يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: HURYET

شائىر قۇربان بارات ۋاپات بولدى (خەۋەر ۋە مەرسىيەلەر)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-6 16:03:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەۋىر تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-3-6 16:07:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەرھۇم ئۇستازنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن !

ۋاقتى: 2016-3-6 17:11:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  مەرھۇم  شائىر قۇربان باراتنىڭ ۋاپاتىغا  چەكسىز قايغۇلۇق ھىسياتىم بىلەن تەزىيە بىلدۇرۇمەن.شۇتاپتا مەرھۇم بىلەن 90-يىللارنىڭ بېشىدا دىدار مۇلاقەتتە بولۇپ بىللە ئۆتكۈزگەن ئۇنتۇلماس كۈنلەر ، ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەر، خاتىرەمگە يېزىپ بەرگەن ئىمزالىق دۇردانە سۆزلەر بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى ۋە ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى.ھەممىمىز ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز،ئەلۋىدا  ئۇستاز!سىزگە ئاللانىڭ رەھمىتىنى تىلەيمەن،ئائىلە- تاۋابىئات،دوست - بۇرادەرلىرىڭىزگە سەبىر تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-3-6 17:13:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستازنىڭ ياتقان جايى ئەزىز يەرلەردىن بولسۇن !

ۋاقتى: 2016-3-6 17:27:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاياققا قارىساڭ يېشىل ھايات،  يېشىلدەك كۆرىنىدۇ بار كائىنات.  ئ‍ەل سۆيگەن ئ‍ەلنى سۆيگەن قۇربان بارات،  ياشايسىز ئ‍ەل قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.

ۋاقتى: 2016-3-6 17:51:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


        ئەل قەلبىدە ساقلانغۇدەك ئەسەر يېزىپ كەلگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ئۇستاز قۇربان باراتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىلەيمەن!
        مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىگە ئاسانلىق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-3-6 18:03:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيرلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2016-3-6 18:03:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غايىبان دۇئادا مەن قۇربان باراتقا،
قەبرىدە ئ‍ىرىشكەي يېشىل ھاياتقا!!!!

ۋاقتى: 2016-3-6 18:22:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن ئىغىر مۇسىبەتكە چۆكتۈم ، ئاخىرەتلىكى خەيرلىك بولغاي .

ۋاقتى: 2016-3-6 18:29:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ ھەققى ھالال،ماكانى جەننەت بولسۇن ئۈزۈلدۈم ياراتقۇچى بارچىمىزگە سەۋىر بەرسۇن سەۋىرلىك بولايلى ئامىن!

ۋاقتى: 2016-3-6 18:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىت!...بىر گىگانىت شائىردىن ئايرىلىپتىمىز....پۇشكىننىڭ يەنە نۇرغۇن لېرىكىلىرىنىڭ قۇربان بارات ئاكا تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنى ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى.....

ۋاقتى: 2016-3-6 18:36:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستازنىڭ ئاخىرەتلىكىگە ئاسانلىق تىلەيمەن. ئائىلە- تاۋاباتلىرىغا سەبرى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-6 19:13:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋىدا ئۈستاز

ئامىنە ئابدۇۋايىت

ئۈندىداردىن كۆرگېنىمدە شۇم خەۋەرنى ،
كۆزلىرىمگە ئىشەنمېدىم - ئىشەنمېدىم.
بۇغۇچلانغاچ سەزگۈلىرىم ، ئەقلىم بىلەن ،
‹‹ شائىر ›› دېدىم : ئېسەدېدىم - ئېسەدېدىم .

كەچتى مېنىڭ خىيالىمدىن ئۆسمۇرلىكىم ،
تىلى تاتلىق شائىر دېدىم قۈربان بارات .
يۈرېگىمگە مۆھۇر بولۇپ بېسىلغانتى ،
شېئىرلارنىڭ گۈلتاجىسى - ‹‹ يېشىل ھايات  ›› .

ئۆزىڭىزنى بىرەر قېتىم كۆرمىسەممۇ ،
‹‹ ئاق روماللىق پەرىزات ›› نى ئوقۇغان مەن .
‹‹ تاغ سۇيى ›› دەك سۈزۇك ، راۋان مىسرالاردىن ،
سۆز ئۈستىسى شائىرىم دەپ تونىغان مەن .

رىياللىقنى تەن ئالماسقا يوقتۈر چارە ،
بىزمۇ ھامان بىر كۈنلېرى كېتىمىزغۇ ؟!
سىز شۇ ‹‹ قىزىل ئەتىر گۈل ›› نى پۇراپ تۈرۇڭ ،
ئارقېڭىزدىن ھامان بىر كۈن يېتېمىزغۇ؟!

‹‹›› تىرناق ئىچىگە ئېلىنغېنى شائىرنىڭ ئەسەرلېرىنىڭ باش تىمېسى
2016-يىل 3- ئاينىڭ 6- كۇنى ئاقتۇ


ۋاقتى: 2016-3-6 19:46:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىگى ياخشى بولغاي .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 20:24:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىنسان  دىگەن  شۇنداق  بىقۇۋۇل    رەيھانگۈل  ئ‍وسمان  باھار  كەتتى  چىچەكلەر  كۆرمەي  ، توپا  باستى  يۇمران  شاخلارنى  ،  ئ‍ۆچتى  بۈگۈن  نۇرلۇق  بىر  يۇلتۇز  ،  دەرىتكە  سىلىپ   سانسىز  دىللارنى  ،     كەتتى  بۈگۈن  بىر  يىشىل  ھايات  ، يىشىللىقنى  باغرىغا  باسماي  ، ئ‍ەجەل  ئ‍اتلىق    مەڭگۈلۈك  سەپەر  ،  ئ‍اسمانلارنى كەزدى  توختىماي   ،   ئ‍ىنسان  دىگەن ئ‍ەجەپ  بىقۇۋۇل  ، ئ‍ىچىرقىغان  ئ‍ۆلۈم  ئ‍الدىدا  ،  غىرىپلىققا  چۆكسە  قەبرىلەر  ، روھلار  تامان  ئ‍ەگىيدۇ  قۇشلار   ،  ئ‍ۆلۈم  دىگەن  قەرەلسىز  ئ‍وقتۇر  ،   خىلى  بۇرۇن  تەككەن  دادامغا  ،   سەبرىلەرگە  ئ‍ۇلاشماي  يەنە  ، ئ‍اھ  نەزىرى  چۈشكەن  ئ‍اكامغا  ،  شۇندىن  بىرى  خىيال  ئ‍ىچىدە  ، كەتكەنلەرنى  ياد  ئ‍ىتىپ  يۈردۇق   ، باغرىمىزغا  كۆچتى  غىرىپلىق  ،   كۈلگەنلەرگە  قاراپ  ھەم  كۈلدۇق  ،  ئ‍ۈلۈم  بەلكىم   بىغەم   يولۇچى  ، خالىغاندا  كىلىدۇ  يوقلاپ  ،   قەبرىلەرگە  قونغاندا  قۇشلار  ،   شامال  كىلەر  دۇئالار  يادلاپ   ،   باش  باھارنىڭ  تۇنجى  كۈنىدە  ، ،يىغا  باستى  زىمىننى  پۈتۈن  ،  روھلار  چىقتى  بەلكى  ئ‍اسمانغا  ،   دۇ ئ‍ا  تىلەپ  ئ‍ۆلۈملەر  ئ‍ۈچۈن   ،      2016-6-مارىت    ئ‍اقتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش