىز ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى، دادام بىلەن نېدۇ شامان ئوتتۇرسىدىكى شاپائەت ۋە ئاداۋەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، مىللىتىمىز ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى كىچىك چاغلىرىمدىلا ئاڭلاپ بولغان ئىدىم، چوڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئاداۋەتلەرنى بولسا، دادام ئۆلۈپ كەتكەن، ئانام بىلەن نېدۇ شامان مەجنۇن بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئاڭلىدىم. ئۇ چاغ مەن ۋېكىتقا ئانا بولۇشنىڭ ھارپىسىدىكى مەزگىللەر ئىدى.

      ئۆمرۈمدە تولىمۇ نۇرغۇن دەريا ـ ئېقىنلارنى كۆرۈپتىمەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تار ۋە ئۇزۇن، بەزىلىرى كەڭ، بەزىلىرى ئەگىرى ـ بۈگرى، بەزىلىرى تىنىق ۋە بەزىلىرى دولقۇنلۇق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ بىز قويغان ئىكەنمىز. ئالايلى: دېربۇر دەرياسى، ئاۋرۇكيار دەرياسى، بىسكەنيار دەرياسى، بېرىز دەرياسى، ئىمىڭ دەرياسى ۋە تارىيا دەرياسى قاتارلىقلار دىگەندەك. بۇ دەريالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ تارمىقى ياكى تارمىقىنىڭ تارمىقى ئىدى.

مېنىڭ ئېرگۇنا دەرياسى ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئەسلىمىلىرىم قىش كۈنلىرىدىن باشلىنىدۇ.

     ئۇ يىلى، شىمالدىكى بارگاھنى قېلىن قار بېسىۋالغان بولۇپ، بوغىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز جەنۇپقا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدۇق.يولدا بىرقانچە كۈن ئوۋ ئوۋلاشقا مۈمكىن بولمىدى، بوغىغا مىنىپ كېتىۋاتقان داشى توكۇر، بېجىرىم ئەرلەرنى:

ـ كارغا يارىماسلار، جەھەننەمگە قاراپ كېتىۋاتىمەن، مېنى پاقىرىتىپ تۇرۇپ ئاچتىن ئۆلتۈرىدىغان بولدۇڭلار ـ دەپ تىللاپ كەتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىز ئېرگۇنا دەرياسىغا كېلىپ، لۇم ـ تۆمۈرلەر بىلەن مۇزنى چوقۇپ، بېلىق تۇتۇپ يىيىشكە مەجبۇر بولدۇق.

     ئېرگۇنا دەرياسى تولىمۇ كەڭ بولۇپ، مۇز بىلەن قاپلانغان يۈزى، قارىماققا بىركىملەر بەرپا قىلغان چىرايلىق مۇز مەيدانغا ئوخشاپ تۇراتتى. خاشى بېلىق تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، ئۇ مۇزنىڭ يۈزىدىن ئۈچ تۆشۈك ئاچتى ۋە بېلىق ئارىسىنى تۇتقان ھالدا يېنىدا ساقلاپ تۇردى. قىشتىن بۇيان مۇزنىڭ ئاستىدا پاناھلىنىپ تۇرغان بېلىقلار، باھار قايتىپ كەپتۇ دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي، پىلتىڭلاشقىنىچە تۆشۈكنىڭ ئالدىغا ئۈزۈپ كېلىشتى.خاشى تۆشۈكتىكى سۇنىڭ داۋالغۇپ، ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، چاققانلىق بېلىق ئارىسىنى سانچىشقا باشلىدى. تۇتۇلغان بېلىقلارنىڭ ئىچىدە، ئالا ـ بالداق چورتاق بېلىقلارنىمۇ، ئىنچىكە يوللۇق جېلو بېلىقلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. خاشى ھەر بىر بېلىقنى تۇتقاندا بولسا مەن يېنىدا تۇرۇپ، سەكرەپ تەنتەنە قىلغان ئىدىم. لېنا، گىرانتې، كىنتېلار غا ھور ئۆرلەپ تۇرغان تۆشۈك تۇزاقتەك كۆرۈنگەن بولسا كېرەك، كۆرۈشكە پېتىنالماي يىراقتىن قاراپ تۇرۇشاتتى. مەن نارانى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇ مەندىن بىرنەچچە ياش كىچىك بولسىمۇ، ماڭا ئوخشاش جۈرئەتلىك ئىدى. ئۇ بېلىنى ئىگىپ، تۆشۈككە قاراپ تۇراتتى، خاشى ئۇنى نېرىراق تۇرۇشقا بۇيرۇپ:

ـ تېيلىپ ئىچىگە چۈشۈپ كەتسەڭ، بېلىقلارغا يەم بولىسەن ـ دەپ قورقۇتتى.

نارا بېشىدىكى ئېيىق تېرىسىدىن تىكىلگەن تۇمىقىنى ئىلىۋېتىپ، بېشىنى چايقىدى، ئاندىن قەسەم ئىچكەندەك يەرنى تېپىپ تۇرۇپ:

ـ قېنى، مېنى تۆشۈكتىن تاشلىۋەت! مەن سۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرەي، سىلەر بېلىققا ئېھتىياجلىق بولغاندا مۇزنى چېكىڭلار، شۇ چاغدا مەن بېلىقلارنى ئالدىڭلارغا ھايداپ چىقاي، ئۇنداق قىلالمىسام مېنى بېلىقلارغا يەم قىلىۋېتىڭلار ـ دىدى.

     ئۇنىڭ سۆزىگە خاشى ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئانىسى ناجىشكانىڭ قورقۇپ ھالى قالمىدى. ئۇ نارانىڭ يېنىغا ماڭغاچ، قولى بىلەن مەيدىسىگە توختىماستىن كىرست بەلگىسىنى سىزىپ باراتتى. ناجىشكا رۇسسىيەلىك بولۇپ، ئىۋان ئىككىسى سېرىق چاچ، ئاق تەنلىك بالىلارنىلا ئاپىرىدە قىلىپ قالماي، يەنە كاتولىك دىنىنىمۇ بىللە ئالغاچ كەلگەن ئىدى. ئۇ ۋۇلىلېڭدا بىزنىڭ مالۇ تەڭرىمىزگىمۇ، ئۆزىنىڭ بۈۋى مەريىمىگىمۇ تەڭلا ئىشىنىۋېرەتتى. شۇنداق بولغاچقىمۇ يېفۇلىن كىچىك ئانام ئۇنى پەقەتلا كۆزىگە ئىلمايتتى. مەن بولسام ناجىشكاغا پەقەتلا ئۆچلۈك قىلمايتتىم، چۈنكى ئۇ چاغلاردا تەڭرى، ماڭا نىسپەتەن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسە ئىدى. مەن پەقەت ئۇنىڭ مەيدىسىگە كىرست بەلگىسىنى سىزىشىنىلا ئانچە خالاپ كەتمەيتتىم، ئۇنىڭ ھەركىتى كۆزۈمگە، قولىغا پىچاق ئېلىۋېلىپ، كۆكرىكىنى يېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

      گۇگۇم چۈشەي دىگەندە بىز ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ بويىغا گۈلخان يېقىپ، بېلىق كاۋىپى بىلەن غىزالىنىشقا تۇتۇندۇق. چورتاق بېلىقلارنى ئوۋ ئىتلىرىغا تاشلاپ بېرىپ، يوغان جېلو بېلىقلىرىنى پارچىلاپ، ئۈستىگە تۇز سۈركەپ، گۈلخانلارغا قاقلاشقا باشلىدۇق. بىردەمدىلا بېلىق كاۋىپىنىڭ خۇشبۇي ھىدى ئەتىراپقا تارقىلىشقا باشلىدى. چوڭلار بىر ياقتىن بېلىق كاۋىپى يىيىشكەچ، ھاراق ئىچىشمەكتە ئىدى. نارا ئىككىمىز بولساق، دەريا بويىدا يۈگرۈشۈپ يۈرىشەتتۇق. ئىزلىرىمىز بولسا خۇددى توشقانلارنىڭ ئىزلىرىدەك ئاپئاق قارلارنىڭ يۈزىدە زىچچىدە يېيىلىپ بارماقتا ئىدى. نارا ئىككىمىزنىڭ دەريانىڭ سول قىرغىقىغا يۈگرۈپ بارغىنىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، شۇ چاغدا يىفۇلىن كىچىك ئانام بىزنى توۋلاپ ياندۇرۇپ كەلگەن ئىدى ۋە ماڭا قارشى قىرغاققا قالايمىقان بېرىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ يەرنىڭ بىزنىڭ تەۋەلىكىمىز ئەمەسلىكىنى دىگەن ئىدى. يەنە قولى بىلەن نارانى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:

ـ ئۇ بارسا بولىدۇ، قارشى قىرغاق ئۇلارنىڭ يۇرتى. ھامان بىر كۈنى ناجىشكا، گىرانتې بىلەن نارانى ئېلىپ ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا كېتىدۇ، ـ  دىگەن ئىدى.

    مېنىڭ نەزىرىمدە، دەريا يەنىلا دەريا ئىدى. ئۇنىڭ قانداقمۇ سول ياكى ئوڭ قىرغىقى بولسۇن دەيسىز. دەريا بويىدىكى بۇ گۈلخانلارغا قاراڭ، گەرچە ئۇ ئوڭ قىرغاقتا كۆيىۋاتقان بولسىمۇ، سول تارەپتىكى قارلىق دالىنى ئوخشاشلا قىزارتىپ تۇراتتى. نارا ئىككىمىز يېفۇلىننىڭ سۆزىگە ئېرەنمۇ قىلىپ قويماي،يەنىلا دەريانىڭ ئوڭ ۋە سول قىرغاقلىرىنىڭ ئارىسىدا يۈگرۈشۈپ يۈردۇق. نارا تېخى ئەتەي دەريانىڭ سول قىرغىقىغا سىيىپمۇ قويدى، ئاندىن ئوڭ قىرغاققا يۈگرەپ كېلىپ، يۈقۇرى ئاۋاز بىلەن يېفۇلىنغا:

ـ مەن سۈيدۈگۈمنى يۇرتۇمغا تاشلاپ كەلدىم، ـ دىدى.

يېفۇلىن، بۇغىنىڭ غەلىتە بىر قوزىنى قوزىلىغان چېغىغا قاراپ تۇرغاندەك ئىپادە بىلەن، ناراغا مەقسەتسىزلا قاراپ قويدى.

     شۇ كۈنى كەچتە، يېفۇلىن كىچىك ئانام ماڭا دەريانىڭ سول قىرغىقىنىڭ بۇرۇن بىزنىڭ تەۋەلىكىمىز، يۇرتىمىز ئىكەنلىكىنى، ئىلگىركى چاغلاردا بىزنىڭ ئۇ يەرلەرگە خوجايىنلىق قىلغانلىقىمىزنى دەپ بەردى.

    ئۈچ يۈز نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا رۇس سالداتلىرى ئەجداتلىرىمىز ياشاۋاتقان زىمىنغا باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇرۇش ئوتىنى قوزغاپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ قاپلان تېرىلىرىنى ۋە بۇغىلىرىنى بۇلاپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا قارىشلىق كۆرسەتكەن ئەرلەرنى، قىلىچ بىلەن قاپ بېلىدىن چېپىپ تاشلاپتۇ، ئۇلارنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىپ، خورلىشىغا ئۇنىمىغان ئاياللارنى تىرىك تۇرغۇزۇپلا بوغۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ، تىمتاس ئورمانلىقنى بۇس ـ تۈتەكلەر قاپلاپ، ئاڭلار يىلسىرى ئازلاشقا باشلاپتۇ، ئەجداتلىرىمىز ياكۇتې ئوبلاستىنىڭ لېينا دەرياسى ۋادىلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈپ، ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى ئورمانلىقلارغا كېلىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ. شۇڭا ھازىرمۇ بەزىلەر بىزنى «ياكۇتېلار» دەپ ئاتاپ قويىدۇ. لېينا دەرياسى بويىدىكى ۋاقتىمىزدا بىزدە ئون ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا كۆچۈپ كەلگەن چېغىمىزدا ئالتە ئۇرۇققا چۈشۈپ قاپتىمىز. نۇرغۇنلىغان ئۇرۇقلىرىمىز يىللارنىڭ بوران ـ چاپقۇنلىرىدا چېچىلىپ كېتىپتۇ. شۇڭامۇ مەن ھازىر فامىلىلىرىمىزنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىغاچقا، ھېكايەمدىكى كىشىلەرنى ئاددىغىنە ئىسمى بىلەنلا سۈپەتلەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.

     لېينا دەرياسى كۆپكۆك بىر دەريا بولۇپ، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇ شۇنداق كەڭ ۋە بىپايان بولغاچقا تۆمۈر تۇمشۇقلارمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدا رامۇ كۆلى، يەنى بايقال كۆلى بار ئىكەن. ھەر تەرەپتىن ئېقىپ كەلگەن سەككىز دەريا ئۇنىڭغا قۇيۇلىدىكەن، ئۇنىڭ سۈيىمۇ يىلبويى تىنىق، كۆك ھالەتتە تۇرىدىكەن. كۆلدە ياپ – يېشىل سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، ئاق ۋە ھالرەڭ نىلۇپەرلەر ئۆسۈپ تۇرىدىكەن،قۇياشمۇ ئۇنىڭغا بەك يېقىن بولۇپ، قۇياش نۇرى يىلبويى سۇنىڭ يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدىكەن. رامۇ كۆلىنىڭ ئەتىراپى قاتمۇ – قات، ئىگىز تاغلار بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئەجداتلىرىمىز – ئۇزۇن چاچلىق ئېۋېنكې مىللىتى شۇ يەردە ياشايدىكەن. مەن يېفۇلىندىن:

-رامۇ كۆلىدىمۇ قىش بولامدۇ – دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا:

-      ئەجداتلار بارلىققا كەلگەن يەردە قىش بولمايدۇ-دەپ جاۋاپ بەردى.

     لېكىن مەن، ئەبەدىي ياپ – يېشىل، ئىللىق تۇرىدىغان بىر دۇنيانىڭ بارلىقىغا دىگەندەك ئىشىنىپ كەتمىدىم. مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ھەر يىلى دىگۈدەك ئۇزۇن ھەم قەھىرتان قىشنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەچكە، يېفۇلىن ماڭا رامۇ كۆلىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، نېدۇ شاماننىڭ يېنىغا يۈگرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم. نېدۇ شامان يېفۇلىننىڭ ھېكايىسىغا قوشۇلمىغان بولسىمۇ، ئىلگىرىكى چاغلاردا بىزنىڭ ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ سول تەرەپلىرىدە چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق قىلىپ ياشاپ كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە، شۇ مەزگىللەردە نېبۇچۇ تەۋەسىدىكى بۇغىچىلىق قىلىدىغان قەۋىملەرنىڭ ئوردىمىزغا قاپلان تېرىلىرىنى تارتۇق قىلىدىغانلىقىنى، كۆك كۆز، ئۇزۇن بۇرۇن رۇسلارنىڭ قىستىشى بىلەن ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە كېلىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى دەپ بەردى. لېينا دەرياسى بىلەن نېبۇچۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ، قولدىن كەتكەن ئۇ يەرلەرنىڭ دەريانىڭ سول تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى، ئەمدى بىزنىڭ ئۇ يەرلەرگە قايتىپ بارالمايدىغانلىقىمىزنى قىياس قىلدىم، بالىلىق قەلبىمدە كۆك كۆز، ئۇزۇن بۇرۇن ناجىشكىغا ئۆچمەنلىك تولۇپ – تاشتى، ئۇنى بۇغىلار توپىنى پايلاپ يۈرىدىغان چىشى بۆرىدەك كۆرىدىغان بولدۇم.

    ئىۋان ئېگىدۇيايېنىڭ، يەنى بوۋامنىڭ ئاكىسىنىڭنىڭ ئوغلى ئىدى. ئىۋاننىڭ بويى بەكمۇ پاكار بولۇپ، چىرايى قارا ئىدى، پېشانىسىدىكى بىر تال قىزىل مېڭى قىزىل پۇرچاقتەك چاقناپ تۇراتتى. قارا ئېيىق قىزىل پۇرچاقنى يىيىشنى ياخشى كۆرگەچكە، ئوۋغا چىققان چاغلاردا دادام ئېيىقنىڭ ئىزىنى بايقىغان ھامان، ئىۋاننى پەخەس بولۇشقا ئۈندەيتتى، ئېيىقنىڭ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. دادامنىڭ ئەنسىرىشىنىڭمۇ ئورنى يوق ئەمەس ئىدى، ئېيىق باشقىلارنى كۆرگەنگە قارىغاندا ئىۋاننى كۆرسە بەكەرەك قىددىلىشىپ كېتەتتى، ئۇندىن بۇرۇنمۇ ئۇ ئىككى قېتىم ئېيىقنىڭ ئالقىنىدىن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ چىشلىرى بەكمۇ ئۆتكۈر بولۇپ، خام گۆش يىيىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئوۋ ئوۋلانمىغان كۈنلەردە بەكەرەك ئازاپلىنىدىغىنىمۇ ئىۋان ئىدى. ئۇ بوجا گۆشلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرمەيتتى، بېلىقنى كۆرسە دىمىقىنى قېقىپ قوياتتى، ئۇنى چىشى قالمىغان بوۋايلار، بالىلار يەيدۇ، دەپ قارايتتى.

     ئىۋاننىڭ قولى ئالاھىدە يوغان بولۇپ، ئۇ قولىنى تىزىغا قويىدىغان بولسا، ئۇنىڭ تىزى قوپال ھەم ئۇزۇن دەرەخ يىلتىزلىرى بىلەن ئورىلىپ قالغاندەك بولاتتى. قولى بەك كۈچلۈك بولۇپ، يىرىك شېخىللارنى سىقىمداپلا ئۇۋىتىپ تاشلايتتى، شىلېڭجۇغا سالغان قارىغاي خادىلارنى كۈچىمەيلا سۇندۇرۇپ تاشلىيالايتتى، پالتا بىلەن چاناشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. يېفۇلىن «ئىۋان ئەنە شۇ كۈچلۈك ئىككى قولى بىلەن ناجىشكانى ئىندەككە كەلتۈرىۋالغان» دەيدۇ.

      يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى، ئەرگۇنا دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدا ئالتۇن كان بايقىلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تاپقان رۇسلار چېگىرىدىن ئۆتۈپ، ئۇنى ئوغۇرلىقچە قېزىشقا باشلايدۇ. ئۇ چاغلاردىكى پادىشاھ گۇاڭشۈ بولۇپ، ئۇ بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئالتۇنلىرىنىڭ كۆككۆزلەرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىشىگە قانداقمۇ ئۇنىسۇن دەيسىز؟  لى خوڭجاڭغا ئامال قىلىپ، ئالتۇنلارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى توساش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لى خوڭجاڭ موخېدا ئالتۇن كان ئېچىش نىيىتىگە كېلىدۇ. موخې يىلنىڭ يېرىمىدا دىگۈدەك قار ئۇچقۇنداپ تۇرىدىغان، ئادەمىزات ئاياغ باسمىغان بىر يەر بولۇپ، ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، لى خوڭجاڭ سىشى تەيخوغا قارىشى چىقىپ، گۇناھكار بولۇپ قالغان جىلىننىڭ كاندىدات ۋالىسى لى جىنيوڭنى كان ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. موخېدىكى ئالتۇن كاننىڭ ئېچىلىشى بىلەن تۈرلۈك دۇكانلارمۇ تەڭلا گۈللىنىشكە باشلايدۇ، چېچەكتىن كېيىن مىۋە تۇتقاندەك، پاھىشەخانىلارمۇ ئەگىشىپلا قۇرۇلغىلى تۇرىدۇ. قۇۋۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن كېلىپ، يىلبويى ئايال دىدارى كۆرمىگەن كانچى ئەرلەرنىڭ كۆزىگە ئاياللار، ئالتۇندىنمۇ جەلىپكار كۆرۈنىدۇ. ئۇلار بىردەملىك ئىللىقلىق ۋە لەززەتنى دەپ، ئاياللارنىڭ تېنىگە ئالتۇنلىرىنى ئۆرۈشكە باشلايدۇ. پاھىشەخانىلارنىڭ سودىسى ياز كۈنلىرىدىكى يامغۇر سۇلىرىدەك تولۇپ – تېشىپ كېتىدۇ. بىز «ئەندا» دەپ ئاتايدىغان رۇس سودىگەرلەر، پاھىشەخانىدىكى پۇل تېپىشنىڭ يولىنى كۆرۈپ، ياش ئاياللارنى ئەكىلىپ تۈركۈملەپ پاھىشەخانىلارغا ساتىدۇ.

                                       




www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 02:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگونىڭ ياخشى ئەدەبىياتى قانداق بولۇشى كېرەك؟



كۇبىن (گېرمانىيە)



01300000369368125956587973386-201212565312725.jpg

Wolfgang Kubin  1945- يىلى تۇغۇلغان، بونىن ئۇنۋېرسىتېتى خەنزۇشۇناسلىق پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى، پىراففىسور، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان. جۇڭگو كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ھازىرقى، بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتى سەھەسىدىكى نوپۇزلۇق خەنزۇشۇناس. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «جۇڭگو شىئېرىيەت تارىخى»،«20-ئەسىر جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخى»،«لۇشۇن ئەسەرلىرى» (ئالتە توم) ئۇندىن باشقا، بېي داۋ، ياڭ لەن، زەي يوڭمىڭ، ئوۋياڭ جاڭخې قاتارلىق كۆپلىگەن جۇڭگو شائىرلىرىنىڭ كىتاپلىرىنى نېمىسچە تەرجىمە قىلىپ گېرمانىيەدە نەشر قىلدۇرغان.


  مەن بۇ تېمامنى مۇنداق ئۈچ تەرەپتىن شەرھىلەپ ئۆتىمەن. 1-ياخشى ئەدەبىيات قانداق بولۇشى كېرەك؟ 2- تىل قانداق بولغاندا ياخشى بولغان بولىدۇ؟ 3-ئەسلىدە خەنزۇ تىلىدا يېزىۋاتقان يازغۇچى مۇبادا چەتئەل تىلىدا ئەسەر يېزىپ قالسا، قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كېلىشى مۈمكىن؟

  ياخشى ئەدەبىيات قانداق بولۇشى كېرەك؟ بۇنىغا ئەدەبىياتشۇناس ۋە يازغۇچىلاردا ئورتاق،مۇقىم قاراش بولمىسا كېرەك.بۇ يالغۇز جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ، ئەدەبىياتشۇناسلىرىنىڭ،يازغۇچىلىرىنىڭ مەسىلىسى بولۇپلا قالماي،يەنە دۇنياۋى  بىر تېما بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گېرمانىيەدىن ئېيتىدىغان بولساق، 1968-يىلىنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى زىيالىلار، سەنئەتكارلار،يازغۇچىلار ئاساسەن دىگىدەك «سولچى»لار بولۇپ،ئۇلار سوتسىيالىزىمغا بەكمۇ زور ئۈمىد بىلەن قارايتتى.گېرمانىيەدىكى Joseph Beuys دىگەن داڭلىق بىر سەنئەتكار،«ھەممە كىشى سەنئەتكاردۇر» دىگەن سۆزنىمۇ قىلغان ئىدى. ئەگەر بۇنى توغرا دەپ قارايدىغان بولساق، ھەممە كىشى يازغۇچى، شائىر،ھەممە كىشى پەيلاسوپ،ھەممە كىشى پۇتبولچى بولۇپ كەتكەن بولاتتى...

