ب
.ئەدەبىيات ئادەم تەربىيلىمەيدۇ ، ئادەمنىڭ ئەسلى ماھايىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ ،ئەدەبىيەت ئادەم تەربىيلەيدۇ دىيىلسە ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچى يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچىدا ئادەم تەربىيلىگۇدەك سالاھىيەت تەييارلاندىمۇ يوق ، بۇنىڭغا قاراش مۇھىم بولىدۇ ، بىراق شەيتان شېرىك بۇلۇپ كەتكەن ھازىرقى زاماندا قايسى يازغۇچى بۇ شەرتكە تولۇق چۈشەلەيدۇ ،دىمەك مۇشۇ يولنى بويلاپ يازغۇچىنىڭ شەخسىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ، بىزدە يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن توقۇلمىلارغا مەست بۇلۇپ ،تۇرمۇشىنى يازغۇچى ياراتقان ھىكايىدىكى ۋەقەللىككە سېلىۋالدىغان ئوقۇرمەنلەر تۈركۈملەپ بارلىققا كەلدى ھەم كەلمەكتە .رىئالىزىم ھېكايىلىرىنىڭ ئەمىلىيەتتە يازغۇچىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۈرشىدىن بارلىققا كەلگەن ساختا ۋەقەلەرنىڭ ئۇستۇلۇق بىلەن قوراشتۈرلۈپ داۋامىدائاجايىپ يۈكسەك شۇئارلار بىلەن ئاياقلىشىدىغان ئۇلۇك قېلىپقا چۈشۈپ قېلىشى ئارقىسىدا ساختا رىئالىزىمغا ئايلىنىپ قېلىپ ،پىروزا يېزىقچىلىقى قاراڭغۇ يولغا كىرىپ قالدى ، مەلۇم ھېكايىنى ئوقىساق بېشىنى ئوقۇپلا يېشىمنى پەرەز قىلىپ بولالايمىز ،
يازغۇچىلىرىمىز ھىكايىلىرىنىڭ ۋەقەلىك قۇرۇلمىسىدا پىرسۇناژلىرىنىڭ ھەركەت، تاشقى قىياپەت تەسۋىرىگە كۆڭۈل بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە سەل قارىدى ، ياكى نوقۇل سىرتقى تەسۋىرگىلا كۈچەپ ،تاشقى بايان ئارقىلىق ماھايىتىنى يورۇتۇشقا ئۇرۇندى ، بۇ پىرسۇناجلارغا بولغان ئادالەتسىزلىك ،
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭ ساقلانغان بولىدۇ، بۇ قارا بۇلۇڭ باشقىلارغا ئاشكارلاشقا بولمايدىغان ، بىراق قازمىسا قەتئىي بولمايدۇ
بۇنىڭغا دەل قاراپ يېزىلغان ئەسەرلەردىن چىن ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىنى تېپىش ۋە تىپ قىلىپ قەلبىدىن غايىبانە ئورۇن بېرىشكە ئېرىشەلمىگەن ئوقۇرمەنلەر ئەدەبىياتنى ھەرخىل چۈشەندى.
1- ئىدىيە تارقاتتى- دېگۈچىلەر
2- ئادەمنى بۇزىدۇ-دېگۈچىلەر
3- ئادەمنى يېتەكلەيدۇ، تەربىيەلەيدۇ-دېگۈچىلەر
4- بەزى ئەسەرلەر بولۇلىدۇ، بەزىلىرى يارىمايدۇ-دېگۈچىلەر
5- چەتئەلنىڭكىگە يەتمەيدۇ دېگۈچىلەر
6- تىپ يوق- دېگۈچىلەر.
7- ئەدەبىياتنى كەسىپ دېەۋەلغۇچىلار...ۋەھاكازا
ئەمدى باشتىن كېلەمدۇق!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qutad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-6 19:20