ximal
ئىگىسى: zeperi

6-نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى»(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  269
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 309
تۆھپە : 1
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 17:49:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات كۈلۈمسىرىمەكتە



‹‹ئىلى دەرياسى‹چولپان›ئەدەبىيات مۇكاپاتى››نى تارقىتىش يىغىنىدا ئوقۇلغان سۆز)



ئەدىھەم ئىبراھىم



مەن ئىلىدىكى مېھرى ئىسسىق قەدىمى يۇررت قاينۇقتا تۇغۇلۇپ،ئۆسۈپ يېتىلدىم.ئۇ ماڭا كۈچ ۋە ئەقىل بەردى.قاينۇق ئىلىدىكى تارانچىلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان گۈزەل ۋە قەدىمى يۇرت.شاھ مەشرەپ‹قاينۇق›ئەتراپىدىكى يۇرتلاردا تۆگە باققان دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.شۇنداق قاينۇق شاھ مەشرەپتەك ئەۋىليالىق مۇقامىغا يەتكەن شائىرلارنىڭ ئىزى قالغان تىلسىم يۇرت.

مەن شىۋاق ھىدى گۈپۈلدەپ ئۇرۇپ تۇرىدىغان،قويۇق سەھرا پۇرىقىغا دۈملەنگەن موشۇ  قەدىمى يۇرتنىڭ شاماللىرى بىلەن چېلىشىپ،توپا-تاشلىرى بىلەن سىردىشىپ،چەشمە بۇلاقلىرىدىن ئابى كەۋسەر ئىمىپ،يۈكسەكلىكلەرگە ئىنتىلگەن ئىدىم.

     قەدىمى مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىغا كۆمۈلگەن موشۇ سىرلىق يۇرت ماڭا شىلدىرلاپ تۇرغان بولاق سۇلىرى كەبى تۈگىمەس ئىلھام چەشمىلىرىنى ۋە گۈزەل شېئىرى تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغان ئىدى. ئېسىمنى بىلسەم شېئىر-قوشاق يېزىش ئائىلىمىزنىڭ ئۇدۇمىدا بار ئىش ئىكەن.بالىلىق چاغلىرىمىزدا دادام ‹‹مىڭ بىر كېچە››دىگەندەك توم-توم كىتاپلارنى ئوقۇپ بەرسە، ھەدەم ۋە ئاكاممۇ شېئىر-قوشاق يېزىپ ئەتراپىدىكىلەرنى كۈلدۈرۈپ،زوقلاندۇرۇپ يۈرەتتىكەن.ماڭا شېئىر ھەۋىسى ئاشۇلاردىن چاپلاشقان ئىدى. يېزامنىڭ گۈزەل قىياپىتى تەسۋىرلەنگەن ‹‹يېشىللىق››ناملىق شېئىرىم1990-يىلى ‹‹ئىلى گېزىتى››دە ئېلان قېلىنىپ مېنى ئەدەبىياتنىڭ سىرلىق قويىنىغا باشلاپ كىرگەن ئىدى.شۇنىڭدىن بېرى بۇ كېچىكتە بىردە ئۆرلەپ،بىردە پەسلەپ ئېقىۋاتقىنىمغا توپ-توغرا22يىل بوپتۇ،مەن 42باھارىمنىڭ بۇ 22يىلىدا خوشاللىق ۋە قايغۇلىرىمنى ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى بولغان ئەدەبىياتتىن ئىزدەپتىمەن ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۇرىپتىمەن.شئېر ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمنىڭ تومۇر-تومۇرلىرىغا سىڭىپ كىرىپ كەلگۈسىنىڭ يورۇق ساھىللىرىغا ۋە غايىۋى يۈكسەكلىكلەرگە ئىنتىلىپتىمەن.بۇ جەرياندا 300پارچىغا يېقىن شېئىر ۋە10نەچچە پارچە بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرىنى ئېلان قىپتىمەن،‹‹لاي قونچاق›› ناملىق بالىلار شېئىرلار توپلىمىم نەشىر قىلىنىپتۇ.مانا ھاياتىمنىڭ42-دوقىلىدا ئەدەبىياتنىڭ سىرلىق ئىشىكى ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ.مەنمۇ ھاياجاندىن لەرزىگە كەلگەن ۋۇجۇدۇمنى بېسىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتىم.ئەنە ھاياجانلىق كۆزلەر ماڭا بېقىپ تۇرۇپتۇ،مەن بۇ كۆزلەرگە جاۋاپ بېرىشىم،ئۈستۈمدىكى مەسئۇليەتنى ئادا قىلىشىم كىرەك.شۇندىلا مەن بۇ كۈلۈمسىرەشلەرگە ئىللىق كۈلكەم بىلەن جاۋاپ بېرەلەيمەن.

مېنىڭ‹‹ئىلى دەرياسى››ژۇرنىلىنى ئەدەبى ئىجادىيەت بەيگە مەيدانى قىلىپ،ئۇنىڭدا ئەسەر ئېلان قىلىۋاتقىنىمغا 16 يىل بوپتۇ،بۇ جەرياندا بۇ ژۇرنالنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى كۆپ بولدى،ژۇرنال مېنى تەربىيلەپ قانات-قۇيرۇقىمنى يېتىشتۇردى.ئويلاپ باقسام ئەڭ ياخشى يازغانلىرىم موشۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپتۇ ھەم شەرەپ قۇچۇپتۇ.ئەمدى قارىسام  يازغانلىرىم يەنىلا دىيەرلىك بولماپتۇ،ئۆز-ئۈزۈمدىن ھالقىشىم ۋە ئۆزۈمنى يىڭىشىم يېتەرلىك بولماپتۇ،مانا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر مېنىڭ يېزىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ،ئەنە سەبھى قارا كۆزلەر،ئەركە شاماللار،كۆيۈك ئاپتاپ ۋە زۇمرەتتەك سۈزۈك سۈلار مېنى ئالدىرىتىپ تۇرۇپتۇ،ئەدەبىيات مەندىن سۈيلەۋاتىدۇ:‹ئۇيقۇڭنى ئاچ،ھورۇنلۇق قىلما،ئالدىڭغا قارا،ياز-توختىماي ياز...

مەن ئاخرىدا ماڭا پىكىرداش،مەسلەكداش بولغان كەسىپداش قەلەمكەش دوستلىرىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن،ئۇلاربولسىمۇ ئىلىدىكى باغرى ئاتەش ياش شائىر-يازغۇچى دوستلۇرۇم.شۇڭا بۇ يەردە ئانا ژۇرنال‹‹ئىلى دەرياسى››ژۇرنىلىغا ،‹‹چولپان››سودا سارىيىغا،جاپاكەش تەھرىر-مۇھەرىرلەرگە،كەسىپداش، قەلەمكەش دوستلىرىمغا،قەلبى بېباھا ئوقۇرمەنلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،ھەم‹‹جۈنۈن››ناملىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرىم  ئارقىلىق ئۇلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەيمەن.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  500
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 04:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەدىھەم ئىبراھىم قاتارلىق ئاپتۇرلارغا مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1800
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 9
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 18:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ماخمۇت يولۋاس ھەر قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشسە خۇددى مەن ئېرىشكەندەك خوش بولۇپ كېتىمەن... يەنىمۇ كۆپ نەتىجىلىرىڭ بىلەن مىنى خوشاللاندۇرىۋەرگىن دوستۇم! ... ئىجادىيىتىڭگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 821
تۆھپە : 6
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 10:09:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   غۇلجا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-قېتىملىق «ئىلى دەرياسى» ــ «چولپان» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنىنىڭ بىر ئاددىي ئىشتىراكچىسى سۈپىتىدە، قەلەمكەش دوستىمىز ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ مەزكۇر نۇتقىنى نەقمەيداندا ئۇنىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئاڭلىغىنىمدىن چەكسىز خۇشاللانغان ئىدىم. توردىن بۇ نۇتۇقنى كۆرۈپ يەنىمۇ ئىلھاملاندىم. ئىلى دىيارىدىكى بارلىق ئۇستاز ۋە دوست قەلەمكەشلەر بىلەن قايتا دىدارلاشقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ يەنىمۇ ياخشى چىقىشىنى، «چولپان» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئۈزۈلمەي تارقىتىلىپ تۇرۇشىنى، ئىلى دىيارىدىكى ئەدىھەم ئىبراھىم، ماخمۇت يولۋاس، خالمۇرات قېيۇمبەگكە ئوخشاش تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى دوستلارنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
  بۇ قېتىمقى «شىمال سەپىرى»دە دىدارلاشقان ۋە بىزگە دوستلۇق مېھرىنى كەڭ يېيىپ داستىخان سالغان ئىلى دىيارىدىكى بارلىق ئەزىز دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن سالام يوللايمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش