ximal
كۆرۈش: 2670|ئىنكاس: 48

6-نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى»(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1301
تۆھپە : 1
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 18:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

6-نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى»(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلدى



IMG_4261.JPG


6    -نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى»(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەندە غۇلجا مېھمانخانىسىنىڭ 5-قەۋەت يىغىن زالىدا ئېچىلدى.يىغىنغا ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاسىتلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋەتەن ئەزىز، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئوبلاستلىق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىردىن ۋاڭ لەنشىن،قاسەن، ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىردىن باقىت مۇھەممەتقان، لى يۈ قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىنغا تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ھەم پىشقەدەم ئەدىبلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا  ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت سادىق، ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، ئوبلاسىتلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، يازغۇچى جۈمەدىل مامان، پىشقەدەم يازغۇچى جالالىدىن بەھرام،ئابلىز ھوشۇر، قىيۇم سوپى،سىدىق تۇرسۇن قاتارلىق 100دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن "شىمالىي شىنجاڭ زىيارەت ئۆمىكى" مۇ بۇ مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا ئۈلگۈرۈپ غۇلجىغا كەلگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. رىياسەتچى يىغىن ئەھلىگە ۋاكالەتەن يىغىنغا قاتناشقان "شىمالىي شىنجاڭ زىيارەت ئۆمىكى" نى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى توغرىسىدا قىسقىچە ئەسلىمە ۋە مەلۇمات، "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىي مۇساپىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئۇنىڭ ئېقىنىدا تاۋلىنىپ چىققان ئۇستاز ئەدىبلەر ھەققىدە ھەم"ئىلى دەرياسى" ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

«ئىلى دەرياسى» ئەدەبىيات مۇكاپاتى 1999-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئالتە نۆۋەت تارقىتىلغان بولۇپ، مۇكاپاتنىڭ نىشانى "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى، ئۇيغۇر پىسخىكىسى گەۋدىلەنگەن، شۇنىڭدەك يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئەسەرلەرگە بېرىلىپ كەلدى.

يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە ئوبلاسىتلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن قاسەن، باقىت مۇھەممەتجان قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، بۈگۈنكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئەۋزەل سىياسەتلىرى ھەم بۈگۈنكى قەلەمكەشلەرنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى غەيرەت ئاسىم، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت سادىقلار سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئىلى ئەدەبىياتى، قەلەمكەشلەر قوشۇنى، يىغىلىش، ئەنجۇمەن ھەم شۇنىڭدەك مۇكاپاتلاشنىڭ ياشلارنى يېتەكلەش، كەلگۈسى ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئېلھاملاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى. ئاندىن "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شاكىرجان ئېلاجى خىزمەت دوكلاتى بېرىپ ئۆتتى. ئۇ دوكلاتىدا "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىللە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى، مۇكاپاتلاش، رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىرقاتار پائالىيەت، يىغىنلىرىنى يىغىن ئەھلىگە بايان قىلىپ ئۆتتى. ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان دىلشات ئۆمەر قاتارلىق ئاكا-ئۇكا مەرىپەتپەرۋەر، ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلارغا تەشەككۈر بىلدۈردى.

"ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى، ياش شائىر ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم 6-قېتىملىق "ئىلى دەرياسى"(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرگە قىسقىچە باھا سۆزى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاندىن  "ئىلى دەرياسى" (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىگە ۋاكالەتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ۋە ئاپتورلىرىنى ئېلان قىلدى.


6-نۆۋەتلىك "ئىلى دەرياسى" ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر:


1-ماخمۇت يولۋاسنىڭ "چىرايلىق چىۋىش" ناملىق ھېكايىسى

2-ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ "جۇنۇن" سەرلەۋھە ئاستىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرى.

3-"ئىلى دەرياسى" ژورنىلىنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى خالمۇرات قىيۇمبەگنىڭ كۆپ يىللىق ئەجرى شۇنداقلا ژورنال مۇقاۋىسىغا ئىشلىتىۋاتقان بەدىئىي سۈرەتلىرى بۇ قېتىملىق "ئىلى دەرياسى"(چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


مۇكاپات تارقىتىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى سۈپىتىدە شائىر ئەدىھەم ئىبراھىم سۆز قىلدى. ئۇ بايانىدا ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات ئىجادىيىتىگە كىرىپ كېلىش جەريانى، ئۇ ئاتا قىلغان مۇھەببەت، شۇنىڭدەك ئەدەبىيات كوچىسىدا يۈرۈپ ئېرىشكەن ھەم يوقاتقانلىرى ھەققىدە سۆزلىدى. بۇ قېتىمقى شەرەپكە مۇيەسسەر قىلغان "ئىلى دەرياسى" ژورنىلىغا ۋە بۇ مۇكاپات ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنبەردىن چۈشتى.

يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچدە داۋاملاشتى. يىغىندا يەنە "شىمالىي شىنجاڭ زىيارەت ئۆمىكى" تەركىۋىدە كەلگەن مېھمانلاردىن "يېڭى قاش تېشى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەت، "كىروران" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورانلار ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. تۇرسۇنجان مۇھەممەت يۇرتقا بارغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى ئىلىم سۆيەر كارخانىچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ مۇكاپات تەسىس قىلماقچى بولغانلىقىنى چاقچاق يوسۇنىدا بىلدۈردى. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات ھەققىدە، ئىلى ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە خارەكتىرلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلارنى قىزىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ياشلاردىن كۈتىۋاتقان ئۈمۈدىنى، ئۇلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر، شۇنىڭدەك ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قويۇلىدىغان تەلەپلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى دىلشات غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللە ساياھەت بېغىدا سالغان چۈشلۈك زىياپەتكە داخىل بولدى.


باھا سۆز

تاھىرجان  خالمۇرات قېيۇم بەگ كە مۇبا رەك بۇلسۇن  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 21:30:22
تاھىرجان  يامان ئەمەس  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 21:28:21
پۇرسەتكە تولغان ھاياتىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1301
تۆھپە : 1
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 18:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىغىن سۈرەتلىرىدىن:


6.jpg


IMG_4265.JPG


IMG_4274.JPG


IMG_4280.JPG


IMG_4281.JPG



پۇرسەتكە تولغان ھاياتىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2649
تۆھپە : 8
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 18:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە تېكىستنىڭ  2-قۇرى نورمال كۆرۈنمىدى.

مۇكاپاتكا ئېرىشكەن  ماخمۇت يولۋاس، ئەدھەم ئىبراھىم، خالمۇرات قەييۇمبەگكە مۇبارەك بولسۇن!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1301
تۆھپە : 1
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 18:55:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2012-7-15 18:54
مەندە تېكىستنىڭ  2-قۇرى نورمال كۆرۈنمىدى.

مۇكاپاتكا ئې ...

بۇ تېكىست مۇنبەرنىڭ تېما يوللاش كۆزنىكىگە بىۋاستە ئۇرۇلغان. نېمىشقا نورمال چىقمىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.

پۇرسەتكە تولغان ھاياتىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 752
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1601
تۆھپە : 4
توردا: 419
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 19:01:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلارغا مۇبارەك بولسۇن.

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 619
تۆھپە : 1
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 19:07:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىنىغا  ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلىمىت سادىق، ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى غەيرەت ئاسىم، ............
- ئابلىمىت سادىق : ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق  مۇئاۋىن رەئىسىدۇ ،زەپەرى ؟

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1301
تۆھپە : 1
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 19:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتالاشقىلىمۇ  قويمايسەندە ئادەمنى ماخمۇت...

پۇرسەتكە تولغان ھاياتىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 585
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 19:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   << ئىلى دەرياسى>>  ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە شاۋقۇنى، خاسلىقى بىلەن كەڭ ئاپتۇرلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ روھىيىتىنى ئويغىتىپ، مەنىۋېيىتىنى بېيىتىپ كەلدى.مەن ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىگە قۇت تېلەيمەن. مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ ئىجادىيىتى تېخىمۇ مول-ھوسۇللۇق بولغاي!.....

كەتمەك ئاسان، كەچمەك تەس!...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2649
تۆھپە : 8
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 19:18:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى غەيرەت ئاسىم،

ئۇ جەمئىيەت ئەمەس، بىرلەشمە. بىرلەشمىنىڭ تەركىبىدە يازغۇچىلار جەمئىيىتى  قاتارلىق نۇرغۇن جەمئىيەتلەر بار.
سىزنى خاتالاشقىلى قويماسلىق كېرەك.

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1301
تۆھپە : 1
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 19:32:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزىتىپ قويدۇم. بۇ خەۋەرنى شۇ كۈنىدىكى يىغىن زالىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىۋالغىنىم بويىچىلا يازغىنىم ئۈچۈن مۇكەممەل بولمىغانلىقى، خاتالىق بارلىقى ئېنىق، خاتالىق بولسا يەنە كۆرسەتكەيسىلەر. مۇشۇ باشلىقلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن گەپ ئادەمنى چارچىتىپ قويىدىكەن . مۇخبىرلارنىڭ كۈنىمۇ تەسكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

پۇرسەتكە تولغان ھاياتىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 20:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم مەخمۇت  يولۋاس بىلەن ئەدھەم ئىبرايىمنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت قەدىمىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1762
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 20:11:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-نۆۋەتلىك "ئىلى دەرياسى" ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەزىزلەرگە مۇبارەك بولسۇن!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  464
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 195
تۆھپە : 6
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 20:50:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماخمۇت يولۋاس  مۇبارەك بولسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  322
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 101
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 22:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتلانغان دوسلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئىجادىيىتىڭلار تېخىمۇ گۈللەنسۇن!

جۇشقۇن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 22:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش