يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: HURYET

شائىر قۇربان بارات ۋاپات بولدى (خەۋەر ۋە مەرسىيەلەر)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-7 13:22:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن قايغۇردۇم. جايى جەننەتتە بولغاي ئىلاھىم! مەنمۇ مەرھۇمنىڭ شېئىرىلىرىنى كۆپ ئوقۇغان ۋە سۆيۈپ ئوقۇغانلارنىڭ بىرسى ئىدىم.

ۋاقتى: 2016-3-7 13:46:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم دادام ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان، كۆپ تەرىپىنى قىلىدىغان ئىقتىدارلىق شائىرىمىزنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرماقتىمەن. قىسقىغىنە 2 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كەينى-كەينىدىن مۇسىبەت كەلدىغۇ-ھەجەپ...

ئاللاھ مەرھۇملىرىمىزنىڭ ئورنىنى بېھىش جەننەتتە قىلىپ بەرسۇن. قەبرىلىرىنى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىغا ئايلاندۇرۇپ بەرسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-7 16:03:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ روھىغا ئىسەنلىك،ئائىلىسىگە سەبىر ئاتا قىلغاي.

ۋاقتى: 2016-3-7 16:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يىشىل ھايات- قۇربان بارات» بۇ بىر جۈپ قاپىيەگە بەكلا ئامراق ئىدىم، ئەپسۇس قاپىيەلەرمۇ جۇدالىققا گىرىپتار بوپتۇ...
كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. ئۇستازنىڭ ئاخىرەتلىكىگە خاتىرجەملىك، ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبىر تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-7 16:32:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم شائىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى سەككىز جەننەتتە بولغاي ، ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىللەيمەن ، بۇ خەۋەرنى كورۇپ بەكمۇ قايغۇردۇم .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 19:00:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭]
قۇربان بارات

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

قۇربان بارات كەتتى دەيدۇ، يالغاندۇ؟
بەلكىم بىردەم ئۇخلايچۇ دەپ ياتقاندۇ.
بەلكىم ئويلاپ،يېزىپ ھېرىپ قالغاندۇ،
پەرۋاز قىلىپ خىياللىرى تالغاندۇ.

كۈتكەنلىرى تېخى يېتىپ كەلمەستىن،
ئارمانىغا يەتمەي تۇرۇپ پەلەستىن،
بىزگە يېڭى سوۋغا سالام بەرمەستىن،
كەتتى دېگەن قىپ-قىزىللا يالغانغۇ…

كەتسە ئەگەر ئۇ كۈيلىگەن قەيسەرلىك،
قالماسمىدۇ قىسىپ يەنە بوينىنى.
كەتسە ئەگەر ئۇ كۈيلىگەن ئۈمىد ھەم
يىغلاپ تۇرۇپ ئاچار كىمگە قوينىنى.

قۇربان بارات كەتتى دەيدۇ،يالغاندۇ؟
بىر جايدا ئۇ بەلكىم كۈلۈپ ياتقاندۇ.
يىلتىزىنىڭ توغراق  كەبى روھىنى
كۈيلەپ  يەنە  يېڭى قوشاق قاتقاندۇ.

2016-يىلى 6-مارت خەيفا شەھرى

ۋاقتى: 2016-3-7 19:26:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەدەبىياتقا ئەمىدىلا ھەۋەس قىلىپ يۈرگىنىمدە ئارسىلان، ئوسمانجان ساۋۇت، قۇربان بارات شېئىرلىرى شېئىرىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئالغان مۇھتىرەم شائىرلاردىن بىر-بىرلەپ ئايرىلىپ قالدۇق.....

ۋاقتى: 2016-3-7 23:13:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر قۇربان باراتقا مەرىسىيە

ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد

ئۆسمۈرلۈك چېغىم
ھېلىمۇ ئېسىمدە
ياد ئالاتتۇق ‹‹يېشىل ھايات››نى،
ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز قىزىقچى ئىدى:
‹‹...
يېشىل ھايات،
ئاپتۇرى قۇربان بارات،
ئۈرۈمچىدە ،ھازىرمۇ ھايات..
.....››
ھەممىمىز پاراقلاپ كۈلۈشكەن ئىدۇق.
مۇبارەك ئىسىمنى بىلىشكەن ئىدۇق،
ئىشەك مىنگەن ، كالا باققاندا،
ئېتىزدا ، يولدا ، باغدا ئورماندا،
يېشىللىق كۈلگەن ھەر ياز .باھاردا،
بۇ شېئىرنى ياد ئوقۇشقانىدۇق،
يېشىل ھاياتقا سىڭىشكەنىدۇق،
غوبارسىز بالىلىق قەلبىمىز بىلەن
ئوزۇن ئۆمۈر تىلەشكەنىدۇق....

