شەھلا يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 00:57 
ما ئىنكاسىمنى نەدىن تاپتىڭىز؟
سىزنىڭمىدى، شەھلا. مەن ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن.
باشقا ئىنكاسلارمۇ ئەسئەت ئەمەتنىڭ «ئەدەبىياتىمىزدىكى بەزى مەسىللەر»ماقالىسىدىن ئېلىنغان.
مەن ئاخىرىدا بۇ سىتاتىلارنى دەپ قويماقچى ئىدىم. گېپىمنىڭ ئاخىرى چۈشمىگەچكە ھەم مۇشۇ گەپلىرىڭىزلارنىڭ ئاساسى بار بولغاچقا، تېمىغا قايتىپ كەلگۈچە ئۇلارنى كۆپچىلىككە ئورتاقلىشىشقا تاشلىغاچ ماڭغان ئىدىم.
ئەپسۇسكى، كۆپچىلىكنىڭ مۇنازىرە كەيپىياتى شۇنچە سۇس. مەنمۇ سىرىتقا چىقىپ كەتكەچ ئۆز گېپىمنى دەپ بوللالمىدىم. توغرا چۈشىنىڭلار.
مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم سىزنىڭ دەپ بولغانلىرىڭىزغا ئوخشاش بولۇپ قالغاندا، ياسالمىلىق قىلغاندىن كۆرە، سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئەكەپ تۇرۇپ سۆزلىگەن تەبئىيرەك بولار دەپ ئويلىدىم.
تەڭرىقۇت دېگەندەك ئايىغى چىقمايدىغان بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى. لېكىن، كەيپىيات سۇس بولسا، ئادەم زېرىكىدىكەن.
ئامان بولۇڭلار.