  1968-يىلىدىن كېيىن مەيلى گېرمانىيە ياكى ئەنگىلىيەدە بولسۇن،نۇرغۇن كىشىلەر،ئالى مەكتەپلەرنىڭ پىراففىسورلىرى شېكىسپېر بىلەن گېزىتلەرنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.شېكىسپېر ياخشى ئەدەبىياتنىڭ ئىگىسى، لېكىن كۈندىلىك گېزىتلەرنىڭ تىلىدىمۇ ئەدەبىي خاراكتىرنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم. ئەنگىلىيەلىك بىر پىراففىسور:«شېكىسپېر بىلەن ‹قۇياش گېزىتى›دە  (ئەنگىلىيەدىكى مۇھىم بىر كۈندىلىك گېزىت) ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ھېچقانداق پەرىق بولماسلىقى كېرەك» دەپ قارايدۇ.مېنىڭچە Joseph Beuysئېيتقان: «ھەممە كىشى سەنئەتكاردۇر» دىگەن سۆزدە مەسىلە بار. ئۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

1-ھەممە يازغۇچى، تەنھەركەتچى،پەيلاسوپ،سەنئەتكارلار مەشىق، تاۋلىنىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ ئەسەر يازالمايدۇ، ئىجات قىلالمايدۇ، ھەتتا توپ تېپەلمەيدۇ.ھازىر بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا، مۇتەخەسىسلەشكەن دۇنيا. ئەگەر بىز مۇتەخەسىسلەشمىسەك،ئەدەبىيات، تەنھەركەت ۋە سەنئەت جەھەتتە نەتىنجە يارىتالمايمىز.

2-نىمە ئۈچۈن ھازىرقى كۈندىمۇ كىشىلەر بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو شىئېرىيىتىنى چۈشەنمەيمىز دەپ قارىشىدۇ،ئەكسىنچە بۈگۈنكى فىزىكىنى، ماتىماتىكىنى چۈشەنمەيمىز دىگەنلەرنى بولسا نىمە ئۈچۈن ئۇچىرىتىپ باقمايمىز؟ئەگەر فىزىك ۋە ماتىماتىكلار ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرنى ئىجات قىلسا،بىزمۇ يازغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئىستىتىك ئۆلچەملىرى بويىچە كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئىجازەت قىلساق بولامدۇ قانداق؟

3-بىز ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىۋاتقان، ئەدەبىيات ھەققىدە پىكىر يۈرگىزىۋاتقان چېغىمىزدا مەيلى پىراففىسور ياكى ئادەتتىكى پۇقرا بولمايلى،ئەدەبىيات دىگەن نىمە دىگەن مەسىلىنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمەيمىز.بۇ يىل 3-ئايدا مەن «جۇڭگو گېزىتى»دە تور ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە يېزىلغان تولىمۇ قىزىقارلىق بىر ماقالىنى ئۇچىراتتىم.ئۇنىڭدا دىيىلىشىچە بۇلتۇر جۇڭگودا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆزىنى «يازغۇچى» دەپ قاراپتۇ.ئۇلار بىر يىلنىڭ ئىچىدە تۆت مىليۇندىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، رومانلارنى ئېلان قىپتۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى كۈنىگە 6000 خەتتىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپتۇ. شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ يازغانلىرى راستىنلا ياخشى ئەسەرلەرمىدۇر؟ دىگەنگە بولسا مەزكۇر ماقالىنى يازغۇچى ئەسلا دىققەت قىلمىغان.ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ھەققىدە تەپەككۈر يۈرگۈزمىگەن. بۇمۇ خۇددى توپ تەپكەنگە ئوخشاپ كېتىدۇ.مەن توپ تېپەلەيمەن، تەپكەن توپۇممۇ ئۆزۈمگە يارايدۇ.لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن مەن ئۆزۈمنى گېرمانىيەنىڭ دولەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسىمەن دەپ ئېيتالمايمەن ــ دە! گېرمانىيەدە كۈنىگە 6000 خەت ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى يوقنىڭ ئورنىدا.كۆپچىلىك توماس ماننى بىلىشى مۈمكىن، ئۇ 1955-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلىپى تولىمۇ ئاددى بولۇپ كۈنىگە بىر بەتلا ئەسەر يېزىشنى ئادەت قىلغان. مەنمۇ كۈنىگە بىر بەتلا بىر نەرسە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. بېرلىندا 1940-يىلى تۇغۇلغان خېلى ئالقىشقا ئىگە Peter Schneider دىگەن بىر يازغۇچى بار.بىر قېتىم بىز بېيجىڭدا ئۇچىرىشىپ قالدۇق. ئۇ بىر يىلدا ئاران 100 بەت ئەسەر يازالايدىغانلىقىنى دەپ بەردى. شۇنداق بولغاندا ئۇ 3-4 كۈندە ئاران بىر بەت ئەسەر يازغان بولىدىكەن. 3-4يىلدا ئاران بىر كىتاپنى قولدىن چىقىرىدىكەن.مەن زەي يوڭمىڭنىڭ شىئېرلىرىنىڭ تەرجىمانى. ئۇنىڭ شىئېرلار توپلىمىنى گېرمانىيەدە نېمىسچە نەشر قىلدۇردۇم. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر سائەتلا يېزىقچىلىق قىلىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا چارچايمەن.زەي يوڭمىڭمۇ كۈندە ئەسەر يازمايدىغانلىقىنى، بەزىدە بىر پارچە شىئېرنى بىر ئايغىچە يازىدىغانلىقىنى ماڭا ئېيتقان ئىدى.

   ئوۋياڭ جاڭخېمۇ قىزىق بىر ئادەم. ئەگەر سىلەر مەن يازغان «20-ئەسىر جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخى»دىگەن كىتاپنى كۆرگەن بولساڭلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇچىرىتىسىلەر.ئۇنىڭ بىلەن مەن 1997-يىلى گېرمانىيەدە تونۇشقان.2000-يىلى بېيجىڭغا كەلسەم ئۇ ئەسەر يازماس بولىۋاپتۇ.مەن ئۇنىڭدىن: تىجارەت قىلاي دەمسىز؟ يا ئەدەبىياتتىن ۋازكەچتىڭىزمۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا ئۇ: بىرەر ـ ئىككى يىل توختاپ، ئۆزىنى دەڭسەپ باقماقچى بولغانلىقىنى دىدى.لېكىن ئۇ تاكى 2005-يىلىغىچە ئەسەر يازمىدى.2005-يىلى مېنىڭ «20-ئەسىر جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخى»دىگەن كىتابىممۇ ئاخىرلىشىپ قالغان ئىدى.مەنمۇ گېرمانىيە كىتاپخانلىرىغا ئەسەر يازماس بولغان بۇ شائىرنى تونۇشتۇرۇشتىن سەل يالتىيىپمۇ قالغان ئىدىم. كېيىن قارىسام، ئۇ يېزىشنى يەنە داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇنىڭ شىئېرلار توپلىمىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ گېرمانىيەدە نەشر قىلدۇردۇم.ياخشى ئەسەرلەر ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجادىي ئەمگەك ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. بىر يازغۇچى بىر كىتابىنى ئىككى – ئۈچ يىل ئەجىر قىلماي ئالدىراپلا قولدىن چىقىرىدىكەن،ئۇ ياخشى يازغۇچى بولالمايدۇ.

   ۋېنگىرىيەدە ناھايتى كاتتا رومان يازىدىغان بىر يازغۇچى بار. ئۇنى سىلەر بىلمەسلىكىڭلار مۈمكىن. ئۇنىڭ ئىسمىLászló Krasznahorkaiبولۇپ، 1954-يىلى تۇغۇلغان. بېرلىن سەنئەت مەركىزى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ، بېرلىندا يېزىقچىلىق قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن ئىدى. شۇ چاغدا بىز پات – پات كۆرۈشۈپ تۇردۇق.ئۇ جۇڭگوغا بەك قىزىقاتتى. جۇڭگونىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۇراتتى.جۇڭگونىڭ بۇگۈنكى دەۋىر شائىرلىرىنىڭ شىئېرلىرىنى تولىمۇ يۇقۇرى باھالايتتى.مەن ۋېنگىرچىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى كۆرەتتىم.ئۇنىڭ نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىمۇ شۇ دەرىجىدە ۋايىغا يەتكەن ئەسەرلەردىن ئىدى. ئۇ جۈملىلەرنى تولىمۇ ئۇزۇن ئالاتتى. جۈملىلىرىنىڭ مۇزىكىچانلىقى تولىمۇ كۈچلۈك بولۇپ،مەن بىلىدىغان جۇڭگو يازغۇچىلىرىنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى ھەتتا نېمىس تىللىق دولەتلەردىكى يازغۇچىلارنىمۇ ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىز ئىدىم.

  گېرمانىيەدىمۇ ساغلام بولمىغان ئەدەبىي ھادىسىلەر بار. ئالايلى:يازغۇچىلارنىڭ لاپ ئېتىشى.«24سائەت ئىچىدە بىر ھېكايىنى يېزىپ بولىمەن، ھەتتا ئېلان قىلىپمۇ بولىمەن...» دىگەندەك.ئۇلار ئەدەبىياتنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىۋاتقانلار بولۇپ،ھەقىقى يازغۇچى بۇنداق گەپ قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ.24 سائەت ئىچىدە قانداقمۇ بىر ئەسەرنى يېزىپ، تۈزۈتىپ، ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولسۇن؟ مەن كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرلىك يېزىقچىلىققا قارشى تۇرمىساممۇ، ئۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ھەرگىز ۋاقىت ئاجىراتمايمەن.

   گېرمانىيەدىكى مۇۋەپىقىيەت قازانغان ئەدەبىيات بايرىمى دەپ «كولۇگنې ئەدەبىيات بايرىمى»نى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.كولۇگنې گېرمانىيەدىكى خېلى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەدەبىيات مۇھىتىمۇ خېلى قويۇق. 2003-يىلىغۇ دەيمەن، ئۇلار فىرانسىيەلىك بىر ئايال يازغۇچىنى بۇ بايرامغا تەكلىپ قىلىشتى. ئۇ 100 ئەر بىلەن ئەر -ئاياللىق مۇناسىۋېتىدە بولغان كەچۈرمىشلىرىنى يازغان بىر كىتابىنى بۇ بايرامغا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.مەن ئۇنىڭ كىتابى ھەققىدە يېزىلغان باھالارغا دىققەت قىلدىم، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ھاققىدە، قەلەم قۇۋىتى ھەققىدە گەپ قىلمىغان ئىدى.بۇنداق ئەسەرنى ئەدەبىيات دەمدۇق؟ ئېنىقكى ئۇ چىن مەنىدىكى ئەدەبىيات ئەمەس ئىدى.ئۇ بىر خىل قوللىنىشچان،سودا ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت بىر نەرسە بولۇپ ھېساپلىناتتى.گېرمانىيەدە بەزى جۇڭگو يازغۇچىلىرى خېلى مۇۋاپىقىيەت قازاندى.لېكىن بۇ مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئورنىغا باھا بېرىش بولسا بىر ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.مەن بۇ يەردە شائىرلارنى ئەمەس، يازغۇچىلارنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن.ئالايلى: خوڭ يىڭ، خا جىن، مىيەن مىيەن، ۋېي خۇي قاتارلىقلارنىڭ كىتاپلىرى گېرمانىيەدە ياخشى سېتىلدى. تىراژى بىرقانچە يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.ئۇلار پۇلمۇ تاپتى.لېكىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاممىباپ ئەدەبىياتقا تەۋە نەرسىلەر بولۇپ، پىراففىسورلار، يازغۇچىلارنىڭ نەزىرىگە ئىلىنالمىدى.گېرمانىيەدىكى مۇھىم مەتبۇئاتلاردا ئۇلارنىڭ بۇ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلمىدى.ئۇلار گېرمانىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشەلمىدى.پەقەت ئاۋامنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان بىر ئوقۇشلىقىلا بولۇپ قالدى.مېنىڭ كۈزىتىشىمچىمۇ خوڭ يىڭ، خا جىنلاردا تەرەققىيات ئىستىقبالى يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان نەرسىلەر ئىدى.

   مېنىڭچە، ياخشى ئەسەرلەر، يازغۇچىلار تەرىپىدىن ئاڭلىق ھالدا روياپقا چىقىرىلغان، ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىكى بار ئەسەرلەردىن بولۇشى كېرەك.ھەر بىر يازغۇچىنىڭ ئۆز ئۇسلۇبى بولىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ بىز بۇنى پالانى يازغان دىيەلەيدىغان بولۇشىمىز لازىم.

    ئەمدى ئىككىنچى مەسىلە ھەققىدە توختىلاي:

مەن مەيلى تەيۋەنلىك يازغۇچىلار بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق يازغۇچىلىرى ھەققىدە سۆزلىشەي ياكى چوڭ قۇرۇقلۇق يازغۇچىلىرى بىلەن تەيۋەنلىك يازغۇچىلا ھەققىدە سۆزلىشەي ھامان:«ئۇلارنىڭ خەنزۇچىسى بولمايدۇ» دىگەن بىرلا خىل جاۋاپقا ئېرىشىمەن.تەيۋەندىكى ياكى ئامىرىكىدىكى بەزى يازغۇچىلار سىياسىي سەۋەپتىنمۇ ئەيتاۋۇر خەنزۇچە پىنيىننى ئىشلەتمەيدۇ.مېنىڭچە خەنزۇچە پىنيىن ئىنتايىن ياخشى بىر سېستىما بولۇپ،سىياسىي سەۋەپ بىلەن ئۇنى ئىنكار قىلىش تامامەن خاتا بىر ئىش.مەن شاڭگاڭلىق يازغۇچى لىياڭ چېڭبېننىڭمۇ تەرجىمانى.بىز 1985-يىلى تونۇشقان ئىدۇق.1988-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ كېلىۋاتىمەن.ئەينى چاغدا ئۇنىڭ خەنزۇچىسى ماڭا تولىمۇ كالامپاي بىلىنگەن ئىدى.لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىدىيە تولىمۇ يارقىن بولۇپ، مەن ئۇنىڭ تىلىنى ئەمەس، ئىدىيەسىنى تەرجىمە قىلىپ كەلدىم.ئۇ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ھەققىدە تەنقىدىمنى كۆپ ئاڭلاپ ھەم بۇنىڭغا كۆنۈپمۇ كەتتى.بىر قېتىم بىز تولىمۇ قىزىقارلىق مۇناھزىرىلەشتۇق. ئۇ ماڭا: «سىز مېنىڭ ئەسىرىمنىڭ تىلىغا نىمىشقا بېيجىڭنىڭ تۇرغۇسىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىسىز؟ بۇنداق بولسا خاتا بولىدۇ.سىز گۇاڭدوڭ،شاڭگاڭنىڭ تۇرغۇسىدا تۇرۇپ مېنىڭ خەنزۇچەمنى باھالاڭ!» دىگەن ئىدى. مەن شاڭگاڭدىمۇ بىر مەزگىل تۇرۇپ باققان، گۇاڭدوڭ تىلىنى ئۈگەنمەكچىمۇ بولغان ئىدىم، كېيىن ئۇ تاشلىنىپ قالدى. گۇاڭدوڭ تىلىنىڭ گىراماتىكىسى، تەلەپۇزى خەنزۇچە ئورتاق تىلدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ لىياڭ چېڭبېننىڭ تىلى مېنىڭ تىل سەۋىيەم ۋە ئىستىتىك ئۆلچىمىمنى قاندۇرۇشى ناتايىن ئىدى.

ئوخشاش نېمىس تىلى بولسىمۇ، بېرلىن، ۋېنا، سۇرىيىخلاردىكى يازغۇچىلارنىڭ سۆزى ۋە يازغانلىرىدىمۇ پەرقلەر بار. بۇ نوقۇل دىيالىكىتنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس.ۋېنانىڭ نېمىس تىلى تولىمۇ پاساھەتلىك،جەلىپكار بولۇپ، ئۇنىڭدا 18-19-ئەسىرلەردىكى بەزى سۆزلۈكلەرمۇ مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. بېرلىنلىقلارنىڭ تۇرغۇسىدا تۇرۇپ، ۋېينالىقلارنىڭ ئەسىرىگە قارايدىغان بولساق، نېمىس تىلىنىڭمۇ غەلىتىلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ.




ـــ داۋامى بار


  


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 02:31:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگوچە كەچلىك تاماق

كۇبىن (گېرمانىيە)



تازىلىق قەغىزىنى قىلىپ تەخسە،

ئايدىن، ئاي توقاچ ياسار.

شۇندا بىز مۇزلىماقتىمىز...



قۇشلار كەلدى يېنىپ،

يوقتۇر بىزنىڭ بارار يېرىمىز.

ئاچقۇچسىز ئېچىلغان ئاق ھاراقلار،

بېكىكلىكتۇر بىزگە ئوخشاشلا.



يېنىمىزدا ئولتۇرغانلاردەك

بېقىپمۇ قويماسمەن سېنى!



شورپىلارغا يوقتۇر زوقىمىز،

سۈمۈرىمىز مۇز سۇلىرىنى.

قارا قازانلارغا قارىمايمىز ھېچ،

كۆزىمىزدە

سۈزۈككىنە بېلىق قاچىسى...



كۆرەرمەنلەرنىڭ تەقىپلىرىدىن،

ھېس قىلغانچە ئازادە مۇھىت.

قىيپاش شولىمىزدىن قەدەھلەردىكى

ئۆزىمىزنى كۆرگىنىمىز ھېيت...



   中国晚餐

顾彬 (德国)


用餐巾纸当盘子
用月做饼
这样我们才够冷

鸟回来了
我们无家可归
没有钥匙开的白酒
跟我们一样封闭

我不喂你
不想旁边那桌

我们喜欢冰水
不喜欢热汤
我们喜欢明亮的鱼缸
不喜欢黑锅

于其受制于观众
而放松下来
不如在杯光斛错中
只看见自己



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 02:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            جۇڭگونىڭ ياخشى ئەدەبىياتى قانداق بولۇشى كېرەك؟

                                       
— داۋامى:

   كولۇنىيە (توپ، ئاۋام) ئەدەبىياتى جۇڭگوغىلا خاس ھادىسە ئەمەس.ئۇ غەربتىمۇ بار. بۇ ئەدەبىياتتا ھەممە ئادەم يازالايدۇ، ھەممەيلەن كۆرىدۇ.گېرمانىيەدە بۇ ھادىسە قاچانلاردا پەيدا بولغان بولغىيتتى؟ بۇنىڭ بىزدىكى كىچىك «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» بىلەن، ھەتتا ئامىرىكا بىلەنمۇ زىچ باغلىنىشى بار.1968-يىلى ئامىرىكىلىق خېلى تەسىرى بار Leslie Fiedlerدىگەن بىر ئوبزورچى گېرمانىيەدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەم غەربىي گېرمانىيە ئەدەبىياتىنى كىلاسسىك ۋە ئاممىباپ ئەدەبىيات دەپ ئىككىگە بۆلگەن ئىدى.ئۇنىڭ فېلبۇرۇگ ئۇنۋېرسىتىتىدا قىلغان:« چېگرادىن ئۆتۈپ،ئاندىن ئۇنى تاقىۋەت» دەيدىغان بىر مەشھۇر سۆزى بار. دىمەكچى بولغىنى سەرخىللار ئەدەبىياتى بىلەن ئاممىبات ئەدەبىيات ئوتتۇرسىدا پاسىل بولماسلىقى كېرەك.يازغۇچىلارنىمۇ ئۇنداق ئايرىماسلىق كېرەك.1968-يىلىدىن بۇرۇن گېرمانىيە ئەدەبىياتى ئەنگىلىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ئىدى.ھازىر قارايدىغان بولساق ئۇ چاغدىكى ئەدەبىياتىمىز ناھايتى سەرخىل، زامانىۋىي ئەدەبىيات ئىدى.1968-يىلىدىن كېيىن مەيلى ئەدەبىياتشۇناسلار ياكى يازغۇچىلار بولسۇن ئامىرىكىلىقلارنىڭ قارىشىغا مايىل بولۇپ، ئىككى خىل ئەدەبىيات ئوتتۇرسىدىكى پاسىلنى ئاڭلىق ھالدا ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلماققا تەرەدۇتلەندى. شۇڭىمۇ 1968-يىلىدىن كېيىن گېرمانىيە يازغۇچىلىرى كوچىدىن ئاڭلىۋالغان سۆزلەر بىلەن ھەممە ئادەم مۇنداقلا ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ئەسەرلەرنى يېزىشقا باشلىدى. گېرمانىيەلىك داڭلىق يازغۇچى Enzensberger ئاشكارە ھالدا «ئەدەبىيات ئۆلدى، بىزگە ئەدەبىيات كېرەك ئەمەس،ئېلان، سىياسىي ۋەرەقىلەرلا بولسا بولدى» دىگەن ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىدىن غەربىي گېرمانىيەدىن ياخشى ئەسەرلەرنى تاپالمايمىز.ئاۋىستىرىيە، شىۋىتسارىيە، دېمۇگىراتتىك گېرمانىيەلەردىن بولسا ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ.ئەينى چاغلاردا غەربىي گېرمانىيەلىكلەر «سول»چىللىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ، Adorno تىپىدىكى ماركىسزىمچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ يۇرەتتى.ئۇلار مارتىن لۇتىرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ گېرمانىيە تارىخىغا نەزەر سالاتتى، ھەتتا لۇتىر بىلەن گېتلىرنى بىرلەشتۈرىۋالاتتى.گېرمانىيەنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ۋە كىلاسسىك تىلىدىن ۋازكېچىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. شەرقى گېرمانىيەدە بولسا ئەھۋال بۇنداق ئەمەس بولۇپ،ئۇلار گېرمانىيەنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك تىلىنى قوغداپ كەلمەكتە ئىدى.ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا 1989-يىلى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن،گېرمانىيە ئەدەبىيات ساھەسىدە ھەممە سەرخىل يازغۇچىلار شەرقىي گېرمانىيەدىن كەلگەن يازغۇچىلار بولۇپ قېلىپ، غەربىي گېرمانىيەلىك يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە ھېچقانداق ئورنى بولماسلىقتەك ئاجايىپ بىر ھادىسە بارلىققا كەلدى.

