بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-25 10:46 PM
ئەھلىي شىرازى شېئىرلىرىدىن ئىككى پارچە
شاھ ئىسمائىل دەۋرىدە شىرازدا يېتىشكەن سافەۋى شائىرلىرىدىن بىرى بولغان ئەھلىي شىرازى 1535-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ شېئىردا مەناغا قارىغاندا تىلغا بەكراق ئۈنۈم بەرگەن شائىرلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «كۈللىياتى قەسىدە»، «غەزەللەر»، «سىھرى خەلال ۋە شەمۇ پەرۋانە»ناملىق مەسنەۋىي ۋە رۇبائىيلاردىن تەشكىل تاپقان ئەسەرلىرى داڭلىقتۇر.
(1)
ئەگەر
دەردىم قەدەر بولسا ئىدى سۆز قۇۋۋەتىم،
كىم تەڭ تۇراتتى مېنىڭ بىلەن؟
تىرىشماق بىلەنلا ھەل بولسا ئىدى كۆڭۈل مۇرادى،
خۇسرەۋى پەرۋىز ئورنىغا
تىلاتتى تاغلارنى پەرھات.
گۈزەللىكنىڭ ئاتەشىدىن ئالسا ئىدى رەڭگىنى گۈل،
قالدۇرماستى چېمەنلىكتە بىر تالمۇ تېكەن.
كاساتلاشتۇردى ھۈسنۇ-گۈزەللەر بازىرىنى
بولمىسا تۈگىمەستى بۈگۈنمۇ يۈسۈپنىڭ فېتنەسى.
ئىرىشسە ئىدى ئەھلى ئاياغىنىڭ تۇپراقىغا
تۇپراق تىقاردى ھۆنەرسىز رەقىبىنىڭ ئېغىزىغا.
(2)
قاچانغىچە
قاچانغىچە،
بايان ئەيلەي دەردىمنى ئەلگە،
بىكاردىن بىكار؟
قاچانغىچە،
تىڭشاپ ئۆتەي ئىنسانلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى؟
سەن ئۇخلارسەن تاتلىق تاتلىق گۈلىستان باغرىدا،
قاچانغىچە،
ھاسىلات ھەۋىسىدە ياتاي تولغۇنۇپ،
تېكەن ئۈستىدە؟
يوق بولسا گەر شىرىننىڭ كۆڭلىنى كۆتەرمەك يولى،
فەرھاد مىسالى.
قاچانغىچە تاش كېسىپ ئۆتەي كۆڭلۈم قېنى بىلەن،
قانلىق كۆز ياشلىرىم بىلەن؟
سۈپۈرگەيمەن ئېتى ماڭغان يوللارنى كىرپىكىم بىرلە،
يېغلىماق گۇناھ بولسا ئەگەر،
قاچانغىچە،
داۋاملىشار گۇناھكار بولماق،
يوللار سۈپۈرمەك؟
ئاڭلىمىدىڭ يۈزمىڭ نالە قىلسام بىرىنى.
سورىمىدىڭ:
قانچانغىچە داۋام قىلار ئۈشبۇ ھېكايە؟
قەريەردە ئۇ روزگار
ئېچىلدۇرار مېنى؟
گۈل مېسالى.
قاچانغىچە،
ئېچىلماي توزماق،
كۆڭۈل غېمى بىرلە
غۇنچە مىسالى؟
ئەي، جاھان ئەھلى!
قالمىدى دەۋا، دەرت تۆكمەكتىن باشقا،
دەرماندىن دەردىمنى يۇشۇردۇم ئۇزاق
يۇشۇرارمەن يەنە قانچىلىك؟
مەنبە: "پارس شېئىرىيەت ئانتولوگىيەسى"دىن ئابدۇمىجىت مۇھەممەد تەرجىمە قىلىپ، تەييارلىدى.