6-نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى»(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلدى
6 -نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى»(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەندە غۇلجا مېھمانخانىسىنىڭ 5-قەۋەت يىغىن زالىدا ئېچىلدى.يىغىنغا ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاسىتلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋەتەن ئەزىز، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئوبلاستلىق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىردىن ۋاڭ لەنشىن،قاسەن، ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىردىن باقىت مۇھەممەتقان، لى يۈ قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىنغا تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ھەم پىشقەدەم ئەدىبلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت سادىق، ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، ئوبلاسىتلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، يازغۇچى جۈمەدىل مامان، پىشقەدەم يازغۇچى جالالىدىن بەھرام،ئابلىز ھوشۇر، قىيۇم سوپى،سىدىق تۇرسۇن قاتارلىق 100دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن "شىمالىي شىنجاڭ زىيارەت ئۆمىكى" مۇ بۇ مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا ئۈلگۈرۈپ غۇلجىغا كەلگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. رىياسەتچى يىغىن ئەھلىگە ۋاكالەتەن يىغىنغا قاتناشقان "شىمالىي شىنجاڭ زىيارەت ئۆمىكى" نى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى توغرىسىدا قىسقىچە ئەسلىمە ۋە مەلۇمات، "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىي مۇساپىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئۇنىڭ ئېقىنىدا تاۋلىنىپ چىققان ئۇستاز ئەدىبلەر ھەققىدە ھەم"ئىلى دەرياسى" ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. «ئىلى دەرياسى» ئەدەبىيات مۇكاپاتى 1999-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئالتە نۆۋەت تارقىتىلغان بولۇپ، مۇكاپاتنىڭ نىشانى "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى، ئۇيغۇر پىسخىكىسى گەۋدىلەنگەن، شۇنىڭدەك يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئەسەرلەرگە بېرىلىپ كەلدى. يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە ئوبلاسىتلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن قاسەن، باقىت مۇھەممەتجان قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، بۈگۈنكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئەۋزەل سىياسەتلىرى ھەم بۈگۈنكى قەلەمكەشلەرنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى غەيرەت ئاسىم، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت سادىقلار سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئىلى ئەدەبىياتى، قەلەمكەشلەر قوشۇنى، يىغىلىش، ئەنجۇمەن ھەم شۇنىڭدەك مۇكاپاتلاشنىڭ ياشلارنى يېتەكلەش، كەلگۈسى ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئېلھاملاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى. ئاندىن "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شاكىرجان ئېلاجى خىزمەت دوكلاتى بېرىپ ئۆتتى. ئۇ دوكلاتىدا "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىللە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى، مۇكاپاتلاش، رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىرقاتار پائالىيەت، يىغىنلىرىنى يىغىن ئەھلىگە بايان قىلىپ ئۆتتى. ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان دىلشات ئۆمەر قاتارلىق ئاكا-ئۇكا مەرىپەتپەرۋەر، ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلارغا تەشەككۈر بىلدۈردى. "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى، ياش شائىر ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم 6-قېتىملىق "ئىلى دەرياسى"(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرگە قىسقىچە باھا سۆزى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاندىن "ئىلى دەرياسى" (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىگە ۋاكالەتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ۋە ئاپتورلىرىنى ئېلان قىلدى.
6-نۆۋەتلىك "ئىلى دەرياسى" ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر:
1-ماخمۇت يولۋاسنىڭ "چىرايلىق چىۋىش" ناملىق ھېكايىسى 2-ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ "جۇنۇن" سەرلەۋھە ئاستىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرى. 3-"ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى خالمۇرات قىيۇمبەگنىڭ كۆپ يىللىق ئەجرى شۇنداقلا ژورنال مۇقاۋىسىغا ئىشلىتىۋاتقان بەدىئىي سۈرەتلىرى بۇ قېتىملىق "ئىلى دەرياسى"(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
مۇكاپات تارقىتىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى سۈپىتىدە شائىر ئەدىھەم ئىبراھىم سۆز قىلدى. ئۇ بايانىدا ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات ئىجادىيىتىگە كىرىپ كېلىش جەريانى، ئۇ ئاتا قىلغان مۇھەببەت، شۇنىڭدەك ئەدەبىيات كوچىسىدا يۈرۈپ ئېرىشكەن ھەم يوقاتقانلىرى ھەققىدە سۆزلىدى. بۇ قېتىمقى شەرەپكە مۇيەسسەر قىلغان "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىغا ۋە بۇ مۇكاپات ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنبەردىن چۈشتى. يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچدە داۋاملاشتى. يىغىندا يەنە "شىمالىي شىنجاڭ زىيارەت ئۆمىكى" تەركىۋىدە كەلگەن مېھمانلاردىن "يېڭى قاش تېشى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەت، "كىروران" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورانلار ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. تۇرسۇنجان مۇھەممەت يۇرتقا بارغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى ئىلىم سۆيەر كارخانىچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ مۇكاپات تەسىس قىلماقچى بولغانلىقىنى چاقچاق يوسۇنىدا بىلدۈردى. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات ھەققىدە، ئىلى ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە خارەكتىرلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلارنى قىزىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ياشلاردىن كۈتىۋاتقان ئۈمۈدىنى، ئۇلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر، شۇنىڭدەك ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قويۇلىدىغان تەلەپلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى دىلشات غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللە ساياھەت بېغىدا سالغان چۈشلۈك زىياپەتكە داخىل بولدى.
|