كۆپچىلىك بەلكىم، Heinrich Bill دەپ بىر يازغۇچىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭلار مۈمكىن.ئۇ 1917-يىلى تۇغۇلۇپ، 1985-يىلى ۋاپات بولغان. 1972-يىلى نوبېل ئەدەبىيات  مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.لېكىن ھازىر گېرمانىيەدە ئۇنى ھېچكىم يازغۇچى دەپ قارىمايدۇ.ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىلەر دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلىمۇ شۇقەدەر ناچار بولۇپ، كۆپچىلىكتە ئۇنىڭ بىردىن بىر ياخشى چىققان ئەسىرى ـــ ئۇرۇش يىللىرىدا ئاتا - ئانىسىغا يازغان سالام خېتىدىن ئىبارەت دەيدىغان ئورتاق بىر قاراش بار.قىزىقارلىقى ئۇرۇش يىللىرىدا ئۇ يازغۇچى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن يېزىقچىلىق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىش بولۇپ ھېساپلىناتتى.شۇ چاغلاردا يەنە Erich Fried (1921—1988) دەيدىغان تولىمۇ بازارلىق بىر شائىر ئۆتكەن بولۇپ، شىئېرلىرى سىياسىي شۇئاردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.كوچىلاردا ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى كىشىلەر دىكلاماتسىيە قىلىپ يۈرۈشەتتى.بۇ شىئېرلارنىڭ سۆز ـ جۈملىلىرى شۇ دەرىجىدە ئاددى بولغاچقا بۇ شائىر بىر كۈندە نەچچە پارچە شىئېرنى قىينالمايلا يېزىۋېتەلەيتتى. شۇڭىمۇ ئۇ 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ئېلان قىلغان ئىدى.ھەققى شائىرنىڭ بۇنداق كۆپ شىئېرى بولمايدۇ. بۇنداق قەلەمكەشلەرگە نىسپەتەن تىلنىڭ قىممىتى يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدا تىل بىر خىل سىياسىي ۋاستىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ يازمىلىرىدىن شۇئار، چاقىرىقنىلا كۆرۈپ، خاس ئۇسلۇپنى، بەدىئىي گۈزەللىكنى كۆرگىلى بولمايتتى.

مەن بايام، Fiedlerدىگەن ئوبزورچىنى تىلغا ئالدىم.يەنە 1930-يىللاردىكى جۇڭگودىكى چىيۇ چىيۇبەينىمۇ مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ.ئۇ ئەدەبىياتتا تىلنى ئىسلاھ قىلىشنى، ئەدەبىياتنى دېمۇكىراتيەلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.مېنىڭچە بۇنى تامامەن خاتا دىگىلىمۇ بولمايدۇ.لېكىن بۇنىڭ ئاقىۋېتى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ گېرمانىيەدىن ئېيتساق، شۇنى بايقايمىزكى، بايام دىيىلگەن پاسىل ھازىر كىچىكلەشتە يوق تېخىمۇ چوڭىيىپ كەتتى. ھازىر بازاردىن سېتىۋېلىنىدىغان سەرخىل ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان بولدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ئەسەرلەر يەنە مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشىپ تۇرىدۇ.گېرمانىيەدە ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ. ئەسىرىڭىز سېتىلسۇن، سېتىلمىسۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 50 مىڭ ياۋرۇ ئالسىڭىزلا تۇرمۇشتىن قىينالمايسىز.

بايام بىر مۇخبىر مەندىن 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قانداق قارايسىز دەپ سورىدى.80-يىللاردىن كېيىنكى ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن يېزىلمىغان، ئۇ بىر تۈركۈم ياشلار ئۈچۈن يېزىلغان.شۇڭا مەن نىمىلا دىگىنىم بىلەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ سۆزۈمنى چوڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن.ئۇلارنىڭ تىلى بەكمۇ ئاددى.مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن لۇغەتكە قاراپ كەتمايمەن.لېكىن، ياخشى ئەسەرلەرنى ئوقۇش مەن ئۈچۈن تىل جەھەتتىن بىر خىرىس بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.مەن ئوۋياڭ جاڭخې، دۇ دولارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.ئۇلارنىڭ تىلى تولىمۇ پاساھەتلىك ھەم مۇرەككەپ.ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقىنىمدا مەن لۇغەت ئاختۇرۇپلا قالماي، يەنە خەنزۇ ئىشداشلىرىمدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورايمەن. مەن شۇنداق خىرىسنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ جەھەتتە مېنىڭ قارىشىم فېلوبىرغا ئوخشاپ قالىدۇ.يېزىقچىلىق قىلىۋاتقىنىمىزدا چوققۇم مۇۋاپىق، دەل جايىغا چۈشىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.لېكىن مەيلى گېرمانىيەدە ۋە جۇڭگودا بولسۇن ئاممىباپ ئەسەر يازىدىغانلارنىڭ تىلى بىزنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئۇنداق ئەسەرلەرنى ئىككى بەت ئوقۇپلا ئاخىرىنى قىياس قىلىپ بولالايسىز.ھەتتا سىزمۇ داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ كېتەلىشىڭىز مۈمكىن.

يەنە بىر گەپ، ھەقىقى يازغۇچى ئۆز ئانا تىلىغا تولۇق بولۇشى كېرەك.بۇنى ئېيتماق ئاسان بولغىنى بىلەن قىلماق خېلى تەسكە توختايدىغان ئىش. خەن شاۋگوڭنىڭ «ماچاۋ لۇغىتى»نى ئالايلى، ئۇنىڭدا شەكىل جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىلغان.لېكىن مەندە ئۇنى فىرانسىيەلىك بىر يازغۇچىغا تەقلىت قىلىپ يېزىلدىمىكىن دىگەن گۇمانمۇ يوق ئەمەس.بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.ئاندىن يازغۇچىدا ئۆزىنىڭ دۇنياقارىشى بولۇشى كېرەك.1949-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە جۇڭگودىكى يازغۇچىلار پارتىيە نىمىنى دىسە شۇنى يازدى.1979-يىلىدىن كېيىن بۇ ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولدى. ھازىر قارايدىغان بولساق،يازغۇچىلار بازارغا قارايدىغان بولدى. بازار نىمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى يېزىۋاتىدۇ.يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تېپىۋېلىشىنىڭ، تولۇق دۇنياقاراشقا كېلىشىنىڭ ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن،لېكىن 1949-يىلنىڭ كەينىگە قارايدىغان بولساق نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلغانلىقىنى كۆرۈش تەس ئەمەس. مەسىلەن: لۈشۈن،شېڭ سوڭۋېن، جاڭ ئەيلىڭ،لىياڭ شىچىيۇ، لىن يۈتاڭ قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئاخىرىدا چەتئەل تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.ياۋرۇپالىقلار بولۇپمۇ گېرمانىيەلىكلەردە بىرقانچە تىلنى ئىگەللەيدىغان بىر ئادەت بار.لېكىن ئەدەبىياتشۇناس، يازغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر قائىدىگە ئەمەل قىلىمىز. ئۇ بولسىمۇ ئەسەر يازغان ۋاقتىمىزدا چوققۇم ئانا تىلىمىزدا يازىمىز. ھەرگىزمۇ ئېنگىلىز، فىرانسۇز يا لاتىن تىللىرىدا يازمايمىز.مەن جۇڭگو يازغۇچىلىرى چەت تىلىنى بىلمەيدۇ، ئۈگۈنىشنىمۇ خالىمايدۇ، دىگەن ئىدىم.بەزىلەر چىشىمغا تېگىپ:دۇفۇ، ساۋ شۈچىنلەر چەت تىلى بىلەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى كىلاسسىك ئەمەسمۇ؟ دەپ سوراشتى.مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نادىرلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن. مېنىڭ بۇ يەردا دەۋاتقىنىم بولسا، كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەمەس،ھازىرقى، بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتى.بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىكى پەرىقنى بىلىشىمىز كېرەك.لۈشۈن چەت تىلىنىڭ ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ياردىمى بولغانلىقىنى ئېيتقان.بىز چەت تىلى ئارقىلىق ئانا تىل سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرىشىمىز،يەنە بىر تەپەككۈر يولىنى ئېچىشىمىز لازىم.بىر يازغۇچى نۇرغۇن شەرتلەرنى ھازىرلىغاندا ئۇنىڭدىن ياخشى ئەسەرلەر چىقىدۇ.ئۇ بىر خىل كېرىلىش كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.بۇ سىياسىي دىگەندەك تاشقى كېرىلىش كۈچىنى كۆرسەتمايدۇ.ئىچكى جەھەتتىكى، ئىجادىيەتتىكى كېرىلىش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.جۇڭگودىكى بەزى ئەدەبىياتشۇناس، يازغۇچىلار 1979-يىلىنىڭ ئالدىدا جۇڭگودا ياخشى ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكىنى شۇ چاغدىكى سىياسىغا باغلاپ ماڭا چۈشەندۈردى. مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن.نىمە ئۈچۈن شەرقى گېرمانىيەدە ياخشى ئەسەرلەر مەيدانغا كېلەلىدى؟ ئۇلار دۇچ كەلگەن سىياسىي بېسىملار جۇڭگونىڭكىدىن ئازمىتى؟ شۇڭلاشقا سىياسىي سەۋەپ دىگەنلەر بىر بانادىنلا ئىبارەت.

1949-يىلىنىڭ ئالدىدا بىر تۈركۈم يازغۇچىلار چەت تىلىدا ئەسەر يازاتتى. ئالايلى:لىن يۈتاڭ، جاڭ ئەيلىڭ قاتارلىقلار. جاڭ ئەيلىڭ شاڭگاڭغا بارغاندىن كېيىن يازغان «ياڭگېر ناخشىسى»نى 1954-يىلى ئېنگىلىز تىلىدا يازدى. 1955-يىلى خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئۆزى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى.ئەپسۇسلىنىدىغىنىم ھازىرقى جۇڭگو يازغۇچىلىرى چەت تىلى ئۈگەنمەيدۇ. ئۇلار ھەتتا لىن يۈتاڭ، جاڭ ئەيلىڭلارنىڭ ئېنگىلىز تىلىدىكى ئەسەرلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان.

يېقىندا لىڭنەن ئۇنۋېرسىتىتىدىكى بىر خانىم ماقالە يېزىپ، خەنزۇشۇناسلار بېيجىڭنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ، بېيجىڭنىڭ تۇرغۇسىدا تۇرۇپ ئەدەبىياتقا مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار شاڭگاڭ ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلمايدۇ دەپتۇ.ئەمەلىيەتتە مەن خېلى بۇرۇنلا شاڭگاڭ ئەدەبىياتى ھەققىدە ماقالە ۋە كىتاپلارنى يېزىپ گېرمانىيەدە نەشر قىلدۇرغان ئىدىم. چوڭ جەھەتتىن ياۋرۇپالىقلار شاڭگاڭنىڭ سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ.بۇ بىر جەھەتتىن شاڭگاڭنىڭ مەدەنىيەت سىياسىتىدىنمۇ كۆرۈش كېرەك.شاڭگاڭ ھۆكۈمىتى ئەدەبىياتقا پەقەتلا كۆڭۈل بولمەيدۇ.1994-يىلى مەن شاڭگاڭ لىڭنەن ئۇنۋېرسىتىتىدا بىرنەچچە ئاي تۇرۇپ، شاڭگاڭ ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلدىم. ئۇنۋېرسىتىتمۇ مېنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئاخىردا بولسا بۇ پىلاننى شاڭگاڭ ھۆكۈمىتى تەستىقلىماي قويدى.كېيىن مەن بېرلىندا جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا بېرىپ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا بېرىش ئىمكانىيىتى ئۈستىدە ئىلتىماس سۇندۇم،ھەپتە ئۆتمەيلا مېنىڭ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا كېلىپ «جۇڭگو كىلاسسىك شىئېرىيەت تارىخى»نى ئىشلەش پىلانىم تەستىقلاندى. بۇ يەردە مەن ناھايىتى كۆپ ياردەملەرگە ئېرىشتىم.تەيۋەنمۇ شاڭگاڭغا ئوخشاش، بىز خېلى كۆپ تەيۋەنلىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى گېرمانىيەدە تونۇشتۇردۇق. ئۇلارمۇ گېرمانىيەگە كېلىپ يېزىقچىلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ باقمىدى. بولمىسا بىزدە ئىنتايىن ياخشى ئاپارات ـــ DAAD (فىدىراتىپ ئىلمىي ئالماشتۇرۇش مەركىزى) بار بولۇپ، بۇ يەر يىلدا 5-10 غىچە يازغۇچىنى گېرمانىيەگە كېلىپ يېزىقچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرىدۇ.چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى زەي يوڭمىڭ، ياڭ لەن،بېي داۋ،دو دو قاتارلىق كۆپلىگەن يازغۇچىلار بۇ ئورۇننىڭ تەشكىللىشى بىلەن گېرمانىيەدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى.



ــ بۇ كۇبىن بەرگەن ئىلمىي دوكىلات بولۇپ ئۈنئالغۇغا ئاساسەن رەتلىنىپ،«جۇڭخۇا كىتاپ ئوقۇش گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلان قىلىنغان. سەل قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1575
تۆھپە : 5
توردا: 184
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 11:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تەرجىمە ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىۋاتىمەن... ئەيبۇ ئاكامنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 23:34:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يازغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ،«چاكىنىلىشىش»نى رەت قىلايلى


                                                      فېڭ چيۇچاڭ


       يېقىندا بەزى ماقالىلارنى ئوقۇش جەريانىدا مۇھاكىمە ئىگىلىرىنىڭ كېلىشىۋالغاندەكلا: بۈگۈنكى دەۋىردە ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ ئاممىباپلىققا يۈزلىنىشى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدىغان «مۇقەررەر يۈزلىنىش» دەيدىغان ئورتاق قاراشتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ ئاممىباپلىققا يۈزلىنىشى جەريانىدا بەزى ئېغىش ئەھۋاللىرىنىڭ سادىر بولىۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم. ئالايلى، خېلى كۆپ ئەسەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئىچكى مەنىۋى قىممەت كەمچىل بولۇپ، ھەتتا «چاكىنىلىق» ۋە «كۆڭۈل ئېچىش»خاراكتىرلىك مەزمۇنلارمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە.بۇ ھەقتە لەي دارىن ئەپەندى مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن ئاممىباپلىشىشقا قاراپ ئۆزگەرمەكتە،شۇنىڭ بىلەن بىللە ساپ، ئەنئەنىۋى ئىستىتىكا ئاممىباپ ئىستىتىكىغا قاراپ ئاغماقتا، ئاممىباپ ئىستىتىكا بولسا قەدەممۇ قەدەم «چاكىنىلشىش» بىلەن «كۆپۈكلىشىش»كە قاراپ بۇرۇلماقتا، ھەتتا چاكىنا ھەۋەسلەرنى قوغلىشىدىغان كۈلدۈرگە ئويۇنىغا ئايلىنىپ قالماقتا.ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ مەنىۋى ئىستىتىكىسى ئۈزلۈكسىز تۈردە سۇيۇقلىشىپ ھەتتا يوقۇلۇپ بارماقتا... كۈلدۈرگىنى ئىستىتىكا، چاكىنىلىقنى كۆڭۈل ئېچىش، بىمەنىلىكنى قىزىقارلىق دەپ بىلىش، بار ئاماللار بىلەن كۈلكە ۋە نەپ قوغلۇشۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىستىتىك قىزىقىشى ۋە مەنىۋى تەقەززاسىنىڭ نەگە بېرىشى بىلەن كارى بولماسلىق ئومۇمىي ئەھۋال بولۇپ قالماقتا.
ئېيتىش كېرەككى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىدە بۇ خىلدىكى مەنىۋى مەزمۇنى كەمچىل بولغان، «چاكىنىلىشىش» ھادىسىلىرى ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت. مەسىلە بولسا بۇنداق ھادىسىلەر نىمە ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ؟ دىگەندىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ سەۋەپلىرىنى كۆپ تەرەپلەردىن ئىزدەشكە توغرا كەلسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ جەھەتتىكى سەۋەپلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقساق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپنىڭ نىمىلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ئوبىكتىپ جەھەتتىن ئالساق، مەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ كەسىپلەشتۈرۈلىشى، تاۋارلاشتۈرۈلىشى، بازارلاشتۇرۇلىشى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقەدەر مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولىشى مۈمكىن. ئەدەبىيات ـ سەنئەت بىر خىل كەسىپ سۈپىتىدە بازار سېستىمىسىغا ئېلىپ كىرىلگەندىن، «مەنىۋى مەھسۇلات» ــ تاۋارغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇ بازار قائىدىسى بويىچە يۈرگىزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى قانداق قىلىپ زور مەنپەئەتكە ئېرىشىشتە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ پۇل تاپالمايدىكەن، بازار رىقابىتى جەريانىدا مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىدۇ. ئېلىمىز ھازىر بازار ئىگىلىكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا كۆپ ساندىكى كەسىپكارلار مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن جان تالىشىپ، ئاۋام ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتىشىپ بولالمايدىغان بىر خىل ھالەتتە تۇرماقتا. نەشرياتلارنىڭ پايدا ـ زىيىنىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتەك تىجارەت مىخانىزىمى بولسا بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. نەشرياتلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بازار ۋە «سېتىش نۇقتىسى»نى ھېساپقا ئالماي تۇرالمايدۇ. قىممىتى بولسىمۇ، «سېتىش قىيىن» بولغان ياخشى كىتاپلارنىڭ مېھرىدىن بولسا ئىلاجىسىزلىق بىلەن كېچىشكە مەجبۇرى بولىدۇ. قىممىتى بار نەزەرىيەۋى، ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ ۋاختىدا نەشر قىلىنماسلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبىمۇ دەل مانا مۇشۇ يەردە. قايتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ئىقتىسادى ئەمەلى كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بەزى نەشرياتلار پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي، سېتىش قىيىن بولسىمۇ، قىممىتى بار بولغان ياخشى كىتاپلارنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. لېكىن ئېقتىسادى ئەمەلى كۈچى كۈچلۈك نەشر ئورۇنلىرى بىزدە تولىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقىمۇ، نەزەرىيەۋى، ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىش مەسىلىسى بىز ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلىشنى خالىساقمۇ، ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ ئالدىمىزدا تۇرماقتا.
يۇقۇرقىدەك ئوبىكتىپ سەۋەپلەر بولسىمۇ، مېنىڭچە ئەدەبىيات ـ سەنئەتتە «چاكىنىلىشىش» ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تۈپ سەۋەپلەرنى يەنىلا سوبىكتىپ جەھەتتىنمۇ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. مەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان سوبىكتىپ سەۋەپ : يازغۇچى، سەنئەتچى، كېنو ـ تېلۋېزىيە سىنارىستلىرى، ئوبزورچى، تارقىتىش ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سوبىكتىپ سەۋەپكە نىسپەتەن تۈرلۈك ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئىجادىيەتچىلىرى ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
بۇنداق «چاكىنىلىشىش» يۈزلىنىشى ھەققىدە، يازغۇچىلاردا نەشريات ۋە بازارنىڭ زورلىشى ھەم ئېھتىياجى سەۋەبىدىن بەزى ئوقۇرمەن ۋە كۆرەرمەنلەرنىڭ قىزىقىش، ھەۋەسلىرىگە ماسلاشمايمۇ بولمايدۇ، دەيدىغان قاراش بار. بۇنداق قاراشنىڭ خېلى ئاساسى باردەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەرگىز پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.مەن ئوقۇرمەن ۋە كۆرەرمەنلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئىستىتىك قىزىقىشلىرىدا پەرىقلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى رەت قىلمايمەن. بەزى  ئوقۇرمەن ۋە كۆرەرمەنلەر غەلىتە نەرسىلەر بىلەن سەزگۈ ئەزالارنىڭ غىدىقلىنىشىدىن قانائەت ھاسىل قىلىش مەقسىدىدە بولىشىمۇ مۈمكىن، لېكىن بۇنداق كىشىلەر ھامان ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. زور كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەن ۋە كۆرەرمەنلىرمىز يەنىلا چىنلىق، سەمىمىلىك، گۈزەللىككە تەلپۈنىدۇ، ساختىلىق، رەزىللىك، چاكىنىلىقتىن بىزار بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بىر تەرەپلىمىلىكنى پۈتۈنلۈك دەپ قارىۋالماسلىقىمىز، ئاۋامنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق كىشىلەرنى «ئاۋام»نىڭ قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ چاكىنا ھەۋەسلىرىنى «ئاۋامنىڭ ھەۋىسى» دەپ قارىۋالماسلىقىمىز لازىم. ئادەتتىكى ئوقۇرمەن ۋە كۆرەرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىستىتىك تەققەزاسى ۋە تەلپۈنىشىنى گەرچە ئىدراكى تىل بىلەن  ئىپادىلەپ بېرەلمىسىمۇ، ئۇلار ئۆز تۇيغۇلىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىنى تامامەن ئايرىيالايدۇ. ئالايلى: «شەرقى شىمالغا كىرىش»، «قېرىندىشىم شۇن ليۇ»، «ئوتتەك ھاياجانلىق يىللار»، «بېكىنىش» قاتارلىقلار، شۇنداقلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى «ئارزۇ»، «گۈللەنگەن جەمەت» قاتارلىق تېلۋېزىيە تىياتىرلىرى كەڭ كۆرەرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇشىنىڭ ئۆزىلا ئاۋامنىڭ ئىستىتىك پەرىق ئېتىش ئىقتىدارىنى ناھايتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.ئەكسىنچە، ھازىر نۇرغۇن كۆرەرمەن ۋە ئوقۇرمەنلەر ئۇ خىلدىكى «كارۋات ئۈستىدىكى ئويۇن»لار، قەستەن كۈلكە پەيدا قىلىدىغان ھەزىل ۋە مەنىۋىي مەزمۇنى بولمىغان يالىڭئاچ جىنسى تەسۋىرلەردىن بولسا ئىنتايىن نەپىرەتلىنىدۇ.شۇڭا كۆپ ساندىكى كۆرەرمەن ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستىتىك پەرىق ئېتىش ئىقتىدارىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ خىلدىكى «چاكىنىلىشىش»نى ئادەتتىكى ئاۋامغا تاڭماسلىقىمىز لازىم. ئاممىباپلاشتۇرۇش بىلەن چاكىنىلىشىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ ـ نەتىجىلىك مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس. «ئاۋامنىڭ ھەۋىسى»نى تومتاق ھالدا «پەس ئارزۇ ـ ھەۋەسلەر»گە قىزىقىش دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم.
ئۇنداقتا، بۇنداق «چاكىنىلىشىش» ھادىسىلىرىگە كىملەر مەسئۇل بولۇشى كېرەك؟ مېنىڭچە، ئالدى بىلەن ئىجادىيەتچىلەر يەنى يازغۇچى، سەنئەتكار، سىنارىستلار، ئاندىن قالسا تەنقىدچىلەر ۋە بىر قىسىم تارقىتىش ئورۇنلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەك. نىمە ئۈچۈن مۇنداق دەيمىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئاددى، چۈنكى بۇ «چاكىنىلاشقان ئەسەر»لەر ئەنە شۇ بىر قىسىم ئاز ساندىكى  يازغۇچى، سەنئەتكار، سىنارىستلارنىڭ قولىدىن ۋۇجۇتقا چىققان. مۇبادا ئىجادىيەتچىلەر ئۇلارنى ئىجاد قىلمىغان بولسا، ئاتالمىش «چاكىنىلىشىش» ھادىسىلىرىمۇ بولمىغان بولاتتى. بەزى تەنقىدچىلەر ۋە تارقىتىش ئورۇنلىرى بولسا تەنقىد ئۆلچىمىنىڭ قالايمىقان بولۇشى ۋە سودا، مەنپەئەتنىڭ تۈركىسىدە ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ يامىراپ، ئەدەپ كېتىشىگە ئوبىكتىپ جەھەتتىن شارائىت يارىتىپ بەردى.
ئەمەلىيەتتە، مەن قايسى بىر ئەدەبىيات ـ سەنئەتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى بىر شەخسىنىڭ يازغۇچى، سەنئەتكارلارنى چاكىنا ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەكسىنچە مەركەزدىن تارتىپ تۆۋەنگىچە ئەدەبىيات ـ سەنئەتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە رەھبەرلەر ئىزچىل ھالدا ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىشنى تەكىتلەپ، يازغۇچى، سەنئەتكارلارنى ئېسىل ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشقا ئەلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە. ياخشى ئەسەر ئىجاد قىلىشنى خالىمايدىغان يازغۇچى، سەنئەتكار بولمىسا كېرەك. ئادەتتىكى، چاكىنا ئەسەرلەرنىڭ يامراپ كېتىشىدە مېنىڭچە، بۇ يازغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشنى خالىمىغانلىقى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىقتىدار ۋە تەربىيىلىنىش جەھەتتىن ئۇنداق ساپاغا ئىگە بولمىغانلىقى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئالدى بىلەن، يازغۇچى، سەنئەتكارلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە رىئاللىقتىن، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ھالقىلىق مەسىلە مەۋجۇت. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىقىدا چىن مەنىدىكى تۇرمۇشنى ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ. بۇرۇن يازغۇچىلاردىن «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش»نى تەلەپ قىلىناتتى. ئالايلى: ليۇ چىڭ «ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە قىسسە» رومانىنى يېزىش ئۈچۈن شەنشى يېزىلىرىدا سەككىز يىل تۇرغان ئىدى. جاۋ شۇلىنىڭ ئەسەرلىرىدە يېزا خىزمىتىدە كۆرۈلگەن ۋە دەرھال ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار، يېزىلار ۋە تەسۋىرلىنىۋاتقان پىرسۇناژلار بىلەن تونۇش بولۇپلا قالماي، بىۋاستە شۇ مۇھىتتا تۇرغان، ھېسسىي كەچۈرمىشلەرنى بىللە ئۆتكۈزگەن ۋە ئىدىراكى تونۇشلارنى ھاسىل قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى دەۋىردە «تۇرمۇشقا چۆكۈش»نىڭ بۇنداق ئۇسۇلىنى بەلكىم تەشەبۇس قىلالماسلىقىمىز مۈمكىن، لېكىن بۇ خىلدىكى «تۇرمۇشقا يېقىنلىشىش روھى» ۋە ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان «تۇرمۇشقا چۆكۈش ئۇسۇلى»نى تاللاش يەنىلا بەكمۇ زۆرۈر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۈگۈنكى تارىخى بۇرۇلۇش ۋە يەر شارىلىشىش ئارقا كۆرۈنىشى ئاستىدىكى جۇڭگونىڭ رىئاللىقى ۋە ئۆزى يازماقچى بولغان كونكىرىت مەۋجۇت رىئاللىقنى ھەقىقى بىلىش ۋە تونۇش، ئالدىنقى ئەۋلات يازغۇچىلارغا قارىغاندا مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل بىر جەريان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يازغۇچىلارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئۆزى ئىگىللىگەن تونۇش تۇرمۇش، مېنىڭچە «كۆرۈش، بىلىش، ھېسسىيات»نىڭ بىرلىكى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىكى «كۆرۈش» ــ يازغۇچىنىڭ كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىنى، باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى، «بىلىش» بولسا، ياغۇچىنىڭ تۇرمۇشنى چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە ئۇ ئارقىلىق شەكىللەنگەن يېڭى ئىدىيىنى، «ھېسسىيات» ــ يازغۇچىنىڭ ھېسسىي كەچۈرمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تەجىربىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئەگەر يازغۇچىنىڭ كۆرگەن ـ بىلگەنلىرى كۆپ بولسا، ئۇ پىرسۇناژ ۋە ۋەقەلىكلەرگە باي بولغان بولىدۇ، دىمەكچى ئۇ مول ئىجادىيەت خام ماتىريالىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. لېكىن ئۇ تاشقى ھادىسىلەر ۋە خىيالى مەنزىرىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ، ماھىيەت ۋە ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز قالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئۇ رىئال تۇرمۇشنى چىن مەنىسى بىلەن بىلەلمەيدۇ ۋە ئىگىلىيەلمەيدۇ. ئەگەر يازغۇچىنىڭ ئىدىراكى بىلىشى ئۆزىنىڭ شەخسەن كۈزىتىشى ۋە تەجىربىدىن ئۆتكۈزىشى بىلەن ئەمەس، ئەكسىنچە كۆپلىگەن ھادىسىلەر ۋە باشقا ئابىستىراكىت نەرسىلەردىن كەلگەن بولسا، ئۇ كىتاۋى ۋە باشقىلارنىڭ بىلىشى بولۇپ قالىدۇ ــ دە، ئوخشاشلا رىئاللىق ۋە تۇرمۇشنى چوڭقۇر قازغان ۋە چۈشەنگەن بولمايدۇ. ئەگەر يازغۇچىنىڭ ھېسسىي كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ ئىدىراكى بىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن ئۇنداقتا ئۇ تاشقى جەھەتتىكى يۈزەلا بىر ھېسسىيات بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچىلار «كۆرۈش، بىلىش، ھېسسىيات»نىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىنى ئىدىراكى بىلىشكە، ئىدىراكى بىلىشنى ھېسسىي نەرسىلەرگە ئايلاندۇرالايدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار ئۆزلىرىگە تونۇش، ئۆزلىرى چۈشىنىدىغان، چىن مەنىسى بىلەن ئىگىللىگەن تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، تۇرمۇشنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش، يەنى يىغىپ كەلگەن خام ماتىرياللارنى بەدىئى جەھەتتىن پىششىقلاپ ئىشلەپ ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ھادىسىسى. ئەمەلىيەتتە بۇ قانداقتۇر بەدىئى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بەدىئى تەسەۋۋۇر بولماستىن سېپى ئۆزىدىن «ئويدۇرما»، «توقۇلما» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بەزى تېلۋېزىيە تىياتىرلىرىنى بىرقانچەيلەن مېھمانساراينىڭ خاس خانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ ئېغىزىغا كەلگىنىچە «تۇقۇپ» چىقمىدىمۇ؟ بەزىلەر «ئاۋامنىڭ ھەۋىسى» دەپ، «ئىجادىيىتى» جەريانىدا «يالاڭئاچ تەن» يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى، بەزىلەر ئەسەرلىرىدە سۆز ئويۇنى ئوينىتىپ، ساختا ھەزىل پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى، بەزىلەر بولسا «كارۋات ئۈستى ئويۇنى»غا كىرىشىپ كەتتى. يەنە بەزىلەر ئېسىل ئەسەرلەرنى ئۆزگەرتىپ قايتا ئىشلەش داۋامىدا بەكمۇ تېتىقسىزلاشتۇرىۋەتتى. ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلۋىزىيە تىياتىرى «شىيا جاباڭ»نى (沙家浜) بۇنىڭ تىپىك دەلىلى دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇنداق يازغۇچىلار جىنس، پىرسۇناژلار ئوتتۇرسىدىكى يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق كۆرەرمەن ۋە ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا ئۇرۇندى. نۇرغۇن كۆرەرمەنلەر بۇنداق كۆرۈنىشلەرنى كۆرگەندە «كۆزىنى ئاچالماي قالىدىغان»لىقىنى،ئۇلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ زىنھار كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى.
ئۈچۈنچىدىن، نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىش كەمچىل. يازغۇچىلار گەرچە ئوبرازلىق تەپەككۈر ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ، ئۇ ھەرگىز نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى كېرەك قىلماسلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەممە مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار چوڭقۇر نەزەرىيەۋى بىلىمگە ئىگە ئەدىپلەردىن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىي قاراشلىرى پەلەسەپىۋى ئىدىيەلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇرغان. بىر قىسىم چاكىنا،ئادەتتىكى يازغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ۋە چاكىنا يازغۇچى بولۇپ قېلىشىدا ئۇلارنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى، مۇھىم سەۋەپ ـ نەتىجىلىك رول ئوينايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى بىزنىڭ نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىز نەزەرىيەنىڭ ئىجادىيەتكە بولغان مۇھىملىقىنى ھازىرغىچە دىگەندەك ھېس قىلالماي كەلمەكتە. بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنى «نەزەرىيە بىلمەيمەن» دەپ ئاشكارە ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزلىرىگە تەمەننا قويىشىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدا «سەزگۈ»سىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى كۆز ـ كۆز قىلىشىدۇ. ئىجادىيەت جەريانىدا يازغۇچىلار ھەقىقەتەنمۇ«سەزگۈ»سىگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ، لېكىن، «سەزگۈ»نىڭمۇ ئالىجاناپ ۋە پەس،ياخشى ۋە ناچار پەرىقى بولۇدۇ ــ دە، نەزەرىيەۋى تەربىيىلىنىشى كەم بولغان «سەزگۈ» مۇققەرەر ھالدا يۈزە ھەتتا چاكىنا سەزگۈدۇر. نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنىڭ كەمچىللىكى، يازغۇچىلاردا  مۇققەرەر ھالدا بەزى چەكلىمىلىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇ تونۇش جەھەتتىكى چەكلىمىلىكتە ئىپادىلىنىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى كەمچىل بىر يازغۇچى رەڭدار ۋە مۇرەككەپ رىئال تۇرمۇشقا يۈزلەنگىنىدە ھامان ھادىسىۋى نەرسىلەردىن قايمۇقۇپ، ئۆزىنى چاغلىيالمايدۇ.بەدىئى پەرىق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، سەمىمىلىك، ياخشىلىق، گۈزەللىك بىلەن ساختىلىق، رەزىللىك، خۇنىكلىكنى ئاستىن ـ ئۈستىن قىلىپ قويۇپ، خۇنۇكلىكنى گۈزەللىك،ساختىلىقنى سەمىمىلىك،چاكىنىلىقنى قىزىقىش دەپ قارايدىغان ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ. ئىككىنچىدىن،ئۇ بەدىئى قاراشتىكى ئارىسالدىلىق ۋە قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىشتا ئىپادىلىنىدۇ. خاتا بىر خىل ئەدەبىي پىكىر ئېقىمى كۆرۈلگەندە نەزەرىيەۋى پەرىق ئېتىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلىدۇ. ئالايلى: جىنسىي ئاشكارىلىقنى،ئىدىيە ئازاتلىقى دەپ، ئادەمنىڭ ھايۋانىلىقىنى ھاياتلىق ئېڭىنىڭ ئىپادىلىنىشى دەپ قارىۋېلىپ، ئۇنى «يالىڭئاچ تەن» يېزىقچىلىقىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى قىلىۋالىدۇ.
تۆتىنچىدىن، ئىجادىيەت تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئېھتىياجلىق. مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھارماي ـ تالماي قايتا ئىشلەپ، «تۈزىتىش»لەرنى ئېلىپ بارىدۇ. تولۇستوينى بۇ تىپتىكى يازغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى دەپ قاراش كېرەك. چۈنكى، تۈزىتىش جەريانى ــ يازغۇچىنىڭ بىلىش ۋە كەچۈرمىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاش، نەپىسلىشىش جەريانى بولۇپ، ئۇ يازغۇچىغا يېڭى ۋە مۇھىم بايقاشلارنى ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى قىيامى ۋە چوڭقۇرلىقى يېڭى بىر بالداق يۈكسەكلىك ۋە چەكسىلىككە يېتىپ بارىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى بەزى يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىقتىكى «تېز»لىقى بىلەن مەست بولۇپ يۈرۈشمەكتە. ھازىر بەزى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىر ئايدىلا بىر روماننى يېزىپ نەشر قىلدۇرۇشقا قۇربى يېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىكى ۋە تەنتەكلىكىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس. يېزىقچىلىقتىكى بۇنداق  ئەپلەپ ـ سەپلەپ قولدىن چىقىرىش پوزىتسىيەسىمۇ ئەدەبىيات ـ سەنئەتتىكى «چاكىنىلىشىش» ھادىسىلىرى بىلەن خېلى زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سوبىكتىپ جەھەتتىن ياغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان يۇقۇرقىدەك كەمچىللىكلەر، چاكىنىلىشىش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسى سەۋەپ بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ «ئاۋامنىڭ ھەۋىسى»دىن كېلىپ چىققان ئەمەس.
بۇ يەردە يەنە، ئۇنداق بولسا بۇ «چاكىنا ئەسەر»لەر قانداق قىلىپ بازار تاپىدۇ؟ دىگەن بىر سۇئال تۇغۇلىشى مۇمكىن. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ ئاۋامنىڭ ھەۋىسىنىڭ «چاكىنىلىقى»نى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئەكسىنچە، ياخشى ئەسەرلەرنىڭ كەملىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئادەمدە چوڭ جەھەتتىن ماددى ۋە مەنىۋى دەپ ئىككى خىل ئېھتىياج بولىدۇ. ئاۋام ياخشى ئەسەرلەر كەم بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ خىلدىكى چاكىنا ئەسەرلەرنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ خۇددى ئاچارچىلىق يىللىرىدا كىشىلەر دەرەخ قوزۋىقى ۋە ياۋا چۆپلەرنى يەپ جان ساقلىغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش. ئىنسان ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋانىيلىق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى بىر گەۋدە قىلغان زىدىيەتلىك پۈتۈنلۈك. مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە ئادەمنىڭ تەبىئى ماھىيىتى قانائەت تېپىشى كېرەك. روھنى ساپلاشتۇرۇش، چىنلىق، سەمىمىلىك، گۈزەللىكنى بايقاپ،ساقتىلىق، رەزىللىك، خۇنۈكلىكنى قامچىلاش ئەدەبىياتنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، قارىشى يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇرمەنلەرنىمۇ بازارغا ئوخشاشلا «پەرۋىش»قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقۇرى سۈپەتلىك مەنىۋىي مەھسۇلاتلار، تەدرىجى ھالدا يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئاۋامنى يېتىلدۈرۈپ چىقىدۇ، چاكىنا ئەسەرلەر بولسا، چاكىنا ئوقۇرمەنلەر توپىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئويغىتىۋاتقىنى بولسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا خاتىمە بېرىشكە، تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردۇر.

                                                ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى


      ــ «ئەدەبىيات ـ سەنئەت گېزىتى»نىڭ 2009-يىل10-ئاينىڭ20-كۈنىدىكى سانىدىن



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 23:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                             قارا تۇلپار

                                                 (پوۋېست)

                                                 جاڭ چېڭجى

     جاڭ چېڭجى ـ 1948-يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى تارىخ پاكۇلتىتىنى پۈتۈرگەن. جۇڭگو تارىخ موزىيى، جۇڭگو ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسى، دېڭىز ئارمىيە ئىجادىيەت ئىشخانىسى، ياپونىيە ئەيجى ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان.ئەسەرلىرى 1-2-3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ھېكايە، پوۋېست مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.ھازىرغىچە ئېنگىلىز، ياپۇن، فىرانسۇز، نېمىس، خەنزۇ تىللىرىدا 30 كىتابى نەشر قىلىنغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «قەلب تارىخى»، «شىمالدىكى دەريا»،«چەۋەنداز نىمە ئۈچۈن ئانىسىنى كۈيلەيدۇ»، «گۈزەل دەقىقىلەر»،«قارلىق يول»، «يېشىل كېچە» قاتارلىقلار بار. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ غەربى شىمالدىكى خۇيزۇلار تەسسەۋۇپىنىڭ «جەھەرىيە» سۈلۈكىگە كىرىپ، سوپىلىق، ئەركىن يازغۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك ئەسەرلىرىدە يايلاق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئانا تەبىئەت، ئەل ئىچىدىن مەنىۋى ئوزۇق ئالغان بولسا، كېيىنكى ئەسەرلىرىدە خۇسۇسى غايىسى بىلەن دىننىي ئېتىقادىنى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۈگۈنكى دەۋىردىكى روھى زەئىپلىكلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ بىر خىل قۇتۇلۇش يولى تېپىش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولىدۇ.

                                                    مۇقەددىمە

ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەشۇ يايلاق ناخشىسىنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن، كىشىلەردىكى: «يايلاق رومانتىكىنىڭ بۆشۈكىدۇر» دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنى ھامان بايقاپ تۇرىمەن. ھەر قېتىم مېنىڭ يايلاقتىن كەلگىنىمنى ئاڭلىغىنىدا ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا بىر خىل ھەۋەس ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن ئاپئاق بۇلۇتلارنى، خۇشپۇراق گۈللەرنى، قىز ۋە جانغا راھەت قىمىزلارنى ھېس قىلالايمەن. قارىغاندا دوستلىرىم ئەشۇ ناخشىلاردا ئىپادىلىنىۋاتقان كەيپىياتنى، چارۋىچىلار پىسخىكىسىنىڭ تۈپ ساپاسى ھېساپلىنىدىغان روھى ھالەتنى پەقەتلا ھېس قىلالمىغان ئوخشايدۇ.
بىپايان يايلاق،چەكسىز ئوتلاقتا بىر ئاتلىق كىشى يالغۇز كېتىپ بارماقتا ئىدى. ئوتتەك قىزىق كۈن نۇرى ئۇنى كۆيدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان مىسكىنلىك ئىچىدە تاسقىلىپ كېلەتتى. ئەتىراپتىن بولسا ئوت ـ چۆپلەرنىڭ دىماقنى ئېچىشتۇرىدىغان  ھىدى ئۆرلەيتتى. ئۇنىڭ ئۆڭى قارىداپ كەتكەن، قوشۇمىلىرى تۈرۈلگەن بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى، قەۋىم ـ قېرىنداشلىرىنى ئەسلىگەچ، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باراتتى. ئۇ ئەستىن كۆتۈرۈلەي دەپ قالغان كەمچىللىك، خىجالەتچىلىك ۋە ئازاپلارغا چىداپ، ئالدىرىماي، دولقۇنلاپ تۇرىۋاتقان يايلاقنىڭ ئىچىدە ئۈن ـ تۈنسىز ھالدا كېتىۋاتماقتا ئىدى. تۇتىۋالغىلى بولمايدىغان بىر خىل ھېسسىيات يەڭگىل،پەس ھالدا ئاتنىڭ ئالدى – كەينىدە چۆرگىلەپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھېسسىياتى ــ ئۆزى ئىلگىرى پەقەتلا بايقاپ باقمىغان بىر خىل غەلىتە ھىسسىيات ئىدى.
بۇنداق ھېسسىياتقا پىسەنت قىلىش ۋە كۆڭۈل بېرىش كەتمەيدۇ. جاھاندا سانسىز ئەسىرلەردىن بۇيان قەھىرتان سوغۇق بىلەن تومۇز ئىسسىق نۆۋەت بىلەن تەكرار ئۆزگەرتىپ كېلىۋاتقان مۇشۇ يايلاقلا بار. شۇڭىمۇ، كىشىلەر قوپال ۋە كۈچلۇك بولۇپ يېتىشكەن. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھەممە نەرسىنى ئەرلىكنىڭ مۇزدەك تەلەتى توسىۋالغان. مۇبادا كۈچلۈك ھاراق ياكى باشقا ئالاھىدە نەرسىلەر بىلەن بۇ مۇداپىيە سېپىنى ھالاك قىلىپ، كىشىلەردىكى رايىش تۇغما تەبىئەتنى ئويغاتمىغاندا، سىز ئاتقا قىڭغىر مىنىپ كېتىۋاتقان ئەشۇ ئەرنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ چوڭقۇرلاپ كىرەلمەيسىز.
لېكىن، ئەقلىيلىكمۇ ئوبىكتىپ بار نەرسە. چەۋەندازلارنىڭ قەلب تەكتىدە ئۇزۇنغىچە بېسىلىپ تۇرغان ھېس – تۇيغۇلار جىمجىتقىنە ئۆرلەشكە باشلايدۇ. ئۇ ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر خىل مىلودىيەگە، ئىزھار قىلىپ، تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدىغان تولىمۇ ئاددى تەمگە ۋە ئالاھىدە بىر خىل ئەقلىيلىككە ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئەقلىيلىكنىڭ ئاۋازى بولمىسىمۇ ئۇنىڭدا قىسمەتتە پۈتۈلگەن مۇزىكىلىق، سۇس رېتىم، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاۋالقى مىلودىيەسى شۇنداقلا كۆك ياكى يېشىل رەڭدارلىقلار بار. بەكمۇ ئۇزۇن سۈكۈتكە چۆمگەن بۇ ئاتلىق كىشى كۈتمىگەن يەردىن بۇ ئەقلىيلىكنىڭ تۈرتكىسى ۋە قورشاۋىدا غىڭشىشقا باشلىدى:
ــ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل كۈيلىرىنى ئەمدى سۆزلەيدۇ، دىلىدىكى يۈكلەرنى تاشلايدۇ.
ماڭا ئىشىنىڭ مانا بۇلار موڭغۇل خەلق ناخشىلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر.
جاراڭلىق ھەم ھەسرەتلىك ئۇزۇن كۈي ياڭراشقا باشلاپ،زىمىننىڭ كۆكسىنى چېكىپ، ئۇچىۋاتقان بۇلۇتلارغا سوقۇلدى. كۈچلۅك تولغۇنۇپ، ئىگىزگە ئۇچىۋاتقان ۋە پەس ئاۋازدا بوغۇلۇپ بېرىۋاتقان رېتىمدا يېڭى بىر جۈملە باشتىكى جۈملىنىڭ ئەكس ساداسىنى قوغلاپ يېتەتتى. يايلاققا يېڭى قان قېتىلغاندەك بولدى.جىمى مەۋجۇداتلار يېڭى مەزمۇنغا ئېرىشتى. ناخشا ئەۋجىگە چىقىپ خالىغىنىچە يىراق ئۇپۇقلارغىچە يېتىپ باردى.
ناخشىچى ئاتقا مىنگىنىچە ئاڭلاپ باراتتى. پەقەت ئاتلا بېشىنى لىڭشىتقىنىچە خوجايىنغا ئۈندىمەستىن خەيرىخاھلىق قىلاتتى. بەزىدە ئات ئۈستىدىكى ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش ئاتنىڭ يايلىسىغا تامچىپ چۈشەتتى. ناخشىچى سىردىشىنى تاپتى. شۇنداق قىلىپ ئۇزاقتىن تارىلىپ كېلىۋاتقان ھەممە قەدىمى ناخشىلارغا ئات ھەققىدىكى ئىسىملار قويۇلدى: «ئىگىز قاراگىر»، «چىلانتورۇق يورغا»، «كۈلرەڭ ئۇچقۇر» قاتارلىقلار.
قەدىمىي ناخشا «گانگا قارا» ــ «قارا تۇلپار» ئەنە شۇ سانسىز ناخشىلارنىڭ بىرسى. مەن بالىلىق چاغلىرىمدىلا بۇ مىلودىيەنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ چاغدا مەيداندا ئىككى قولۇمنى ساڭگىلىتىپ، ناخشا ساداسى شامال بىلەن غايىپ بولغىچە تۇرۇپلا قالغان ئىدىم. قەلبىم ئىللىقلىق تۇيغۇسىغا تولغان ئىدى. ناخشىنى تولۇق چۈشۈنىپ يەتمىگەن بولساممۇ، يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ بىرقانچە مىسرالىق ئاددى تېكىستنى تولۇق چۈشۈنىپ يەتتىم دەپ ئېيتىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. بۇ زادى قانداق بىر ناخشىدۇر ــ ھە؟ ئۇ بەلكىم بىر مۇھەببەت ناخشىسى بولسا كېرەك...
كېيىنكى چاغلاردا مەن چوڭقۇر پىكىرلىك بىر يازغۇچى بىلەن ئۇچۇرۇشىپ قېلىپ، بۇ بۇ ناخشا ھەققىدە ئۇنىڭدىن پىكىر ئالدىم. ئۇ چۈشەندۈرۈپ:
ــ ناھايىتى ئاددى، ئۇ پەقەت ئېچىلمىغان سەبىي قەلبنىڭ كۈچلۈك ئىنسانى تۇيغۇ تەرىپىدىن بىر قېتىم سوقۇلۇشىدىنلا ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بۇ ناخشا ئاددى، نازاكەتسىز، ئۇنىڭدا كۈچلۈك تەسىرچانلىق يوق» ــ دەپ جاۋاپ بەردى.
مەن شۈبھە بىلەن يەنە:
ــ ئۇنداق بولسا ئۇ نىمە ئۈچۈن قەدىمدىن تارقىلىپ كېلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇ ھامان قەلبىمدە چۆرگىلەپ يۈرىدۇ؟ ــ دەپ سورىدىم.
ئۇ كۈلدى. ھەم كەڭ قورساقلىق بىلەن بېلىكىمنى چىمداپ قويۇپ:
ــ چۈنكى سەن ھازىر يېتىلىپ قالدىڭ. چۈنكى ئۇ مۇھەببەتنىڭ ئۆزىدىكى گۈزەللىك، ئۇ سېنى جەلىپ قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. بايىن باۋىرگىن، بۇنى چۈشىنەمسەن ــ دىدى.
نەدىن بىلەي: خېلى يىللاردىن كېيىن مەن بۇ قەدىمي ناخشىنى ئېيتىپلا قالماي، ئۇنى ھاياتىمدا بىر نۆۋەت تەكرارلاپ چىقتىم!
مەن ئوت ـ چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىن بېشىمنى چىقىرىپ، كۆپ ـ كۆك ئاسمانغا بېقىپ، بۇلۇتلار قاتلىمىغا سىڭگەن ۋە چۆپلەرنىڭ ئۇچىنى سىيپاپ ئۆتكەن ئەشۇ بوغۇق ئاھاڭغا قۇلاق سېلىپ، تىمتاسلىق ئىچىدىن كۆرۈنمەس ئەشۇ ئەقلىيەلىكنى ئىزدەۋاتقىنىمدا، زىيادە ھاياجانلىق، پايانسىز ئاخىرقى چۈشۈرگىنى، ئۇچۇرىتىش قىيىن بولغان ئازاپنى، سىدام تىراگىدىيەلىك ھېكايىنى، ئۇندىن باشقا يەنە، چوڭقۇر ۋە سەمىمىي مۇھەببەت بىر خىل يۆلەنچۈك ۋە رامكىنى ئاستا ـ ئاستا ھېس قىلىپ يەتمەكتە ئىدىم. باشقىچە ئېيتقاندا ھەممىسى ئەشۇ ئەقلىيەلىكنىڭ مۇزىكىلاشقان رەڭدارلىقى ۋە رېتىمىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەكسىنچە بۇ قەدىمىي ناخشىنىڭ ھەقىقى ئىچكى روھى تېخىمۇ يوشۇرۇن ھەم مۇرەككەپ ئىدى. پەقەت شۇلا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقىچە ئەجداتلىرىمىز ۋە بىزگە ئەستىن چىقماس تەسىراتلارنى بېرىدۇ ھەمدە يەنە بىزگە مەڭگۈ  ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتىنى ھىدلاتقۇزمايدۇ.مەن خىيال بىلەن ناخشا سىڭىپ كېتىۋاتقان كۆككە نەزەر سالماقتىمەن، قاققىلداپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قاقىرلار ئۆتۈنۈشلىرىمنى بۆلۈۋەتتى.مەن ھېلىقى ئۇزۇندىن بۇيان چوڭ بىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىنى ئەسلەپ، تۇنجى قېتىم ئاتاقلىق كىشىلەردىكى يۈزەلىكنى ھېس قىلدىم...
ھەئە، ئەمدى بۇ مەسىلىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك ئوخشايدۇ.مەن ئۆزۈمدىن، كىشىلەردىن، ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان لېكىن مەن بىلەن دىلكەشلىكنى ساقلاپ كەلگەن دوستلاردىن سوراپ باقاي: «قارا تۇلپار» زادى قانداق بىر ناخشىدۇ؟ بۇ قەدىمىي ناخشا نىمە ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كېلىدۇ؟



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 23:52:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(1)

قارا تۇلپارىم يۈگرۈك، چىرايلىق،
باغلاقلىقتۇر تالادىكى ھارۋىغا.

      قەدىمدىكى دەۋىرلەردىكى ئىتتىپاق تۈزگەن مۇقەددەس ئوۋبا ۋە ئانا كۆل، سېرىن دەرياسىنىڭ چەت ياقا ئوتلاقلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدە سىز «بېرگىن»〔1〕 ناملىق كىچىك بىر ئېقىننىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. چارۋىچىلار چاقچاق ئارىلاش چۈشەندۈرۈپ:
ــ بەلكىم ئەشۇ يەڭگىمىز بۇ يەردە نام چىقارغان بولسا كېرەك، شۇڭا بۇ ئېقىننىڭ نامى مۇشۇنداق قىزىقارلىق قويۇلۇپ قالغان گەپ ــ دىيىشىدۇ.
      لېكىن، ئاق چاچلىق بىر موماي ماڭا ئۆز ئېغىزى بىلەن:
ــ «بېرگىن» بىز موڭغۇللارنىڭ ئەجداتلىرى تېخى بۇ يەرلەرگە مال بېقىپ كەلمىگەن چاغلاردا ياتلىق بولغان قىزنى قۇدىلارغا «بەرگەن» ۋە يېڭى كېلىن، ئۇزىتىپ كەلگەن ئاتا ـ ئانىلىرى بىلەن خوشلاشقان بىر كىچىك دەريانىڭ نامى ــ دەپ ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.
     ئاتلىق ئېقىننى كېچىپ ئۆتمەكتە ئىدىم، ئات ئۆزلۈكىدىنلا توختاپ، ئېقىننىڭ ئوتتۇرسىدىلا سۇغا تۇمشۇقىنى تىقىپ سۇ ئىچىشكە باشلىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتىراپتىكى تونۇش ۋە ناتونۇش مەنزىرىلەرگە كۆز يۈگۈرتتىم. يىگىرمە يىل بوپتۇ، بېرگىن دەرياسى يەنە ئاۋالقىدەكلا ئېقىپ تۇراتتى. تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەن چېغىمدا دادامنىڭ بېشىمنى نوقۇپ، ۋاقىراپ تۇرۇپ، «ھەي، موزاي! ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئىچە. بۇ يۇرتىمىز ـ يايلاقنىڭ سۈيى» دىگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مەن چارۋىچىلىق نازارىتى پىلان باشقارمىسىدىكى بىرنەچچە مۇتەخەسىسكە ھەمراھ بولۇپ، بۇ ئەتىراپتىكى ياش ماللارنىڭ قىممىتىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئىدىم. مەن خوشنا خوشۇن خەلق كومىتىتىغا ئاتايەن دادامنى يوقلاپ بارغىنىمدا، نىمە سەۋەپتىن ئىكىن ئۇ يەنە چېچىلىپ كەتتى:
ــ ھە! مۇتەخەسىسكە ھەمراھ بولۇپ؟ تەرجىمانلىق قىلىپ؟ ھەي، موزاي! ئۆزۈڭچە ئەمدى قامچامنىڭ تەمىنى تېتىمايمەن دەپ قېلىۋاتامسەن… ماڭ بېرگىننىڭ بويىدىكى قومۇشلۇقلارغا بار. سۇغا ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز چىلىنىپ يېتىپ، ئەپتىڭدىكى ماۋۇ چوڭ تەرجىمان، چوڭ كادىرلىقتىن ئىبارەت سېسىق ھىدنى تازىلاپ بولۇپ مېنى يوقلاپ كەل!
دادا، پەقەت سىلەرلا يايلاقنى چىن يۈرىكىمىز بىلەن ياخشى كۆرىمىز دەپ قارامسىلەر؟ شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، كەچۈرمىش دىگەننى ئالماشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، ھەممە كىشى ئوخشاشلا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ…
ئېقىننىڭ ئەگىملىرى ۋە نەمخۇش سازلىقتا ئاپئاق مەخمەل پوپۈكلۈك قومۇشلار زىچچىدە ئۆسۈپ كەتكەن ئىدى. تۇرنىلار كۆكتە قى ـ قۇ قىلىشقىنىچە سەپلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. قومۇشلۇق شۇنداق قېلىن بولۇپ، ئۇنى كېسىپ ئۆتمەچى بولغان چەۋەندازنىڭمۇ قىينىلىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ھېلىلا قونۇشقان تۇرنىلار توپىنىڭ ۋاڭ ـ چۇڭلىرى، سايراشلىرى بېسىقمايتتى،ئۇلار  قاناتلىرىنى سۇ يۈزىگە ئۇرۇپ بۇژغۇنلارنى چاچرىتاتتى. قومۇشلار بولسا شار ـ شۇر قىلىپ يەلپۈنەتتى.تۇرنىلار ئۇگىلىرىنى سەرەمجەنلاشتۇرۈش بىلەن ئاۋارە بولۇپ،ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى قاتمۇ –قات غەملەرگە پاتقان بىر ئادەم بىلەن پەقەتلا كارى يوق ئىدى.
ئاتنى دىۋىتىپ،قىرغاققا چىقتىم. تونۇش كورۈنۈشلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.بۇ يەر مەن بۇرۇن ياشىغان بۆشۈك، ئايرىلغىنىمغا ئۇزۇن بولغان يايلاق ئىدى. دادام ــ ئۇ مېنىڭ بۇ يەرگە ئۇنى يوقلاپ كېلىدىغىنىمنى ئاڭلاپ ئاچچىقىدىن يېنىپتۇ،لېكىن ئۇ مېنىڭ نىمە ئۈچۈن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەنلىكىمدەك روھى ھالىتىمنى پەقەتلا چۈشەنمەيتتى... ئېھ، يۇرتۇم، سەن چۈشۈمدىكىدە سۈزۈك، مەپتۇنلۇقسەن. سەن ئۆزۈڭدىن ئايرىلىپ كەتكەنلەرگە قانداق ھەسرەتلەرنى تەقدىم ئەتكەنلىكىڭنى بىلەمدىغانسەن؟
سول تارەپتىكى تۆپىلىكتە قويلار يېيىلغىنىچە ئوتلىشىپ يۈرەتتى.قويچىنىڭ  چىملىقتا يانچىلاپ ئاپتاپ سۇنۇپ ياتقانلىقىنى يىراقتىنلا كۆردۈم – دە، ئۇددۇل ئۇنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدىم.
ــ ھەي، ناتونۇش دوست ياخشىمۇسەن؟ ۋاي، ئېتىڭ ئاجايىپ قالتىسكەنغۇ! ــ ئۇ كۆزىنى قىسقىنىچە قاراگىر ئېتىمغا قاراپ تۇراتتى.
ــ ياخشىمۇسەن، بۇ ئاتنى دەمسەن، ھەرھالدا بولىدۇ ــ كومۇنا ماڭا بېرىپ تۇرغان ــ مەن مۇنداقلا تەكەللۇپ قىلىپ قويدۇم.
ــ ھە، ئەلۋەتتە! بۇ ئاتنى مەن تونۇيمەن. ئۇ گانگا قارا. خاتا ئەمەس، بۇلتۇرقى ئات بەيگىسىدە بىرىنچى بولغاندا مەن يىراقتىن كۆرگەن، شۇڭا خاتالاشمىدىم. كومۇنا ئەڭ نوچى گانگا قارانى ساڭا بېرىپ تۇرۇپتىدە.
گانگا قارا؟! كۆز ئالدىمدا چاقماق چاققاندەك بولۇپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى، ئىگەردە ئولتۇرالماي ئاتتىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋېلىپ:
ــ ئاكا، قويلىرىڭ سەمىرىپ كېتىپتۇ ــ دىگەچ ئاتتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر تال تاماكا ئۇزاتتىم.
گانگا قارا... مەن ئالدىمدىكى گەۋدىلىك، ئىگىز، پۇتلىرى تۈز، كەڭ ئالدى كۆكرىكى بۆرتۈپ تۇرغان قارا ئاتقا نەزەر تاشلاپ تۇرماقتا ئىدىم. كۈن نۇرىدا ئۇنىڭ مويلىرى قۇندۇزنىڭكىدەك چاقناپ تۇراتتى. مېنىڭ قارا قۇلۇنۇم، قارا ئارغىمىقىم! مەن ئۈنسىز ھالدا ئۇنىڭ نامىنى زىكىر قىلماقتا ئىدىم. سېنى قانداقمۇ تونىيالماي قالغاندىمەن؟ ماۋۇ قويچى سېنى بىرلا كۆرگەن تۇرۇپ خۇددى پىچاق بىلەن ئەن سالغاندەك سېنى خاتىرىسىدە ساقلاپتۇ. مەنچۇ، سەن ھاياتلىق سۈپىتىدە بۇ دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقىنىڭدا، پەقەت مەنلا ساڭا قىزغىن ئۈمىدلەرنى باغلىغانلىقىمنى بىلىسەن.مەن ساڭا مۇشۇ پەخىرلىك نام ــ گانگا قارانى ئىسىم قىلىپ قويمىغانمىدىم. قارىغىنا ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ،ۋاقىت يايلاقتىكى شاماللاردەك، يىراقتىكى سۇس كۆك رەڭلىك تاغلار ۋە بېرگىن دەرياسىنىڭ مەنبەسىدىنمۇ يىراقتىكى زىمىنلانىڭ ئاخىرىدەك غايىپ بوپتۇ. ئۇ يۈزلەرنى سىلاپ ئۆتسىمۇ، ئارقىسىغا قايتىپ كەلمەي، قەلبلەردە كىشىنى ھەسرەتكە سالىدىغان تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ.مەن توققۇز يىل جەريانىدا چارۋىچىدىن چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ ئىلمىي خىزمەتچىسىگە ئايلاندىم. سەنچۇ، يېراق ـ يېقىنغا نامى تارالغان ئۇچقۇر تۇلپارغا ئۆزگۈرۈپسەن. ياخشى تۇرغانسەن، بالىلىقتىكى ھەمرايىم؟ مېنى پۇراۋاتىسەن، پەشلىرىمدىن تېتىۋاتىسەن. كۆزلۈرۈڭ ماۋۇ قويچىنىڭكىدەكلا ئۆتكۈر، سەن مېنى چوققۇم تونىۋالدىڭ. ئۇنداقتا ـــ ماڭا ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلغاندىن كېيىن خەت ـ خەۋەر قىلىشالمىدۇق، پەقەت سەنلا بۇ جەريانلارنىڭ شاھىدى. ئۇنى نەقەدەر سېغىنىدىغانلىقىمنى پەقەت سەنلا چۈشىنىسەن.چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەگرى - توقاي يوللارنى مەنلا ھېس قىلالايمەن. بېشىڭنى چايقاپ يا لىڭشىتىپ جاۋاپ بەر؟ ئۇ ــ سۇمىيە زادى قەيەردە؟
ــ قېنى تاماكا چەك! ــ قويچى ماڭا بىر تال تاماكا ئۇزاتتى.
ــ ماقۇل، ماقۇل، ئاپتاپقا قاقلىنىپ يېتىش نىمىدىگەن راھەت! ئاكا سەن بېرگىن ئىشلەپچىقىرىش ئەتىرىتىدىنمۇ؟ ــ مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.
ــ ياقەي، لېكىن ئارلىقىمىز بەك يېقىن.

....... ئۇ چاغدا دادام مۇشۇ كومۇنانىڭ كومۇنا باشلىقى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ مېنى ئاتنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ يىراق مومىمىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى.
ــ ئېرجى! ــ دىدى ئۇ ۋاقىراپ: ــ مانا بايىن باۋرگېننى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگىلى كەلدىم. ئۇ كومۇنا بازىرىدا يۈرۈپ بەك يامان ئۈگىنىپ كەتتى. تېخى يېقىندىلا قوراللىق قىسىمنىڭ مىلتىقىنى ئويناۋېتىپ، تورۇستىن بىر تۆشۈكمۇ ئېچىۋەتتى.مېنىڭ ئۇنى باشقۇرىدىغانغا نەدە ۋاقتىم، كۈندە ئەتىرەتلەرگە قاترايمەن.
ئاپئاق چاچلىق موماينىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى.ئۇ دادامغا كالا تېرىسىدىن تىكىلگەن بىر ھاراق قۇتىسىنى تاشلاپ بېرىپ، مېنى مېھرىبانلىق بىلەن قۇچىقىغا ئالدى ۋە پېشانەمگە «چوككىدە» قىلىپ بىرنى سۆيۈپ قويدى. پېشانەمدە بولسا خېلىلا شۆلگەينىڭ ئىزلىرى قالدى. مەن يۇلقۇنۇپ ئۇنىڭ مايلىق قۇچىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولساممۇ، دادامنىڭ يېنىدا ئولتۈرۈشقا جۈرئەت قىلالماي، ئاستا ـ ئاستا سۈركىلىپ بىر چەتتە جىمغىنە چاي ئىچىپ ئولتۇرغان قارا كۆزلۈك كىچىك بىر قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. ئۇ ماڭا قاراپ ـ قاراپ قوياتتى، مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ـ قاراپ قويدۇم. ئۇ كۈلىۋېدى، مەنمۇ كۈلدۈم.
ــ ئىسمىڭ نىمە؟
ــ سۇمىيە، سېنىڭ ئىسمىڭ  بايىن باۋرگېنمۇ؟ ــ ئۇنىڭ ئاۋازى يېقىملىق، تاتلىق ئىدى.
دادام قىمىزنى قانغىچە ئىچىپ، مۈرەمگە يەڭگىل تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، تالاغا ئاتنىڭ قېشىغا چىقتى.تومۇزدىكى يايلاق بەكمۇ يېپىشقاق ئىدى، شەبنەم تامچىلىرى چۆپلەرنىڭ ئۇچىدا ساڭگىلاپ، كىرىستالدەك سۇس چاقناپ تۇراتتى. مەن خۇرسەنلىك بىلەن يۈگرەپ بېرىپ، دادامنىڭ كۆك يورغىسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ پۇتىدىكى چۈشەكنى يەشتىم.
ــ بايىن باۋرگېن، ــ دادام مۈرەمدىن قايرىپ مېنى ئۆزىگە قاراتتى، ئۇنىڭ قوۋۇزىغىچە كەلگەن قارا ساقاللىرىنىڭ تىترەپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ــ بالام، ئاپاڭ تۈگەپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ، مەن ئىزچىل ھەلدا مۇشۇنداق بىر ئائىلىنى ئىزدەپ يۈردۈم...... مېنىڭ ئالدىراشلىقىمنى بىلىسەن. بوۋاڭ ۋە داداڭغا ئوخشاش مۇشۇنداق يەردە چوڭ بول.ئوبدان ئىشلە موزاي. ئېرجىلارنىڭ ئۆيىدە ئەر كىشى يوق، ئۇلار ساڭا تايىنىدۇ. ئاۋۇ ئاتلىق ئەركەكلەرگە ئوخشاش! ئۇقتۇڭمۇ؟
ــ ئات مىنەمدىمەن؟ ـ  ئۈمىد بىلەن دادامدىن سورىدىم: ــ مېنىڭمۇ ئۆز ئېتىم بولامدۇ؟
ــ ئەلۋەتتە، مۇھىمى سەن كومۇنا بازىرىدىكى كىچىك لۈكىچەككە ئايلىنىپ قالمىساڭلا، ــ دادام ئېرەڭسىز ھالدا جاۋاپ بەردى.
شۇنداق قىلىپ مەن چېدىردىكى بالىغا ئايلاندىم. تېزەك تېرىشنى، موزاي باغلاشنى ئۈگەندىم. ئەتىيازدا قوزىلارنى ئۈركۈتۈپ قوغلاپ كېلەتتىم، ئۆكۈزنى كۆتەك ھارۋىغا قېتىپ چىغلارنىڭ ئارىسىدىكى قۇدۇقتىن سۇ توشۇپ كېلەتتىم.ئەپلەپ ـ سەپلەپ ياسىۋالغان ئات دەستەم بىلەن ئىرىك قوي ۋە ئەينى چاغدىكى قارا تېيىمنى تۇتاتتىم. سۇمىيە ئىككىمىز دىمەتلىك بولۇپ، ھەر ئىككىلىمىز قوي يىللىق، مومىمىزنىڭ جىگەر پارىلىرى ئىدۇق.ئىككىمىز بىللە ئىش قىلاتتۇق ھەم باشلانغۇچتا ئۈچ يىلغىچە موڭغۇل تىلى ۋە ھېساپ ئۈگەندۇق. يازدا رەسمى مەكتەپتە ئوقىساق، قىش كۈنلىرى خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كىگىز ئۆيىدە ساۋاق ئالاتتۇق. ئۇ مېنى «باپا» دەپ چاقىراتتى، مەنمۇ ئۇنى بەزىدە «سانا» دەپ چاقىراتتىم. مەن ھازىرغىچە يايلاقتىكى بالىلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇنداق غەلىتە ئاتالمىلارنى ياساپ چىققانلىقىنى چۈشىنەلمەيمەن. بەلكىم ، بۇ ئاتالغۇلار تۇققاندارچىلىق ھەققىدىكى سۆزلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان مىللەتشۇناسلارغا خېلى باش ئاغرىقى تېپىپ بېرەر.
يايلاق شۇقەدەر چوڭ، شۇقەدەر گۈزەل بولۇپ، كىشىگە ئويناپ قانمايدىغان تۇيغۇلارنى بېرەتتى.ئۇ مېنى باغاچلىماقتا، ئېرىتمەكتە ئىدى. مەن بۇ يەرگە كۆنۈپلا قالماي، ھەتتا ئايرىلالماس بولۇپ قالغان ئىدىم. دادام كۆك يورغىسىنى مىنىپ تۆۋەنلەرگە چۈشكەندە، پات ـ پات مېنى يوقلاپ كېلەتتى. مەن بولسام ئۇنىڭغا يېپىشىۋېلىشتىن تامامەن قالغان ئىدىم. كىگىز ئۆينىڭ سىرتىدا موزاينىڭ ۋە ئىتنىڭ بىر نەرسىلەرنى ئۆرىۋەتكەن ئاۋازىنى ئاڭلىساملا دادامنى تاشلاپ قويۇپ سىرتقا يۈگرۈپ چىقىپ ئۇلارنى ئەدەپلەيتتىم. بەزىدە دادام ماڭا «چوڭ يوليورۇق»لارنى بېرىۋاتقان بولسىمۇ، سۇمىيەنىڭ سىرتتا ئۆكۈز ھارۋىسىنى قېتىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىساملا دەرھال سىرتقا قاراپ ماڭاتتىم.
مەن ئۆزۈمنى كۆرسۈتىپ، كۆتەك ھارۋا بىلەن يىراقتىكى قۇدۇقتىن سۇ توشۇغىلى كېتىۋىتىپ ئارقامغا قارىغانىمدا، كۆك ئاتقا مىنگەن بىر كىشىنىڭ يالغۇز، مىسكىن ھالدا ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. نىمىشقىكىن، قەلبىمدە دادامنىڭ ئېتىبارىدىن غالىپ كېلىشتەك بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يالقۇنجايتتى. ئۇنىڭ كېلىپ ماڭا بۇيرۇق بېرىشلىرىگە ئەمدى ئورۇن يوق ئىدى. ھازىر مەن بۇ كۆپكۆك، سۆيۈملۈك دالادا ئىشنى ئۆز ئالدىمغا قىلىدىغان ئەركەك ئىدىم. مەن سۇمىيەگە قاراپ قوياتتىم، ئۇ ئاۋايلىغانچە ياغاچ تۇڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، قايىللىق ۋە ئىشەنچ نەزىرىدە ماڭا باقاتتى.مەن سۈر ۋە ھەيۋەت بىلەن ئۆزۈمنى رۇسلاپ، كېتىۋاتقان ئۆكۈزگە قامچا سالاتتىم. كۆك قاناتلىق قارلىغاچلار ئۆكۈزنىڭ بېشى ئەتىراپىدا ئۇسۇل ئوينايتتى، تىك، قويۇق ئۆسكەن چىغلار ھارۋىنىڭ چاقى ئاستىدا پاراسلاپ يانچىلاتتى.مەن بولسام قانائەت بىلەن ھارۋىنى ھەيدەپ باراتتىم، بەزىدە ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ، بىر ـ ئىككى مىسرا توۋلاپمۇ قوياتتىم.
ئون تۆت يىلنىڭ ئالدىدىكى قوي يىلىدا، سۇمىيە ئىككىمىز ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن ئىدۇق.
ئون ئۈچ ياش موڭغۇل بالىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاۋام تەرىپىدىن ئىززەتلىنىدىغان مەزگىلى. چاغاندا مومام سۇمىيە ئىككىمىزگە تېزەكتە ئىسلاپ سارغايتىلغان، جىيەكلىرى چىرايلىق يېڭى تېرە يەكتەك كەيگۈزۈپ قويدى.بىز كالا ھارۋىسى بىلەن ئۆي ـ ئۆيلەرگە پەتىلەپ باردۇق. شۇ يىلى بىزنىڭ مۆچىلىمىز بولغاچقا ھەممەيلەن قائىدىسىنى قىلىپ بىزگە ھەر خىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىشتى.سۇمىيە خوشاللىق بىلەن ئۆزىنىڭ سوۋغاتلىرىنى سانىماقتا ئىدى، ئۇ ئايتوقاچ، قولياغلىق، سىركايە قاتارلىقلارنى ئۆرۈپ ـ چۆرۈپ كۆرمەكتە ئىدى. مەن بولسام، ئىختىيارسىز ھالدا سەل خۇرسىنىشقا باشلىدىم: شۇنداق مۇھىم بايرامدا ئاياللارغا ئوخشاش كالا ھارۋىسىدا ھېيتلاپ يۈرمەكتە ئىدىم. چارۋىلىرى بار ئۆيلەرنىڭ بالىلىرى يايلىلىرى تەكشى قىرقىلغان ئىگىز باشلىق ئاتلارنى مىنىپ چوڭلارنىڭ كەينىدىن، قارلارنى توزۇتۇپ، سۈرەن بىلەن كىگىز ئۆيلەرنىڭ ئارىلىرىدا چېپىشىپ يۈرەتتى. ھەي! قاچانمۇ مېنىڭ ئېتىم بولار ــ ھە؟
سۇمىيە ماڭا تەسەللى بېرىپ:
ــ ئالدىرىما، مومام: ئىككى يىلدىن كېيىن ئەترەتتىن بىر قورۇ كالا ئېلىپ باقايلى دىدى. شۇ چاغدا سېنىڭ بەش ئېتىڭ بولىدۇ ــ دەيتتى.
ــ ھىم، ئىككى يىل! ــ مەن ئۇنىڭغا قاراپ ۋاقىرىدىم: ــ ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىچۇ؟
ئىشنىڭ تولىمۇ تېز ئۆزگىرىشىنى راستىنلا خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن.
باھار، چوكانتال بايرىمىغا بىرقانچە كۈن قالغان چاغلاردىكى بىر كېچىدە تولىمۇ قاتتىق بىر جۇدۇن يۈز بەردى. كېچىچە بىز تېرە يوتقانغا ئورىنىپ، سىرتتىكى شىۋىرغاننىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ مومىمىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ چىقتۇق. كىگىز ئۆينىڭ ئۈستى ئىغاڭلاپ چىقىرىۋاتقان تاراق ـ تۇرۇق ئاۋاز بىلەن سىرتتىكى ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولمايتتى. مومام تەشۋىش بىلەن ئاۋازىنى سوزۇپ:
ــ شىۋىرغان يىلقىلارنى ئۈركۈتىۋەتتى، بوغاز بايتال ئۆلىدىغان بولدى ... ــ دىدى.
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە مۆجىزە يۈز بەردى.
سۇمىيە ئىككىمىز كۈلتۈك قار ئېتىۋالغان كىگىز ئۆينىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ ئاچقاندىن كېيىن، ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرغان قاپقارا بىر قۇلۇننى كۆردۇق. شامال ھېلىمۇ چىقىپ تۇراتتى، يىراقتىكى قارلىق يانباغىردا دىگەندەك بىر بايتالنىڭ ئۆلۈكى بىلىنەر ـ بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىز چۇقۇرىشىپ قۇلۇننى يېتىلەپ، كۆتۈرۈپ دىگۈدەك كىگىز ئۆينىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىردۇق. قۇلۇن قورققىنىدىن ياشلىق كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇراتتى. تۇياقلىرىمۇ ئىگىلىپ تىترەپ، كىگىز تامغا يۆلىنىپ قالغان ئىدى. ئوچاقتىكى ئوتنىڭ ئىسسىقى ئۇنىڭ سوغۇقتىن توڭلاپ قېتىپ قالغان مويلىرىنى ئېرىتتى. قۇرىغان مويلار قاپقارا بولۇپ يالتتىراشقا باشلىدى. مومام بەلبېغىنى باغلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، تىترەپ تۇرۇپ قۇلۇننى قۇچاقلاپ، يەڭلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى ئېيتىشقا باشلىدى، ئاندىن يەكتىكىنىڭ ئالدىنى ئېچىپ ئۇنى قۇچىقىغا ئالدى.  ئۇ يەكتىكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان قۇلۇننىڭ بېشىغا سۆيۈپ تۇرۇپ، ئەزمىلىك بىلەن يۈرۈش ـ يۈرۈش دۇرۇتلارنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بايىن باۋرىگېن ئات مىنىدىغان يېشىغا يەتكىنى ئۈچۈن، بۇ قۇلۇننى ئىلاھ ئەۋەتىپتىمىش. بايىن باۋرىگېننى ئۇنىڭغا ئىلاھ ئاتا قىلغاچقا، ئىلاھ بايىن باۋرىگېنگە بىر ياخشى ئات تەقدىم قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانمىش. بولمىسا بوغاز بايتال شىۋىرغاندا قۇلۇنلاپ ئۆلۈپ قالمىغان، بىر تېمىممۇ سۈت ئەممىگەن قۇلۇن قاپتالدىن كىگىز ئۆينىڭ ئىشىكىكە كېلەلمەسمىش. ئۇ يەنە، ئۆمرىدە نۇرغان قۇلۇنلارنى كۆرگەن بولسىمۇ بۇنداق چىرايلىق قۇلۇننى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، بۇ قۇلۇننى بېقىپ چوڭ قىلىش بولسا ئىلاھ ئۇنىڭغا بۇيرىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ بەردى.
سۇمىيە ئىككىمىز ئۇنىڭ گەپلىرىگە بېرىلىپلا كەتتۇق. ئۇنىڭ سۆزلىرى بىزنى مايىل قىلىۋالدى. كېيىن ئۇنىڭ قىزىل رەخت بىلەن قۇلۇنغا تۇمار تىككىنىنى كۆرگىنىمىزدە بولسا، ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ خۇراپاتلىققا ئىشەنمەسلىك، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئۇنتۇپلا كەتتۇق.
      ئاخىرقى قارلار تېخى ئېرىپ بولمىغان، تاغ ـ دالالار تېخىچە ئالا ـ بۇلا ھالەتتە ئىدى. قارا قۇلۇن ھەر كۈنى كالا سۈتى ئىچەتتى. ئاندىن يۇمشاق چىملىقتا بويۇنلىرىنى تىك قىلىپ قىيغىتىپ يۈگرەيتتى، بەزىدە ئىللىقىنە يېتىپ ئۇزۇنغىچە يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرىغا ۋە بۇلۇتلارغا نەزەر سالاتتى. سۇمىيە ئىككىمىز يانباغىرلاردىن تېزەك تېرىپ قايتقان چېغىمىزدا قوۋۇزىمىزنى كۆتۈرۈپ زىل ئاۋازدا ئىسقىرتىشقا ياكى ئاۋازىمىزنى سوزۇپ تۇرۇپ «خې...... يى» دەپ توۋلاشقا ئامىراق ئىدۇق. قارا قۇلۇن توشقاندەك ئەپلىك سەكرەپ، چىغىرتماقلىق ۋە قىغ دۆۋىلىرىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، ئادەمنىڭ ئىچى كۆيگىدەك چىرايلىق قەدەملىرى بىلەن بىزگە قاراپ ئۇچقاندەك يېتىپ كېلەتتى. بىز سېۋەتلىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى تازىلايتتۇق، قىڭغىر بولۇپ قالغان تۇمارىنى ئوڭشاپ قوياتتۇق، يېنىمىزدىكى ئايتوقاچ، قىزىل شىكەر، بوغۇرساق قاتارلىقلار بىلەن ئۇنى مېھمان قىلاتتۇق. يىراقتا مومىمىز چېكە چاچلىرىنى لەپىلدىدىپ، سۈت سېغىش، موزاي باغلاش دىگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتى، شۇ تۇرقىدا ئۇ راستىنلا مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىۋاتقان ئايالغا ئوخشاپ قالاتتى. ئەلۋەتتە، بىز كېچىلىرىمۇ ئۇنى سىرتقا تاشلاپ قويمايتتۇق، ھەر كۈنى كەچتە بىز ئۇنى قوي يۇڭىدا ئېشىلگەن يۇمشاق چۇلۋۇر بىلەن ئوچاقنىڭ يېنىغا باغلاپ قوياتتۇق. بۇ چاغدا قۇلۇن تاي بولۇپ قالغان بولۇپ ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان ئىدى، تۆتىمىز كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن چەكسىز خوشاللىقىدىن ھوزۇرلىناتتۇق.
بىر كۈنى سۇمىيە قارا تاي بىلەن ئويناپ ئولتۇرغان ئىدىۇق. كالا سېغىۋاتقان مومام تۇيۇقسىز بىر ناخشىنى غىڭشىپ ئېيتىشقا باشلىدى. بۇ ناخشا دەل «گانگا قارا» ــ «قارا تۇلپار» ئىدى. مومام يېنىدا گويا ھېچكىم يوقتەك بىر تەرەپتىن سۈت ساغقاچ، ناخشا ئېيتماقتا ئىدى. ئۇ سۈتنى سېغىپ بولۇپ، پۇرچاق كۈنجۈرىسىنى ئۇششاق قىلىپ پارچىلاپ، ئويۇققا سېلىپ قويۇپ، سىيىر بىلەن موزاينى يېتىلەپ ماڭدى. ئۇ ناخشا ئېيتقاچ سىيىرنى ئەدەپلەپ باراتتى: «قارا ئارغىمىقىم يۈگرۈك، چىرايلىق، ھەييۇ...... ماڭە، ئاق تۇمشۇق! تېخىچە يەپ تويمىدىڭمۇ؟ ــــ باغلاقلىقتۇر تالادىكى ھارۋىغا. ھەييۇ......»
  مومام ناخشىنى تولىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئېيتماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ناخشىنى مۇنداق ياخشى ئېيتىدىغانلىقىنى راستىنلا ئويلىمىغان ئىدىم. ئۇ ئاخىرقى ئاھاڭنى سوزۇپ، ئايلاندۇرۇپ چۈشۈرىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇق ۋە جاراڭلىق چىقتى، قارىماققا ئۇ ناھايتى تەستە ئېيتقىلى بولىدىغان چىرايلىق ئاھاڭلارنىمۇ ئادەتكىچىمۇ ئېيتالايدىغاندەك قىلاتتى. مەكتەپتە ئۈگەنگەن رېتىمى ئاددى بالىلار ناخشىلىرىغا كۆنگەن بولسام كېرەك، بۇ ئاددى ھەم قەدىمىي «قارا تۇلپار» ماڭا ئاجايىپ يېڭى ۋە ئۆزگىچە تەسىر بەردى. سۇمىيە ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزچە نەپەسمۇ ئالماي دىگۈدەك مومىمىزنىڭ مەپتۇنلۇق ئىچىدە ئېيتىۋاتقان ناخشىسىنى ئاڭلىماقتا ئىدۇق. مومامنىڭ ئېيتىۋاتقىنى بىر ئاكاشنىڭ مىسلىسىز گۈزەل بىر قارا تۇلپارغا مىنىپ، ئۈزۈن يوللارنى بېسىپ، چەكسىز يايلاقنى كېسىپ،سىڭلىسىنى ئىزدەۋاتقانلىق ھەققىدىكى بىر ھېكايە ئىدى. ئۇ ھامان ئەۋرىشىم، ئۆزگۈرۈشچان ئاخىرقى ئاھاڭغا كەلگەندە ئۇنى كۈچلۈك ھالدا تەسىپ قىلاتتى. بىز چۈشىنەلمەي قىينىلىپ كېتەتتۇق. ئۇ بىزنى قىيناپ بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن، بىرەر ـ ئىككى  ئاددى سۆزلەر بىلەن شۇ باسقۇچتىكى ئىزدەشنىڭ نەتىنجىسىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. چەۋەنداز ئاكاش ئايرىلغىنىغا ئۈزۈن بولغان سىڭلىسىنى زادىلا تاپالمايتتى. ناخشىنى ئاڭلاپ تۇرغان بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەكپارە بولاتتۇق. ئېھ، بۇ نەقەدەر ساپ ۋە تەسىرلىك ناخشا ــ ھە! ئۇ سۈپ ـ سۈزۈك جىرا سۇلىرىغا، رەھەتبەخىش شامالغا ئوخشاپ مۇسكۇللىرىمنى نەمدەپ، يۈرىكىمنى سىلىماقتا ئىدى. مەن يايلاقتا خۇدۇمنى يوقاتقان ھالدا مۇشتۇمۇمنى تۈرۈپ ئۇنى ئاڭلىماقتا ئىدىم. ئاجايىپ مىلودىيە قەلبىمدە تەكرار ـ تەكرار ھاياجانلارنى قوزغاپ مېنى ئاستا ـ ئاستا قۇندۇزدەك قارا، گەۋدىسىنى كېرىپ، كىشنەپ تۇرغان تۇلپارغا ئايلاندۇرماقتا ئىدى. بۇ تۇلپارنىڭ ھەر بىر قەدىمى، چاپچىشى، يايلىنى تاشلىشى كاللامدا شۇقەدەر چوڭقۇر ۋە شۇقەدەر ئېنىق تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ تۇراتتى.
ناخشىمۇ ئېيتىلىپ بولدى. مەنمۇ ئۆزۈمگە كەلدىم. سۇمىيە قارا تاينىڭ بوينىدىن قۇچاقلىغىنىچە ئۈنسىز يىغلاپ تۇراتتى. مەن ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ۋاقىرىدىم: «ھەي، سانا مەن بۇ تايغا چىرايلىق ئىسىمدىن بىرنى قويىمەن! بىلەمسەن، بۇ مومام ناخشا قىلىپ ئېيتقان ئەشۇ ئاتنىڭ بالىسى. ئۇنىڭغا ‹گانگا قارا› دەپ ئىسىم قويىمەن.ئۇ چوققۇم بەيگە ئېتى بولىدۇ. ‹قارا تۇلپار› نىمە دىگەن قالتىس ئىسىم! مەن ئۇنى مىنىپ ئاساۋ بۇقىلارنى قوغلايمەن، ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئۇجمۇچىن، سىرىنغول يايلاقلىرىنى كېزىپ چىقىمەن!
سۇمىيە ماڭا ھەيرانلىق بىلەن باقتى ۋە:
    ــ ئۇ ئەلۋەتتە قارا تۇلپار. ئۇ تۇغۇلۇپلا شىۋىرغانغا قارىماي بىزنىڭ ئىشىككە كېلەلىگەن تۇرسا ...... لېكىن، باپا، ــ دىدى ئۇ قاپقارا كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ: ــ  سەن سىرىنغول ۋە بارلىق  يايلاقلارنى  كېزىپ چىقىپ، مومام ناخشىسىدا ئېيتقاندەك، قارا تۇلپارىڭغا مىنىپ مېنى كۆرگىلى كېلەمسەن؟
ــ ئەلۋەتتە! ــ مەن ئىككىلەنمەيلا جاۋاپ بەردىم.

ــ ھەي! ھەي! ــ قويچى مېنى تۈرتۈپ قويدى، ــ نىمە بولدۇڭ، ئاغرىپ قالمىغانسەن؟ چىرايىڭ بىر قىسمىلا تۇرىدۇ!
چۆچۈپ خىيالدىن ئويغاندىم:
ــ ھە، ھېچقىسى يوق، كۈن ئىسسىپ كەتتى ــ ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەچ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، گانگا قارانىڭ تىزگىنىنى تارتتىم.


(2)

ياتلىق بولدى ئاق كۆڭۈل سىڭلىم،
يىراق ـ يىراق تاغلار سىرتىغا.

   ئون تۆت يىللىق ۋاقىت خۇددى سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. گانگا قارا ئۇستىخىنىغا تولۇپ، ئىلگىركى زىلۋالىقىغا ئوخشىماي قالدى. ئۇنىڭ كۆكرەكلىرى كەڭ ۋە قاۋۇل كۆرۈنسىمۇ، بەيگىلەردە تۈجۈپىلەپ تاللىنىدىغان تۇلپارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاخىرلاشقان ئىدى. بۇ خۇددى بىز قۇرامىمىزغا يېتىپ، ئۆيلۈك ـ ئوچاقلىق بولۇپ، بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، ياشلىقتىكى قىزغىن ھېسسىيات ۋە غايىۋانە خىياللار بىلەن خوشلاشقىنىمىزغا ئوخشاش بىر ئىش ئىدى.
قويچى ۋە مەن ئات بىلەن بىللە كېتىپ بارىمىز.ئۇ قويلار بىلەن يالغۇز يۈرۈشتىن زېرىككەن بولسا كېرەك،ماڭا ھەمراھ بولۇپ مېڭىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى.
بېرگىن ئېقىنى بۇ يەردە ئاستا ـ ئاستا غايەت زور يېرىم ئايلانما ھاسىل قىلغان ئىدى. ئات ۋۇگا گۇتار ئاچىلىدىن ئۆتۈپ يانباغىرغا ياماشقىنىدا كۆك ئەينەكتەك ئېقىن سۈيىنىڭ تىمتاس ھالدا قويۇق قارامتۇل ئوتلاققا سىڭىپ بېرىپ، يىراقتىكى زىمىندا يۇرتۇم بىلەن خوشنا ئەترەتنىڭ  چېگرىسىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئېقىننىڭ ئەگمىسىدىكى سىماسىنى ئىلغا قىلغىلى بولىدىغان يۇلتۇزلاردەك ئاق ئۆيلەرگە قاراپ، ئىختىيارسىز ھالدا گانگا قارانىڭ ئېغىزدۇرۇقىنى تارتتىم. يۇرتۇم ــ ئۇنسىز ھالدا بۇ سۆزنى زىكىر قىلاتتىم. يۇرتۇم، بۆشۈكۈم، سۆيگۈم، ئانام! دەريا ساھىلىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تاغ قاپتىلىنىڭ ئاستىدا ئىدى. تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان كالا قوتىنى ھېلىمۇ ئۆز پېتى بىلەن تۇراتتى. چىڭگىر ئاۋباسى بىلەن مەكتاي خەيلىخان ئارلىقىدىكى تار جىلغىدا كۆك – سۆسۈن چىغىرتماق گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ تۇراتتى. ئېھ، ماڭا شۇنچىلىك تونۇش، شۇنچىلىك ئىللىق بۇ يايلاقتا بالىلىقىمدىكى بەخت، ياشلىقىمدىكى شادلىقلار كۆمۈلگەن ئىدى. سۇمىيە بىلەن ئىككىمىزنىڭ گۈزەل مۇھەببىتى كۆمۈلگەن ئىدى...
ئۇنىڭدىن ئايرىلغىنىمغا ساقمۇ ـ ساق توققۇز يىل بولدى. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن قىزىققانلىق ۋە جەھلىم بىلەن ئايرىلغان ئىدىم، چۈنكى مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ پاك بولغان غايە يولى بىلەن ئەتىگە قاراپ كېتىۋاتىمەن دەپ قارايتتىم. كوپلىگەن ياشلارغا ئوخشاش، بىز ھامان قول كۆتۈرۈشنىڭ ئارلىقىدىلا تارىختىن ئاسانلا ۋاز كېچىپ، يېڭى مەنزىللەرنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئىدۇق. بىز ھامان رىياللىقنىڭ رەھىمسىز زەربىسى ئاستىدىكى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ئاجىزلاپ كەتكەن ۋاقتىمىزدىلا ئىلگىركى قىلمىشلىرىمىزغا قاراپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلىدۇق. بىز ھامان مەڭگۈلۈك يوقۇتۇشتىن كېيىنلا بۇرۇن بۇزۇپ ـ چاچقان ياكى رايىمىز يېنىپ كەتكەن ھەممە نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى ئېسىمىزگە ئالدۇق. ئۇلار، يۇرت، دوستلۇق شۇنداقلا ئۆزۈمىزنىڭ ئۆتمۈشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. توققۇز يىل بولدى، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن، كۆكرەكلىرى كەڭ، بەللىرى ئىنچىكە قارا ئات، يېڭىلمەس، غالىپ چىمپىيۇن ــ گانگا قارا بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. سەنچۇ؟ بايىن باۋرگېن، سەن نىمىگە ئېرىشكەنسەن؟ ئېرىشكىنىڭ خىزمەتتىكى ئۇتۇق ياكى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىتىمۇ؟ شاۋقۇنلۇق دولقۇنلارنىڭ ئىچىدە قىسىلىش، قۇرۇق، مەززىسى يوق ھۆججەت ـ ئالاقىلەر، ئايىغى چىقماس يىغىنلار، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئورۇنسىز سۈركىلىشلەر، قەدەمدە بىر كىشىنى ئىتائەتكە قىستايدىغان مۇناسىۋەت يوللىرىمۇ؟ ۋە ياكى، بېرگېن يايلىقىنىڭ تىلى ھېچقاچان تەرجىمە قىلىپ بېرەلمەيدىغان سالونلاردا كۆرگەن مەدىنىي تۇرمۇشمۇ؟ ئالاھىدە ئىمتىيازدىن يېرگىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ خاتىرجەملىك بىلەن ئۇنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشمۇ؟ كانادا ياكى ئامىرىكىغا كۆچۈپ كەتمەكچى بولىۋاتقان دوستلىرىنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدىكى لاپلىرىمۇ؟
سۇمىيە ھازىر قانداق تۇرىۋاتقان بولغىيتتى؟ يىراقتا يۇلتۇزلاردەك كۆرۈنىپ تۇرغان قوشلارنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ بولغىيتى.
ــ ھەي، قويلار يىراقلاپ كېتىپتۇ، ئۇكام خوش ئەمىسە ــ قويچى چۈشكۈرۈپ تۇرۇپ ئېتىنىڭ بېشىنى بۇرىدى.
ــ ئاكا، توختاپ تۇرىڭە! ــ مەن ئۇنى چاقىرىپ توختاتتىم. ــ سۇمىيە بىلەن ئۇنىڭ مومىسىنىڭ قوشىنى ماڭا كۆرسىتىپ قويالامسىز؟ شۇنى بىلمەكچى...
ئۇ كۆزىنى قىسىپ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
ــ بېرگىندىكى ئاق چاچلىق ئېرجىنى دەيسەنغۇ! ئۇلارنىڭ ئۆيى بۇ يەردە ئەمەس ــ دىدى.
ــ نىمە؟ نىمىىشكە بۇ يەردە ئەمەس؟ ــ مەن ئالدىراپ سورىدىم.
ــ ھەي، موماينىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە خېلى بوپقالدى، ئۇ قىزمۇ ياتلىق بولۇپ كەتتى، ــ دىدى. ۋە سەل ئويلىنىۋېلىپ: ــ ناھايىتى يىراق، بەييىن ۋۇلا دىگەن يەرگە ئەرگە تېگىپ كەتتى ــ دىگەننى قوشۇپ قويدى.
مالچى سۆزىنى تاماملاپ قويلىرىنىڭ يېنىغا كېتىپ قالدى.
گۇگۇم چۈشۈپ قالغان ئىدى.ئاسماننىڭ غەرىپ ئۇپۇقىدا تۇتۇق بۇلۇتلار يېيىلىپ تۇراتتى. قۇياشنىڭ قالدۇق نۇرلىرى قېلىن بۇلۇتلارنىڭ ئاستىغا سۇس قىزىللىق ئاتا قىلغان بولۇپ، تۈتەكلەر يەڭگىل لەيلەپ، ئويمانلىقتىكى مورىلاردىن كۆتۈرىلىۋاتقان ئىسلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتمەكتە ئىدى. مەن گانگا قارانى دىۋىتىپ، قىزغۇچ شەپەق قاپلانغان غەرىپ تەرەپكە يول ئالدىم.
مۇزدەك سالقىن شامال يۈرەككە ئۇرۇلۇپ، پۈتۈن قىسمىمغا تىترەك ئولاشتى، مەن قەدىمقى دەۋىردىكى چەۋەندازلار ئۆزىلىرىنىڭ مەھشىرىگە يۈزلىنىپ كېتىۋاتقاندەك ئېغىر ۋە قەتئېي بىر كەيپىيات بىلەن غەرپ تامان كېتىۋاتماقتا ئىدىم.
بېرگىن ئېقىنىنىڭ ساھىلى بىلەن تاشقى يايلاق ئايرىلىپ تۇرىدىغان تىك تاغ جىلغىسىدىن چىقاي دىگەندە كەچكى شەپەقنى قوغلاپ يەتتىم. بۇ ئادەملەر ناھايتى ئاز ئاياق باسىدىغان جىلغا بولۇپ، ئەزەلدىن چارۋىلار بۇ يەرگە ئوتلاپ كەلمەيتتى. كىشىلەرمۇ بۇنىڭ ئەتىراپىدا قوش تىكىپ ئولتۇرمايتتى. سىنچىلاپ قارايدىغان بولسىڭىز، بەلگىچە كېلىدىغان ياۋا چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاپئاق نەرسىلەرنى كۆرەلەيتىڭىز. ئۇلار بولسا ئەۋلاتمۇ ـ ئەۋلات بىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن چارۋىچىلارنىڭ جەسەت سۆئەكلىرى ئىدى. ئۇلار ئوت ـ چۆپلەرنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلۇپ، ئوت ـ چۆپلەرنىڭ ئارىسىدا تىرىكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەخت ۋە خۇشاللىق ئىزدەپ، ئاخىرى تەن ھەم روھىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان ئىدى. ئاق چاچلىق ئېرجى، ماڭا ئانىلىق مېھرىنى بەرگەن مومامنىڭمۇ بۇ يەردە ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىنغانلىقىدا شۈبھە يوق ئىدى.
ئۇ مېنى كىچىكىمدىن بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى. مەن بولسام قاناتلىرىمنى قاتتۇرۇپ ئۇنى تاشلاپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپ قايتىپ كەلمىگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا مېنى يادىغا ئالغان ـ ئالمىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن شۇ نەرسە ماڭا ئېنىقكى، چوڭلارنى ئۇزىتىدىغان ئىش ئەسلىدىنلا ئۇنىڭ بىردىن – بىر نەۋرىسى ھېساپلانغان ماڭا تەئەللۇق ئىدى. ئېرجى مېنى كەچۈرگىن، ۋاپاسىز نەۋرەڭ ساڭا خاتىرجەملىك تىلەيدۇ.
ھەممە ياقنى تۈن قاراڭغۇلىقى قاپلىغان ئىدى. كۆكتە ئېسىلىپ تۇرغان ئورغاق ئاي، شۇ مىنۇتلاردا تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى. مەن ئىگەرنىڭ چىۋلىڭىنى چىڭىتىپ، ئۇنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ چىقتىم. ئاتقا مىنىشنىڭ ئالدىدا، ئۈنسىز ھالدا بىر تىزىم بىلەن تىزلىنىپ بىر تال ياۋا چۆپنىڭ يوپۇرمىقىنى ئۈزۈپ مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان بېرگىن يايلىقى بىلەن خوشلاشتىم.مومام ۋاپات بولۇپ كەتكەن، سۇمىيەمۇ يىراقلارغا ياتلىق بولۇپ كەتكەن،  مېنى بۇ يايلاق بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان قان تومۇرمۇ ئۈزۈلگەن ئىدى.
لىككىدە ئاتقا مىندىم. گانگا قارا تۇيۇقسىز ئالدى ئىككى پۇتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ بوشلۇقتا يېرىم ئايلاندى، ئاندىن كەينىگە داجىپ تۇرۇپ ئالدىغا قاراپ ئېتىلدى. ئالدىمدا بەييىن ۋۇلا تاغلىرىنىڭ غۇۋا كۆلەڭگىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
ئېھ، بەييىن ۋۇلا، سۇمىيە ياتلىق بولغان جاي! گانگا قارا بېرىپ سېنى كۆرۈپ كېلىشنى قارار قىلدى. مەن يەنە بىر قېتىم كېچىككەن ئۆكۈنگۈچى بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن.بەلكىم، مېنىڭ سانارىم تۇرمۇشنىڭ دىشۋارچىلىقىدا نامىمنى زىكىر قىلىپ تۇرىۋاتقاندۇر، مېنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قولۇمنى سۇنۇشنى كۈتىۋاتقاندۇر......
سۇمىيە ساڭا قاراپ كېتىۋاتىمەن. قارا ئارغىماق غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان بەييىن ۋۇلا تاغلىرىغا قاراپ ئوقتەك ئۇچماقتا، تىمتاس كېچە ھاياجانغا تولماقتا ئىدى.

قارا تايغا مەن ئىسىمنى «قارا ئارغىماق» دەپ قويغاندىن كېيىن چارۋىچىلىق ئەترىتىدىكى چوڭ ـ كىچىك ھەممەيلەن ئۇنى شۇنداق دەپ ئاتاشقا ئادەتلەندى. لېكىن مەن سۇمىيەگە ئوخشاش كۈندە «قارا ئارغىماق»دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ يۈرمەيتتىم.ماڭا ئۇ ناخشا غەلىتىلا تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇ چاغلاردا مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشام «ئالاجور» دىگەن ئاددى، تېز ئودارلىق ئاتنى كۈيلەيدىغان بىر ناخشا ئىدى. ئۇنىڭدا كارمەت بىر ئاتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى تۈرلۈك مۆجىزىلىرى ھەققىدىكى ۋەقەلەر سۆزلىنىپ، ئۇنىڭ «دالاي لاما ئات بەيگىسى»دە ئۇدا يەتمىش ئۈچ قېتىم  بىرىنچى بولغانلىقى بىلەن تۈگەللىنەتتى. قارا قۇلۇن دۇنياغا كەلگەن ئەشۇ خۇرسەنلىك باھاردىن باشلاپ، مەن بىر يىل دىگۈدەك : «ئىگەر ئارتىلدى، بىر ياشلىق تايغا» دىگەننى غىڭشىپ ئېيتىپ يۈردۈم. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ بېشى بېشى كىچىكلەپ قۇيرۇقلىرى يېتىلىشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ تېزەرەك چوڭ بولۇشىغا تەققەزا ئىدىم. كومۇنادىكى مىڭلىغان ئاتلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى تىلەيتتىم. ئۇ چاغلاردا ئىچىم تىتىلداپ تۇرۇپ: «ئوخشار يانىڭ ئوقىغا، ئىككى ياشلىق مېنىڭ تايچىقىم» دەپ ئۇنىڭغا قاراپ ناخشا ئېيتىپ كېتەتتىم. بەزى كۈنلىرى سەھەردە مومام ياكى سۇمىيە مېنى تۈرتۈپ ئويغىتاتتى، مەن چۈشكۈرگەنچە كۆزلىرىمنى ئۇگىلاپ ئورنۇمدىن تۇراتتىم. ھەتتا سۈت چاي ئالدىمغا قويۇلغاندىمۇ ئۇيقىدىن تولۇق ئويغىنىپ بولالمايتتىم، شۇنداق چاغلاردا بىر نەرسە دىمەكچى بولساملا، ئېغىزىمدىن : «ئوخشار يانىڭ ئوقىغا... ئىككى ياشلىق مېنىڭ تايچىقىم!» دىگەن گەپلا چىقاتتى.بۇنىڭ بىلەن مومام كۈلۈپ كېتەتتى. سۇمىيەمۇ خىرىلداپ كۈلەتتى.
ئۈچۈنچى يىلى باھاردا مومام قازناقتىن كونىراپ كەتكەن بىر ئىگەرنى تېپىپ چىقىپ، خوشنىلارغا رېمىنۇت قىلىشقا بەردى. ئۇ سۇمىيەنىڭ دادىسىدىن قالغان ئىگەر بولۇپ، سۇمىيەنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىزچىل ئىشلىتىلمىگەن ئىگەر ئىدى. ھازىر گانگا قارا غونان ئات بولۇپ قالغاچقا ئىگەر ئىشلىتىدىغان چاغمۇ كېلىپ قالغان ئىدى. پات يېقىندا ئۇ كۆندۈرىلەتتى. بايىن باۋرگېنمۇ ئونبەش ياشتىن ئېشىپ، يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى.
ئونبەش ياش يىگىتلىك بىلەن بالىلىقنىڭ چېگىرىسى. بالدۇر يېتىلىدىغان يايلاق بالىلىرىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. ئۇ چاغدا مەن ئۆزلۈكىمدىن چارۋىچىلىق ماشىنىسازلىقى بىلەن مال دوختۇرلۇقنى ئۈگىنىۋاتاتتىم، سۇمىيەمۇ خوشنىلارنىڭ قويلىرىغا قاراۋاتاتتى. مەن «ئالاجور»نىمۇ ئېيتمايدىغان، كەمسۆز، ئويلىنىشقا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم. داداممۇ مېنى يوقلاپ كەلگەن چاغلىرىدا سۈرىنى كۆرسەتمەيدىغان بولغان ئىدى. مەن دائىم دىگۈدەك خەت بىلەن رەسىم كىرىشتۈرۈلگەن «چارۋىچىلىقنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك» دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ يۈرگەن ياكى بولمىسا يالاڭغاچ ھالدا قوتاندىكى قىغلارنى ئادالاۋاتقان ھالدا بولاتتىم ـ قېتىۋاتقان مۇسكۇللىرىمدىن تەرلەر قۇيۇلۇپ تۇراتتى. داداممۇ: «بايىن باۋرگېن چوڭ بوپتۇ» دىگەننى كوڭلىدىن ئۆتكۈزەتتى.
ئۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، باھارنىڭ ياخشى كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مەن بەلبېغىمنى چىڭ باغلاپ، سىرتقا چىقىپ گانگا قارانىڭ پۇتىدىكى چۈشەكنى يەشتىم.



ئىلاۋە: بۇ پوۋېست مۇشۇنچىلىكلا تەرجىمە قىلىنىپ تاماملانمىغان، داۋامى يوق. تورداشلارنىڭ جاڭ چېڭجى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ بېقىشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن بۇ پارچىلارنى يوللاپ قويدۇم.  



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 00:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپپاقىنە ئايدىڭ كېچىدە

ئابباس كىرۇستەمى (ئىران)


بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان يۈز ئەسكەر
گازارمىغا قايتتى تەرەپپال
توپىلاڭنىڭ چۈشىنى كۆرەرگە.

نورۇز گۈلى سانسىزدۇر، سانسىز
تېنەپ يۈرەر ھەسەل ھەرىسى.
ئىلاھىم،
دېڭىز تاشپاقىسى ھەرگىز كۆرەلمەس
كۆكتە قۇشنىڭ شوخ پەرۋازىنى...

كېچە...
ئاقار يۇلتۇز
تىلغاپ ئۆتەر كۆلنىڭ باغرىنى.
قىززىق تۆمۈر
سۇ يۈزىنى كۆيدۈرگەن كەبى...

تۈنگە ئوخشاش قارىدۇر دېڭىز،
ساھىللارمۇ ھەمدە قاپقارا.
قۇياشنىمۇ ۋە ياكى ئاينى
قايسىسىنى كۈتەيكىن يالغۇز دالىدا.

قالدى توختاپ ئۇشبۇ دەمدە
ئەمانىڭ بېغىشىدىكى سائەت!

يامغۇرلۇق كېچىدە
تەنھا چىراق پىلدىرلاپ تۇرار.
ئېھ، مەشۇقنىڭ زارىقىشلىرى
تۈن قوينىدا مىسكىن ئاھ ئۇرار.

يېقىلغاندا تۈن چىراقلىرى
بېلىق قۇيرۇقىنى ئويناتقىنىچە
جەھلى بىلەن سەكرەيدۇ توردىن
ھەم ساھىلدا ياتىدۇ ئوڭچە

ئىككىلەنگەنچە تۇرىدۇ ئايمۇ
ئاڭا باققان بىزلەرگە قاراپ.
دەرگۇماندا قىلىدۇ قىياس،
مىڭ يىل ئاۋالقى كىشىلەر
كەتكەنمىدۇ دەپ زىمىندىن تاراپ.

ئېزىتقۇغا ئەگەشكىنىمچە
سۇ بويىغا كەلدىم بۇ مەھەل.
لېكىن
ئۇسسۇزلۇقنى سەزمىدىم قىلچە.

ئۇنتۇپ كەتكىن
گۇناھىمنى ئۇنتۇپ كەت تامام
لېكىن، ئۈگەتمىگىن ئۆزۈمنى يەنە
بىر يولىلا ئۇنتۇشقا ھامان...



月光皎洁的夜啊



阿巴斯·基阿鲁斯达米 (伊朗(



  一百兵士从命

  早早回了营房

  做叛乱的梦

  樱花千万朵

  蜜蜂啊

  拿不定主意

  我主仁慈

  海龟没看见

  小鸟飞得轻

  

  暗夜

  彗星

  刺中池塘心

  似热铁入水

  咝咝

  

  海一片漆黑

  岸也漆黑

  我该等太阳

  还是月亮?

  

  盲人

  腕上的表

  停了

  

  暴雨夜

  孤灯明

  情人的期许

  落空

    

  入夜

  小鱼摆尾

  跃出渔夫的罗网

  落上岸

  

  明月目中犹疑

  今天看她的人

  是否

  还是千年前那些?

  

  追随海市蜃楼

  来到水畔

  我却全然不渴

   

  宽恕我的罪

  忘掉罢

  但别教我自己

  也全忘记



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  447
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 518
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 17:38:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بارىكاللا،قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن،نۇرغۇن  ئەجىر قىپسىز،

ئەسسالام دوستلار،سىلەرگە يەنە بىر سوۋغا كەتتى.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 19:49:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                              مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايىلەر دۇنياسى

                                              ﺧﻪن زﯨﻴﯘڭ

                                     ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

   ﻣﻪن ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ دەۋر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﻪت ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘپ ﺗﯘرۇپ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻣﻪن. ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﻪزى ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﺎﻗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪۇم. ﺑﯘ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ، ﻳﺎت ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﺳﯚزﻟﻪپ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﺋﯘ ﻛﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎن ﻳﻪردﯨﻦ ﺳﺎددە ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮى ﺑﻪدﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. راﺳﺖ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ دەۋر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ، ﻣﻪن ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن «ﺋﯚﺳﯜپ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﻰ» ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻘﯩﻤﻤﯘ ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﻘﯩﻢ ﻳﻮق. ﺷﯘﯕﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﮬﯚﻛﯜم ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﻤﻪن. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﻧﻪرﺳﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ: ﻣﻪن ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪﻛﺘﯩﻤﻪن.

  ﻣﻪن ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﯔ «ﺳﺎراڭ»، «ﺋﺎﻳﺨﺎن»، «چا ﺧﻮراز»، «ﺑﯘرۇت ﻣﺎﺟﺮاﺳﻰ» ۋە «ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮلار ﻗﺎۋﯨﻘﯩﺪا» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﺑﯘلار ﺑﺎﺷﻘﺎ - ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﺎﻧلار ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ «ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 1989 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1991 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ۋە ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ۋاﻗﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﺮەك ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ دەۋر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﺎﺗﯩﮕﻮرﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮬﯧﻜﺎﻳﯩلارﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮاﺗﯩﻢ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪش داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﻪڭ، ﮬﯧﻜﺎﻳﯩلاردﯨﻜﻰ ﺗﯜرﻟﯜك ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎژ ۋە ۋەﻗﻪﻟﯩﻜﻠﻪردە «ﺗﯚۋەن ﻗﺎﺗلام ﺗﯘرﻣﯘش ﺗﯜﺳﻰ» ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﻳﯘق، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﯜرﻟﯜك ﺑﯘﻟﯘڭ - ﭘﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪن ﺋﺎددى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﯘ ﺋﺎددى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎﭘﺘﻮر ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﺎ ﺋﯘلارﻏﺎ ﭼﻮڭ - ﭼﻮڭ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ۋەﻗﻪﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﺘﯘرﻣﯩﻐﺎن ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯘلارﻏﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘل ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻣﯘدﮬﯩﺶ دوﻟﻘﯘﻧلارﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘپ ﻗﺎلالاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﯘدرەﺗﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن. ﺋﯘلار ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜرﯨﺪۇ. ﺋﯘلاردا ﺷﯘ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯚﺳﯜپ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلاردﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎرزۇ - ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻤﯘ ﻳﻮق. ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن «روﮬﯩﻲ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪك»ﻟﻪرﭼﻪ زﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻤﯘ ﻳﻮق. ﺋﯘلار ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺧﯘددى «ﮔﯧﻦ»ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﺷﺎش ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺪۇ ۋە راۋاﺟلاﻧﺪۇرﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚرﯨﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯘ ﺋﺎددى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻛﻮﻧﺎ، ﺧﯩﺮە دۇﻛﺎﻧلاردا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻛﯜﻟﻜﻪ - ﭼﺎﻗﭽﺎﻗلار ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎراق ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﺪۇ، دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﻪ - ﻧﻪﻟﯩﺮى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﭘﺎراڭ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﺪۇ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻧﻪﻏﻤﻪ - ﻧﺎۋاﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﻮزۇر ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﻛﻮﭼﯩلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﻤﻠﻪرﮔﯩﺪۇر ﺳﺎلام ﺑﻪرﮔﻪچ ﺋﯘﺷﺸﺎق ﺳﯧﺘﯩﻘﭽﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯧﻠﯩﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪۇ. ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﯧﺸﻪك ﮬﺎرۋﯨﺴﯩﺪا ﺋﯜﮔﯩﺪەپ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺑﺎزﻏﯩﭗ ﺗﯘرﻏﻨﺎ ﺧﻮرازﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺴﯩﺪۇر ﺑﯩﺮ ﺑﺎزارﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻳﯩﺮاق ۋە ﺧﯩﻠﯟەت ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﮬﻪم «ﺋﺎﻳﺨﺎن» ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﺎراڭ ﺋﺎﻳﺎل  ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﭘﺎراڭ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﺪۇ.

ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﻪﺳﻪر ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟلاش ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﻳﯧﯖﻰ دەۋر ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﺳﻪر ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺶ، ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﻠﯩﺶ، ﭘﺎرﺗلاش ۋە زەﺋﯩﭙﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈۋالالاﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪا ﺑﻪزى ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﻪپ ﺋﺎﻟﺪى. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘلار ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺗﻮلا ﺋﯚرۈپ - ﭼﯚرۈپ ﺋﻪﺑﺠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟەﺗﻜﻪن. ﺋﺎلاﻳﻠﻰ: ﺟﺎڭ زﯨﻠﯘﯕﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﺋﯩﺴلاﮬﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلار ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺪى. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻳﻮل ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜردى. ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪ - ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪپ ﻳﯜرﮔﯜﭼﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚز ﺑﻮﻳﺎپ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ رەت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﻗﻠﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﻛﯚپ ﮬﺎﻟلاردا «ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ»ﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك. ﺋﺎلاﻳﻠﻰ: ﺋﺎﭼﯧﯖﻨﯩﯔ «ﺋﯜچ ﭘﺎدﯨﺸﺎھ»، ﺟﻮﻣﯧﯖﺴﯩﻨﻨﯩﯔ «ۋەﻗﻪ»، ﺟﺎڭ ﭼﯧﯖﺠﯩﻨﻨﯩﯔ «ﻏﻪرﺑﺘﯩﻜﻰ ﻳﻪر»، ﻣﻮﻳﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎڭ ﺟﯧﯖﮕﯘاﯕﻨﯩﯔ «ﺑﺎﻧﺪﯨﺖ» ۋە ﺳﯘﺗﯘﯕﻨﯩﯔ «ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﭼﺎﺗﻤﯩﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر.

   ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﯩﭗ قالمىغانلىقىدا: ﺋﯘ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﺗﯜردە «ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ»ﻧﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪپ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯘددى ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ «ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ»ﻗﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﮔﯩﻨﯩﮕﻪ، ﺧﯘددى ﻧﻮرﻣﺎل ﺑﯩﺮ ﺳﺎلاﮬﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘدﻟﯘﻗﻰ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭙلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﻣﯘﮬﯩﺖ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﯩﺪا ﺋﯧﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﺎدەت - ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﻮرﺗﺎق ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪۇر. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘر ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﮬﺎزﯨﺮلاﻧﻐﺎن ۋەﻗﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﺴﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن »ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻣﯧﯟە« ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﺎپ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ، ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﻮﭼﯘق - ﻳﯧﺮﯨﻘلارﻧﻰ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻖ ۋە ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚرۈش ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ۋەﻗﻪﻟﯩﻚ، ﺑﯘلار ﺧﯘددى ﺑﯧﺸﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﻧﻮرﻣﺎل ۋە ﺳﺎﻏلام، ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻤﯘ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪل ﺟﺎۋاب ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘق ﻛﻪﻣﺘﯜك ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯜك ﺋﻪﺳﻪردە ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﻳﺎﻧﻐﺎ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ۋە ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺗﯜﺳﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﺘﯘرﯨﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺗﻮﻟﯘﻗلاپ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮔﻪپ ﺳﯧﺘﯩﺸﯩﺪەك ﺋﯘﻧﺪاق داﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﺋﻮرۇن ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﻮل ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﯩﺮى، ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮ، ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪر ﺑﺎر. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻳﯜﮔﯜرﺗﯩﻠﮕﻪن ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﻰ ﻳﯧﺸﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ ﺋﻪﺳﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻞ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷلاپ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﮔﻮﻳﺎ ﮬﻮﻳلا ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎراﻣﻪت ﻧﻪﻗﯩﺸﻨﻰ ﺳﯜرەﺗﻠﻪپ ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪەك ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺋﯘ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ راﻣﻜﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚرﮔﻪزﻣﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ «ﺋﯚزﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن» ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ، «ﮬﺎدﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ» - ﺟﺎراﯕﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺷﻮﺋﺎر. ﻣﺎﮬﯩﻴﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﮬﺎدﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪا ﻛﯚﭘﺮەك ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪرﻣﻪﻧﻠﯩﻚ ۋە ۋەزﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘرﻣﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﮬﺎدﯨﺴﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪردﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻮﭼﯘﻗﺘﯩﻦ - ﺋﻮﭼﯘق ﺗﯘرﻏﺎن ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺋﻪﻣﻪس.

ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘﻧﺪاق دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﯘرﻣﯘش ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺗﺎﻟلاش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻣﺎﻳلا ﺑﺎراۋەر ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻤﯘ؟ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻧﺪاق دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﺘﻘﺎ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ، ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﯘﻧﺪاق ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس. ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﺮاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎق، ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘرۇن ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎرا ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﺎر. ﺗﯩﻞ ﻣﻪۋﺟﯘدﯨﻴﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا، ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻧﯩﺸﺎﻧﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ، ﻣﻪۋﺟﯘدﯨﻴﻪت ﮬﻪم ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ، ﺗﯩﻞ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻜﻰ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯘر. ﺋﯘلار ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪرق ﭘﻪﻗﻪﺗلا: ﺳﯩﺰ ﻳﺎ ﻣﯘددﯨﺌﺎﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯩﺴﯩﺰ، ﻳﺎ ﮬﺎدﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺳﯚزﻟﯩﺘﯩﺴﯩﺰ. ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘر ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن. ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﮬﺎدﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﯩﻐﺎن (ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎدا ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪت دﯦﮕﻪن ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن ﺋﯧﺸﯩﭗ - ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ). ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪت ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺳﯚزﻟﻪش ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎزادە ﺳﯚزﻟﻪش ﺳﻮرۇﻧﻰ ﮬﺎزﯨﺮلاپ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘپ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﮬﻮﻗﯘﻗﻘﯩلا ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن.

«ﺳﺎراڭ» ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯩﺴﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﭼﯩﺮﻣﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪر ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ۋەﻗﻪﻟﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﺳﻮزۇﻟﯩﺪۇ. ﺗﯩﻞ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ﮬﻪم راۋاﺟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا ﺳﺎراڭ ﻛﯩﻤﺪۇ؟ دﯦﮕﻪن ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ - ﻳﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺳﻪردﯨﻦ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. «ﺑﯘرۇت - ﻣﺎﺟﺮاﺳﻰ»ﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪاق. ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﻮق ﺋﯩﺸلار ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﭼﻮڭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎن ﻳﻪردﯨﻦ ﺑﯘرۇت ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﮬﻪزﯨﻠﺪەك ﺗﯘرﺳﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪل ﭼﺎﻏلاﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﺎزاردﯨﻜﻰ ﺑﯘرۇﺗﻠﯘﻗلارﻧﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤلاۋاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯘۋاﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺑﯘرۇت ﭼﺎﭘﻠﯩﯟاﻟﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر داﺋﯩﻢ ﺗﯜرﻟﯜك راﻣﻜﯩلارﻧﻰ ﺑﯘزۇش ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺷﻐﯘل ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرۇپ، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺳﻪزﻣﯩﮕﻪن ﮬﺎﻟﺪا ﻳﯧﯖﻰ راﻣﻜﯩلارﻧﻰ ﻳﺎﺳﯩﯟاﻟﯩﺪۇ.. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرزۇﺳﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﻳﻤﻪن دەپ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. «ﺳﺎراڭ» ﺑﯩﻠﻪن «ﺑﯘرۇت ﻣﺎﺟﺮاﺳﻰ» ﻗﻮﺷﻤﺎق ﮬﯧﻜﺎﻳﯩلار ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﻪر ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨلا ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﻣﻪۋﮬﯘم ﺋﺎﭘﺘﻮردﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﭽﻰ ۋە ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺧﺎدﯨﻤلار ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎر. ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪرﺗﯩﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﺋﺎرﯨﺴﺎﻟﺪا ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯜرﯨﺸﯩﺪۇ. ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ۋەﻗﻪﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯜزۈﻟﯜپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ۋە ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﯩﺰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﻳﻪردە ﺑﻮﻟﻤﺎڭ، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏلاپ، ﺋﻮﻗﯘش ﺋﺎرزۇﻳﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺧﯘددى ﺷﯩﻨﺎدەك ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪۇ.

«ﺋﺎﻳﺨﺎن» ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﺪا ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮔﻪۋدﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻧﯘش ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﯩﺪەك ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪۋﺟﯘد ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﻪزى ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪن ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﮔﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎﭘﺘﻮر ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا ﺗﯘرﻣﯘش ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪۇ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻣﻪﻟﯘم ﻣﻪﻗﺴﻪت ﺋﯜﭼﯜن ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨلا ﺷﯘﻧﺪاق ﻧﻪرﺳﻪ. ﻗﻪﺳﺘﻪن ﻳﻮﺷﯘرۇپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، زاﻣﺎن ۋە ﻣﺎﻛﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺧﻮرﯨﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻗﺎﻟﺪۇﻗلاردۇر. ﺷﯘﯕﺎ، ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘق ﺗﻮﻟﯘﻗلاﺷﻜﻰ، ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﭘﻪرەز ۋە ﺋﯧﻨﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺳﺎراڭ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ۋە ﺗﻪﺧﻤﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮق. ﺋﺎﻳﺨﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﻢ ﻣﻮزدۇزﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺳﯩﻐﺪۇراﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﺷﯘﻧﺪاق. ﻗﺎۋۇﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜش ﺳﻪۋەﺑﯩﻤﯘ ﺋﻪﺷﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈش ﮬﺎﺟﻪت ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن داﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠلاردا ﻛﯚپ ﺋﯘﭼﺮاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺋﯩﺪى. «ﺋﺎﻳﺨﺎن» ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﺪا ﺳﺎز ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت زور ﺋﯩﻨﻘﯩلاﺑﻰ» ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﻤﯩﮕﻪن. «ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت زور ﺋﯩﻨﻘﯩلاﺑﻰ» ﺑﯘ ﻳﻪردە، ﺑﯩﺮدە ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ، ﺑﯩﺮدە ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎرﯨﺦ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە روﺷﻪن ﺋﺎرﻗﺎ ﻛﯚرۈﻧﯜش ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﺎﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻤﯘ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ﺋﺎﺧﯩﺮ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ۋەﻗﻪﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﻰ ۋۇﺟﯘدﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟاﻟﻐﺎن ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ زﯨﭻ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎن: «ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت زور ﺋﯩﻨﻘﯩلاﺑﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚز ﺑﻮﻟﺴﯩلا، (ﺳﺎز ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ) دﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﺨﺎن ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮەر ﮔﯘرۇﮬﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن (زﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪن ﻣﻪﻳﺪان)ﻟﯩﺮﯨﺪا، (ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘق) ﻧﯘﺗﯘﻗلارﻧﻰ ﺳﯚزﻟﯩﮕﻪن ﻛﺎﺗﺘﯩﯟاﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘرۇش - ﭼﯧﻘﯩﺸﺘﺎ (ﺷﯚﮬﺮەت) ﻗﺎزاﻧﻐﺎن ﻧﻮﭼﯩلاردﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى. ﺋﺎﻳﺨﺎن ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰا ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎلاﯕﺌﺎﻳﺎق ﻛﯧﭽﯩﭗ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯘ - ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎل ﺋﯩﺪى.» ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﺎھ ﻛﯚرۈﻧﯜپ، ﮔﺎھ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ. ﺋﯘ «ﻛﯜرەش»ﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﻟﻪﻳﻠﻪپ، ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرﯨﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺳﺎراڭ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن رﯦﺌﺎل ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﻮق. ﺳﺎراڭ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ رﯦﺌﺎل ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎلاﻗﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯜزۈۋﯦﺘﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ. دادﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ، ﺧﯘددى ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎن ﻣﺎﺗﻮر ﻧﻪدﯨﻨﺪۇر ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮﻗﯘﻟﯘپ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪەك، ﺋﺎﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﯧﺴﺴﯩﻲ ﺋﯩﻘﯩﺘﺪارﯨﻨﻰ دەرﮬﺎل ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﺟﯩﻢ - ﺟﯩﺖ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ ﺳﯧﻠﯩﻢ ﻣﻮزدۇز ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪر - ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻛﯜﺗﻠﯜك ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﭘﻪﻗﻪت ﻗﺎۋۇل ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨلا ﺋﺎﻳﺨﺎن ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪۈرۈﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪس - ﮬﻮﺷﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷلاﻳﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪر ﺋﯘزاﻗﻘﺎ ﺑﺎرﻣﺎﻳﺪۇ. ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚرﯨﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺋﻪڭ ﮔﯜزەل، ﺋﻪڭ ﻧﺎزۇك روھ رەزﯨﻠﻠﯩﻚ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨلا ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﻨﯩﯔ رەزﯨﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ. ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﺎز ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە »ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت زور ﺋﯩﻨﻘﯩلاﺑﻰ« ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚز ﺑﻮﻟﺴﯩلا، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﺟﻪرﻳﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺳﺎراڭ ﺋﺎﻳﺎل ﺋﺎﻳﺨﺎﻧﺪۇر. ﺳﯧﻠﯩﻢ ﻣﻮزدۇزﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺨﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﺗﺎق ۋە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ. ﻗﺎۋۇل ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﺨﺎن ﺑﯘﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﻗﺎۋۇﻟﻨﯩﯔ ﮬﺎلاك ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﺨﺎن ﺧﯘددى ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﺪى.

ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘر ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ. ﺋﯘ، ﭼﯩﮕﯩﺶ ﮬﻪم ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﻪر ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﺷﯘرۇن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﺎلاﻟﯩﻐﺎن. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪر ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜك ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪە ﻣﻪۋﺟﯘد ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩلا ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻣﻪزﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن. ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈش ۋە ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘزﻣﺎي، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗلاپ ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﭘﻪﻗﻪت ﺗﯩﻞ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﮔﻪﻧﺪﯨلا، ﺧﯘددى، ﻣﺎﮬﺎرﯨﺘﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن دوﺧﺘﯘر ﻛﯧﻜﻪﭼﻨﻰ داۋالاپ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺳﯚزﻟﯩﺘﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﺪەك ﺋﻪﮬﯟال ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ «ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎددە رەﯕﺪارﻟﯩﻖ» ﺑﺎر. ﺋﻪﮔﻪردە ﺋﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﺪە ﺷﯜﺑﮫ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻪر دەپ ﻗﺎرﯨﯟﯦﺪۇق ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟال، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﻪﺳﻪر ﺋﻮﻗﯘش ﺋﺎدﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎن ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎس ﻛﯧﺴﻪل. ﺑﯩﺰ ﭘﻪرداز ۋە ﺋﺎدالاش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ۋۇﺟﯘدﻗﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺑﻪك ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ. ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ۋەﻗﻪﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەب - ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ، ﺑﺎش ۋە ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪەك ﻗﯧﻠﯩﭙﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ - ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﺳﻪر ﺋﻮﻗﯘش ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎددە ﻣﻮل ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯘددى ﻣﯘﻧﺒﻪرﮔﻪ ﻛﯚﻧﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎدەم ﺋﺎزادە ﮬﻪم ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺳﯚزﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪي ﻗﺎراپ ﺗﯘرﻏﺎﻧﺪەك، ﺳﯚزﻟﻪش ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘرﻏﺎﻧﺪەك ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯚزﻟﻪش ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﺑﺎﺷﻘﯩلاردا ﺟﯩﺪدﯨﻴﻠﯩﻚ ۋە ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺋﻪﮬﯟال ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪى. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﮬﯧﻜﺎﻳﯩلارﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣلاﻧﺪۇرۇﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن »ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺳﯚزﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ«ﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﮬﯧﻜﺎﻳﯩلار «ﻣﯘﻧﺒﯩﺮى»دﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨلاﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯘ، «ﺋﺎﻳﺨﺎن» ﺋﯘﭼﺮاپ ﻗﯧﻠﯩﯟﯦﺪى، ﺗﯘﺷﻤﯘ - ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ: ﺋﺎﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎراڭ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻳﺨﺎن دادﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻮزدۇز ﮬﺎﻳﺎت ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎي، ﺋﯘلار ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ۋاﻗﯩﺘﺘﯩلا ﺳﻪﮔﻪﻛﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﻗﺎۋۇﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜش ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ؟ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻮﺋﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﻗﻮرﺷﺎۋﯨﺪا ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺷﺎﮬﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯩﺪى. ﺋﯘلاردا ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪاق ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﻲ ﺳﻮﺋﺎﻟلارﻣﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘلار «ﺋﺎﻳﺨﺎن» ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﺪا ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﯟﯦﺪى، ﺋﯘلارﻏﺎ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﺪە «ﻳﻮﭼﯘق» ﺑﺎردەك ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻟﻪﭼﻠﯩﻚ داﺋﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ «ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎددە» ﮬﻪم «ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ»ﻧﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ، ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ۋاز ﻛﻪﭼﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰ زوﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ «ﺳﺎراڭ» ۋە «ﺋﯚﻟﯜم» ﮬﺎزﯨﺮلاپ ﺑﻪرﮔﻪن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﮬﯧﺲ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﻐﺎن ﮬﻪم ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ۋە ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﺎﭘﺸﯘرﻣﯩلار ﺋﯜﭼﯜن ﻗﻪﻟﻪم ﺗﻪۋرﯨﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﻪﻟﯩﮕﻪن ﺑﻮلاﺗﺘﯩﯖﯩﺰ. ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ، ﺋﻪﺳﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪە ﮬﺎزﯨﺮلاﻧﻐﺎن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯩﻐﯩﻤﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﺳﯩﻐﯩﻤﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق داۋﻟﯩﺴﯩﺰلا ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﯩﯖﯩﺰ.

ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﯔ ﺋﯘلاپ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﺧﯧﻠﯩلا ﺋﯜﺳﺘﯜن. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﺘﻪ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﺎلاﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺗﯘرﻣﯘش ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘرۇش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﺎن ﺗﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﭗ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎدەت ۋە ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪرﻧﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ ﺑﯧﺮەﻟﯩﺸﯩﺪە ﻛﯚرۈﻟﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن «ﺑﯘرۇت ﻣﺎﺟﺮاﺳﻰ»، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: «ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮلار ﻗﺎۋﯨﻘﯩﺪا»دﯨﻜﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗلا «ﺑﻮلاي» ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮلارﻧﯩلا ﻳﺎزﯨﺪﯨﻐﺎن ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار. ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﺎﻏلاپ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻣﯘرﻟﯘق ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﺎﻏلاپ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯘﻣﯘر ﻳﯜﻛﺴﻪك دەرﯨﺠﯩﺪە ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﻪر ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎدەت ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ۋە ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎن ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪرﮔﻪن. ﺑﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ، ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ۋە ﺑﯘرۇﻟﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎن، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯘﻧﺪاق ﻳﯘﻣﯘر، ﺑﺎﻏلاپ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪم ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎر. ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘم ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻳﯘق ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘ، ﻳﯧﯖﻰ دەۋر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘم ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﺘﯩلاﻣﺪۇ، ﺑﯘﻧﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﻟﯘم ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﺎلاﻳﻠﻰ: ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪا داﺋﯩﻢ ﺑﻪزى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜر ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﻠﻪر ﺋﯘﭼﺮاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. «ﺳﺎراڭ»، «ﺑﯘرۇت ﻣﺎﺟﺮاﺳﻰ» ۋە «ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮلار ﻗﺎۋﯨﻘﯩﺪا» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩلاردﯨﻦ ﺑﯘﻧﯩﯔ روﺷﻪن دەﻟﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘلار ﺋﯚﻟﯜك ﮬﺎﻟﺪا ﻛﯚﭼﯜرۈﻟﯜپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻗﻮﻳﯘق ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر. ﮔﻪرﭼﻪ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚرۈۋاﺗﻘﯩﻨﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﻪﺳﻪر ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘق ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭘﯘراق ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻣﯩﻠلار ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪا ﻛﯩﺸﻰ دﯨﻤﯩﻘﺘﯩﻠﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪﺳﻪر راۋان (ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯘرۇﻟﻤﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ راۋاﻧﻠﯩﻖ)، دﯨﻴﺎﻟﻮﮔﻠﯩﺮى ﺗﺎﻟلاﻧﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﮔﯜزەل ﻗﯩﻴﺎﭘﻪت ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدا ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇرۇﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘر داﺋﯩﻢ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺧﯩﻴﺎﻟلارﻧﻰ ﺳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن، ﻗﯩﺰﯨﻖ ﭘﺎراﯕلارﻧﻰ ﺋﯜزۈﻟﺪۈرﻣﻪي ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن، «ﺑﺎزار»ﺋﺎرﯨلاﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق ﻛﯩﺸﻰ.

راﺳﺘﺘﯩﻨلا ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ، بۇنىسى ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘم.




مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1993-يىل 1- سانى


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش