ئۇستاز شائىر قۇربان بارات ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيتىدىكى بىر چوققا ئىدى... مەرھۇمغا جەننەتتىن ئورۇن تىلەيمەن! ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبرى تىلەيمەن!ئىچىمدىكى بالىق قايغۇ-ھەسرىتىمنى تۆۋەندىكى مەرسىيە ئارقىلىق ئىپادىلەيمەن:
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا begturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-6 20:38
تەبىئەتتەك ياشايدۇ شائىر
ئىستىداتلىق شائىر،ئەدەبىي تەرجىمان،ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر قۇربان باراتنىڭ ۋاپاتىغا ئاتايمەن
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
چېچەك قىساي دېگەندە باغلار،
ئۇستاز شائىر يۈمدى كۆزىنى.
پۈتمەي تۇرۇپ ئاخىرقى شېئىر،
تۇپراققىلا كۆمدى سۆزىنى.
بارمىقىدىن چۈشتى سىيرىلىپ،
ساق ئاتمىش يىل كىشنىگەن قەلەم.
تىلدى يەنە زىدە يۈرەكنى،
نەيزىسىنى ئۇشلىغان ئەلەم.
ئاتۇشتىكى گىگانىت تاغلار،
چۆكۈپ كەتتى بىر تامچە ياشقا.
ئاغۇدىكى(1)*خىلۋەت بۇلاقلار،
بىر ئىسىمنى ئويىدى تاشقا.
كەلدى ھۆڭرەپ كۆنچى بويىدىن،
<< ئاپئاق رومال ئارتقان پەرىزات>>(2)*.
<< قار گۈلى>>گە(3)* كەتتى كۆمۈلۈپ،
ئۈرۈمچىدە << ياپيىشىل ھايات>>(4)*.
ئاسمىنىدىن ئۆچتى سەنئەتنىڭ،
ئېگىز ئۇچقان بۇركۇت ئاۋازى.
ئارمان بولۇپ قالدى ئۇيغۇرغا،
ئانا تىلنىڭ سۈزۈك پەرۋازى.
ئۇ كۈيلىگەن ئەزىز ئانا يەر،
ئىسسىق تەننى باستى باغرىغا.
تەبىئەتتەك ياشار ئۇ ئەمدى،
سادا بېرىپ تەڭرى تېغىغا.
ئىزاھات:ئاغۇ(1)_ شائىر تۇغۇلغان يېزىنىڭ ئىسمى.
(2)،(3)،(4) شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
2016-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 6-كۈنى(يەكشەنبە)،گۇما
|