كېيىنچە بىلسەم
شۇ چاغدا بىر ئوت يېقىلغانىكەن،
ھاياتقا يېشىل مۇھاببەت بىلەن
شېئىرغا رىشتىم چېتىلغانىكەن...

ئاشۇ چاغلاردىن
بۆگۈن ‹چاسا›دەپ دىماغ قاققانغا
ئاشۇ شېئىرلار پەلەمپەي ئىدى...
قارا يىللاردا پىكرى غېرىبقا
مۇڭداش -تەسەللىي، دوست- يارەي ئىدى...

ئەپسۇس ...ئەلۋىدا...
تالاي بېرىپ ئۈرۈمچىگە،..ھەي...
يۈز تۇرانە بىر كۆرەلمىگىنىم..
كۆڭۈل سۆزۈمنى دېيەلمىگىنىم...
بۆگۈن بولسىمۇ نوغاي مەسچىدگە
قانات چىقىرىپ بارالمىىغىنىم،..
تاۋۇتنى مەرتە ئالالمىغىنىم....

ئەلۋىدا،...ئۇستاز، ..ئەلۋىدا..
ئىسمىڭىز زېكىر ئەلنىڭ يادىدا..
ياتقان جايىڭىز جەننەتتە بولسۇن ،
ياشايسىز مەڭگۈ ئۇيغۇر تىلىدا...


بالىلار شېئىر يادىلايدۇ:
‹يېشىل ھايات
قۇربان بارات
ئارىمىزدا مەڭگۈ ھايات...›
................................
......................
.................
2016-يىل،ھەمەل ئېيى 6-كۈنى .ئۇچتۇرپان


ۋاقتى: 2016-3-8 00:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەن گەرچە مەرھۇم بىلەن دەرسلىككە كىرگۈزىلگەن شېئىرلىرى ئارقىلىق خىيالەن  پىكىرلەشكەن بولساممۇ، ئەمما كۆرۈشىش نېسىپ بولماپتۇ.ئۆكۈنىش نە ھاجەت!مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن...

ۋاقتى: 2016-3-8 01:07:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاقلىق شائىر، ئىقتىدارلىق مۇھەررىر، تەرجىمان قۇربان باراتنىڭ ئۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن جەننەت تىلەيمەن! مەرھۇم ئۇستاز، سىز ئۆلۈپ كەتتىڭىز، لېكىن سىزنىڭ روھىڭىز ئۆلمىدى، سىزنىڭ قان-تەر ئاققۇزۇپ يازغان شېئىر-داستانلىرىڭىز ئۆلمىدى، مەن سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ پاساھەتلىك، چەكسىز مەنالارغا تويۇنغان شېئىر-داستانلىرىڭىز ئارقىلىق تونىغان. مەن شېئىرغىمۇ ئەڭ دەسلەپ سىزنىڭ شېئىر-داستانلىرىڭىزنى ئوقۇپ قىزىققان، گەرچە مەن ھاياتىمدا سىزنى بىر قېتىممۇ كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ لېكىن سىزنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق مەن سىزنى ئەبەدى ئەسلەيمەن ھەم دۇئايىمدا ياد ئېتىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-8 03:02:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شائېرنى «يېشىل ھايات»  ئارقىلىق تونۇغان ئىدىم، «ئاك روماللىق پەرىزات» قالتىس توپلام ئىدى.

ۋاقتى: 2016-3-8 13:26:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  زامانىمىز شېئىرىيىتىنىڭ سەركە شائىرلىرىرىدىن - قۇربان بارات  ئاكىنى  مەڭگۈ  ياد  ئېتىمىز.
شائىرنىڭ ‹‹ يېشىل ھايات ››، ‹‹ كېسىلگەن توغراق ››، ‹‹ ئامىنەنىڭ ئۆلۈمى ››... قاتارلىق شېئىرلىرى قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ، قۇلاق تۈۋىمىزدە ھېلىھەم جاراڭلاپ تۇرماقتا. شائىرنىڭ ئائىلىسى، قېرىنداشلىرىغا سەبر تىلەيمەن،  
                                             ئەلۋېدا، قۇربان بارات ئاكا، ئارام تاپقايسىز !


،

ۋاقتى: 2016-3-8 16:40:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان بارات ئاكىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۇرىمەن
چولپان ئابدۇخمان

2016-يىلى 6-مارت ، ئادىتىم بويىچە يازغۇچىلار تورىغا كىرىپ بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى كۆرۇپ يۈرۈكۇم قارتتىدە قىلدى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي، خەتلەرنى چوڭايتىپ يېنىش-يېنىشلاپ قارىدىم. كۆز قارچۇقىمنى بىر قەۋەت تۇمان بېسىۋالدى. بۇ ئازابلىق ياش شۇ مىنۇتتا قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققاندۇ. بۇ گۈلزارلىقتىن يەنە بىر تال گۈلتاجى تۇزۇدىمۇ ئەمدى؟ بۇ گۈلزارلىق كۆكىدىن يەنە بىر يۇلتۇز ساقىدىمۇ؟ «قاياققا قارىساڭ يېشىل ھايات يېشىلدەك كۆرۇنىدۇ بار كائىنات» مەن بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، مۇنبەردە مەن ئەڭ جانلىق، ئەڭ ياخشى سۆزلەيدىغان دەرىسلىكىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرۈكىنى لەرزىگە سالالايدىغان دەرىسلىكىم. بۇ مەن ئەمەس، شائىرنىڭ ھېسياتى. مەن بۇ تەبىئەت لېرىكىسىنى مۇزىكا بىلەن كېرىشتۇرۇپ، دېكلىماتسىيە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بېرەتتىم. مانا مۇشۇ شېئىرنى ئوقۇغاندىن باشلاپ تىپتىنىچ بېكىنمە ھاياتىمغا خاتىمە بېرىپ ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھىرلىنىشكە باشلىغان. تەبىئەتنى ۋە تەبىئەت مەنزىرلىرىنى سۆيگەن ئىدىم. تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن ھەر تەتىلدە ئائىلە بويىچە ئاشۇ تەبىئەت قوينىغا ئۆزۇمنى ئېتىپ، ياشاشنى، ھۇزۇرلىنىشنى، ئارام ئېلىشنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. شۇ تاپتا قايغۇلۇق ھېسياتتا كۆز ئالدىمدا، ماتەمگە چۆمگەن ئاشۇ گۈزەل يېشىل ھايات، يېشىل يايلاق بىرمۇ-بىر گەۋدىلەنسە، قايناق ھېسياتقا تەڭكەش بولغان مۇزىكا پەدىسىنى يۆتكەپ مۇڭغا ئۆزگىرىپ يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەنە ئېتەكلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن قارلىق چوققىلار، باغرى گۈل-چىچەككە تولغان ئىدىرلار، ساما بىلەن بوي تالاشقان قارغايلار، تاغ سۇيى ئېقىۋاتقان تۇتاش ئورمانلار.....ئاۋۇلدىكى كىگىز ئۆي، تام ئۆيلەرنىڭ مورىلىرىدىن چىقىۋاتقان تۇتۇنلەر، ئۆلەڭ ئېيتىۋاتقان كېلىنچەك، گۇلدۇرلەۋاتقان تېرەكتۇر.....ھەممە-ھەممىسى مىنۇت ئىچىدە توختاپ ماتەمدە تۇرغاندەك قىلىۋاتاتتى. شۇنداق گۈزەل ئۇيغۇر تىلىغا تۇيۇنغان، پۈتۈن ھۇجۇدى لېرىكا بىلەن يۇغۇرۇلغان ئوغلانىمىز ئۈچۈن ھېسياتلىق ئىنسانلار پىغان بىلەن ماتەمدە تۇرغاندۇ. بىزدىن بىر-بىرلەپ ئايرىلغان ئۇستازلىرىمىز، مەن ئۇلارنى بارماقلىرىم بىلەن سانىدىم، دۇئاغا قول كۆتۇردۇم. ياتقان يېرىڭلار جەننەت بولغاي. ھۆرمەتلىك زوردىن سابىر ئاكا بىر سەپدىشىڭىز يېنىڭىزغا كەتتى. بىز ھاياتلار سىلەرنى ئۇنۇتمايمىز. سىلەرنىڭ ئالەمچە مىراسىڭلارنى ھەرۋاقىت قەلبىمىزدە ساقلايمىز، يولىمىزنى يورىتىشقا ماياك قىلىمىز.
ھۆرمەتلىك قۇربان بارات ئاكا يېشىل كائىناتتىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىپ، سىز ياراتقان «گۈزەل جەننەتتە» ياتقايسىز.
ئەلۋىدا !
ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولغاي.

                     2016-يىلى 8-مارت

ۋاقتى: 2016-3-8 18:19:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانتەڭرى چوققىسىدا ‹‹قار چېچەكلىرى›› ئۇچماقتا ،
ئەلۋىدا قۇربان بارات - ئەل قەلبىدە ‹‹يېشىل ھايات››.
   ‹‹قار گۈلى››  ياپراقىدىن چۈشمەكتە شەبنەم تامچىلاپ،
نالە قىلىپ چىقتى ئەنە ،      ‹‹ئاق روماللىق پەرىزات››.   

ۋاقتى: 2016-3-8 18:30:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم بەك پەرىشان بولدى، ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش