قۇربان بارات ئاكىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۇرىمەن
چولپان ئابدۇخمان
2016-يىلى 6-مارت ، ئادىتىم بويىچە يازغۇچىلار تورىغا كىرىپ بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى كۆرۇپ يۈرۈكۇم قارتتىدە قىلدى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي، خەتلەرنى چوڭايتىپ يېنىش-يېنىشلاپ قارىدىم. كۆز قارچۇقىمنى بىر قەۋەت تۇمان بېسىۋالدى. بۇ ئازابلىق ياش شۇ مىنۇتتا قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققاندۇ. بۇ گۈلزارلىقتىن يەنە بىر تال گۈلتاجى تۇزۇدىمۇ ئەمدى؟ بۇ گۈلزارلىق كۆكىدىن يەنە بىر يۇلتۇز ساقىدىمۇ؟ «قاياققا قارىساڭ يېشىل ھايات يېشىلدەك كۆرۇنىدۇ بار كائىنات» مەن بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، مۇنبەردە مەن ئەڭ جانلىق، ئەڭ ياخشى سۆزلەيدىغان دەرىسلىكىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرۈكىنى لەرزىگە سالالايدىغان دەرىسلىكىم. بۇ مەن ئەمەس، شائىرنىڭ ھېسياتى. مەن بۇ تەبىئەت لېرىكىسىنى مۇزىكا بىلەن كېرىشتۇرۇپ، دېكلىماتسىيە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بېرەتتىم. مانا مۇشۇ شېئىرنى ئوقۇغاندىن باشلاپ تىپتىنىچ بېكىنمە ھاياتىمغا خاتىمە بېرىپ ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھىرلىنىشكە باشلىغان. تەبىئەتنى ۋە تەبىئەت مەنزىرلىرىنى سۆيگەن ئىدىم. تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن ھەر تەتىلدە ئائىلە بويىچە ئاشۇ تەبىئەت قوينىغا ئۆزۇمنى ئېتىپ، ياشاشنى، ھۇزۇرلىنىشنى، ئارام ئېلىشنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. شۇ تاپتا قايغۇلۇق ھېسياتتا كۆز ئالدىمدا، ماتەمگە چۆمگەن ئاشۇ گۈزەل يېشىل ھايات، يېشىل يايلاق بىرمۇ-بىر گەۋدىلەنسە، قايناق ھېسياتقا تەڭكەش بولغان مۇزىكا پەدىسىنى يۆتكەپ مۇڭغا ئۆزگىرىپ يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەنە ئېتەكلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن قارلىق چوققىلار، باغرى گۈل-چىچەككە تولغان ئىدىرلار، ساما بىلەن بوي تالاشقان قارغايلار، تاغ سۇيى ئېقىۋاتقان تۇتاش ئورمانلار.....ئاۋۇلدىكى كىگىز ئۆي، تام ئۆيلەرنىڭ مورىلىرىدىن چىقىۋاتقان تۇتۇنلەر، ئۆلەڭ ئېيتىۋاتقان كېلىنچەك، گۇلدۇرلەۋاتقان تېرەكتۇر.....ھەممە-ھەممىسى مىنۇت ئىچىدە توختاپ ماتەمدە تۇرغاندەك قىلىۋاتاتتى. شۇنداق گۈزەل ئۇيغۇر تىلىغا تۇيۇنغان، پۈتۈن ھۇجۇدى لېرىكا بىلەن يۇغۇرۇلغان ئوغلانىمىز ئۈچۈن ھېسياتلىق ئىنسانلار پىغان بىلەن ماتەمدە تۇرغاندۇ. بىزدىن بىر-بىرلەپ ئايرىلغان ئۇستازلىرىمىز، مەن ئۇلارنى بارماقلىرىم بىلەن سانىدىم، دۇئاغا قول كۆتۇردۇم. ياتقان يېرىڭلار جەننەت بولغاي. ھۆرمەتلىك زوردىن سابىر ئاكا بىر سەپدىشىڭىز يېنىڭىزغا كەتتى. بىز ھاياتلار سىلەرنى ئۇنۇتمايمىز. سىلەرنىڭ ئالەمچە مىراسىڭلارنى ھەرۋاقىت قەلبىمىزدە ساقلايمىز، يولىمىزنى يورىتىشقا ماياك قىلىمىز.
ھۆرمەتلىك قۇربان بارات ئاكا يېشىل كائىناتتىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىپ، سىز ياراتقان «گۈزەل جەننەتتە» ياتقايسىز.
ئەلۋىدا !
ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولغاي.
2016-يىلى 8-مارت
|