يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئابدۇمىجىت.م

ئابدۇمىجىت (ت): ئەھلىي شىرازى شېئىرىدىن ئىككى پارچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 17:18:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر تېمىغا تولۇقلىما (1)

ئەھلىي شىرازى (أهلئ شيرازي) نىڭ تولۇق ئېسمى مۇھەممەد بىن يۈسۈف بىن شىھابى شىرازى(ھىجىرىيە 942/مىلادى 1535-يىلى ۋاپات بولغان) بولۇپ،  ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھىجىرىيە 858-(مىلادى 1454)-يىلغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ناھايتى ياخشى تەربىيە ئالغان بولۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ بۆيۈك ئالىمى جەلالىددىن غىژدەۋانى دەرسلىرىدىن كۆپ ئوزۇق ئالغان. كېيىنچە ھىراتقا بېرىپ بىر مەزگىل سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ سارىيىدا تۇرغان. بۇ يەردىكى ۋاقىتلىرىدا ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مەشھۇر قەسىدىلىرىگە تەقلىد قىلىپ ۋە ئاتاپ نەزىملەرنى تۈزگەن. قېسقا ۋاقىتتىن كېيىن ئەزەربەيجانغا كېتىپ  ئاققويۇنلۇلار (ئاق قويلۇقلار) ھۆكۈمدارى سۇلتان ياقۇپقا خىزمەت قىلغان ۋە بۇ ھۆكۈمدارنى مەدېھلەيدىغان بىر قاتار شېئىرلارنى يازغان. شاھ ئىسمائىل تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىپ، شاھ ئىسمائىل ئۈچۈنمۇ نورغۇنلىغان شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، «سىھرى ھېلال» مەسنەۋىيسى بۇلاردىن بىرىدۇر. شائىر شاھ ئىسمائىلنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن (1524) شىرازغا قايتىپ كەلگەن ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بۇ يەردە ياشىغان، ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھافىزشىرازىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش