ximal
كۆرۈش: 1504|ئىنكاس: 49

بىزنىڭ ئەدەبىياتتىن كۈتىدىغىنىمىز--- نۇربەگ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 528
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 10:02:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئەدەبىياتتىن كۈتىدىغىنىمىز
شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ
1
ئىنسانىي كامالەتنىڭ ئىستېتىكىدىكى تەبەسسۇمى ئىنساننىڭ تەبىئەتلىشىش بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىنسانلىشىشىدىن ئىبارەت قايتىلىنىشىنى مەنبە قىلىدۇ. سەنئەت قايتىلىنىشتىكى پەرق جۇلاسىنىڭ مەنىۋى كەرەشمىسى، ئۇنىڭ بىر بۇرجىكىدە تەبىئەت، يەنە بىر بۇرجىكىدە ئىنسان تراگېدىيەسى، مەزكىرىدە بولسا پەرەزدىن ھالقىغان يەنە مەۋجۇت.
سەنئەتكار چىن مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قەلبكە دۈملەنگەن روھنى قازغۇچىدۇر! ئۇنىڭ ھايات جەريانى ئۆزىنىڭ، ئۆزى تەۋە قەۋمنىڭ، ئۆزى تەۋە مىللەتنىڭ، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ روھى ئازابىنى قېزىش بىلەن ئۆز روھىنى ئاۋۇتقان بولىدۇ. رېئاللىق بىلەن ئەسەر بىر – بىرىگە ئايلىنىشتا، سەنئەتكارنىڭ كۆركىنى ئاشكارىلايدۇ. سەنئەتكار ئۆز ۋۇجۇدىدىكى مەنىۋى بايان سەنئەتكار تەپەككۇرىنىڭ چوڭقۇر – تېيىزلىقىنى شەرت قىلغان بولىدۇ. «ئۆز»لۈك ئېڭى ماھىيەتتە سۇبيېكتىپ ئېڭىدىن ئىبارەت.
ئەدەبىيات تارىخى ھاياتلىقنىڭ تارىخى. ئۇنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كەلگۈسى ئىنسان ئىخلاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدۇ. بىز كېرەك قىلساق، كېرەك قىلىدۇ. كېرەك قىلمىساق، پەرۋايى پەلەك! بىز كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ھەم تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەدەبىياتىمىزنىڭ بەش ئەسىرلىك پاجىئەسى سېپى ئۆزىدىن ئۆزىمىزنىڭ پاجىئەسى!
20 – ئەسىر ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز پاجىئەلەرنى قەلبىمىزگە بەخشەدە قىلىش بىلەن خاتىمىلەندى. بىز ئاساسەن دېگدەك ئېدراكتىن يىراقلىشىپ، بىر ئەسىرنى يەنىلا نادانلىقىمىزنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندۇردۇق. بۇ خىل ئېچىنىشلىق «قۇربان»لىق ئەدەبىياتىمىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالىدىمۇ؟ بىز بىر ئەسىرنى ئۆزىگە جاۋاب ئوبيېكتى قىلغان بۇ سوئالغا قارىتا، جاۋاب بېرىمەن دەپ تىپىرلاپ يۈرگىنىمىزدىن كۆرە، ئەينەك ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىمىزنى بىرلا قېتىم كۆرۈپ بېقىشىمىز كۇپايىدەك قىلىدۇ.
«ئەدەبىيات» دېگەن ئاتالغۇنى ئاڭلىشىمىز بىلەن تەڭ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغىنى شېئىرىيەت. چۈنكى، نەچچە ئىرالىق ھايات مۇساپىمىزدە، شېئىرنىڭ رىتىملىرىدا چايقىلىپ، ئىلاھىي نۇرنىڭ زەرەتلىشىدە مەستۇ – مەستەغرەق بولۇش بىلەن بىرگە مەۋجۇد نۇرغا ئۆزىمىزنىڭ ئىستېتىكىلىق قارىشىمىزنى سىڭدۈرۈپ، سەنئەت خاسلىقىنى ياراتقانىدۇق. ئەمما، كېيىنكى ئەمەلىيىتىمىزگە قارىتا ھەر كىم ھەر نەرسە دېگۈدەك بوشلۇق قالدۇردۇق. 20 – ئەسىرنىڭ 30 -  40 – يىللىرىغا كەلگەندە، ئەدەبىياتىمىز پروزىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئېرىشتى. بۇ قارىشىمىزغا قارىتا، شۇنداق بىر قىستۇرمىنى قوشىمىزكى، نەسىردىن بۇرھانىدىن ئوغلى رەبغۇزى تەرىپىدىن يېزىلغان «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دېگەن دىننى تۈسلۈك كىتاب نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان، دەپ قارالغان بولسىمۇ، بۇ قاراش ئۆز ئىلمىيلىكى بىلەن پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى «قىسسەسۇل ئەنبىيا» قۇرئان كەرىم  ۋە ھەدىسلەر شەرىھىسىنىڭ توپلانمىسىدىن ئىبارەت. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە رومانلىق سالاھىيەتكە ئەمەس، قىسسەچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىنغان. بۇ مەسىلە چوقۇمكى، «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن» ئاساستا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. پىكرىمىزنىڭ ئەسلى باسقۇچىغا قايتىپ كەلگىنىمىزدە، «قانلىق يەر» رومانىنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى ئۇيغۇر يازما پروزىسىغا يەنە كېلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى رومانغا دەلىللىك ماتېرىيال بولىدىغانلىقى بىر قەدەر ئىلمىي قاراش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز مۇنبەت تۇپراق بولغان ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق، توم – توم ئەپسانە، رىۋايەت ۋە چۆچەكلەرنى؛ مەخسۇس تەتقىقاتتىن ئۆتكەن شېئىرىي پۇراققا ئىگە ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنىڭ ئاساسى بولغان «مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى»نى؛ نەزمى خۇسۇسىيەت بىلەن نەسرىي خۇسۇسىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن قىسسە – داستانلارنى تۈركۈملەپ ئۇچرىتىمىز. بىز ئۇچراتقان بۇ ئۇچراتمىلار تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ پروزىمىزنىڭ ئىنكارسىز يىلتىزى! بىزنىڭ بۇ يىلتىزدىن يىراقلىشىپ كېتىشىمىز ھېچقانداق كۈچنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، ئەقىلگە دالالەت قىلماسلىقىمىزدىن كېلىپ چىققان تراگېدىيە. پروزىنىڭ بىزنىڭ ئەدەبىيات تۇپرىقىمىزدا، كۆلەملەشكەن ھالەتتە پەيدا بولۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بولغانلىقىنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايمىز. «4 – ماي» ياشلار ھەرىكىتى جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن ياتلار مەدەنىيىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەسلى مەدەنىيەتكە بولغان ئېچىرقاش بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەقەززا ئاشكارىلىدى. 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىنىڭ ئالدى–كەينىدە ئىدىيە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەۋاتقان بىر قىسىم خەنزۇ زىيالىيلىرى ياۋرۇپا ئەدەبىياتى نەزەرىيەسى بىلەن ئەدەبىيات ئەمەلىيىتى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى ئۆرنەك قىلىپ، مەۋجۇت خەنزۇ ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن بىر قېتىم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكرار – تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ خىل تەشەببۇس ئاستىدا روس ئەدەبىياتىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى زور بولدى. بۇ تۈردىكى ئەدەبىيات تەسىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. شۇنى دەيمىزكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ پروزىغا نىسبەتەن روس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنى خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى بىلەنلا مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس. ئەمدى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پروزىسىغا نىسبەتەن روس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنى مەلۇم دەرىجىدىن ئالغاندا، خەنزۇ ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىساقمۇ بۇ ئومۇمىيلىق ئەمەس. چۈنكى، بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى زېمىندا ياشاپ، زور مەنىۋى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى جاھان مەدەنىيىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان. ئەدەبىياتتىكى بۇ خاسىيەتلىك شارائىت ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغىمۇ كۈچلۈك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن، يەنە بىر نۇقتىدىن ئىزاھلىغاندا، «ئۇيغۇر ئاقارتىش ھەرىكىتى» مەزگىلىدە بىزدىكى نۇرغۇنلىغان زىيالىيلار چەت ئەللىكلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى سېلىشتۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كىرگەن. بۇ تۈرلۈك «ئەكىلىشپەرۋەر»لىك ھەرىكىتى بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغىمۇ بولۇپمۇ پروزىمىزغىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ئۈزۈلۈشى مەلۇم مەنىدە روس ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا، ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىنىشىغا ئاساسلىق سەۋەب بولغان. مەيلى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى بولسۇن ۋە مەيلى ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات نەزەرىيەسى بولسۇن يەنىلا ئۆزلەشتۈرمە نەزەرىيە. مۇنداقچە ئېيتقاندا، روس ئەدەبىياتىدىن سىڭىپ كىرگەن نەزەرىيە. نەزەرىيەمىزدىكى بۇ خىل ئۆزلەشتۈرمىلىك  ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللىيلىكى بىلەن بولغان ئارىلىقنى نىسبەتەن يىراقلاشتۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىز ئانا باش تېمىسىنى ئەسلىيەلمىگۈدەك تېما تراگېدىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تىپ بىر مىللەت ئەدەبىياتى ئۈچۈن قان ھەم قانات. ئۇ مىللەت ھالقىش نەتىجىسىدە شۇ مىللەتنى جاھانغا تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، بىز مەۋجۇد ئەدەبىياتىمىزنى سوغۇققانلىق بىلەن تەكشۈرگىنىمىزدە، تېخىچە تىپسىز ئىكەنلىكىمىزدىن ھەسرەتلەنمەي قالمايمىز. بىز، بىزدە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان خادىملار يوق، دېگەنگە ئوخشاش يەڭگىل قاراشلارنىڭ يەنە مۇنازىرە سەھنىسىگە چىقىشنى ئۈمىد قىلمايمىز. ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى، نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ماقالىلىرى، تەتقىقاتقا مۇناسىۋەتلىك توم - توم كىتابلار چىققان بولسىمۇ، تىپ مەسىلىسىنىڭ تېخىچە ئايدىڭلاشماسلىقى بىزنى ئۆكۈندۈرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ جاۋابىمىز شۇكى، دەسمايىمىز يوق. بىر قىسىملار ئۆز ماقالىلىرىدا گەرچە تەتقىقات تۈسىدە ئوتتۇرىغا قويمىسىمۇ، مەرھۇم يازغۇچىمىز زۇنۇن قادىرنىڭ «چېنىقىش» ھېكايىسىدىكى مەتنىيازنى، سەمەت دۇگايلىنىڭ «كىچىك لەقۋا» پوۋېستىدىكى كىچىك ئاخۇننى ھەم شۇلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان بىر مۇنچە ئوبرازلارنى تىپ دەپ ئىزاھلاپ ئۆتكەن. بىز مەتنىياز، كىچىك ئاخۇن يەنە ئەختەم ئۆمەر، مەمتىمىن ھوشۇر، توختى ئايۇپ، مۇھەممەت باغراش… قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارنى پەقەت ئوبراز دېيەلەيمىزكى، ھەرگىز تىپ دېيەلمەيمىز. بىزنىڭ پروزىمىزچە تېخىچە ئوبراز يارىتىش باسقۇچىدا. خەلقىمىز نىسبەتەن ئېتىراپ قىلىپ كېلىۋاتقان مەنىياز ھەرگىز تىپ ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان «مەھسۇلاتلارنى ھۆددىگە بېرىش»تىن ئىبارەت كوپېراتسىيە تۈزۈمىنىڭ ياساپ چىقىلغان شاھىدى بولالىدى، ھەرگىز ئۆز دەۋرىدىن ھالقىپ كېتەلمىدى. تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرغاندا، 21 – ئەسىر ئۈچۈن مەتنىيازنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. بىر نەچچە يىللىق دەۋر بىلەن چەكلىنىپ، كېيىنگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئوبراز قانداقمۇ تىپ بولالىسۇن؟ ئەمما بىز سايىم پوچى ئوبرازىغا بىر قەدەر دىققەت بىلەن قارايمىز، چۈنكى، بۇ ئوبراز ئۆزىدە ھازىرلىغان تەمسىللىك خۇسۇسىيەتتە مىللەت ھالقىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىندى. مەيلى خاسلىق، مەيلى ئومۇمىيلىق ۋە مەيلى ئوبرازنىڭ ھاياتى كۈچى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىپ دېسەك ئارتۇقچە خاتالاشمىغان بولىمىز.
بىز ئەدەبىياتتىن نېمىنى ئىزدەۋاتىمىز، نېمىنى كۈتىۋاتىمىز؟ بىزنىڭ ئۆز ئەدەبىياتىمىزدىن ئىزدەۋاتقىنىمىز، رېئاللىقنىڭ ھەقىقى قاتلىمى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆز تېنىگە، ئۆز روھىغا، ئۆز ئىدىيەسىگە، ئۆز – ئۆزىگە ئىگە ئۇيغۇرنى ئىزدەۋاتىمىز. بىزنىڭ كۈتىۋاتقىنىمىز، ساپ ئەدەبىيات دېگۈدەك ئەدەبىيات!…

2

پوۋېست پروزىنىڭ بىر تۈرى بولۇش سالايىھىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۈنسايىن ئۇلغىيىۋاتقان بىر ئېقىننى ھاسىل قىلدى. پروزىنىڭ بۇ تۈرى ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى يېرىم ئەسىرلىك مەۋجۇدلۇقىدا، تۈرلۈك مۈشكۈلاتلاردىن ھالقىپ، بۈگۈنىدە گۆدەكلىكىدىن بىر قەدەم يىراقلاشقان ئۆزگىچە بىر راۋاجقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ تېما دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. بالىلار تۇرمۇشىدىن چوڭلار تۇرمۇشىغىچە، تارىخى تېمىدىن رېئال تېمىغىچە بولغان مەنبە ئۇنىڭ ئوبيېكتى بولالايدۇ. ئىپادىلەش جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمىلىككە ئىگە ئەمەس.
پوۋېست بىزنىڭ ئىجادىيەت مۇنبىرىمىزگە 1951 – يىلى ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ «سىناق» سەرلەۋىلىك ئەسىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇندىن ئېتىبارەن مەيلى سان جەھەتتە بولسۇن، مەيلى سۈپەت جەھەتتە بولسۇن مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشتى. ئاپتورلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ساھەگە بەس – بەس بىلەن يۈرۈش قىلىپ، ئۆزگىچە مەنزىرە ياراتتى.
بىز پوۋېست ھەققىدىكى نەزەرىيە ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3 – يىللىقتىكى يېرىم بەتلىك ساۋات خاراكتېرلىك نەزەرىيە بىلەن ئالىي مەكتەپلەر ئەدەىبيات نەزەرىيەسىدىكى ئىككى ئۈچ بەتلىك كۆچۈرمە نۇسخىدىن باشقا ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە ئەمەسمىز. گەرچە بىزدىكى ئوبروزچىلار بىلەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى مۇلاھىزە ئوبيېكتى بولغان پوۋېتسلارنىڭ تېمىسى، ئىدىيەسى، ئوبرازلار قاتلىمى، ئەسەرنىڭ مەنىۋى كۆلىمى، بەدىئىيلىكى ئۈستىدە خېلى كۆپ ئىچكىرىلەش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، نەزەرىيە جەھەتتە ھېچقانداق بىشارەتنى بىزگە تەقدىم قىلالمىدى. بۇ ھال يازغۇچىلار قوشۇنىمىزدا تەقلىدۋازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر تەقلىدۋازلىق ئۈستىدە قىسقىچە قىستۇرما قىلىدىغان بولساق، بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىمىزدا مەسىلە خېلى ئېغىر. بىز بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا ئىزاھلايمىز:  بىرىنچى، يات مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەسەرلەر بىلەن ئەدەبىياتىمىزغا يېڭىلىق پەيدا قىلىش؛ ئىككىنچىدىن، تەقلىدكە تەقلىد قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش. بۇ خىل ئىجادچانلىق تۈپتىن خاتا بولمىسىمۇ، تەقلىدچىلىكنىڭ بارغانچە مۇكەممەللىشىپ كېتىشى كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. تەقلىدچىلىكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى، يېزىلغان ئەسەرلەردىكى مىللىي رھونىڭ بارغانچە سۇسلىشىشىنى ئىپادىلىدى. ئوقۇرمەنلەر كەمىنە مۇئەللىپتىن پاكىت تەلەپ قىلىشنى ئويلىسا، بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى، ئەدەبىياتىمىزدا نىسبەتەن تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەرنى چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئەسەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىز پوۋېستچىلىقىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، تەقلىدچىلىك بىلەن تەقلىدكە تەقىلىد قىلىش خاھىشى يوق ئەمەس دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟!…
پوۋېست ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇشقا تېگىشلىك پروزىنىڭ بىر تۈرى! ئۇنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتىنى «ئوتتۇرىچە ئەسەر» بولغانلىقتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن. ئەگەر بىز مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇنلاشماقچى بولغىنىمىزدا، بىزنىڭ يازغانلىرىمىز چوقۇمكى، ھېكايە بولۇپ شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بۇ ئەسىرىمىز تۇرمۇش سىغىمچانلىقى جەھەتتىن ھېكايە توغرىسىدىكى نەزەرىيە ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە باش قەھرىماننىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى تولۇق تاپشۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشقىنىمىزدا، ئۇ قەھرىمان مەلۇم بىر تارىخى دەۋرگە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىر پۈتۈن تارىخى دەۋرنىڭ ئومۇمىي روھىيىتى ئەكىس ئەتمىگەندە، خاراكتېر چىنلىققا ئۇيغۇنلاشماي قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «يەككە لىنىيە» بۇزۇلۇپ «قوش لىنىيە» بويىچە ئەسەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل بۇزۇلۇشتىن پوۋېست ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ، رومانلىشىپ كېتىدۇ. پوۋېست ئىجادىيىتىدىكى يۇقىرىقى مۇجىمەللىكلەر نۇرغۇن ئاپتورلارغا نىسبەتەن ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلسە، ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن «پوۋېست ھېكايىنىڭ ئۇزارتىلغىنىمۇ ياكى روماننىڭ قىسقارتىلغىنىمۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش خاتا نەزەرىيەۋى قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
پوۋېستتا ئەكس ئېتىدىغان تۇرمۇشتا چوقۇمكى، بىر پۈتۈن تارىخى دەۋر بولماستىن، بەلكى بىر پۈتۈن تارىخى دەۋرنىڭ مەلۇم بىر قىسمى بولۇشى كېرەك. ئەمما، مەلۇم بىر قىسمى بولغان تۇرمۇش بىر پۈتۈن تارىخنىڭ ئومۇمىي روھىيىتىدىن ئۇچۇر بېرىش قىممىتىگە ئىگە بولمىسا، پوۋېستنىڭ تېمىسى تۇرمۇش جەھەتتىن يورۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمايدۇ. پوۋېست تېما بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىز يۇقىرىدا ئىزاھلاپ ئۆتكەندەك توغرا ھەل قىلالىغاندىلا، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەينەك ئۆزىنىڭ ئەينەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ، بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن نەزەرىيەۋى بايانلار قارىماققا ئاددىيدەك تويۇلسىمۇ، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا بۇ تەرەپلەرگە لايىقلىشىش بىر قەدەر مۈشكۈل! شۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر ياكى ئىككى ۋەقە سيۇژىتى ھەرقانچە ئەھمىيەتلىك بولغان ھالەتتىمۇ، پوۋېستنىڭ بىر پۈتۈن ماتېرىيال مەنبەسى بولالمايدۇ. پوۋېستتا چوقۇمكى، باش قەھرىماننىڭ تەقدىرى بىر تەرەپ قىلىنىپلا قالماي، يانداش پېرسۇناژلارنىڭ تەقدىرىنىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە بىشارەت بېرىشى كېرەك. بۇ پوۋېست ئىجادىيىتىدىكى يادرولۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
پوۋېستتىكى ئوبراز مەسىلىسى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر قەدەر قىيىن. ئۇنىڭ قىيىنلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق بىر مەسىلە، باش پېرسۇناژ بولماستىن، يانداش پېرسۇناژلارنىڭ باش پېرسۇناژ ئۈچۈن قانداق رول ئوينىغانلىقىدىن ئىبارەت نازۇك مەسىلە ئۈستىدىكى دەتالاش. ئەگەر باش پېرسۇناژ يەككە – يېگانە تەسۋىر ئوبيېكتى بولىدىغان بولسا، بۇ ئەسەرنىڭ ئەسەر ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايدىڭ بولغان مەسىلە. ئەگەر باش پېرسۇناژدىن تارتىپ يانداش پېرسۇناژغىچە خاراكتېرنى روشەنلەشتۈرۈش زۆرۈر، دەپ قارالسا «پوۋېست ئاساسەن يەككە سيۇژىت لىنىيەسى بويىچە راۋاجلىنىدۇ» دېگەن نەزەرىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەر بىر سەنئەتكارنىڭ ئۆزى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك سەنئەت خاسلىقى بولسىمۇ، بىز تۆۋەندىكىدەك كۆز – قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىمىز؛ پوۋېست ئىجادىيىتىدە چوقۇمكى باش پېرسۇناژ خاراكتېرىنى تولۇق يېشىمگە يۈزلەندۈرۈش ياكى يۈزلەندۈرمەسلىك ئاپتورلارنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن تېمىنىڭ ئېھتىياجىغا باغلىق. لېكىن يانداش پېرسۇناژنىڭ تەقدىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى بوشلۇق قالدۇرۇش بىلەن ئەسەر تاماملانماسلىقى كېرەك. چۈنكى يانداش پېرسۇناژ باش پېرسۇناژ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، نىسپىي ئۆز خاراكتېر مۇستەقىللىقىگە ئىگە، بۇ نۇقتا قەتئىينەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. پوۋېستتىكى ئىپادىلەش مەسىلىسى ئاپتورلارنىڭ بەدىئىي دېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇقچە توختىلىش  ھاجەتسىز.

3

ياش يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ھېكايە ئىجادىيىتىدە خېلى كۆپ ئۇرۇنۇش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىگە خاس چوڭقۇرلۇق يارىتالمىغانىدى. تەساددىپىي قۇدرەتنىڭ تەسىرىمۇ ياكى ئىجادىيەتكە بولغان ئەستايىدىل مۇئامىلىسىنىڭ نەتىجىسىدىنمۇ «داۋۇت دىڭ قۇلاق» پوۋېستى بۇ ئاپتورنىڭ ياراملىق بىر يازغۇچى بولالايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتىمىزكى، ئاپتوردىكى ئىشلەپچقىرىش قانداقتۇر تەكرارلاش بولماستىن، بەلكى ھالقىش ھاسىل قىلىش بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بىز كۈتكەن ئۈمىدكە يېقىنلىشىدۇ. مەن مەزكۇر پوۋېست ئۈستىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
«داۋۇت دىڭ قۇلاق»نىڭ «پىروتوتىپى» ھەققىدە ئارتۇقچە توختالمايمىز. ئۇنىڭ «پىروتىپى» ئۇ ھەرگىز باشقىلار خاراكتېرىنىڭ ئارىيىتى مەۋجۇد ئەمەس. ئۇ پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئوبراز.
بۇ ئوبرازنىڭ بىزدە ئويغاتقان ئىچكى تەلىپى ئۇنىڭ تەنھالىق ئېڭىدىن كەلگەن، ئۇنىڭدىكى تەنھالىق – تەڭرى تەنھالىقى، تەبىئەت تەنھالىقى ۋە ئىنسان تەنھالىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامنىڭ ئورگانىك بىرلەشمىسىدىن كەلگەن بىز پىكرىمىزنى بىر قەدەر كونكرېتلاشتۇرغىنىمىزدا، تەبىئەت يارالمىشى ھەققىدە دىنىي يېپىنچا ئالغان ئەپسانە، رىۋايەتلەردىن باشقا ئىشەنچىلىك ماتېرىيال مەنبەيىمىز يوق. بۇنىڭدىن بىز ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ  بالىلارچە پەرەزدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرىمىز. شۇنداق بولسىمۇ ئوخشاش بولمىغان قاراشلارغا ئالاھىدە مۇنبەر ھازىرلىماي ئامالىمىز يوق. بىز گېگىلنىڭ ئۈچ قاتلاملىق نەزەرىيەسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇدا، كائىنات، ئىنساننى مەركەز قىلغان يارىتىش – يارىلىش بايانلىرى، داۋرىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى، گېرىك ئىدىيال پەيلاسوپلىرىنىڭ تۈرلۈك قاراشلىرى، تۈرك پەيلاسوپلىرىنىڭ «ۋەھدەت» نەزەرىيەسى، بۈگۈنكى دەۋر ياۋروپا پەيلاسوپلىرىنىڭ پسىخىك ئانالىزى… قاتارلىق تەتقىقاتلاردا «تەنھالىق نەزەرىيەسى»گە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن، بۇنداق كۆپ يۆنىلىشلىك پىكىر يۆنىلىنىشى بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزغا تەسىر قىلمىغان دېيەلەيمىزمۇ؟! «داۋۇت دىڭ قۇلاق» خاراكتېرىدىكى «تەنھالىق ئېڭى»غا نىسبەتەن بىزدىكى تۇپراق يېتەرلىك شارائىتقا ئىگە.
«داۋۇت دىڭ قۇلاق» تەنھالىقنى پىكىر يۆنىلىشىمىزگە ئېلىپ كىرگىنىمىزدە، رېئاللىقنىڭ رېئاللاشقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ تەنھالىقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى — ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىش، ئۇنىڭ روھى دۇنياسى بالىلىقنى ئەسلەش ئىستىكىدە يانغىنىدا دۇنيادا سۆيۈملۈك ئىبارىلەردىلا پارلايدۇ. بۇ ئىستەك تاماملانغاندا، دۇنيا بەجايىكى جەسەتخانىغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ تۇيغۇنىڭ ئىنسان بىلىشىدە ئوينىغان رولى. ئۇنىڭ بۇرۇقتۇرمىلىق بىلەن تولغان روھى دۇنياسىغا پەقەت قەدىناس ئېشىكى بىلەن غەيرى تەپەككۇرى ئەمىنلىك ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئىنسان شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولۇشتىن مەھرۇم بولغاچقا، بارچە شەيئىلەردىن گۇمانسىراشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە تەپەككۇرنى رېئاللىقتىن قوبۇل قىلىدۇ. ئېشىكى بولسا گۇمان سىرتىدىكى بىر مەۋجۇدلۇق. بىز بۇ نۇقتىدا يەنە بىر قەدەم ئىچكىرىلەپ باققىنىمىزدا، ئىنسان ئۆزىنى  ئەقىلنىڭ تىزگىنىگە تاپشۇرغاندا ئېرىشىدىغان شەيئىلەر ئۈستىدىكى پەرەزگە ئېرىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشتىن ھالقىشقا يەكۈننى دەلىللەيمىز. بىز بۇ يەكۈن بىلەن «داۋۇت دىڭ قۇلاق»قا قارىغىنىمىزدا ئەھۋال ئۇنىڭ ئەكسىچە، چۈنكى «داۋۇت دىڭ قۇلاق» ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان ئادەملەر توپى بىلەن مەۋجۇد جەمئىيەتنىڭ سەزگۈرلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ناھايىتىمۇ تۆۋەن بېزەۋاتقان بىر توپ ئەخمەقلەرنىڭ گىرىمىگە ئېرىشكەنلىرى.
«داۋۇت دىڭ قۇلاق» تەنھالىقىدىكى بىردىنبىر غالىپ روھ – ئەسەبىيلىك يەنىلا بىزنىڭ نەزىرىمىزنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرى كۈچلۈك زەربە بېرىش ئالامىتى بىلەن تولغان سيۇژىتلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى دەھشەتلىك نۇرلاردا ئەكس ئەتكەن، يەنە ئۇنىڭ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلايدىغان قاراشلىرىدا ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى ئۇنىڭ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن چاغلايدىغان قاراشلىرىدا ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى قىزغىنىشى ئۇنىڭ رېئال ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئەدەبىياتنىڭ قايتۇرۇش سەنئىتى ئىكەنلىكىگە قايىل بولىمىز. بولۇپمۇ «داۋۇت دىڭ قۇلاق» روھىيىتىدىكى تەنھالىق، تەنھالىقنىڭ سەنئىتى ئەسەبىيلىككە ئايلىنىشى، ئەسەبىيلىكنىڭ قىزغىنىشتىن ئىبارەت خاراكتېرىگە ئۇلىشىشى ساپ سەنئەتنىڭ ئىنسان تەپەككۇرىدىكى ئورنىنى يۈكسەكلەشتۈرىدۇ.
يۇقىرىدا بىر قانچە قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن مىسالى ئېلىنمىدى. بۇ خىل مۇھاكىمە ئۇسۇل بىرقەدەر ئومۇلاشقان، قاتمال ئەندىزە، لېكىن بىزنىڭ ساپايىمىزنى نەزەرگە ئېلىش سەۋەبىدىن قىسمەن مىساللارنى كەلتۈرۈش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمەن، شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، تەھلىلنى ئەسەردىكى خاسلىققا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئۆزگىچە بىر يول بىلەن بىزنى ياش قەھرىماننىڭ مەنىۋى قاتلاملىرىنى قېزىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بارىمەن، بۇنىڭ نەزەرىيەگە نىسبەتەن مىسال، مىسالغا نىسبەتەن نەزەرىيە بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك!… مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان پروزا ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئوبرازغا مىللىي قان بەخش ئېتەلمىگەن پسىخىك قېزىلمىلارنى ئۇچرىتىمىز. ئەمما «داۋۇت دىڭ قۇلاق» ئۇيغۇرچە ئاڭ، ئۇيغۇرچە تەن، ئۇيغۇرچە تەپەككۇر، ئۇيغۇرچە سەزگۈرلۈك، ئۇيغۇرچە مۇھىتتىكى ئۇيغۇرچە ھەرىكەت…لەرگە ئىگە قىلىنغان. ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا جىنسىي ئاڭ ئېتىقاد ئېڭى ۋە غەيرى لوگىكىلىق تەپەككۇردىن ئىبارەت. ئوخشاشمىغان قۇتۇپلار خاسلىق ئاتا قىلغان. بىز بۇ قۇتۇپلار ئۈستىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە، ئۇنىڭ خاراكتېر دۇنياسىنى زۇلمەت غارىغا دۈملەپ قويىمىز.
جىنسىي ئاڭ ئىقتىدار جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندام، تۇغما بولۇشتەك خاراكتېرگە ئىگە. ئۇ يات جىنىسقا بولغان تەلپۈنۈشتە ئىچكى ۋە تاشقى مايىللىققا ئىگە قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ ئۈگە – ئۈگىلىرىدىن تارتىپ، ھۈجەيرىلىرىدىكى چىرمىشىشقىچە؛ تەن مەۋجۇدلۇقىدىن روھىي يۈكسەكلىكىگىچە بۇ مۇناسىۋەتكە بولغان ئېچىرقاش ئۆزىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. قەدىمكىلەرنىڭ «ئۇنىڭ كۆڭلى ياش» دېگەن تۇراقلىق ئىبارىسى قەدىمقىنىڭ راۋاجى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا كېرەك؟! بىز «داۋۇت دىڭ قۇلاق»نىڭ بىر تال كەمپۈتنىڭ لەززەت تاشقىنىدا مەڭگۈلۈك ئەسلىمىگە ئېرىشىشنى پسخولوگلارنىڭ تۆۋەندىكى قارىشىغا تەستىقلاپ، پەن كاتېگورىيەسىگە تەۋەلەيمىز. ئۇلارنىڭ پەرىزىچە①يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئوغۇل بولغىنىدا ئانىدىن، قىز بولغىنىدا ئاتىدىن كۆز بىلەن لەۋنى ۋاسىتە قىلىپ بىرخىل ھوزۇرغا ئېرىشىدىكەن. گەرچە بۇ پەرەز ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇر ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، پەن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا پاكىتقا يېقىن. «دىڭ قۇلاق» شۇ سەۋەبتىن تال كەمپۈتنىڭ (گەرچە ئانىسى بەرگەن بولسى) «تەمى»نى دائىملىق ئوبيېكتى قىلىدۇ. ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ «دىڭ» تۇرۇشىمۇ بىر خىل خاسلىق! ئەگەر پىكرىمىزنى چەكتىن ئېشىپ كەتتى دېگىنىمىزدە، ئۇنى ئاتىسى تەرىپىدىن بىرەر سوۋغىغا ئېرىشكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسلىمە بەتلىرىدىكى مەڭگۈلۈك ئورنى ھەققىدە بىز پاكىتسىز، بىز پاكىتلىق دېگىنىمىزدە، ئاتىنىڭ بىر قېتىملىق سوۋغا ئۈچۈن ھايات سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئۆلۈمى بىلەن قايتىشى ئۇنىڭغا پەقەت ئەبەدىيلىك پىراقلا تەقدىم قىلالىغان. ئۇ تەنھالىقنىڭ رەھىمسىز پۇچۇلىشىدىلا، ئەسلىمىلەر دۇنياسىغا (قورام تاش ۋە قان، قان ۋە قورام تاشنىڭ سېھىرلىشىدىكى) غەرق بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى جىنسىي مايىللىقىنىڭ (ئاڭسىز ھالەتتىكى) تەدرىجىي تەرەققىيات ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولماي قالمىدۇق. ئۇنىڭ تۆت قىز ئۈچۈن تۆت «ئۆي» ياسىشى، نۆۋىتى كەلگەندە تۆت قىزنى ھېچقانچە خەتەرگە قارىماستىن «خوتۇن»لۇققا ئېلىشى بالىلىق فانتازىيەسىدە شەكىللەنگەن جىنسىي ئاڭنى ئىپادىلەيدىغان كومېدىيەلىك بايانلاردۇر، گەرچە بۇ بىزگە ئوخشاش قۇۋم خەلقىگە نىسبەتەن ئاددىي بىر كۆرۈنۈشتەك كۆرۈنسىمۇ، روشەن مىللىي خاسلىق. «ئۆي» ياساش بىر خىل تارىخى راۋاج. بىزدىكى مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ ئىتنىك تەركىبىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە «چېدىر» مەدەنىيىتىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، تەشكىللەش ئىقتىدارىمىزنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ. بىز بۇ بايانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئېڭى بىلەن ھاكىمىيەت ئېڭىنىڭ يۈكسەكلىكىنى ھېس قىلىمىز. جىنسىي ئاڭدىكى بۇ خىل تاشقى مايىللىق «ئاتىسىنىڭ ئۈستىدىكى قورام تاشنى ۋە يۇرتىدىكى قاننى كۆرگەندىن باشلاپ» يوقىلىدۇ ياكى ئىچكى مايىللىققا ئۆتۈشنى ھاسىل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ خۇشاللىقىدىن ئايرىلغان.
ياشلىق باھار «داۋۇت دىڭ قۇلاق»قا نىسبەتەن ئۆز ئىچىگە ئىچكى تەلەپ تەقدىم قىلىدۇ. ئىنساننىڭ بۇ باسقۇچى پەننىي قاراش بويىچە ئېيتقاندا، ئېھتىياجنىڭ چىڭقىلىش باسقۇچى، جۈملىدىن ھېسسىياتقا ئىختىيارىنى تاپشۇرۇش باسقۇچى. ئىنسان بۇ باسقۇچتىن ئۈنۈملۈك ئۆتۈپ كەتكەندىلا، روھىي تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ. «داۋۇت دىڭ قۇلاق»نىڭ «كۆكتات پەسلى»دىكى پاراغىتى. قانداقتۇ ئوبرازنىڭ پاراغىتى بولماستىن بەلكى، مەۋجۇد ئادەمنىڭ پاراغىتى ئۇنىڭ كۆكتاتلىرىغا ئۇلاشقان خوتۇن – قىزلارنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ھالقىغان ھالەتتە كەرەشمىگە ئىگە قىلىنىش، ئۇنىڭ جىنسىي ئېڭىنىڭ پارتلاشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، «داۋۇت ئاكا، ھىم جۇمۇ…-دەپ كۆزلىرىنى ئوينىتىىدغان بولسا ئەس – ھوشىنى يوقاتقان دىڭ قۇلاق 5 كوي ئالىدىغان يەرگە 1 كوي ېلىپ، قىزلارنىڭ كەينىدىن تۈكۈرىكىنى <غۇرت - غۇرت> يۇتۇپ قاراپ قالىدۇ» دېگەن بايانى تەسۋىرىدىن يۇقىرىدىكى قاراشلىرىمىزنى دەلىللەشتىن سىرت، تارىختىكى غالىبلىرىمىزنىڭ «سەتەڭ» ئۈچۈن تەختنى دو تىكىدىغان «ئەركەك»لىكىنىمۇ كۆرۈشكە ئۈلگۈرىمىز. «داۋۇت دىڭ قۇلاق» تومۇرلىرىدىكى بۇ قان ئەجدادلار قېنىنىڭ راۋاجى، خالاس!
ئىنسان پسىخىكىسىدىكى جىنسى ئىستەكنىڭ ئارامسىز دولقۇنلىشى ئىنساننى شەيئىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشتىن ئىبارەت تەبىئەتلىشىشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تەرزدىكى قوشۇلۇش تۇيغۇچىلىقنىڭ يالىڭاچلىنىشى بولۇپ، ھاسىل قىلغان ئىستېتىك ئۈنۈمىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. ئىنسان ئېھتىياجىدىكى ئۆرلەش ئۆز دۇنياسىغا چۆكۈشتىن ھاسىل قىلغان يۇقىرى قاتلام گۈزەللىكتە سىمۋوللاشقان بىرىكمىگە ئايلىنىپ، مەنىۋى مەۋجۇدلۇقنى يانغىنىغا ئايلىنىدۇ. ئەدەبىيات بۇ نۇقتىدا ئۆزىدىكى بايانىي ئىقتىدارنى ئىسلاھ قىلىش نەتىجىسىدە، رېئاللىقنى سىرلىقلاشتۇرۇپ ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. ئىپادىچىلىككە مۇيەسسەر بولغىنى ئەدەبىياتتىكى بىنورماللىقتۇر. مەزكۇر پوۋېستنىڭ 9 – بۆلىكىدىكى غايىۋى مەنزىرە «داۋۇت دىڭ قۇلاق»نىڭ جىنسىي قاغجىرىشنىڭ ئەكس ئېتىشى. «قىز»غا ئايلانغان «ياۋا توشقان» بىلەن «كەسلەنچۈك» ئىپادە قالاملىرىدىكى ئەپسانىۋى تەركىبنىڭ ھالقىتىلغان راۋاجىدا تەبىئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشتىن ئىبارەت بۈيۈك قوشۇلۇشنىڭ تۈپ مەنبەسىنى ئۇقتۇرىدىغان دېتال. ئىككىنچى تەرىزدە ئېيتقىنىمىزدا، خاراكتېر پارلاقلىقى ئۈچۈن نەمۇنىلىك يەمچۈك، بۇ خىل ئىپادە غەرب مۇدىرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بولۇش بىلەن بىرگە، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەسلى ئىپادىنىڭ قايتا چاقنىشى. ناۋادا، «ئوغۇزنامە» داستانىنى ئوقۇيدىغان بولساق قۇرۇق قول قالمايمىز «داۋۇت دىڭ قۇلاق» نىڭ ئۆز تراگدىيەسىگە تالان – تاراج بولغان ھالەتتە جاڭگالدىن قايتىشى تەنھالىق ئېڭىنىڭ پارلىشىدىن ئىبارەت.
ئىستەكنىڭ تەكرار ئىچكى تاشقىن ھاسىل قىلىشى روھتىكى چيڭقىلىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. روھتىكى چىڭقىلىش جۇغلانمىلىرىنىڭ سىغدىلىشىدا پارتلاش ھاسىل قىلىدۇ. بىز «داۋۇت دىڭ قۇلاق»نىڭ «مەن ئايشەمنى ئالماقچىدىم» دېگەن ھالقىسىنى – ئىستەكنىڭ يورۇق دۇنياغا لەڭ ئۇرۇشى، جىنسىي ئىستەكنىڭ پارتلىشى دېسەك ئارتۇقچە ئەمەس. بۇ قانداقتۇ ساراڭلارچە بىلجىرلاش بولماستىن، ئەرلىك جاسارەتنىڭ يانغىن ھاسىل قىلىشى. بۇ پارتلاشنىڭ قۇدرىتى 100 ھارۋا يانتاقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئاتنىڭ ۋەدىسىن يېنىۋېلىشى باش قەھرىماننىڭ خاراكتېرىگە نىسبەتەن ئىنساننىڭ ياشاشتىن ئىبارەت ئالاھىدە پسىخىكىنى تەقدىم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ياتلىشىش شۇ قەدەر دولقۇن ھاسىل قىلىدۇكى، تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشتىمۇ ئۆز تەسىرىنى يوقاتمايدۇ. ئۇنىڭ توي ئىشى قانداقتۇر ۋۇجۇدىدا بار بولغان جىنسىيەتكە بولغان مايىللىق بىلەن ياتلىشىش ئېڭىنىڭ تۈگىگەنلىكى ئەمەس. ئۇنىڭ روھى ئۆركىشىنىڭ گورزېنتال لىنىيە ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇچۇر مەنبەسى قىلىدۇ. بىز «دىڭ قۇلاق»نىڭ ئىقتىسادىي ئېڭى ھەققىدە ئارتۇقچە توختىلىپ كەتمەيمىز.ئۇنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى جىنسى تەشنالىققا نىسبەتەن تەسەللىي تېپىش ۋە ئاپتور دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت سىياسىي سەزگۈرلۈكنى كۆرسىتىشتە مۇھىم تەركىبلىك رول ئوينايدۇ. ئىچىكرىلەش زۆرۈر دەپ قارالغىنىدا، ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن بىر بوشلۇق قالدۇرۇش مۇھىم نۇقتا دەپ قارا ئۆتۈپ كېتىمىز.
«داۋۇت دىڭ قۇلاق»تىكى تەپەككۇر غەيرىيلىكى بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتقا نىسبەتەن نادانلارچە مۇئامىلە قىلىشى مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يۈزلىنىش ھاسىل قىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ «ئۇ ئەللىك مىڭ كوي تاپتى. لېكىن 50كىچە سانىيالمايتتى» دېگەن بۇ مۇقەددىمە بىزنى تەڭسىز ئويلارغا سالماي قالمايدۇ، بىز نادانلىقنىڭ دەردىنى قىسمەتلىرى بىزنى ئىختىيارسىز يىغىغا باشلاپ بارامدۇ ياكى ئۇنىڭ خاراكتېرىنى خۇنۇكلەشتۈرەمدۇ؟ بولۇپمۇ ئۆستەڭ ئەمگىكى جەريانىدا «داۋۇت دىڭ قۇلاق» دۇچ كەلگەن ئوڭايسىزلىنىش بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا قارىتا ھەر بىرىمىز ۋىجدانى بۇرچىمىز بىلەن جاۋاب تېپىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر!
مەزكۇر پوۋېستنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان قىممىتى ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا «داۋۇت دىڭ قۇلاق» بىز ئۈچۈن بىر ئەينەككە قاراشقا قۇربى يەتكەنلەر قاراپ باقىدىغان بولسا چوقۇمكى روھقا تىنىپ كەتكەن چاڭلارنى كۆرمەي قالمايدۇ. مەسىلە شۇنىڭدىن ئىبارەكتى، بۇ ئەينەككە قارايدىغانلار چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ؟ ئەگەر چىققانلارنىڭ كەمىنە مۇئەللىپكە نىسبەتەن ئوخشىمىغا قارشى بولغىنىدا، ھەر ۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە!…
① فىروئىدنىڭ «يوشۇرۇن ئاڭ تەلىماتى»دىكى قاراش. بۇ ماقالە «شىنجاڭ سىفەن داشۆ ئىلمى ژۇرنىلى»نىڭ 1990 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان – مۇھەررىردىن. { « تۇرپان »ژوورنىلى 2000-يىللىق 1-سان }

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  889
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 480
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 11:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەگ مۇئەللىمنىڭ بۇ،ئوبزورىنى يوللاپ قويغانلىقىغا رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  388
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 143
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 11:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ!
........................
ﺑﯘ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﺘﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﭼﺎﻛﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻴﺎﺳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯩﻠﯩﯖﻜﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﭺ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﯩﺠﺎﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﮬﯩﻤﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﮬﻮﻗﯘﻗﻤﯘ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﺎﻗﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﮬﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ. «ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ»ﻧﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻨﻼ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﺗﯧﻤﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ، «ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ» ﺗﯜﺳﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯﻩﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺗﻮﻣﺘﺎﻗﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺯﯨﺘﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ...  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2737
تۆھپە : 1
توردا: 435
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 12:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى  500 يىللىق پاجىئە»نى دەسلەپتە مەھرۇم باتۇر روزى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن چاغدا يازغان ماقالىسىدا ئوتتۇرغا قويغان.ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىملار شۇ قاراشنى"توغرا"دەپ مۇئايەنلەشتۈرسە يەنە بىر قىسىملار بىر تەرەپمىلىك دەپ ھېساپلىغان.90-يىللارنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا مەرھۇم باتۇر روزى شۇ كۆز قاراش ھەققىدە كۈچەپ كەتمىگەن.ياشاش داۋامىدا ئۇ بەلكىم ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دەسلەپكى چاغلارغا قارىغاندا خېلى چوڭقۇر ئەھۋاللارنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك.

     دەرۋەقەقە ناۋايىدىن كېيىن ھازىرقى زامانغىچە ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ناۋايىدەك يۈكسەك پەللىگە يەتكەن ئۇيغۇر ئەدىبى چىقمىدى.بۇنىڭدا نۇرغۇن ئامىللار ۋە سەۋەپلەر بار.پەقەت ئەدىپلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىن ئىبارەت بىرلا  جەھەتتىن ئالغاندىمۇ 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان تارىخنى ھەم ئۇنىڭدىكى ھەر بىر دەۋرنى چۈشىنىدىغان بولساق بۇ خىل چېكىنىشنى پەقەت ئەدىپلەرگىلا ئارتىپ قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.ئوبىكتىپ ئەھۋال ناھايىتى موھىم.تارىخى مەسىلىلەرگە تارىخى چىنلىق نوقتىسىدىن قاراش كېرەك.زەلىلى،خىرقىتى،نىزارى،مەشرەپ،گۇمنام،نۆۋبىتى،موللا بىلال......ئۇلار ناۋايىدەك يۈكسەك پەللىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق شائىر بولالىدى.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەدەبىيات بولالىدى.
      ھەتتا بىر قىسىم ماقالىلەردە يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ دۇنياۋى يازغۇچىلاردىن كۆپ كېيىن قالغانلىقىنى ،ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ..........بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.ئەمما ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ 50-يىللاردىن تاكى 80-يىللارغىچە دۇچ كەلگەن ناھەقچىلىك،كۈلپەتلەرنى تىلغا ئېلىشنى بىلمىدى.ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ.شۇ زامانلاردا بىۋاستە  خەنزۇ تىلىدا ۋە ئېنگلز تىلىدا ئەسەر يېزىپ دۇنياغا تونۇلۇش ئۇيغۇر ئەدىپلىرىگە مۇمكىنسىزلىك ئىدى.ھازىر ئىمكان يارالدى.شۇنداق ئىقتىدارلىق ياشلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ..........
      تارىختا مەدەنىيەتنىڭ شانلىق دەۋرىمۇ ھەم زور دەرىجىدە چېكىنىش دەۋرلىرىمۇ بولغان.ئەدەبىياتمۇ شۇنداق.شۇڭا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتتىدىكى 500 يىللىق پاجىئە » دېگەن قاراش بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ،ئوبىكتىپ چىنلىقنى كۆزدە تۇتمىغان،نىسپىيلىكنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتكەن قاراشتۇر.
    بىز «ئۆگزىدىن  پەسكە قاراش» نەزرىدىلا ئەمەس «يەر يۈزىدە تۇرۇپ قاراش» نەزرىدىمۇ قاراشقا ئادەتلىنىشىمىز كېرەك.شۇنداق بولغاندا كىچىكنى چوڭ ،يوقنى بار قىلىپ كۆرسىتىدىغان كۆپتۈرمىچىلىكتىن خالى بولالايمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 16:08  


بارلىق مەخسەتلىرىم،- ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈشىمگە باش ئىگىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 871
تۆھپە : 1
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 13:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  889
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 480
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 13:08:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ،بۇركۇت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 13:20:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھىپجان بەك ئەتىراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپسىز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1162
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1218
تۆھپە : 0
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 16:48:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بۇرىچى نوقۇل ھالدا تۇرمۇشنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى تەسۋىرلەشنىلا ئەمەس، بەلكىم تۇرمۇشنىڭ تارىخى تەرەققىيات يۆلىنىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق پاسىپ ئامىللارغا قەلەم تەۋىرىتىپ  يۈرەكلىك ھالدا ژورنال يۈزىدە تەنقىدى نوقتىنەزەردە پىكىر  بېرەلەيدىغان  ئەدەبىيات  ئۈچۈن سۆزلىيەلەيدىغان مەسئۇليەتچان يۈرەكنىڭ بولىشىغا ئېھتىياجلىق. مانا بۇ ئېغىر مەسئۇليەتنىڭ  ئۆزى كۆتۈرۈشكە تىگىشلىك قىسمىنى     شاھىپ ئابدۇسالام  ئەپەندىممۇ ئۈستىگە  ئېلىپ   ئەدەبىياتىمىزنىڭ داۋاملىق ئالغا سىلجىشى  ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلۋىتىپتۇ.   ھامىغايسىز !!

يەسلىدىكى بالىلىرىم ئوتتۇرا سىنىپقا چىقتى، قارىسام ئۇلارنىڭ بويلىرى ئۆسۈپ قاپتۇ.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6151
تۆھپە : 555
توردا: 442
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 22:12:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئەدەبىياتنىڭ سەركىلىرى بولمىش ئەدىبلەردىن  زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ھەم كۈتمەكتىمىز. ئەدەبىياتىمىزنى زامان ھەم ماكان نۇقتىسىدىنمۇ تەھلىل قىلىش كېرەك!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1555
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 89
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 22:12:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە تىلى بىلەن دىلى بىردەكلىكنى ساقلىيالايدىغان قەلەمكەش ناھايىتى ئاز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1136
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 22:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئىلگىرى ئىيتقاندەك  ( جىمجىت ھالدا ئەنئەنىگە يۈزلەنگۈچى دېگەن تىمىغا يازغان ئىنكاس  ) راسىت گەپنىڭ يۈزى ھەقىقەتەن تۆۋەن بولىدۇ . كىم راسىت گەپ قىلسا بىز شۇنى دۇمباللاشقا كۆنۈپ قالغان . ئەمما مەنمۇ ماقالىدە ھىسسىي تەپەككۈرگە ئەمەس ئەقلىي تەپەككۈرگە تايانساق دېگەن پىكىرنى بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ . زىيادە كۆپ ھىسسىي پاراڭلار ئارلىشىپ قالغان نەرسىلەر ئادەمنى زىرىكتۈرۈپ قويىدىكەن . ( ئەگەر تەكلىپىم يولسىز بولسا ئۆزرىلىكمەن .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  161
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 265
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 22:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمانداق ھېسسىي گەپلەر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 267
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 13:01:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئەدەبىياتتىن كۈتىدىغىنىمىز ھەر قانداق نەرسە ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەردىن كۈتىدىغىنىمىز ساپ ئەدەبىيات يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇنلىنىش  ۋە يىقىلماس تىپلارنى بەدئىي يوسۇندا تىكلەپ چىقىشتۇر.

-نۇربەگنىڭ ئەسلى تەشەببۇسى مۇشۇ ئىكەن بۇ ماقالىدە. ئەمما، چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى راۋان بولمىغاچقا يۇقارقى تورداشلارنىڭ كۆڭلىگە كەپتۇ.

سەن يىراق دىلىمدىكى زىل قوڭغىراق،
نېچۈن سۆيدۈم بەرگىنىڭ دىلغا پىراق.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  333
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 20:20:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە بىر تەرەپلىمە قاراشلار كۆپرەككەن. ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىزچىل ئىككى خىل قاراش بار. بىر تۈردىكىلەر ئەدەبىياتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بويىچە ئىنساننىڭ ئىچكى پىسخىكىسى، يوشۇرۇن ئېڭىنى ئېچىپ بېرىمىز دەپ جىنسىي ئاڭ، تەلپۈنۈشلەرنى يالىڭاچ تەسۋىرلەر بىلەن ئىپادىلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىپادىلەش ئۆز نۆۋىتىدە شۇ خىل يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىياتقا سادىق روھى...يەنە بىر تۈردىكىلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاقىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىپ، شۇ بويىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇمۇ ئۆز تۈرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ مىللەتكە سادىق روھى....مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغان بىرلا ئېغىز گېپىم بار. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھېلىغۇ 500 يىللىقكەن، 500 مىڭ يىللىق پاجىئە يۈز بېرىپ كەتسۇن، قەدىمدىن داۋاملىشىپ ھازىرغا يېتىپ كەلدى. بۇ بىز قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك رېئاللىق. شېئىر( ئەدەبىيات) ئىنسانغا ئىستېتېك زوق بېرەلەيدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ مىللەتنى دۇنياغا تونۇتمايدۇ. ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئىيىتقاندىمۇ، ھەرقانداق بىر مىللەت دۇنيا سەھنىسىدە ئىقتىسادىي، ئىلغار تېخنىكىسى بىلان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھېلىھەم خۇداغا يۈزمىڭ شۈكۈر، ئۇيغۇرغا ئوخشاش ھېچنىمىسى تەرەققىي قىلمايۋاتقان ياكى تەرەققىياتى ئاستا بولىۋاتقان مىللەتمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپتۇ. مەن شېئىرنى سۆيىمەن ھەم قەدىرلەيمەن، ئەمما ئۇنىڭدىن غايىۋى ئۈمىد كۈتمەيمەن. كۈتىدىغىنىم، تەبئىي پەن ئالىملىرى. ئەدەبىيات تەرەققىي قىلىپ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا يەتسىمۇ ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تەبئىي پەنگە يەتمەيدۇ. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىق...ئۇيغۇر مىللىتىگە ھازىر ئەڭ زۆرۈر بولۇۋاتقىنى سانائەت جەھەتتىكى تەرەققىيات بولسا كېرەك.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 267
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 20:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  تەڭرىقۇت دەۋاتقان ئادەملەرنىمۇ تەربىيەلەيدىغان نەرسە تىل- ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ ژانېرلىرىدۇر.

  ئەدەبىياتچىلاردىن ئادەم تەربىيەلەشنى كۈتسەك بولىدۇ، ئەسەرلىرىدىن روھ تەربىيلەش قىممىتىنى ئىزدىسەك بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا تەڭرىقۇت نېمىشقا تەبئى پەنچى بولمىدى؟ دەپ گەپ باشلىساق سەمىمىي نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.

سەن يىراق دىلىمدىكى زىل قوڭغىراق،
نېچۈن سۆيدۈم بەرگىنىڭ دىلغا پىراق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش