يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئابدۇمىجىت.م

ئابدۇمىجىت (ت): ئەھلىي شىرازى شېئىرىدىن ئىككى پارچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-2 14:20:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 07:24 PM
ئەرچىن ئەپەندى خاتا بىلىۋالمىسىلا. ئەسلى ئەسەر ئارۇ ...

بۇ شېئىرلارنى زادى سىز تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ نوتوچىلارمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-2 16:49:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ نوتوچىلار ئەمەس بەلكى نوتوشۇناس پارس، تۈرك توفۇ(tofu)چىلىرى تەرجىمە قىلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى مەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇپ باقتىم ھەم مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.

ۋاقتى: 2016-3-2 18:43:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2016-3-2 04:49 PM
بىزنىڭ نوتوچىلار ئەمەس بەلكى نوتوشۇناس پارس، تۈرك توف ...

باشقا تىللاردا بەك پاساھەتلىك بولۇپ كېتىپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتامسىز نېمە! گېپىڭىز بەك تاققا تۇققا. بىردەم نوتۇچىلارنىڭ بىردەم توفوچىلارنىڭ، بىردەم پارىسلارنىڭ بىردەم تۈركلەرنىڭ گېپى بار. ئۇيغۇر تىلىغا ئاز تولا رەھىم قىلىپ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، جۈملە بۆلەكلىرى روشەن، مەزمۇنى ئېنىق بولغان گەپلەرنى يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ پەقەت ئارزۇ. ئىنكاسىمغا جاۋاب بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-4 15:43:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرك پوستمودېرنىزمچى نوتوچى شائىرچاقلارنىمۇ تونۇشتۇرۇپ باقامسىز؟ نوتۇشۇناس پارس فوتۇچىلارنىمۇ ھەم؟ ئەسلى ئارۇز ئىكەنلىكىنى بىلىپسىزيۇ نېمىشقا ئەسلىدە تەرجىمە قىلـماي بۇنى باشقىچە قىلىۋەتتىڭىز؟ سىزنىڭ مەن سورىغان بۇ ئىككى سۇئالغا بىر نەرسە يېزىشىڭىزنى سورايمەن. ناۋادا پىكرىمنى قوبۇل قىلـمىسىڭىز ئۇمۇ مەيلىڭىز، سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-4 17:10:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاپايى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 03:43 PM
تۈرك پوستمودېرنىزمچى نوتوچى شائىرچاقلارنىمۇ تونۇشتۇر ...

قارغۇنى تار يەردە قىستىمىسىڭىز بولمامدۇ!
نوتوغا چىگرا سىرتىدىن يىلتىز ئىزدەپ بېشى قېيىپ كېتىۋاتقاندا، جېنى تېخىمۇ قىينىلىپ ئازار يەپ قالمىسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-4 17:21:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2016-3-2 04:49 PM
بىزنىڭ نوتوچىلار ئەمەس بەلكى نوتوشۇناس پارس، تۈرك توف ...

سىزنىڭ بۇ قەدەر تېتىقسىزلىقىڭىزنى ئىلگىرى بىر قېتىم ئۆزۈمدىن كەتكەندەك ئۆتۈپ كەتكەن  ئىدىم.

    سىز نوتو ئەدەبىيات ھەركىتىنىڭ تەشەببۇسىنى بىلەمسىز؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 05:58:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ، سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلار نىمانداق تىز «نوتۇچى»لار؟ ئېسىڭلاردا بولسۇن مەن ھەربىر گەپنى ناھايتى ئويلاپ تۇرۇپ دەۋاتىمەن. ئېغىزدىن چىققان ھەربىر گەپكە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ سۆزلەسىلەر. يىرىم چىلەك سۇ كەبى ئادەم كولدۇرلىتىدىغان ئېزىمچىلارنىڭ دەۋىرى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. ھېچ بولمىسا شېئىرىيەتتە. ئىشەنمىسەڭلار نەچچە مېنۇت ۋاقىت چىقىرىپ يازغان ئىنكاسىڭلارغا دېققەت قىلىپ بېقىڭلار. بىز ق. ئوسمان غازى كەبى ئېسمى جىسمىدىن چەتنەپ كەتكەنلەرگە قاش-كۆزنى مىدىرلاتماي تۇرۇپ جاۋاب بېرىمىز. بۇنچىلىك پىكىرگە ئاچچىقلىنىش، شالىنى چېچىش، سۈر-ھەيۋە، غالىبلارچە سوراق جۈملىلەر كەتمەيدۇ. تاققا-تۇققۇ سۆزلەشنى باشلىغانلار، ئاڭلاشنىمۇ ئۈگۈنۈپ قويۇڭلار...

ۋاقتى: 2016-3-5 09:02:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تورغا كىرمىگىلى ئۇزۇن بولغان، ئالدىنقى كۈنى كىرىپ قارىسام بۇ مۇنازىرە بار ئىكەن، شۇڭا ئىنكاس قالدۇرغانىدىم. ئاندىن قاسىمجان ئوسمان غازى (مېنىڭ بىلىشىمچە قاسىمجان ئوسمان غازى نوتوچى( ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ. ئابدۇمىجىت خاتا ھالدا مېنىمۇ نوتوچىلار قاتارىغا قوشۇۋالغان ئوخشايسىز. شۇڭا سۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزمۇ قاراپ سۆزلىگەيسىز. چۈنكى مەن پەرھات تۇرسۇننى نوتوچى دەپ قارىمايمەن، ياكى مەن بىلـمەيمەنمۇ.  ناۋادا پەرھات تۇرسۇن نوتوچى بولسا بۇ گېپىڭىزنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئېلىپ سۆزلىنىشى دۇرۇس، ئۇنداق بولـمىسا سىز مېنىمۇ نوتوچى دەۋالغان بولىسىز. يېرىم چېلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دېگىنىڭىز نېمە گەپ؟ ئۆزىڭىز بىر نەرسە يېزىپسىز، ئىنكاس قالدۇرۇلسا ئۇنىڭغا تىل سېلىپ مۇنازىرە تىلىدىن چەتنەپ كېتىپسىز، بۇ قانداق پوزىتسىيە؟ ئۇنداق ئادەم تېما قالدۇرماڭ، تېما قالدۇرغاندىكىن ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا تەنقىدى مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئىشلىتىڭ. بىر مۇنچە ئىنكاسلارغا چىدىمىغان ھالەتتە تىل تەگكۈزۈپ ئىنكاس ياندۇرۇپسىز، مېنىڭچە بۇنداق بولسا تازا قاملاشمىغىنى. مەن ئەزەلدىن بۇ توردا بۇنچە كۆپ ئىنكاس يېزىپ باقمىغان، لېكىن بۈگۈن مۇشۇنداق دەۋاتىمەن. ھەرقانداق ئېقىم بولسا، مەيلى يېرىم چېلەك سۇ بولسۇن، بىر چېلەك سۇ بولسۇن شالاقشىپ تۇرسا، ئىدىيىۋى غىدىقلىنىش بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىيات گۈللىنىدۇ. بۇنىڭ بولـمىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش كۆپنى بىلگەنلەرنىڭ قولىدا، ئۇلار قوبۇل كۆرسە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كۆپنى كۆرمەي دېيىلىپ قالغان سۆزلەرنى تۈرەتسە بولـمىدىمۇ؟ سىزنىڭ تېما يوللىغاندىكى گەپلىرىڭىزدىن خەپ توختاپ تۇرۇڭلار نوتوچىلار، ھامان جاجاڭلارنى يەيسىلەرغۇ؟ بىر نەرسىنى بىلـمىگەن ھالىڭغا نېمە يوغانلىق قىلىشىسەن؟ دېگەندەك پۇراقنى پۇراپ قالدىم. يا مەن خاتالىشىپ قالدىممۇ؟ كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ بېقىشىنى سورايمەن. مەن كۆپنى كۆرمىگەن، نوتوچىلارنىمۇ، فوتوچىلارنىمۇ تېخى تولۇق چۈشەنمەيمەن، پىكىرلىرىم قېيىپ كەتكەن يەرلەر بولسا كۆپنى كۆرگۈچىلەرنىڭ پىكىر ئېيتىشىنى سورايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 09:49:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاپايى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 03:43 PM
تۈرك پوستمودېرنىزمچى نوتوچى شائىرچاقلارنىمۇ تونۇشتۇر ...


