http://bbs.xjtsnews.com/forum.ph ... A7%D8%B3&page=3
مانا ئەسلىسى:
سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئو ...
سىز مېنىڭ پىكىر قىلغاندا قايسى ھالدا تۇرۇپ پىكىر قىلىۋاتقانلىقىمغا كۆڭۈل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ھاياجانلانساممۇ ياكى ھاياجانلانمىساممۇ مۇنبەردە سىز مېنىڭ روھى ھالىتىمنى تىلغا ئېلىپ نەسىھەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ،چۈنكى سىز مېنى ھاياجانلاندى دىگەندە مەن دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىغان بولۇشۇم مۇمكىن،
سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ .
سىزگە بۇ يەرلەر ياراپ كەتكەن بولسا ،
ماڭا «ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس»دىگەن تېمىنىڭ ئۆزى رىئاكسىيە قىلدى.
مەنمۇ مىللىتىمىز نۇقسانسىز ئەمەس دىمىدىم ،تەنقىد قىلمىسۇن ،كۆرسەتمىسۇن دىمىدىم ، بىراق ھاقارەت قىلمىسۇن دىدىم ،ئەمدى قوپۇپ قانداقلارچە تاز بۇلۇپ قالغاندىمەن؟
«ئەدەبىيات ئادەم تەربىيلىمەيدۇبەلكى ئادەمنىڭ ماھايىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ »
بۇنى مەن دىدىم،بۇ قانداقتۇ ئۇلۇغلارنى ئاغزىدىن چىقان نەزىرىيە ئەمەس ، يولغىمۇ تاشلاپ قويماپتۇ مېنى تېپىۋالسۇن دەپ، . ،ئەدەبىيات ئادەم تەربىيلەيدۇ دىيىلسە ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچى يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچىدا ئادەم تەربىيلىگۇدەك سالاھىيەت تەييارلاندىمۇ يوق ، بۇنىڭغا قاراش مۇھىم بولىدۇ ، بىراق شەيتان شېرىك بۇلۇپ كەتكەن ھازىرقى زاماندا قايسى يازغۇچى بۇ شەرتكە تولۇق چۈشەلەيدۇ ،دىمەك مۇشۇ يولنى بويلاپ يازغۇچىنىڭ شەخسىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ، بىزدە يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن توقۇلمىلارغا مەست بۇلۇپ ،تۇرمۇشىنى يازغۇچى ياراتقان ھىكايىدىكى ۋەقەللىككە سېلىۋالدىغان ئوقۇرمەنلەر تۈركۈملەر بارلىققا كەلدى ھەم كەلمەكتە .رىئالىزىم ھېكايىلىرىنىڭ ئەمىلىيەتتە يازغۇچىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۈرشىدىن بارلىققا كەلگەن ساختا ۋەقەلەرنىڭ ئۇستۇلۇق بىلەن قوراشتۈرلۈپ داۋامىدائاجايىپ يۈكسەك شۇئارلار بىلەن ئاياقلىشىدىغان ئۇلۇك قېلىپقا چۈشۈپ قېلىشى ئارقىسىدا ساختا رىئالىزىمغا ئايلىنىپ قېلىپ مەلۇم ھېكايىنى ئوقىساق بېشىنى ئوقۇپلا يېشىمنى پەرەز قىلىپ بولالايمىز ،
يازغۇچىلىرىمىز ھىكايىلىرىنىڭ ۋەقەلىك قۇرۇلمىسىدا پىرسۇناژلىرىنىڭ ھەركەت، تاشقى قىياپەت تەسۋىرىگە كۆڭۈل بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە سەل قارىدى ، ياكى نوقۇل سىرتقى تەسۋىرگىلا كۈچەپ ،تاشقى بايان ئارقىلىق ماھايىتىنى يورۇتۇشقا ئۇرۇندى ، بۇ پىرسۇناجلارغا بولغان ئادالەتسىزلىك ،
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭ ساقلانغان بولىدۇ، بۇ قارا بۇلۇڭ باشقىلارغا ئاشكارلاشقا بولمايدىغان ، بىراق قازمىسا قەتئىي بولمايدۇ،دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزەم شۇ خۇلاسىگە كېلىۋالدىم ،سىزنىڭ باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ قېلپىغا سېلىپ مازاق قىلدىغان ھوقۇقىڭىز يوق!
ئۇيغۇرنى سۆيۈش مەسىلىسىدە ئاغزىمىزدا مەن سۆيىمەن دىسەكلا بىر كىملەردىن ئارتۇقىراق سۆيىۋالغان بولمايمىز ، بۇنى بەسلەشتۈرشىمىزنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق ،پەيتى كەلگەندە ھەممىمىز ئۆزىمىزنى بىلىۋالىمىز،
مېنىڭ مۇنازىردىكى مەيدانىم ،ئىللەتلەرنى يۇشۇرمايمىز ، بىراق ئانداق ھاقارەتلەر بىلەن مىللەتنى سۆكسە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايمىز ،
ئارتۇقچىلىقىمىز بولسا دادىللىق بىلەن ماختايمىز ، ئىلھام بېرىمىز ، مەسخۇش بۇلۇپ كەتسەكمۇ ،ھاياجانلىنىپ ئۇلىۋالساقمۇ ھېچ گەپ ئەمەس،
بىراق تەنقىدمۇ يولىدا بولىشى كېرەك ،مانا مۇشۇنداق قاقشاق ئەسەرلەرنى نەدە كۆرسەم شۇ يەردە نارازىلىقىمنى بىلدۇرمەن ،
يەنە نىمە دىمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز مېنىڭمۇ سىزگە دەيدىغان گېپىم يوق.