شائىر قۇربان بارات ۋاپات بولدى
ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر، ئىقتىدارلىق لىرىك شائىر قۇربان بارات ئاكا 2016–يىل 3–ئاينىڭ 6–كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچىدە 70 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى 6–مارت (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭخاڭ مەسچىتى (نوغاي مەسچىتى)دە ناماز پېشىندىن كېيىن چۈشۈرۈلىدىكەن (ئۇچۇر مەنبەسى: مەرھابا يۈسۈپ ئۈندىدار چەمبىرىكى)
تۆۋەندە مەرھۇم شائىر قۇربان بارات ئاكىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى «يازغۇچىلار تورى»دىن ئېلىنىپ قوشۇمچە قىلىندى.
قۇربان بارات، 1946-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1962-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى.
قۇربان بارات 1956-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1988-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «يېشىل ھايات»، «ئاق روماللىق پەرىزات»، «قار چىچەكلىرى»، «قۇربان بارات ئەسەرلىرى» (بەش توم) ۋە «پۇشكىن ئەسەرلىرى»، «لېرمېنتوپ داستانلىردىن تاللانما»، «ئەي چىڭ شىئېرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. «ئاق روماللىق پەرىزات»، «قىزىل ئەتتىرگۈل»، «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»، «نۇر قەسىدىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.