سالام ۋاپايى، مەن ئەسلىدە سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا جاۋاب قايتۇرماي دەپ ئويلىغان. بىراق سىز راستىنلا ئىنكاسنى خاتا چۈشىنىپ، تېمىنى بۇراش ھالىتىگە ئۆتۈپسىز. ئەمدى بولسىمۇ بىر نېمە دېمىسەم بولماس.
   سىز مەن ئىنكاس يېزىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسى تۈرىدە يوق. (1) سىز تېخى "نوتو" ، "فوتۇ" دېگەن سۆزلەرنى ئەسلى ۋەسلىنى بىلمەيسىز. (2) مېنىڭ ئىنكاسىمنى تەپسىلى ئوقۇڭ. مەن باشتىلا بىزنىڭ "نوتۇچىلىرىمىز" دىن ئۆزۈمنى تارتىپ كەلدى. مەن پارس، تۈرك نوتوچىلىرى ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ نوتو كەلىمىسىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولغان توفۇ (ئەسلى خەنزۇتىلىدىكى دوفۇ سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە بۇزۇلغان تەلەپپۇزى ئاساسىدا ياسالغان سۆز) ھەققىدە كىچىككىنە ئۇچۇر بەرگەن ئىدىم. "نوتو" دېگەن سۆزلەرنىڭ چېقىلغىلى بولمايدىغان سۆز ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن. (3) ئەمىتاخۇن بالىسىغا نوتو دەپ ئېسىم قويسا، مەمىتاخۇندىن ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىپسىز. (4)تۈرك پوستمودېرنىزمچى نوتوچى شائىرچاقلارنىمۇ تونۇشتۇرۇپ باقامسىز؟ نوتۇشۇناس پارس فوتۇچىلارنىمۇ ھەم؟ ئەسلى ئارۇز ئىكەنلىكىنى بىلىپسىزيۇ نېمىشقا ئەسلىدە تەرجىمە قىلـماي بۇنى باشقىچە قىلىۋەتتىڭىز؟ ماۋۇ گېپىڭىزگە قاراڭ. كىمنى تونۇشتۇرۇش مېنىڭ ۋاقتىمغا، خالاش خالىماسلىقىمغا باغلىق ئىش. ئەگەر ئىشىنچە ۋاقتىم بولغان بولسا ئىدى. ئۇ ئىشلارنىمۇ قىلىپ قويغان بولاتتى. ئەمدى ئەسلى ئارۇز ئىكەنلىكىگە دائىر شېئىرلارغا كەلسەك، تۇيۇقسىز شۇنداق تەرجىمە قىلىپ ئويناپ باققۇم كەلدى. چۈنكى سىز كەبى مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىگە قاراپ، سۈكۈت قىلىپ، ھوزۇرلىنىدىغان خۇيى بار ئەمەسمۇ! بۇ يەردە خېلى خېلى نەرسىلەرگە "چېقىلغانلار" ئانچە ئەيىپلىنىپ كەتمەيدىغۇ!...

مەن ئەسلى ئۇ تەرجىمە ئارقىلىق، بىزنىڭ گۇڭگا، نوتو، ئىزلەنمە دېگەن ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ شۇ نەۋايى، مەشرەپ، ئۆمەر ھەييام، مەنسۇر ئەللاجى كەبى كىلاسسىكلارنىڭ بۈگۈنكى كۆلەڭگىسى، ئىجادىيەتلىرىمىز قانچە يېڭى بولغىنى بىلەن ئۇنىڭدا ھامان بىز تىللاۋاتقان ياكى ئىسلاھ قىلماقچى بولغان نەرسىلەرنىڭ ئۆڭمەس تامغىسى بار دېمەكچى ئىدىم...ئەپسۇس بۇنى چۈشىنىشكە خېلى كاللا كېتىدىغان ئوخشايدۇ...

ئەمدى، ماۋۇ ئىككىنچى ئىنكاسىڭىزغا كەلسەك، مېنىڭچە تىزراق ئۆزگەرتىۋالسىڭىز، ياكى ئۆزىڭىز ئوقۇپ بەھىر ئالسىڭىز ياخشى بولىدىغان ئوخشايدۇ. چۈنكى مەن ئەدەبىيات گۈلىستانىدىكى ھەربىر ئادەمنى ئۆز تۆھپىلىرى بىلەن ھۆرمەتلەيمەن، ئەمما ئۇلارنىڭ تەنقىد قلىشقا تېگىشلىك يەرلىرىنى يەنە ئۆز نوۋىتىدە تەنقىد قىلىۋىرىمەن، ماڭا نېسبەتەن مۇتلەق توغرا ياكى مۇتلەق خاتا كۆز قاراش يوق...شۇڭا سىزنى نوتوچىلار قاتارىدا ساناش ئەمەس، بۇ ھەقتىكى خىياللارغىمۇ يېقىن كەلتۈرۈپ باقمىدىم. پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىگە كەلسەك، ئۇ ئەدەبىياتىمىزدىكى باشلامچى ئىجادكارلارنىڭ بىرسى، ئۆزىگە خاس ئاۋازى ۋە ئورنى بار. مېنىڭچە ئۇنىڭغا ھەرقانداق قالپاق ھاجەتسىز. ئەمدى باشقا باللاغا نىسبەتەن ئىلىپ ئېيىتقاندا، يېڭىلىق يارىتىش ياخشى ئىش، ئەمما پارس، ئەرەپنىڭ چاپىنىنى كەيگەنلەرنى ئەيىپلەپ، ئىنگىلىز، نېمىسلارنىڭ چاپىنىنى كەيگەنلەرنى كۆككە كۆتۈرۈش "يېرىم چېلەك سۇ"نىڭ ئاۋازىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن بۇ ياشلارغا تاھىرھامۇت ئەپەندىنىڭ ماقالە ئەسەرلىرى، ھەرقايسى تورلاردىكى ئىنكاسلىرىنى بەكراق ئوقۇپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىزگە جاۋابنى موشۇنچىلىك يازاي. سورۇن، ۋاقىت، ۋە مۇنازىرە ئوبېكىتلىرى ماس كەلگەن ۋاقىتلاردا "نوتو"، "تۇفۇ" ھەققىدىمۇ توختىلىشىم مۆمكىن.
                                                              

ۋاقتى: 2016-3-5 10:00:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ؟  ئۇنداقتا قاسىمجان ئوسماندىن باشقا نوتوچىلار ئىنكاس يازمىغان تېمىغا لار قوشۇمچىسىنى قوشۇپ سۆزلەپسىز، بۇنداق بولغاندا مەن ئەلۋەتتە شۇنداق سۇئال سورايمەن. بۇنىڭ نېمىسى خاتا؟ مەن ئەسلى ۋەسلىنى بىلـمىگەچكە سىزدىن سوراۋاتىمەن. سىز مېنىڭ نېمىنى بىلىدىغان نېمىنى بىلـمەيدىغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بۇنىڭدىن مەن مىننەتدار، لېكىن سىز تېما يازغاندا ماڭا نەسىھەت قىلغۇچە ئۆزىڭىزنىڭ سۆز ئىشلىتىشىڭىزگە دېھقەت قىلىڭ. مەن ئىنكاسنىڭ ئاستىدا قوبۇل كۆرسىڭىز دەپ ئەسكەرتكەن، مەن ئۇلارنى بىلـمىگەچكە تونۇشتۇرۇپ باقارمىكىن دەپ شۇنداق ئېيتقانىدىم. ناادا خالىمىسىڭىز ياكى ۋاقتىڭىز بولـمىسا بۇنىسى مەيلى، مەن سىزگە بويرۇق قىلىپ شۇنداق قىلىڭ دېمىدىم. بۇنىڭغا قانداق قىلىش قىلـماسلىق مېنىڭ ئەركىم دېيىشىڭىزنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق. مەن ھېچكىمنى ھېچنىمىگە زورلىمايمەن، ھەم شۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايمەن. قارىغاندا سىزگە خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويغان ئوخشايمەن. كۆپنى بىلـمىگەنلىك مېنىڭ سەۋەنلىكىم ئەمەس، مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىم. بۇنى ئۇنچىۋالا ئېغىر ئېلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم ئارۇز ۋەزنىدىكى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا باشقا ۋەزىندە قىلدىڭىز دېيىش ئىدى، سىز بۇنى قانداق چۈشەندىڭىزكىن تاڭ؟ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن. مەنمۇ ئوخشاشلا ھېچقانداق بىرلائېقىمنى ياقىلىمايمەن، ئىدىيىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنى ياقتۇرىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 10:05:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاپايى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 10:00 AM
شۇنداقمۇ؟  ئۇنداقتا قاسىمجان ئوسماندىن باشقا نوتوچىلا ...

ھە، پەرق دەل موشۇ يەردە. سىز "ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىقماي" ، ئىلھامىڭىز تۇتقاندا مۇنبەرگە كىرىسىزدە، كۆزىڭىزگە چىلىققان تېمىنى چوقۇلاپلا، ئىنكاس يېزىشنى باشلايسىز. بىز شېئىرىيەت ھادىسلىرىگە سەل كەڭرىراق دائىرىدە نەزەر تاشلاپ، كۈزۈتۈپ تۇرۇپ مەلۇم تېما ئاستىدا شۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرنى قىلىمىز. بۇ ئىنكاسلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ "ئايدالا"، "ئاۋانگارت" ، "ئىزدىنىش" كەبى ئەدەبىيات مۇنبەرلىرىگە ۋە بۇ يەرلەردىكى مەزكۇر تېما ۋە تېما ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يازمىلىرىغا دېققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ئەمەسمۇ!...

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇقى چەتتىن كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېقىملارغا مۇئامىلە قىلىشقا، تارىخ بىلەن بۈگۈننى، ياتلار بىلەن ئۆزىمىزنى تەڭ نەزەرگە ئالمىساق بولمايدۇ-دە...بولمىسا قوشنىمىزنىڭ قوش كۆرۈنۈپ كەتمەمدۇ...

ۋاقتى: 2016-3-5 10:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزچە مەن ئۇلارنى كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن دە! نوتوچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپمۇ باقمىغان مەن قانداقمۇ بۇ ھەقتە سىز بىلەن گەپ تالىشاي! سىزنىڭمۇ مەن يازغان پىكىرلەرنى ئوبدان ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق ياپتا گەپلەرنى تازا چۈشەنمەيدىغان ئادەم مەن، چۈشەنچە بېرىڭ دېسەم يەنە ئۇقۇشماسلىق بولـمىسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-5 10:24:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىي تەجرىبىلەر، ئەنئەنە، جۇغلانمىلار...غا قايتىدىن ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن قايتىدىن قاراپ چىقىش پوزېتسىيەسىنى يېتىلدۈرۈشتە پوستمودېرنىزمغا مەلۇم دەرىجىدە ياندىشىۋاتقان «ھېچنىمىزم»، «نوتو»لارنىڭ جىق ياخشى غىدىقلىنىشلارنى ئېلىپ كېلىشىدە ئۈمىد بار دەپ قارايمەن. بىر چاغلاردا ھەممە كىشى تەلۋىلىشىپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بىر مەھەل توپا چىقاردى. تارىخنى قېدىرغاندا، بۇنداق ساراڭلىشىشنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىگىنى بايقايمىز. ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر مەلۇم تارىخىي ساراڭلىقنىڭ ئاسارىتىدە تۇرىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنى بىلـمەيدۇ. پەقەت خېلى بىر مەزگىلدىن كېيىن باشقا بىر سېلىشتۇرما قىممەت شەكىللىنىپ بولغاندا ، بىر چاغلاردا ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر ئەرزىمەس، خاتا نەرسىلەرگە ئالدىنىپ تەلۋىلەشكىنىنى، ساراڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. مەنچە، پوستمودېرنىزم ئاشۇنداق بىر ھالەتلەرنىڭ دەۋرىلىكىگە خاتىمە بېرىش يۈزىسىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسا كېرەك. دۇنيادىكى كوللېكتىپ ساراڭلىشىشلار ھامان كوللېكتىپ ئېزىشنىڭ مەھسۇلى. كوللېكتىپ ئېزىشلارنىڭ دورىسى ئىندىۋىيودال گۈزەللىكلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇشتۇر.

ۋاقتى: 2016-3-5 10:40:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت ئىنىم، يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە قايسى نەرسىلىرىمىزنىڭ ئۇرۇقى چەتتىن كىرگۈزۈلـمىگەن ئەمەس؟ بەك ئاز، بەك ئاز. بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ ھەممە نەرسىسىمۇ دېگۈدەك چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن. دۇنيا، ئادەملەر مۇشۇنداق يۇغۇرۇلـما ياشايدۇ، ھەم شۇنداق بولغىنى توغرا، ئوچۇق جەمئىيەتلەر گۈلىنىدۇ، بېكىنمە جەمئىيەت خارابەتلىككە يۈزلىنىدۇ . بۇ بىر تەلەي.

ۋاقتى: 2016-3-5 10:46:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدناسى، پەقەتلا پەقەت بىز ئۇيغۇرنىڭلا نەرسىسى، دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتالايدىغان نەرسىمىز تولىمۇ ـ تولىمۇ ئاز بولىشى مۈمكىن. بىز بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋەرسەك ئەڭ ئاخىرى ھەممىمىزنىڭ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمىزنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىگىزنى، ئۇنىڭمۇ نېرىسىنى دېسەك، خۇدايى تائاللانىڭ بىر چىمدىم لايدىن ياراتقان بەندىلىرى ئىكەنلىگىنى بايقايمىز. دۇنياغا، ئىنسانىيەتكە مېھرىمىز بىلەن باقايلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش